كىتاپ ئىئانە قىلىمەن
ئەسسالام تورداشلار
بېيجىڭدىكى بىر دوستۇمنىڭ نەچچە يۈز پارچە كىتاپنى بىرەر مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىغا ئىئانە قىلغۇسى باركەن . ئەگەر مۇشۇنداق مەكتەپنىڭ ئۇچۇرىنى بىلسەڭلار خەۋىرىنى بەرسەڭلار ... پوچتا پۇلىنى بۇ تەرەپتىن بىز چىقىرىمىز . چەت ياقىدىكى يېزا مەكتەپلىرى بولسا تېخىمۇ ياخشى ...
ئۈرۈمچىدىكى مەڭگۈ تاش كۇتۇپخانىسى ھازىر يوق، ئورنىدا بىر قازاقنىڭ قازاق شايخاناسى باردەك قىلغان. بورتالا شەھەرلىك ئۇتبۇلاق گۇڭشى 6-باشلانغۇچ مەكتەپ ، ئويلىشىپ باقساڭلار؟ بۇرۇن ئۈرۈمچى يەنئەن يۇلىدا، يەنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى يان تەرىپى( مائارىپ نازارىتى قىيپاش ئۇدۇلىغا توغرا كىلىدۇ)دە، ‹مەڭڭۈتاش قىرائەتخانىسى› دەپ بىر كۈتپخانا قۇرۇلغان ئىدى، بۇ كۈتۈپخاندىكى كىتابلار ئاساسەن ئىئانە قىلىشتىن كەلگەن ئىدى. بۇ كۈتۈپخانا ھازىر بارمۇ بىلمەيمەن. مەڭگۈتاش كۈتۈپخانىسى يوق ھازىر ،ئورنىدا بىر ئاشخانا بارغۇ دەيمەن . ياخشى ئىش ،ياخشى باشلىنىش .مەكتەپكە ئىئانە قىلغاندىن ،قىرائەتخانىغا ئىئانە قىلغان ياخشىمىكىن دەيمەن. نىمىشقا سېتىۋالمايمىز؟ تىزىملىكى بولسا.. مەكتەپكە ئىئانە قىلساڭلار ئوقۇغۇچىلار كۆرۈشكىمۇ مۇيەسسەر بولالماي چاشقان قىرقىپ تۈگىتەرمىكىن . مەنچە بىرەر قىرائەتخانا ياكى شەخسىي كىتابخانىلارغا ، ساتماسلىق پەقەت ئارىيەت بېرىش شەرتى بىلەن ۋەدە ئېلىپ بەرسە بولىدۇ . كىتاپلارنىڭ نامىنى بىلمەي تۇرۇپ ئىئانە كىتاپكەن دەپ قوبۇل قىلغىلى بولماسمىكىن. ئۇنداقىتا مىنىڭ شەخسى بىر كىتابخانەم بار ، چۇقۇم بەلەن كىتاب
كىتاپلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە كىتاپلار . بىر قىسمى بۇرۇنقى جورناللاركەن. ئەۋەتىشتىن بۇرۇن مەن ھەممىنى بىردىن كۆرۈپ لايىق ئەمەسلىرىنى تاللىۋېتىمەن .
بۇ كىتاپ ئېگىسىنىڭ ساتقىسى يوقكەن . بولمىسا ئارىسىدا ياخشى كىتاپلار ئاز بولمىسا كىرەك.
تەبئىي پەنگە مۇناسىۋەتلىكلىرىنى، قانداقلا پەن ۋە مەزمۇن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، مەن تاللىۋالاي..
مەن مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلەيمەن، مەزمۇنىغا قارىتا ئەتىراپىمدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ، يەسلى، ئۆزۈمگە ئايرىپ بەرسەم بولىدۇ.. 006.gif
كىتاپ دىگەن نەرسە قەدرىنى بىلىدىغان، 100 يىللاپ كىتاپ ساقلاش نىيىتى بار كىشىدە تۇرغىنى مۇۋاپىق. مەندە تولۇقسىزدا ئىشلەتكەن كىتاپلىرىممۇ تۇرىدۇ، ھەتتا تۇغقانلارنىڭ بالىلىرى تالاشسىمۇ بەرمىگەن، رۇخسەتسىز ئەپ قاچقانلىرىدىن باشقا. سىياسەت كىتاپتىن باشقىسىنى شاللاپ چىقىرىۋېتىدىغان ئادىتىم قەتئىي يوق.
ئىگىسى خوپ كۆرسە خوش بولاتتىم. ئادرىسىمنى ئۇچۇردا ئەۋەتتىم، رەھمەت
(ئۇيغۇر بالىغ،سىزمۇ لياۋنىڭدىما؟)
ياق مەن لىياۋنىڭدا ئەمەس ، ئاۋۇ ئىمزارىمدا چىقىدىغان ئۇچۇرغا قاراپ شۇنداق دەپ قاپسىز ھە



كۈتۈپخانا نامى « بىلكۈچ كۈتۈپخانىسى » ئىكەن .
مېنىڭچە مۇشۇ ئەڭ ياخشى نامزات بولۇشى مۇمكىن.
17- قەۋەتتىكى ozughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يېقىندا تېلىۋىزوردا مالايسىيادا ئوقۇپ كېلىپ ، بىر شەخسى كۈتۈپخانا ئاچقان قېرىندىشمىزنى « پەن- مائارىپ » پىروگىراممىسىدا تونۇشتۇرغان . ئۆزىمۇ ئىرادىلىك ، كاللىسى ئوچۇق بالا ئىكەن . بۇ كۈتۈپخانىدا سائەت بويىچە ، كۈن بويىچە ھېسابلاپ ھەق ئالىدىكەن .
كۈتۈپخانا نامى « بىلكۈچ كۈتۈپخانىسى » ئىكەن .
مېنىڭچە مۇشۇ ئەڭ ياخشى نامزات بولۇشى مۇمكىن.
بۇ بولىدىكەن.