kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 11:21:43

ئۇيغۇرلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق ناملىرى ۋە ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرى


ئۇيغۇرلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق ناملىرى ۋە ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرى



ۋەلى كەرىم كۆكئالپ




ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق ناملىرى



ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت باسقۇچلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ھازىرقى زامانغا يۈزلەندى. كۆكتۈركلەر ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار قەبىلە ۋە قەبىلە ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان قۇلدارلىق جەمئىيىتىدە بولغان بولسا، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار دەۋرىدە دېھقانچىلىق ۋە قوشۇمچە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، شەھەر ۋە يېزىلاردا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان فېئوداللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى چاغلاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى قەبىلىچىلىك كۆزقارىشى تەدرىجىي ھالدا يېزا ۋە شەھەرلەرنى ئاساس قىلغان يۇرتدارچىلىق كۆزقارىشىغا ئورۇن بەردى. ئۇرۇق، جەمەت تۈزۈلمىسىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئىلگىرىكى بىر قەبىلە ياكى قەبىلە ئىتتىپاقىغا تەۋە بولۇش، قەبىلە ئاقساقاللىرىغا بويسۇنۇشتىن، تەدرىجىي ھالدا بىر يۇرتنى بىرلىك قىلغان ھالدا ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە يۇرت ئاقساقىلىغا بويسۇنۇشقا ئۆزگەردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلاردا ئۇرۇق-تۇققانچىلىق پەقەت ئائىلىنى بىرلىك قىلغان ھالدا ئەتراپقا كېڭىيىش شەكلىدە بولدى، بۇنداق تەرەققىي قىلىش بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خەلقىمىزنىڭ ئۆتمۈشتىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يەتتە ئەجدادىغىچە بىلىش ئەقىدىسىنى سۇسلاشتۇرۇۋەتتى، ھەرقايسى يۇرتلاردىكى ئاز ساندىكى جەمەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئائىلە نەسەپنامىسى ياكى جەمەت شەجەرىسى ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرىمۇ بىرلىككە كېلىشتىن ئۆزگىرىشكە، بىر يۇرت بىلەن يەنە بىر يۇرت ئارىسىدىكى پەرقنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.


ھازىرقى ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى بىر يۇرتتا «ئاتا-ئاپا»، يەنە بىر يۇرتتا «دادا-ئانا» دەپ، يەنە بىر يۇرتتا «دادا-ئاپا» دەپ ئاتايدۇ. ئۆزئارا سۆزلىشىپ قالغاندا، بىرقىسىم نازۇك مۇناسىۋەتلەردە بۇنداق ئاتالغۇلارنىڭ ئاڭلىتىدىغان ئوبيېكتى ھەرقايسى يۇرتلاردا ئوخشاش بولمىغاچقا، كىشىگە بېرىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ھەتتا بەزى چوڭ ئوقۇشماسلىقلار، كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ. «خەلقىمىزنىڭ تارىختا ياشىغان يەرلىرىنىڭ ناھايىتى كەڭلىكى، قەدىمكى ئايرىم ئۇرۇق- قەبىلىلەرگە خاس بولغان تىل ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ھەر قايسى يەرلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىشى، تارىختىكى ھەر قايسى يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان قېرىنداشلىرىمىزغا تۇغقان ۋە يات مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىشى تۈپەيلىدىن تىلىمىزدا ‹ئاتا، دادا، ئانا، ئاپا› دېگەن بۇ تۆت سۆز ھەر قايسى يەرلەردە تۈرلۈك مەنىلەردە ساقلاندى. شۇ سەۋەبتىن، ئەدەبىي تىلىمىزدىمۇ بۇ سۆزلەر شېۋە ۋە ئادەت تەسىرى بىلەن گاھىدا تەڭداش، گاھىدا مەلۇم دەرىجىدىكى پەرقلىق مەنىلەردە ئىشلىتىلىپ كەلدى. ئالايلى، تۇرپان شېۋىسىدە ‹دادا› ئۆزىنى تاپقان ئەرنىڭ ئاتىسىنى، ‹ئانا› ئۆزىنى تۇغقان خوتۇننىڭ ئانىسىنى كۆرسەتسە، ‹ئاتا› ئۆزىنى تاپقان ئەرنى، ‹ئاپا› ئۆزىنى تۇغقان خوتۇننى كۆرسىتىدۇ. قەشقەر شېۋىسىدە ئۆزىنى تاپقان ئەر- خوتۇننى ‹دادا›، ‹ئانا› دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان. ئىلى تەۋەسىدە بۇ تۆت سۆز خېلىلا ئارىلاش ئىشلىتىلسىمۇ، لېكىن ‹دادا›، ‹ئاپا› ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. باشقا يەرلەردە ، ئالايلى، ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونلىرى، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ چەرچەن، چارقىلىقتىن باشقا ناھىيىلىرى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلاردا تۇرپان شېۋىسىدىكى ئاتىلىشى بىلەن ئوخشاش بولسا، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قۇمۇل ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە چەرچەن، چارقىلىق ناھىيىلىرىدە قەشقەر شېۋىسى بىلەن ئوخشاشلىق بار. ئالتاي، تارغاباتاي، قاراماي، مايتاغ، بورتالا ئەتراپلىرىدا ئىلى شېۋىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. بۇ ئۈچ چوڭ شېۋىنىڭ تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي يېزىق ۋە جانلىق تىلىنىڭ مەركىزىي شېۋىسى بولغان ئۈرۈمچى شېۋىسى قەشقەر، خوتەن، ئىلى، قۇمۇل، ئاتۇش شېۋىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان ‹دادا› دەپ ئاتاش بىلەن تۇرپان، ئىلى، ئاقسۇ شېۋىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان ‹ئاپا› دەپ ئاتاشنى بىرلەشتۈردى ۋە ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي شېۋىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن گېزىت، ژۇرنال، رادىئو، تېلېۋىزور، دەرسلىك كىتاب ۋە ھەر خىل ئەسەرلەر، شۇنىڭدەك جامائەت يىغىلىشلىرىدا ئىشلىتىپ كەلدى.»①


