بېشىڭىزدىن مۇناسىپ مىقداردا توك ئۆتكۈزسڭىز تېخىمۇ ئەقىللىق بولىسىز [تەرجىمە]
بېشىڭىزدىن مۇناسىپ مىقداردا توك ئۆتكۈزسڭىز تېخىمۇ ئەقىللىق بولىسىز
ئەنگلىيە ئوكسفورد ئونۋېرسىتىنىڭ ئالىملىرىنىڭ دېيىشىچە، پەقەت بەش يىل ئىچىدە، بىز ئائىلىدە كىيىپ يۈرۈيدىغان" پىكىر قىلىش قالپىقى " بولىدىكەن، ھەمدە ئۇنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بېشىمىزدىكى شامالداراپ ۋەيران بولغان ئاق ماددىنى ئويغىتالايدىكەنمىز.
ئەمما بەزىلەر بۇ خىل" بىۋاستە ئادەم بەدىنىگە توك ئۆتكۈزۇش"TDCS تېخنىكىسى ئادەمنىڭ مىڭە قۇۋۋىتىنى تۈگەشتۇرىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ خىل مۇۋاپىق مىقداردىكى توكنى ئادەم بېشىدىن ئۆتكۈزۈش تېخنىكىسى ئادەمنىڭ ھەرىكەت قابىلىيىتى بىلەن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن. بۇ ئەسۋاپ يەنە ئادەملەرنىڭ ئەستە پىكىر قىلىش قابىليىتى بىلەن كۆرۈش قابىلىيىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ئىكەن.
15 نەپەر ساغلام بولغان پىدائىيلار بۇ ئۈسكىنىنى تاقاپ سىناپ باقتى. بىرىنچى ئېلېكتىر قۇتۇپى سول قۇلاقنىڭ ئۇستى تەرىپىدىكى ھەرىكەتنى كونترول قىلىدىغان ئورۇنغا قويۇلغان ، ئىككىنچى ئېلېكتىر قۇتۇپى ئوڭ كۆزنىڭ ئۈستى تەرىپىگە قويۇلغان بولۇپ، ئاغرىق تۇيغۇسى بېرىدىغان توك ئادەم مېڭىسىدىن ئۆتكەن. توك سول تەرەپتىن ئوڭ تەرەپكە ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىتتا، ئويۇن ئويناۋاتقان پىدائىيلار تېز سۈرەتتە كۇنۇپكىلارنىڭ رەت تەرتىپىنى ئېسىدە تۇتۇۋالالىغان. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئېلېكتىر دولقۇنىنىڭ غىدىقلىشى چوڭ مېڭىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىمىيىلىك ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىڭە ھۈجەيرىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ ياخشىلايدىكەن. ئەمما بۇ تېخنىكا بەكمۇ بىخەتەر ئەمەس ئىكەن. ئەگەر تەجرىبىگە قاتناشقۇچى پىدائىيلار ئويۇن ئويناشتىن بۇرۇن توك سوقسا ياكى توك قارمۇ قارشى يۆنىلىشتە ئۆتكۈزىلىنسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ يامان بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، 10 يىلغا قالمايلا بۇ مەھسۇلاتنىڭ بىر يۈرۈش ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغىنى چىقىرىلىدىكەن، توك ئۆتكۈزۈشتىن ھاسىل بولغان تەسىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىدىكەن. ئەگەر دۋاملىق ئىشلىتىپ بەرسە بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ھەم تېخىمۇ روشەن بولغان ياخشىلىنىش بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەنبە: سىنا خەۋەرلەر تورى
نەچچە ۋولتلىق توك ئۆتكۈزسە بولىدىغاندۇ؟ چاچ سوپۇنى چاچ سوپۇنى!!!تولا توك ئۆتۈپ زەرەتلىنىپ كەتكەن چاچلارغا ماس كېلىدۇ،بېشىڭىزنى ھۆل سۇغا تىقىپ ئاندىن چاچ سوپۇنىنى سۈركەپ يۇسىڭىزلا بولىدۇ،باھاسى ئەرزان بېش كوي!!! {:107:} دىققەت !!!بۇ مەزمۇندىن قارىغۇلارچە پايدىلىنىشقا بولمايدۇ . بېشىغا يۇقىرى بېسىملىق تۆ ئۆتكۈزۈپ سۆزلەپ قالغانلار ۋە ئۇ دۇنياغا سەپەر تەييارلىقى قىلىۋاتقانلار كۆرۈلسە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . ئىزدىنىش تورى بىلەن مۇناسىۋەتسىز {:92:} سۇنئى ئۇسۇلدا ئۇنۇمنى ئاشۇرۇش ئەزەلدىن ياخشى ئاقىۋەت ئىلىپ كەلگەن ئەمەس، خىمىيىۋى ئوغۇت بىلەن زىرائەت، مىۋە-چىۋە،سەي -كۆكتاتلارنىڭ ھوسۇل مىقدارىنى ئاشۇرۇپ سان جەھەتتىن مەلۇم نەتىجىگەئىگە بولغان بولساقمۇ سۇپەت جەھەتتىن چىكىنىشكە يۇزلىنىپ ئۇنىڭ زىييىنى ئويلىغىنىمىزدىنمۇ چوڭ بولماقتا.ئەگەر سۇنئى ئۇسۇلدا ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتنى ئاشۇردىغان ئۇسكىنىلەر مەيدانغا كەلسە ماشىنا ئادەمدىن پەرقى يوق رەززىللەر ئۇچۇن خىزمەت قىلدىغان بىر ئۇچۇم كىشىلەرنى مەيدانغا كەلمەيدۇ دەپ كىم كىسىپ ئىيتالايدۇ. ھەر قانداق ئىلغار تىخنىكىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئامەت بىلەن چوڭ بىر بالايى-ئاپەت بولىدۇ. پەقەت نادانلارلا سۇنئى ئۇسۇلدا تەرەققىيات مۇساپىسىنى تىزلىتىش يولىنى تاللايدۇ. كىيىن ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونىغاندا بولسا بەكمۇ كىچىككەن بولىدۇ. ياڭاق ۋە باداممۇ بولىدۇ. بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈڭ دېمىدىم ھە، يەڭ دېمەكچى.

ھېلىقى بىر كىنو بارغۇ دەششەت ئەقىللىق قىلۋىتىدىغان ،،،دورىنى يىمىسەكاللىسى قېتىپ قالىدۇ ،جىق يەۋەتسە تەن ئاجىزلىشىپ ئۆلۈپ قالىدۇ ،شۇنداقلا بىر گەپكەن
بەت:
[1]