tumaq يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 14:33:45

ئاخبارات روھى - خەلىن توماس[تەرجىمە]

ئاخبارات روھى - خەلىن توماس


2009- يىلى 4- ئاۋغۇست ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوباما ئاقسارايدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۈنجى قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىگەندە، تۇغۇلغان كۈنى ئوخشاشلا 4- ئاۋغۇست بولغان بىر ئالاھىدە ئايالغا ئېھتىرام بىلدۈردى. زوڭتۇڭ ئوباما تۇغۇلغان كۈن تورتىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، بۇ ياشانغان ئايالغا سۇنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۆيدى، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى...


بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال كىم؟




زوڭتۇڭلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئايال


خەلىن توماس كېننىدىدىن كىچىك بۇشقىچە بولغان توققۇز نۆۋەتلىك ئامېرىكا زوڭتۇڭلىرىنى سوراققا تارتقان. 40 نەچچە يىلدىن بىرى ئامېرىكىلىقلار ھەمىشە زوڭتۇڭنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىدىكى نەق مەيدان ئاڭلىتىشىدىن ئۇنىڭ ئالدىنقى رەتتە زوڭتۇڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ سوئال سورىغىنىنى كۆرۈپ كەلدى.


2000- يىلى كىچىك بۇش تەخىتكە چىققاندا، خەلىن توماس ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئاقسارايدىكى مۇخبىرلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ‹خېرسىت› چاتما گېزىتلىرىنىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى بولغانىدى. 2002- يىلىدىكى بىر پارچە ماقالىسىدە ئۇ قىلچە ئاياپ ئولتۇرماي، كىچىك بۇشنى ‹پادىشاھ زوڭتۇڭ›، ‹ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ناچار زوڭتۇڭ›، ‹يالغانچى› دەپ ئەيىبلىگەن.


گەرچە خەلىن بۇرۇنقىدەكلا زوڭتۇڭنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىغا قاتناشسىمۇ، ئەمما سوئال سورىغۇچىلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋىتىلگەن بولۇپ، تاكى 2006- يىلى 21- مارت بۇ ياشانغان مۇخبىر ئاخىرى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى تۈنجى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زوڭتۇڭدىن سوئال سوراش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.


«مېنىڭ سوئالىم شۇكى، سىز ئاقسارايغا دەسسىگەندىن بېرى، نېمىشقا شۇنچىۋالا ئۇرۇشنى خالاپ كېتىسىز؟ ھەقىقىي سەۋەبى نىمە؟ سىز نىفىت سەۋەبىدىن ئەمەس، ئىسرائىلىيە ياكى باشقىلار ئۈچۈنمۇ ئەمەس دېدىڭىز، ئۇنداق بولسا زادى نىمە ئۈچۈن؟» خەلىن ئەگىتمەي ئۇدۇللا سورىدى.


«مەن ئۇرۇشنى خالاپ كەتمىدىم، مېنى ئۇرۇشنى خالايدۇ دېسىڭىز توغرا بولمايدۇ، خەلىن» دېدى كىچىك بۇش جاۋاب بېرىپ.


«ئۇلار سىزگە ۋە بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە ھېچ ئىش قىلمىغانغۇ؟» سورىدى خەلىن ياندۇرۇپ.


«كەچۈرۈڭ، گىپىمنى تۈگىتىۋالاي، ئۇلار قىلدى! تالىبانلار ئەلقائىدىنى بىخەتەر پاناگاھ بىلەن تەمىنلىدى. ئەلقائىدە شۇ يەردە مەشىقلەندى.»


«لېكىن مېنىڭ دەۋاتقىنىم ئىراق!» خەلىن تۈزۈت قىلمايلا يەنە بىر قېتىم زوڭتۇڭنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى.


بۇ ئايال ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا زوڭتۇڭلىرىنى مانا مۇشۇنداق ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. «شۈبھىسىزكى، 40 يىلدىن بۇيان بۇ ئايال يېقىنلاشقاندا زوڭتۇڭلارنى تىترەك بېسىپ كەلدى. ئۇ پىچاقتەك ئۆتكۈر تىلغا ۋە خەنجەردەك ئىتتىك ئەقىل – پاراسەتكە ئىگە.» «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» بۇ «ئاخبارات ساھەسىدىكى بىرىنچى خانىم» نى مانا مۇشۇنداق باھالىدى.


خەلىننىڭ قارىشىچە، مۇخبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن زوڭتۇڭلاردىن سوئال سوراش ئۇنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابى «دېموكراتىيەنىڭ قارانچۇقلىرىمۇ؟» دا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق يازىدۇ: كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن ھەمىشە بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق خىزمەتكار – ئامېرىكا زوڭتۇڭىدىن سوئال سوراش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ كەلدىم. بۇ ئورۇندىن تەپ تارتىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، ئەمما بۇ ئورۇندا ئولتۇرغان ئادەمدىن ئەمەس. شۇڭا بىزنىڭ بۇرچىمىز ھەرگىزمۇ بىر رەھبەرنىڭ نەقەدەر ئابرويلۇق ئىكەنلىكىگە ئىززەت – ئىكرام بىلدۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى پات – پات فوكۇسلۇق چىراقنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە لايىق ياكى ئەمەسلىكىنى كۈزىتىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت.


يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ئاخباراتلىرىنىڭ ئىپادىسى ئۇنى ئۈمىتسىزلەندۈرگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېڭى كىتاۋىدا ئۇ ئىختىيارسىز ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەيدۇ: «ئۆتمۈشنى سېغىنىپ ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر ئەندىشە بىلەن دەۋاتىمەن. ئىشىنىمەنكى، ئاخباراتنىڭ ئالتۇن دەۋرى 20- ئەسىردۇر.»


ئۇ چاغلاردا، ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى تېلېفون بار يەرنى تېپىپ، تەھرىر بۆلۈمىگە بىر خەۋەرنى ئاغزاكى ئېيتىپ بىرىش ئۈچۈن نەچچە كوچا يول مېڭىشىغا توغرا كېلەتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئاخبارات يىغىش تېخنىكىسى كۆپ ئىلغارلىشىپ كەتتى. ئەمما خەلىننىڭ قارىشىچە، ھەر خىل ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر، سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى ۋە ئىنتېرنىتكە ئىگە بولغان بۇ دەۋىردە، ئاخبارات ساھەسىگە نىسبەتەن، «بەزى تولىمۇ مۇھىم بولغان نەرسىلەر» يوقالدى.


خەلىن توماس سۈرىيىلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، توماس ئائىلىسىدىكى توققۇز بالىنىڭ يەتتىنچىسى. ئۇ 22 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتىتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي يۈرىكى بولغان ۋاشىڭتوندىن باشقا يەرگە كەتمەسلىكنى قارار قىلغان. بىر نەۋرە ئاچىسىنى يوقلاشنى باھانە قىلىپ، ۋاشىڭتوندا تۇرۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزلىرىنىڭ تېلېۋىزوردىن ھەر نۆۋەتلىك زوڭتۇڭلارنىڭ ئۇنى يېقىن كۆرۈپ، «خەلىن» دەپ چاقىرغانلىرىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ قوغۇشۇن ھەرپلەرگە ئايلىنىپ گېزىتلەرگە بېسىلىدىغانلىقىنى خىياللىرىغا كەلتۈرمىگەنىدى.


دەسلەپتە ئۇ ۋاشىڭتوندىكى بىر يەرلىك گېزىتتە يۈگۈر – يىتىم ئىشلارنى قىلدى. گېزىتخانىدىكى تېلېماشىنكا كارت – كارت قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تېلېگرامما تېكىستلىرىنى بېسىپ چىقىرىۋاتقاندا، خەلىن جىرىڭلىغان ئاۋازنى ئاڭلىسىلا دەرھال بېرىپ ئورىگىنالنى ئېلىپ، تەھرىرنىڭ يېنىغا چاپاتتى.


كېيىنچە ئۇ خەلقئارا قوشما ئاگېنتلىقىدا ئىشلىدى. ئۇ يەردە ئۇ ئەدلىيە مىنىستىرلىكى، پوچتا ئىدارىسى، فىدىراتسىيە ئاڭلىتىش كومىتېتى قاتارلىق نۇرغۇن ئورۇنلارغا چېپىپ، ھەر كۈنى پىنسىلۋانىيە كوچىسىدا ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى كىچىكى مەلۇم جايدا 50 ئېنگلىز چىسى كېلىدىغان بىر بۆلەك تۆمۈريول رىلىسىنىڭ يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىدىن تارتىپ، چوڭى FBI نىڭ جىنايەت شايكىسىغا زەربە بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىغا چېپىپ يۈردى.


