hislat_7 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 15:29:37

يېڭى ئۇسلۇبتىكى بىنا لايىھەسى[تەرجىمە]

يېڭى ئۇسلۇبتىكى بىنا لايىھەسى




مېكسىكا ئارخىتېكتورلىرى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان 65 قەۋەتلىك يەرگە 300 مېتىر كىرگۈزۈۋېتىلگەن " يەرگە يۇشۇرۇنغان بىنا"نى لايىھەلىدى.

بۇ دۈم كۆمتۈرۈلگەن ئېھرام شەكلىدىكى بىنا مېكسىكا شەھەر ئوتتۇرىسىغا قۇرۇلىدىغان بولۇپ، لايىھىلىنىش جەھەتتىن مېكسىكا شەھىرىنىڭ يېڭى بىنالارنىڭ ئېگىزلىكىگە بولغانچەكلىمىسىنى ئەگىپ ئۆتكەن .

" يەرگە يۇشۇرۇنغان بىنا" نىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى، دۇكانلىرى ھەم بىر مۇزېي بولۇپ جەمئىي 10 قەۋەتنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئىشخانا 35 قەۋەتنى ئىگىلەيدىكەن.

بۇ يەر ئاستى بىناسى مېكسىكا شەھىرىدىكى بىر چوڭ مەيدانغا سېلىنىدىكەن.   بىر ئەينەك پول بىلەن مەيداندىكىئۇزۇنلىقى 240 مېتىر كەڭلىكى 240 مىتېر كېلىدىغان چوڭ ئۆڭكۈر يېپىلىدىغان بولۇپ يەر ئاستىغا نۇرنى ئۆتكۈزۈشكە ئىشلىتلىدىكەن. ئەينەك پولنىڭ ئۈستىگەمېكسىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى قادىلىدىكەن. قۇرۇلۇش ئىشخانىسىدىكى BNKRArquitectura نىڭ دېيىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش بىر مەدەنىيەت مەركىزىنى بارلىققا كەلتۈرىدىكەن.




BNKRArquitecturaيەنە مۇنداق دەيدۇ:" بۇ شەھەر يېڭى ئاساسى ئەسلىھەلەر، ئىشخانا پارچە سودا دۇكىنى، ئولتۇراق بىنالارنى سېلىشقا ئېھتىياجلىق، لېكىن ئىشلىتىشكە بولىدىغان يەر تەلەپنى قاندۇرالمايدۇ. فېدېراتسىيە ھەميەرلىك قانۇنمۇ تارىخى خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى چېقىشنى چەكلەيدۇ، ھەم يېڭى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەۋەت سانىنىڭ 8 قەۋەتتىن ئېشىپ كېتىشىگە يول قويمايدۇ. بۇ شەھەرنىڭ شەھەر مەركىزى جىددى ئۆزگەرتىشكە ئېھتىياجلىق، ئەمما ئىشلىتىدىغان جاي يوق، بىردىنبىر ئامال يەر ئاستىغا كۆچۈپ كىرىش."




سۇئارېز مۇنداق دەيدۇ:" بۇ بىنا مېكسىكا شەھىرىنىڭ مەيدانىنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ،ئەتراپىدىكى ھازىر بار بولغان قۇرۇلۇشلار ھازىرقى قىياپىتىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئۇ بولسا دۈم كۆمتۈرۈلۈپ قويۇلغان ئوتتۇرىسى كاۋاك بولغان ئېھرام، بارلىق ئولتۇراق ئورۇنلار نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىققا، تەبىيلىككە، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىققا ئىگە. بۇ مەيداندا ھەر يىلى مۇزىكا كانسىرتى، كۆرگەزمە ،كۆرەك قاتارلىق خىلمۇ خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، بۇ بىنا پۈتكەندىن كېيىنمۇ بۇ پائالىيەتلەر ئىلگىرىگە ئوخشاشلا ئۆتكىزىلىۋېرىدۇ."




ئېھرام مېكسىكىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ قەدىمقى مەدەنىيىتىدە داۋاملىق ئىنتايىن چوڭ بولغان ئېھراملار ياسىلىدىكەن. ئازتېكلار جەمەتى تۇنجى بولۇپ مېكسىكىغا كەلگەن ۋاقىتتا،ئۇلار دەريا بويىغا ئېھرام ياسىغان، ئازتېكلار ئىمپېرىيىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار يېڭىدىن ھەجىمى تېخىمۇ چوڭ بولغان ئېھراملارنى ياساشقا باشلىغان،ئەمما ئۇلار يېڭى قۇرۇلۇش ئورنىنى تاللىماي، بۇرۇنقى بار بولغان ئېھراملارنىڭ ئاساسىدا ياسىغان ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ياسىغان.




ئەنئەنىۋى ئېھراملار بولسا ئوخشاش بولمىغان قەۋەتلەردىن تەركىپ تاپىدىغان بولۇپ ئوخشاش بولمىغان تارىخي دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىسپانىيىلىكلەر ئامېرىكا قىتئەسىگە كېلىپ ئازتېكنى بويسۇندۇرۇپ، ئېھراملارنىڭ ئۈستىگە خرىستىيان دىنى چىركاۋلىرىنى قۇردى. ئۇلار ئاخىردا بۇ جايدا بىر مۇستەملىكە شەھىرىنى قۇرۇپ چىقتى.20- ئەسىرگە قەدەم باسقاندىن تارتىپ نۇرغۇنلىغان مۇستەملىكە قۇرۇلۇشلىرى ۋەيران قىلىنغان بولۇپ، ھازىرقى قۇرۇلۇشلار بۇرۇنقى تارىخى ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان.








مەنبە: سىنا خەۋەرلەر تورى


bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 15:49:14

ماۋۇ بىنانىڭ لاھىيىسىنى كۆرۈپمۇ تىترەك بېسىپ كەتتى، قانداق بولۇپ بۇنداق خىيالغا كېلىپ قالغاندۇ بۇ خەق.

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 16:42:36

پەچەت قۇرلۇش ئىكەن.بۇ قۇرلۇشنىڭ ئىسمى Earthscraper ئىكەن. يەرنىڭ ئاستىغا ۋاقتۇرۇپ سالغاچقا نۇر چۈشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 775000 كۋادىرات مېتىر كېلىدىغان ئەينەك بىلەن قورشاپتۇ. پەلەمپەي ئىشلىتىلمەپتۇ. كىشلەر ئاسما لىفىت ئارقىلىق پەسكە چۈشىدىكەن. ئاسىتىدا تېخى يېشىل چىم، ۋە دەل دەرەخ تىكىدىكەن.

تېخىمۇ جېق رەسىملەرنى كۆرەي دېسىڭىز ماۋۇ ئۇلىنىشقا كىرىڭ.



http://www.gaoloumi.com/viewthread.php?tid=128855

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 16:45:06

نىمە بولىۋاتىىكى ،ئوتتۇرا شەرىق ئەرەب ئەللىرى، بىناكارلىق ،غالجىرانە بىنا سېلىشتا ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇغۇ تاڭ   {:107:}

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 16:55:06

مىكسىكا ئوتتۇرا شەرىق ئەللىرى ئەمەسقۇ!

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 16:56:01

{:107:}   مىسىر دەپ ئوقۇپتىمەن مەن\"\"

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 19:03:18

داڭلىق ساياھەت نۇقتىسى بوپ قالغۇدەك.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 19:09:03

پارىژدىكى مەن ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان ھېلىقى مۇزىينى ئەسلىتىدىكەن. تام خانكىسنىڭ كىنوسىدا چىقىدىغانچۇ داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى دىگەن كىنودىكى لوۋېر مۇزىيى دەمدۇق؟

puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 20:40:36

لوۋىر مۇزىيى دېسەك بولار ، ئىشقىلىپ فرانسۇزچىسىنى تەلەپپۇز قىلماق تەس كۆرىمەن.

ئېرس سكرەيپىر دېگەن گەپ قاملىشىپتۇ -ھە؟

ئېسىمگە كەلگىنى ھېلىقى تۆت قىسىملىق كىنونىڭ بىرىنچىسىدە چىقىدىغان «ھەرە كۆنىكى». ئەگەر توك كېتىپ قالسا، ياكى ئاسما لېفىت بۇزۇلۇپ قالسا ھەم نەق شۇ چاغدا تېگىگە ئوت كەتسە، پەلەمپەي بولمىسا قانداق قېچىش كېرەك؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 22:34:04

چىرايلىق تۇرىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ بىر قانچە مەخپى بازىلېرى مۇشۇنداق ياسالغان دەۋاتقان. يىشىل گىگانت فىلىمىدىكىدەكچۇ.
بەت: [1]
: يېڭى ئۇسلۇبتىكى بىنا لايىھەسى[تەرجىمە]