kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 11:33:49

ھايات بىزگە نېمە دەيدۇ


ھايات بىزگە نېمە دەيدۇ



ۋەلى كەرىم كۆكئالپ




قىممەتلىك ھايات



ئىنسان ئۈچۈن ھايات ھەممىدىن قىممەتلىك، بۇ ھەرقانداق ئادەم بىلىدىغان ھەقىقەت. ھايات ئىنسانغا شۇنىڭ ئۈچۈن قىممەتلىككى، ئۇ ئىنسانغا بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدۇ، ئىنسان ئەنە شۇ بىر قېتىم نېسىپ بولىدىغان ھاياتنى ئەڭ گۈزەل مەنىلەرگە تولدۇرۇپ، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بەخت قوينىدا ئەللەيلىنىش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى تۈپ مەقسىتى ياشاش، شۇنىڭ ئۈچۈن ھايات ئىنسان ئۈچۈن شۇنچىلىك قىممەتلىك. ئىنسان بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكلىرىدىن، ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىدىن لەززەتلىنىش، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش، بەخت-سائادەتۆە چۆمۈلۈش ئۈچۈن ساغلام ۋە خۇشال ھالدا ياشاشقا ئىنتىلىدۇ.


ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاش مەقسىتىمۇ ياشاش، ياشاش ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈندۇر. ھەي بالام، ھاياتنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەتراپىڭغا باق، كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قارا، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قانداق ئۆتۆۈزۈۋاتقانلىقىنى چۈشەن. بەزىلەر باي-باياشاتچىلىقتا ئۆتسە، بەزىلەر نامراتلىقتا ئۆتىدۇ؛ بەزىلەر بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرسە، يەنە بەزىلەر ئازاب-ئوقۇبەت، ۋەيرانچىلىقتا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؛ بەزىلەر ئادەم ھەيران قالغۇدەك مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، ئىنسانلارغا ئۆچمەس مەنىۋى مىراسقالدۇرۇپ كەتسە، يەنە بەزىلەر ئۈن-تىنسىز، كۈن ئۆتسىلا غەنىمەت دەپ ھايات كەچۈرىدۇ؛ بەزىلەر ھاياتنى يەپ-ئىچىش، ھۇزۇر-ھالاۋەت كۆرۈش دەپ چۈشەنسە، بەزىلەر ھاياتىنىڭ ھەر بىر مىنۇتىنى قەدىرلەپ، ئىنسانىيەتۆە بەخت يارىتىش يولىدا كېچە-كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ... قىسقىسى، كىشىلەرنىڭ ھاياتى ئەنە شۇنداق خىلمۇ-خىللىققا تولغان، كىمنىڭ قانداق ياشىشى ئۆزىنىڭ قولىدا بولغاچقا، بەزىلەر تەييارتاپلىق بىلەن كۈن ئۆتۆۈزسە، يەنە بەزىلەر ئىنسانىي ئەخلاق-پەزىلەتنى ئۆزىگە يار قىلىپ، غۇرۇرىنى ساقلاپ، ۋىجدان بىلەن ياشايدۇ. خەلقىمىز ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرىلا «ئۆمۈر ئاتقان ئوق» دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان. يەنە ئۆمۈرنى ئاققان دەرياغا، ئاتقان ئوققا ئوخشىتىپ، ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەجدادلىرىمىز ئۆمۈرنى قەدىرلەش بىلەن بىللە، ئۇلۇغلۇق، ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆمۈر سۈرۈپ، ۋەتەن ۋە خەلققە پايدىلىق ئىش بىلەن مەشغۇل بولغان، ئەۋلادلارنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قەدىرلىك ئۆتۆەن ھايات دەپ تونۇغان. باتۇر، قەيسەر، مەردۇ-مەردانە بولۇشتىن سىرت، يەنە ئىلمۇ-ئېرپان بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئىلىم ئارقىلىق روناق تېپىشنى، ئەل-يۇرتقا نۇر ۋە يورۇقلۇق چېچىشنى تەشەببۇس قىلغان. بىز مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى، ئىدىقۇت خانلىقىغا بارلىققا كەلگەن قىممەتلىك ئەسەرلەر ۋە «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركى تىللار دىۋانى» دېگەندەك تەۋەررۈك ئەسەرلەردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئۇلۇغ تەشەببۇسىنى كۆرەلەيمىز.


ئادەمنىڭ ئۆمرى ناھايىتى چەكلىك بولىدۇ. ھازىر رايونىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 70~75 ياش ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئۆمۈر ۋاقىتنى قەدىرلەپ، بىرەر ئىش قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بىر ئادەمگە نىسبەتەن ناھايىتى قىسقا، ئەمما كۈن ئۆتۆۈزۈشنىڭلا كويىدا يۈرىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن تولىمۇ ئۇزۇندۇر. ئادەم ئادەتتە 25 يىلدا جىسمانىي جەھەتتىن تولۇق يېتىلىپ بولىدۇ، لېكىن ئەقىل جەھەتتىن تېخى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ. بۇ چاغقىچە ئوقۇش، ئۆگىنىشنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، مانا مۇشۇ ياشلىق دەۋر ئادەمنىڭ كېيىنكى ئۆمرىگە تەسىر يەتۆۈزىدىغان، مۇستەھكەم غايە ۋە ئېتىقاد بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتلىق نىشانىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق دەۋردۇر. ھالبۇكى، كۆپلىگەن ياشلار قېنى قىزىقلىق ۋە ئويۇن-تاماشىغا بېرىلىش سەۋەبىدىن ياشلىقنى تۇيمايلا ئۆتۆۈزۈۋېتىدۇ-دە، كېيىن پۇشايمان قىلىدۇ، بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم بالاغەت ۋاقتىدىن باشلاپ ئىلىم ۋە ھۈنەر ئۆگىنىشكە، ئەخلاق جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىشكە ئىخلاس قىلىپ، ياشلىقىدا كېيىنكى ئۆمۈرلۈك ئىشلىرى ئۈچۈن ئاساس سېلىۋېلىشى لازىم. بۇ چاغدا ھاياتىنى قەدىرلەپ، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆمرى كېيىنكى كۈنلەردە ئەھمىيەتلىك، بەختلىك ۋە مەنىلىك ئۆتىدۇ. بىر ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە، بىر تۈركۈم ئالىملار ھەمكارلىشىپ، ئىختىيار قىلغان 9000 كىشىنىڭ تۇرمۇش پائالىيىتىنى رەقەملەشتۈرۈپ چىققان. بۇ تەتقىقات تۈرىدە تىلغا ئېلىنغان 70 ياشلىق بىر كىشىنىڭ ئۆمرى ئۇخلاشقا 24 يىل، ئۆگىنىشكە 13 يىل، توي ۋە نەزىر-چىراغقا بەش يىل، ئويۇن-تاماشىغا ئالتە يىل، تاماقلىنىشقا ئۈچ يىل، ھاجەت قىلىشقا ئۈچ يىل، پاراڭلىشىشقا ئۈچ يىل، يۇيۇنۇشقا 2.5 يىلدىن تەقسىملىنىدىكەن. مۇشۇ نەتىجە بويىچە ھېسابلىغاندا، ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئادەمدەك ياشىشى ئۈچۈن ئاران 9~10 يىللا ۋاقىت قالىدىكەن. بۇ ۋاقىتمۇ تېخى ئوقۇيمەن، ئىشلەيمەن، بىرەر نەتىجە يارىتىمەن دېگەن كىشىنىڭ ھاياتى ئىكەن. بۇ ھېسابات بويىچە بولغاندا، ئادەمنىڭ ھاياتى ھەقىقەتەن قىسقا، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قىسقا ھاياتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك.


ھاياتنىڭ قىممىتىنى تونۇغان ئادەمگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى قەيەردە تولۇق جارىي قىلدۇرالىسا، شۇ ئىشتىن ئۈنۈم يارىتىشقا بەل باغلاش كېرەك. قارۇغۇلارچە ئوقۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىقلا كۆپ تۆھپە قوشقىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە «كىتاب خالتىسى»غا بولۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالىدىغان، تۇرمۇشنى چۈشەنمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىش تولىمۇ خەتەرلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمدە ئېنىق نىشان ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۆگىنىش روھى بولۇشى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا ھەم تىرىشىپ ئۆگىنىپ بىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققىلى، ھەم بىرەر كەسىپتە نەتىجە قازىنىپ خەلققە مەنپەئەت يەتۆۈزگىلى، ئۆزىگە خاس قىممەت ياراتقىلى بولىدۇ.


بۇنىڭدىن ئوتتۇز يىل ئىلگىرى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتۆۈزگەن ئىككى ياش تەڭلا ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى. بۇلارنىڭ بىرى شۇ چاغدا يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان كومپيۇتېر كەسپىدە ئاخىرغىچە ئوقۇپ دوكتۇرلۇققا ئېرىشىشنى نىشان قىلدى؛ يەنە بىرى بولسا ئالىي مەكتەپنى ئوقۇغاندىن كۆرە، بالدۇرراق كومپيۇتېر كەسپى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، تېخىمۇ يېڭى تېخنىكىلارنى ئېچىپ، ئىنسانىيەتۆە بەخت يارىتىىشنى نىشان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىلا ئوقۇشتىن توختاپ كىچىك كۆلەمدە كومپيۇتېر تەتقىقات ئورنى قۇردى ۋە بىرنەچچە بۇرادىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ جاپالىق تەتقىقاتنى باشلىۋەتتى ۋە بىر-ئىككى يىلغا قالمايلا مىكرو تىپلىق يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۇنياغا داڭلىق بولغان كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ شىركەت يېڭى تېخنىكىنى ئاچقانلىقى، تەتقىقات نەتىجىلىرى دەۋر قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلدى ۋە شىركەت خوجايىنىنى دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ بايغا ئايلاندۇردى. مانا بۇ كىشى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنىڭ كەشپىياتچىسى، دۇنياغا داڭلىق «مىكروسوفت» شىركىتىنىڭ خوجايىنى بىل گايتىس ئىدى.


بىل گايتىس كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى تەتقىقاتى جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، دۇنياغا داڭلىق شىركەت قۇرغان ۋە كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، باشقا تىل-يېزىقتىكى ئەللەرگە ماس كېلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ھېلىقى ساۋاقدىشى ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئەمدى دوكتۇرلۇقنى پۈتۆۈزۈپ، ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان خىزمەت ئورنىنىڭ دەل مىكروسوفت شىركىتى ئىكەنلىكىنى بايقىدى ۋە بۇ شىركەتۆە كېلىپ خىزمەتۆە چۈشتى...


دېمەك، پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، تىرىشقانلارغا، ئەجىر سىڭدۈرگۈچىلەرگە، بولۇپمۇ يېڭى يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ. بىل گايتىس ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىدىن ۋاز كېچىپ كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانمىغان بولسا، بەلكىم ئالىي مەكتەپنى پۈتۆۈزۈپ بىرەر ئورۇندا خىزمەت قىلغان ۋە ئۆمرىنى شۇ خىزمەت بىلەن ئۆتۆۈزگەن بولاتتى. ئەمما مەن بۇنى سۆزلەش ئارقىلىق ئالىي مەكتەپتە، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنىڭ پايدىسى يوق دېمەكچى ئەمەسمەن، پەقەت تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ بىلەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتقاندىلا، ئويلاپ باقمىغان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.



ھاياتنىڭ قىممىتىنى تونۇش



بەزى بالىلارنىڭ چوڭ بولغۇچە ئەقلىنى تاپماي، ھاياتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈشىگە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ئۇلارغا ھاياتنىڭ قىممىتىنى تونۇتمىغانلىقى سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. بالا كىچىكىدە ھاياتنىڭ قىممىتىنى بىلمىسە، كۈن ئۆتسىلا غەنىمەت دەپ تەييارتاپلىق، ھورۇنلۇق، ئاقنانچىلىق بىلەن ياشىسا، ئىلىم-ھۈنەر ئۆگىنىشكە بېرىلمىسە، چوڭ بولغاندا ھەر جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ھاياتنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلىرىغا يولۇققاندا بەرداشلىق بېرەلمەي، تېزلا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تۈگىشىپ كېتىدۇ. خەلقىمىز ئارىسىدا ئىلىمسىز، ھۈنسىزلەرنى جېنى يوق دەپ ھېسابلايدىغان قاراشمۇ ئەنە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.


نۇرغۇن كىشىلەر ياشلىق چېغىدا ئىلىمگە، توغرا يولغا يېتەكلىسىمۇ، قېنى قىزىقلىق قىلىپ ئەەرى يولغا مېڭىشقا، ھاياتىنى يەپ-ئىىش، ھۇزۇر-ھالاۋەت سۈرۈشكە سەرپ قىلىدۇ، قېرىغىنىدا بولسا، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىدۇ. نېمىشقا ئادەم ياشلىق چېغىدا ياىشى ئىشلارغا ئەمەس، يامان ئىشلارغا كۆپرەك مايىل بولۇپ كېتىدۇ؟ ئەمدى بۇ ھەقتە بىر ھېكمەت ئاڭلاڭ.


ئىسكەندەر ئۇستازى ئارىستوتېلدىن:


− ئادەم قېرىغاندا پۇت-قولىدىن ماغدۇر، جىسمىدىن ھۇزۇر كېتىدۇ. ئەقىل-پاراسەتمۇ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ياشلىقتا كىشىنىڭ تەبىئىتى ياىشى ئىشلارغا مايىل بولمايدۇ؟ − دەپ سوئال سورىدى. ئارىستوتېل بۇ سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:


− ئادەم كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭدا ئەقىل ئاز، تەبىئىتى بىلىم ۋە پاراسەتلەردىن يىراقراق بولىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۇلارنىڭ ھەمىشە سەۋەنلىك ۋە خاتالىق سادىر قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئەقىل-ئىدراكنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن داۋاملىق نەپىسنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قېلىپ، ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلىپ كېتىدۇ. ئادەم بالىلىق دەۋرىدىن ئۆتۈپ ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا ئۇنىڭ دىلىنى ئەقىل-پاراسەت نۇرلىرى يورۇتىدۇ. بۇ مەزگىلدىكىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىككى خىل كۈچ بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى ئەقىل، يەنە بىرى نەپستۇر. ئەگەر ئۇنىڭ ئەقلى كۈچلۈك بولۇپ، ياخشى ئىشلارغا كۆڭلىنى بەرسە، ئۇنداق كىشى پۈتۆۈل ئالەم خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئايلىنىدۇ. خالايىق ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ نەپسى ئەقلىدىن كۈچلۈك بولۇپ قالسا، ئۇ تەبىئىي ھالدا نەپسنىڭ كەينىەە كىرىپ كېتىدۇ. نەپسى ئۇنى ھەرقانداق ھاۋايى-ھەۋەسۆە، يامان-چاكىنا ئىشلارغا بۇيرۇسىمۇ رەت قىلىشقا ئىلاجىسىز قالىدۇ، ئۇنى شۇ ھامان ئورۇندايدۇ. نەپسنىڭ خاھىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا خاتا ۋە گۇناھلىق ئىشلارغا مايىلدۇر. ھەر كىم ئۆزىنىڭ روھىيىتىنى پاك ۋە تازا تۇتسا، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ەئەقىل شامى يورۇتۇپ، مۇنەۋۋەر قىلىدۇ. ئەقىللىق، بىلىملىك كىشىلەر ئۆزىنىڭ ياشلىق دەۋرىنى بىھۇدە ئۆتۆۈزمەيدۇ، قېرىغاندىمۇ بارغانسېرى پاك ۋە دانىشمەن بولىدۇ. ھەرقانداق ئىشنىڭ بېشى ياشلىق دەۋرىدىن باشلىنىدۇ. كىشى ياشلىقتا قانداق ئىشقا مايىل بولسا، قېرىغاندىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى شۇ ياققا تارتىدۇ. ياشلىقتا قانداق ئىشقا كۆڭۈل بەرسە، قېرىغان چاغدىمۇ ئۇنىڭدا شۇنداق ئىش نامايان بولىدۇ.


يەپ-ئىچىشنى، قورساق تويغۇزۇشنى، نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشنى ھايۋانلارنىڭ تەبىئىتى دېيىش خاتا ئەمەس. قورساق بېقىش ئۈچۈن ياشاش، تائام يېيىشنى بىردىنبىر ياشاش مەقسىتى قىلىۋېلىش ھەقىقەتەن ئىنسانىيلىق خىسلىتى ئەمەس. ئادەم ياشىغانىكەن، ئۇلۇغ ئارزۇ-ئىستەكلەر بىلەن ياشىشى، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ئۆزىنىڭ ھاياتىي قەدىر-قىممىتىنى يارىتىشى كېرەك. ھازىر قاراپ باقىدىغان بولساق، قىممەتلىك ياشلىقىنى قەدىرلىمەي بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلار، نام-نىشانسىز ياشاۋاتقانلار، ھاياتىنى دوغا تىكىپ، ئۇنى زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە، ھاراق-شاراپقا تېگىشىۋاتقانلار ئاز ئەمەس. بىكار تەلەپلىك قانچە كۆپەيگەنسېرى، شۇ خەلقنىڭ تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە توسالغۇ بولىدۇ، جەمئىيەتنىڭ تىنچ-ئاسايىشلىقى بۇزۇلىدۇ، جەمئىيەت تەرتىپى قالايماقانلىشىدۇ. توغرا، تەربىيىلىنىش شارائىتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ھازىرقى ياشلار ئىچىدە ھاياتنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىدىغانلار ناھايىتى ئازلاپ كەتتى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە مانا مۇشۇنداق پاجىئەلىك ئەھۋاللار كېلىپ چىقتى. بۇنداق ئەھۋاللارنى پەقەت ھاياتنىڭ قىممىتىنى تونۇش ۋە ئۇنى قەدىرلەش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىقلا يوق قىلغىلى بولىدۇ.



ھاياتنى قەدىرلەش ئەڭ مۇھىم



بىلىش كېرەككى، رېئال تۇرمۇشتا سىز ئۆزۈڭىزدىكى بەزى ئالاھىدىلىك ۋە بايلىقلارنى ھېس قىلالماسلىقىڭىز، بەزى نەرسىلەرنى ئاددىي كۆزۈڭىز بىلەن كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە سىزدە نۇرغۇن تەبىئىي ئىقتىدار ۋە بايلىق كۆمۈلۈپ يېتىپتۇ، پەقەتلا سىز ئۇنى ھېس قىلالمىسىڭىز، قازمىسىڭىز، ئۇ شۇ پېتى كۆمۈلۈپ قالىدۇ. ئەكسىچە ئۇنى جارىي قىلدۇرسىڭىز، نۇرغۇن ئىشلارنى بېجىرەلىشىڭىز، ھاياتىڭىزنى مەنىلەرگە تولدۇرۇپ، ئۆزۈڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل ئستىقبال يارىتالىشىڭىز مۇمكىن.


ئامېرىكىنىڭ مەلۇم بىر بازىرىدا ياشايدىغان بىر بوۋاينى مەلۇم بىر گېزىتنىڭ مۇخبىرى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ بوۋاي ئۆزىنى:«مەن بۇ بازاردىكى ئەڭ باي ئادەم» دەپ ئاتىغان. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، باج ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى گۇمان بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە يوپۇرۇلۇپ كەلگەن ھەمدە بوۋايدىن:


− ئەپەندىم، ئاڭلىشىمىزچە، سىز بۇ بازاردىكى ئەڭ باي ئادەم ئىكەنسىز، شۇنداقمۇ؟ − دەپ سوراپتۇ.


− مېنىڭچە شۇنداق، − دەپتۇ بوۋاي.


باج خادىمى ئۇنىڭ گېپىنى خاتىرىلىگەچ:


− ئۇنداقتا، سىزنىڭ قانچىلىك بايلىقىڭىز بارلىقىنى ئاڭلاپ باقساق بولامدۇ؟ − دەپتۇ.


− ئەلۋەتتە، − دەپتۇ بوۋاي، − مېنىڭ ئەڭ زور بايلىقىم مېنىڭ سالامەتلىكىم، چۈنكى مەن توقسان ياشقا كىرىپ قالغان بولساممۇ، ھازىر ئۆزۈم ماڭالايمەن، ھەرقانداق ھاجىتىمدىن ئۆزۈم چىقالايمەن.


− ئۇنداقتا، − دەپتۇ باج خادىمى بېشىنى لىڭشتقاچ، − سىزنىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ بايلىقىڭىز بارمۇ؟


− بار، مېنىڭ يەنە كۆيۈمچان خوتۇنۇم بار، − دەپتۇ بوۋاي يەنە پەخىرلىنىپ، − مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاتمىش نەچچە يىلدىن بېرى بىرگە ياشاپ كەلدىم، ئۇ ماڭا نۇرغۇن بالا تۇغۇپ بەردى، ھازىر نەۋرىلىرىم بىلەن ناھايىتى بەختلىك ياشىماقتىمەن.


− يەنە بارمۇ؟ − دەپتۇ باج خادىمى تاقەتسىزلىنىپ.


− مېنىڭ يەنە يېقىن سەبداشلىرىم، ئادىل ۋە ھەققانىي كىشىلىك ھوقۇقۇم بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قىممەتلىك بايلىقىم...


باج خادىمى تېخىمۇ تاقەتسىزلىنىپ:


− بىزنىڭ بىلمەكچى بولغنىمىز، سىزنىڭ بانكىدا زادى قانچىلىك پۇلىڭىز، قانچىلىك پاي چېكىڭىز بار؟ − دەپتۇ.


− مېنىڭ بۇنداق نەرسەم يوق، − دەپتۇ بوۋاي سەمىمىيلىك بىلەن، − مەن قەسەم قىلىپ بېرەي، مېنىڭ بايا ئېيتقان بايلىقلىرىمدىن باشقا، ھېچقانداق بايلىقىم يوق.


باج خادىمى شۇ چاغدىلا بوۋاينىڭ قايسى بايلىقنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى بىلىپ يېتىپ، ھۆرمەت بىلەن مۇنداق دەپتۇ:


− ھەقىقەتەن، سىز بۇ بازاردىكى ئەڭ باي ئادەم ئىكەنسىز. چۈنكى، سىزنىڭ بۇ بايلىقىڭىزنى ھېچكىم ئېلىپ كېتەلمەيدۇ، ھەتتا ھۆكۈمەتمۇ بايلىق بېجى ئالالمايدۇ.


نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بانكىدا يېتەرلىك پۇلى يوقلۇقى، ئۆيىنىڭ ئۆزى ئويلىغاندىكىدەك چوڭ، ئازادە ئەمەسلىكى، ماشىنىسىنىڭ يوقلۇقىدىن ئاغرىنىپ ياشايدۇ، ھەتتا ھەسەت، كۆرەلمەسلىك، ئاچكۆزلۈك، تەمەگەرلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇقىدۇ، شۇنداقلا ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق ئادەمدە ئۆزى ھېس قىلالمايدىغان بايلىق يوشۇرۇنغان بولىدۇ، ھاياتتا بۇ بايلىقنى قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن بەھىرلىنىشنى بىلىشمۇ، ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزگە بېرىلگەن بايلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسىڭىزلا، ھەقىقىي بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلەلەيسىز.



ياشاشنىڭ ئۆزى بەخت



ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ھايات، ئۇنىڭدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچكىلى بولمايدۇ. ياشاشنىڭ ئۆزى بىر بەخت، مەيلى شادلىنايلى ياكى ھەسرەت چېكەيلى، ئۇنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. تۇرمۇشتا ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەمما بۇنداق ئىشلار بەش ئەزاسى ساق ئادەملەردە كۆرۈلمەيدۇ. ئاكتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيىسى ھاياتلىقتىكى قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان روھتىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي.


خ×× ئەپەندى داڭقى يىراق يېقىنغا پۇر كەتكەن كەسپىي يازغۇچى بولۇپ، ئوقۇرمەنلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى. ھالبۇكى، ئۇ ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولغانلىقتىن، پات يېقىندا بۇ ھايات بىلەن خۇشلىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ كۈندىن كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ كەتۆەنىدى. دوستلىرىنىڭ نەسىھەتلىرى كار قىلمايتتى، دوختۇرنىڭ داۋالىشىغىمۇ ماسلاشماي كەلگەنىدى.


ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئۇ كەچكى شەپەققە چۆمۈلگەن دوختۇرخانا باغچىسىنى ئارىلاۋېتىپ، تۇيۇقسىزلا غىجەكتىن ياڭرىغان مۇڭلۇق مۇزىكىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. دىققەت قىلسا، بىر ئەما بوۋاي غىجەك چالغىنىچە باغچىدىن كېسىپ ئۆتۈۋاتقانىكەن. ئەجەپلىنەرلىك يېرى شۇكى، بۇ ئەما كىشىنىڭ بوينىغا بىر ئەينەك ئېسىقلىق ئىكەن. خ×× ئەپەندى بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران قېلىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن:


− ئۇستام، بۇ ئەينەكنى نېمىگە ئېسىۋالدىڭىز؟ − دەپ سوراپتۇ. ئەما سازەندە سالماقلىق بىلەن:


− مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۆجىزە يۈز بېرىشىنى، بۇ ئەينەكتىن ئۆزۈمنىڭ يۈزىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن، شۇڭا ئۇنى ئېسىپ يۈرىمەن... مېنىڭ ئىككى گۆھىرىم بار، بىرى مۇشۇ غىجىكىم، يەنە بىرى، مۇشۇ ئەينىكىم... − دەيدۇ.


خ×× ئەپەندىنىڭ قەلبى دولقۇنلىنىدۇ: مۇشۇ ئەما چېغىدا ھاياتنى شۇنچىلىك سۆيىدىكەنۇ، ئەمما مەن شۇنچە ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇقلۇق...


ئۇ ئۆزىگە ئۆزى يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۈمىد قوينىدا ياشاپ، دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ داۋالىنىپتۇ. كېسىلى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، خ×× ئەپەندى داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىپتۇ ۋە چەكلىك ئۆمرىدە قىلىشنى پىلانلىغان ئىشلىرىنى بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئۇ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەما سازەندىنى ئۇچراتقان كۈندىن باشلاپ، مېنىڭ ھاياتىمدا ئىككى گۆھىرىم بارلىقىنى ھېس قىلدىم، ئۇلار مەندە كېيىن شەكىللەنگەن كۈچلۈك ئىشەنچ-ئىرادە ۋە ئاكتىپ روھىي ھالەتتىن ئىبارەت.»



ھاياتنى قىزغىن سۆيۈش كېرەك



ھەقىقىي خۇشاللىق قەلبنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئېتىلىپ چىققان ھوزۇردىن ئىبارەت. مۇنداقچە ئېيتقاندا ھاياتقا بولغان قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. سىرتقى ياكى ئىچكى مۇھىتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، خۇشال كەيپىياتنىڭ شاخلىنىنشىدۇر. ئەمداى بۇلارنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.


ھاياتنى قىزغىن سۆيۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنى سۆيۈش كېرەك. ئادەم ئۆزىنى قىزغىن سۆيگەندىلا، ئىلگىرى كەمچىلىك ياكى ئاجىزلىق دەپ بىلگەن نەرسىلەر ئارتۇقچىلىق ۋە ئالاھىدىلىك بولۇپ كۆزگە تاشلىنىدۇ. مۇھىمى ئادەم ئۆزىنى قىزغىن سۆيۈپ، ھەرقانداق ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇپ ياشىشى، ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىنى سۈپۈرۈپ تاشلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا روھىي ئازادىلىككە ئېرىشىپ، ئۈمىد بىلەن ياشىغىلى بولىدۇ. ئەمدى بۇ ھەقتە بىر ھېكايەت ئاڭلاڭ!


ئىلگىرى چىرايلىق بىر قىز ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ئوقۇش تارىخى يامان ئەمەس بولۇپ، خېلىلا يۈرۈشۈپ قالغان ئېلان تىجارىتى، ئۇنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان يىگىتىمۇ بار ئىكەن. لېكىن بۇ قىزنىڭ ئېغىزىنىڭ سول تەرىپىدە ئىككى تال ئوغرى چىشى بولۇپ، بۇنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدىكەن. شۇڭا ئۇ سۆزلىگەندە ئاغزىنى ئوڭغا قىيسايتىپ سۆزلەيدىكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئېغىزى مايماق بولۇپ قاپتۇ.


يىگىتنىڭ ئاپىسى بۇ قىزدىن رازى بولماپتۇ، ئۇ: «بۇ قانداق بولغىنى، ئاغزى مايماق كېلىن بوسۇغىمىزدىن ئاتلىسا قانداق بولىدۇ؟» دەپتۇ. بۇ سۆز بۇ بىر جۈپ ياشقا بەكمۇ ئېغىر كەپتۇ.


بىر كۈنى بىر خېرىدار كەپتۇ. ئۇلار سودا توغرىلۇق بىر ھازا سۆزلەشكەندىن كېيىن، بۇ خېرىدار تۇيۇقسىز:


− ئاغزىڭىز نېمىشقا مايماق بولۇپ قالغان؟ − دەپتۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.


ئۇدۇللا ئېيتىلغان بۇ سۆزدىن ئۇلار بەكمۇ ئوڭايسىزلىنىپتۇ، شۇنداقتىمۇ دەردىنى بۇ كىشىگە تۆكىۋېتىپتۇ. بۇ ئادەم قىزغا:


− ئوغرى چىش بولسىلا سەت كۆرۈنمەيدۇ. ياپونىيىنىڭ نۇرغۇن چولپانلىرى ئوغرى چىشى سەۋەبىدىن باي بولۇپ كەتۆەن. چىش ئەگرى بولىدۇ، ئەمما ئېغىزنىڭ ئەگرى بولۇشى ناتايىن. ھەر كۈنى سەھەردە ئەينەككە قارىغىنىڭىزدا كۈلۈمسىرەپ بېرىڭ. كۈلۈپ تۇرۇپ ئېغىزىڭىزنى تۈزلەڭ، ئوغرى چىشىڭىز كۆرۈنۈپ قالسىمۇ ھىچقىسى يوق. سىز ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرمىسىڭىز، باشقىلار سىزنى قانداقمۇ ياخشى كۆرسۇن؟ − دەپتۇ.


شۇ قېتىم ئۇ سودا قىلماپتۇ. بىراق ئىنتايىن قىممەتلىك رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشىپتۇ. نەچچە ئايدىن كېيىن بۇ كىشى بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ توي باغىقىنى تاپشۇرۇۋاپتۇ. باغاقنىڭ ئۈستىگە شۇنداق يېزىلغان ئىكەن: «بۇرۇن ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش كېرەك دەپ ئاڭلىغانىدۇق، مانا بۈگۈن بۇنى ئۆگىنىۋالدۇق.»


دېمەك، بەش قول ئوخشاش كەلمىگەندەك، ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشىدە ئاز-تولا ئوخشىماسلىقلار بولىدۇ. ئەمما بۇنى روھىي يۈك قىلىپ يۈكلىۋېلىشقا بولمايدۇ. شۇندىلا ھاياتنىڭ خۇشاللىقلىرىدىن بەھىرلەنگىلى بولىدۇ.


ھاياتنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئىككىنچى قەدىمى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلىش ۋە ئۆگىنىش. خەلقىمىزدە «بىكار تۇرغۇچە بىكار ئىشلە» دەيدىغان ھېكمەت بار. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، قولۇڭغا ھەق كەلمىگەن ئەھۋالدىمۇ ئىشلەش، خىزمەت قىلىشتىن توختاپ قالما، ئەگەر توختاپ قالساڭ زەئىپلىشىپ كېتىسەن، سېنى نەس باسىدۇ، دېمەكچى. شۇنى ئېنىق ئېسىڭدە تۇتۇۋالغىنكى، ھىچقانداق ئىش قىلمايدىغان ئادەم ئۆزىگە قانداق قاراشنىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ خۇشال بولۇشىمۇ تەسكە توختايدۇ. ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلىش ئارقىلىق زېرىكىش ۋە بۇرۇقتۇرمىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ. ئۇلۇغ كەشپىياتچى ئېدىسونمۇ بىر خىزمەت شەيداسى بولۇپ، 10 نەچچە يېشدىن تارتىپ تاكى قېرىپ كەتۆۈچە ھەر كۈنى 16 سائەتتىن خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭدىنبىرى: «مۇشۇنداق خىزمەت قىلىپ چارچىمامسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «مەن خىزمەت قىلمىدىم، بىر ئۆمۈر ھوزۇرلاندىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. پۈتۈن ۋوجۇدى بىلەن خىزمەت قىلغاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بىلەن بىللە، ھاياتنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.


بۇ يەردە دەۋاتقان ئىشلەش قارىغۇلارچە ئىشلەشنى ئەمەس، كۆڭۈل خالاپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش، ھاياتنى مەنىلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. ھورۇن بولماسلىق، تىنىمسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يارىتىش ئادەمنىڭ ياشاشتىكى بىرىنچى مۇددىئاسى بولۇشقا تېگىشلىك. جىسمانىي ئەمگەكمۇ، ئەقلىي ئەمگەكمۇ بەك جاپالىق بولۇپ، زور بېسىم ئاستىدا ئېلىپ بېرىلسا، ئادەمنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى خالايدىغان، ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئۆزىنىڭ گۈزەل غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. ئەنە شۇنداق قىلغاندىلا، ھاياتنى ھەقىقىي مەنىلىك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ.


ھاياتنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈچىنچى قەدىمى-مەڭگۈ ئۈمىدۋار بولۇش. ئادەم ئۈمىد بىلەن ياشىغاندىلا نى-نى ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ. ئۈمىد قوينىدا ئەللەيلەنگەندىلا، قانغا زامىن بولغۇچى ئاغرىقلارمۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، ھەر-ھەر ئېغىر توسالغۇلارمۇ سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ. بىر تونۇشۇم ئۆزىنىڭ كەچمىشىدىن مۇنداق بىر ئىشنى ھېكايە قىلىپ بەرگەن. بۇنى سىزمۇ ئاڭلاپ ئىبرەت ئېلىڭ!


ھەر كۈنى سەھەردە باغچىغا بېرىپ ئايلىناتتىم، سەھەردە باغچىدا ئادەم كۆپ ئەمەس بولۇپ، 70 ياشلاردىن ھالقىغان بىر موماي يەر سۈپۈرۋاتاتتى. ئۇ ھەر كۈنى مۇشۇ يەردە تازىلىق قىلاتتى. شۇڭىمىكىن ئۇ ھەممەيلەنگە تۇنۇش بولۇپ كەتۆەنىدى.


بىر كۈنى سەھەردە باغچىغا باردىم. قارىسام ئۇ موماي گۈللۈكتە تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتىم. ئۇ سالام قايتۇرۇپ بولۇپ، يېنىدىكى كىچىك بالىغا:


− بىلەمسەن؟ گۈللەر ئىچىلدى، ئۇلار ھەمىشەم مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئېچىلىدۇ. دەسلەپتە بىر تال، كېيىن ھەممىسى ئېچىلىدۇ، − دېدى.


ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ نۇرلىرى دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدىن ئۆتۈپ، گۈللەر ئۈستىگە سېپىلمەكتە ئىدى. موماي قوللىرى بىلەن ياندىكى بالىغا توختىماستىن چۈشەندۈرەتتى. تۇرۇپلا بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلىنىپ كەتتىم. ئۇ ئۈزۈلمەس ئۈمىدنى قۇچاقلاپ تۇرىدىكەن. ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىكەن، بۇنداق ئادەم قېرىمايدۇ.


مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، دوستلارنىڭ يىغىلىشى، ماددىي نەرسىلەردىن ھوزۇرلىنىشنىڭ ھەممىسى بىردەملىك بولسىمۇ خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ھەقىقىي خۇشاللىق ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن ئېتىلىپ چىققان ھوزۇر بولىدۇ. ئۇ ھاياتقا بولغان قىزغىن سۆيۈشنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا سىرتقى مۇھىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىنەزەر خۇشال كەيپىياتنى چۇقۇم ياخشى ساقلاش كېرەك. ئەنە شۇنداق قىلغاندىلا ھاياتنى تېخىمۇ قىزغىن سۆيگىلى، ھاياتنىڭ خۇشاللىقلىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانغىلى، بىرەر ئىشتىن نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالام، ئۈمىدۋار بولغىن، خەلقىمىزنىڭ «ئۈمىد ياشنىتىدۇ، غەم قېرىتىدۇ» دېگەن ھېكمىتىنى ھەرگىز ئەستىن چىقارمىغىن.



ھاياتتىكى ئارتۇق يۈك



ھەقىقەتەنمۇ، ھايات يولى ئەگرى-توقايلىقلار بىلەن تولغان، بەزىدە خۇشاللانساق، بەزىدە كېلىشمەسلىكلەر تۈپەيلىدىن غەم-قايغۇغا چۆكىدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئەمما، غەم-قايغۇنى خۇشاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭمۇ ئامالى يوق ئەمەس، ئۇ بولسىمۇ ئۆتمۈشتىكى غەم-قايغۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىش، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدۋار بولۇپ، كىچىككىنە ئىشلاردىنمۇ خۇشاللىق تېپىشقا ئىنتىلىشتۇر. ئەەەر غەم-قايغۇنى ئۆزۈڭگە يۈك قىلىۋالساڭ، بۇ يۈك كۈنسېرى ئېغىرلاپ بېرىدۇ ۋە بىر كۈنى سېنى يىقىتماي قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتتا ئارتۇقچە يۈكلەرنى كۆتۈرمەسلىك، ئۇنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تاشلاپ تۇرۇش كېرەك. بۇ سۆزلىرىمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، تۆۋەندىكى ھېكايەتنى مىسال كەلتۈرىمەن.


بىر يىگىت چوڭ بىر بوغچىنى كۆتۈرگەچ ئۇزۇن يولنى بېسىپ دانىشمەننى ئىزدەپ كەپتۇ. ئۇ:


− ئۇستاز، مەن شۇنچىلىك تەنھالىقتا، ئازابتا ۋە زېرىكىشچىلىكتە ئۆتىمەن. شۇنچە ئۇزۇن يولنى بېسىپ، ھېرىپ-ئېچىپ سىلىنىڭ يانلىرىغا كەلدىم. ئايىغىم يىرتىلىپ، تاپىنىم قاناپ كەتتى. ئىككى قولۇممۇ قاناپ قان توختىمايۋاتىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت سىلىنىڭ ئىسىملىرىنى توۋلاۋېرىپ ئاۋازىممۇ پۈتۈپ كەتتى... شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا مەن ئىزدىگەن ئاشۇ قۇياش نۇرىنى تاپالمايمەن. ئۇ زادى قەيەردە؟ − دەپ سوراپتۇ.


دانىشمەن ئۇنىڭغا بىر قۇر قاراپ قويۇپ:


− بوغچاڭدىكى نېمە؟ ئۇنى نېمىشقا تاشلىۋەتمىدىمڭ؟ ئۇنى تاشلىۋەتسەڭ،يەڭگىل بولۇپ قالىسەن ئەمەسمۇ! − دەپتۇ. يىگىت بولسا:


− بۇلار ماڭا نىسپەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭدا مېنىڭ ھەر قېتىملىق يىغلىغىنىمدىكى ئازابىم، يارىلانغاندىكى كۆز يېشىم، يالغۇز قالغان چاغدىكى ئىچ پۇشۇقۇم بار. مەن دەل مۇشۇنىڭغا تايىنىپ سىلىنىڭ يانلىرىغا كېلەلىدىم، − دەپتۇ.


شۇنىڭ بىلەن دانىشمەن يىگىتنى باشلاپ دەريا بويىغا كەپتۇ. ئۇلار قېيىققا ئولتۇرۇپ دەريادىن ئۆتۈپتۇ.


قىرغاققا يەتكەندىن كېيىن، دانىشمەن يىگىتكە:


− قېنى، قېيىقنى يۈدىۋالغىن، − دەپتۇ.


− نېمە، ئۇنى يۈدىۋالامدىم؟ − يىگىت چۆچۈپ كېتىپتۇ، − ئۇ شۇنچە ئېغىر تۇرسا، قانداقمۇ يۈدۈپ يول يۈرەلەيمەن؟


− دەريادىن ئۆتكەن چاغدا ئۇنى ئىشلەتتۇق. بىراق دەريادىن ئۆتۈپ بولدۇق، ئۇنى تاشلاپ يول ماڭماقچى بولۇۋاتىمىز. بولمىسا ئۇ بىزگە يۈك بولۇپ قالىدۇ. ئازاب، تەنھالىق، زېرىكىش، ئاپەت، كۆز يېشىنىڭ ھەممىسى ئادەمنى ئالغا ئىلگىرلىتىش رولىغا ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ۋاقتىدا ئۇنتۇپ كەتمىسەك، ھاياتىمىزدىكى يۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلارنى تاشلىۋەت، بالام! ئادەمنىڭ ئۆمرى ئۇنداق كۆپ يۈكنى كۆتۈرەلمەيدۇ، − دەپتۇ دانىشمەن.


دانىشمەننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان يىگىت بوغچىسىنى تاشلاپتۇ-دە، يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇبۇرۇنقىدىن كۆپ يەڭگىللەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ.


ئەسلىدە ئادەمنىڭ ھاياتى بۇنچە كۆپ يۈكنى كۆتۈرەلمەيدىكەن. بىز يەڭگىل ياشاشنى ياخشى كۆرىدىكەنمىز، ئارتۇق يۈكنى تاشلىۋېتىش ئۆزىمىزنى يەڭگىل تۇتۇشنىڭ ئەپچىل چارىسىدۇر. بەزى ئىشلارنى، بەزى ھېس-تۇيغۇلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزىمىز. زۆرۈرىيىتى قالمىغاندا ئۇنى بىر ئۆمۈر كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنى يەلكىمىزدىن تاشلىۋەتكەندىلا، دەريانىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۆتۈپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنالايمىز. شۇنى ئېنىق تونۇپ يەتكىنكى، ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدە بىر خىل يۈك بولىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ يۈك تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. يۈك بوخچىسى ئىچىدە بىزنىڭ بېشىمىزدىن ئۆتكەن ئازابلىق كەچمىشلەرنىڭ ئاچچىق ئەسلىمىلىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ بوخچىنى تاشلىۋەتمىسەك، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنۇتمىساق، تۇرمۇشىمىزدا بىزگە كۆپلىگەن بېسىملارنى ئېلىپ كېلىدۇ.


شېرىن ۋە تاتلىق ئەسلىمىلەر، يادىكار قىلىشقا ئەرزىيدىغان، ھەر بىر ئەسلىگەندە بىزنى شاتلاندۇرىدىغان نەرسىلەرنى مەڭگۈ ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك، شۇڭا، ئۇلار روھىي يۈك ھېسابلانمايدۇ. ئازاب كەلتۈرىدىغان، يۈرەككە .ېغىر كېلىدىغان .ىشكارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئۇنتۇپ كېتىش كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا بىز يېنىكلەپ قالىمىز-دە، ئۆزىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيمىز.



ھايات پېچىدا تاۋلىنىش



بىز ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا تالاي ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزىمىز. شۇ جەرياندا تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، قىيىنچىلىقلار بولسا يېڭىپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەيمىز. مانا بۇ جەرياندا ھايات پېچىدا تاۋلىنىپ، ئادەم بولۇش يوللىرىنى ئاستا-ئاستا بىلىۋالالايمىز.


تۇرمۇش رەڭگارەڭ ۋە مۇرەككەپ بولىدۇ، سەن ئۇنىڭغا ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئۇنىڭ قوينىدىن خۇشاللىق ئىزدىسەڭ، ئۇ ساڭا چوقۇم خۇشاللىق ئاتا قىلالايدۇ، ئەمما ئاغرىنساڭ، بىكاردىن بىكار ئۆزۈڭنى ئۇپرىتىۋالىسەن-دە، ھاياتىي قىممىتىڭ بارغانچە تۆۋەنلەپ بارىدۇ. مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئابرۇيلۇق پروفېسسورى ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش سەەۋبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئادەتتە كىچىك ئىشلاردىمۇ ئۆزۈمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن، ئۆزۈمنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىمەن. بۇنى ماڭا بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ ‹ئەگەر لىمون بولسىلا، ئۇنىڭدا لىمۇن سۈيىمۇ بولىدۇ› دېگەن ئىدى.» مانا بۇ ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ئىش پىرىنسىپى، ئەگەر بىر نادان ئادەم بولسا، ھاياتتا ئۇنىڭغا بىر تال لىمون بېرىلگەن بولسا، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلمەي، ماڭا لىمۇندىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بېرىلمىدى، مەن نېمىمۇ قىلالايمەن، دەپ ھاياتتىن ئاغرىنىدۇ. ئەمما ئاغرىنىش بىلەن ھېچقانداق ئىش ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ. سەن بۇ دۇنيانى قانچە تىللاپ قارغىما، ئۇنىڭ پىسەنتىگىمۇ كېلىپ قويمايدۇ، شۇنداقلا سەن ئۇنىڭ قوينىدا ياشاۋېتىپ يەنە ئاغرىنساڭ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيسەن ۋە بۇ دۇنيادىن ئارمان بىلەن كېتىسەن. ئەقىل ئىشلەتسەڭ، لىمۇندىن لىمۇن سۈيى چىقىدىغانلىقىدەك ئاددىي ھەقىقەتنى بىلىۋالساڭلا، نۇرغۇن ئىشلىرىڭ ئۆزلۈكىدىن يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. ئەي قەدىرلىك بالام! ئەڭ مۇھىمى يۈرىكىڭىزدىكى تەشۋىشنى تۈگەت، تۇرمۇشتىن ئاغرىنماي، كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارا. بىز قانداق نەرسىدىن رازى بولمىغان بولساق، ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قول سېلىپ ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، يۈرىكىڭىمىزنى ئۈمىد بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنى كەلگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا، كەلگۈسىمىزنى يارىتىشقا سەرپ قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.


سىز بىر ئىشنى قىلىشنىڭ ئالدىدا روھىي جەھەتتىن ئۆزۈڭىزنى ئىشەنچىسىز ھېس قىلىپ، مەن بۇ ئىشتا چوقۇم مەغلۇپ بولۇشۇم مۇمكىن، دەپ قارىسىڭىز، مەغلۇپ بولۇش نىسبىتىڭىز خېلى يۇقىرى بولۇشى؛ ئەگەر ھەرقانچە قىيىنچىلىقلار بولغان تەقدىردىمۇ، مەن چوقۇم بۇ ئىشتا غەلىبە قازىنىمەن، دېگەن نىيەتتە ئىشقا كىرىشكەن كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىبىتى يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. كونىلار دائىم: «ئالدىڭدىكى تاماقنى زەھەر دەپ بىلىپ كۆڭۈلسىز يېسەڭ، ئۇ ساڭا ئوزۇقلۇق بولۇش تۈگۈل، زەھەرگە ئايلىنىپ بەدىنىڭگە زىيان قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر زەھەر بولسىمۇ، ئۇنى ئوخشىغان تاماق دەپ يېسەڭ، ئۇنىڭ زەھىرى يوقاپ بەدىنىڭگە ئوزۇقلۇق بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ گەپنىڭ ئاساسى شۇكى، ئادەمنىڭ بىر ئىشنى بېجىرىش جەريانىدىكى كەيپىياتى ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا، ئاچچىقلىنىش، غەزەب، ناچار كەيپىيات، ئۈمىتسىزلىنىش بىلەن قىلىنغان ئىش ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ. ئۈمىدۋارلىق، قەتئىي ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان ئىش بولسا چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ.


مەلۇم بىر داڭلىق رادىئو رىياسەتچىسى 30 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا ئون نەچچە قېتىم خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. چۈنكى، ئۇ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان رادىئو-تېلېۋىزىيە رىياسەتچىلىكىدە بەزىبىر كەمچىلىكلەردىن ساقلىنالمىغان، باشلىقلار خاتالىقىنى تۈزىتىش ئىمكانىيىتى بەرگەن بولسىمۇ، قەلبىدە قورقۇنچ، ئۈمىدسىزلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ مۇچەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئۇ كېيىن يېڭىچە يول تۇتۇشقا تىرىشقان، يېڭى سەھىپىلەرنى ئېچىپ تاماشىبىنلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەن. شۇنداقتىمۇ، ئۈمىدسىزلىنىش، ناچار كەيپىياتىنى تېز يىغىشتۇرالماسلىق سەۋەبىدىن يەنىلا خىزمەتتە سەۋەبلىك ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنالمىغان. ئاخىر ئۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئۈمىدسىزلىنىشتىن ئىبارەت بۇ ۋابادىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇش نىيىتىگە كەلگەن. ھەرقانداق ئىشنىڭ ئاكتىپ تەرىپىنى كۆرۈشكە ئىنتىلگەن، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىزمەت نەتىجىسى كۆتۈرۈلۈپ، خىزمەت جەريانىدا سەۋەنلىك، كەمچىلىك ئۆتكۈزۈشتىن قەتئىي ساقلانغان. نەتىجىدە، ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھەرقايسى رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىلىرى بەس-بەستە تالىشىدىغان رىياسەتچىگە ئايلىنىپ قالغان.


مانا بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھايات ئادەمنى قەدەممۇ قەدەم تاۋلاپ يېتىشتۈرىدۇ. باشتىن كەچۈرگەنلىرىڭ كۆپ بولسا، تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، ئەقىل ئىشلىتىپ ئۇنى كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرساڭ، چوقۇم غەلىبە سېنىڭ بولىدۇ. ئەكسىچە ناچار روھىي ھالەت قوينىدا مۈگدەپ يۈرسەڭ، مەغلۇبىيەت خۇددى شەيتاندەك ئەتراپىڭدىن كېتەلمەيدۇ.


بىر قېتىملىك بوكس مۇسابىقىسىدە، ئىككى بوكسچى ئېلىشىش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشتى، بىرىنىڭ بويى ئېگىز، بەدىنىمۇ يوغان، مۇسكۇللىرى بۆرتۈپ چىققان ئىدى، يەنە بىرىنىڭ بويى سەل ۋىجىكرەك، ئورۇقراق، مۇسكۇللىرىمۇ ئادەتتىكىچە، ئەمما ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى جۇشقۇن ئىدى. ھەممە تاماشىبىن بەدىنى يوغان بوكسچى ئۇتۇۋالىدۇ ەپ تۇرغان پەيتتە، ئۇ ئېلىشىۋېتىپ تۇيۇقسىزلا مەيداننى ئايلىنىپ: «ئۇ ئادەم ئەمەسكەن، ئۇ ئادەم ئەمەسكەن!» دەپ توۋلاشقا باشلىغان. تاماشىبىنلار نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالغان. ئەسلىدە، ھېلىقى ۋىجىك بوكسچىنىڭ مۇشتۇمى تورلۇق بولۇپ، ئۇ ئاز مۇشت ئاتقان بولسىمۇ، لېكىن جايىغا كەلتۈرۈپ ئۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەدىنى يوغان بوكسچى بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي توۋلاپ كەتكەن. ئاخىردا ۋىجىك بوكسچى غەلىبە قىلغان.


مۇسابىقىدىن كېيىن، ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈلگەندە، بەدىنى يوغان بوكسچى ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى ناچار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمما ۋىجىك بوكسچى بولسا كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى، يېڭەلمىسەممۇ چوقۇم نەتىجە قازىنىمەن دېگەن قەتئىي ئىرادە بىلەن مەيدانغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.


دېمەك، ياخشى كەيپىيات بىلەن ناچار كەيپىياتنىڭ رولى ئەنە شۇنداق چوڭ. شۇڭا، ياخشى كەيپىياتنى جارىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى ساقلاش ھەر بىرىمىزنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەك.



ۋاقىت ئېڭى − مەدەنىيلىكنىڭ بەلگىسى



ھاياتلىق ئادەم ئۈچۈن قىممەتلىك بولغىنىدەك، ھاياتلىقنىڭ ھەر بىر بۆلىكىنى تەشكىل قىلغۇچى ۋاقىتنى قەدىرلەش ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. ۋاقىت قارىشى ئىنتايىن چىڭ، چەبدەس، جۇشقۇن، ئەتراپلىق، پىلانلىق ئىش قىلىدىغان ئادەمنىڭ ئىشلىرى تېز ئىلگىرى بېسىپ، ھەرقانداق ئىشنى قىلسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ۋاقىت قارىشى يوق كىشى ھورۇن، ئېزىلەڭگۈ، سۆرەلمە بولىدۇ، ئۇلاردا نە غايە، نە پىلان بولمايدۇ، ئىشلىرى يۈرۈشمەيدۇ، ھېلى ئۇ ئىشنى، ھېلى بۇ ئىشنى قىلىپ باقىدۇ، ئەمما بىرىدىنمۇ نەتىجە چىقىرالمايدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا پۇت-قولى چاققان، ۋاقىت ئېڭى يۇقىرى، رىقابەت ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەر زاماننىڭ ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتماقتا. تەرەققىي قىلغان ئامېرىكا، ياپونىيە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ۋاقىتنى جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىپ قەدىرلەيدىغانلار توپلاشقان بولغاچقا، ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىياتنىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ، ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ناھايىتى ۆۆپ بولۇپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە ئۇلار ئىنسانىيەتنى مەدەنىيلىككە، ئىلىم-پەنگە ۋە تەرەققىياتقا يېتەكلىگۈچىلىك رولىنى ئويناپ كەلدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلاردا ناھايىتى كۈچلۈك ھاياتىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، ۋاقىت ئېڭى بولغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ۋاقىت پۇل، ۋاقىت مۇۋەپپەقىيەت، ۋاقىت نەتىجە ھېسابلىنىدىغان بولۇپ قالدى، ۋاقىت بولسىلا ھەممە ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ. تېگىدىن ئېيتقاندا، ۋاقىت ئېڭى تۇرغۇزۇش بىر مەدەنىي ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك بولغان ئەقەللىي ئاڭ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاڭ كىمدە يۇقىرى بولسا، شۇ غەلىبە قازىنىدۇ، بۇ ئاڭ يوق كىشى مەغلۇپ بولىدۇ.


ئالىي مەكتەپكە تەڭلا ئوقۇشقا كىرگەن ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى ناھايىتى تىرىشچان، ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان بولۇپ، كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ قىلاتتى. شۇڭا، ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا يەتمەكچى بولغان نىشانلىرىنى چوڭ جەھەتتىن ئەتراپلىق پىلانلىدى، ئاندىن ھەر بىر يىلدا قانداق-قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى پىلانلىدى، ئاخىردا ھەر بىر ئاي، ھەر بىر ھەپتىگىچە پىلانلاپ، شۇ پىلان بويىچە ئۆگىنىش قىلىشقا باشلىدى؛ ئۇنىڭ يەنە بىر ساۋاقدىشىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ھەر ھالدا ياىشى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈۋېلىش، بىرەر خىزمەتكە ئورۇنلىشىش بولغاچقا، ئالىي مەكتەپتىكى تۆت-بەش يىللىق ۋاقىتنى بىر ئاماللارنى قىلىپ توشقۇزسىلا، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى تاماملانغان بولاتتى. ئۇنىڭدا ۋاقىت دېگەن كۆپ ئىدى، دەرسكە قاتناشقاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلەلمەي زېرىكىشلىك ئىچىدە بۇرۇختۇرما بولۇپ يۈرەتتى.


ھېلىقى پىلانچى ئوقۇغۇچى ئۆز پىلاىنى بويىچە بىر يىل تىشىچانلىق كۆرسىتىۋىدى، ھەقىقەتەن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى: ئىنگلىز تىلىدا ئاجىز ئىدى، بۇ بىر يىلدا دەرىجە ئىمتىھانلىرىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئۆتۈپ كەتتى. باشقا دەرسلەرنىمۇ ئەتراپلىق ئ.ۆگىنىپ ماڭدى، ئۇ يازغان ماقالىلار گېزىت-ژۇرناللاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرگىچىلىك مەكتەپ بويىچە داڭلىق شەخسكە ئايلاندى. مەكتەپ پۈتتۈرگەندە ئۇدۇللا ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا كىردى، ئوقۇش تاماملانغاندىن كېيىن چەت ئەلدىكى بىر داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇدى. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزى ئوقۇغان ئالىي مەكتەپتە پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەچ، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى، بىرنەچچە تاشقى سوداشىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇلارغا ئىشلەپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۇزۇنغا قالمايلا پۇلمۇ، ئىجتىمائىي ئورنىمۇ، ئىلمىي نەتىجىسىمۇ بار بولغان داڭلىق شەخسكە ئايلاندى. دېمەك، ئۇ ۋاقىتنى قەدىرلىگەنلىكنىڭ پايدىسىنى كۆردى ۋە باشقىلارغا بۇ جەھەتتە ئۈلگە تىكلەپ بەردى.


ئەجدادلىرىمىزنىڭ «ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت» دېگەن ھېكمىتىگە ئەمەل قىلىپ، ۋاقىتقا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، كۈندىلىك ئىشلىرىڭنى تەرتىپلىك، پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرالىساڭ، ئىشلىرىڭدا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسەن. مەكتەپكە ۋاقتىدا بېرىش، دەرسلەرگە تولۇق قاتنىشىش بىلەنلا ۋاقىتقا رىئايە قىلغان، ۋاقىت ئېڭى تۇرغۇزغان ھېسابلانمايسەن. ئۆزۈڭ ئاڭلىق ھالدا ھەرقانداق ئىشقا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلساڭ، مىنۇت-سېكۇنت ۋاقىتنىمۇ قەدىرلەپ پىلانلىق ئىش ئېلىپ بارساڭ، ئاندىن ۋاقىت ئېڭى سەندە شەكىللەنگەن بولىدۇ. مۇھىمى ۋاقىتنى قەدىرلە، ئۇخلاش، ئويۇن-تاماشا، قۇرۇق پاراڭ سېلىشقا كېتىدىغان ۋاقىتنى ئامالنىڭ بارىچە تېجەپ، ئۇنى ئۆزۈڭنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا تىرىش. دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەنە شۇنداق ئېسىل ئادەتنى يېتىلدۈرگەنلەردۇر.



ۋاقىت قەدرى



ۋاقىتنىڭ قەدرىگە يەتكەن كىشى ئاكتىپ جانلىق بولۇپ، ئىشلارنى ئەتراپلىق پىلانلايدۇ، ئىنچىكە ئىشلەيدۇ ۋە چوقۇم نەتىجە قازىنىدۇ. بۇنداق ئادەمدە پاسسىپلىقتىن ئەسەرمۇ بولمايدۇ. ئەگەر پاسسىپ كەيپىياتقا بېرىلىپ قالساڭ، ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەر قولدىن كېتىدۇ، شۇنداقلا تۇرمۇشتىن خۇشاللىق تاپالمايسەن، ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى ھەرگىز جارىي قىلدۇرالمايسەن. رېئال تۇرمۇشتا، سېنىڭ نۇرغۇن كەمچىلىكلىرىڭ بولۇش بىلەن بىللە، يەنە سېنىڭ نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچىلىقلىرىڭمۇ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، سەن چوقۇم ئۆزۈڭنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك گەۋدىلەندۈرۈش ۋە ئۇنى جارىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىڭ لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىڭ چوڭىيىدۇ، شۇنداقلا خۇشاللىققىمۇ ئېرىشەلەيسەن. كەيپىياتىڭ ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ، روھىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرسىلا، سەندە پاسسىپلىق ئېلېمېنتلىرى بارغانسېرى ئازىيىپ بارىدۇ، شۇنداقلا سەن جۇشقۇن، ئالىيجاناپ، تۇرمۇشتىن خۇشاللىق تېپىشقا ماھىر ئادەمگە ئايلىنالايسەن. ئەي قەدىرلىك بالام! ھەر كۈنى سەھەر تۇرغاندا، بۈگۈن ھەقىقەتەن ياخشى كۈن بوپتۇ، دېگەن ئويدا بولالىساڭ؛ چىش چوتكىلاۋاتقاندىمۇ، چىشىڭنىڭ ئاقارغانلىقىدىن خۇشاللىققا چۆمەلىسەڭ؛ ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ، خۇشال كەيپىياتتا قىلساڭ، سېنىڭ شۇ بىر كۈنۈڭ ھەقىقەتەن خۇشال ئۆتىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالما. ھاياتلىق بىزگە بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدۇ، بەزىدە تۇيمايلا ئۆزىمىزنىڭ خېلى بىر ياشقا بېرىپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز، بەزىدە ھەش-پەش دېگۈچىلا نۇرغۇن يىللارنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزۈۋېتىمىز، ئاخىردا پۇشايمان قىلىمىز، ئەمما بۇنداق چاغدا پۇشايمان قىلغاننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. شۇڭا ئۈمىدۋار بولۇش، پاسسىپلىقنى تاشلاش، ھەرقانداق كىچىك ئىشتىنمۇ خۇشاللىق تېپىشقا ئىنتىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەي بالام، ئەڭ ياخشىسى بۈگۈننى خۇشال ئۆتكۈز، ئەتىگە ئۈمىدۋار بول، شۇندىلا مۇۋەپپەقىيەت دەرۋازىسىنى چېكىشكە ئىمكان تاپالايسەن، شۇنداقلا ھەقىقەتەن ۋاقىتنىڭ قەدرىگە يەتكەن ھېسابلىنىسەن.


دۇنيادا مۇتلەق بەختلىك ئادەم بولمايدۇ، پەقەت خۇشاللىققا چۆمەلەيدىغان يۈرەكلا مەۋجۇت. سەن ئۆزۈڭنىڭ كەيپىايتىنى ئوڭۇشلۇق كونترول قىلالىساڭلا، تەقدىرىڭنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالايسەن. تۇرمۇشتا خۇشاللىقمۇ، خاپىلقمۇ، بەختمۇ، بەختسىزلىكمۇ مەۋجۇت، بۇلارنىڭ ئىچىدىن قايسىسىنى تاللاش ئۆزۈڭنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق، شۇڭا قەتئىي ئىرادە، ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە بولۇپ، كەيپىياتىڭنى ئوڭۇشلۇق كونترول قىلالىسىڭىزلا، خۇشاللىق ۋە بەخت ساڭا يار بولىدۇ. ھەر قانداق كەيپىيات شۇ كىشىنىڭ قولىدا بولىدۇ، قانداق نەتىجىگە ئېرىشىشمۇ تامامەن شۇ كىشىنىڭ ئىلكىدىدۇر. قانداق يەردە ئۆزۈڭنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلسەڭ، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايسەن، ئوبرازىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ھەرقانداق ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتىڭ ئۈستۈن بولىدۇ، شۇنداقلا، سەن قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ساڭا ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلارمۇ كۆپىيىپ بارىدۇ. ۋاقىتقا رىئايە قىلىپ، ئۆزىنى ئاڭلىق كونترول قىلىشمۇ قابىلىيەت، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن تەجرىبىلەر ئاساسىدا شەكىللىنىدىغان ئىقتىداردىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئىقتىدار سەندە قانچە كۈچلۈك بولسا، سەن شۇنچە ئۇلۇغۋار ئىرادىگە ئىگە ئادەم بولالايسەن. شۇڭا، ۋاقىت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتە، ئۆزىنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەردىن ھەرگىز ئايرىلىپ قالما. بەزى يامان ئادەتلەرمۇ بىزگە ۋاقىت ۋە پۇرسەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى يوقىتىپ قويۇشىمىزغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يامان خۇيلاردىن يىراق تۇرۇش تولىمۇ مۇھىم.


يۇناننىڭ داڭلىق پەيلاسوپى سوقرات بىر كۈنى بىر قانچە شاگىرتىنى ئەگەشتۈرۈپ، كەڭ كەتكەن بوغدايلىقنىڭ بېشىغا كەپتۇ. بۇ دەل بوغداي پىشىدىغان مەزگىل ئىكەن. ئېتىزلىقتىكى چوڭ-چوڭ بوغداي باشاقلىرى ئادەمنىڭ زوقىنى قوزغايدىكەن.


سوقرات شاگىرتلىرىغا:


− سىلەر بوغدايلىققا كىرىپ ئەڭ چوڭ باشاقنى تېپىپ چىقىڭلار، ئەمما كەينىڭلارغا قارىمايسىلەر. مەن سىلەرنى ئېتىزنىڭ بېشىدا ساقلايمەن، − دەپتۇ.


شاگىرتلار ئارقا-ئارقىدىن بوغدايلىقققا كىرىپتۇ. بۇ مول ھوسۇلدىن بېشارەت بېرىپ تۇرغان بوغدايلىق ئىكەن. باشاقلار بىر-بىرىدىن يۇغان بولۇپ، قايسىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. شاگىرتلار بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئالدىغا قاراپ مېڭىشىپتۇ. بۇنىڭغا قاراپ باشلىرىنى چايقىشىپتۇ، ئۇنىڭغا قاراپمۇ باشلىرىنى چايقىشىپتۇ. ئۇلار ئويلاپتۇ: ئەڭ چوڭ باشاق ئالدىمىزدا بولۇشى مۇمكىن. گەرچە بەزى شاگىرتلار بىر نەچچە تال باشاقنى تاللىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن رازى بولماپتۇ. ئۇلار، پۇرسەت يەنىلا كۆپقۇ، بالدۇر بېكىتىۋەتمەيلى، دەپ ئويلىشىپتۇ.


شاگىرتلار بۇغدايلىقنى ئارىلاپ باشاق تاللاشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ۋاقىت خېلى ئۆتۈپ كېتىپتۇ.


تۇيۇقسىز شاگىرتلار سوقراتنىڭ:


− سىلەر ئېتىزنىڭ بېشىغا چىقىنپ بولدۇڭلار، − دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا ھېچقانداق باشاقنى تېرەلمىگەن شاگىرتلار خۇددى چۈشتىن ئويغانغاندەك ھالغا كېلىپ قاپتۇ.


سوقرات شاگىرتلىرىغا:


− بوغدايلىقتا بەلكىم ئەڭ چوڭ باشاق بار. بىراق سىلەر ئۇنى ئۇچرىتالمىدىڭلار. ئۇچراتقان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئەڭ چوڭلۇقىغا ھۆكۈم قىلالمىدىڭلار. سىلەر بايا تەرگەن باشاق ئەڭ چوڭ باشاق ئىدى، − دەپتۇ.


سوقراتنىڭ شاگىرتلىرى ئۇستازىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىنڭدىن مۇنداق بىر قائىدىنى چۈشىنىۋاپتۇ: ئادەمنىڭ ئۆمرى بىر پارچە بوغدايلىققا ئوخشايدۇ. ھەمىشەم چوڭ باشاقنى ئىزدەيدىغان گەپ. بەزىلەر چوڭ باشاقنى تاپقان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلىنىپ تاشلىۋېتىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۇياق-بۇياققا قاراپ قالىدۇ، بىرەر تال باشاقنىمۇ تېرەلمەي قالىدۇ.


ئەلۋەتتە، ھەربىر ئادەم ئەڭ چوڭ باشاقنى ئىزدەيدۇ، ئەمما شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، پەقەت قولىمىزغا ئېلىپ تۇرغان باشاقلا رىئاللىققا تەۋە بولىدۇ. ئالدىغا تەلمۈرۈپ داۋاملىق چوڭ باشاقنى ئۈمىد قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بىراق ئاخىرقى نۇقتىغا بارغاندىن كېيىن تاللاشتىن ۋاز كېچىدىغان ياكى قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرغان باشاقلارغا قاراپ پۇشايمان قىلىدىغان گەپ.


نىشانغا قاراپ ئىنتىلگەندە، ئەڭ ياخشى تاللاش مەزگىلىنى تۇتۇش كېرەك. كۈرەش قىلىپ قوغلاش جەريانىدا ئۆز ئورنىمىزنى ياخشى بېكىتىۋېلىپ، ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان نىشانىمىزنى ئېنىق تۇرغۇزىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان ئەڭ چوڭ «باشاق»نى تاللىيالايمىز.


ئېرىشىش بىلەن يوقىتىش بىزنىڭ قەلبىمىزدە بىر تال سىزىق بىلەن ئايرىلىدۇ. بىز ئېرىشىپتۇق دېگەن ۋاقتىمىزدا ئېرىشكەن، يۇقىتىپتۇق دېگەن ۋاقتىمىزدا يۇقاتقان بولىمىز. مانا مۇشۇنداق يۇقاتمقان بىلەن ئېرىشكەننى ئىلمىي ھالدا قوبۇل قىلالىغان كىشىلا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدۇ.


بىر بالا بىر قۇم قازاننى يۈدۈپ كېتىۋاتقان ئىكەن. ئېھتىياتسىزلىقتىن ئارغامچا ئۈزۈلۈپ كېتىپ قازان يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كېتىپتۇ. بالا بېشىنى كەينىگە بۇراپمۇ قويماستىن داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىپتۇ.


بىر كىشى ئۇنىڭ كەينىدىن ۋارقىراپتۇ:


− سەن قازاننىڭ چېقىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىمىدىڭمۇ؟ كەينىڭگە قاراپمۇ قويمايسەنغۇ؟


بالا:


− قازان بەرىبىر چېقىلىپ بولدى. كەينىگە قارىغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ − دەپتۇ-دە، يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.


كىشىلىك ھاياتتىكى مەغلۇبىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ياخشى تەرەپكە ئۆرۈشكە ئامال يوق. ئۇنى قانچە ئويلىغانسېرى شۇنچە ئازابلىق بولىدۇ. ھەتتا ئاشۇ چېقىلغان قازانغا ئوخشاش، قانداقلا قىلغان بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا، ھەممىنى باشتىن باشلاپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىگەن ياخشى. بەزى كىشىلەر «پەقەت يەرلا تېرىپ، ھوسۇلىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك» ئارقىلىق مەغلۇبىيەتتىن قاچماقچى بولىدۇ. ئۇنداق قىلىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ ئادەم ھەمىشە ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ. ۋاقىتنى قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق بىر قاتار ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئادەمنىڭ ئېرىشكىنى چوڭ بولسا، ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ يۇقىتىش ئارىلاشقان بولىدۇ. كېيىنكىسنى ئالدىنقىسىغا سېلىشتۇرغاندا، ھىچنېمىگە ئەرزىمەسلىكى مۇمكىن. بىراق كىشىلەر دائىم دېگۈدەك يوقاتقىنى ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ، ئېرىشكىنىنى ئويلاپ قويمايدۇ.



ئۈزۈلمەس ئۈمىد



دەۋرنىڭ قەدىمى بارغانسېرى تېزلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، كۈندە دېگۈدەك پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇۋاتىمىز. ئەمما بۇ پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى بىزنىڭ پەن-تېخنىكا خادىملىرىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنىڭ قولىدىن چىققىنى يوق، بىز ئىلغار پەن-تېخنىكىلار بىلەن كۈندە دېگۈدەك ئۇچرىشىپ تۇرۇۋاتىمىز، رېمونت قىلىشنى بىلىمىز، ئەمما ئۇنى ياساشنى پەقەتلا بىلمەيمىز. مانا بۇمۇ بىزنىڭ زامانىۋىيلىشىشىمىز ۋە زاماننىڭ قەدىمىگە يېتىشىپ مېڭىشىمىزغا زور توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئىلغار پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىش، ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولۇش بىلەنلا زامانىۋىلاشقىلى بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى بىزدىمۇ ئىلغار پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغان ۋە ئۇنى ياساپ مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرالايدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى، كارخانىچىلار قوشۇنى بارلىققا كېلىشى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا بىزنىڭ خەلقىمىزدە ھەقىقىي مەنىدىكى ھايات ئېڭى ۋە ۋاقىت ئېڭى تۇرغۇزۇلىدۇ. رىقابەت كەسكىنلىشىدۇ، كىشىلەرنىڭ بىكار گەپ سېتىپ يۈرىدىغانغا ۋاقتىمۇ بولمايدۇ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرمۇ ئەقلىيلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ، ئىقتىدارلىقلار ئەتىۋارلىنىدۇ. بىز ھايات ئېڭى ۋە ۋاقىت ئېڭى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە مانا مۇشۇ نۇقتىلارنىمۇ تىلغا ئالماي بولمايدۇ.


ئۆتكەندە مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى بىلەن پاراڭلىشىپ قالغان ئىدۇق. ئۇ بىزنىڭ كارخانىلىرىمىز ھەققىدە ئېغىز ئېچىپ: ‹بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىز يېمەك-ئىچمەكتىن باشقا نەرسە ئىشلەشنى بىلمەيدۇ. ھەر يىلى بىزدە نۇرغۇن ئىلغار كەشپىياتلار بارلىققا كېلىدۇ ۋە پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. ئەمما ئۇنى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرىدىغان كارخانا بولمىغانلىقتىن، بىكار نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنى ئورۇنداش، ئىلغار پەن-تېخنىكىغا يۈرۈش قىلىش سىلەر ياش ئەۋلادلارنىڭ زىممىسىدە، بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ھازىردىن باشلاپ تىرىشىپ ئۆگىنىشىڭلار كېرەك› دېگەن ئىدى. بۇ سۆزى ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. مەن شۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ كارخانىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ باقتىم، ئەھۋال ھەقىقەتەن ھېلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېيتقنىدەك بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن يېمەك-ئىچمەك مەھسلاتلىرىنىلا ئىشلەيدىغان ھالەتتە ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆز-ئۆزۈمگە: «بىز نېمىشقا تتېلېۋىزور ئىشلىيەلمەيمىز، كومپيۇتېر ئىشلىيەلمەيمىز؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ كېتىدىغان بولۇپ كەتتىم.


بىزدە پەن-تېخنىكا خادىملىرى ھەر ھالدا يېتەرلىك، يەنە ھەر يىلى خېلى زور تۈركۈمدە پەن-تېخنىكا خادىملىرى يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرىدىغان مەيدان بولمايۋاتىدۇ. ماشىنىسازلىق كەسپىدە ئوقۇغان بالىلار جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان خىزمەتكە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا، ئۇلار ئۆگەنگەنلىرىنى يەپ كېتىۋاتىدۇ. ئەگەر كارخانىلىرىمىز ئۇلارغا كەڭ يول ئېچىپ بەرگەن بولسىدى، ئەھۋال باشقىچە بولغان بولاتتى.


خەلقنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسېرى ئۇلارنىڭ ھايات ئېڭى ۋە ۋاقىت ئېڭىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدىغان ھاياتىنى قەدىرلەيدىغان، ياشاشنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىدىغان، ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىنى ئىشلەش، ئىجات قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا سەرپ قىلىدىغان بولىدۇ. بىز ئۇنداق سەۋىيىگە يەتمەي تۇرۇپ، «ھايات ئادەمگە بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدۇ، ئۇنى قەدىرلەيلى، ھايات ئېڭى تۇرغۇزايلى؛ ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت، ھەر بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ قەدىرلەش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز» دەپ مىڭ قېتىم، ئون مىڭ قېتىم تەكىتلىگەن بىلەنمۇ، بەرىبىر ئۈنۈمى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن پەرزەنتلىرىمىز تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشى، خەلقىمىزنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ساپا يۇقىرى كۆتۈرۈلسىلا، تەرەققىيات تېزلىشىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئەقلىيلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ھەقىقىي مەدەنىيلىشىش شەرتىنى ھازىرلايدۇ. ئۇ چاغدا بىزنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ياسايدىغان كارخانىلىرىمىزمۇ بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ چاغدا يۇرت-يۇرتلاردا ئىنتايىن ساپالىق، مەدەنىي، ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان كىشىلىرىمىزنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلار كەسكىن رىقابەت قاينىمىغا شۇڭغۇپ، قابىلىيەتلىك، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى ئەتراپىغا يىغىپ، كۈندە دېگۈدەك ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ...


ئۈمىد بولسىلا بۇ جاھاندا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق. پەقەت ئۈمىد بۇلىقىنىڭ سۈيىلا ئادەمنى ياشنىتىپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جاھاندا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنىمۇ يېڭىپ كەتكىلى بولىدۇ.


بۇرۇن بىر مۇزىكانت ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى كۆرمەيدىكەن، ئۇ بۇنىڭدىن قاتتىق قايغۇغا چۆكۈپ تۇرغان ۋاقىتتا، بىر بوۋايغا يولۇقۇپ قاپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا بىر تال ئۈمىد بېرىپتۇ ھەمدە بۇ نەرسىنىڭ كۆزىنى داۋالىشىغا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ ھەر كۈنى بىر كىشى بىلەن ئەڭ شادىيانە كۈيلەرگە مۇزىكا چېلىشىنى، كۈي ئون مىڭغا يەتكەندە، ئاندىن ئۇنىڭ كۆزىنىڭ تامامەن بۇ دۇنيانى كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.


شۇنداق قىلىپ بۇ مۇزىكانت ھەر كۈنى سىرتتىن كەلگەن بىر كىشىنى تەكلىپ قىلىپ ئەڭ شادىيانە كۈيلەرگە چالىدىغان بولۇپتۇ، ئۇلار چالغان كۈيلەرنى ئاڭلىغان ئادەمگە غەم-قايغۇ يېقىن يولىمايدىكەن، كۈن بويى خۇشال-خوراملىق ئىچىدە ھايات كەچۈرىدىكەن. ئاستا-ئاستا بىر توپ كىشىلەر ئۇلارنىڭ گۈزەل كۈيلىرىنى كۈندە ئاڭلاشقا خۇمار بولۇپ قاپتۇ، ھەر قېتىم كۈي ياڭرىشى ھامان ئەتراپنى خۇشاللىق كەيپىياتى قاپلايدىكەن، بۇ خىل خۇشاللىقنى مۇزىكانتنىڭ يۈرىكىمۇ تۇيىدىغان بولۇپتۇ.


كۈنلەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ، ئۇلار ئون مىڭ كۈينى چېلىپ تاماملاپتۇ. مۇزىكانت روھى كۆتىرەڭگۈ ھالدا ھېلىقى بوۋاينى ئىزدەپ بېرىپ، كۆزىنى داۋالاپ ساقايتىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ھالبۇكى، بوۋاي ئۇنىڭ قولىنى يېنىك سىيلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئۈمىد ئاتا قىلىپتۇ.


شۇ ھامان مۇزىكانتنىڭ كۆز ئالدى يورۇپ كەتكەندەك بولۇپتۇ. ئەسلىدە بوۋاي ئۇنىڭغا ئۈزۈلمەس ئۈمىد ئاتا قىلغانىكەن. ئۇ ھەر كۈنى گۈزەل كۈيلەر ئارقىلىق كىشىلەرنى خۇشال قىلغاندىلا، ئۆزىگە ئۈمىد يار بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇنى مەڭگۈ خۇشاللىققا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپتۇ. ئەسلىدە، ئۇنىڭ قەلب كۆزى ئۈمىد نۇرىدىن پارلىغان ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ كۆزى پۈتكۈل كائىناتنى كۆرەلەيدىكەن، ئۇ بۇ كۆزىنىڭ خۇشاللىق تېگىگە يوشۇرۇنغان، ئۈزۈلمەس ئۈمىد بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان كۆز ئىكەنلىكىنى، بۇ كۆز تۇرغان يەردە، يەنە بىر كۆزنىڭ ئۇنچە لازىمى يوقلۇقىنى ھېس قىلىپتۇ.


دېمەك، ئۈمىد ئادەمنى ياشنىتىدىغان سېھىرلىك بۇلاق، نۇرغۇن ئۇلۇغ كىشىلەر مانا بۇ شىپالىق بۇلاق سۈيىنى ئىزدەپ تاپقان ۋە ئۇنى ئۆزىگە يار قىلغان بولغاچقا، ئىنسانىيەتكە ئاياۋسىز تۆھپىلەرنى قوشقان، ئۇلارنىڭ ئۈمىدى ئۈزۈلمەس بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قەلب كۆزى دۇنيانى ياراتقان، شۇنداقلا ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلىش يولىدا گۈپۈلدەپ سوققان. بىر مائارىپچى دېگەن: «كىشىلىك ھايات ئۈمىدسىز ياشنىمايدۇ، ھەممە كىشىنىڭ ھاياتى ئۈمىدكە تولغاندىلا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدىغان خورىماس ئېنىرگىيىگە ئېرىشكەن بولىدۇ. مەغلۇپ بولغۇچىلار دەل كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان، ھاياتقا بولغان ئۈمىدىنى ئۈزۈپ قويغانلاردۇر. ئەمەلىيەتتە، ئۈمىدى ئۈزۈلمىگەن كىشى چوقۇم بىر كۈنى پارلاق ھاياتلىق يولىنى تاپالايدۇ.»


ھەرقانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن مەلۇم جەريان كېتىدۇ. خەلقىمىزدە ھايات ئېڭى تۇرغۇزۇش ۋە ۋاقىتنى قەدىرلەش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكىمۇ مەلۇم جەريان كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز، ئۆزىمىزدە بۇ ئاڭنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى باشقىلارغا سىڭدۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا ئۈزەلمەس ئۈمىدنى ئۆزىمىزگە يار قىلىپ، بەختلىك، خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيمىز.



بەت: [1]
: ھايات بىزگە نېمە دەيدۇ