1960- يىلى كېننىدى زوڭتۇڭلۇققا سايلاندى. 40 ياشلىق خەلىن خەلقئارا قوشما ئاگېنتلىقىنىڭ ئاقساراي مۇخبىرلار پونكىتىغا يۆتكىلىپ، ئۆمۈرلۈك ئىشى – ئاقسارايدىن خەۋەر بېرىشنى باشلىدى.


ئاقساراي مۇخبىرلار ئۆمىكىدە خەلىن ھەمىشە دىگۈدەك ئەڭ بالدۇر ئىشقا چۈشكۈچى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئىشتىن چۈشكۈچى ئىدى. ئەتىگەن سائەت ئالتىدىلائاقسارايغا كېلىپ ئىشىنى باشلايتتى، بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ، ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ چىققاچ، ئاقساراي باياناتچىسىنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەندىكى «پو ئېتىش يىغىنى» نى ساقلايتتى.


نۇرغۇن قېتىم ئۇ يېرىم كېچىلەردە تەھرىر بۆلۈمىدىن كەلگەن تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن، ياتىقىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، تاكسىغا ئولتۇرۇپ، ئاقسارايغا چاپقانىدى.


نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئۇ ھەمىشە زوڭتۇڭنىڭ ئەتراپىدا چۆگىلەپ يۈردى. ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ ‹تەرجىمىھال› پروگراممىسىدىكىلەر ئۇنى ‹زوڭتۇڭنىڭ جەينىكى يېنىدىكى مۇقىم قۇرۇلما›دەپ تەرىپلىدى.


كېننىدى زوڭتۇڭ مۇنداق دېگەنىدى:‹خەلىن ئوبدان ئايال، ئەگەر ئۇ قولىدىكى قەلەم ۋە زىيارەت دەپتىرىنى تاشلىسىلا›.


‹مېنىڭ ھېسابلىشىمچە، خەلىن بۇ يەردە ئون مىڭ ئەتىگەن خىزمەت قىلىپ، نەچچە مىڭ خاتىرە دەپتەر ۋە نەچچە مىڭ ماي قەلەمنى ئىشلىتىپ تۈگىتىپ، نەچچە مىڭ ئىستاكان قەھۋەنى ئىچىپ بولدى.› كلىنتون زوڭتۇڭ 1998- يىلىدىكى ئاقساراي مۇخبىرلار ئۆمىكىنىڭ بىر قېتىملىق زىياپىتىدە سۆز قىلغاندا شۇنداق دېگەنىدى.


ئىلگىرى ئايال مۇخبىرلارنىڭ ئاقسارايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايتتى. بىر قېتىم خەلىن كېننىدىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: ‹ئەگەر بىز قاتنىشالمىساق، سىزمۇ قاتناشماسلىقىڭىز كېرەك› دېگەندىن كېيىن، كېننىدى قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداق قىلىپ، ئاقساراي ئايال مۇخبىرلىرى ئەر مۇخبىرلارنىڭ تەۋەسىگە بۆسۈپ كىردى. شۇنداقلا، بۇ تەۋەلىكتە خەلىن بىر خىل ‹ئالاھىدە ئېمتىياز›غا ئېرىشتى: ئۇ ھەمىشە «رەھمەت سىزگە، زوڭتۇڭ ئەپەندى» دېگەن بىر جۈملە سۆز بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇراتتى. خەلىن ھەر قېتىم بۇ گەپنى دەپ بولغاندا باشقا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىمۇ توختايتتى. ئۇ تۈنجى قېتىم بۇنداق ئالاھىدە ھوقۇققا ئېرىشكەن ئايال ھېسابلىنىدۇ.


كۆپ يىللاردىن بېرى، خەلىن ھەمىشە تۈنجى ياكى ئىككىنچى بولۇپ، زوڭتۇڭغا سوئال قويىدىغان ئاقساراي مۇخبىرى بولۇپ كەلدى. 1975- يىلى ئۇ ئاقساراي مۇخبىرلار ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى بولۇپ سايلىنىپ، ئاقساراي تارىخىدىكى تۈنجى ئايال ئۆمەك باشلىقى بولۇپ قالدى.


