Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 22:48:58

مۇنداقلا ياساپ باققان ئۇيغۇرچە سۆزلەر

بۇ ئىزدىنىش تاقىلىپ قالغاندا يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ توربېتىگە قويغان يازما ئىدى. يازمامدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۆزلەرنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە زىمىن ھازىرلاپ بەرگەن ئىزدىنىشكە كۆچۈرۈپ كىلىشنى مۇۋاپ تاپتىم.





ھۆرمەتلىك تىلداشلىرىم، مەن كەسپ ئەھلى ئەمەس، پەقەت بىر ئاددى ھەۋەسكار، ئانا تىلىمىز كەسپ ئەھلىلىرىنىڭلا تىلى بولۇپ قالماستىن، مەندەك ئاددى ھەۋەسكارنىڭمۇ تىلى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تىل ھەققىدە ئانچە - مۇنچە جۆيلۈپ سېلىشتىن ساقلىنالمايمەن، جۆيلۈشلىرىمنىڭ شاكىلىغا قارىماي، مېغىزىغا نەزەر سېلىپ قويسىڭىز، شۇ ماڭا كۇپايە.


مەن ياسىغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئەسلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىغا دەسسەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىگە خام ماتېرىيال بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئوتتۇرىغا قويدۇم، ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ماڭىمۇ ئايان، پەقەت «قىلغىلى ئىش تاپالمىغان» بىرسىنىڭ «خام خىيالى»كەن دەپلا بىلىپ قىلىڭ.


1- 软件 يۇمتال(يۇمشاق دېتال دېگەن سۆز توغرا قويۇلمىغان، ئۆلۈك تەرجىمە قىلىنغان)،


2- 硬件 دېتال(«يۇمشاق»ى «يۇمتال» بىلەن ئاتالغاندىن كېيىن، «قاتتىق»نى قوشۇشنىڭ ھاجىتى يوق)،


3- 扫描仪 -سايىلىغۇچ، (بۇنداق ئاتالغاندا ئۈسكىنىنى ئىشلىتىشتىكى ھەركەتنى «سايىلاش»، ھەركەتنىڭ نەتىجىسىنى «سايىسى» دەپ ئاتاپ تېخىمۇ چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ)،


4- 密码 - پىچىر(نۇرغۇن كىشى «پىچىر»نىڭ مەنىسىنى بىلمىگىنى بىلەن، «پىچىرلىشىش»نى ياخشى بىلىدۇ، مەخپى نۇمۇر دېگەن سۆز ئۇزۇن بولۇپلا قالماي، ئانچە توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، «مەخپى» بولۇش ئۈچۈن ھىچكىم بىلمەسلى كېرەك، ئەمما ئۇنى بىلگىلى بولۇش مۇمكىن، «پىچىر»نىڭ «مەخپىي»لىك دەرىجىسى سەل تۆۋەن بولۇپ، 密码غا ماس كىلىدۇ، بەزىلەر تۈركى تىللار دىۋانىدا «ئىم» دەپ ئالغان، شۇنى ئىشلىتەيلى دېيىشتى، لىكىن تۈرلىگەندە ئانچە يېقىملىق تۈرلەنمەيدىكەن، بۇنىڭ «ئىمى»، سېنىڭ ئىزدىنىشتىكى«ئىمىڭ» نېمە؟ دېگەندەك، «پىچىر»نى تۈرلەنگەندىمۇ شۇنداق يېقىشلىق بولىۋېرىدۇ)،


5- 注册- خەتلىتىش(تىزىملاش ياكى تىزىملىتىش دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ، كىچىك چاغلىرىمىزدا چوڭلار «بالامنى مەكتەپكە خەتلەتتىم» دېيىشەتتى، بىرەر ئورۇنغا تۇنجى قېتىم تىزىملىتىشنى خەتلىتىش دېسەك، 登陆نى تىزىملىتىش دېسەك مۇۋاپىق بولىدىكەن، بىرقىسىم مۇنبەرلەردە خەتلىتىش دەپ قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ماۋۇ مۇنبەردە 注册نى تىزىملىتىش دەپ ئاپتۇ)،


6- 多媒体卡- سېغىم كارتا(نۇرغۇن يازمىلاردا ھازىر شۇنداق قوللىنىۋاتىدۇ، ياسىغان سۆزلەرىم ئىچىدە ئەڭ داغدۇغىسىز، ئەڭ تىز ئومۇملاشقان سۆز مۇشۇ بولسا كېرەك)،





过水热- ساماۋەر(سۇنى ئىسسىتىش مەنبەسىگە قاراپ توكلۇق، گازلىق، پارلىق، ....دەپ ئېنىقلىغۇچى قويىشىمىزمۇمكىن)،


摄像头- قارانتۇر(قارانچۇق بىلەن قاراپتۇرنى تەھلىل قىلسىڭىز توغۇرلىقىنى ھىس قىلىسىز)،


订书机 - مىخلىغۇچ،


迪吧 - خىلۋەزخانا(بىزدە بەزمەخانا دېگەن سۆز بىلەن ياسىغىلى بولىدىغان خىلۋەتخانا دېگەن سۆز بار)،





«تەنتەربىيە»نىڭ ئىلھامىدىن ياسالغان بىرقىسىم پەن ناملىرى:


1- ماتېماتىكا - ساقىشتەربىيە(قۇتادغۇ بىلىكتە ھېساپنى ساقىش يەنى ساق ئىش دەپ ئالغان)،


2- پېداگوگىكا - ساباقتەربىيە (كىچىك چاغلىرىمىزدا بوۋىلار دەرس ئوقۇش دېمەي، ساۋاق ئېلىش دەيتى)،


3- پىسخولوگىيە - خۇيتەربىيە (ئادەملەردىكى مىجەر، خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىكلەرنى «خۇي»غا يېغىنچاقلاشقا بولامدىكىن دەيمەن)،


4- خىمىيە - تادۇتەربىيە (قەدىمقى تىلىمىزدا ئېلېمىنتلارنى تادۇ دەپ ئاتىغان ئىكەن، ئوت، سۇ، تۇپراق، ھاۋانى تۆت تادۇ دەپ ئاتىغاندەك)،


5- بىولوگىيە - جانتاربىيە (بارلىق جانلىق ۋە جانسىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياشىشى ئۇنىڭ «جان»ىنىغا باغلىق)،


6- ئەدەبىيات - پۈتۈك تەربىيە،


7- تىلشۇناسلىق - تىلتەربىيە.


باشقا ساۋاق(دەرس)لارنىڭ نامى تازا كۆڭلۈمدىكىدەك چىقمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە قويمۇدۇم.


مەكتەپ ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن ياسالغان سۆزلەر:


1- مەكتەپ - ئوقۇل،


2- يەسلى - تۇنجى ئوقۇل،


3- باشلانغۇچ مەكتەپ - باش ئوقۇل،


4- تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ - كىچىك ئوقۇل،


5- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ - ئوتتۇرا ئوقۇل،


6- ئوتتۇرا ۋە ئالىي تېخنىكۇم - چوڭ ئوقۇل،


7- ئۇنۋېرسىتىت ۋە ئېنىستۇت - ئالى ئوقۇل،


8- ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى - ئوقۇلدار(پۇلى كۆپ ئادەم پۇلدار، مەنسىپى چوڭ ھوقۇقدار، كۆپ مەكتەپتە ئوقۇغان ئادەم ئوقۇلدار)


9- دوكتۇر - بىلىگدار ياكى بىلىمدار،


10-دەرسلىك ـــ ئوقۇشلۇق.


11- كۇرسانت-ئوقۇلمەن.


12-ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ـــ ئوقۇللۇق،


13- مائارىپ خىزمەتچىسى- ئوقۇلچى،


14- كەنجى ئوقۇلدارـــ ئەڭ يۇقۇرى ئوقۇشتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى، بەلكىم دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىدۇ؟


«ئوقۇل»غا ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش بايلىقلىرى(قوشۇمچىلار) ئارقىلىق يەنە نۇرغۇن ياخشى سۆزلەرنى ياسىيالىشىمىز مۇمكىن.


    يۇقۇرىدىكى سۆزلەرنى يازمىلىرىمىزدا ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئەمەس ياكى بىرەرسىنىڭ ئىشلىتىشىنى ئۈمىت قىلىپمۇ ئەمەس، پەقەت «قىچىشمىغان يەرنى قاشلىغان»دەك، تاسادىبى كەلگەن ئىلھام بىلەن شۇنداقلا «ياسىلىپ» قالدى.


ئىزاھات: ئۇزۇن پالاكەت ئىسىم «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى» ياكى كەلگۈندى ئىسىم «سىتۇدېنت»نى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا يازغۇچىلار تورىدا«ئوقۇلدار»نى ئىشلەتكەنلەرنى خىلى ئۇچراتتىم.



      قاتناش ماشىنىلىرىدا شوپۇرلارنىڭ ماۋۇ جايدا «چاۋسۇ بار» ئاستا ماڭمىسام بولمايدۇ، مېنىڭ ماشىنام «چاۋسۇ»غا چۈشۈپتۇ، مانچە يۇەن جىرىمانە تۆلەپ كەتتىم دېيىشكىنىنى ئاڭلايمىز، ھەرقېتىم شۇنداق گەپنى ئاڭلىغىنىمدا ئۇيغۇرچىدا بىرەر ئەپلىك ئىسىم قويۇشنى ئويلاپ قالاتتىم، ئاخىرى بىزدىكى «چاپسان»، «چەپەر» دېگەن سۆزلەردىن پايدىلىنىپ، بىرەر سۆز ياساشقا بولارمۇ دەپ ئويلاپ، «قارانچۇق» دېگەن سۆزدىن ئىلھام ئېلىپ، «چەپەرچۇق» دەپ ئىسىم قويۇپ باقتىم، «قارانچۇق» قوشۇش(+) شەكىللىك «ياغاچ ئادەم» بولۇپ، ئۇ ئېتىزلىقتىكى يېڭى كۆمۈلگەن ئۇرۇقلارنى باشقا جانلىقلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىنى ئالداپ توسۇش ئۈچۈن ياساپ قويۇلغان «ئادەم سىياق»تىكى نەرسىە. «چەپەرچۇقمۇ» ماشىنىلارنىڭ مېڭىش سۈرئىتىنى كۈزىتىدىغان قاتناش ساقچىسى رولىدىكى نەرسە.


       يەنە «تىز سۈرئەتلىك يول» دېگەن بىمەنە سۆزنى ھەرقېتىم ئاڭلىغىنىمدا، بۇ سۆزنىڭ پايتىمىدەك ئۇزۇنلىقىغا قارىماي يەنە لوگىكىلىقسىزلىقىدىن ئىچىم سىقىلىدۇ، تىز سۈرئەتلىك ماشىنا، تىز سۈرئەتلىك پويىز دگەن سۆزدىن تىز ماڭىدىغان ماشىنا، تىز ماڭىدىغان پويىزئىكەنلىگىنى بىلىمىز، «تىز سۈرئەتلىك يول»دىن «تىز ماڭىدىغان يول»لىقىنى بىلەمدۇق؟ يولمۇ ماڭامدا؟ بىز «توختاۋسىز»، «ھىچنېمىگە پۇتلاشمايدىغان»، «دۇدۇقلىمايدىغان» نەرسىنى «راۋان» دەيدىغان سۆز بىلەن ئىپادىلەيمىز. «تەختىراۋان» دېگەن سۆزمۇ شۇنداق مەنىلىك ئىخچام ياسالغان، مۇشۇلاردىن پايدىلانغىنىمىزدا «راۋان يول»دەپ ئالغان بولساق، ھەم ئىخچام ھەم چۈشۈنۈشلۈك ئىسىم بولاتتى، ئىشەنمىسىڭىز سەپەرگە چىققىنىڭزدا يېنىڭىزدىكى شوپۇر بولامدۇ، دىھقان بولامدۇ، بىرەرسىدىن ھىچقانداق ئىزاھاتمۇ بەرمەي، ماۋۇ جايغا «راۋان يول» ياسىماقچىكەنمىش، قاچان ياسايدىغاندۇ؟ - دەپ سوراپ قويۇڭ، شۇ ئادەم سىزدىن - «راۋان يول» دېگەن نېمە دەپ؟ - سوراپ قالسا، مېنى يالغانچىغا، گېپىمنى خاتاغا چىقىرىۋېتىڭ.


      موتۇسىكىلىتنى يېڭى ئالغان چېغىڭىزدا مېڭىش مۇساپىسى مەلۇم چەككە يەتكىچە ئادەم مۈنگەشتۈرمەي، يالغۇز مۈنىسىز، بىرەرسى مۈنگىشىۋالاي دېسە، بىزتەرەپتە شەھەر ئاھالىلىرى - موتۇرۇم تېخى «مولا» بولۇپ بولمىغانتى، - دېيىشىدۇ، «مولا» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە دەپ سورىسىڭىز، جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. مەن كىچىك چاغلىرىمدا چوڭلار بىلەن بىرگە «چاق»چىنىڭ قېشىغا بېرىپ، پىچاق چارقىلىتاتۇق، چارقىلاپ بولغاندىن كېيىن پىچاقنى بۆلەيگە سۈركەپ «بىلەپ» بېرەتتى، مانا مۇشۇ ھەركەتنى پىچاقنىڭ «قىلاتى»نى ئېلىش دەيتى، ھازىر بىلسەم سېلىقلاش، «ئىگىز - پەس» بولۇپ قالغان يەرنى تۈزلەش دېگەن مەنىدىكى گەپكەن، ئاشۇ «مولا» قىلىش دېگەن گەپ بىلەن مەنىداش سۆز ئىكەن، شۇڭا موتورۇم «مولا» بولۇپ بولمىغان دېگەن سۆزنى موتورۇم «قىلات»لىنىپ بولۇنمىغان دېسەكمۇ بولاركەن.


       باغچىلاردا بالىلار ئوينايدىغان ئىككى نەرسە بار، ئۇنىڭغا «دوقدوق ماشىنا»، «لۆملۆم پالاس» دەپ ئىسىم قويىلسا، ھىچقانداق ئىزاھات بېرىلمىسىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر چۈشۈنىۋالالايدىكەن.



         مۇشۇ مۇنبەردە بىر تورداش ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنى سوراققا تارتىپ بىرمۇنچە كايىپ كېتىپتۇ، گۇناھى يېڭى سۆز ياسىغىنىمىش، ياقامنى تۇتۇپ توۋا دەپ، ھەيران قالدىم، ئون ئېغىز سۆزىنىڭ 8زى، ئۇيغۇرچىغا يات بولغان كىشىلەر ئەيىپتار بولماي، ئۆيىنىڭ يەتتە خانىلىق تېلېفۇن رەقىمىنى ئۇيغۇرچە دۇدۇقلىماي دېيەلمەيدىغان پروپپىسۇرلار سوراققا تارتىلماي، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى بېيىتىشقا ھەسسە قوشىۋاتقان ئادەم «ئەيىپتار» بولۇپ قاپتۇ.


      ئابدۇقادىر جالالىدىن تىلىمىزدىكى نۇرغۇن كەم سۆزلەرنى ياسىدى، ئىزدەندى. سابىق «پۇقرا» تورىدا توردۇنياسىغا مەن تۇنجى قېتىم ئېلىپ كىرىپ، مېنى ياسىدى دەپ قارالغان «ئېلخەت»نىمۇ ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىم «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»نىڭ 90- يىللاردىكى بىر سانىدا «چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىلار بىلەن دىدارسىز سۆھبەت(ئىنىق ئىسىمدە قالماپتۇ شۇنداقراق ماۋزۇدا)» دېگەن ماقالىسدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. مۇشۇ سۆز ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ لاتىن يېزىقىدىكى توربېتى يېڭىدىن قۇرۇلغان(مەزكۇر يېزىقتىكىسى تېخى قۇرۇلمىغان)چاغدا ئۇ ك ئى ج نىڭ تورىغا «ئېلخەت» توغرىسىدىكى تەشەببۇسۇم پۇقرا تورىدىن كۆچۈرۈپ كىلىنىپ، قوللاش، قارشى تۇرۇش تەرەپدارلىرى بىلەن توردۇنياسىدا تۇنجى قېتىم قاتتىق مۇنازىرىگە كىرىشىشىمگە سەۋەپ بولغان ئىدى.


          ئابدۇقادىر جالالىدىننى ئەيىپلىگەن تورداشقا قارىتا يەنە بىرتورداش ئابدۇقادىر جالالىدىنغا «يان بېسىپ» ئۈنتەخسە، سىنتەخسە دېگەندەك سۆزلەرنى ئابدۇقادىر جالالىدىن ياسىغان دەپ ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ، بۇ قاراش خاتا بولۇپ قاپتۇ، 90- يىللارنىڭ ئاخرىمىكىن ياكى 2000- يىللارنىڭ باشلىمىمىكىن ئىزدىنىش توربېتىدە بەرقى ئەپەندىم بىرمۇنچە يېڭى سۆزلەرنى ياسىغانلىقى ھەققىدەبىر تىما يوللىغان ئىكەن، شۇلار قاتارى VCD ۋە CDلەرگە «سىنبار»، «ئۈنبار» دەپ ئىسىم ياسىدۇق دېگەن ئىكەن، بىزنىڭ دىھقانلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭغا «تەخسە» دەپ ئىسىم قويىۋالغانىقىنى، شۇڭا مەن ئۇنى «سىنتەخسە»، «ئۈنتەخسە» دېسەك تېخىمۇ ئاممىۋى باپ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم، بۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ، «سىنلىنتا»، «ئۈنلىنتا» دېگەنلەرنىمۇ ياسىسام، ئىزدىنىشتە زور ئالقىشقا ئىرىشكەن ئىدى.




   مەن ئالىي مەكتەپتە تىل - ئەدەبىيات ئەمەس، ماتېماتىكا ئۆگەنگەن، ماتېماتىكىدا شۇنداق قاملاشتۇرۇپ ياسالغان ئۇيغۇرچە سۆزلەرمۇ بار، نۇمۇس قىلغىدەك بىرەرمۇ ئۇيغۇرچە سۆز ئۇچرىمايدىغان ئۇزۇن ماۋزۇلارنىڭ جۈملىلىرى(«ترىگومېتىرىك فونكىتسىيىلەرنىڭ گرافىگى ۋە ئېنتىگرالى» دېگەندەك)مۇ بار، مۇشۇنداق شاتلىنىش، ئازاپلىنىش ئىچىدە كىچىك چاغلىرىمدىكى تىللارنى ئەسلەپ، ئاشۇ تىللاردىن پايدىلىنىپ، ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر بىلەن كىرىشىپ كەتكەن «تىلتەربىيە»سىگە ئىختىيارسىز ئۈسسۈپ سالغان چاغلىرىمدا ياساپ «بىلىك»، «ئىزدىنىش» ۋە «ئانا تىلىم»لەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن


سۆزلەردىن ھازىرچە ئېسىمگە كەلگەنلىرى مۇشۇنچىلىككەن، بۇلارنىڭ بىرقىسىملىرى تورداشلارنىڭ قاتتىق «قارشىلىقى»غا ئۇچراپ، ماڭا نۇرغۇن «تىل - ئاھانەت»لەرنى ياغدۇرۇشۇپ، ئاخرىدا بۇ سۆزلەر ئاشۇ «ئاھانەت»لەرنىڭ شاراپىتى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر چۈشۈنىدىغان سۆزگە ئايلىنىپ، تور دۇنياسىدا ئەڭ كەڭ ئومۇملىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشتى.


مەنبە: http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=57&TopicID=1543&Page=1



Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 23:36:57

يۇقۇرىدىكى يازمىدا ھازىر بىز دەۋاتقان «قارانچۇق»نى «چەپەرچۇق» دەپتىكەنمەن. بۇ يازما 2010 يىلىدىن بۇرۇن بارلىققا كىلىپ بولغان، 2011- يىلى 1- ئايدا توردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولغاچ، ئەزىز تورداشلىرىمىز ھازىرقى تالاشما بىلەن بولغان پەرقنى توغرا چۈشەنگەي ۋە «电子狗 » ھەققىدىكى تالاشمىغا قويۇلغان تەشەببۇسىمىزنى قوبۇل ئەتكەي.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 23:49:54

خەتلەر نورمال كۆرۈنمەيدىغۇ؟ \"\"

428 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 23:52:01

مەنمۇ نۇرمال كۆرەلمىدىم

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 07:12:28

يازغۇچىلار تورىدىن بىۋاستە چاپلىغانتىم، ھازىر ئىزدىنىشنىڭ ئەلپىدا نۇسخىسىغا توغۇرلاپ تەھرىرلىدىم، خەتلىرى ئەمدە نورماللىشىپتىمۇ؟ مېنىڭكىدە باشتىن - ئاخىر شۇنداق نورمال.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 07:16:16

...

10-دەرسلىك ـــ ئوقۇشلۇق.

...

********************************ئايرىش سىزىقى *****************************



دەرسلىكنى نېمىشقا ئوقۇشلۇق دەپ ئالغانلىقڭىزنى بىلەلمىدىم قۇتلانكا.

دەرسلىكدېگەن گەپ ئۇيغۇرچە ئەمەسما ؟


Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 07:26:21

دەرس، مۇئەللىم، مەكتەپ، قەلەم، دەپتەر لەرنىڭ ھەممىسى ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر.

مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئوقۇتقۇچى، دەرسنىڭ ئۇيغۇرچىسى ساۋاق(ساۋاق-ئەرەپچىدىكى «ساباق» بولۇپ قالمىسىلا؟)، شۇڭا «ئوقۇشلۇق»لا ساپ ئۇيغۇرچە بولالايدۇ.

قەلەم، دەپتەرلەرگە بىزدە ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ بولمىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. ئەمما ئەينى چاغدا ئەرەپچىنى چالا ئۆگىنىۋالغان زىيالىچاقلىرىمىزنىڭ ھەسسىسى بىلەن يوقۇتۇپ قويغاندىمىز، بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھازىرقى زىيالىچاقلارنىڭ كاساپىتى بىلەن يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرغان رەقەمناملىرىمىز ئۈچۈن، كونا ناملارنى بىلىدىغانلار قالماي سۆز ياسايمەن دەپ دەۋىرداشلىرىنىڭ تىلىنى ئىشتىپ يۈرۈيدىغان ماڭا ئوخشاش ئەخمەقلەردىن چىقىپ قالارمۇ دەپ ئەندىشە قىلىۋاتىمەن.

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 08:12:48

ئۇنداق بولسا تۇنجى ئوقۇل ،ئالى ئوقۇل دېگەنلەرنى ئىلىك ئوقۇل ،يۈكسەك ئوقۇل دىيىشنى ئويلىشىپ باقمىدىڭىزمۇ؟ مېنىڭچە يۈكسەك ،ئىلىك دىگەن سۆزلەر ساپ ئۇيغۇرچە(تۇنجى،ئالى دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلالمىدىم )،ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا تۈركى مىللەتلەرگىمۇ يېقىن .ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان دەرىسلىك دىگەننى ئوقۇشلۇق دەپ ئۆزگەرتىشنىڭ ،ماتېماتىكا،فېزىكا خېمىيە،..دىگەنلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئانچە ئەھمىيتى يوق .مېنىڭچە

__________

ئاندىن يازمىلىرىڭىزدا:يۇقۇرىدىكى سۆزلەرنى يازمىلىرىمىزدا ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئەمەس ياكى بىرەرسىنىڭ ئىشلىتىشىنى ئۈمىت قىلىپمۇ ئەمەس، پەقەت «قىچىشمىغان يەرنى قاشلىغان»دەك، تاسادىبى كەلگەن ئىلھام بىلەن شۇنداقلا «ياسىلىپ» قالدى. مۇنداق سۆزلەر باركەن قۇتلانكا ،ئۆزىڭىزگە ئىشەنمەيۋاتامسىز ،ۋە ياكى چۇخەيدەك گەپ قىلىۋاتامسىز ،ۋە ياكى رېتورىك خىتاب قىلىپ بىرەسىدىن ئاچچىقىڭىزنى ئېلىۋاتامسىز يا باشقا سەۋەبمۇ ھېچ بىلگىلى بولمىدىيا ؟ئاشۇ گەپلىرىڭىز شۇنچە قەدىرلەشكە،ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك روھىڭىزغا چىۋىن ئولىشىۋالغاندەك تويغۇ بەردى ماڭا.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 08:59:48

بەك زورۇقۇپ قاپسىز . نەچچە كۈندىن بېرى گەپ قىلاي دېدىميۇ گەپ قىلمىغانتىم . ئەمدى ئىككى شىڭگىل گەپ قىلىپ قوياي


1- 软件 يۇمتال . بۇ سۆزىڭىز پەقەتلا قاملاشمىغان .

4- 密码 - پىچىر . تارىخى خاتىرلەردە ئىم دەپ ئېلىنغىنى ئېنىق تۇرۇپ تۈرلەنگەندە ئوبدان بولمايدىكەن دەپسىز . ئەينى چاغدىكى تىلشۇناس بوۋىمىز مەھمۇت قەشقەرىمۇ بۇ سۆز تۈرلەنسە ئوبدان بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلمىغانمىدۇ ؟ باشقىلاردىن ئىمىڭ نىمە دەپ سوراشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ ئىم دىگەن مەخپى ، خاس نىمە تۇرسا ؟

5- 注册- بۇنى تىزىملاش دەپ ئېلىۋېرىش كىرەك . تىلنى يەنە بىر قالايمىقان قىلغۇڭىز كەپ قاپتۇ ھە سىزنىڭ ؟

摄像头- قارانتۇر . بۇنى كۆز دەپلا ئالسا بولۇۋېىرىدىغان ئىشقا زورلاپ قۇشۇمچە قۇشۇپ قاملاشمىغان بىر نەرسە قىلىپ قۇيۇشنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟ سىزنىڭمۇ قاسىم سىدىققا ئوخشاش تەتقىقاتچى بولغۇڭىز كېلىۋاتامدۇ يا ؟

迪吧 - خىلۋەزخانا. بۇنى بەزمىخانا دىسەك پەقەت بولمامدۇ ؟ كونا سۆلەرنى ئۆلتۈرۈپ يېڭىدىن سۆز ياساش نىمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى ؟


تەنتەربىيەدىن ئالغان ئىلھاملىرىڭىزغا ئۆمۇملاشتۇرۇپ باھا بەرسەم ، زادىلا قاملاشمىغان . كونا سۆزلەرنىڭ نەگە ئاپىرىمىز ؟ ئۇيغۇر تىلىنى يەنە بىر قالايمىقان قىلغۇڭىز كەپ قالدىما ؟

tanka يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 09:10:03

ناھايىتى ئوبدان گەپلەركەن، قوللايمىز، ئىزدەنگىنىڭىزگە ھەشقاللا، سىز دىگەندەك بىز ئۇيغۇر خەقتىن بىر- بىرىنى يۈلەيدىغانلاردىن، بىر- بىرىنى تارتىدىغانلار كۆپ چىقىدۇ، ئۇنداق ياكى مۇنداق تالاش- تارتىشلار بولۇپ تۇرىدۇ دەڭە، ئېغىر ئىلىپ كەتمەڭ

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 09:16:28

迪吧دىگەننى بەزمەخانا دىيىش مۇۋاپىقكەن مېنىڭچىمۇ ،خىلۋەزخانا دىگەن گەپنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ،نىمە مەنىسى بارلىقنى بىلەلمىدىم.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 09:17:43

خىلۋەزخانا - نىڭ كەينىدە«ۋەزخانا»بولغانلىقتىن ،بۇ شۇ جاينىڭ مەناسىنى خاتا يۆنلىشىكە يېتەكلەيدىكەن. ئەمما بەزى يېڭى ياسىغان سۆزلەرنىڭ خېلى جېنى بار ...

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 09:23:34

8- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەك زورۇقۇپ قاپسىز . نەچچە كۈندىن بېرى گەپ قىلاي دېدىميۇ گەپ قىلمىغانتىم . ئەمدى ئىككى شىڭگىل گەپ قىلىپ قوياي


1- 软件 يۇمتال . بۇ سۆزىڭىز پەقەتلا قاملاشمىغان .

4- 密码 - پىچىر . تارىخى خاتىرلەردە ئىم دەپ ئېلىنغىنى ئېنىق تۇرۇپ تۈرلەنگەندە ئوبدان بولمايدىكەن دەپسىز . ئەينى چاغدىكى تىلشۇناس بوۋىمىز مەھمۇت قەشقەرىمۇ بۇ سۆز تۈرلەنسە ئوبدان بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلمىغانمىدۇ ؟ باشقىلاردىن ئىمىڭ نىمە دەپ سوراشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ ئىم دىگەن مەخپى ، خاس نىمە تۇرسا ؟

5- 注册- بۇنى تىزىملاش دەپ ئېلىۋېرىش كىرەك . تىلنى يەنە بىر قالايمىقان قىلغۇڭىز كەپ قاپتۇ ھە سىزنىڭ ؟

摄像头- قارانتۇر . بۇنى كۆز دەپلا ئالسا بولۇۋېىرىدىغان ئىشقا زورلاپ قۇشۇمچە قۇشۇپ قاملاشمىغان بىر نەرسە قىلىپ قۇيۇشنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟ سىزنىڭمۇ قاسىم سىدىققا ئوخشاش تەتقىقاتچى بولغۇڭىز كېلىۋاتامدۇ يا ؟

迪吧 - خىلۋەزخانا. بۇنى بەزمىخانا دىسەك پەقەت بولمامدۇ ؟ كونا سۆلەرنى ئۆلتۈرۈپ يېڭىدىن سۆز ياساش نىمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى ؟


تەنتەربىيەدىن ئالغان ئىلھاملىرىڭىزغا ئۆمۇملاشتۇرۇپ باھا بەرسەم ، زادىلا قاملاشمىغان . كونا سۆزلەرنىڭ نەگە ئاپىرىمىز ؟ ئۇيغۇر تىلىنى يەنە بىر قالايمىقان قىلغۇڭىز كەپ قالدىما ؟



نېمىگە زۆرۈر بولاتتى، ئۇيغۇر تىلىنى قالايمىقان قىلغان دەپ تارىختا بۈيۈك نامى قالىدۇ.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 10:01:53

شەخسىي پىكىرىم:

软件يۇمتال،扫描仪 سايىلىغۇچ،多媒体卡 سىغىم كارتا،订书机 مىخلىغۇچ قاتارلىق سۆزلېرىڭىزنى ياقتۇردۇم.

过水热نى ساماۋەر،迪吧نى خىلۋەزخانا دىگىنىڭىزنى پەقەتلا ياقتۇرمىدىم.

سىزئەسلى تىل يېزىق كومىتىتىدا ئىشلىسىڭىز بەك ياخشى بولاتتىكەن.يېڭى چىققان نەرسىلەرنىڭ ئىنگىلىزچە ياكى خەنزۇچىسى ئۇموملىشىپ كەتكۈچە تىل يېزىپ كومىتىتىدىكىلەر تېزراق ئۇيغۇرچە سۆز ياساپ چىققان بولسا بۇ ئىشلار بۇنچىلىكمۇ بولۇپ كەتمەستى. ھەممىمىز دىگۈدەك سۆزلېرىمىزنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە بولىشىنى ياقتۇرىمىز،سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلېرىڭىزغا ئاپىرىن،ئەمما ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تىلىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئەرەپچە ۋە پارسچىدىن كىرگەن بەزى سۆزلەرنى يەنىلا ئۆز پېتى ئىشلىتىۋېرىشىمىزنى ئۈمد قىلىمەن.بۇ سۆزلەرنى يەنە ساپ ئۇيغۇرچە قىلىمەن دىسىڭىز يۇقۇردىكى تورداشلار ئېيتقاندەك يەنە بىر قالايماقانچىلىق چىقىپ50يىلدىن كىيىن ھازىر يېزىلىۋاتقان كىتابلارنى كىيىنكىلەر كۆرۈپ چۈشۈنەلمەيدىغان بولۇپ قالمىسۇن.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 10:27:36

13- قەۋەتتىكى taklimakan10نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شەخسىي پىكىرىم:

软件يۇمتال،扫描仪 سايىلىغۇچ،多媒体卡 سىغىم كارتا،订书机 مىخلىغۇچ قاتارلىق سۆزلېرىڭىزنى ياقتۇردۇم.

过水热نى ساماۋەر،迪吧نى خىلۋەزخانا دىگىنىڭىزنى پەقەتلا ياقتۇرمىدىم.

سىزئەسلى تىل يېزىق كومىتىتىدا ئىشلىسىڭىز بەك ياخشى بولاتتىكەن.يېڭى چىققان نەرسىلەرنىڭ ئىنگىلىزچە ياكى خەنزۇچىسى ئۇموملىشىپ كەتكۈچە تىل يېزىپ كومىتىتىدىكىلەر تېزراق ئۇيغۇرچە سۆز ياساپ چىققان بولسا بۇ ئىشلار بۇنچىلىكمۇ بولۇپ كەتمەستى. ھەممىمىز دىگۈدەك سۆزلېرىمىزنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە بولىشىنى ياقتۇرىمىز،سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلېرىڭىزغا ئاپىرىن،ئەمما ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تىلىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئەرەپچە ۋە پارسچىدىن كىرگەن بەزى سۆزلەرنى يەنىلا ئۆز پېتى ئىشلىتىۋېرىشىمىزنى ئۈمد قىلىمەن.بۇ سۆزلەرنى يەنە ساپ ئۇيغۇرچە قىلىمەن دىسىڭىز يۇقۇردىكى تورداشلار ئېيتقاندەك يەنە بىر قالايماقانچىلىق چىقىپ50يىلدىن كىيىن ھازىر يېزىلىۋاتقان كىتابلارنى كىيىنكىلەر كۆرۈپ چۈشۈنەلمەيدىغان بولۇپ قالمىسۇن.



يانپاشقا ئۇرۇپلا ياساۋەرمەيلى سۆزنى، بىزدە ئەزەلدىن مەۋجۇت بولىمىغان، باشقىلار ئېجاد قىلغان نەرسىلەرگە قاملاشمىغان ئىسىم قويىمەن دەپ تېتىقسىزلاشتۇرمايلى، بۇ خۇددى بىراۋ بالىسىغا ئىسىم قويسا يەنە بىراۋ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ چاقىرىپ زاڭلىق قىلغاندەك تۇيىلىدىكەن ئادەمگە....


خۇدايىم ساقلىسىۇن بىداكارمدەك ئادەمنىڭ يىل-يىزىق كومىتىدا ئىشلەپ قىلىشتىن. بولمىسا بىز قايتىدىن ئۇيغۇر تىلى ئۈگىنىش كۇرسىغا ۋە ئۇيغۇر تىلنىڭ ئىملا، ئىزاھلىق لوغەتلەرنىڭ ئارىسدا قاتراپ ھالىمىزدىن كېتىمىز. بۇ تىل بىراۋنىڭ شەخسى مۈلىكى بولمىغاندىكىن قالايمىقان قىلمايلى، دۇنيادىكى ھەرقانداق تىل ساپ بولمايدۇ، تىل بىر-بىرگە تەسىر كۆرسەتمىسە، سۆزلۈك قوبۇل قىلمىسا قانداق تەرەققى قىلىدۇ....گىپىم قاتتىق كەتكەتن بولسا كۆڭلۈڭلەرگە كەلمىسۇن ...

A.Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 11:07:42

تىل مەسىلىلىرىمىز ھەققىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش ئەرزىيدىغان ئىش. ئەمما، بۇ ئىشلار توغرا مەۋقە، دىت ۋە ئېھتىيات بىلەن بولمىسا ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەم خەيرلىك بولمايدۇ.

ئۇيغۇر تىلى تۈگمىنىگە ئاللىقاچان ئۇن بولۇپ ئۇيغۇرتىلى گەۋدىسىنى قۇرۇپ تۇرغان سۆزلەرنى يەنە قايتا چۇۋۇپ-ياساشنىڭ يەنە نىمىگە شۇنچە زۆرۈرىيىتى بولۇپ قالدى؟!

تىلىمىزدا يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان سۆزلەرنىڭ ئۆزلىشىشى تەبىئىي بولۇۋاتقان سۆزلەر بولسا بىز ئۇنى ئەشۇنداق ئۆزلىشىشكە قويۇۋېتەيلى. ئەمما، تىلىمىزدا قولاشمايۋاتقان،ئۆزلىشىش ۋە چۈشىنىلىش جەھەتتتە قولايسىزلىقلار بولۇۋاتقان ھەمدە باشقا تىللارغا يېڭىدىن مۇراجىئەت قىلىنىۋاتقان سۆزلەملەر بولسا بۇ ھەقتە ئەسلى تىل قانۇنىيىتىمىزگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىزدىنىش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بار. ئەمما، زورۇقۇپ قايتا چۇۋۇپ ياساش- كۈلكىلىك ھەم خەتەرلىك ئىش!

ھۆرمەتكە سازاۋەر بىدار قۇتلان ئەپەندىنىڭ ۋاقتىنى يەنىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلارغا سەرىپ قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

ontash يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 11:45:59

يازمىڭىزدىكى چەپەر دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشنەلمەي قالدىم ياكى ئات چاپتۇرۇش دىگەن سۆزدىكى سۆز تۇمۇرى چاپ دىگەن سۆزدىن كەلسە كېرەك دەپ ئويلاپمۇ قالدىم . قۇشۇمچە قىلىپ ،‹يۇقىرى سۈرئەتلىك يول › دىگەن سۆز بىرىكمىسىدىكى ‹يۇقىرى سۈرئەت › بىلەن چاپار ئات (يۈگرەك ئات) دىگەن سۆز بىرىكمىسىدىكى ‹چاپار› سۆزىنىڭ تەڭداش مەنىلىك سۆزدەك ھېس قىلىپ قالدىم ،شۇ بويىچە بولغاندا، ‹يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ›دىگەن سۆز بىرىكمىسى ‹چاپار يول › دىگەن سۆز بىرىكمىسىگە ماس كېلدىغان چىراي. \"\"

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 11:49:56

سىزنى جىق ئايىدىم بىدار قۇتلۇق . نەچچە تېمىدا ئاشۇنداق داڭقان پۇتى گەپلىرىڭىزنى كۆرۈپ گەپ قىلاي دېدىميۇ ياشانغان ئادەمگە ئېغىر كەتمىسۇن دەپ ئۈندىمەي ئۆتۈپ كەتتىم . مۇشۇ سۆز ياساشلىرىڭىزغا نارازىلىقىم بارلىقىنى بىلىسىز ئەمما ئۈندىمىگىنىمنى مات بولدى دەپ ئويلىغان بولسىڭىز كېرەك ، تاققا - تۇققا گەپ قىلىپزورۇقۇپ كەتتىڭىز . سۆز ياساش دىگەن كىسىپ چاپلاپ قويسىلا پۈتىدىغان ئىش ئەمەس . سىزنىڭ كەينىڭىزگە كىرسەك 50 يىل ئەمەس 10 يىل ئىچىدە ئۆز - ئارا ەپ ئۇقۇشالماي تەرجىمان ئىزدەيدىغان ئوخشايمىز . يېڭى سۆزلەرگىغۇ سۆز ياسايلى ، نىمىشقا كونا سۆزلەرنى چۇۋۇپ يېڭى سۆز ياسايمىز ؟



قارىغاندا ئادەم ياشلىقىدا بىرەر نەتىجە قازىنالمىسا ياشانغاندا ئابروي قوغلىشىپ ۋاستە تاللىمايدىغان بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ .

iztikin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 12:08:09

ئۇنى بۇنى دەيمىز يەنىلا ئەل-ئاۋام قوبۇل قىلسا، ئىشلەتسە، ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ.بولمىسا، خۇددى بىر چىرايلىق كىملىك دىگەن سۆز تۈرلەنسە، ئۇنى ئىشلەتمەي سالاھىيەت كىنىشىكىسى، گۇۋاھنامىسى، شىنفىڭجىڭ دەپ ئىشلەتكەنگە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.

ئەۋلاتلارنىڭ ۋەزىپىسى ئەجدات بار قىلغاننى يوقىتىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ئىلمىي، ئاقىلانە ۋارىسلىق قىلىش ۋە دەۋرداشلىرىغا يەتكۈزۈش.تىلنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە تەبىئىي يېڭى شەيئىگە نام قويۇش، زورلۇق بىلەن روۇياپقا چىققان ئىش قوبۇل قىلىنىشقا ئەمەس، ئەكسىچە شاللاشقا، چەتكە قېقىلىشقا ئۇچرايدۇ.

تىل -سۆز دىگەن ئۇ، بۇ، مەن ياساپ ئوينايدىغان ئاخچايلام ئەمەس.

carbon يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 12:08:46

ئىسمىڭىزنى ناھايتىمۇ تەستە ئوقۇدۇم بىدار كىيۇتلان ئەپەندوم ؛



سىز چاغاتاي تىللىرىنى بەكمۇ پىششىق ئۆگەنگەنمۇ قانداق ؟ كونا خۇددى 16ئەسىردە ياشاۋاتقان ئادەملەردەكلا سۆزلەيدىكەنسىز.



زامانەمدە ئىشلىتشتىن قالغان سۆزلەرنى سىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن. بۇنداق قىلماڭ .



سىزنىڭچە كىلوگىرام دىگەن ئايالغۇنى مىسقالچارەك خو دىگەندەك ئاتالغۇلاردا ئىشلەتسەك بۇلىدىكەندە؟؟





ئۇيغۇرچىنى تىتىۋەتمىسىڭىزمۇ ژىتىۋەتكۈدەكسىز..



سىلەر نىمانداق قىززىق دەيمەن ... خەنزۇلارنىڭ قىسقارتما سۆزلىرىنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچراپ كەتتىڭلارمۇ قانداق ؟



سىلەر تۈزەۋاتقان سۆزلەر قانداق سۆز ؟ ئايرىم ئاڭلاتسا مەنە ئاڭلىتامدۇ ؟ لېكسىكا ، فونتىكا ، گىراماتىكىغا چۈشەمدۇ.. دېگەندەك مەسىلىلەر بىلەن قىلچە كارىڭلار يوق . ئۆزەڭلار خالىغانچە تۈزەۋېرىدىكەنسىلەر..



گىراماتىكىدا چەتتىلدىن كىرگەن سۆزلەر دەپ ئايرىم قىسىم بار . ئۇلارنى ئۆز پېتى قوللانساق بىزنىڭ سۆز بايلىقىمىز تۈگەپ كەتمەيدۇ. نىمە ئۇ يۇمتال ، قاتتال دىگەندەك قاملاشمىغان سۆزلەر بۇ.



ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن ئادەم شۇنى ھېس قىلالىشى مۇمكىن ، ئۇيغۇرتىلىدابىرككەن سۆز دەپ بىر قىسم دەرس سۆزلىندۇ.

مەسلەن : تاشپاقابۇيەردە تاش+پاقاكۆزئەينەككۆز +ئەينەك

سىلەرنىڭ يۇمتال دىگىنىڭلار نىمىسى ئۇ ؟؟

يۇمشاق دىتال بىر ئوبدان سۆزغۇ ؟ ئۇنى كۈچەپ تاتىپيۇمتال   يۇم +تال   نىمە مەنە ئاڭلاتتى ئەمدى بۇ سۆز؟؟؟



قىلىدىغان ئىشىڭلار بولمىسا باشلانغۇچتا ئوقىغان گىراماتىكا كىتابىڭلارنى ۋاراقلاڭلار ... خۇدايىم ساۋابىنى بېرەر جامائەت. بۇنداق داڭقان پۇتى گەپلەرنى ئەمدى قىلمىساق.



تېلفون دىگەن سۆزمۇ چەتتىن كىرگەن ، بىر ئوبدان ئىشلىتىۋاتىمىزغۇ؟؟
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: مۇنداقلا ياساپ باققان ئۇيغۇرچە سۆزلەر