مانا مۇشۇنداق پەرقلەر تۈپەيلىدىن، خەلقىمىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرىدا چوڭ جەھەتتىن ئوخشاشلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئاتا-ئانىنى ئاتاشتىن باشلانغان بەزى پەرقلەر تۈپەيلىدىن، ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرىمىزدا ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ھېلىمۇ قويۇق ساقلىنىپ كەلمەكتە. شۇنداقتىمۇ، ھەرقايسى يۇرت ئارىسىدىكى بېرىش كېلىش ۋە ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ خەلقىمىزدە ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرىدا بىرلىككە كېلىش خاھىشى بارغانسېرى روشەن بولماقتا ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات، ئىزدىنىشلەرمۇ چوڭقۇرلاشماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇ يەردە چوڭ جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە بولغان، كىچىك جەھەتتىن پەرقلىنىدىغان ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ قويۇشنى لايىق تاپتۇق.


ئۇرۇق-تۇققانچىلىق قانداشلىقنى ئاساس قىلىدۇ، قانداشلىق مۇناسىۋەتنى پەيدا قىلىدىغىنى ئائىلە، مۇئەييەن ئائىلە ئۇرۇن-تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ. نۇرغۇن ئائىلىلەر قوشۇلۇپ بىرپۈتۈن جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. خەلقىمىز ئەسىرلەر مابەينىدە ئائىلە ۋە ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ قوللىنىشچان، ئەڭ يىراقنى كۆرەر ھالدا بىر تەرەپ قىلىپ، بۇ مەنىۋى مىراسنى بىزلەرگە قالدۇرغان بولغاچقا، خەلقىمىزنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدىن ئائىلىگە سادىق بولۇش، ئائىلە ۋە ئۇرۇق-تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىش، ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ئەخلاقىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش، ئۇرۇق-تۇققانلار قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە قەتئىي ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مېھرى-مۇھەببەتنى ئەلا بىلىش، يېقىن ئۇرۇن-تۇققانلار، قانداشلار بىلەن نىكاھلانماسلىق (بولۇپمۇ بىر نەۋرىلەر ئۆزئارا توي قىلماسلىق) خاھىشى ھازىرمۇ ناھايىتى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن قانداشلىق ۋە ئۇرۇق-تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كىشىلىرىمىز ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


خەلقىمىزدە يەتتە ئەجدادىغىچە بىلىش ئۇدۇمى بولغان، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ئۇدۇم قىسمەن ھالدا ساقلانغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر يەتتە ئەجدادىنى ساناپ بېرەلمەيدۇ.


1. ئەجداد ناملىرى. ھازىرقى چوڭ جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرى، يەنى قانداش جەمەت بىرلىكى ئاساسىدىكى تۇغقانلار ئەجداد تەرتىپى، ياش تەرتىپى بويىچە خاس نام بىلەن پەرقلەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا «مەن»دىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، دادىسى (ئاتىسى)، ئانىسى (ئاپىسى) بىرىنچى ئەجدادنى تەشكىل قىلىدۇ؛ چوڭ دادىسى، چوڭ ئانىسى ئىككىنچى ئەجدادنى تەشكىل قىلىدۇ؛ بوۋىسى بىلەن مومىسى ئۈچىنچى ئەجدادنى تەشكىل قىلىدۇ؛ چوڭ بوۋىسى بىلەن چوڭ بوۋىسى تۆتىنچى ئەجدادنى تەشكىل قىلىدۇ؛ ئۇلۇغ بوۋىسى بىلەن ئۇلۇغ مومىسى بەشىنچى ئەجدادنى تەشكىل قىلىدۇ؛ ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ ئەجدادلىرى «ئۇلۇغ بوۋامنىڭ بوۋىسى ياكى ئالتىنچى، يەتتىنچى بوۋام» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇرۇن ئالتىنچى، يەتتىنچى ئەجدادنىڭ خاس نامى بولغان بولۇشى مۈمكىن. ئەمما بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يىتىپ كەلگۈچە ئۇنتۇلغان بولسا كېرەك.


2. ئەۋلاد ناملىرى. «مەن»دىن باشلاپ تۆۋەنگە سانىغاندا بالا (ئوغۇل، قىز) بىرىنچى ئەۋلادنى تەشكىل قىلىدۇ؛ نەۋرە ئىككىنچى ئەۋلادنى تەشكىل قىلىدۇ؛ ئەۋرە ئۈچىنچى ئەۋلادنى تەشكىل قىلىدۇ؛ چەۋرە تۆتىنچى ئەۋلادنى تەشكىل قىلىدۇ؛ پەي نەۋرە بەشىنچى ئەۋلادنى تەشكىل قىلىدۇ؛ كۆكۈن نەۋرە ئالتىنچى ئەۋلادنى كۆرسىتىدۇ. يەتتىنچى ئەۋلادنىڭ خاس نامى يوق. نەۋرە، ئەۋرە، چەۋرە ، پەي نەۋرە، كۆكۈن نەۋرىلەر قىز ئوغۇل دەپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ.


يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان يەتتە ئەجداد ۋە يەتتە ئەۋلاد ئۆزئارا قانداش ئۇرۇق-تۇققان بولۇپ، بىر جەمەتنى تەشكىل قىلىدۇ.


3. ئاتا-ئانا تەرەپ ئۇرۇق-تۇققان ناملىرى. مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا ئاساسلانغىنىمىزدا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزدا قەدىمدە ئاتا ۋە ئانا جەمەت تۇققانلار بىر-بىرىدىن زور دەرىجىدە پەرقلەندۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇلارنىڭ پەرقى ئاساسەن قالمىغان. شۇڭا ئومۇملاشتۇرۇپلا بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. «‹مەن›گە نىسبەتەن دادىسىنىڭ بىر تۇغقانلىرى، ئانىسىنىڭ بىر تۇغقانلىرى ھامما، تاغا دەپ ئاتىلىدۇ. دادىسى، ئانىسىنىڭ چوڭ بىر تۇغقىنى بىلەن كىچىك بىر تۇغقىنىنى پەرقلەندۈرۈپ چوڭ ھامما، چوڭ تاغا، كىچىك ھامما، كىچىك تاغا دەپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ھامما، تاغىلارنىڭ بالىلىرى نەۋرە ئاكا، نەۋرە ئاچا، نەۋرە ئىنى، نەۋرە سىڭىل دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى تۇققاننىڭ بالىلىرى ئەۋرە تۇققان بولىدۇ. پەرقلەندۈرۈلۈپ ئەۋرە سىڭلىم، ئەۋرە ئىنىم، ئەۋرە ئاكام، ئەۋرە ئاچام دېيىلىدۇ. چەۋرىلەرمۇ تۇغقان ھېسابلىنىپ، چەۋرە ئىنىم، چەۋرە سىڭلىم، چەۋرە ئاكام، چەۋرە ئاچام دېيىلىدۇ.»② بەزى رايونلاردا دادىسىنىڭ ئاكىسى چوڭ ئاتا ، ئۇكىسى كىچىك ئاتا ؛ ئانىنىڭ ئاچىسى چوڭ ئاپا، سىڭلىسى كىچىك ئاپا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.


4. قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋىتىدىن شەكىللەنگەن ئۇرۇق-تۇققان ناملىرى. پەرزەنتلەرنىڭ توي قىلىپ ئائىلە قۇرۇشى بىلەن شەكىللەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنىڭ ئاۋۇشى نەتىجىسىدە تېخىمۇ ۋايىغا يەتكەن ئۇرۇق-تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى ۋە بۇنىڭغا خاس ئاتالغۇلار خەلقىمىز ئارىسىدا ناھايىتى يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە. ئادەتتە قۇدا بولۇشقان ئىككى تەرەپ «قۇدا تۇغقان» دەپ ئاتىلىدۇ، جىنسىغا قاراپقۇدا (يەنى ئەر قۇدا)، قۇداغاي (ئايال قۇدا) دەپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئوغۇلنىڭ ئايالى «كېلىن» ياكى «كېلىن بالا»، قىزنىڭ ئېرى «كۈيەۋ» ياكى «كۈيئوغۇل» دەپ ئاتىلىدۇ. ئوغۇل تەرەپ ئادەتتە كېلىنىنى ئائىلىنىڭ رەسمىي ئەزاسى سۈپىتىدە «قىزىم» ياكى «بالام» دەپ ئاتايدۇ. قىز تەرەپ بولسا كۈيئوغۇلنى «ئوغلۇم» ياكى «بالام» دەپ ئاتايدۇ. ئوغۇلنىڭ، كېلىننىڭ ئېرىنىڭ دادا (ئاتا) سى، ئانا (ئاپا) سى، «قېيىن ئاتا»، «قېيىن ئانا» دېيىلىدۇ. ئادەتتە دادا (ئاتا)، ئانا (ئاپا) دەپ ئىشلىتىلىدۇ. كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەردە چوڭ ئوغۇلنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئۇكا، سىڭىللىرى تەرىپىدىن «يەڭگە» ياكى «ئېگىچە» (ئاچا)، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا بولسا «ئايلا» دەپ ئاتىلىدۇ. كېلىنلەر ئارىدىن چوڭلىرىنى ئاكا ياكى ئاغا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا «موللاكا»، «ئاچا» ياكى «ھەدە»، «ئايلا»؛ كىچىكلىرىنى «ئۇكام»، «سىڭلىم» دەپ ئاتايدۇ. بىر ئائىلىدىكى ئاكا-ئۇكىنىڭ ئاياللىرى ئۆزئارا «ئېپى يەڭگە» دەپ ئاتىشىدۇ. ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئاكا-ئۇكىسى «قېيىن ئاغا» (قېيىن ئاكا)، «قېيىن ئىنى»، ئاچا-سىڭىللىرى «قېيىن ئېگىچە» (قېيىن ئاچا)، «قېيىن سىڭىل» دەپ ئاتىلىدۇ. بىر ئائىلىدىن ياتلىق بولغان ئاچا، سىڭىلنىڭ ئەرلىرى، شۇنىڭدەك ئەر -ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى ئارىسىدا قۇدىلاشقانلارمۇ «باجا» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆيلەنگەن قىزنىڭ شۇ ئائىلىدىكى رەت تەرتىپىگە ئاساسەن چوڭ باجا، كىچىك باجا دەپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى «قايچا قۇدا» دەپ ئاتىلىدۇ. ياتلىق بولغان قىزنىڭ ئىنىسىغا نىسبەتەن، ئۇنىڭ ئېرى «يېزنە» دەپ ئاتىلىدۇ.


5. پەرزەنتلەرگە ئائىت خاس ناملار. يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان جان ئىگىسى بىر تۇتاش «بالا»، جىنسىي پەرقىگە قاراپ «ئوغۇل»، «قىز» دەپ ئاتىلىدۇ. بالا تۇغۇلۇپ يېشىغا توشقىچە «بوۋاق»، ئالتە-يەتتە ياشلىق بالىلار «نارەسىدە»، يەتتە-سەككىز ياشتىن 11-12 ياش ئارىلىقىدىكى بالىلار «ئۆسمۈر» دەپ ئاتىلىدۇ. بىر قېتىملىق تۇغۇتتا تۇغۇلغان ئىككى بالا «قوشكېزەك»، ئۈچ بالا «ئۈچگېزەك» دەپ ئاتىلىدۇ.③


6. ئومۇمىي ناملار. توي قىلغان، ئەمما بالىلىق بولمىغان ئايال «چوكان» دېيىلىدۇ؛ توي قىلغان ھەم بالىلىق بولغان ئايال جۇۋان دېيىلىدۇ. بىر ئانىنى تەڭ ئەمگەن (بىرنەچچە قېتىم ئېمىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئۇرۇق-تۇققان بالىلىرى «ئېمىلداش» دېيىلىدۇ؛ ئۇرۇق-تۇققانچىلىقى يوق، ئەمما بىر ئانىنى ئەمگەنلەر «كۇكۇلداش» دېيىلىدۇ. توي قىلمىغان ياش ئوغۇللار «يىگىت»، توي قىلمىغان ياش قىزلار «قىز» دېيىلىدۇ. توي قىلىش يېشىدىن بەك ئۆتۈپ كەتكەن بولسا كىشىلەر ئۇلارنى «قېرى يىگىت»، «قېرى قىز» دەپ ئاتىۋالىدۇ. خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئاجرىشىپ كەتكەن ئەرلەر «بويتاق» (بويتاق ئەر)، ئاياللار «تۇل» (تۇل خوتۇن) دەپ ئاتىلىدۇ.


ئۇيغۇرلاردا تۇغقان ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان دادا، بوۋا، ئانا (ئاپا)، ئاكا-ئۇكا (ئىنى)، ئاچا-سىڭىل، يەڭگە، ئايلا، بالا، قىز، ئوغۇل قاتارلىق ئاتالغۇلار ئادەتتە يېقىنلىق، مېھرى-ھۆرمەت ئىپادىسىدە يەنە كەڭ قوللىنىدۇ. مەسىلەن، قولۇم-قوشنا، يارۇ-بۇرادەرلەر ئۆزئارا ئۆزىدىن چوڭلارنى بوۋا، دادا (ئاتا)، ئاكا؛ ئاياللارنى ئانا (ئاپا)، ئايلا، ئاچا، يەڭگە؛ كىچىكلەرنى ئۇكام، ئىنىم، بالام، ئوغلۇم، سىڭلىم، قىزىم دەپ ئاتايدۇ. ناتۇنۇش كىشىلەر مەلۇم زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۇدۇل كەلگەن بىرىدىن گەپ سوراش توغرا كېلىپ قالغاندا، قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي پەرقىي بويىچە قىياسەن ياش-قۇرامىغا قاراپ يوقۇرىدىكى ناملاردا چاقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا دىنىي زاتلارنىڭ ئاياللىرى «قۇشناچ»، يوقۇرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ قىزلىرى «خېنىم»، ئاياللىرى «ئاغچا» دەپ ئاتىلىدۇ.


يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرى چوڭ جەھەتتىن قارىغاندا ئومۇمىيلىققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن پەرقلەرمۇ ئاز ئەمەس، بولۇپمۇ بىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئاتا-ئانىمىز نامىنىڭ ھەرقايسى يۇرتلاردا ئوخشاش بولماسلىقى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. «پەقەت مەن›گە نىسبەتەن ئەڭ قىممەتلىك بولغان، ‹مەن›نى رويقاپقا چىقارغان ئەزىزلەرنىڭ بۇ خىلدىكى ئوخشىمىغان ئاتالمىلىرى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇلارغا قىلىنغان يىنىكلىكمۇ قانداق؟ ئەڭ مۇھىمى، مۇشۇ خىلدىكى ئوخشىمىغان ئاتاش ئۇسۇلىنىڭ ھەر يۇرتتا ئوخشىمىغان مەنالارنى بېرىشى بولۇپ، ئەلۋەتتە، بۇ بەزى يۇرتلاردا خاتا ئۇقۇم پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەۋلات تەربىيەسىدىمۇ بەزىبىر مۈجىمەل ئۇقۇمنىڭ ئوتتۇرۇغا چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئەۋلات تەربىيەسىدىكى بۇ خىل مۈجىمەللىك رايونىمىزنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدە گەۋدىلىك ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ھەر يۇرتتىن بۇ جايغا توپلانغان زىيالىلار، سودىگەرلەر ۋە باشقىلار پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆز يۇرتىمىزنىڭ ئادىتى بويىچە ئاتاشقا ئادەتلەندۈرگەچكە، تەڭ ياشتىكى گۈدەكلەر ئارىسىدا بۇ مەسىلە ئېغىر ھالدا مەۋجۇت بولىۋاتىدۇ.» «ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە كۆپلىگەن ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ئاتىلىشى يۇرتلار ئارا يەنە ئوخشىمايدۇ. بۇ ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى قىيىنلىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. دېمەكچىمىزكى، تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرى شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىگەۋدىسى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولىدۇ. ئومىمىلىقتىن مۇستەسنا بولغان ئاتالغۇلارنى رەتلەپ چىقىپ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان ئاتالغۇلارنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشى ئومۇمنىڭ كۈچى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.»④


ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرى ھەققىدە ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىشلەر ھازىرمۇ قانات يېيىۋاتىدۇ. بىز بۇ يەردە پەقەت خەلقىمىزدىكى ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرىنىڭ بىرقەدەر ئومۇمىيلاشقانلىرىنى رەتلەپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىگە سۇندۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ھەقتە بىرلىككە كەلگەن، خەلقىمىز قوبۇل قىلالىغۇدەك لايىھەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ۋە يۈرگۈزۈلۈشىگە ئىشەنچىمىز كامىل.



ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرى



ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرى كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سورۇنلاردا، ئائىلىدە ئاتىلىشى ۋە چاقىرىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئادەتتە كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىدۇ.


ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرى بىرقەدەر مول ۋە قۇلاققا سىڭىشلىك، يېقىملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، يېشى، جىنسى، مەرتىۋىسى، كەسىپ ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. كۆكتۈركلەر ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە كىشىلەر ئۇرۇق-قەبىلە ناملىرى ۋە ياكى ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرىغا قارىتا مۇناسىپ كېلىدىغان بىرەر لەقەم ياكى ھۆرمەت نامنى ئالغان ۋە شۇ بويىچە ئاتالغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. پادىشاھلارنىڭ، ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ، ھەرقايسى كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرى بولۇپ، بۇلار شۇ كىشىنىڭ ئىسىم-شەرىپىنى بېزەيدىغان نامغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىدىقۇت ھۆججەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان تۈرلۈك ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرى ۋە مەھمۇد كاشىغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرى بىزنى 9-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بولغان ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرى ۋە ناملىرى بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قەلەمگە ئېلىنغان «بابۇرنامە»، «تارىخىي رەشىدىي»، «شەجەرەئىي تۈرك»، «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» قاتارلىق ئەسەرلەردە خاتىرىلەنگەن نام-ئەمەل ئاتالغۇلىرى بىزنى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە ئىزچىل قولىنىلغان مول ۋە رەڭگارەڭ ئاتاش-چاقىرىش، نام-ئەمەل ئاتالغۇلىرى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.


«ئاتاش-چاقىرىش سۆزلىرى دەۋرىيلىككە ئىگە، ئاتاش-چاقىرىش سۆزلىرى توساتتىن بارلىققا كېلىدىغان ياكى يوشۇرۇن شەكىللىنىدىغان ھادىسە بولماستىن، بەلكى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ مەيدانغا كېلىدۇ ۋە ئۆزگىرىپ بارىدۇ. شۇنداقلا مىللەت ئىدېئولوگىيىسىدىكى داۋالغۇشلارنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.»⑤ دېمەك، ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرى مۇقىم ۋە قېتىپ قالغان نەرسە ئەمەس، ئۇ دەۋرنىڭ ئىستىخىيلىك ئۆزگىرىشى، زور تارىخىي بۇرۇلۇش، تىل مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، روھىيەتتىكى ئۆزگىرىش قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. قەدىمدە كەڭ-كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن «خاقان»، «بىلگە»، «يۇقۇق»، «خانىش»، «بىكە»، «خاتۇن»؛ «ئالىيلىرى»، «خوجام»، «بېگىم»، «پاشايىم»، «دۆلەتپاناھ» دېگەن ئاتالغۇلار ھازىر ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇنداق بولۇشى، قەدىمكى خانلىق دەۋر ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى، ئۇيغۇر خەلقى بىرنەچچە ئەسىر مابەينىدە تۈرلۈك تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ پادىشاھ، بەگ-تۆرىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى، ھەتتا بۇلارنىڭ دەۋرىگە خاتىمە بېرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىچە تۈزۈلمىلەر ئورنىتىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، يۇرت تۆرىسىدىن تارتىپ ئادەتتىكى ئەمەلدارغىچە ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرى زور ئۆزگىرىش ياسىدى.


ئۇنىڭدىن باشقا، تىل مۇھىتىنىڭ ئۆگىرىشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۆگىرىشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. كۆكتۈركلەر ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە خاقاندىن تارتىپ ئاددىي پۇقراغىچە ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلگەن بولسا، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ككپ قىسىم ئاتالغۇلار ئۇيغۇرچە يۈرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، بەزى ئاتالغۇلار سانسىكرىتچە يۈرگۈزۈلدى، قاراخانىيلار دەۋرىدە ئەرەبچە ئاتالغۇلار كۆپلەپ كىرىشكە باشلىدى ۋە سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەرەبچە، پارسچە ئاتالغۇلارغا ئورۇن بەردى. بۇنىڭ بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزئارا ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرىدىمۇ ئەرەبچە، پارسچە ئاتالغۇلار كۆپلەپ پەيدا بولۇشقا باشلىدى.


ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە تىلىمىزغا نۇرغۇن مەدەنىي سۆزلەر تۈركىيە، تاتارىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىرگەن بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا، يوۋروپا تىللىرىدىكى ئاتالغۇلارمۇ رۇس تىلىنىڭ تەسىرىدە كۆپلەپ كىرىشكە باشلىدى. بۇمۇ ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى.


ھازىرمۇ ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەسلىي ۋە مىللىي قىياپىتىنى ساقلىغان ئاساستا رەڭدارلىشىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. چۈنكى، ئاتاش-چاقىرىش سۆزلىرى ئالدى بىلەن قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەتنى ئاساسىي ئورۇنغا قويىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە ئاتاش-چاقىرىشقا ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ نەپس ۋە قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان سۆزلەر تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرى خەلقىمىزنىڭ تىل پەرھىزلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىنغان ھالدا ئىشلىتىلىدۇ. ئاتاش-چاقىرىش سۆزلىرىنى كۆپ ۋە جايىدا ئىشلەتكەن كىشى باشقىلارغا تەربىيە كۆرگەن، ئەخلاقلىق، مەدەنىي تەسىر قالدۇرىدۇ.


ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاش-چاقىرىشتىكى تىل پەرھىزلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكىچە: «ئۇيغۇرلاردا ئەجدادلارنى ھۆرمەتلەش، ئاتا-بوۋىلارنىڭ روھىغا تېۋىنىش ئېسىل ئەخلاقىي ئەنئەنىدۇر. ئۇيغۇرلار مەيلى ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-بوۋىلىرى بولسۇن ياكى ھايات ياشانغان كىشىلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىپ ئاتاشتىن پەرھىز قىلىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئۆلگەنلەرنىڭ ئىسمى ئالدىغا ‹مەرھۇم› سۆزىنى قوشۇپ ئاتىسا، تىرىكلەرنىڭ ئىسىمىغا ‹ئاكا›، ‹تاغا›، ‹چوڭ ئانا›، ‹بوۋا›، ‹دادا›، ‹ھامما›، ‹ئانا›، ‹ئاچا›، ‹ئانىكا›... دېگەندەك سۆزلەرنى قوشۇپ ئاتايدۇ. بۇنداق ئاتاش ئەجداد-ئەۋلاد پەرقىنى روشەن كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە ھۆرمەتلەش مەنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئۇيغۇرلار تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى، كەسىپداشلىق مۇناسىۋىتى، خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتى، كەسىپداشلىق مۇناسىۋىتى، خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتى، ئەجداد – ئەۋلاد مۇناسىۋىتىدە باشقىلارنىڭ نامىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىشتىن ھەزەر قىلىدۇ. ئومۇمەن، يېشى چوڭ كىشىلەرنى چاقىرىشقا توغرا كەلسە ئۇدۇللا ئىسمىنى ئاتىماي، ‹بوۋا›، ‹موما›، ‹تاغا›، ‹ھامما›... دېگەندەك سۆزلەر ياكى ‹پېشقەدەم›، ‹ياشانغان› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاتايدۇ. ئادەتتە ‹قېرى› دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. ‹قېرى› دەپ ئاتاش ئەخلاقىي نۇقتىدىىنمۇ ھۆرمەتسىزلىك سانىلىدۇ. چوڭقۇر كىچىكلەرنى چاقىرغاندا ئىسمىنى ئۇدۇللا تىلغا ئالماي ‹ئۇكام›، ‹سىڭلىم›، ‹بالام›، ‹قىزىم› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن چاقىرىدۇ. يېشى تەڭ دېمەتلىك كىشىلەرمۇ بىر – بىرىنىڭ ئىسمىنى ئۇدۇللا چاقىرىشتىن پەرھىز قىلىدۇ. بەلكى، ‹ئاخۇن›، ‹جان›، ‹خان›، ‹گۈل›، ‹خېنىم› دېگەندەك سۈپەت سۆزلىرىنى قوشۇپ چاقىرىدۇ. ھۈنەر-كەسىپ ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئادەتتە ھەر قانداق شاگىرت ياكى ئوقۇغۇچى ئۇستازىنىڭ نامىنى ئۇدۇللا چاقىرماي، بەلكى ‹ئۇستام›، ‹ئۇستاز›، ‹مۇئەللىم› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن چاقىرىدۇ. بۇ ھەقتە قەدىمكى ئۇيغۇر ھۈنەر-كەسىپ رىسالىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك شاگىرتلارنىڭ ئۆز ئۇستازىنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە چاقىرماسلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن. يەنە نىكاھ ئارقىلىق تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولغان ئەر – خوتۇن، قېينىئاتا-قېينانا ۋە كېلىن، كۈيئوغۇل بىر – بىرىنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىپ ئاتاشتىن بەك پەرھىز قىلىدۇ. جۈملىدىن، كۈيئوغۇل بولغۇچى ياكى كېلىن بولغۇچى قېينىئاتا ۋە قېينىئانىسىنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىشتىن ھەزەر قىلىدۇ. بۇنداق قىلىش ئۇلارغا قىلىنغان چوڭ ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەر – خوتۇنلار ئارىسىدا بىر – بىرىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىش بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەرلىرىنىڭ ئىسمىنى ئادەتتە بىۋاسىتە تىلغا ئالمايدۇ. چاقىرىشقا توغرا كەلسە ‹دادىسى›، ‹بىزنىڭ كىشى›، ‹بىزنىڭ ئەر›... دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئەرلەر خوتۇنلىرىنى چاقىرىشتا ‹ئانىسى›، ‹بىزنىڭ خوتۇن›، ‹قوشناچىم›... دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئەمما، يېقىنقى دەۋرلەردە ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىدىغانلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەر – خوتۇنلار بىر – بىرىنىڭ ئىسمىنى ئۇدۇللا چاقىرىش ئادىتى ئومۇملاشماقتا.»⑥


لەقەم بىلەن ئاتاشمۇ خەلقىمىز ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان ئاتاش-چاقىرىش ئادىتىدۇر. ئەمما، ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، پەقەت شۇ كىشىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى، جاھاندارچىلىقى ۋە كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان لەقەملەرنىلا ئادەتتە، ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدا توسالغۇسىز ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەمما، مەنىسى ياخشى بولمىغان، كىشىلەرنىڭ ئەيىپىنى، نۇقسانلىرىنى نىشان قىلغان لەقەملەر بولسا، ئۇنى ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدا ئىشلتىىش قولايسىز، شۇنداقلا مىللىي ئەخلاقىمىزمۇ بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەرەپلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك.


ئۇنىڭدىن باشقا، پەرزەنتلەرگە يېقىن، يىراقتىكى ئۇرۇق-تۇققانلارنى تونۇشتۇرۇپ قويۇش، ئۇلار بىلەن بولغان قانداشلىق مۇناسىۋەتكە، مېھىر-مۇھەببەتكە ئەمەل قىلىشنى تەكىتلەش، ئۇلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئاتىقىنى توغرا ئىگىلىتىش نەسىل-نەسەبنى ساپ ۋە ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنداقلا ئائىلە نەسەبنامىسى تۇرغۇزۇش، جەمەت شەجەرىسى يېزىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


«نۆۋەتتە، ئاتاش-چاقىرىش شەكىللىرى كۆپ خىل يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. بىز ئىقتىساد يۆكسىلىۋاتقان، مەدەنىيەت تەرەققىي قىلىۋاتقان ئالاقە پائالىيەتلىرى رەڭگارەڭ بولغان جەمئىيەتتە ياشاۋاتىمىز، ئەگەر بىز ئاتاش- چاقىرىش شەكىللىرىنى ھەر خىل قىلىۋەتسەك، مەدەنىيەت، رايون، مىللەت ھالقىغان ئىجتىمائىي ئالاقىلەرگە، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ۋە ئۇچۇرلارنىڭ تېز ئۈنۈملۈك ئالمى شىشىنى چەكلەپ قويىمىز. شۇڭا نورمال ئالاقە پائالىيەتلىرىنى ئاقتۇرۇش ئۈچۈن ئاددىي، ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئاتاش-چاقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىمىز كېرەك. ھۆرمەت نامى بىلەن ئاتاش-چاقىرىش نۆۋەتتە ئاتاش-چاقىرىش سۆزلىرىدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئايلاندى. تونۇشمىغان كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھۆرمەت بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ ئۆرپ-ئادەت ۋە تەربىيىلى نىش ئەنئەنىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھۆرمەت ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى. ھۆرمەت ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە بولغان ھۆرمەتتە ئىپادىلىنىدۇ.»⑦ شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلقىمىزنىڭ ئاتاش-چاقىرىش سۆزلىرىنى تولۇق ئىگىلەش ۋە ئۇنى ئىشلىتىشنى بىلىش، تىلدىن ھەسەل تامدۇرۇش، ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا باشقىلار ئاتىغاندا ئۇلارنى ھەسسىلەپ ھۆرمەت قىلىش − ھەم بىزنىڭ مىللىي ئەخلاقىمىز ھەم مەدەنىيلىك، تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇنىڭغا ھەر بىر ئادەم چوقۇم ئەمەل قىلىشى زۆرۈر، ئەلۋەتتە.



پايدىلانمىلار:


① غەيرەت ئابدۇللا كالدىر، «‹ئاتا، دادا، ئانا، ئاپا› سۆزلىرى توغرىسىدا»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 1997-يىل 5-سان.


② يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق، «قائىدە-يوسۇنلىرىمىز»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشرىياتى 2011-يىل نەشرى، 160-بەت.


③ ئۇيغۇرچە «تارىخى بلوگى»دا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلاردىكى تۇققان ناملىرى» ناملىق ماقالە.


④ ئابدۇرازاق سايىم، مەخمۇت ئابدۇۋەلى، «ئۇرۇق -تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرىمىزنى قېلىپلاشتۇرۇش»، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان.


⑤ مېھرىگۈل مامۇت، «ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدىكى ئاتاش- چاقىرىش سۆزلىرى ھەققىدە»، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تور بېكىتىدە 2008-يىلى ئېلان قىلىنغان ماقالە.


⑥ ئەنۋەر سەمەد قورغان، «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىل نەشرى، 282-284-بەتلەر.


مېھرىگۈل مامۇت، «ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدىكى ئاتاش-چاقىرىش سۆزلىرى ھەققىدە»، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تور بېكىتىدە 2008-يىلى ئېلان قىلىنغان ماقالە.



rakita يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 12:55:05

چوكان بىلەن جۇۋاننىڭ پەرقىنى بىلىۋالدۇق مانا

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 22:09:02

ئىز...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 22:12:38

ئۆزەمنى بويتاق ساناپ يۈرۈپتىمەن. ئەسلى قېرى يىگىت ئىكەنمەن. \"\"

Horma يوللانغان ۋاقتى 2011-10-12 09:46:13

ھاممىسىنىڭ ئېرىنى نېمە دەپ ئاتايدۇ ؟ تاغىسىنىڭ ئايالىنىچۇ؟
بەت: [1]
: ئۇيغۇرلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق ناملىرى ۋە ئاتاش-چاقىرىش ئاتالغۇلىرى