«ئاقسارايدا تۇرۇپ خەۋەر بېرىش ۋاقتىم ھەر قانداق بىر مۇخبىرنىڭكىدىن ئۇزۇن.» دەيدۇ خەلىن. ئۇ توققۇز نۆۋەتلىك ئاقساراي خوجايىنلىرىنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىغا گۇۋاھ بولدى. ئۇ خەۋەر بەرگەن ھېچبىر زوڭتۇڭ فرانكلىن روزۋېلت دەۋرىدىن باشلاپ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتقان بىر تۈرلۈك مۇراسىم – زوڭتۇڭنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمىغانىدى.


«ھەر قېتىم زوڭتۇڭنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىغا قاتناشقاندا، مەن ئەزەلدىن ئەيمىنىش ھېسسىياتىدىن خالى بولالمىدىم، چۈنكى مەن سەل تۇرۇپلا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ زوڭتۇڭىدىن سوئال سورايتتىم – مەن سىپايە بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتىم، ئەمما زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارنى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك قىلىۋەتمىسەم بولمايتتى.» دەپ يازىدۇ خەلىن ئۆزىنىڭ «ئاقساراي ئالدىنقى سېپىدە» ناملىق كىتابىدا.


ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ سوئال سورىغاندا ھەمىشە زوڭتۇڭلارنىڭ ئوخشىمىغان بەدەن ئىپادىسىنى - كارتېرنىڭ قورقۇنچىنى، رىگاننىڭ ئېڭىشىۋىلىشىنى، چوڭ بۇشنىڭ «ئوۋ، ياق، خەلىن سورىمىسۇن» دېگەنلىكىنى كۆرەتتى.


ھەر قېتىم ئالتۇن ۋاقىتتا بىۋاسىتە تارقىتىلىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىغا قاتناشقاندا، خەلىن قولىغا ئىككى قول سائىتى تاقاپ، ۋاقىتنى توپتوغرا 30 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىشقا تىرىشاتتى. ۋاقىت توشۇشىغىلا ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: «رەھمەت سىزگە، زوڭتۇڭ ئەپەندى» دەيتتى.


1974- يىلى دەل نىكسوننىڭ «سۇ دەرۋازا ۋەقەسى» سەۋەبىدىن تازا رەسۋاسى چىققان چاغ ئىدى، بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىدا، زوڭتۇڭ يىغىندىن ئاۋال ئالايىتەن خەلىننىڭ خەلقئارا قوشما ئاگېنتلىقىنىڭ ئاقسارايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىنىڭ باشلىقى بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ: «ھەقىقەتەن قالتىسكەنسىز، سىز تارىختىن بۇيان بۇنداق مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان تۈنجى ئايال» دەپ ماختىدى. خەلىن سەل خىجىل بولغاندەك تۆۋەن ئاۋازدا «رەھمەت» دەپ قويدى. ئارقىدىنلا نىكسون سوئال سورايدىغانلار تىزىملىكىدىن تۈنجى بولۇپ ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىردى. «مەن سىزگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈشنى ھەقىقەتەن ئۈمىد قىلاتتىم، ئەمما مەن ئۆتكۈر سوئال ئېلىپ كەلدىم» دىدى خەلىن ياندۇرۇپ.


خەلىننىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدا دېيىلگەن بارلىق زوڭتۇڭلارنىڭ ئىچىدە كىچىك بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتقا بولغان باشقۇرۇشى شۈبھىسىزكى ئەڭ قاتتىق ئىدى. بۇ زوڭتۇڭنىڭ ئۇ خەۋەر بەرگەن باشقا سەككىز زوڭتۇڭ بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، «كىچىك بۇش ئاخباراتنى باشقۇرۇپ، ئۈزۈل – كىسىل ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى.»


ئۇ كىچىك بۇشنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا نوتۇق سۆزلىگەندە، پىكرى ئۆزى بىلەن بىردەك بولغان كىشىلەرنىلا تاماشىبىن قىلىپ تاللاپ، كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغانلار ۋە قارشى تۇرىدىغانلارنى قېقىپ چىقىرىۋەتكەنلىكىنى تەنقىت قىلاتتى.


ئۇ كىچىك بۇشنىڭ ئاخبارات باياناتچىسىنى تەنقىت قىلىپ، «نېمە يېزىلغان بولسا شۇنىلا ئوقۇپ بېرىدىغان، شاتۇتىدەك دورايدىغان ماشىنا ئادەم. مۇخبىرلار قانداقلا سوئال سورىمىسۇن، ئۇ مەڭگۈ بىر بەت ئورىگىنالنىڭ ئىچىدىلا چۆگىلەيدۇ» دەيتتى.


ئىلگىرىكىدەك زوڭتۇڭنى قوغلاپ يۈرۈپ، سوئال ياغدۇرىدىغان ئىشلار قالمىدى


«ئاشۇ چاغلارنى سېغىنىمەن» دەيدۇ بۇ ياشانغان خانىم.


ئۇ چاغلاردا مۇخبىرلار يېقىن ئارىلىقتىن زوڭتۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، ئاقساراي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ھەقىقىي سۆھبەت ئېلىپ بارالايتتى. مۇخبىرلار جونسون زوڭتۇڭنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئاقساراي بىناسىدىكى ئائىلە تۇرمۇشى رايونىغا چۈشلۈك تاماققا بىللە كىرەلىگەنىدى. بەزىدە چارۋىچىلىق مەيدانىغا ئات مىنگىلى بىللە بارالايتتى. خەلىن پاشىلارنىڭ چېقىشىغا چىداپ تۇرۇپ، مۇخبىرلارنىڭ كارتېر زوڭتۇڭ بىلەن قورغان توپ ئوينىغىنىنى تاماشا قىلغانىدى. مۇخبىرلار يەنە ئاقساراي ھويلىسىدا كېننىدىنىڭ ئۈچ ياشلىق قىزى كارولىننى ئۈچرىتىپ، ئۇنىڭدىن «دادىڭىز قەيەردە؟»دەپ سورىغاندا، كارولىن «دادام ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئىككى پۈتىنى كېرىپ، ھاڭۋىقىپ ئولتۇرىدۇ.» دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى.


«ئۇ چاغلاردا بىز تىرىك يۈرۈۋاتقان بىر زوڭتۇڭغا مۇشۇنداق يېقىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى كۆرۈپ تۇراتتۇق.» دەپ يازىدۇ خەلىن. ئۇ ئىلگىرىكى ئاقساراي مۇخبىرلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى، ترومىن زوڭتۇڭ تاڭ نۇرىدا سەيلى قىلىۋاتقاندا، بىر توپ مۇخبىر ۋە فوتوگرافلار سايىدەك ئەگىشىۋالغان ئۇ يىللار ئەمدى كەلمەسكە كەتتى دەپ خورسىناتتى.


1984- يىلى خەلىن توماس ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىنىڭ «تۆتىنچى ھوقۇق» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە، رىگان زوڭتۇڭ تەبرىك سۆزىدە: «سىز بىر مۇنەۋۋەر، ھۆرمەتكە سازاۋەر كەسپىي زات بولۇپلا قالماي، ئامېرىكا زوڭتۇڭلىرىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ بولدىڭىز» دېگەنىدى.


1992- يىلى چوڭ بۇش بىلەن كلىنتوننىڭ زوڭتۇڭلۇق سايلام رىقابىتى مۇنازىرىسىدە، يېشى يەتمىشتىن ئاشقان خەلىن ئۈستىگە بىر پۈتۈن قىزىل كۆڭلەك كىيىپ، ھېلىقىدەك ئۆتكۈر سوئاللىرى بىلەن بۇ ئىككى نەپەر زوڭتۇڭ نامزاتىنى نۆۋەت بىلەن سوراققا تارتقانىدى.


1995- يىلى بۇ «ئاخبارات ساھەسىدىكى بىرىنچى خانىم» نىڭ 75 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زوڭتۇڭ كلىنتوننىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى ئون بەش مىنۇتلۇق يالغۇز كىشىلىك مەخسۇس زىيارەت بولغانىدى.


