Desire HD (يەنى G10)نىڭ ئۇيغۇرچە رومى تارقىتىلدى
بىرقانچە ھەپتە جاپالىق ئەمگەكتىن ۋە كۆپ سىناشلاردىن كېيىن Desire HD (يەنى G10)نىڭ ئۇيغۇرچە رومى ئاخىرى كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇندىن كېيىن Desire HD نى ئىشلىتىپ، ئانا تىلىمىزدىن زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ھوزۇرلىنىڭ. تۆۋەندە بۇ ئۇيغۇرچە رومدىن بىرقانچە كۆرۈنۈش.ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەردىن كۆرۈنىش
ئەسكەرتىش: چۈشۈرۈش ئادېرسىغا كىرسىڭىز ئۇ روم ھۆججىتىنى مۇنبەر ئاقچىسىغا سېتىۋېلىڭ دەپ چىقىدۇ. ئۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغانلار چۈشۈرۈش ئادېرسى دېگەن خەتنى باسمايلا قويۇڭ.
ئۇنداق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت، مۇنبەر ئاقچىسىنى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. سىزمۇ ئاشۇنداق نادىر يازمىلارنى يازسىڭىز، يازمىڭىزنى باشقىلار مۇنبەر ئاقچىسىغا سېتىۋالسا، ئاقچىڭىز مۇئەييەن سانغا يەتكەندە بىز خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىمىز.
مەنبەسى: ئالپ تورى
G11 نىڭ رومى قاچان چىقىدۇ دەپ سوئال تاشلاي دەپ كىرسەم ،چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئاقچىغا سېتىۋېلىشنىڭ گېپى چىقتىغۇ
يارايسىلەر يىگىتلەر ئەجىرىڭلارغا كۆپ رەھمەت، تىرىشچانلىقىڭلار ئۈزۈلمىسۇن!
مۇشۇ androidئۇيغۇرچىلاشقانلىق خەۋىرىنى تۇنجى ئاڭلىغاندا بەكلا خوش بولغان، بىلكاننىڭ ئۇيغۇرچە androidقاچىلىغان تاختا كومپيوتېر بازارغا سېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ خوش بولدۇم. ھازىر بىلكاننىڭ ئايدرويد ئەقلىيفوننىنى ساقلاۋاتىمەن، ئەگەر پات يېقىندا چىقىپ بولالمايدىغان ئىش بولسا، تاۋباۋدىكى «دۆڭ كۆرۈك»تىن ئۇيغۇرچە ئاندروندلىق samsungدىن بىرنى ئالىمەن. (قارىسام ئۇلارنىڭ تاۋباۋ دۇككىنىدا بىرمۇ مال سېتىلماپتۇ، بىزلەرنىڭ ئەمىلىيەتتە قوللىشىمىز مۇشىنچىلىكمىدۇ دەپ قالدىم) مەن ساقلىسام بولىدىكەندە 13 نىڭ رومىنى ئاقچىنى قانداق قاچىلايمىز؟
مەن سېتىۋالاي دىگەن
بەت:
[1]