kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 11:30:22

قۇش ھېكايىتى (پەلسەپىۋىي قىسسە) ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا


قۇش ھېكايىتى



(پەلسەپىۋىي قىسسە)



ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا



ئۆزبەكچىدىن نەشىرگە تەييارلىغۇچى:


ۋەلى كەرىم كۆكئالپ



مېنىڭ قايغۇلىرىمدىن بىرئاز بولسىمۇ ئاڭلاشقا لايىق دەرىجىدە قۇلاق سالىدىغان بۇرادەرلىرىمدىن بىرەرسى بارمىكىن؟! ئەگەر ماڭا ئورتاقلىق قىلىپ، ئاشۇنداق قىلغىنىدا، مېنىڭ بەزى ئېغىرلىقلىرىمنى كۆتىرىشكە شېرىك بولغان بولاتتى. شۇ چاغدا ھەقىقەتەنمۇ چىن دوست شاد ۋە غەمكىن ۋاقتىڭدا ئۆز دىلىنى پاكىز تازىلاپ، ساپ دوستلۇقنى ساقلاپ قالالىغان بولاتتى.


شۇنداقلىقىڭنى بىلمەي تۇرۇپ مەن سېنى قانداق قىلىپ كۆڭلىدە كىرى يوق، خالىس دوست دېيەلەيمەن؟


ئەگەر دوستلۇق سودا-سېتىققا ئوخشاش ئېھتىياجغا قاراپ ئىستەلسە، ئۇنىڭغا ئېھتىياج بولمىغاندا نەزەرگە ئېلىنماي تەرك ئېتىلسە، ئۇنىڭدا قانداق دوستلۇق بولىدۇ؟ دوست ئۆز دوستىنى بىرەر كۈلپەت يۈز بەرگەندىن باشقا ۋاقىتتا يوقلىمىسا، زۆرۈر بولۇپ قالغاندىلا ئەسلەپ، باشقا چاغدا ئەسلىمىسە، شۇمۇ دوستلۇق بولامدۇ؟


ئەي خۇدا، مەيلى، ئاخىر ئىلاھىي يېقىنلىق بىرلەشتۈرگەن، ئارىلىرىنى ئالىي مېھرىبانلىق يېقىنلاشتۇرغان دوستلار بارغۇ! ئۇلار ھەقىقەتكە تىك بېقىپ قارايدۇ، كۆڭلىدىن ئىپلاسلىق ۋە شەك-شۈبھىنى يوق قىلىدۇ، ئۇلارنى بىر-بىرى بىلەن، خالىسلىق، دوستلۇقتىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بىرلەشتۈرمىگەن.


ئەي، بۇرادەرلەر! ھەقىقەتنى يېيىڭلار، ئۆزئارا ياردەمدە بولۇڭلار. بەزىلىرىڭلارنىڭ بەزى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشى ۋە بەزىلىرىڭلارنىڭ بەزى نەرسىلەر بىلەن كامال تېپىشى ئۈچۈن ھەر بىر كىشى ئۆز بۇرادىرىگە نىسبەتەن دىلدىكى پەردىنى خالىس ئېچىپ تاشلىسۇن.


ئەي، ھەقىقىي بۇرادەرلەر! كىرپىلەر بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ بېشىڭلارنى ئىچىگە تىقىڭلار. باتىنىڭلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىڭلار، زاھىرىڭلارنى بولسا ئىچىگە ئېلىڭلار. خۇدا ھەققى، باتىنىڭلار روشەن كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، بىراق سىرتىڭلار يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرماقتا.


ئەي، ھەقىقىي بۇرادەرلەر! يىلانغا ئوخشاش ئۆز پوستۇڭلاردىن چىقىڭلار ۋە قۇرتلار سۆرۈلۈپ يۈرگەندەك سۆرۈلۈپ يۈرۈڭلار. دۈشمەنگە قارشى قورالى تەييار بولغان چاياندەك بولۇڭلار. چۇنكى، ئەگەر شەيتان ئادەملەرنى ئارقىدىن ئالدىيالمىسا، ئۇ ھېچقاچان ئالداشقا مۇيەسسەر بولالمايدۇ.