كلىنتون تۇغۇلغان كۈن تورتىنى ئۆز قولى بىلەن كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۆزىنى تالاي قېتىم سوراققا تارتقان بۇ ئايال مۇخبىرغا تۇغۇلغان كۈن شامىنى پۈۋلەتكۈزگەنىدى. بۇ زوڭتۇڭ يەنە خەلىننىڭ ئۈنئالغۇسىنى كۆتۈرۈۋىلىپ، ئۇنىڭغا توغرىلاپ، چاقچاق تەرىقىسىدە ئۇنى قايتۇرما زىيارەت قىلغانىدى: «توماس خانىم، شۇنچە يىللاردىن بېرى سىز شۇنچىۋالا كۆپ زوڭتۇڭلارنىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇپ، نەيرەڭۋازلىق قىلغانلىرىنى، تىلى بىلەن دىلىنىڭ بىردەك ئەمەسلىكىنى ئاڭلاپ كەلدىڭىز... سىز بۇنىڭغا قانداق چىدىدىڭىز؟»


ئاقسارايدا يەنە بىر قېتىم مۇخبىرلىق ئويۇنى ئوينىغىنى بىرىنچى خانىم پات نىكسون ئىدى. 51 ياشلىق خەلىن ئاخىرى «خىزمەتكە ياتلىق بولغان ئايال» دېگەن لەقىمىنى تاشلاپ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئاقسارايدا تۇرۇشلۇق 65 ياشلىق مۇخبىرى دوگلاس كورنېل بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەندە، پات خانىم بىرىنچى بولۇپ بۇ خەۋەرنى مۇخبىرلار ئۆمىكىگە ئېلان قىلدى. ئۇ كۈلكىدىن ئاغزىنى يۇمالماي: «مەن ئاخىرى خەلىندىن بۇرۇن مۇستەقىل ئاخبارات ئېلان قىلدىم» دىدى.


1998- يىلى ئاقساراي مۇخبىرلار ئۆمىكى خەلىن توماس ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىنى تەسىس قىلدى. خەلىن تۈنجى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بولۇپ قالدى.


ئاقساراي ئاخىرى ئۇنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولدى


2000- يىلى 5- ئايدا خەلىن كلىنتوننىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىدا ئاخىرقى قېتىم «رەھمەت سىزگە، زوڭتۇڭ ئەپەندى» دېگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا خەلقئارا قوشما ئاگېنتلىقىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئاقسارايدىكى 40 يىللىق مۇخبىرلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.


ئاشۇ يىللاردا ئۇ ھەر نۆۋەتلىك زوڭتۇڭلارنىڭ شان شەرەپلىرىنىمۇ، روھى چۈشكەن چاغلىرىنىمۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. چوڭ بۇش ئۆزىنىڭ كلىنتونغا ئۇتتۇرۇۋىتىدىغانلىقىنى سەزگەن چوڭ سايلام كۈنى، مۇخبىرلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ نەرسە – كېرەك سېتىۋالغىلى بارغانىدى. خەلىن بۇ زوڭتۇڭنىڭ «پات ئارىدا پىنسىيىگە چىقىدىغان كىشىدەك» قارماق سېپى ۋە سەھرا مۇزىكىلىرى دىسكىسىنى سېتىۋالغانلىقىنى كۆردى. كلىنتوننىڭ ئانىسى ۋاپات بولغاندا، ئۇ كلىنتوننىڭ غايەت زور قايغۇ – ھەسرىتىنى كۆردى.


1973- يىلى، نىكسوننىڭ تۆت نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىسى «سۇ دەرۋازا ۋەقەسى» سەۋەبلىك ئىستىپا بەرگەن كۈنى كەچتە، خەلىن زوڭتۇڭنى قەددى مۈكچەيگەن، يۈزلىرى تاتارغان ھالەتتە ئۇچراتتى.


ئۇ تەرجىمىھالىدا بۇ كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلەپ، بۇ تراگىدىيەلەردىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەنلىكىنى يازىدۇ. گەرچە ئۇ دائىم «مەن زوڭتۇڭلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ھىسداشلىقىمنى ئىسراپ قىلمايمەن، ئۇلار ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك» دەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا بۇ زوڭتۇڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دۆلىتى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.


بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئايال مۇخبىرنىڭ ھەر كۈنى سەھەردە ئاقسارايغا كېلىپ ئىشقا چۈشۈپ، بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچكەچ، ھېلىقىدەك ئۆتكۈر سوئاللارنى ئويلاپ ئولتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى.


