kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 11:31:49

ھەييە ئىبن يەقزان (پەلسەپىۋىي قىسسە) ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا


ھەييە ئىبن يەقزان



(پەلسەپىۋىي قىسسە)



ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا



ئۆزبەكچىدىن نەشىرگە تەييارلىغۇچى:


ۋەلى كەرىم كۆكئالپ




ئۆز شەھرىمدە تۇرغان ۋاقتىمدا، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سەيلىگاھلارنىڭ بىرسىگە ئاغىنىلىرىم بىلەن ساياھەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. بىز ئاشۇ يەرنى ئايلىنىپ يۈرگەن ۋاقتىمىزدا كۆزىمىزگە بىر نۇرانىي، يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ مۈكچىيىپ قالغان، لېكىن ئۆزى تېخىچە بەردەم، تېتىك، سۆڭەكلىرى چىڭ، ھېچقانداق ئەزاسى بوشاشمىغان ۋە چېچى ئاقارغاندىن باشقا ھېچقانداق قېرىلىق نىشانىسى بولمىغان بىر بوۋاي كۆرۈندى. شۇ چاغدا مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن گەپلىشىپ بېقىشقا ھەۋىسىم كېلىپ، ئۆزۈمدىن ئۆزۈم ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا كىرگۈم ۋە ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلاشقۇم كېلىپ قالدى. ئاندىن ئاغنىلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ راۋان بولدۇم. ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان چېغىمىزدا، ئۇ بىزدىن ئاۋۋال سالام بەردى ۋە دىلغا ياقىدىغان، ماقۇل گەپلەرنى قىلىشقا باشلىدى. گەپكە كىرىشىپ كېتىپتىمىز، ھەتتا گەپ ئايلىنىپ ئۇنىڭ ھال-ئەھۋالى، يېشى، ھۈنىرى، ھەتتاكى ئۇنىڭ ئىسمى، نەسەبى، شەھىرىنى بىلىشكىچە بېرىپ يەتتى.


كېيىن ئۇ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:


ئىسمىم تىرىك، نەسەبىمگە كەلسەك، ئويغاق ئوغلىمەن. شەھىرىم بەيتۇل مۇقەددەستۇر. ھۈنىرىم جاھان تەۋەسىنى ساياھەت قىلىش ۋە ھەتتا ئالەمنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ يۈرۈشتۇر. شۇ ساياھەتلىرىمدە يۈزۈمنى ئاتام تەرەپكە قاراتقانمەن. ئۇ تىرىكتۇر. مەن بارلىق ئىلىملەرنىڭ ئاچقۇچىنى ئۇنىڭدىن ئالغانمەن. ئۇ ماڭا ئالەم چېگرىلىرىغا ئېلىپ بارىدىغان يوللارنى كۆرسەتكەن، ساياھەت قىلىش بىلەن ھەممە ئىقلىم ئۇپۇقلىرى ماڭا كۆرۈنۈپ قالدى.


بىر ھازاغىچە ئۇنىڭ بىلەن ھەر خىل ئىلىم ساھەلىرىدە مەسىلىلەرنى ئېيتىشتۇق ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى سورايتتۇق. ئاخىر پاراسەت ئىلمىگە يەتتۇق. مەن ئۇنىڭ بۇ ئىلىمدە شۇنچىلىك توغرا پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەك ھەيران قالدىم. ئاخىر ئۇ بىز كېلىپ توختىغان پاراسەت ئىلمىدىن گەپ باشلاپ، شۇنداق دېدى:


پاراسەت ئىلمى پايدىسى نەق بولغان ئىلىملەردىندۇر. سەن بۇ ئىلىمنى بىلىۋالساڭ، ئۇ ساڭا كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى يوشۇرۇپ يۈرگەن پېئىل-ئېتىۋارلىرىنى بىلدۈرىدۇ. مانا شۇ پاراسەتنىڭ بىلدۈرۈشى نەتىجىسىدە ئۆز بىلىمىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئايلىنىپ قالىسەن ياكى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيسەن. پاراسەت ئىلمى سېنىڭ ئۆزۈڭنى ئەسلىڭدە بار بولغان يارىتىلمىشلىرىڭنى، ئۆزگەرتىلمىگەن تەبىئىتىڭنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئەگەر ساڭا پاراسەتنىڭ تۈزەتكۈچى قولى تەگسە، سەن ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپ كېتىسەن. ئەگەر سېنى بىر ئالدامچى يولدىن ئازدۇرۇپ، توزىقىغا چۈشۈرەلىسە، ئالدىنىسەن.


ئەتراپىڭدىكى سېنى تاشلاپ كەتمەيدىغانبۇ كىشىلەر سېنىڭ يامان ئاشنالىرىڭدۇر. سەن ئۇلاردىن ئوڭايلىقچە سالامەت قۇتۇلالمايسەن، ئۇلار ساڭا پىتنە قىلىشىدۇ. سېنى ئۇلارنىڭ پىتنىسىدىن پەقەت پاكلىقلا ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن، خالاس.


ئەمما مانا شۇ سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرغان ئاغىنەڭ بولسا، سېنى ھەيرانلىققا سالغۇچى ئەزمىدۇر. ئۇ يالغاننى توقۇپ چىقىرىدىغان ۋە يۈزەكى ئىشلارغا ئۇستا بىر ئويدۇرمىچىدۇر. ئۇ يول ئوزۇقى بېرىلمىگەن كىشىلەرنىڭساڭا كەلتۈرگەن خەۋەرىگە ئوخشىغان خەۋەرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ خەۋەرلەرنىڭ ھەقىقىتىنى ئويدۇرما بىلەن بولغايدۇ، راستىنى يالغانغا ئارىلاشتۇرىدۇ. تېخى ئۇ سېنىڭ جاسۇسۇڭ ۋە ئايغاقچىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن. ساڭا مەلۇم بولمىغان ۋە سەندىن يىراق بولغان نەرسىلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ساڭا ئۇ شۇ يول بىلەن ئېلىپ كېلىدۇ. سەن بۇنىڭراستىنى يالغاندىن ئايرىش بىلەن، ساختىدىن چىننى پەرق قىلىش بىلەن، خاتا پەردىلەر ئارقىسىدىن توغرىلىرىنى تاللىۋېلىش بىلەن سىنىلىسەن. ساڭا بۇنداق قىلىشتىن باشقا چارە يوق.گاھى بەخت قولۇڭنى تۇتۇپ، ئادىشىش مۇھىتىدىن قۇتقۇزىدۇ، گاھى ئۇنىڭ بەرگەن خەۋىرى سېنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، گاھى يالغان سېنى ئالدايدۇ.


مانا بۇ ئوڭۇڭدىكى ئاشناڭ بولسا، سېنى يولدىن قالدۇرۇشقا بەل باغلىغىنىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭ مىجەزى قوداڭشىپ قالسا، ئۇنى نەسىھەت قىلىش بىلەن توختىتىپ ۋە يۇمشاقلىق بىلەن بېسىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇ خۇددى قۇرۇق ئوتۇنغا چۈشكەن ئوتتەك ياكى بېسىپ كېلىۋاتقان سەلدەك ياكى مەست تۆگىدەك ۋە ياكى قەست قىلغۇچى شىردەك، ئۇنىڭ نۇقتىسىنى تۇتۇپ بولغىلى بولمايدۇ.


مانا بۇ سولۇڭدىكى ئاشناڭ بولسا، ئۆلگىدەك ئىپلاس، پىتئۈچەي، ۋۇجۇدى بىلەن شەھۋەتكە بېرىلگەن كىشىدۇر. ئۇنىڭ قارنىنى تۇپراقتىن بۆلەك ھېچ نەرسە تولدۇرالمايدۇ. ئاچلىقىنى توپا-چاڭدىن بۆلەك ھېچ نەرسە يوقىتالمايدۇ. ئۇ ناھايىتى ئاچكۆز، قىتىغۇر، يالاقچى، نەپىس بالاسىدۇر. ئۇ خۇددى راسا ئاچ قويۇپ، ئاندىن ئەخلەتكە قويۇپ بېرىلگەن توڭگۇزغا ئوخشايدۇ.


ئەي، مىسكىن! بۇ ئاشنالىرىڭغا سەن شۇنداق باغلىنىپ قالغانسەنكى، ئۇلار ۋە ئۇلارغا ئوخشىغانلارنىڭ ئايىغىمۇ تېگىپ باقمىغان مەملىكەتكە چىقىپ كېتىپ، ئۇلاردىن قۇتۇلمىساڭ، باشقا ھېچقانداق نەرسە سېنى قۇتقۇزالمايدۇ. لېكىن ھازىر ئۇلاردىن ئايرىلىشنىڭ ۋاقتىمۇ ئەمەس، قېچىپ قۇتۇلۇشۇڭمۇ قىيىن. ئەمدى قولۇڭنى ئۇلاردىن ئۇزۇن قىلىپ يۈر. سېنىڭ ھۆكمۈڭ ئۇلارنىڭ ھۆكمىدىن ئۈستۈن كەلسۇن. سەن ئۆز تىزگىنىڭنى ئۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇشتىن ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزۈڭگە يېتەكچى بولۇۋېلىشىدىن ساقلان. قايتىدىن ئۇلارغا ياخشى تەدبىر قوللىنىپ، ئۈستۈن كېلىشكە ھەرىكەت قىل. شۇ چاغدا سەن ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىغان بولىسەن. ئەگەر سەن قاتتىق تۇرساڭ، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە قارىتىسەن، ئۇلار بولسا سېنى ئۆزلىرىگە قارىتالمايدۇ. سەن ئۇلارنى ئىگىلىۋالىسەن، ئۇلار سېنى ئىگىلىيەلمەيدۇ. بۇ ئاغىنىلىرىڭ ھەققىدە سېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ھىيلە ۋە تەدبىر شۇكى، يېنىكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ كالتە پەمگە ئالدىنىشتىن ئىبارەت ئىشنى ئۇچراتساڭ، ئۇ رەھىمسىزلىك بىلەن بۇ كالتە پەمنىڭ بېشىغا قاتتىق ئۇرۇپ يىقىتىسەن، شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى ناھايىتى تۆۋەنلەتكەن بولىسەن، ئەمما مانا بۇ ئاچكۆزگە ئۇ تا تەڭرىگە قەسەم ئىچىپ، سېنى ئىشەندۈرمىگىچە ئۇنىڭغا مايىل ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرمە. ئەگەر ئۇ قەسەم ئىچىپ، ئىشەندۈرسە، ئىشەن، ئۇنىڭ ساڭا كەلتۈرۈۋاتقان خەۋىرى راست-يالغان ئارىلاش بولسىمۇ، ئۇنى ئاڭلاشتىن قاچما. شۇ چاغدا سەن ئۇنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئېنىق ۋە ئىسپاتلاشقا لايىق بولغىنىنى يوقاتمىغان بولىسەن.


شۇنداق قىلىپ، ئۇ بوۋاي ماڭا ئاغىنىلىرىمدىن گەپ قىلىپ، ئۇلارنى ماڭا تەسۋىرلەپ بەرگىنىدە، ئاشنالىرىم ھەققىدە بىلگەن نەرسىلىرىنى راست، دەپ قوبۇل قىلىشقا ئالدىرىدىم. ئاخىر مەن ئۇنى سىناشقا باشلىغىنىمدا، سورىغان كىشىم ئۇلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى-دە!


مەن تىرىشىپ يۈرۈپ، ئۇلارنى كۆزىتىشكە باشلىدىم. گاھ مېنىڭ قولۇم ئۇلاردىن، گاھ ئۇلارنىڭ قولى مەندىن كۈچلۈك كېلەتتى. تا ئايرىلىش پەيتى كەلگۈچە بۇ ئاشنالىرىم بىلەن ياخشى قوشنىچىلىق قىلىشىم ئۈچۈن تەڭرىدىن ياردەم تىلەيمەن.


كېيىن بۇ بوۋايدىن زور بىر ئارزۇ ۋە ئىشتىياق بىلەن ساياھەتتە رەھنامالىق قىلىشنى ئىستىدىم. ئۇ ماڭا ئېيتتى:


سەن ۋە ساڭا ئوخشاش كىشىلەر مېنىڭ ساياھىتىمدەك ساياھەت قىلماقچى بولسا، بۇنىڭغا يول ئېتىكتۇر. ئۇ ساياھەت يولى ساڭا ۋە ساڭا ئوخشاشلارغىمۇ ئېتىلگەن. يەككىلىنىش ساڭا بەخت-سائادەت بېغىشلىماسمىكىن؟! بەخت ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت بار؛ سەن ئۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرى بەختكە ئېرىشەلمەيسەن. سەن بەزى ۋاقىتلاردا قا"نىم ئارىلاش ساياھەت قىلىشقا ۋە بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ تۇرۇشقا كۆنۈك. قاتتىق ئىشتىياق بىلەن ساياھەتكە چىققىنىڭدا، سەن مەن بىلەن بىرگە بولىسەن. شۇ چاغدا سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرگە ئالماي، تاشلاپ كېتىسەن. ئەگەر سەن ئۇ ئاشنالىرىڭغا مايىل بولساڭ، ئۇلار تەرەپكە بارىسەن؛ تا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغىنىڭچە مەندىن ئالاقەڭنى ئۈزۈپ تۇرىسەن.


شۇنداق قىلىپ، گەپ ھەر بىر ئىقلىم ئەھۋالىدىن، بىلگەن ۋە ئاڭلىغان خەۋەرلەردىن سوراشقىچە بېرىپ يەتتى. شۇ چاغدا ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:


− يەر چېگرىسى ئۈچ نەرسىدىدۇر: بىرى «خافىقانى» دەپ ئېنىقلانغان چېگرادۇر. بۇ چېگرانىڭ ھەقىقىتى مەلۇم. ئۇ ھەقتە ناھايىتى ئوچۇق ۋە ئاجايىپ خەۋەرلەر كېلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۇلۇغ نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يەنە ئاجايىپ ئىككى چېگرا بار: بىرى، «كۈنپېتىش»، يەنە بىرى «كۈنچىقىش»تۇر.


بۇلارنىڭ ھەر بىرىدە نۇرغۇن مەملىكەت بار. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى بىلەن ئىنسانلار ئالىمى ئارىلىقىنى ئايرىپ تۇرغان چېگرا بار. ئۇ چېگرادىن خۇدا تەرىپىدىن ئەسلى يارىتىلىشىدا ئۆتۈش لاياقىتىنى كەسىپ قىلغان، مەخسۇس ئادەملەردىن باشقا ھېچكىم ئۆتەلمەيدۇ. بۇ چېگرىلاردىن ئۆتۈشتە تۇرغۇن ھايات بۇلىقىدا چۆمۈلۈش پايدىلىق. ئەگەر ساياھەتچى ئاشۇ بۇلاقتا يول تاپسا، ئۇنىڭدا يۇيۇنۇپ، پاكىز بولسا ۋە ئۇنىڭ شېرىن سۈيىدىن ئىچسە، ئۇ چاغا ئۇنىڭ ئەزالىرىدا ئاجايىپ بىر قۇۋۋەت پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇ سەھرالارنى بېسىپ ئۆتۈشكە قادىر بولىدۇ. ئۇ «بەھر ئۇل-مۇھىت»تا چۆكمەيدۇ. قاف تېغى ئۇنىڭ يولىنى توسالمايدۇ. «زەبانىيە»مۇ ئۇنى جەھەننەمگە يوللىيالمايدۇ.


بىز بۇلاقنى ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى سورىدۇق. ئۇ ئېيتتى:


− سەن بۇنى ئاڭلىغانسەن: قۇتۇپ تەرەپتىكى تۇرغۇن قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئەھۋالى ساڭا مەلۇم. قۇياش ھەر يىلى مەلۇم مۇددەتكىچە ئۇنى يورۇتۇشقا قادىر بولالمايدۇ. ئۇ قاراڭغۇلۇقلارغا كىرگەن ۋە ئۇلاردىن تارتىنمىغان كىشى نۇرغا تولغان چەكسىز بىر بوشلۇققا يېتىپ بارىدۇ. شۇندا، ئۇنىڭغا ئالدى بىلەن بەلەنلىككە قاراپ، دەريا بولۇپ شارىلداپ ئېقىۋاتقان بۇلاق كۆرۈنىدۇ. كىمكى بۇ بۇلاقتا چۆمۈلسە، سۇدا چۆكمەي، يەڭگىل يۈرىدۇ. تاغ چوققىلىرىغا قىينالماي چىقىپ، ئاخىر ئىنسانىيەت ئالىمىدىن ئايرىلغان ئاشۇ ئىككى چېگرىنىڭ بىرىگە ئېرىشىدۇ.


مەملىكىتىمىز مەغرىب چېگرىسىدىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن چېگرا ھەققىدە گەپ قىلىپ بېرىشنى سورىدۇق. شۇ چاغدا ئۇ مۇنداق دېدى:


− مەغرىبنىڭ ئەڭ يىراق يېرىدە چوڭ ۋە ئىسسىق بىر دېڭىز بار. ئۇنى تەڭرى كىتابىدا «ئەينەن ھەمىئەتەن»، يەنى ئىسسىق بۇلاق دەپ تىلغا ئالىدۇ. قۇياش ئۇنىڭغا يېقىنلا جايغا پاتىدۇ. بۇ دېڭىز چېكى يوق خاراب بىر مەملىكەتتىن باشلىنىدۇ. ئۇ ئىقلىمغا ھەر تەرەپتىن غېرىبلار كېلىپ، ئۇنى ئاۋات قىلىپ تۇرىدۇ، خالاس. ئۇ يەرلەرنى دائىم قاراڭغۇلۇق قاپلاپ تۇرىدۇ، ئۇ يەرگە بارىدىغان كۆچمەنلەر قۇياش پاتقاندا كېرەك بولىدۇ، ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئازغىنا نۇرمۇ ئېلىپ بېرىشىدۇ. ئۇ يەرلەر شور تۇپراقتۇر. بۇ يەرگە كېلىپ قونۇپ قالغانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇ يەرنى ئاۋات قىلىپ، ئېرىقلار قېزىپ، بىنالار قۇرۇپ، كۆچەتلەر تىكىشىدۇ. باشقا بىرلىرى ئىمارەت سالىدۇ، ئاندىن ئۇ بىنالار غۇلايدۇ، ئۇنى يەنە قۇرۇشىدۇ، يەنە بۇزىدۇ.


بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ئوتتۇرىسىدا دائىم جېدەل-جاڭجال، ھەتتا ئۇرۇشلارمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. قايسى بىر تائىپە غالىب كەلسە، باشقا تائىپىنىڭ ئۆيلىرىنى ئىگىلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ كۈچلۈك كەلگەنلەر ئۆي ئىگىلىرىنى ئۇ يەردىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلار ئۆز يەرلىرىدە قېلىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، خورلىنىشلىرى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. بۇلارنىڭ ئادەتلىرى شۇدۇر، بۇنداق قىلىشتىن يېنىشمايدۇ. بۇ ئىقلىمغا ھەر خىل قانلىقلار كېلىدۇ، ئۇ يەردە ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. لېكىن بۇ يەرگە كېلىپ تۇرۇپ قېلىشقان جانلىقلار بۇ يەرنىڭ ئوتلىقىدىن ئوتلاپ، بەھرىمەن بولۇپ يۈرسە ۋە سۈيىدىن ئىچسە، ئەسلىي شەكىللىرىدىن خېلىلا ئۆزگىرىپ (يەنى ئوخشىمايدىغان) بىر تۈسكە كىرىپ قېلىپ، ئۆز سۈرەتلىرى بولسا پەردىلىنىپ قالىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ مەملىكەتتە ئىنساننى جانىۋار تېرىسى بىلەن يېپىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە قېلىن ئوتلارنىڭ ئۆسكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قالغان ھەممە نەرسىلەرنىڭ ھالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىسەن. بۇ ئىقلىم خاراب بىر جان بولۇپ، يەرلىرى شورلۇق، پىتنىگە تولغان، جاڭجال ئۈزۈلمەيدىغان، غەليان كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان جايدۇر. ئەگەر خالىسا، ياخشىلىق ۋە خۇشاللىق ئۇزاق جايلاردىن ئېلىپ كېلىنىدۇ.


مانا شۇ ئىقلىم بىلەن سىلەرنىڭ ئىقلىم ئارىسىدا باشقا ئىقلىملارمۇ بار. لېكىن ئاسماننىڭ چېتى كېلىپ تۇتاشقان جايىغا يانداش مانا مۇشۇ ئىقلىمنىڭ ئارقىسىدا بىر قانچە نەرسىلەردە خۇددى شۇ ئىقلىمغا ئوخشاش يەنە بىر ئىقلىم بار. ئۇلارنىڭ بىرى غەرىب ۋە يىراق يەردىن كەلگەن ئاھالىسىدىن باشقا ھېچكىم يوق، ئادەمزاتسىز قۇپقۇرۇق جايدۇر. بۇلاردىن يەنە بىرى، گەرچە بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن نۇر دېرىزىسىگە ئەڭ يېقىن بولسىمۇ، نۇرنى بىگانە جايدىن ئوغرىلايدىغان ئىقلىمدۇر. بۇنىڭدىن ئالدىنقى ئىقلىم يەرنىڭ ئاساسى ۋە قارارگاھى بولغىنىدەك، كېيىنكىسى ئاسمانلارنىڭقارارگاھىدۇر. لېكىن كېيىنكى ئىقلىمدا مەمۇرچىلىق يولغا قويۇلغان. بۇ ئىقلىمغا كەلگۈچىلەر ئارىسىدا ھېچقانداق كېلىشمەسلىك يوق. ھەر بىر خەلق ئۈچۈن تەيىنلەنگەن مەلۇم ئۆلكە بار. ئۇلار ئۈستىگە ھېچكىم غالىب بولۇپ باستۇرۇپ كەلمەيدۇ. ئاۋات قىلىنغان جاينىڭ بىزگە ئەڭ يېقىن قىسمىدا ياشىغۇچى خەلق ۋىجىك، چاققان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ سەككىزچە شەھىرى بار.


ئۇنىڭغا يانداشقان مەملىكەت ئاھالىلىرىنىڭ جۇغى بۇلاردىنمۇ كىچىكرەك، يۈرۈش-تۇرۇشى ئېغىرراق بولىدۇ. ئۇلار يېزىش-سىزىش ۋە نۇجۇم، نەيرەڭۋازلىقلار، تىلسىملار، نازۇك سانائەتلەر، يۈكسەك ئىشلارنى بىلىدۇ ۋە شۇلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا ھەرىكەت قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى توققۇزدۇر. بۇ مەملىكەت ئاھالىسى يېقىملىق، ناھايىتى گۈزەل بولىدۇ. ئۇلار كەيىپ-ساپانىمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرۈشىدۇ، غەمسىز، تۈرلۈك سازلارنى ناھايىتى ياخشى چېلىشىدۇ، تۈرلۈك-تۈمەن كۈيلەرنى بىلىشىدۇ. بىر خوتۇن ئۇلارغا پادىشاھلىق قىلىدۇ. ئېھسان ۋە ياخشىلىق ئۇلار ئۈچۈن تەبىئىيدۇر. ئەگەر يامان گەپ بولۇپ قېلىنسا، ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشىدۇ. بۇ خوتۇن پادىشاھنىڭ شەھەرلىرى سەككىزدۇر.


ئۇنىڭغا تۇتاشقان مەملىكەتتە ياشىغۇچىلار قەددى-قامەتلىك، يۈزلىرى بۈركۈتنىڭكىدەك؛ ئۇلاردىكى خىسلەتلەردىن بىرى شۇكى، ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇشى ناھايىتى پايدىسىز، يېقىنلىشىش ئەزىيەتلىك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى بەشتۇر.


ئۇنىڭغا يانداشقان مەملىكەتتە دۇنيادا يامانلىق قىلىدىغان خەلقلەر جايلاشقان. ئۇلار بوغۇش، قان تۆكۈش، ئۆلتۈرۈش ۋە قول-پۇت كېسىشنى، ئويۇن-كۈلكىنى ياخشى كۆرۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ كۈلپەت كەلتۈرىدىغان قاتىل، ئۇرىدىغان، قىزىل يۈزلۈك، يولدىن ئۇرغۇچى پادىشاھى بار.


بۇ قىسسە رىۋايەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھاكىم يۇقىرىدا ئېيتقان چىرايلىق پادىشاھ خوتۇنغا ئاشىق ئىكەن، ئۇنىڭمۇھەببىتى بۇنى ئاشىق بىقارار قىلىپ قويغان ئىكەن. ئۇلارنىڭشەھەرلىرى يەتتىدۇر.


ئۇنىڭغا يانداشقان بۈيۈك مەملىكەت ئاھالىلىرى ئىپپەت، ئادالەت، ھېكمەت ۋە تەقۋادارلىققا بېرىلگەن، ياخشىلىقنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە بېرىشقا تەييار، يىراق ۋە يېقىندىكى بارلىق كىشىلەرگە شەپقەت كۆرسىتىشكە ئېتىقادلىقتۇر. بىلگەن ۋە بىلمىگەنلىرىگە ياخشىلىق كۆرسەتكۈچىلەردۇر. نەپىسلىك ۋە گۈزەللىكتە بۇلارنىڭ تېڭى يوق. بۇلارنىڭ شەھەرلىرىمۇ يەتتىدۇر.


ئۇنىڭغا يانداشقان مەملىكەت ئاھالىسى بولسا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگۈچى، يامانلىققا بېرىلگەن خەلقتۇر. ئەگەر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنى بەكمۇ مىننەت قىلىشىدۇ. بۇلار بىرەر بىر تائىپە ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشسا، چۆچىگەن كىشىدەك ئەمەس، بەلكى ئەقىللىق كىشىدەك تەدبىر كۆرۈشىدۇ؛ قىلىدىغان ئىشلىرىدا سەۋردىن باشقا نەرسىگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى يەتتىدۇر.


ئۇنىڭدىن كېيىن، پايانسىز، ئىمارەتلىرى كۆپ چوڭ بىر مەملىكەت بار. بۇ مەملىكەتنىڭ ئاۋات قىلغۇچىلىرى كۆپ. خەلقلىرى شەھەرلەردە تۇرۇشمايدۇ. سەھرالاردا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرار جايلىرى ئون ئىككى بۆلەككە بۆلەنگەن قۇرۇق يەردۇر. ئۇلارنىڭ يىگىرمە سەككىز قوناق جايى بار. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى باشقىلارنىڭ قونىقىغا بېرىشمايدۇ. لېكىن ئالدى تەرەپتىكى ئۆيلەردىن بىرەر تائىپە كۆچسە، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن باشقا بىر تائىپە بېرىپ، ئۇلارنىڭ جايلىرىنى دەرھال ئىگىلىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن ئالدىنقى مەملىكەتلەرنىڭ خەلقلىرى بۇ مەملىكەتكە كېلىپ-كېتىپ تۇرىدۇ.


ئۇنىڭغا يەنە بىر مەملىكەت يانداشقان. بۇ مەملىكەتنىڭ چېتىگە تا مۇشۇ ۋاقىتقىچە ھېچكىم يەتكەن ئەمەس، بايقىغانمۇ ئەمەس. ئۇنىڭدا شەھەرلەرمۇ، يېزىلارمۇ يوق.


كۆز بىلەن كۆرىلىدىغان زاتلار بۇ يەردە تۇرۇشمايدۇ. بۇ يەرنى ئاۋات قىلىپ تۇرغۇچىلار رۇھانىي پەرىشتىلەردۇر. ھېچبىر ئىنسان ئۇ يەرگە چۈشمەيدۇ. بۇ مەملىكەتتىن ئۇنىڭغا يانداش بولغان مەملىكەتلەرگە پەرمانلار چۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئارقىسىدا ئاۋات جاي يوق. ئالەمنىڭ مەغرىب دەپ ئاتىلىدىغان سول تەرىپىدىن بۇ ئىككى ئىقلىمغا يەرلەر ۋە ئاسمانلار تۇتاشقان.


ئەگەر ئۇنىڭدىن مەشرىق تەرەپكە يۈزلەنسەڭ، ساڭا بىر ئىقلىم كۆرۈنىدۇ. بۇ ئىقلىمدا نە ئىنسان، نە ئوت، نە تاشمۇ يوق. پەقەتلا ئۇ كەڭ بىر سەھرا، سۈيى لىق تولغان دېڭىز، غۇيۇلدىغان شاماللار، ئەلەڭلەنگەن ئوتتىن ئىبارەت، خالاس. بۇنى بېسىپ ئۆتسەڭ، ئېگىز تاغلار، ئاقار دەريالار، گۈرۈلدىگەن شاماللار، يامغۇرلۇق بۇلۇتلىرى بار بىر جايغا دۇچ كېلىسەن ۋە ئۇ يەردە ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەتلىك ۋە ئەرزان گۆھەرلەرنىڭ خىل ۋە تۈرلىرىگە ئىگە بولىسەن. لېكىن ئۇ يەردە ھېچقانداق ئۆسۈملۈك يوق.


بۇ يەردىن ئۆتكەندىن كېيىن، باشقا بىر ئىقلىمغا بېرىپ قالىسەن. بۇ ئىقلىم يۇقىرىدا ئېيتىلغان جايدا بولمىغان نەرسىلەر بىلەن لىق تولغان. ئۇ يەردە يەر بېغىرلاپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممە تۈرى، مېۋىلىك ۋە مېۋىسىز، دانلىق ۋە ئۇرۇقلۇق دەرەخلەر بار. ئۇ يەردە يۈرىدىغان ۋە ئاۋاز چىقىرىدىغان جانلىقلارنى كۆرمەيسەن. ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ، باشقا بىر ئىقلىمغا بېرىپ قالىسەن. تىلسىز، سۈزگۈچى، يەر بېغىرلىغۇچى، ئۇدۇل ئۇچقۇچى ۋە تۇغۇلغۇچى ھايۋانلارنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى كۆرىسەن. ئۇ يەردە ساڭا ئۈلپەت بولىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ. ئۇ يەردە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىڭنى بىلىۋېلىپ، ھەمجىنىسلارنىڭ ئالىمىگە بېرىپ قالىسەن.


ئەگەر مەشرىق تەرەپكە قايرىلساڭ، قۇياشنى شەيتاننىڭ ئىككى شېخى ئارىسىدىن چىقىشىنىڭ شاھىدى بولىسەن. چۈنكى، شەيتاننىڭ ئىككىلا شېخى بار: بىرى ئۇچىدۇ، بىرى ماڭىدۇ. مەشرىق تەرەپتە يۈرىدىغان خەلقلەر ئىككى قەبىلىدىن ئىبارەتتۇر. بىرىنىڭ خۇلقى يىرتقۇچ ھايۋان سۈپەت، يەنە بىرىنىڭ خۇلقى بولسا تۆت پۇتلۇق ئۆي ھايۋىنىغا ئوخشاشتۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا دائىم جاڭجاللار بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىككىلىسى مەشرىقنىڭ سول تەرىپىدىدۇر. ئۇچىدىغان شەيتانلارنىڭ جايلىرى بولسا مەشرىقنىڭ ئوڭ تەرىپىدىدۇر. بۇلار بىر خىل جىنستىن يارىتىلماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئايرىلغان ھالدا، نادىر كۆرۈنۈشتە يارىتىلغاندۇر. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىككى خىل، بەزىسى ئۈچ، باشقىلىرى بولسا تۆت خىل قىلىپ ئۇچىدىغان ئىنسان ۋە توڭگۇز باشلىق يىلانغا ئوخشاش يارىتىلغان. بەزىسى يېرىم ئادەم ۋە يەنە بەزىسى بېشى ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئەمما باشقا ھەممە ئەزالىرى ھايۋانلارنىڭ ئەزاسىدىن ئىبارەت. رەسساملار تەسۋىرلەيدىغان سۈرەتلەرنىڭ ئاشۇ ئىقلىمدىن ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ھەقىقەتتىن يىراق ئەمەس. بۇ ئىقلىمدا غالىب كەلگەن − پادىشاھنىڭ بۇ يەردە بەش چاپارمىنى بار، ئۇلار ئالاقە يولى تەشكىل قىلغان. شۇنىڭدەك، ئۇ ئاشۇ مەملىكەت ئۈچۈن قورالخانىلار قۇرغان ۋە ئۇنىڭغا قوراللىق كىشىلەر قويغان. بۇلار بۇ ئالەم ئەھلىدىن كىمكى ئۇ يەرگە بېرىپ قالسا، ئۇنى شارتلا تۇتۇۋالىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە يەتكەن بارلىق خەۋەرلەرنى ئاشۇ كىشى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. ئاندىن ئەسىرلەرنى مەملىكەت ئىشىكىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ئاشۇ بەش چاپارمەننىڭ باشلىقىغا تاپشۇرىدۇ. ئەسىرلەردە بېكىتىپ مۆھۈرلەنگەن يازما خەۋەرلەر بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن مۇدىرمۇ خەۋەردار بولالمايدۇ. بۇ مۇدىرنىڭ ۋەزىپىسى مەكتۇپلارنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھقا بىلدۈرۈش ئۈچۈن خەزىنىچىگە يەتكۈزۈشتۇر. ئەسىرلەرگە بولسا مانا مۇشۇ خەزىنىچى قاراپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قوراللىرى بولسا باشقا خەزىنىچىگە ساقلاش ئۈچۈن تاپشۇرۇلىدۇ. سىلەرنىڭ ئالىمىڭلاردىن ئەسىر ئېلىنغان ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە باشقىلار ئۆز سۈرەتلىرى بىلەن ئاشۇ تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ كۆپىيىدۇ.


بۇ ئىككىلا شاخ ئوتتۇرىسىدىن بۇ ئىقلىمىڭلارغا سەپەر قىلغۇچى كىشى ئىنسانلارنىڭ نەپەس يوللىرىدىن كىرىپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنىڭ قارا نۇقتىسىغىچە بارىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى يۈرگۈچى شاخنىڭ يىرتقۇچ ھايۋان سۈرەتتىكىسى ئىنسانغا ئۇنى قىينايدىغان بىر ئەزىيەت يېتىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئەزىيەت يەتسە ئۇنىڭغا ۋەھشىيلىك قىلىش، ئۆلتۈرۈش، قۇلاق-بۇرنىنى كېسىپ سازايى قىلىش، ئازاپ سېلىپ قىيناشتەك يامان ئىشلارنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىدا جەبىر قىلىش، زۇلۇم ۋە ئېزىش ھېسلىرىنى ئويغىتىدۇ، ئۇنى شۇنىڭغا مايىل قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. لېكىن بۇ ئىككى شاختىن باشقا بىر شاخ بولسا ئىنسان بالىسىغا يامانلىق، مەنئى قىلىنغان ئىش، پىتنە-پاساتلارنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىدۇ ۋە شۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ يەلكىسىگە مىنىۋالىدۇ. قىزىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىر ئۇنى ئاشۇ تەرەپكە تارتىدۇ.


ئەمما ئۇ ئۇچىدىغان شاخ بولسا، كۆزى بىلەن كۆرمىگەننى يالغاندىن كۆردۈم، دەپ ئالدايدۇ، يارىتىلغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىشنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. ئىنساننىڭ دىلىغا، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش يوق، ئاقىۋىتى يامانلىق ۋە ياخشىلىقنى كۆرۈشمۇ يوق، بۇ مەملىكەتنىڭ ياراتقۇچىسىمۇ يوق، دەپ ئىنسان قەلبىنى قارىلايدۇ، پىكرىنى بۇزىدۇ.


بۇ ئىككىلا شاختىن باشقىسىنى ئىقلىمىڭلار ئارقىسىدىكى ئىقلىم چېگرىسىغا يېقىن يەر پەرىشتىلىرى ئاۋات قىلىشىدۇ، پەرىشتىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئۇ تائىپە توغرا يولنى تېپىپ، دىنسىزلارنىڭ يولىدىن چىقىدۇ، پاك رۇھلۇقلار ئەخلاقىغا ئىگە بولىدۇ. بۇلار ئەگەر ئىنسانلار بىلەن ئارىلاشسا، ئۇلارغا يامان خۇلقلارنى ئۆگەتمەيدۇ، يولدىن ئازدۇرمايدۇ، ئىنسانلارنىڭ پاك بولىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇلار جىنلاردۇر. كىمكى مۇشۇ ئىقلىمنىڭ ئارقىسىغا يەتسە، يەر پەرىشتىلىرى تۇرىدىغان بىر ئىقلىمغا بارىدۇ. بۇلار ئىككى تەبىقىگە بۆلۈنىدۇ: بىرى ئوڭ تەرەپتىكىسى بولۇپ، بۇ بىلگۈچى ۋە بۇيرۇق بەرگۈچىدۇر. ئۇدۇلدىكىسى سول تەرەپتە تۇرغۇچى تەبىقە بولسا بۇيرۇقنى قوبۇل قىلغۇچى ئىشلەمچىلەردۇر. بۇ ئىككىلا تەبىقە گاھ جىن ۋە ئىنسان ئىقلىملىرىغا، پەسكە چۈشىدۇ، گاھ كۆككە كۆتۈرۈلىدۇ. ئېيتىشلىرىچە، «خەفەزەيى كىرامى كاتىبىين» شۇلاردىنمىش. بۇلاردىن ئوڭدا ئولتۇرۇپ كۆزەتكۈچى بولسا، بۇيرۇق بەرگۈچىلەردىن بولۇپ، يازدۇرۇش ئىشى شۇلارنىڭ قولىدا. سولدا ئولتۇرۇپ كۆزەتكۈچى بولسا ئىشلەمچىلەردىن بولۇپ، يېزىش ئىشى شۇلارنىڭ قولىدا. بۇ ئىقلىمغا ئۆتۈشكە يول تاپالىغان كىشى ئاسماننىڭ نېرىقى تەرىپىدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئەڭ بۇرۇن يارىتىلغانلارنى كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىتائەت قىلىدىغان يېگانە پادىشاھى بار. چېگرىلارنىڭ بىرىنچىسىدە ئۇلۇغ پادىشاھلارنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئاچكۆزلۈك، نەپسانىيەتچىلىك، شەھۋانىيلىق، زۇلۇم ۋە ھەسەت قىلىش ۋە ھورۇنلۇق قىلىشقا مايىل بولمىغان پاكىزە زاتلاردۇر. ئۇلار بۇ مەملىكەت ئەتراپلىرىنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈن قويۇلغان ۋەكىللەردۇر. ئۇلار ئاشۇ يەردە ھەر نەرسىدىن ئاگاھ بولۇپ تۇرۇشىدۇ. بۇلار مەدەنىي بولۇپ، شەھەرلەردە، ياخشى يەرلەردە، گۈزەل بىنالاردا تۇرىدۇ.


بۇ يەرنىڭ تۇپرىقى ئىقلىمىڭلار تۇپرىقىغا ئوخشىمايدۇ. بۇ مەملىكەت ئەينەك، ياقۇت ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەردىنمۇ قاتتىقراقتۇر. ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن ۋە ئۆلۈم ئۇلاردىن يىراقلاشتۇرۇلغان. ئۇلار ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى شاھلىرى بىلەن بەك يېقىن ۋە ناھايىتى ياخشى ئارىلىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار شاھ مەجلىسىگە دائىم تەييار بولۇپ تۇرىدۇ. پادىشاھ خىزمىتىنى قىلىشنى ئۆزلىرىگە خارلىق دەپ بىلىشمەيدۇ ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئۇلار شاھقا يېقىن تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شاھ ئالىي مەجلىسىدە ئولتۇرۇشىدۇ ۋە پادشاھتىن ئايرىلمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يۈزىگە قاراش بىلەن بەختكە ئېرىشىدۇ. بۇلارنىڭ تەبىئەتلىرى گۈزەللىك ۋە زېھىن ئۆتكۈرلۈكى، دانالىق، راستچىللىق، يېقىملىقلىق ۋە يېتۈكلۈك بىلەن زىننەتلەنگەن. ئۇلارنىڭھەر بىرى ئۈچۈن ئالاھىدە جاي ئاجرىتىلغان، دەرىجىلىرىمۇ تەيىن قىلىنغان، تۇرار جايلىرىمۇ مەلۇم چېگرىلار بىلەن بەلگىلىنىپ قويۇلغان. ئۇلار بۇ دەرىجىلەردە تۇرۇپ بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى تارتىۋالمايدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغىمۇ ئارىلاشمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى باشقىسىدىن يۇقىرى بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايدۇ، ئۆزىنى ئۇنىڭدىن كەمسىتىشنى ئەپ كۆرمەيدۇ.


پادشاھنىڭ ئەڭ يېقىن بىر كىشىسى بولۇپ، ئۇ بولسا ئۇلارنىڭ ئاتىسىدۇر. ئۇ كىشىلەر ئاشۇ ئاتىنىڭ پەرزەنتى ۋە نەۋرىلىرىدۇر. بۇ ئاتا ئارقىلىق ئۇلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇق ۋە پەرمانلىرىنى ئېلىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاجايىپ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇلارنىڭ تەبىئەتلىرى پىر بولۇپ، تېز قېرىشمايدۇ.


ئۇلارنىڭ ئاتىسى بولسا، گەرچە ئۇلاردىن چوڭراق بولسىمۇ، ئۇلاردىنمۇ كۈچكە تولغان، كۆرۈنۈشىمۇ ياشراقتۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەھرادا تۇرۇشىدۇ. ھەممە نەرسە يېتەرلىك، كەمچىلىكى يوق. پادىشاھلىرى بولسا ئۇلاردىنمۇ ئېھتىياجسىزدۇر. كىمكى ئۇنى بىرەر ئىرققا تەئەللۇق دەپ بىلسە، ئۇ ئاداشقان بولىدۇ، كىمكى ئۇنىڭغا لايىق ماختاشلار بىلەن ماختايمەن دېسە، بىكار ئاۋارە بولىدۇ. ئۇنىڭ تەرىپىنى قىىلشقا كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. ئۇ بىرەر نەرسىگە ئوخشىتىلىشتىن يىراق. چۈنكى، ئوخشىتىش بۆلەك بىر نەرسىگە قىياسلاش بىلەن بولىدۇ. ئۇنىڭدا بولسا، بۇنداق ئەزالار يوق. شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ۋۇجۇدى ئۆزىنىڭ ھۆسنى ئۈچۈن چېھرە، سېخىيلىقى ئۈچۈن قولدۇر. ئۇنىڭ ھۆسنى بارلىق گۈزەللىكلەرنى يوق قىلىۋېتەلەيدىغان دەرىجىدە بولۇپ، ئۇنىڭ كەرەمى ئالدىدا بارلىق نەپىس كەرەملەر غالتەككە چىقىدۇ. ئەگەر بۇ پادشاھ ئەتراپىدا خىزمەتتە بولىدىغانلارنىڭ بىرەرسى پىكىر قىلىپ، ئۇنى كۆرىمەن دېسە، ھەسرەتتە كۆزدىن مەھرۇم بولىدۇ ۋە شۇ پېتىچە مەقسەتكە يەتمەي قايتىدۇ. ئۇنىڭ جامالى ئۆز ھۆسنىنىڭ پەردىسىدۇر، ئاشكارىلىقى ئۇنىڭ يوشۇرۇنلۇقىغا، نۇر چېچىشى بېكىكلىكىگە سەۋەبتۇر. خۇددى قۇياش ئازراق نىقاپلانغاندا، ئېچىلىشىنى كۆپرەك تەلەپ قىلغىنىدەكتۇر.


قۇياش نۇرىغا سىنچىلاپ قارىماقچى بولغىنىڭدا، نۇرى نۇرىغا پەردە بولۇپ قالىدۇ. بۇ پادىشاھ ئۆز كىشىلىرىگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئۇلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە بېخىللىق قىلمايدۇ. كىمكى ئۇنى كۆرەلمىسە، بۇنى ئۆز مۇلاھىزىسىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن دەپ بىلسۇن. ئۇ كۆپ ياخشىلىق، خەير-ئېھسان قىلىدىغان، مول نەرسە ئاتا قىلىدىغان دەرگاھى كەڭ، ھەممىگە باراۋەردۇر. كىمكى ئۇنىڭ جامالىدىن بىر ئاز بەھرىمەن بولسا، ئۇنى ھەر ھالدا تونۇيدۇ. كۆزنى ئېچىپ يۇمغىچىلا ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئالالمايدۇ. ئەگەر ئىنسانلار ئۇ تەرەپكە ھىجرەت قىلىپ تۇرسا، ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىدىن ئۆزلىرىگە كېرەكلىكىنى ئالىدۇ ۋە بۇ ئىقلىمىڭلار ئابرۇيىنى بىر پۇل قىلىشىدۇ. مۇبادا، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن قايتىشسا، ئۆزلىرىنىڭ خاھىشىغا قاراپ ئەمەس، بەلكى مەجبۇرەن قايتىشىدۇ.


ئاخىرىدا ئويغاق ئوغلى قوشۇپ قويدى:


− ئەگەر، سېنى ئويغىتىش مەقسىتىدە سۆزلىگەن بۇ ھېكايەم مېنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرمىغان بولسىدى، مەن بۇ ھېكايە بىلەن مەشغۇل بولمىغان بولاتتىم ۋە ساڭا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ ئولتۇرماستىم. خالىساڭ ماڭا ئەگەش، سېنى ئۇنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارىمەن.



function يوللانغان ۋاقتى 2011-10-12 12:17:44

بۇ كىتابنى ئىككى ئۈچ قېتىم ئوقۇپ ئاران چۈشەنگەن ئىدىم. ئېسىل كىتاب بۇ...

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-12 12:46:04

نېمىنى چۈشەنگەنسىز؟ دەپ باقمامسىز چۈشەنچىڭىزنى؟
بەت: [1]
: ھەييە ئىبن يەقزان (پەلسەپىۋىي قىسسە) ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا