kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 11:18:23

ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى


ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى


(ئەل-ئەسمائۇل ئەل-ھۇسنا)



قۇرئاندا ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ھەققىدە شۇنداق دېيىلىدۇ: «ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى باردۇر. بەس، ئۇنى ئاشۇ ئىسىملار بىلەن ئىزدەڭلار (ياد ئېتىڭلار)، ئۇنىڭ ئىسىملىرىدا ھەقتىن ئېغىپ (ئورۇنسىز جايلاردا ئۇلارنى قوللايدىغان مۇشرىك) كىشىلەرنى تەرك ئېتىڭلار» («ئەئراپ»سۈرىسى، 180-ئايەت)؛ «ئاللا، دەپ ئىزدەڭلار ياكى رەھمان مېھىرىبان، دەپ ئىزدەڭلار. قانداق ئىزدىسەڭلارمۇ (جائىزدۇر). چۈنكى، ئۇ زاتنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى باردۇر. («ئەلئىسرا» سۈرىسى، 110-ئايەت). بۇ ئىسىملارنىڭ ھەممىسى 99 بولۇپ، ئۇلار مۇسۇلمان ئىلاھىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى كۆپ دۇئالاردا قوشۇپ ئېيتىلىدۇ. سوپىلار ئۆز زىكىرلىرىدە بۇ ئىسىملارنى كامالەتكە يېتىشنىڭ تىمسالى سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ. ئاللانى ۋە ئۇنىڭ ئىسىملىرىنى ئىلاجىنىڭ بارىچە كۆپرەك ئەسلەپ تۇرۇش تەقۋادارلىق نەمۇنىسى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە تەسبىھ دانالىرىنىڭ سانى ئاللانىڭ ئىسىملىرىنىڭ سانى بىلەن تەڭدۇر. ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن دۇئاخانلار تۇمار سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ.


قۇرئان كەرىمنىڭ «ھەشىر» سۈرىسىدە (22-24-ئايەتلەر) «ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى»نىڭ قىسقىچە رويخېتى بار: ئەررەھمان، ئەررەھىم، ئەلمەلىك، ئەلقۇددۇس، ئەسسالام، ئەلمۆمىن، ئەلمۇھەيمىن، ئەلئەزىز، ئەلجاببار، ئەلمۇتەكەببىر، ئەلخالىق، ئەلبارى، ئەلمۇسەۋۋىر. باشقا ھەممە ئىسىملار قۇرئاننىڭ تۈرلۈك جايلىرىدا ئۇچرايدىغان ئاللانىڭ سۈپەتلىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن باغلانغان پېئىللاردىن ھاسىل بولىدۇ. 99 ئىسىمنىڭ رويخېتى ئەبۇ ھۈرەيرە (601-679) رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بار. ئەنە شۇ ھەدىسكە ئاساسلانغاندا، مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم) 99 رەقىمىنى كەلتۈرگەن ۋە ھەركىم ئاللا تائالانىڭ مەزكۇر ئىسىملىرىنى بىرمۇ بىر ئېيتىپ چىقسا، ئەلۋەتتە جەننەتتىن جاي ئاتا قىلىنىدۇ، دېيىلگەن. باشقا ھەدىس توپلاملىرىدىمۇ ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ رويخېتى كەلتۈرۈلىدۇ. 99 ئىسىمنىڭ تەپسىلىي رويخېتى، ئەسلىي تەلەپپۇزى ۋە مەنىسى تۆۋەندىكىچە:


1. ئەللاھ: تەڭرى، مەبۇد − بىر ھەق.


2. ئەر-رەھمان: ناھايىتى مېھىرىبان؛ چەكسىز كۆيۈنگۈچى.


3. ئەر-رەھىم: ناھايىتى رەھىمدىل؛ ئاخىرەتتە كۆيۈنگۈچى.


4. ئەل-مەلىك: پادىشاھ؛ پۈتكۈل شەيئىلەرنىڭ خوجايىنى.


5. ئەل-قۇددۇس: بارلىق نۇقساندىن پاك.


6. ئەس-سالام: ئاپەت ۋە بالالاردىن سالامەت؛ مۆمىنلەرگە سالامەتلىك بېغىشلىغۇچى.


7. ئەل-مۇئمىن: ئامانلىق ۋە ئامانلىق بەرگۈچى.


8. ئەل-مۇھەيمىن: ئىگىلىگۈچى، قاپلاپ ئالغۇچى.


9. ئەل-ئەزىز: ئىززەت ۋە قۇدرەت ئىگىسى.


10. ئەل-جەببار: بەندىلىرىنىڭ ئىشىنى ئىسلاھ قىلغۇچى؛ قەھر-غەزەب قىلغۇچى.


11. ئەل-مۇتەكەببىر: كاتتىلىق ياراشقۇچى زات.


12. ئەل-خالىق: ھەممىنى ياراتقۇچى، ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى.


13. ئەل-بارى: ياراتقۇچى؛ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگۈچى.


14. ئەل-مۇسەۋۋىر: مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلارغا سۈرەت ۋە شەكىل بەرگۈچى.


15. ئەل-غەففار: بەندىلەرنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرى ۋە


گۇناھلىرىنى پاش قىلماي يېپىپ تۇرغۇچى، كەچۈرگۈچى.


16. ئەل-قەھھار: بارچىنى بويسۇندۇرغۇچى، غالىب.


17. ئەل-ۋەھھاب: ئۆز نېمەتلىرىنى تەكشى ئاتا قىلغۇچى.


18. ئەر-رەززاق: بارچە تىرىك مەۋجۇداتنىڭ رىزقىنى يەتكۈزۈپ بەرگۈچى،


19. ئەل-فەتتاھ: ھۆكۈم قىلغۇچى، رەھمەت خەزىنىلىرىنى ئاچقۇچى.


20. ئەل-ئەلىم: بىلگۈچى، دانا، ئىلىم ئىگىسى.


21. ئەل-قابىز: كىملەرنىڭدۇر رىزقىنى قىيغۇچى، روھلارنى قەبز قىلغۇچى (ئالغۇچى).


22. ئەل-باسىت: كىملەرگىدۇر كەڭ رىزىق بەرگۈچى، رۇھ بەخش ئەتكۈچى.


23. ئەل-خافىز: كاپىرلارنىڭ مەرتىۋىسىنى چۈشۈرگۈچى.


24. ئەر-رافى: مۆمىنلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرگۈچى.


25. ئەل-مۇئىزز: كىملەرنىدۇر ئەزىز، قەدىرلىك قىلغۇچى.


26. ئەلمۇزىلل: كىملەرنىدۇر خار-زەلىل قىلغۇچى.


27. ئەس-سەمى: مەخپىي ۋە ئاشكارا گەپ ۋە شەپىلەرنى، ھەتتا دىلدىن كەچكەننىمۇ ئاڭلىغۇچى.


28. ئەل-بەسىر: ھەممە مەخپىي ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى كۆرگۈچى.


29. ئەل-ھەكەم: قەتئىي ھۆكۈم قىلغۇچى.


30. ئەل-ئەدل: ناھايىتى ئادالەتلىك.


31. ئەل-لەتىف: بەندىلىرىگە سەزدۈرمەي ئۆز لۇتپۇ-ئېھسانىنى يەتكۈزۈپ بەرگۈچى.


32. ئەل-خەبىر: ھەممە مەخپىي ۋە ئاشكارا ئىشلاردىن خەۋەردار.


33. ئەل-ھەلىم: جازالاشقا ئالدىرىمايدىغان، مۇلايىملىق بىلەن ياخشىلىق قىلىپ تۇرغۇچى.


34. ئەل-ئەزىم: ئۇلۇغ، بۈيۈك، كاتتا.


35. ئەلغەفۇر: گۇناھلارنى يوشۇرۇپ، جازا بەرمەي تۇرغۇچى.


36. ئەش-شەكۇر: ئاز ئىشقا كۆپ مۇكاپات بەرگۈچى.


37. ئەل-ئەلىي: ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك، بۈيۈك.


38. ئەل-كەبىر: كاتتا، ھەممە ساھەدە يۇقىرى.


39. ئەل-ھەفىز: ئۆز پاناھىدا ساقلىغۇچى.


40. ئەل-مۇقىت: ماددىي ۋە مەنىۋىي غىزا بەرگۈچى.


41. ئەل-ھەسىب: ھەر بىر ئىشقا ئۆزى كۇپايە قىلغۇچى.


42. ئەل-جەلىل: بارچە سۈپەتلىرى مۇكەممەل، ئۇلۇغ


زات.


43. ئەل-كەرىم: كەرەملىك، ساخاۋەتلىك، كەچۈرۈملۈك.


44. ئەر-رەقىب: ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ، نازارەت ئاستىغا ئېلىپ تۇرغۇچى.


45. ئەل-مۇجىب: دۇئالارنى قوبۇل قىلغۇچى.


46. ئەل-ۋاسى: مۈلكى، رەھمىتى ۋە قۇدرىتى كەڭ زات.


47. ئەل-ھەكىم: ھېكمەت ئىگىسى. ئىنچىكە ۋە نازۇك ئىلىملەرنى بىلگۈچى.


48. ئەل-ۋەدۇد: دوست، خەيرخاھ، مەھبۇب.


49. ئەل-مەجىد: نېمىتى ۋە ئېھسانى چەكسىز.


50. ئەل-بائىس: پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكۈچى، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرگۈچى.


51. ئەش-شەھىد: ھەممە نەرسىنى بىلىپ، كۆرۈپ تۇرغۇچى، گۇۋاھ.


52. ئەل-ھەق: ھەقىقەتەن مەۋجۇد زات.


53. ئەل-ۋەكىل: ھەممە ئىشلارنى ئۆز زىممىسىگە، كاپالىتىگە ئالغۇچى.


54. ئەل-قەۋىي: ھەقىقىي قۇۋۋەت ۋە قۇدرەت ئىگىسى.


55. ئەل-مەتىن: قۇۋۋەتلىك، ماتانەتلىك.


56. ئەل-ۋەلىي: دوستلىرىغا دوست، مەدەتكار.


57. ئەل-ھەمىد: ھەمدۇساناغا، ماختاشقا لايىق زات.


58. ئەل-مۇھسىي: بارلىق مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلارنىڭ ھېساب كىتابىنى ياخشى بىلگۈچى.


59. ئەل-مۇبدى: يوقتىن بار قىلغۇچى، ياراتقۇچى.


60. ئەل-مۇئىد: ھاياتتىن ئۆلۈمگە، ئۆلۈمدىن يەنە ھاياتقا قايتۇرغۇچى.


61. ئەل-مۇھيىي: تىرىلدۈرگۈچى.


62. ئەل-مۇمىت: ئۆلتۈرگۈچى.


63. ئەل-ھەي: مەڭگۈ ھايات.


64. ئەل-قەييۇم: ئۆز-ئۆزىدىن تۇرغۇچى، باشقىلارنى تۇرغۇزۇۋچى.


65. ئەل-ۋاجىد: خالىغان نەرسىسىنى تاپقۇچى.


66. ئەل-ماجىد: كەرەملىك ۋە شەرەپلىك زات.


67. ئەل-ۋاھىد: يېگانە، بىر.


68. ئەس-سەمەد: بىھاجەت، ھاجەت بولمىغان.


69. ئەل-قادىر: قۇدرەتلىك.


70. ئەل-مۇقتەدىر: قۇدرەتلىك، قادىر.


71. ئەل-مۇقەددىم: ئۆزىگە يېقىن قىلغۇچى.


72. ئەلمۇئەخخىر: ئۆزىدىن يىراق قىلغۇچى.


73. ئەل-ئەۋۋەل: ھەممە نەرسىدىن ئەۋۋەل، باشلىنىشى چېگرىسىز.


74. ئەل-ئاخىر: ھەممە نەرسىدىن باقىي، ئاخىرى چەكسىز.


75. ئەز-زاھىر: بارلىقى ھەر تەرەپلىمە ئايان بولمىش زات.


76. ئەل-باتىن: ئۆزى مەۋجۇد، لېكىن سەزگۈ ۋاسىتىلىرىمىزدىن مەخپىي زات.


77. ئەل-ۋالىي: بارچە ئىشلارنى تەسەررۇپ قىلغۇچى ھاكىم.


78. ئەل-مۇتەئالىي: ئۇلۇغ، ئالىي مەرتىۋىلىك.


79. ئەل-بەرر: ياخشىلىق ۋە ئېھسان ساھىبى.


80. ئەت-تەۋۋاب: تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى.


81. ئەل-مۇنتەقىم: گۇناھكار بەندىلىرىدىن ئۆچ ئالغۇچى، جازالىغۇچى.


82. ئەل-ئەفۇۋ: گۇناھلارنى ئەپۇ قىلغۇچى.


83. ئەر-رەئۇف: ناھايىتى مېھرىبان، رەھمىتى كەڭ.


84. مالىكۇل-مۈلك: مۈلۈك، سەلتەنەت، ھۆكۈم ساھىبى.


85. زۇل-جەلالى: شەرەپلىك ۋە كەرەملىك.


86. ئەل-مۇقسىت: ئادالەتلىك، ئادىل.


87. ئەل-جامى: توپلىغۇچى، قىيامەت كۈنى خالايىقنى مەھشەرگاھقا جەم قىلغۇچى.


88. ئەل-غەنىي: باي، ئېھتىياجسىز.


89. ئەل-مۇغنىي: باي قىلغۇچى، كۇپايە قىلغۇچى.


90. ئەل-مانى: دوستلىرىنى ھىمايە قىلغۇچى، لايىق بولمىغانلارغا ئۆز نېمەتلىرىنى مەنئى قىلغۇچى.


91. ئەز-زارر: خالىغان بەندىلىرىگە ئاپەت، زىيان ۋە مۇسىبەت يەتكۈزگۈچى.


92. ئەن-نافى: خالىغان بەندىلىرىگە مەنپەئەت ۋە پايدا يەتكۈزگۈچى.


93. ئەن-نۇر: ئۆز-ئۆزىدىن بارلىقى ئايان ۋە بارلىقنىمۇ ئايان قىلغۇچى.


94. ئەل-ھادىي: يول كۆرسەتكۈچى.


95. ئەل-بەدى: ئىختىرا بىلەن ياراتقۇچى.


96. ئەل-باقىي: دائىمىي، ئەبەدىي مەۋجۇد.


97. ئەل-ۋارىس: بارلىقنى مىراس قىلىپ ئالغۇچى.


98. ئەر-رەشىد: بارلىق ئىش ۋە تەدبىرلىرى توغرا چىققۇچى.


99. ئەس-سەبۇر: گۇناھكار، ئىسيانكارلارغا جازا بېرىشكە ئالدىرىمايدىغان زات.


   


    يۇقىرىدا ئىزاھلانغان رويخەتتىن، ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بولغان 99 ئىسىمنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئىسمى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بۇ ئىسىملار نوقۇل ئاللاھنىڭ سۈپىتى بىلدۈرۈپ كېلىدىغان بولغاچقا، كىشى ئىسمى سۈپىتىدە قوللانغاندا ئادەتتە ئالدىغا چوقۇم «ئابدۇ» (قۇل، بەندە) قوشۇمچىسىنى قوشۇپ قوللىنىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا دىنىي چۈشەنچىلەرگە ئۇيغۇنلاشقىلى، خاتىرجەم قوللانغىلى بولىدۇ.


بەت: [1]
: ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى