Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 16:53:16

باشقىلار سىزنى تېلفۇن قىلىپ ئاۋارە قىلغانمۇ ؟



دۇنيادا شۇنداقمۇ كىشلەر باركى ، ئۇلار يا ئەركەك ئەمەس يا خوتۇن كىشى
ئەمەس ، ناجىنىس مىجەزلىك كىشلەر بولۇپ ، بۇنداقلا خانىم – قىزلارنى ھەتتا
ئەركەكلەرنىمۇ تېلفۇن قىلىپ ئاۋارە قىلىدۇ . تېلفۇن قىلغان ئادەم يا
مەقستىنى ئېيتمايدۇ يا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتمايدۇ . تېلفۇننى
ئالسىڭىز بىر ئېغىز مۆ ياكى بۆ دىمەيدۇ ، تېلفۇننى قۇيۇۋەتسىڭىز يەنە
تېلفۇن قىلىپ ئاۋارە قىلىدۇ . كەينىگە ياندۇرۇپ تېلفۇن قىلسىڭىزمۇ ئالمايدۇ
، ئالغان تەقدىردىمۇ يەنە شۇ ھەلەپنى جىق يەۋالغان مال كەبى پۇشۇلداپ
تۇرۇۋېرىدۇكى سىزگە ئۆزىنىڭ مەقسىتى ياكى ئۇچۇرىنى روشەن قىلمايدۇ . بۇنداق
چاغلاردا ئاچچىقىڭىزدىن بوغولۇپ ، قاتتىق تىرىكىپ كېتىسىز . قىسقىسى مەنمۇ
بىر نەچچە قېتىم بۇنداق ئىشقا يولۇققان بولۇپ ، تۇتۇۋالسام كانايدىن تۇتۇپ
تامغا دۈڭ دۈڭ ئۈستۈرۋەتكۈم كىلىپ كەتكەن ئىدى . بەلكىم سىزمۇ بۇنداق
ئىشلارغا ئۇچىرىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن . قانداق ئۇسۇل بىلەنبۇنداق
ئەبلەخلەرنىڭ ئەدىۋېنى بىرىپ پۇخادىن چىققىلى بولىدۇ ؟

خاتىرجەم بولۇڭ ، مۇزات بىلوگىدىن مۇشۇ يازمىنى كۆرگەن مىنۇتتتىن باشلاپ ،
سىزمۇ ئۇ ئەبلەخنى شۇنداق باپلايسىزكى ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ تېلفۇنىنى
ئىتىۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ ياكى ئانچە مۇنچە چىقىمدار بولىدۇ .

تۆۋەندە تۇنۇشتۇردىغىنىمىز «پارتىلتىمەن3000» ناملىق يۇمشاق دىتال بولۇپ ،
سىز بۇ دىتالنى قوزغىتىپلا نىشان نومۇرىنى كىرگۈزۈپ بېرىپ بومباردىمان
قىلىش بۇيرۇقىنى بەرسىڭىزلا يۇمشاق دىتال ئاپتوماتىل ھالدا مەلۇم نۇمۇردىن
نىشان نومۇرغا 9 سىكونتتا بىر ئوخشاش مەزمۇندىكى ئۇچۇرنى يوللاشقا باشلايدۇ
. ناۋادا قارشى تەرەپ ئۇچۇر كەلگەن نومۇرغا ئۇچۇر مەزمۇنىغا 8 نى يېزىپ
قايتۇرۇپلا قالسا شۇ ھامان تېلفۇن پۇلىسىدىن 25 سومنى يۇتۇۋالىدۇ دىگەن گەپ
. سىزمۇ بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۇ ئەبلەخنىڭ ئەدىۋىنى بىرەلەيسىز . تۆۋەندە
بۇ دىتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز .


ئەسكەرتىش : بۇ دىتالنى جوڭگۇنىڭ ۋىروسخورلىرى
(ئەمەلىيەتتە ۋىرۇس بورداقچىلىرى) ۋىرۇس دەپ تونۇۋېىلىشى مۇمكىن ، لېكىن
سىز خاتىرجەم ئىشلىتىۋېرىڭ . بەك خاتىرجەم بولالمىسىڭىز چەتئەلنىڭ
ۋىرۇسخورلىرىغا تەكشۈرتۈپ كۆرۈپ بېقىڭ .


ئىزاھات : بۇ دىتالنى ئىشلەتسىڭىز سىزگە ھىچقانداق
چىقىم ئېلىپ كەلمەيدۇ خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ . چىقىمدىن ئۆلگۈدەك قورقۇپ
، ھاۋانى جىقراق سۈمۈرسەم قىيامەتتە بۇ دۇنيادا سۈمۈرگەن ھاۋا ئۈچۈن پۇل
چىقىم قىلارمەنمۇ ئەنسىرەيدىغان تورداشلار خاتىرجەم بولۇڭلار(ئىككى شىڭگىل
چاقچاق ئويناپ قويدۇققۇ) .


1. بۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ قوغاتسىڭىز مۇنداق بىر كۆزنەك چىقىدۇ ، مەزمۇنى
«يېڭى نەشىر بايقالدى ، يېڭىلامسىز؟» بولۇپ ، ياق دىگەن كۇنۇپكىنى (مۇنۇ
رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغا كۇنۇپكا شۇ) بېسىپ يېڭىلاشنى رەت قىلىپ ،
بۇ دىتالنى نورمال قوزغىتىڭ .


2. بۇ دىتال نورمال قوزغىلىپ بولغاندىن كىيىن ، بومباردىمان قىلماقچى
بولغان نىشان تېلفۇن نۇمۇرىنى كىىرگۈزۈپ بېرىپ بومباردىماننى باشلاش دىگەن
كۇنۇپكىنى بېسىڭ . يەنى مۇنۇ رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان كۇنۇپكنى
بېسىڭ .


3.بومباردىمان قىلىش بۇيرۇقىنى بەرگەندىن كىيىن «بومباردىمان قىلىش
باشلاندى ، بۇ دىتالنى ئىتىۋەتمەڭ !» دىگەن مەزمۇندا بىر كۆزنەك چىقىدۇ .
سىز مۇقىملاشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بومباردىماننى باشلىسىڭىز بولىدۇ .
يەنە مۇنۇ رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان كۇنۇپكىنى بېسۋېتىپ قانچىلىك
بومباردان قىلماقچى بولسىڭىز شۇنچىلىك ۋاقىت دىتالنى ئۆچۈرۋەتمەڭ .


4. بومباردىماننى توختاتماقچى بولسىڭىز ، بۇ دىتالدىكى بومباردىماننى
توختىش كۇنۇپكىسىنى باسىسىز . يەنە بۇ رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان
كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ .


5. ئاندىن «بومباردىمان قىلىش توختىتىلدى» دىگەن مەزمۇندا ئۇچۇر چىققان
كۆزنەكتىكى مۇقىملاشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ . يەنە بۇ
رەسىمدىكىدەك قىزىل رامىكىغا ئېلىنغان كۇنۇپكىنى بېىسۋەتسىڭىزلا بولىدۇ .


بومباردىمان قىلىپمۇ خۇماردىن چىقماي يەنە بومباردىمان قىلماقچى بولسىڭىز يۇقارقى مەشغۇلاتنى قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ .

بۇ دىتالغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ .

http://www.muzat.org/soft/Bombardiimanchi.rar


ئاگاھلاندۇرۇش : بۇ دىتالدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا
پاراكەندىچىلىك سالماڭ ! بۇ دىتال سىزنى پاراكەندە قىلغانلارنىڭ ئەدىۋېىنى
بېرىش ئۈچۈن يوللاندى . يازما ئىگىسىنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىقىپ
قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز .    ___ مۇزات بىلوگى ئالاھىدە ئەسكەرتتى .





مەنبە : http://www.muzat.org



ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش : بىلوگىمىزغا ، رىماتىزىمغا ، مەزى بېزى كىسىلىگە ، ئۆپكە تبىركۇليۇزى ۋە نۇرغۇنلىغان يۇمۇقلۇق ، يۇقۇمسىز كىسەللەرگە پايدا قىلىدىغان ئېلانلار قۇيۇلدى . دەسسەپ سىناپ كۆرۈپ بېقىڭ .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 17:57:06

PC نى قايتا قوزغىتىپ سىنىسام بولۇۋاتىدۇ

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 17:59:03

مۇۋەپپىيەتلىك بولۇش نىسبىتى 100 % ئەمەسكەن . قارىغاندا IP يەڭگۇشلىسە بولىدىغان ئوخشايدۇ

Ay يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 18:01:28

بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلانغاندا بىرەر قېتىم دەككىسىنى يېگەندىن كېيىن بېسىقتى دېگەن تەقدىردىمۇ...بىراق ئاشۇنداق چۈشەنمەي قالايمىقان مەشغۇلات قىلىدىغاننىڭ كۆپرەكى يەنىلا بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز.شۇڭا بۇ ئۇسۇلنى ئانچە توغرا كۆرمىدىم.

بەك ئاۋارە قىلىپ كەتسە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويۇڭ،دەخلى قىلالمايدۇ،تېلفونۇمنىڭ قارا تىزىملىك ئىقتىدارى يوق دېسىڭىز تېلىفون ياردەمچىسى دېگەن كەسىپنىڭ قارا تىزىملىك ئىقتىدارى بار،شۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئەگەر ئۇنىمۇ خالىمىسىڭىز بەك كۆپ ئاۋارە قىلسا تېلفونىڭىزنىڭ چاقىرىقىنى يۆتكىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ،ياكى ئۆزىڭىزخالىغان مۇددەتتە تەلەپ قىلىپ توختىتىپ قويۇپ تۇرسىڭىزمۇ مەيلى.ئىشقىلىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ئاز ئەمەس.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 18:05:18

ھەجەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدىيا ، ئاتايىن ۋاقىتمنى ئىسراپ قىلىپ بىر بىرلەپ رەسىم تۇتۇپ تەھرىرلەپ بۇ تېمىنى يوللىسام بەزىدە بولۇپ بەزىدە بولمايدىغان چىقىپ قالدىيا ، ماۋۇ ماز دىتال ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ . تېمىنىڭ باش رەسىمىنىمۇ تەستە ئىزدەپ تېپىپ كىرىشتۈرۈگەنتىم تېخى . ئەمگىكىمنى دىمىسەم . ئۆچۈرۋىتەتتىم جۇمۇ بۇ تېمىنى . شۇنداقتىمۇ مەن يەنە ئۈنۈملۈكىنى ئىزدەپ باقاي تورداشلار ، سىناپ بېقىپ مۇۋەپپىقىيەتلىك قىلالىغانلار ئىنكاس قالدۇرۇپ قۇيۇڭلار .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 18:14:05

ئەقلىيئىقدىدارلىقتېلىفونبولسا 360 يانفونياردەمچىسىنىچۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلارلابولمىدىمۇ

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 18:20:20

نىمانداق ئاۋارچىلىق.

يانفوننىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۋەتسىلا بولمىدىمۇ ئۇنداق نومۇرلارنى.

ئەقلى يانفونلارنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۋەتسە شۇنداق نومۇرلاردىن كەلگەن تېلېفونىدىن باشقا يەنە بىز بەلگىلەپ بەرگەن ئاچقۇچلۇق سۆز بار ئۇچۇرلارنىمۇ سۈزۋېتىدۇ.

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 18:23:08

ئۇستام ، بۇنى مەن 1 يىل بۇرۇن ئىشلەتكەن .

قارشى تەرەپنىڭ نۇمۇرىنى يېزىپ مۇقىملاشتۇرغان ھامان ، ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 3 سىكنۇتتا بىر ئەخلەت ئۇچۇر كىلىپ ، قارشى تەرەپنى زىرىكتۈرەتتى .

يېرىم يىلدەك بوغان ئىشلىمەيدىغان بوپ قالغىلى ، ھازىر ئىشلەمدۇ يوق بىلمىدىم .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 18:53:14

ئۆزەمنىڭ يانفۇن نومۇرىغا سىناپ باقتىم،يېرىممىنۇت ئىچىدە 4-5 تال ئۇچۇر كەلدى.

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 16:58:36

پىنھان ،تېلېفۇن نومۇرىڭنى قىسقا ئۇچۇردا يوللاپ بېرە ،سەن بىلەن دېيىشىدىغان مۇھىم ئىش بار ئىدى .\"\"\"\"

Ay يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 17:01:15

ناۋادا قارشى تەرەپ ئۇچۇر كەلگەن نومۇرغا ئۇچۇر مەزمۇنىغا 8 نى يېزىپ قايتۇرۇپلا قالسا

____________________

ئاشۇ نومۇر قايسى نومۇركىن؟كۆچمە خەۋەرلىشىش،بىرلەشمە خەۋەرلىشىش،تېلىگىراف ھەممىسىگە ئىشلەمدۇ ياكى مەلۇم بىرىگىمۇ؟قايسىغا؟

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 17:04:57

ئاشۇ نومۇر قايسى نومۇركىن؟

________

مېنىڭچە ئۇ نومۇر بىرخللا بولماسلىقى مومكىن ، سېستىما ئاپتۇماتېك ھاسىل قىلىدۇ ئەمەسمۇ\"\"ماۋۇ دېتالنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرلىشى مۇزات بلوگىدا باركەن ،\"\" راسىت ،بۇ دېتالنى ئىتالىيەلىك بىرسى ياساپتىكەن ،ياسىغان ئادەمنى 7يىل كىسىۋەتكەننىڭ گىپى بار .\"\"

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 17:12:23

ئەپقاچتى پاراڭ قىلما شۇم ، مىش مىش پاراڭ قىلماي پاكىتنى كۆرسىتە . ئۇچۇر يوللايدىغان نۇمۇر NOD ۋىروسخورىنىڭ پۇل تۆلەشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئالاقە نومۇرى

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 17:19:22

مەن ئۇ خەۋەرنى ئىنگىلىزچە تور بەتتە كۆرگەن كۆرسىتىپ قويساممۇ ئوقىيالمايسەن بەرىبىر \"\"\"\" \"\"


Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 17:25:31

ماز شۇم   {:92:}   تاپمىغان مۇشۇ گىپىڭ قالدىما ئەمدى ؟ بازىرىمنى كاسات قىلما پوقۋاش . ماڭ ماڭ بېرىپ ئويناپ كەل ، دۇكاننىڭ ئالدىدا توغرىىسىغا تۇرۇۋالماي .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 17:27:22

چۈشەرگىلىبولمايدىكەنغۇ بۇدېتالنى\"\"\"\"

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 17:29:51

قايتا قايتا سىناپ بېقىڭ ئەرىكتىكىن ،بولمىسا مەن چۈشۈرۋالغان ئەۋەتىپ بېرەي .پىنھان ئەۋەتىپ بەرسىمۇ بولىدىغۇ ؟{:106:}

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 17:34:03

ئادىرسىنى ئوڭشاپ قويدۇم . بايا خاتا ئۇلىنىپ قاپتىكەن

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 17:49:06

سىناپ باققانلار بارمۇ ؟ بايا مەن سىنىسام بولغانتى ھازىر جىم تۇرىدۇ . سىنىغانلار خەۋىرىنى بىرىۋەتساڭلار

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 17:53:34

مەن 133، 136 يانفونغا سىنىدىم، جىمجىت...\"\"
بەت: [1] 2
: باشقىلار سىزنى تېلفۇن قىلىپ ئاۋارە قىلغانمۇ ؟