kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 11:20:17

مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سۈپەتلىرى


مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سۈپەتلىرى



ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەركىبىدە ئەرلەرگە قويۇلىدىغان ئىسىملارنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سۈپەتلىرىگە نىسبەت بېرىلىپ قويۇلغان ئىسىملار ئىگىلەيدۇ. بۇ ئىسىملارنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزى ۋە مەنىسى تۆۋەندىكىچە:


1. ئابدۇللاھ: ئاللاھنىڭ قۇلى.


2. ئابىد: قۇللۇققىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى.


3. ئادىل: ئادالەتلىك.


4. ئەھمەد: ئەڭ كۆپ ماختالغۇچى، سۆيۈلگۈچى.


5. ئاھسەن: ئەڭ گۈزەل.


6. ئەلى: ناھايىتى ئۇلۇغ.


7. ئالىم: بىلىملىك، بىلگۈچى.


8. ئەللامە: ناھايىتى كۆپ بىلگۈچى.


9. ئامىل: ئىشلىگۈچى، ئىش ئىگىسى.


10. ئەزىز: ناھايىتى ئۇلۇغ، بەك شەرەپلىك بولغۇچى.


11. بەشىر: خۇشخەۋەر يەتكۈزگۈچى.


12. بۇرھان: ساغلام دەلىل.


13. جەببار: قەھىر قىلغۇچى، غالىب.


14. جەۋاد: مەرد، سېخىي.


15. ئەجۋەد: ئەڭ ياخشى، ئەڭ سېخىي.


16. ئەكرەم: ئەڭ شەرەپلىك.


17. ئەمىن: توغرا ۋە خاتىرجەم ياشىغۇچى.


18. فادلۇللاھ: ئاللاھۇ تەئالانىڭ ئېھسانى، پەزلىگە يېتىشكۈچى.


19. فارۇق: ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى.


20. فەتتاھ: يولدىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنى يەڭگۈچى.


21. غالىب: ھاكىم ۋە ئۈستۈن بولغۇچى.


22. غەنى: باي-باياشات.


23. ھەبىب: سۆيۈملۈك، كۆپ سۆيۈلگۈچى.


24. ھادى: توغرا يولدا ماڭغۇچى.


25. ھافىز: مۇھاپىزەت قىلغۇچى.


26. خەلىل: دوست.


27. ھەلىم: مۇلايىم، يېقىملىق.


28. خالىس: ساپ، پاكىز.


29. ھامىد: ھەمىد ئېيتقۇچى، ماختىغۇچى.


30. ھەمماد: ناھايىتى كۆپ ماختىغۇچى.


31. ھەنىف: ھەقىقەتكە يېقىنلاشقۇچى.


32. قەمەر: ئاي.


33. قەييۇم: كۆرۈپ، كۆزەتكۈچى.


34. كەرىم: ناھايىتى سېخىي، كۆپ شەرەپلىك.


35. مەجىد: ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك.


36. مەھمۇد: ماختالغۇچى.


37. مەنسۇر: زەپەرگە ئېرىشكۈچى.


38. مەسۇم: گۈناھسىز، پاك.


39. مەدەنى: شەھەرلىك، بىلىملىق ۋە نەزەر دائىرىسى كەڭ.


40. مەھدى: ھىدايەت قىلغۇچى، توغرا يولغا باشلىغۇچى.


41. مەككى: مەككىلىك.


42. مەرھۇم: رەھمەت بىلەن بېزەنگۈچى.


43. مەسئۇد: بەختلىك.


44. مەتىن: ناھايىتى ساغلام ۋە كۈچلۈك.


45. مۇئەللىم: ئۆگەتكۈچى.


46. مۇقتەدا: ئەگەشكۈچى.


47. مۇبارەك: خەيرلىك، بەرىكەتلىك.


48. مۇجتەبا: تاللانغان.


49. مۇكەررەم: شەرەپلىك، ئۇلۇغ.


50. مۇقتەفى: قۇدرىتى يەتكۈچى، يېتىشكۈچى.


51. مۇنىر: نۇرلاندۇرغۇچى، يورۇتقۇچى.


52. مۇرسەل: ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگۈچى.


53. مۇرتەزا: تاللانغان، خىللانغان.


54. مۇسلىھ: ئىسلاھ قىلغۇچى، تۈزىگۈچى.


55. مۇستەقىم: توغرا يولدا ماڭغۇچى.


56. مۇتى: ھەققە ئىتائەت قىلغۇچى.


57. مۇئتى: بەرگۈچى، ئېھسان قىلغۇچى.


58. مۇزەففەر: زەپەر قازانغۇچى، ئۈستۈن بولغۇچى.


59. مۇشاۋىر: دانىشمەن مەسلىھەتچى.


60. نەقى: بەك پاكىز.


61. نەقىب: خەلقنىڭ ياخشىسى، قەۋمنىڭ ئەڭ خىللانغىنى.


62. ناسىھ: نەسىھەت قىلغۇچى.


62. ناتىق: نۇتۇق سۆزلىگۈچى.


64. نەبى: پەيغەمبەر.


65. نەجىيۇللاھ: ئاللاھنىڭ سىردىشى.


66. نەجم(ى): يۇلتۇز.


67. نەسىب: ئېسىل، پاكىز نەسىلدىن بولغۇچى.


68. نەزىر: ئاگاھلاندۇرغۇچى، قورقۇتقۇچى.


69. نىمەت: ياخشىلىق، تەلەيلىك ۋە بەختلىك.


70. نۇر: نۇرلۇق، يورۇقلۇق.


71. رافى: يۈكسەلتكۈچى.


72. راغىب: رىغبەتلەندۈرگۈچى.


73. رەھىم: مۆمىنلەرنى بەك ياخشى كۆرگۈچى.


74. رازى: قوبۇل قىلغۇچى، مەمنۇن بولغۇچى.


75. رەسۇل: ئەلچى.


76. رەشىد: ئەقىللىق، چېچەن، ياخشى يولغا باشلىغۇچى.


77. سەئىد: بەختلىك.


78. سابىر: سەۋر قىلغۇچى، كۈچلۈكلەرگە تايانغۇچى.


79. سادۇللاھ: ئاللاھنىڭ مۇبارەك قۇلى.


80. سادىق: توغرا بولغان، ئەمەلىيەتچى.


81. ساففەت: تاللانغان، خىللانغان كىشى.


82. ساھىب: مالىك، ئىگە.


83. سالىھ: ياخشى ۋە گۈزەل خۇيلۇق.


84. سەلام: نۇقسان ۋە ئەيىپتىن ئەمىن بولغۇچى.


85. سەيفۇللاھ: ئاللاھنىڭ قىلىچى.


86. سەييىد: ئەپەندى.


87. شافى: شاپائەت قىلغۇچى.


88. شاكىر: شۈكۈر قىلغۇچى.


89. تاھا: پەيغەمبىرىمىزنىڭ قۇرئانى كەرىمدىكى ئىسمى.


90. تاھىر: بەك پاكىز.


91. تەقى: ھاراملاردىن قاچقۇچى.


92. تەييىب: ھالال، پاكىز، گۈزەل، خۇش.


93. ۋافى: سۆزىدە تۇرغۇچى.


94. ۋائىز: نەسىھەت قىلغۇچى.


95. ۋاسىل: قۇلىنى راببىگە ئۇلاشتۇرغۇچى.


96. ياسىن: قۇرئانى كەرىمدىكى ئىسمى، ھەقىقىي ئىنسان، ئىنسانى كامىل، دېگەن مەنىدە.


97. زاھىد: ھۇزۇر-ھالاۋەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچى.


98. زاكىر: ئاللاھنى بەك ياد ئەتكۈچى.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 14:31:52

نەدىنمۇ تېپىپ قۇراشتۇرغانسىز قىيلىنىپ بۇنچە كۆپ سۈپەتلەرنى؟ رەسۇلۇللاھ ئاڭلاپ باقمىغان سۈپەتلەر كۆپىكەنغۇ؟

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 21:14:09

ئۆزلىرى مەنبەسى بىلەن يوللاپ باقماملا.

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-12 04:34:26

ئەزىز،ئالىم،قەييۇم،مەجىد ...قاتارلىقلار ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ئەمەسمۇ   \"\" .ئابدۇلئەزىز،ئابدۇقەييۇم دەپ ئالىمىزغۇ شۇڭا\"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-12 04:46:16

بىزنىڭ بىر تۇققانلار بولىدىغان،مىنىڭ ئىسمەمنىڭ ئالدىغىمۇ ئابدۇ دەپ قوشىۋالىدىغان \"\"

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2011-10-12 11:08:16

ئابدۇزىيالى دەپما{:92:}

sirlikturuk يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 04:30:43

ئاپلا.مېنڭ.ئسمېم يوخكئنا\"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 04:35:21

sirlikturuk دىگەن تورداش، ئاۋال ئۇيغۇرچە يېزىشنى سەل مەشىق قىلۋالغاندىن كىيىن ئاندىن ئىنكاس يېزىشنى باشلىسىڭىز قانداق؟

sirlikturuk يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 05:09:29

\"\"
بەت: [1]
: مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سۈپەتلىرى