hislat_7 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 09:06:11

ياخشى ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ياخشى كەسىپ قايسىسى تېخىمۇ مۇھىم؟[تەرجىمە]

ياخشى ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ياخشى كەسىپ قايسىسى تېخىمۇ مۇھىم؟





خىزمەتدىشىم لى مۇئەللىمنىڭ ئوغلى ئالدىنقى يىلقى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا قابىلىيىتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ مۇۋپپەقىيەتلىك ھالدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قۇبۇل قىلىندى. ئالدىنقى قېتىملىق خىزمەتداشلار يىغىلىشىدا، لى مۇئەللىمنىڭ ئوغلىمۇ يازلىق تەتىلگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ بىرلىكتە قاتناشتى. ئۇنىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قابىليەتلىك ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغانباشقا بالىلارنىڭ ھەۋىسىنى ھەمھۆرمىتىنى قوزغاپ، ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىنى سوراشتى. مەنمۇ ئۇنىڭ نېمە كەسىپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى مۇنداقلا سوراپ باقتىم.




ئۇ مۇھىت قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇيدىغان بولۇپ ئۇنىڭ دېيىشىچە ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئارزۇ تولدۇرغان ۋاقىتتا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كەسىپنى تەڭشەشكە قوشۇلىمەن دەپ تولدۇرغان ئىكەن. نەتىجىدە ئىنتايىن قىزىق بولغان ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدىن مۇھىت قۇرۇلۇشى كەسپىگە تەڭشىلىپتىكەن ،بۇ كەسىپ ئاڭلاشقا چىرايلىق، قاراپ باقسىمۇ يامان ئەمەستەك تۇرغىنى بىلەن كىيىن خىزمەت تېپىش تەس بولغان كەسىپ ئىكەن. لى مۇئەللىمنىڭ ئوغلىنىڭ ماڭا دېگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىشى پۈتۈنلەي ئاتا ئانىسى بىلەن جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئابرويپەرەسلىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا بوپتۇ. ئۇنىڭ نومۇرىچىڭخۇاغا كەلگەندىن كىيىن رىقابەت كۈچى يوق بولۇپ، خىزمەت تېپىش ئاسان بولغان ياخشى كەسىپلەرنى تاللىيالماپتۇ.




ئېسىمدە قېلىشىچە، 87- يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىسىغا قاتناشقان ۋاقتىمدا، بىزنىڭ يىلىق بويىچە

بىرىنچى بولغىنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن بولۇپ، ئۆگەنگىنى تارىخ كەسپى ئىدى. ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تېپىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى مەكتىپىمىزنىڭ مەغرۇرلىنىدىغان شەخسىي، 4 يىلدىن كىيىن ئۆزىمۇ ئىنتايىن خالىمىغان ھالدا ناھىيىمىزنىڭ پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. ئاڭلاشلاردىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىمۇ ئانچە ياخشى بولمىغاچقا تاپاۋىتىمۇ جىق ئەمەسكەن. ئادەمنىڭ ئەڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغىنى بولسا پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى تېخى مۇنداق دەپتۇ" بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ دەرس ئۆتىشى خۇنەن پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭكىگىمۇ يەتمەيدىكەن."




ياخشى ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ياخشى كەسىپنى بەلكىم ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنلا ئاندىن بىلگىلى بولسا كېرەك، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىسى بېرىدىغان ۋاقىتتا ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈپ ، ئۆزىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بەلكىم ئوقۇغۇچىنىڭبىر ئۆمۈرلۈك بەختىنى قۇربان قىلىۋېتىشى مۇمكىن.

تەرجىمە مەنبە

Batush يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 12:55:12

ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ كەسىپ تاللاش توغۇرلۇق يېزىلغان ماقالىسى


berna يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 17:52:33

نەق گەپنى قىپتۇ \"\"

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 11:24:28

بىر گەپنى سوراپ باقسام، مۇشۇ مەمۇرلۇق ئىمتىھانغا تىزىملىتىشتا كەسىپ بىلەن مەكتەپكە قارىماستىن ، شەرىتكە توشىدىغان تولۇق كۇرۇس ياكى ئالىي تىخنىكوم دىپلومى بولسىلا بولىدىغۇ؟

مەنغۇ قاتناشمىغان، شۇڭا سوراپ باقتىم.
بەت: [1]
: ياخشى ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ياخشى كەسىپ قايسىسى تېخىمۇ مۇھىم؟[تەرجىمە]