ئاقساراي ئاخىرى ئۇنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولدى. بۇ خۇددى 1980- يىلى ئۇ ۋەزىپىدىن قالغان زوڭتۇڭ كارتېرنى زىيارەت قىلغىلى بارغاندىكىدەك ئىش بولدى. ئۇ چاغدا كارتېر ئالدىراپ ئۇنىڭغا يېڭى كومپيۇتېرنى كۆرسىتىپ، كومپيۇتېرنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى سىناپ بەردى. ئاندىن ئۇ خەلىننىڭ ئىسمىنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا قاراپ ھېجىيىپ: «ھازىر كۆردىڭىز، مەن ھەتتا سىزنى ئۆچۈرۈۋىتەلەيمەن.» دىگىنىچە كۇنۇپكا تاختىسىنى بېسىشقا باشلىدى. «خەلىن توماس» دېگەن خەتلەر ئېكراندىن بىر بىرلەپ يوقاپ كەتتى.


راستىنلا يوقاپ كەتتىمۇ؟


بۈگۈنگە قەدەر بۇ ياشانغان خانىم يەنىلا ھايات، ھەمدە ئاندا - ساندا بېرىپ، ئاقسارايدىكى زوڭتۇڭلارنى «قىيناپ» تۇرىدۇ.


2005- يىلىدىكى بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇ باياناتچىدىن: «سىز بىز ئافغانىستان ۋە ئىراققا كىرىشتە تەكلىپ قىلىندۇق دېدىڭىز، ئامېرىكا تارىخىغا بولغان بۇ خىل ئاجايىپ بۇرمىلاشنى تۈزىتىپ قويالامسىز؟» دەپ سورىدى، ئارقىدىن ئۇلاپلا: «بىز بۇ دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلدۇقمۇ – يوق؟» دەپ سورىدى.


باياناتچى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋىتىپ، ئالدىراپ كېيىنكى سوئالنى سورايدىغان مۇخبىرنىڭ ئىسمىنى چاقىردى. خەلىن بىردىنلا كۆڭلى بۇزۇلغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئاقسارايدىكى باشقا مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە مۇنبەردە تۇرغان ئادەمنى «بىرلىشىپ ئەيىپلەيدىغان» يىللار كەلمەسكە كەتكەنىدى. بۈگۈنكى ئاقساراي ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدىكى بۇ مۇخبىرلار ئىلگىرىكى مۇخبىرلاردەك ئەمەس ئىدى.


مەنبە:http://zqb.cyol.com/content/2006-12/06/content_1599171.htm


داۋامى بار...

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 15:58:04

بۇ خۇتۇن بىزنىڭ مەكتەپكە كەپ شۇجىدىن گەپ سۇراپ باقسۇن نوچى بولسا ، قۇلاق تۈۋىگە ۋالاقشىتىپ سېلىپ پەيچۇسوغا ئاپىرىپ بىرىمىز . باشلىق دىگەندىن قۇلاققا ياقىدىغان گەپنى سورسا ئاندىن مۇئاۋىنلىققائۈسۈدىغان گەپ .......

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2011-10-12 10:36:40

2010- يىلى 7- ئىيۇن خەلىن توماس ‹خېرسىت› چاتما گېزىتلىرىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى. بۇنىڭغا ئۇنىڭ شۇ يىلى 27- مايدىكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيلار ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرى سەۋەب بولدى. RabbiLive.com نىڭ قۇرغۇچىسى راببى داۋىد نەسەنوف ئۇ كۈنى ئاقساراي مەيدانىدا ئامېرىكىلىق يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەبرىكلەش بايرىمىغا قاتنىشىۋاتاتتى. ئۇ شىمالىي چىملىقتىكى ماشىنا يولىدا ئاقسارايدىن چىقىپ كېتىۋاتقان خەلىن توماسنى زىيارەت قىلدى:

نەسەنوف: ئىسرائىلىيە توغرىسىدا بىرەر گېپىڭىز بارمۇ؟ بۈگۈن بىز ھەممە ئادەمدىن سوراۋاتىمىز، ئىسرائىلىيە توغرىسىدا قانداق گېپىڭىز بار؟

توماس: ئۇلارغا دەپ قويۇڭ، پەلەستىندىن يوقالسۇن!

نەسەنوف: ئوھ، ئىسرائىلىيە ھەققىدە ياخشىراق گېپىڭىز يوقمۇ؟

توماس: ھاھاھا. ئۇنتۇپ قالماڭ، ئۇ يەردىكى ئادەملەر تاجاۋۇزغا ئۇچرىدى ھەم پەلەستىن شۇلارنىڭ يېرى. ئۇ يەر گېرمانىيە ئەمەس، پولشا ئەمەس.

نەسەنوف: ئۇنداقتا ئۇلار نەگە كېتىشى كېرەك؟ نېمە قىلىشى كېرەك؟

توماس: ئۇلار يۇرتلىرىغا كەتسە بولىدۇ.

نەسەنوف: نەگە كېتىدۇ؟

توماس: پولشا، گېرمانىيە...

نەسەنوف: سىز يەھۇدىيلارنى پولشا ۋە گېرمانىيەگە قايتىپ كەتسۇن دېمەكچىمۇ؟

توماس: ئامېرىكىغا ياكى باشقا ھەر قانداق يەرگە كەتسە بولىۋىرىدۇ. نېمىشقا ئەسىرلەردىن بېرى شۇ يەردە ياشىغان كىشىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش كېرەككەن؟ چۈشەندىڭىز؟

نەسەنوف: ئۇ يەرنىڭ تارىخىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

توماس: بەكلا پىششىق، تېگىم ئەرەب تۇرسا.

نەسەنوف: چۈشەندىم، ئەرەبچە سۆزلىيەلەمسىز؟

توماس: يوقنىڭ ئورنىدا. بىز ئاتا – ئانىلىرىمىزنى ئامېرىكانلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەكلا ئالدىراش ئىدۇق... ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي.

27- مايدىكى زىيارەتنىڭ بۇ بىر مىنۇتلۇق ئۈزۈندىسى 3- ئىيۇن كۈنى نەسەنوفنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا زوڭتۇڭىدىن تارتىپ، ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىدىكى نۇرغۇن شەخسلەر كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.

داۋامى بار...

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-28 20:11:17

ھەي ھورۇن تۇماق ..... مانىڭ داۋامى قىنى.....

{:92:}

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2012-1-28 20:17:58

سىلى بى چىقىرىۋىتىڭلا ئاخىرىنى رادىيو ئاڭلىغاچ.{:92:}

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-28 20:21:38

رادىيو ئوڭلىغاچ ئۇنىڭ ئاخىرىنى چىقارغىلى بولمايدۇ ، ...

شۇنداقتىمۇ ئەسلى ئادرىسىنى دەپ بەرسەڭلار...ئوزەم بېرىپ ئوقۇۋالاي ....

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2012-1-28 20:29:41

ئىشى ئاز، مائاشى يۇقىرى يەدە كۆنۈپ قالدىڭلىدە. سىلىگە ئازراق يۈك ئارتمىساق بولمىدى.



مەنبەسى مانا: http://en.wikipedia.org/wiki/Helen_Thomas

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-23 17:26:14

خەلىن توماس (Helen Thomas) ۋاپات بولدى .

2013 يىلى 7-ئاينىڭ 20 كۇنى 92 يىشىدا ئامرىكا ۋاشىنگىتۇندىكى ئويىدە ئالەمدىن ئۆتتى .

windboy يوللانغان ۋاقتى 2013-7-23 19:07:13

7-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈگەپ كەتتى بۇ رەھمەتلىك ئايال.....

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 13:52:00

رىۋايەتكەنغۇ بۇ ئايالنىڭ ھاياتى .

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 14:10:02

توۋا...

يەھۇدىيلار توغرىلىق قاپيۈرەكلىك بىلەن سۆز قىلغان مەزگىللەردە شىنجاڭ تېلىۋېزىيىسىنىڭ دۇنيا ھەپتىلىكىدە پۈتۈن ئىش پائالىيەتلىرىنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇپ كەتكەنتى. نەچچە كۈن بۇرۇن مۇشۇ خوتۇن ئېسىمگە كەپقاپتىكەن بارمىدۇ دەپ. مانا ئۆلۈپ كېتىپتۇ...
بەت: [1]
: ئاخبارات روھى - خەلىن توماس[تەرجىمە]