hekemi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 20:59:45

ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘﮔﯘﻥ 15-ئۆكتەبىر

1844 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى نېتشې تۇغۇلدى .

نېتشې - گىرمانىيىلىك ئىدېئالىست پەيلاسوپ، ئىرادىچىلىك تەرەپدارى . ئۇنىڭ ئىدىيىسى شەكىللىنىۋاتقان مونوپول بۇرجۇئازىيىنىڭ تەلەپ ۋە ئارزۇلىرىنى ئەكس ئەتتۇرىدۇ . ئۇ ئەينى زاماندىكى لىبرال بۇرجۇئازىيىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى كونا قائىدىلەرگە يىپىشىۋالىدىغان، ئەپلەپ - سەپلەپ جان بىقىشنىڭلا كويىدا يۈرىدىغان "چاكىنىلار" دەپ ئاتايدۇ . ئۇ : ئەقلىيچىلىك ، خرىستىئان دىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ تەسىرىنى قوبول قىلغۇچى ھەم كۈندىن - كۈنگە زاۋاللىققا يۈز تۈتقۇچى غەرب مەدەنىيىتىنى ئىنكارقىلىپ، "بارلىق قىممەتلەرنى يېڭىباشتىن بەلگىلەش" يېڭى قىممەت يارىتىش زۆرۈر ، دەپ تونۇيدۇ . سوبېيىكتىپ جەڭگىۋارلىقنى ۋە تۇرمۇشقا نىسبەتەن "مۇئەييەنلەشتۈرۈش" پوزىتسىيىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ . تەرەققىيات - ھوقوق ئىرادىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش جەريانى، كىشىلىك تۇرمۇشتىن مەقسەت - ھوقوقنى جارى قىلدۇرۇشتىن، ,ئۆزىنى زورايتىش" تىن ئىبارەت دەپ تەكىتلەيدۇ . ئۇ "پەۋقۇلاددە كىشىلەر" تارىخنىڭ ياراتقۇچىلىرى، ئۇلار ئاممىنى قۇل قىلىشقا ھوقوقلۇق، ئاددىي كىشىلەر بولسا ، "پەۋقۇلاددە كىشىلەر" نىڭ ئۆز ھوقوق ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قورالىدىنلا ئىبارەت دەپ ھىساپلايدۇ . ئۇ دىمۇگراتىيىگە، سوتسىيالىزم ۋە ئاياللارنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىگە قارشى ئىدى ، ئۇرۇشنى ئوچۇق - ئاشكارە مەدھىيىلەيتتى ، "ئۇرۇش يولىدا قۇربان بولۇش ياخشىلىق" ، چۈنكى ئۇرۇش ئەخلاق دىمەكتۇر، دەپ جاكالايتتى . سەنەت - ھوقوق ئىرادىسىنىڭ بىرخىل ئىپادىلىنىش شەكلى، سەنەتكارلار بولسا ئۆزىنى يۇقۇرى دەرىجىدە كۆپتۈرۈپ كۆرسەتكۈچى، ئۆزىنى ئىپادىلىگۈچى كىشىلەردۇر، دىگەننى قۇۋۋەتلەيدۇ .
بەت: [1]
: ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘﮔﯘﻥ 15-ئۆكتەبىر