hislat_7 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 14:41:29

\ سۆيۈملۈك\ بولغان ئۆزىڭىزنى يارىتىشتىكى بىر قىسىم پرىنسىپلار[تەرجىمە]

" سۆيۈملۈك" بولغان ئۆزىڭىزنى يارىتىشتىكى بىر قىسىم پرىنسىپلار




1 .مەڭگۈ ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ: سىزنىڭ سىرتى قىياپىتىڭىز باشقىلار نى زېرىكتۈرمەيدۇ، سىزنىڭ دۆتلىكىڭىز ، ساختىلىقىڭىز، ئەدەپسىزلىكىڭىز، ئۆزىڭىزنى قالتىس چاغلاپ كېتىشىڭىز، ئۆزىڭىزنى ماختىشىڭىز، چوڭ گەپ قىلىشىڭىز، ئەمەلىي ئىش قىلماسلىقىڭىز ئاندىن ئادەمنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدۇ.

2 .مىجەز ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر رەسمى ئادەتلەرنى ئۆگىنىپ كىتەلمىسىڭىز، ساددا بولۇڭ،

3 . باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ۋاقتىڭىزدا، بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ئاندىن قويۇپ بىرىڭ، باشقىلار سىزنىڭ سەمىمىيىتىڭىزنى بىلسۇن.

4 . باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقتىڭىزدا، چىرايىڭىزدا كۈلۈمسىرەش بولسۇن ، سىزنىڭ كۈلكىڭىز باشقىلارنىڭ ئېھتىيات قىلىش تۇيغۇسىنى ئاجىزلىتىدۇ ، سىز باشقىلار بىلەن ناھايىتى تىزلا ھەممە گەپنى دېيىشەلەيدىغان ياخشى دوستلارغا ئايلىنىسىز.

5. ئىشىڭىز يوق ئادەمدەك ئاچچىقلىنىپلا يۈرمەڭ ، چۈنكى تۇرمۇش كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەمەس.

6. باشقىلارنىڭ ئالدىدا داۋاملىق بەكمۇ زېرىكىشلىك دىگەندەك گەپلەرنى قىلماڭ. چۈنكى سىز زېرىكىشلىك دېگەنسىرى باشقىلار سىزنى زېرىكىشلىك ھېس قىلىدۇ.

7. باشقىلار بىللەن بىللە ماشىنا توسقان ۋاقتىڭىزدا، شوپۇرنىڭ قېشىدىكى ئورۇننى تالىشىپ ئولتۇرۇڭ.

8. باشقىلار سىزنىڭ ئالدىڭىزدا باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلسا كۈلۈمسىرەپلا قويۇڭ.

9. ئۆزىڭىزنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ سىرتقى چىققاندا، ۋېلىسىت مىنىۋالغان كەسىپدىشىڭىز ياكى خىزمەتدىشىڭىز بىلەن ماشىنىدىن چۈشۈپ سالاملاشماڭ، باشقىلار سىزنى كۆز- كۆز قىلىۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

10. خىزمەتدىشىڭىز ئاغرىپ قالسا  ئۇنى يوقلىغىلى بېرىڭ، ھەمدە ئۇنىڭ كىسەل كارىۋىتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇڭ، ئۆيىڭىزگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن قولىڭىزنى پاكىز يۇيىۋىتىڭ.

11. ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرۈپ ئۆزىڭىزنى خۇددى ئاق قەغەزدەك قىلىپ كۆرسەتمەڭ،بۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزىڭىزگە كۆپ پايدىسى يوق.

12. سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلىڭ.

13. باشقىلار سىزنى تەنقىد قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، گەرچە سىزنىڭ توغرا بولسىمۇ باشقىلار سۆزىنى تۈگەتكۈچە ساقلاپ تۇرۇڭ.ئەگەر سىز مۇنازىرىلىشىشنى تاللىسىڭىز ئۇنداقتا ئىشنى يوغىنىتىۋىتىسىز.

14. سىزنى تەنقىد قىلغان ئادەمنى ھۆرمەت قىلىڭ،چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ ھەقىقى مەنىدىن ئىلگىرى بېشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ.

15. ئۆزىڭىزنى تەنقىد قىلسىڭىز بەلكىم باشقىلارنى ئىشەندۈرەلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئۆزىڭىزنى مەدھيەلىسىڭىز بۇنداق بولۇشى ناتايىن.

16. ھېچقانداق نەرسە ئەتراپىڭىزدىكى كۆزەتكۈچىلەردىن بەكراق سىزنىڭ بولىڭ توپىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلمەيدۇ، شۇڭا سىزمۇ ئادەتتە ئالقىش ئاۋازلىرىڭىزنى ئايىماڭ.

17. باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان ياخشىلىقىنى چوقۇم مۇشۇنداق قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار دەپ قايرىۋالماڭ،مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىڭ.

18. ياخشى ئاڭلىغۇچى بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كىيىن ئاندىن سۆزلەڭ، سۆزلىگەن ۋاقىتتا مۇھىم نوقتىلىرىنى تۇتۇپ سۆزلەڭ.

19. تازىلىق قىلىدىغان ھەدىلىرىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، ئەخلەتنى ئەخلەت تۇڭىغا تاشلاڭ، ئاپتوبۇسقا چىققاندا چوڭلارغا ئورۇن بوشىتىڭ. بۇ كىچىك ئىشلار ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن چوڭ دەرىجىدە سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.

20. سۆزلىگەن ۋاقتىڭىزدا كۆپ ۋاقىتلاردا بىز دەپ باشلاشنى ئۇنتۇماڭ،ئۆز ئارا بولغان ئارىلىقنى كىچىكلىتىدۇ.

21. مۇنبەرگە چىقىپ ناخشا ئېيتقان ھەر قانداق بىر كىشى ئۈچۈن چاۋىكىڭىزنى ئۇنتۇماڭ، ئۇ سىزگە تەشەككۈرىنى بىلدۈرىدۇ ھەم تەسىرلىنىدۇ.

22. بەزى ۋاقىتلاردا بىلىپ تۇرۇپ سوراڭ: سىزنىڭ بۇ ئۈزىكىڭىز بەك قىممەتقۇ دەيمەن! بەزى ۋاقىتلاردا بىلمەي تۇرۇپمۇ سورىماڭ: سىزنىڭ ئىش ھەققىڭىز قانچە پۇل؟

23. گەپنى بەك جىق قىلماڭ، بولۇپمۇ ئادەم جىق جايلاردا ئازراق سۆزلەڭ.

24. ياقتىن باشلانغان بەزى سۆزلىرىڭىزنى" بۇ سەل ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ، مەن كۈچۈمنىڭ بارىچە تىرىشىمەن، مەن ئېنىق ئۇقمايدىكەنمەن، مەن قارار قىلغاندىن كىيىن، مەن سىزگە تېلېفۇن قىلاي "دىگەندەك سۈزگە ئۆزگەرتىڭ. بۇ بولسا پىشقانلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسى.

25. ھەممە ئادەمنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلماڭ،بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشسىڭىز بۇ نەتىجە قازانغانلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسى.

26. ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرۈڭ.

27. ئەگەر سىز بىر جايدا نومۇر كۆرسىتىۋاتقان ياكى نۇتۇق سۆزلەۋاتقان بولسىڭىز، ئەگەر پەقەت بىر ئادەم ئاڭلاۋاتقان بولسىمۇ داۋاملاشتۇرۇڭ، چۈنكى بۇ سىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىڭىزنىڭ يولى ھەم بۆشىكى. سىز تاماشىبىنلارنى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇزمايسىز بەلكى ئۆزىڭىزنى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇزىسىز.

28. باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن ياخشى سۆزلەرنى قىلىشقا ئادەتلىنىڭ.

   

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 15:26:31

ناھايىتى ئەستايىدىل دىيىلگەن گەپلەركەن \"\"

Ay يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 15:40:04

26.ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرۈڭ(مۇۋاپىق مىقتاردا)،ئەڭ مۇھىمى مۇشۇ،ئۆزىنى ئۆزىمۇ سۆيمىگەن ئادەمنى باشقىلار قانداقمۇ سۆيسۇن؟ \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-10-14 11:32:06

بەلگە..
بەت: [1]
: " سۆيۈملۈك" بولغان ئۆزىڭىزنى يارىتىشتىكى بىر قىسىم پرىنسىپلار[تەرجىمە]