kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 11:23:08

پەرزەنت دۇنياغا كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە بېجىرىلىدىغان بىر قىسىم قائىدە-يوسۇنلار ۋ


پەرزەنت دۇنياغا كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە بېجىرىلىدىغان بىر قىسىم قائىدە-يوسۇنلار ۋە شۇنىڭغا ئائىت زۆرۈر بىلىملەر



ۋەلى كەرىم كۆكئالپ



بالا تەشنالىقى ۋە يېڭى مېھماننى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىنىش



خەلقىمىز ئارىسىدا بالا تەشنالىقى ئەنئەنىسى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ۋە قويۇق مىللىي خاراكتېر تۈسىگە ئىگە بولۇپ، مەيلى تۇنجى پەرزەنت بولسۇن ۋە مەيلى ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە ياكى كەنجى پەرزەنت بولسۇن، ھەممىسى ئاتا-ئانىسىنىڭ، بوۋا-مومىلىرىنىڭ، ئاكا-ئاچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەشنالىقى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ئىچىدە ئانىسىنىڭ ۋۇجۇدىدا بارا-بارا چوڭ بولىدۇ ۋە توققۇز ئاي، توققۇز كۈننى توشقۇزۇپ، قۇتلۇق سائەتتە يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ.


بالا تەشنالىقى بەك كۈچلۈك بولغانلاردا ئائىلىدىكىلەر ۋە چوڭلار ئۇلۇغ كۈنلەردە تىلەك تىلەش، مازار سەيلىسىگە قاتنىشىش ۋە باشقا خەلق ئىچىدىكى ئىرىملارنى بېجىرىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بالىغا بولغان تەشنالىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر بالا تەشنالىقى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدا بالا قارار تاپسا، ئانا بولغۇچى پۈتكۈل ئائىلە ئەزالىرى تەرىپىدىن يېمەك-ئىچمەك، يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا تۇرمۇش ئىشلىرىدا بولسۇن ئالاھىدە ئەتىۋارلىنىدۇ، ھەر بىر سۆز-ھەرىكەتتە ئانىنى ئەزىزلەش ۋە ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدىدا كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىۋاتقان بالىنىڭ تېزراق يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشىغا بولغان تەشنالىق ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. تۇغۇلغۇسى بالىنىڭ ئاكىسى ياكى ئاچىسى جېدەلخورلۇقى، شوخلۇقلىرىنى تاشلاپ ئانىسىنىڭ ئېغىرىنى يېنىك قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، ئاتا بولغۇچىمۇ خوتۇنىغا ئالاھىدە مېھرىبانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.


بۇ چاغدا ئانا بولغۇچىنىڭ (ھامىلىدار ئايالنىڭ) ئوزۇقلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئائىلە ئەزالىرى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئانا بولغۇچىغا ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، تەنگە ۋە ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ئائىلە شارائىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئانا بولغۇچىنىڭ ئوزۇقلىنىشى، ئوزۇقلۇقنىڭ قۇۋۋەت مىقدارى، ئوزۇقلۇقنىڭ تۈرى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئائىلە ئەزالىرى ئانا بولغۇچىنىڭ (ھامىلىدار ئايالنىڭ) مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشىغا ھەرقاچان كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:


ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى، بالا ھەمراھى، ئانا تېنىدىكى توقۇلمىلارنىڭ ئۆسۈشى، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەملىكەتلىك ئوزۇقلۇق جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدىن باشلاپ ھامىلىدارلارنىڭ كۈنىگە قوبۇل قىلىدىغان ئېنېرگىيە 200 كالورىيىدىن ئېشىپ بارسا بولىدۇ. ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى، ئانا تېنىنىڭ، بالا ھەمراھىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتقاندا ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە كۈنىگە 25g ئاقسىل ئاشۇرۇپ قوبۇل قىلىنسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ھامىلىدارلىقتىكى فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن ئاشقازان پلازمىسىدىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى تەدرىجىي ئازىيىپ بارىدۇ. شۇڭا، يېمەكلىكتىن كالتىسىي، تۆمۈر، سىنك، يود تولۇقلاپ تۇرۇش ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر. نورمال ئەۋالدا ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە كالتسىي، تۆمۈر، سىنك، يود قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىشمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋىتامىن مول بولغان ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاپ تۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. («ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقلۇق ئىلمى»، 180-بەت).


ئەنە شۇنداق ھەر تەرەپلىمە تەييارلىق، قۇتلۇق تىلەك، زارىقىپ كۈتۈشلەر نەتىجىسىدە، «بىر جان يىغلاپ تۇغۇلدى. ئۇ بىر ئائىلىگە چىراغ ئېلىپ كەلدى، ئائىلە شەجەرىسىگە يەنە بىر شاخ قوشۇلدى. تۇرمۇشقا خۇشاللىق، ئۈمىد، ئىشەنچ ئاتا قىلدى. ئۇ لەختە قاندىن لوقما گۆشكە، ئاندىن بېجىرىم، مۇكەممەل ئورگانىزمغا ئىگە چىرايلىق ئادەم بولۇپ تۇغۇلدى.» (يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق، «قائىدە-يوسۇنلىرىمىز»، 31-بەت).


تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كىندىكىنى كېسىش يەنە بىر مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ. «ئانا تەۋەللۇت قىلغاندا تۇغۇت ئانىسىنىڭ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى كىندىك كېسىش بولىدۇ. بالا تۇغۇلغاندا ئۇزۇن كىندىكى بىلەن تۇغۇلىدۇ. كىندىك بالىنىڭ ھەمراھىغا ئۇلاقلىق بولۇپ، شۇنىڭدىن ئوزۇقلۇق سۈمۈرىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەمدى كىندىكنىڭ بۇ رولى تۈگەيدۇ. شۇڭا، كىندىكنى كېسىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. تۇغۇت ئانىلىرى مەخسۇس تەييارلانغان ئەسۋاب بىلەن بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىدۇ ۋە بوغۇۋېتىدۇ. ئاندىن كىندىككە پاك تۇپراقنى ئېلىپ چاچىدۇ ۋە بۇ تۇپراقنى بالىنىڭ رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشى، ئانا تۇپراققا سادىق بولۇشىنى، ئانا تۇپراقنى گۈللەندۈرۈش، ئانا تۇپراقنى بۇلغىماسلىق، ئانا تۇپراققا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ھەققىدىكى تىلەكلەرنى تىلەيدۇ. شۇڭا ‹كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يەر» ئۇ ئادەمنىڭ ۋەتىنى بولىدۇ. ئۇ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئاشۇ ۋەتەن ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزىدۇ.» (يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق، «قائىدە-يوسۇنلىرىمىز»، 33-بەت).



بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بەزى قائىدە-يوسۇنلار



خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش


يېڭى مېھمان ‐ پەرزەنتنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشى ئەمەلىيەتتە بىر ئائىلىنىڭلا خۇشاللىقى بولۇپلا قالماي، بىر جەمەتنىڭ، شۇنداقلا بىر يۇرتنىڭمۇ خۇشاللىقى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشى ھايات سېپىنى تولۇقلايدۇ، ئائىلىگە ئىزباسار بولىدۇ، بىر جەمئىيەتكە ئەقىل ۋە كۈچ قوشۇلىدۇ. خەلىقىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بوۋاق تۇغۇلغاندا خوش خەۋەر يەتكۈزۈش ۋە مۇبارەكلەش. ئەگەر بىرىنىڭ ئايالىنىڭ يەڭگىگەنلىكىنىدىن خەۋەر تاپقان كىشى ھامان ئۇ كىشىگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشگە ئالدىرايدۇ. بۇ، ئۇ كىشىگە خۇرسەنلىك ئاتا قىلش بىلەن بىرگە، ئۇ كىشى بىلەن، شۇنداقلا ئائىلىلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق. ئەگەر كېيىن خەۋەر تىپىپ قالسا ئەر-ئايالنى مۇبارەكلەيدۇ. بوۋاققا ئاللادىن ئۇزۇن ئۆمۈر، ئنىساپ-تەۋپىق، بەخت-سائادەت تىلەپ خۇشاللىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بۇ تېپىلغۇسىز خۇشاللىق ئىش يۈز بەرگەن ھامان يېقىن ئۇرۇق-تۇققانلارغا، يۇرت ئىچىگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ ئىشنى شۇ ئائىلىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار ئورۇنلايدۇ. «خۇش خەۋەر! خۇش خەۋەر! بوۋا (موما)، مېنىڭ بىر ئوماق ئىنىم (سىڭلىم) بار بولدى!...» دەپ ئۆيمۇ ئۆي خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغان تۇققانلارنىڭ بۇرۇنلا ئىدىيەسىدە تەييارلىقى بولغاچقا، «تۇغۇلغان بۇ يېڭى جانغا ئاللا رەھمەت قىلسۇن!...» دەپ دۇئا قىلىدۇ، ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرىدۇ ۋە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەن بالىغا سۆيۈنچە بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى يىراق-يېقىنغا ئەنە شۇنداق جاكار قىلىنىدۇ.


يۇيۇندۇرۇش


بالا تۇغۇلغاندا ئۈستى-بېشىىغا تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماددىلار چاپلاشقان بولىدۇ، شۇڭا، بالا تۇغۇلۇپ كىندىكى كېسىلگەندىن كېيىنلا، ئۇنىڭ ساغلام بەدەن، چىداملىق بولۇشى ئۈچۈن يۇيۇندۇرۇشقا تەييارلىق قىلىنىدۇ. يۇيۇندۇرۇشقا ياغاچ داس ياكى تۈنىكە داس تەييارلىنىپ، ئىچىگە بوۋاقنىڭ يۇمران بەدىنى كۆيمىگۈدەك ئىسسىق سۇ قۇيۇلىدۇ، سۇغا ئازراق تۇز سېلىنىدۇ، سۇغا يەنە ھەر خىل ئېرەملىك دورا-دەرمانلاردىن ئالما قېقى، ئادراسمان، ئارتىش ياپرىقى، ئالتۇن ۋەرەقلەر سېلىنىدۇ. ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ، ئاندىن تۇغۇت ئانىسى، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ياردىمىدە بالا سۇغا سېلىنىپ يۇيۇندۇرۇلىدۇ، يۇيۇندۇرۇشتا بىر ئادەم سۇ قۇيۇپ بەرسە، يەنە بىرى يۇيۇدۇ. ئالدى بىلەن باش قىسمى پاكىز يۇيۇلۇپ، ئاندىن بەدىنى يۇيۇلىدۇ. بالىنى يۇيغاندا يۇمران تېرىسىنى زەخملەندۈرۈپ قويماسلىق، سۇ بەك ئىسسىق ياكى بەك سوغۇق بولۇپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئاندىن ئېغىزى پاكىز تازىلىنىدۇ. ئاندىن پۈتۈن بەدىنى بالىلارغا ماس كېلىدىغان ئۇپا بىلەن ئۇپىلىنىپ، زاكىلاشقا تەييار قىلىنىدۇ.


زاكىلاش


خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ئاساسەن، بوۋاق يۇيۇندۇرۇلغاندىن كېيىن بەك يۇمشاق داكا ياكى خەسە بىلەن باش ۋە كىندىك قىسمى ئوبدان زاكىلىنىدۇ. «زاكا چېكىلىك زاكا، بەدەن زاكىسى، تەرەت دەپ ئۈچ پارچە راسلىنىدۇ. چېكە زاكىسى پېشانىدىن ئېلىنىپ بۆرەكچى قىلىپ قۇلاق بىلەن قوسۇپ ئورۇلىدۇ. ئاندىن بەدەن زاكىسى ئىككى قولىنى ئىچىگە ئېلىپ چىڭ يۆگىلىدۇ. ئارقىدىن تەرەت زاكىسىنى بەدەن زاكىسى بىلەن قوشۇپ، بەلدىن ئورىغاندىن كېيىن، شوينا بىلەن تېڭىلىدۇ. بۇ بۆشۈككە سېلىشتىن بۇرۇنقى زاكىلاش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بوۋاق تۇنجى بولۇپ، بۇ دۇنيانىڭ قائىدە-يوسۇنى بويىچە ۋاقىتلىق سەرەمجانلار بىلەن سەرەمجانلاندۇرۇلىدۇ.» (يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق، «قائىدە-يوسۇنلىرىمىز»، 35-بەت).


ئېغىزلاندۇرۇش


«‹ئېغىزلاندۇرۇش› دېگىنىمىز. چاينالغان نەرسىنى بوۋاقنىڭ ئاغزىغا سېلىپ ئاغزىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش دېگەنلىكتۇر. بوۋاق شۇ نەرسىنى يۇتقىچە ئۇنى ئوڭ-سولغا ئاستا-ئاستا ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ ھېكمىتى شۇكى، بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى تىل ھەرىكىتى ئارقىلىق كۈچلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانىسىنى ئېمىشتە قىينالماي ياخشى ئېمەلەيدۇ.» (ئابدۇلئەھەد ئەمىر قۇتلۇق، «99 ئىسىمنىڭ ئىزاھاتى»، 112-بەت).


خەلقىمىز بالىنى ئېغىزلاندۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، چۈنكى، خەلقىمىزنىڭ چۈشەنچىسىدە، بالىنى قانداق كىشى ئېغىزلاندۇرغان بولسا، شۇ كىشىنىڭ خۇيىنى ئېلىپ قالىدۇ، دەيدىغان ئەقىدە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىسىنى ئېغىزلاندۇرۇشقا ئۆز جەمەتىدىن بىلىمدە كامالەت تاپقان، تەقۋادار، ئادالىتى كۈچلۈك، يۇرت ئىچىدە ئىناۋەتلىك كىشىلەردىن بىرىنى تاللاپ، بالىسىنى ئېغىزلاندۇرۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. نان خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇرىدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ئەقىدىسى سىڭگەن بولغاچقا، بوۋاق ئالدى بىلەن يۇمشاق چاينالغان نان بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلىدۇ. نان يەنە سىمۋۇللۇق مەنىسىدە شۇ كىشىنىڭ رىزقىنىڭ پۈتۈن بولۇشىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. ئېغىزلاندۇرغۇچى ناننى يۇمشاق چايناپ ياكى يۇمشاق ئېزىپ بوۋاققا يېگۈزۈۋاتقاندا، بوۋاقنىڭ نېنىنىڭ پۈتۈن بولۇشىنى، ناننى قەدىرلىشىنى، بەدىنىنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ تىلەك تىلىنىدۇ.


ئىسىم قويۇش


ئىسىم قويۇش بوۋاقنى ئۆمۈرلۈك نام-ئاتاققا ئىگە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز قەدىمدىن بۇيان كۆز نۇرى بولغان پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. يېڭى ھاياتلىق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى قايسى ئىسىمنى قويۇش، قايسى تەرتىپ بىلەن قويۇش مەسلىسىدۇر. قويۇلدىغان ئىسىم قۇلاققا يىقىملىق بولغاندىن سىرت، مەنىسىنىڭ ياخشى بولۇشى ئالدىنقى شەرت قىلىندۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويۇشتا تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:


بىرىنچى، ئالدى بىلەن ساپ ئۇيغۇرچە، مەنىسى چوڭقۇر، قۇلاققا يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان، ئاتاش-چاقىرىشقا قولايلىق ئىسىملاردىن بىرىنى تاللاپ قويۇش كېرەك. چۈنكى، تۇغۇلغان بوۋاق ئالدى بىلەن ئۇيغۇر پەرزەنتى، تارىختا بۈيۈك شۆھرەت قازانغان، شانلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن، ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ مۇكەممەلىككە يەتكەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى تونۇتىدىغان، ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان چىرايلىق ئۇيغۇرچە ئىسىمدىن بىرنى تاللاپ قويۇش ئەقىلگە مۇۋاپىق.


ئىككىنچى، قويۇلغان ئىسىم ئاددىي، يېقىملىق بولۇشى كېرەك. ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئۇزاق تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا ئەرەب ۋە پارس تىلىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدە ئەرەبچىلىشىش، پارسچىلىشىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى. قويۇلغان ئىسىم مەيلى ئەرەبچە ياكى پارسچە بولسۇن، ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىدە بار بولغان، چۈشىنىشلىك سۆزلەر ئارىسىدىن تاللىنىشى، ئاددىي يېقىملىق بولۇشى كېرەك. شۇندىلا ئتاش-چاقىرىشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلمايدۇ.


ئۈچىنچى، قويۇلغان ئىسىمنىڭ مەنىسى چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك، سەلبى مەنە ئاڭلاتمايدىغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، پەرزەنتلەر ئاشۇ ئىسىمنى قويغان ئاتا-ئانىسىدىن بىر ئۆمۈر رەنجىيدۇ. شۇڭا، ياش ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويغاندا چوقۇم بىلىمى ئەتراپلىق، كۆرگەن-بىلگىنى جىق ئۇرۇق-تۇققان، يار-بۇرادەرلىرىدىن مەسلىھەت سورىشى، ئىسىم قويىدىغان چاغدا ئۇلارنىمۇ چاقىرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، بىلىپ-بىلمەي غەيرىي ئىسىم قويۇپ قويۇشتىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.


تۆتىنچى، ئىسىم قويغاندا چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ھازىر ئەڭ ئومۇملاشقان، خەلق ئېتىراپ قىلغان ئىسلامىي قائىدە بويىچە بىرەر موللام ياكى ئۇرۇق-تۇققانلار ئىچىدىكى ئىسىم قويۇش قائىدىسىنى، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى بىلىدىغان ئۇقۇمۇشلۇق بىرەرىنى چاقىرىپ بوۋاققا ئىسىم قويۇش كېرەك. ئىسىم قويغۇچى بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ ئوڭ قۇلىقىغا تەكبىر، سول قۇلىقىغا ئەزان ئاڭلىتىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن ئايەتلەر ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئىسمىنى يادلاپ، مۇراسىمغا قاتناشقانلارغا بوۋاقنىڭ ئىسمىنى جاكارلايدۇ. مېھمانلار بوۋاقنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ قۇتلۇقلايدۇ ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىسىم شۇ بوۋاقنىڭ ئىككى دۇنيالىق نامى بولۇپ قالىدۇ.


دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بوۋاقنىڭ ئىسمى قوپال، سەت مەنە ئاڭلاتمايدىغان بولۇشى، مەنىسى پۈچەك، قۇلاققا يېقىمسىز ئىسىم بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. شۇندىلا شۇ بوۋاق بىر ئۆمۈر ئۆز ئىسمىدىن پەخىرلىنىپ ئۆتىدۇ.


ئەقىقە قىلىش


ئەقىقە دېگەنلىك بوۋاق تۇغۇلۇپ يەتىتىنچى كۈنى قوي سويۇپ بوۋاقنى قۇتلۇقلاشتۇر. ئادەتتە ئوغۇل پەرزەنت ئۈچۈن ئىككى قوي ئەقىقە قىلسا ياخشى بولىدۇ، بىر قوي ئەقىقە قىلسىمۇ بولدۇ. قىزلارغا بىر قوي ئەقىقە قىلىنسىلا بولىدۇ. ئەقىقە قىلىنىدىغان قوي قوچقار بولۇشى، ئاقساق-چولاق بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ.


ئەقىقە قىلىش بوۋاقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بېشىغا كېلىدىغان ھەرخىل ئاپەتلەردىن قۇتۇلۇپ قىلىشى ئۈچۈن فىدىيە بېرىش بولۇپ، ئىسمائىل ئەلەيھىسىسالامغا كەلگەن ئۆلۈمنى بىر قوچقار قۇربانلىق قىلىش بىلەن قۇتقۇزۇپ قىلىنغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. ئەقىقە قىلغاندا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرىنىڭ ئەقىقە مۇراسىمىغا چاقىرىپ خوشاللىققا ئۇلارنى شېرىك قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەقىقە گۆشىدىن يېقىنلىرىغا، پېقىرلارغا سەدىقە بېرىش كېرەك.


بوۋاقنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش


بوۋاق تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى چاچ چۈشۈرۈشكە ئۇستا بىرى تەكلىپ قىلىنىپ بوۋاقنىڭ چېچى چۈشۈرۈلىدۇ ۋە سەدىقە بېرىلىدۇ. بوۋاقنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ باش تېرىسىنى كۈچلەندۈرۈش، چاچ چىقىدىغان تۆشۈكچىلەرنى ئېچىش، شۇ ئارقىلىق بالىنىڭ كۆرۈش، پۇراش ۋە ئاڭلاش تۇيغۇلىرىنى يېتىلدۇرۈش مەقسىتىگە ئوڭۇشلۇق يەتكىلى بولىدۇ.


بۆشۈك توي


بۆشۈك توي خەلقىمىزنىڭ قەدىمىي ئادەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇراسىم بىرىنچى تۇغۇتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئايال تۇغقاندىن كېيىن، ئۆز ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئەنئەنىۋى قائىدىلەر بىلەن ناھايىتى ئوبدان كۈتۈلىدۇ، كۈيئوغۇلمۇ كۈندە بىر ياكى بىرنەچچە قېتىم كېلىپ بالىسى بىلەن خوتۇنىنى يوقلايدۇ، قۇۋۋەت بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئومۇملاشقان ئادەت بويىچە قوي سويۇپ بېرىدۇ. 40 كۈن توشقاندا، تۇغۇتلۇق ئايال جىسمانىي جەھەتتىن تولۇق ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قۇدىلار ئۆزئارا مەسلىھەت قىلىشىپ، كېلىننى بالىسى بىلەن قوشۇپ كۈيئوغۇلنىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. مانا بۇ بۆشۈك توي دەپ ئاتىلىدۇ. ئوغۇل تەرەپ قۇدىسىغا بوۋاقنىڭ ھەم كېلىننىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالدىڭلار دەپ مۇناسىپ سوۋغا-سالاملارنى ھازىرلايدۇ، كېلىننىڭ تۇغۇتتىن ساق-سالامەت قوپقانلىقى، ئۇلارنىڭ جەمەتىگە بىر ئەزا قوشۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەر ۋە ئېسىل كىيىم-كېچەكلەر بىلەن بېزەيدۇ. قۇدا تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ مۇۋاپىق سوۋغا-سالاملار بىلەن يوقلايدۇ. يۇرتقا چاي بېرىپ كېلىننى يۆتكەپ كېتىدۇ.


قىرىقىنى قىلىش


بالا تۇغۇلۇپ 40 كۈن بولغاندا، ئانىسىمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ، شۇنداقلا بوۋاقتىمۇ ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. شۇڭا، مۇشۇ كۈندە بالىنىڭ قىرقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بوۋاقنىڭ قىرقىنى چىقىرىش باسقۇچلىرى مۇنداق بولىدۇ: «ئالدى بىلەن قىرقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۈچۈن 40 توقاچچاق يېقىپ، قىرىقىغا قاتناشقان بالىلارغا تەييارلىنىدۇ. ئاندىن بوۋاققا قىرىقىلىق دەپ بوۋاق كىيىمى تىكتۈرۈلىدۇ ياكى تەييار بوۋاقلار كىيىمىنى ئېلىپ راسلايدۇ. ئاندىن بالىلارنى چاقىرىپ تاماق ئېتىپ، بوۋاقنى داستا ئولتۇرغۇزۇپ، بېشىغا قىرىق قېتىم بوۋاقنىڭ بەخت-تەلىيى ئۈچۈن، ياخشى، ياراملىق ئادەم بولۇشى، ئەلگە كېرەكلىك ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ئاتاپ سۇ قۇيۇلىدۇ. ھەتتا بەزى جايلاردا ئالتۇننى چايقاپ شۇ سۇ بىلەن يۇيۇش ئادىتىمۇ بار. بالا يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇراسىمغا قاتناشقان بالىلارغا توقاچچاق تارقىتىلىدۇ، تاماق بېرىلىدۇ، بوۋاققا قىرىقىلىق كىيىم كىيگۈزۈلىدۇ.» (يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق، «قائىدە-يوسۇنلىرىمىز»، 42-بەت).


بوۋاقنىڭ قىرىقىنى چىقىرىش خەلقىمىزنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىلا تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ئۆرپ-ئادىتى بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ ساغلام، ئۆسۈپ چوڭ بولۇشى ئۈچۈن جۆىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.



بالىنى ساغلام بېقىش، تەربىيەلەش ۋە ئاتاش-چاقىرىشقا


دائىر بەزى مەسىلىلەر



ئانا سۈتىدە بېقىش


ئانىنىڭ سۈتى ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى تەڭداشسىز بىرىكمە بولۇپ، ئۇ بالىنىڭ ئوزۇقلىنىشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ ۋە ئۇنى ھەرقانداق زىياندىن ھىمايە قىلىدۇ. ئانا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىبى بىز ئويلىغاندىنمۇ يۇقىرى بولۇپ، بالىنىڭ نازۇك تېنى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئوزۇق ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئانا سۈتى مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ۋە نېرۋا جايلاشقان ئەزالارنىڭ راۋاجلىنىشىنى تېزلەشتۈرىدىغان ئوزۇقلارغىمۇ ناھايىتى باي. زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلەن بوۋاقلار ئۈچۈن تەييارلانغان سۈنئىي يېمەكلىكلەر ئانا سۈتىدەك مۆجىزىۋىي ئوزۇقلۇقنىڭ ئورنىنى ھەرگىز باسالمايدۇ.


ئانا سۈتىنىڭ بالا ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك تەرەپلىرى كۈنسايىن كەڭ ۋە چوڭقۇر ئېنىقلانماقتا. تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان بوۋاقلار نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى ۋە ھەزىم قىلىش ئاجىزلىشىشقا ناھايىتى ئاز گرىپتار بولىدۇ. بۇ ئانا سۈتىدىكى ھىمايىچى ماددىلارنىڭ كۈچىنىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئانا سۈتىنىڭ باشقا خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ زەھەرلىك باكتېرىيىلەر، ۋىرۇسلار ۋە پارازىتلارغا توساق بولغۇچى «ياخشى» باكتېرىيىلەر ئۈچۈن مۆتىدىل مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئانا سۈتىدە كېسەللىكلەرگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.


ئانا سۈتى بوۋاقلار ئۈچۈن ئەڭ ئاسان ھەزىم بولىدىغان ئوزۇقتۇر. ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ ناھايىتى مول بولۇشىغا قارىماي، ئۇ بوۋاقلارنىڭ نازۇك ھەزىم قىلىش ئەزالىرى تەرىپىدىن ئوڭايلا ھەزىم قىلىنىدۇ. بوۋاق ئۇنى ھەزىم قىلىشتا ئانچە كۆپ ئېنىرگىيە سەرپ قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بۇ ئېنىرگىيىنى باشقا تەن فونكسىيەسى پائالىيەتلىرىگە، ئەزالارنىڭ ئۆسۈشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئىشلىتىدۇ.


بولغۇسى ئانىلار دوختۇرخانىغا كىرگەندىن باشلاپ، ئەمچەكتىن ئايرىغىچە ھەممە كىشىلەر ئانا سۈتى ياخشى دەيدۇ. ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىنى تەھلىل قىلىشىچە، ئانا سۈتى تەركىبىدە ماي، ئاقسىل، شېكەر، كېسەلگە قارشى تۇرغۇچى ئىممۇنىتېت ماددىلار ۋە ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار بار ئىكەن. ئەلۋەتتە، مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى يەنىلا سۇ. ماينىڭ تەركىبىدە يەنە ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك بوۋاق تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ. ئاقسىل بولسا بەدەن ۋە چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، شېكەر ئاساسلىقى سۈت شېكىرىنى بالىنىڭ ئۈچىيىنى ياخشىلاپ، ساغلام قىلىدىغان ئولىگو ساخارىدنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق بالىنىڭ تولۇق يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار ئەڭ يۇقىرى بىئولوگىيىلىك ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە، قانچىلىك يېسە شۇنچىلىك


بوۋاقلار ئەڭ ياخشىسى ئانا سۈتىنى ئەمسۇن.


ھازىر كۆپلىگەن ئانىلار كۆپ خىل سەۋەپلەرنى باھانە قىلىپ، بوۋاقلارغا ئۆز سۈتىنى ئەمدۈرمەي، سۈت پاراشوكى ئەمدۈرمەكتە. بەزى ئانىلار سۈتۈم ياخشى ئەمەس، خىزمىتىم ئالدىراش دەپ، يەنە بەزى ئانىلار بەدەن گۈزەللىكىمنى ساقلايمەن دېگەنلەرنى باھانە قىلىپ، بوۋاقلارنى ئۆز سۈتى بىلەن لەززەتلەندۈرمەيۋاتىدۇ.


تەكشۈرۈشلەر شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، %70 كۆپ ئانا بالىلىرىنى يېرىم ياشتىن ئىلگىرى ئاساسلىقى سۈت پاراشۈكىبىلەن باققان. بۇ، ھازىر زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا تۈپتىن قارمۇ قارىشى ئىش. ھازىر بازارلاردىكى رېتسىپلىق سۈت پاراشوكى ئانا سۈتى ئۆلچەم قىلىنىپ، كالا سۈتى ئاساسىدا ئىشلەنگەن، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇقتەركىبى ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئانا سۈتىگە يېقىنلىشىدىغان بولسىمۇ، لېكىن، يەنىلا ئانا سۈتىگە يەتمەيدۇ.


ئانا سۈتى ـــ بوۋاقلانىڭ ئەڭ ياخشى ئۇزۇقى ـ ئانا سۈتىدىكى كازېن كالا سۈتىنىڭكىدىن ئاز، ئاسان ھەزىم قىلىنىدۇ(ئانا سۈتىدىكى كۆپ قىسىم سۈت ئاقسىلى يۇقۇملىنىشقا قارىشى ئاقسىلدىن تەركىپ تاپقان) بوۋاقلارنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنىئالىدۇ .


لېكىن، ھايۋانات سۈتىدە بۇخىل ئاقسىل يوق. ئانا سۈتى تەركىبىدە كالا سۈتى ياكى تەڭشەلگەن سۈتتە يوق بولغان ماي كىسلاتاسى بار بولۇپ، بۇ ماي كىسلاتاسى بوۋاقلارنىڭ مېڭە،كۆز، قان تۇمۇرلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم.


ئانا سۈتىدە يەنە ماي فېرمېنتى بار بولۇپ، ماينىڭ ھەزىمقىلىنىشىغا ياردەم بىرىدۇ. شۇڭا، ئانا سۈتىدىكى ماي كالا   سۈتى ياكى تەڭشەلگەن سۈتتىكى مايغا قارىغاندا بوۋاقلارتەرىپىدىن ناھايىتى تۇلۇق قۇبۇل قىلىنىدۇ. ئاناسۈتىدىكىۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى كالا سۈتىنىڭكىدىن   كۆپ. ئانا سۈتى تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ تەخمىينەن %50 قۇبۇل قىلىدۇ. لېكىن، كالا سۈتى تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ ئاران %10 لا قوبۇل قىلىنىدۇ. بوۋاقلار ئالتە ئايلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ياكى تېخىمۇ كېيىنرەك ئانا سۈتى بوۋاقلارنى يېتەرلىكتۆمۈر بىلەن تەمىنلەپ، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئانا سۈتى ئۇزۇقلۇق بولۇپلا قالماستىن، ھاياتلىقنىڭ بۇلىقى. ئۇ بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ،بوۋاقلارنى يۇقۇملىنىشتىن ساقلايدۇ.


بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش ئانىلار ئۈچۈنمۇئوخشاشلا پايدىلىق. بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشئانىلارنىڭ بەدەن فىگۇرىسىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بەلكىئانىنىڭ ئارتۇق مايلىرى سەرىپ بولىدۇ. بوۋاقلارنى ئانا سۈتىبىلەن ئېمىتىش ئانىلارنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق. يەنە ئانىلارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپدار بۇلۇش خەۋىپىنىئازايتىدۇ. يېقىنقى تەتقىقاتلار شۇنى ئۇقتۇرۇپ بەردىكى،بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش سۈت بېزى راكىنىڭئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى ئازايتىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئانا سۈتىگە بولغان ئېھتىياجى4 ـــ 5 ئاي ئىچىدە ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرلىدۇ. ئەگەر شەرت - شارائىت ياربەرسە، بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنى ئاز دېگەندە 10 ئاي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.


ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش


1) بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلىرى


قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ئانا سۈتىدە كەمچىل بولغان بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى (مەسىلەن: تۆمۈر) تولۇقلاش ئۈچۈن ياكى بەزى جەھەتلەردىكى ئوزۇقلۇقنىڭ كەمچىل بولۇشىنى (مەسىلەن، ئېنېرگىيە) تولۇقلاش ئۈچۈن بولىدۇ. بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئېيى توشقۇچە ئىچكى ئەزالارنىڭ فزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغاچقا، ئاشقازان سىغدۇرالايدىغان يېمەكلىكنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، ئادەتتە ئانا سۈتى ئاشقازانغا بارغاندىن كېيىن 4~3 سائەت ئۆتكەندە ئاندىن ھەزىم بولىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى تۆت ئاي ئىچىدە ئانا سۈتى بوۋاقنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى پۈتۈنلەي قاندۇرۇپ كېتەلەيدۇ.


ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئەگىشىپ، بوۋاقنىڭ تەن ئېغىرلىقى ئاشىدۇ. تۆت ئايدىن كېيىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، يېمەكلىكلەرنى قوشۇشتا بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاستا – ئاستا مۇكەممەللىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، قوشۇمچە يېمەكلىك تۈرى ۋە مىقدارىنى بەلگىلىسە بولىدۇ. ئۈچ – تۆت ئايدىن كېيىنمۇ بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى پۈتۈنلەي مۇكەممەللىشىپ بولالمىغاچقا، قاتتىق يېمەكلىكلەرنى يېگۈزمەسلىك، ئاز مىقداردا تۇخۇم سېرىقى، سەي قاتارلىقلرنى كۆپەيتىپ بەرسە بولىدۇ. 6~5 ئايلىق بولغان بوۋاقلار چىش ئورنى ئارقىلىق يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى ئېزەلەيدۇ، ئاقسىل ئېنزىمىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىمۇ ئاشىدۇ. 8~7 ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ چىشى چىقىشقا باشلايدۇ، چايناش ئىقتىدارى بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلارغا مۇۋاپىق مىقداردا قاتتىق يېمەكلىكلەرنى بېرىش ئارقىلىق چايناش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چىشنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. 11~9 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ چىشلىرى چىقىشقا باشلايدۇ، چايناش ئىقتىدارى بولۇپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يېمەكلىكنىڭ تۈرى ۋە شەكلىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ، 12 ئايدىن كېيىن بوۋاقلار گۈدەكلىك مەزگىلىدە كىرىپ، چايناش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ. ھەزىم قىلىنىش ئىقتىدارىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.


2) بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشنىڭ تەرتىپى


بوۋاقلارغا ئوزۇقلۇق مول بولغان ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈلۈشكە قۇلايلىق بولغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش، چوڭلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى بەرمەسلىك كېرەك.


مەيلى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان ياكى سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىلغان ۋە مەيلى ئارىلاشما يېمەكلىكلەر ئارقىلىق بېقىلغان بالىلار بولسۇن، مەلۇم مەزگىلگە كەلگەندە مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە بولىدۇ. قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشنىڭ پرىنسىپى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:


مىقدارىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش.


بوۋاقلارنىڭ مەلۇم بىر ماسلىشىش جەريانى بولۇشى كېرەك.


قويۇقلۇقىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش.


مەسىلەن: گۈرۈچ شورپىسىدىن ئۇماچقا ئۆتۈش، بارا – بارا يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك.


تەدرىجىي يىرىكلەشتۈرۈش.


مەسىلەن: كۆكتاتلارنى بېرىشتە ئاۋۋال سۈيىدىن باشلاپ تەدرىجىي سەينى يېگۈزۈش، چىشى چىققاندا بولسا سەيلەرنى بىۋاسىتە بەرسە بولىدۇ.


بىر ۋاقىتتا بىر نەچچە خىل يېمەكلىكنى بەرمەسلىك كېرەك.


بوۋاق بىر خىل يېمەكلىككە ئادەتلىنىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر خىلنى قوشۇش، بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە خىل يېمەكلىك بەرمەسلىك كېرەك.


بوۋاقنىڭ تېنى ساغلام، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نورمال بولغان ۋاقىتتا ئاندىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك.


قوشۇمچە بېرىلىدىغان يېمەكلىكنىڭ تەرتىپى بوۋاقلرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجى ۋە ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەللىشىگە ئاساسلىنىشى، ئايلىقنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ھەر خىل قوشۇمچە يېمەكلىكنىڭ تۈرلىرىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش كېرەك.


3) بوۋاقلارنىڭ يېمەك – ئىچمىكىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار


① ئالاھىدە قىيىن ئەھۋال بولمىغاندا بوۋاقلارنى ئادەتتە ئانا سۈتى بىلەن بېقىش كېرەك، ئانا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار كالا سۈتى ۋە ھەر خىل تەييارلانغان سۈت مەھسۇلاتلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئانا تېنىدىكى بەزى كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرغۇچى ماددىلارمۇ بوۋاقلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.


نورمال ئەھۋال ئاستىدا، كۆپ ساندىكى بوۋاقلارغا 6~4 ئايلىققىچە بولغان ئارىلىقتا قاتتىق يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك كېرەك. ئالتە ئايدىن كېيىن ئاستا – ئاستا قاتتىق يېمەكلىكلەرنى بەرسە بولىدۇ. ئانا سۈتى ۋە كالا سۈتى بىلەن ئېمىتىش ۋاقتى ئاز دېگەندىمۇ ئالتە ئايدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك، ئەگەر ۋاقتىدا يېمەكلىكلەر بېرىلمىسە ياكى تۆمۈر تولۇقلانمىسا، ئېنېرگىيە، ئاقسىل، تۆمۈر ۋە بەزى ۋىتامىنلارنىڭ كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.


ئادەتتە ئەنئەنىۋى قاراشلارغا قارشى ھالدا بوۋاقلارنىڭ يېمەكلىكىگە تۇز ۋە قەنت قوشماسلىق كېرەك، چۈنكى بوۋاقلار يېمەكىكلىرىگە تۇز، قەنت قاتارلىقلارنى قوشۇش ئارقىلىق ئىشتىھانى ئېچىش زۆرۈر ئەمەس.


بوۋاق شوراشتىن توختىغاندا ياكى ئېغىزنى ئۆزلۈكىدىن تارتىۋالغاندا بوۋاق ئاللىقاچان تويغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنى مەجبۇرلىماسلىق كېرەك.


ئاددىي كۆكتاتلار، گۆش، مېۋىلەر ئارقىلىق بوۋاقلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش، ھەرگىزمۇ ئارىلاشما يېمەكلىكلەر ۋە بازارلاردا سېتىلىۋاتقان يېمەكلىكلەر ئارقىلىق بوۋاقلارنى ئوزۇقلاندۇرماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇ خىل يېمەكلىكلەرگە بەزى قوشۇلما ماددىلار ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار قوشۇلغان بولغاچقا، بۇ خىل ماددىلار بوۋاقلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كەلمەيدۇ. بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى يېگەندە بوۋاقلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ.


بوۋاقلارغا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بېرىشتىن سىرت، باشقا جەھەتلەرگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن: ھەر كۈنى بوۋاققا سۈت بەرگەندىن سىرت، 20 مىنۇت ئەتراپىدا بوۋاقنى قۇچاقلاپ تۇرۇش ۋە شورىتىش كېرەك. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلارنى قۇچاقتىن ئېلىۋەتسە ياكى ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتسە ناھايىتى ئاسانلا يىغلايدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى يىغا بوۋاقنىڭ سۈت ئېمىتىشى ئۈچۈن بولماستىن، ئانا مېھرىگە قېنىشى ئۈچۈندۇر.


ئادەتتە بوۋاقنىڭ پۇت – قوللىرىنى ئەركىن ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىشى ئۈچۈن مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش، بوۋاقنى بەك چىڭ زاكىلاپ قويماسلىق كېرەك. بوۋاقنىڭ دائىم ھەرىكەت قىلىپ بېرىشىگە ئىلھام بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئېنېرگىيىسىنى سەرپ قىلىپ، ئىشتىھاسىنى ئېچىش كېرەك.


ساغلام تەربىيە بېرىش


ھەرقانداق ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ يامان خۇيلارنى يۇقتۇرۇۋېلىپ، كەلگۈسىدە يامان ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەم بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، بالىنى تەربىيەلەش جەريانىدا يول قويغان كىچىككىنە خاتالىقلار، بىلىپ-بىلمەي قىلىپ قويغان ئىشلار ئۈنسىز تەربىيە شەكلىدە بالىغا سىڭىپ، كېيىن ئاتا-ئانىلارغا ئويلىمىغان خاپىلىقلارنى تېرىپ بېرىشى مۇمكىن. كونىلاردا «قۇش ئۇۋىسىدىكىنى ئۆگىنىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، شۇنىڭغا تەققاسلىغاندا بالىلارمۇ ئۆيدە ئاتا-ئانىسىنىڭ قىلىقلىرىنى، خۇي-پەيلىنى ئۆگىنىپ چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئاغزىدىلا تەربىيە بېرىپ قالماي، ئۆزلىرىنىڭ ساغلام ئىش-ھەرىكىتى ۋە گەپ سۆزى ئارقىلىقمۇ تەربىيە بېرىشى، بالىلىرىغا ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇشى كېرەك.


ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنى ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇن مۇھىتىدا چوڭ قىلىش، قائىدە-يوسۇنلارغا قەتئىي ئەمەل قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، بىلىمگە ئىنتىلىش، كىيىمنى پاكىز-رەتلىك كىيىش، شەخسىي تازىلىققا ۋە مۇھىت تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىش ۋە مەسىلىلەرگە توغرا ھۆكۈم قىلىشقا يېتەكلەش، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش، تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھاياتلىقتا كېرەكلىك بولغان تۈرلۈك قائىدە-يوسۇنلارنى ئۆگىتىش، ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. بالىلارنى بىرەر ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئەنە شۇنداق تەربىيەلىگەندە، ئۇلارنى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ساغلام، مەدەنىي، ئىستىقباللىق قىلىپ يېتىلدۈرگىلى، ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى يورۇتقىلى بولىدۇ.


ئىسىمنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش


ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ساغلام ئكسۈپ يېتىلىشى ۋە كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىدىكى ھامىيسى، مېھرىبانى ۋە دۇنيالىقى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار پەرزەنتلىرى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندا، ئۇلارغا ئەڭ خەيرلىك، مەنىسى چوڭقۇرئىسىمدىن بىرنى تاللاپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرزەنتى ئالدىدىكى تۇنجى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا قويغان ئىسىملىرىئۆزلىرى ياقتۇرغان، ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىسىملار بولغانلىقتىن، ئاتاش-چاقىرىش جەريانىدا تەلەپپۇزىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، لەقەم بولۇپ قالماسلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ ۋە باشقىلارنىڭمۇ ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلاردىمۇ ئۆز ئىسمىنىڭ «پاتېنتى»نى قوغداش ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ-دە، ئىسمىنىڭ تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ ئاتايدىغان، ئىسمىنى سەل-پەل ئۆزگەرتىپلا لەقەم قىلىۋالىدىغان ئەھۋاللارنى بايقىغان ھامان تۈزىتىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.


ھالبۇكى، بەزى ئاتا-ئانىلار باركى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمىنى ئالدى بىلەن ئۆزلىرى بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىدۇ ۋە سىرتقا يايىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىسىمنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئەنە شۇ بۇزۇلغان تەلەپپۇز شۇ كىشىنىڭ لەقىمىگە ئۆزگىرىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاش-چاقىرىشتەك نازۇك مەسىلىگە چوقۇم ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، قىسقىسى، بالىسىنىڭ مۇبارەك ئىسمىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.


ئاتا-ئانىلار يەنە بالىسى ئېسىنى بىلگەندىن باشلاپ، ئۇنىڭغا قويغان ئىسىمنىڭ مەنىسىنى، نېمە مەقسەت، قانداق ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمانلارنىڭ تۈرتكىسىدە شۇ ئىسىمنى تاللاپ قويغانلىقىنى قۇلىقىغا قۇيۇۋېتىشى، ئېڭىغا سىڭدۈرۈۋېتىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، بالىنىڭ ئۆز ئىسمىغا بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلىشىدۇ-دە، ئىسمىنى قوغداش ئېڭىمۇ تەبىئىيلا ئۆسۈپ بارىدۇ، بىرەر كىشىنىڭ ئىسمىنى پەش قىلىپ ھاقارەت قىلىشىغا، تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىشىگە، لەقەم قىلىشىغا يول قويمايدۇ.


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 19:32:48

رەھمەت جۇمۇ. دەل ۋاقتىدا بىلىشتە تېگىشلىك مەزمۇنلاركەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 19:36:46

مەرەك بۇسۇن باچكا قارى \"\"
بەت: [1]
: پەرزەنت دۇنياغا كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە بېجىرىلىدىغان بىر قىسىم قائىدە-يوسۇنلار ۋ