ئەجەل زەھىرىنى يۇتۇڭلار، ئۇزۇن ياشايسىلەر؛ ئۆلۈمنى سۆيۈڭلار، تىرىك بولىسىلەر. قونىدىغان ئۇۋا تۇتۇۋالماي، ئۇچۇپ يۈرۈڭلار، چۈنكى، قۇشلارنىڭ ئوۋلىنىدىغان جايلىرى دەل ئۇۋىسىدۇر. ئەگەر قەناتسىزلىق پەرۋاز قىلىشىڭلارغا توسقۇنلۇق قىلسا، قانات ئوغرىلاڭلار، مەقسەتكە يېتىسىلەر. ئۇچۇشقا كىم ماھىر بولسا، ئاشۇ ئەڭ پەزىلەتلىك ھېسابلىنىدۇ. قىزىپ كەتكەن تاشلارنى يۇتىدىغان تۆگە قۇش بولۇڭلار. قاتتىق سۆڭەكلەرنى يۇتۇۋېتىدىغان يىلاندەك، ئوت ئىچىدە يۈگرۈپ يۈرىدىغان سەمەندەردەك، يورۇقلۇققا چىقمايدىغان شەپەرەڭدەك بولۇڭلار، چۈنكى، جانىۋارلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى شەپەرەڭدۇر.


ئەي ھەقىقىي بۇرادەرلەر! ئادەملەرنىڭباتۇرى كېلەچەكدىكى مۇشكۇلاتتىن قورقمايدۇ. كامالەتكە يېتىشتىن باش تارتقان كىشى ئادەملەرنىڭ ئەڭ قورقۇنچىقىدۇر.


ئەي ھەقىقىي بۇرادەرلەر! پەرىشتە يامانلىققا يۈز تۇتسا ياكى ھايۋانلار يامان ئىش قىلىپ قويسا، ئۇنىڭدىن ئەجەپلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇبادا ئىنساننىڭ ۋۇجۇدى ئەقىل بىلەن مۇنەۋۋەر بولۇپ تۇرۇپ، شەھۋەتكە بېرىلسە، بۇ يولدا ئۆز ئىنسانلىقىنى يوقىتىپ، تائىتىنى تاشلىغان بولسا، بۇنداق ئىنسانغا ئەجەپلىنىش كېرەك. شۈبھىسىزكى، ئادەم پەرىشتىسى شەھۋانىي ھېسلارنى يوقىتىشقا مازھىردۇر. ئۇنىڭپۇتلىرى جىماغا يۈرمەيدۇ. ئەگەر كىشىدىكى ئىنسانىيلىقنىڭ يامانلىققا تارتىدىغان شەھۋەتنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمىسە، ئۇنداق كىشى ھايۋاندىنمۇ پەس تۇرىدۇ.


ئەمدى مەن (ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا) بايىقى سۆزۈمنى داۋاملاشتۇراي.


بىرمۇنچە ئوۋچىلار پەيدا بولۇپ، تۇزاق قۇرۇپ، تورلىرىنى يېيىشتى. ئاندىن ئۇلار دان سېپىپ، ئۆزلىرى ئوتلار ئارىسىغا مۆكۈنۈپ تۇرۇشتى. بۇ چاغدا مەن قۇشلار ئارىسىدا ئىدىم. شۇ چاغدا ئوۋچىلار بىزنى كۆرۈپ قېلىپ، قۇشلارغا ئوخشاش ھۇشتەك چېلىپ چاقىرىشتى. بىز ئۇ يەردە ناھايىتى كۆپ دانلارنى ۋە ئۆزىمىزگە ئوخشاش قۇشلارنى كۆردۇق. كۆڭلىمىزدە بۇنىڭدا بىرەر يامانلىق بار، دېگەن شۈبھىمۇ پەيدا بولمىدى، ئىككىلىنىپ، ئۇ يەرگە بېرىشتىنمۇ تارتىنىپ تۇرۇشمىدۇق. بىز ئاشۇ قۇشلار تەرەپكە بېرىشقا ئالدىرىدۇق ۋە ھەممىمىز بىراقلا توزاققا چۈشتۇق. شۇ چاغدا ھالقىلار بوينىمىزغا ئىلىنىپ، تورلار قاناتلىرىمىزغا يېپىشاتتى، پۇتلىرىمىزغا بولسا تۇزاقلار ئىلىناتتى. قۇتۇلۇشقا شۇنچە ھەرىكەت قىلىپ كۆرسەكمۇ، لېكىن ئۇرۇنۇشىمىز بەرىبىر بىكارغا كەتتى. قىيىنچىلىقتىن باشقا نەرسىنى كۆپەيتمىدى. ھالاك بولۇشقا كۆزىمىز يەتتى. ئۆزىمىز بىلەن ئۆزىمىز ئاۋارە بولۇپ، ئاغىنىلىرىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە قايغۇرۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمىز. ھەممىمىز قۇتۇلۇش يولىدا ھىيلىلەر تېپىشقا باش قاتۇردۇق. ھەتتا بۇ ھەقتە ئويلاپ، ئۆزىمىزنىڭ تۇزاقتا ئىكەنلىكىمىزمۇ ئېسىمىزدىن چىقىپ كېتىپتۇ. تۇزاققا كۆنۈپ، قەپەسلەردە ئارام ئالدۇق. بىر كۈنى تور ئارىسىدىكى بىرمۇنچە قۇشلارنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇلار باش ۋە قاناتلىرىنى توردىن ئاجرىتىپ، قەپەسلەردىن قۇتۇلۇپ ئۇچۇپ كېلىشەتتى، پۇتلىرىدا بولسا ھامان قەپەس قالدۇقلىرى ئېسىلىپ تۇراتتى. لېكىن، بۇ قالدۇقلار ئۇچۇشقا، نىجات تېپىشقا توسقۇنلۇق قىلمايتتى. توسقۇنلۇق قىلمىغىنىغا قارىماي، ئۇچۇپ قۇتۇلۇش ئاسان ئەمەس ئىدى. بۇنداق قىلغاندا تىنچقىنا ھايات كەچۈرگىلى بولمايتتى. ئەنە شۇ ھالەت ئۇنۇتقان نەرسەمنى يادىمغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆنۈكۈپ قالغان نەرسىنىڭ يامانلىقىنىمۇ كۆرسەتتى. بوشايمەن، دەپ ئۇرۇنۇۋېرىپ بەك جاپا تارتىپ كەتتىم، ھەتتا ھەسرەت-نادامەتتىن كۆيۈپ، ئۆلەي دېدىم. ئاندىن مەن، ئەگەر ئۇلار ماڭا يېقىنراق كېلىپ راھەت تېپىش يولىنى كۆرسەتسىكەن، دېگەن ئۈمىدتە قەپەس ئىچىدە تۇرۇپ ئۇلارنى چاقىردىم. قەپەس ئىچىدە ئۇزاق تۇرۇش مېنى بەك قاتتىق قىينىۋەتكەن ئىدى. ئۇلار ئوۋچىلارنىڭ ھىيلىلىرىنى ئەسكە ئېلىپ، ماڭا ھېچقانچە ياردەم قىلمايلا بەدەر قېچىشتى. مەن ئۇلارغا كونا دوستلۇقىمىز ۋە ھەممىمىزنىڭ بىر گۇرۇھتىن ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يەنە شۈبھە پەيدا بولدى. مەن بولسام قەسەم ئىچىپ، گېپىمنىڭ راستلىقىغا ئۇلارنى ئىشەندۈردۈم. شۇنداق قىلغاندىن كېيىنلا ئۇلار مېنىڭ ئالدىمغا كېلىشتى. مەن ئۇلاردىن ھال-ئەھۋال سورىغان ئىدىم، ئۇلار شۇ چاغدا مەن مۇپتىلا بولغان نەرسىگە ئۇلارنىڭمۇ مۇپتىلا بولغانلىقلىرىنى، كېيىن ئۈمىد ئۈزۈپ شۇ ئۇقۇبەتكە كۆنۈپ قالغانلىقلىرىنى سۆزلەپ بېرىشتى. ئاندىن ماڭىمۇ ياردەم قىلىشتى: بوينۇمدىن تۇزاق، قاناتلىرىمدىن تورنى يوق قىلدى، قەپەس ئىشىكىنى ئېچىشتى. ئاندىن ماڭا: «بۇنى غەنىمەت بىلىپ قۇتۇلۇۋال!» دېيىشتى. مەن ئۇلاردىن پۇتلىرىمنى ھالقىلاردىن ئازاد قىلىپ قويۇشنى سورىدىم. ئۇلار: «ئەگەر بىز بۇنداق ئىشقا قادىر بولغان بولساق، ئاۋۋال ئۆز پۇتىمىزنى بوشىتىۋالغان بولاتتۇق، كېسەل تېۋىپ كېسەلنى داۋالىيالارمىدى؟» دېيىشتى. قەپەستىن چىقىپ ئۇچماقچى بولدۇم. ئۇلار ماڭا شۇنداق دېيىشتى: «سېنىڭ ئالدىڭدا ناھايىتى كۆپ دوقاللار بار. ئەگەر ئۇ دوقاللار ئۈستىدىن بۆلۈنۈپ-بۆلۈنۈپ ئۆتمىسەك، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلالمايمىز. بىزنىڭ كەينىمىزدىن ئۇچ، بىز سېنى قۇتقۇزىمىز ۋە ساڭا توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويىمىز.»


گۈزەل، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ۋادىلار يوق، ئەكسىچە، قۇرۇق خاراپ ۋادىدىكى يۈكسەك بىر تاغنىڭ ئىككى ئېگىز چوققىسى ئارىلىقىدىن ئۇچتۇق. ھەتتا ۋادىي ئارقىمىزدا قېلىپ، ھېلىقى تاغ چوققىسىغا يەتتۇق. بىردىن ئالدىمىزغا قارىساق، يەنە سەككىزچە يۈكسەك تاغلار تۇرۇپتۇ، بۇلارنىڭ چوققىرىلىغا كۆز يەتمەيتتى. شۇ چاغدا ئارىمىزدىكى بەزىلەر، بۇ تاغلاردىن تېزراق ئۇچۇپ ئۆتۈۋالمىساق، بىزگە ئامانلىق يوق، دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن تېز ئۇچۇپ، ئالتە چوققىدىن ئۆتۈپ، يەتتىنچىسىگە يەتتۇق. يەتتىنچى تاغ چېگرىسىغا كىرگەندە، بەزى قۇشلار، تاقىتىمىز چېكىگە يەتتى، ئارام ئالساق بولمامدۇ؟! بۇ قىيىنچىلىقلار جېنىمىزنى قۇرۇتتىغۇ. بىز بىلەن دۈشمەنلەرىمىزنىڭ ئارىسى خېلىلا يىراق، بەدەنلىرىمىزگىمۇ بىر ئاز ئارام بېرىشىمىز كېرەكقۇ، دەم ئېلىپ ئۇچۇش توختىماي ئۇچۇشتىن كۆرە نىجاتقا تېز يەتكۈزىدۇ، دېيىشتى.


شۇنداق قىلىپ، ئاشۇ تاغ چوققىسىغا كېلىپ قوندۇق. شۇنداق بىر قارىساق، كۆز ئالدىمىزدا ھەممە يېرى ياپ-يېشىل، ئاۋات، مېۋىزار، سۇلار ئېقىپ تۇرغان باغلار تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ نېمەتلىرى ئۆز كۆرۈنۈشى بىلەن كۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ، ئەقىلنى لال قىلاتتى. قۇلاقلارغا ناخشا كۈيلىرى، مۇڭلۇق نەغمە-ناۋالار ئاڭلىناتتى؛ نە پۇراقلىق ئىپاردا، نە ئەنبەردە بولمايدىغان خۇش پۇراقلار دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. بىز ئۇ باغنىڭ مېۋىلىرىدىن يېدۇق، سۇلىرىدىن ئىچتۇق ۋە تا ھاردۇق چىققۇچە شۇ يەردە تۇردۇق. بەزىلەر، پەخەس بولايلى، چۈنكى، خاتىرجەملىكتەك ئالدىنىش، ئېھتىياتچانلىقتەك قۇتۇلۇش يولى ۋە گۇمانلىنىشتەك مەھكەم قورغان يوق. دېيىشتى.


بۇ يەردە غەپلەتتە قېلىپ، ئۇزۇن تۇرۇپ قالدۇق. ئارقىمىزدىن دۈشمەنلەر ئىز بېسىپ بىز تۇرغان جاينى ئاختۇرۇپ كېلىشىپتۇ. گەرچە بۇ جايدا تۇرۇش بىز ئۈچۈن ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە ساق قېلىشىمىز قىيىن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كېلىڭلار، بۇ يەرنى تاشلاپ، تېزراق بۇ يەردىن كېتەيلى، دېيىشتۇق.


شۇنداق قىلىپ، ھەممىمىز ئۇچۇشنى قارار قىلدۇق. ئۇ يەردىن ئۇچۇپ، سەككىزىنچى تاغقا يېتىپ كەلدۇق. شۇنداق قارىسام، چوققىسى ئاسمان پەلەككە يەتكەن بەھەيۋەت تاغ، ئۇنىڭ تۆۋىنىدە قۇشلار ئۇچۇپ يۈرۈپتۇ. مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق خۇشناۋا، گۈزەل، خۇش سۈرەت، دىلكەش قۇشلارنى ئۇچراتمىغان ئىكەنمەن. ئۇلارنىڭ يېنىغا قونغىنىمىزدىن كېيىن، بىز ئىلگىرى ھېچكىمدىن كۆرمىگەن ۋە ئاڭلاپ باقمىغان ئېھسان، لۇتۇف ۋە ئادەمگەرچىلىكنى كۆردۇق. سەمىمىي ياردەمنى ھېس قىلدۇق. ھەتتا بىز ئۆمۈر بويى ئۇرۇنساقمۇ، ئۆمرىمىزگە بىرنەچچە ئۆمۈرنى قوشۇپ بەرگەندىمۇ، ئۇلارنىڭ بىزگە بەرگەن ياردەملىرىنىڭ كىچىك بىر ئۈلۈشىنى قايتۇرالمايتتۇق. ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ بولغاندا، بىز ئۇلارنى ئۆزىمىزگە ئازاب يەتكۈزگەن ۋەقەدىن خەۋەردار قىلدۇق. شۇ چاغدا ئۇلاردىن بىرى سۆزىمىزگە ئېتىۋار بېرىپ، «مانا شۇ تاغنىڭ ئارقىسىدا بىر شەھەر بار. ئاشۇ يەردە بۈيۈك بىر پادىشاھ ئىستىقامەت قىلىدۇ. ھەركىم ئۇنىڭغا سېغىنسا ۋە تەۋەككۈل قىلسا؛ ئۇنىڭ قۇدرەت ۋە مەدىتى بىلەن بەختسىزلىك شۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ» دېدى.


بىز ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پادىشاھ شەھىرىگە راۋان بولدۇق. ئاخىر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قونۇپ، ئۇنىڭ رۇخسەت بېرىشىنى كۈتۈپ تۇردۇق. كېيىن كىرىشكە رۇخسەت بېرىلدى. بىزنى ئۇنىڭ قەسرىگە ئېلىپ كىرىشتى. شۇنداق قارىساق، بىز شۇنداق سارايغا چۈشۈپ قاپتىمىزكى، ئۇنىڭ كەڭلىكى ۋە گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەپ بېرىش قىيىن ئىدى. ئۇ سەھنىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كەڭ ۋە يورۇق يەنە بىر سەھنە دەرۋازىسى ئېچىلدى. بۇ سەھنىنى كۆرگىنىمىزدە ئىلگىرى كۆرگەن سەھنىمىز شۇنچە تار، ھەتتا كىچىكرەك كۆرۈندى. ئاخىر بىز پادىشاھ ھۇجرىسىغا يەتتۇق. پەردە كۆتىرىلىپ، پادىشاھنىڭ جامالىغا كۆزىمىز چۈشكەندە، ئۇنىڭغا كۆڭلىمىز چۈشۈپ، ھەممىمىز ھۇشىمىزدىن كېتىپ، مەقسىتىمىزنى ئېيتىشقىمۇ قادىر بولالماي قالدۇق. ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ ئۆزى بىزنىڭ دەردىمىزدىن ئاگاھ بولۇپ، ئۆز مەرھەمىتى بىلەن بىزنى ھۇشىمىزغا كەلتۈردى. ئاخىر ئۇنىڭ بىلەن گەپلىشىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز كەچمىشلىرىمىزنى ئېيتىپ بەردۇق. ئاندىن ئۇ مۇنداق دېدى:


پۇتۇڭلاردىكى تۇزاقنى تۇزاق قۇرغان كىشىدىن باشقا ھېچكىم ئاچالمايدۇ. مەن ئۇلارغا بىر ئەلچى ئەۋەتىمەن. ئۇ ئەلچى سىلەرنى تۇزاقتىن قۇتقۇزۇشنى ئوۋچىدىن ئىلتىماس قىلىدۇ. گەپ تامام. شاد-خورام بولۇپ تارقىلىڭلار.


ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئەلچى بىلەن بىرگە يولغا چىقتۇق.


بۇرادەرلىرىم پادىشاھنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇنىڭ دەرگاھى ھەققىدە ھېكايە قىلىپ بېرىشىمنى مەندىن قاتتىق تۇرۇپ تەلەپ قىلىشتى. مەن ئۇنىڭ تەرىپىنى قىسقا ئىبارىلەر بىلەن تەلتۆكۈس تەرىپلەپ بېرىمەن: ئۇ پادىشاھ شۇنداق بىر پادىشاھكى، قاچان سەن دىلىڭغا زاۋال ئارىلاشمايدىغان بىر جامالنى، كەمچىلىكى بولمىغان بىر كامالنى كەلتۈرسەڭ، ئۇنىڭدىكى بارلىق جامال ۋە كامالغا دۇچ كەلگەن بولىسەن.


ھەقىقەتەنمۇ، ھەر بىر كەمالەت ئۇنىڭدا پەيدا، ھەر بىر نۇقسان، گەرچە مەجازىي بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن يىراق. كامالنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھۆسنى ئۈچۈن يۈز، ئېھسانى ئۈچۈن قولدۇر. كىمكى ئۇنىڭغا خىزمەت قىلسا، ئۇ ئەڭ ئالىي بەختكە ئېرىشىدۇ. كىمكى ئۇنىڭدىن يىراقلاشسا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان كۆرىدۇ.


مېنىڭ بىرمۇنچە بۇرادەرلىرىم ھېكايەمنى ئاڭلاپ:


سېنىڭ ئېسىڭ جايىدا ئەمەس ئىكەن، دېيىشتى، ئەس-ھۇشۇڭ بېشىڭدىن ئۇچۇپ، دىۋانە بولۇپ كېتىپسەن. خۇدا ھەققى، سەن ئۇچمىغان ئىكەنسەن، بەلكى سېنىڭ ئەقلىڭ ئۇچقان ئىكەن، سەن ئوۋلانمىغان ئىكەنسەن، بەلكى سېنىڭ ئەقىل-ھۇشۇڭ ئوۋلانغان ئىكەن. ئادەملەر قاچان ئۇچۇپ باققان، قۇش قاچان گەپ قىلىپ باققان! گويا مىزاجىڭدا سەپرا غالىپ كېلىپ، دىمىقىڭنى قۇرۇقلۇق قاپلاپ كەتكەن ئوخشايدۇ. سەن ئەمدى بۇنىڭغا شىپا بولىدىغان قايناتمىلاردىن ئىچىپ تۇر، سۈيى يېقىشلىق، دورىلىق ھاممامغا چۈشۈپ تۇر، نىلۇپەر يېغىنى پۇراپ تۇر. ئاندىن ياخشى تاماقلارنى تاللاپ، ئالدىرىماي يېگىن، جىنسىي ئالاقىدىن، ئۇيقۇسىزلىقتىن ساقلان ۋە ئىشلارنى ئازراق ئويلا. بىز ئىلگىرى سېنىڭ ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەنلىكىڭنى كۆرگەن، سېنىڭ پاراسىتىڭ ۋە پەزىلىتىڭگە قايىل بولغان ئىدۇق. كۆڭلىمىزدىن تەڭرىنىڭ ئۆزى ئاگاھتۇر. ئەمدى سېنىڭ بۇ ئەھۋالىڭنى كۆرۈپ، بىز سەندىن رەنجىدۇق. ئەھۋالىڭنىڭ ناچارلىقى سەۋەبلىك بىزنىڭ ئەھۋالىمىزمۇ ناچارلاشتى.


ئۇلارنىڭگەپلىرى قانچە كۆپ بولسا، پايدىسى شۇنچە ئاز ئىدى؛ سۆزنىڭ ئەڭ يامىنى ئەمەل قىلىنماي زايا كەتكىنىدۇر. تەڭرىدىن مەدەت، ئادەملەردىن ئەيىپكە بۇيرۇماسلىقنى سورايمەن. ئۇنىڭدىن باشقىغا ئىشەنگەن كىشى ئاخىرەتتىمۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ زىيان تارتىدۇ. زۇلۇم قىلغانلار كەلگۈسىدە قەيەرگە يىقىلىدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ.


tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 11:40:36

ۋاي- ۋۇي، مەخسۇس ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتامسىز نېمە؟ تېمىلىرىڭىزنىڭ مەنبەسىنى نەدىن سورايمىز؟ يوللىسىڭىزمۇ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ مۇناسىۋەتلىك بىر قانچىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يوللاڭ. مۇنبىرىمىز ئاز بولسىمۇ ساز تېمىلارنى بەكرەك قوللايدۇ.
بەت: [1]
: قۇش ھېكايىتى (پەلسەپىۋىي قىسسە) ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنا