kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 11:14:08

ئىسىم قويۇشتىكى بەزى پەرھىزلەر

ئىسىم قويۇشتىكى بەزى پەرھىزلەر



ۋەلى كەرىم كۆكئالپ



دەۋرۋەقە، خەلقىمىزدە ئىسىم قويۇشتا بەزى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت. يېڭى پەرزەنتلىك بولغان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىگە ئىسىم تاللىغاندا، مانا بۇ نۇقتىلارغا چوقۇم دىققەت قىلىشى، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىشى، پەرزەنتىگە چوقۇم مۇناسىپ، ماس كېلىدىغان، مەنىسى چوڭقۇر ئىسىملارنى تاللاپ قويۇشى كېرەك. تۆۋەندە ئىسىم قويۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىرقانچە زۆرۈر مەسىلىنى شەرھلەپ ئۆتىمىز.


1. ئالدىراپ بىر بوغۇملۇق تاق ئىسىم قويۇشقا بولمايدۇ.


خەلقىمىز ئارىسىدا ھازىر «ئاق»، «تۇر»، «نۇر»، «نۇھ»، «گۈل»، «ئاي» دېگەندەك بىر بوغۇمدىن تۈزۈلگەن تاق ئىسىملار مەۋجۇت بولۇپ، ھەرقايسى رايونلاردا بۇ ئىسملارنىڭ قويۇلۇش نىسبىتى ئوخشىمايدۇ. تاق ئىسىملارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بىرقەدەر ئاددىي، مەنىسى ئاشكارا، لېكىن خەلقىمىزنىڭ ئاتاش-چاقىرىش ئادەتلىرىگە بەزىدە تازا ماس كېلىپ كەتمەيدۇ. ئاتىغاندا كۆپىنچە كىشىلەر ئىسمنىڭ ئۆزىنى ئاتىماي، ئۇنىڭغا «ئاخۇن»، «جان» دېگەن سىلىقلاش قوشۇمچىلىرىنى قوشىدۇ. يەنە بەزى تاق ئىسىملار باركى، ئاتاش-چاقىرىش جەريانىدا تېخىمۇ زور ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلەرگە بىر بوغۇملۇق تاق ئىسىملارنى قويغاندا ئەتراپلىق ئويلىشىش، تەلەپپۇزغا، ئاتاش-چاقىرىش ئادەتلىرىمىزگە ماس كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى دەڭسەپ كۆرۈش كېرەك.


2. قارىغۇلارچە ئېقىمغا ئەگىشىشكە بولمايدۇ.


نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار باركى، پەرزەنتى تۇغۇلغاندا ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى بويىچە ئىسىم تاللىماي، پالانچى ئوغلىغا مۇنداق ئىسىم قويۇپتۇ، بىزمۇ شۇنى قويايلى؛ پۇستانچى قىزىغا مۇنداق ئىسىم قويۇپتۇ، بىزمۇ شۇنى قويساق بولغىدەك، دەپلا قارىغۇلارچە ئېقىمغا ئەگىشىپ ئىسىم قويىدۇ. نەتىجىدە بىر مەھەللە، بىر يۇرتتا تەكرار ئىسىملارنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىشىگە «تۆھپە» قوشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىسىمغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشتا بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم تاللىغاندا ھەرگىز ئېقىمغا ئەگەشمەسلىكى، كۆز نۇرى بولغان پەرزەنتىگە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملاردىن تاللاپ قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆزلىرى ئويلاپ يېتەلمىگەندە ئۇقۇمۇشلۇقلاردىن مەسلىھەت سورىشى لازىم.


3. ئۆزى بىلگەنچە ئىسىم قۇراشتۇرۇشقا بولمايدۇ.


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەرلەردە بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۆزى بىلگەنچە ئىسىم قوراشتۇرۇپ قويۇۋالىدىغان ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ قالدى. بۇ قانداقتۇر «يېڭى ئىسىم ئىجات قىلىش» بولماستىن، بەلكى، بىلمەسلىكتىن، ئېقىمغا ئەگىشىپ خالىغانچە ئىسىم قۇراشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىدۇر. بۇنداق ئىسىم قۇراشتۇرغۇچىلار «پۇرقەت» دېگەن ئىسىمنىڭ چىرايلىق، مەنىسى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپلا، «نۇرقەت» دېگەن ئىسىمنى، «تۈركەنئاي» دېگەن ئىسىمنىڭ چىرايلىق، يېقىملىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپلا «نۇركەنئاي» دەپ ئىسىم قوراشتۇرىدۇ. «پۇرقەت» (ئەسلىي تەلەپپۇزى فۇرقەت) نىڭ مەنىسى ھىجران، جۇدا بولۇش دېگەنلىك بولىدۇ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەرغانە ۋە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن لىرىك شائىر زاكىرجان خالمۇراد ئوغلىنىڭ تەخەللۇسىغا نىسبەت بېرىلىپ قويۇلغان ئىسىمدۇر. ئەمما «نۇرقەت»نىڭ مەنىسى زادى نېمە، بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. «تۈركەنئاي» دېگەن ئىسىمنىڭ تۈرگۈن، چەبدەس ئايدەك گۈزەل قىز، دېگەن مەنىسى بار، ئەمما «نۇركەنئاي» دېگەن ئىسىمنىڭ نېمە مەنىسى بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. دېمەك، خەلقىمىز قوللانغان ھەرقانداق ئىسىمنىڭ ئۆزىگە خاس مەنىسى بولىدۇ، ئەمما خالىغانچە قۇراشتۇرۇۋېلىغان «ئىسىم»لارنىڭ ھەرگىز مەنىسى بولمايدۇ. ھەرقانداق نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بۇنداق ئىسىم قۇراشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئېتىراپ قىىلشقا بولمايدۇ.


4. چۈشىنىكسىز ئىسىم قويۇشقا بولمايدۇ.


بەزى ئاتا ئانىلار (بۇنىڭ ئىچىدە ساپاسى يۇقىرى زىيالىيلارمۇ بار) پەرزەنتى دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمىدۇ، شۇنداقلا پەرزەنتىگە ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ يېڭىچە، مەنىسى تولىمۇ چوڭقۇر ئىسىم قويماقچى بولىدۇ-دە، بىرنەچچە كۈن ماتېرىيال ئاختۇرۇپ، بىرنەچچە مەنىسى چوڭقۇر سۆزنى بىرىكتۈرۈپ، ئىسىم قۇراشتۇرۇپ چىقىدۇ ۋە پەرزەنتىگە ئىسىم قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق مەجبۇرىي قۇراشتۇرۇلغان ئىسىملار ئاڭلىماققا ھەيۋەتلىك، مەنىسى چوڭقۇردەك بىلىنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل مەنىلىك بوغۇملار مەجبۇرىي بىرىكتۈرۈلگەن، ئىسىمنىڭ بوغۇم سانى ئۈچ بوغۇمدىن ئېشىپ كەتكەن بولغاچقا، مەنىسى تۇتۇق بولۇپ قالغاننىڭ ئۈستىگە، ئاتاش-چاقىرىشقىمۇ قولايسىز بولۇپ قالىدۇ. بىز ئىسىمنىڭ بوغۇم سانىغا چەك قويماقچى ئەمەسمىز، ئەمما ئىسىمنىڭ بوغۇم سانى كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ تەبىئىي بىرىككەن بولۇشى، مەنىسى ماس كەلگەن بولۇشى ۋە ئاتاش-چاقىرىشقا ماس كەلگەن بولۇشى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا بىز قويغان ئىسىم ئاسان سىڭىدۇ، ئەگەر ھەقىقەتەن يېڭى، يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان ئىسىم بولسا تېز ئارىدىلا كەڭ تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.


5. چەت ئەلچە ئىسىم قويۇشقا بولمايدۇ.


ئۇچۇر دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ زامانىۋى دۇنيا بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز چەكسىز يېقىنلاپ باردى، غەربنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى بىزگە سىڭىپ كىرىپ، تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. شۇ قاتاردا بەزى كىشى ئىسىملىرىمۇ بىزگە سىڭىپ كىرىپ، پەرزەنتلىرىمىزگە قويۇلۇشقا باشلىدى. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا «تېلمان»، «ئاپرېل»، «ۋېنىرا»، «مېردىئان» دېگەندەك ئىسىملار رۇسلاردىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگە ۋە ئۇلاردىن بىزگە سىڭىپ كىرگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بىۋاسىتە ھالدا «رېنات»، «رومىئو»، «رافائىل»، ئافىت، دېگەندەك ئىسىملار كىرىپ كېلىپ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدە «غەلىتە» ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولماقتا. ئەگەر بەزى ئاتا-ئانىلار چوڭلار قوشۇلمايدۇ دەپ تەپتارتمىغان بولسا، ئېلزابىت، رامبو، شىۋاسېنگېر، جېكسون دېگەن ئىسىملارنىمۇ پەرزەنتلىرىگە قويغان بولاتتى. ئىسىمنى چەت ئەلچە قويۇش بىلەنلا ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشىۋالغىلى بولمايدۇ، مۇھىمى تېخنىكا ۋە بىلىمدە ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىش كېرەك.


6. ئاتاشقا قولايسىز، تىلغا راۋان چۈشمەيدىغان ئىسىملاردىن ساقلىنىش كېرەك.


خەلقىمىزنىڭ ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسىدە تەبىئىيلىك بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان، يەنى ئىسىم ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن، ئاتاشقا ئەپچىل بولۇش، تىلغا راۋان كېلىش، ئەستە تۇتۇشقا ئاسان بولۇش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم تاللىغاندا، چوقۇم تىلغا راۋان كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا، ئاتاش-چاقىرىشقا قولاي بولۇش-بولماسلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.


7. گۆدەكلەرچە ئىسىم قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.


يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتكە ئىسىم قويغاندا، ئۇنى ھەرگىز كىچىك بالا ھالىتىدە ئەمەس، بەلكى يېتىلگەن، كەلگۈسىدە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئادەم دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ تۇرۇپ ئىسىم قويۇش كېرەك. ھەرگىز گۆدەكلەرگە خاس، ئەركىلەتمە ئىسىمدىن باشقا مەنە ئاڭلاتمايدىغان ئىسىملارنى قويۇشقا بولمايدۇ. بولمىسا، بالا چوڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ ئىسمى تۈپەيلىدىن تۇرمۇشتا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارغا يولۇقىدۇ، مەسخىرىگە، كۈلكىگە قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىغا ئىسىم قويغاندا بۇ تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.


8. ئاھاڭداش ئىسىم قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.


ئاداڭداش ئىسىم دېگىنىمىز، ئىككى بوغۇمدىن تۈزۈلگەن ئىسىم بولسا، ئالدىنقى بوغۇمدىكى سۆزنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن كېيىنكى بوغۇمدىكى سۆزنىڭ تەلەپپۇزىنىڭ ئوخشاش بولۇپ قېلىش (يەنى قاپىيىداش بولۇپ قېلىش)نى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئىسىملارنى تەلەپپۇز قىلغىنىمىزدا، تىلغا راۋان چۈشمىگەننىڭ ئۈستىگە، قارشى تەرەپكە بىر خىل ھەجۋىي تەسىر بېرىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا كۈلكىگە قالىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىسىم ئىگىسى ئۆز ئىسمىدىن نومۇس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.


9. ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلمەسلىكتىن ساقلىنىش كېرەك.


ئىسىم قويۇش مۇقەددەس ئىش، بۇ ئىش ئاتا-ئانىلاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆز قارىچۇقى بولغان پەرزەنتكە قارىغۇلارچە ئىسىم قويماسلىق، ئىسىم قويۇشنى ئاددىي ئىش دەپ بىلمەسلىك، چوقۇم ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن مەسلىھەت سوراپ ئاندىن قويۇش كېرەك. قىسقىسى، پەرزەنتكە ئىسىم قويۇشتا ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلمەسلىكتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. بولمىسا، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك تۇنجى مەجبۇرىيىتىدىن باش تارتقان، مەسئۇلىيەتتىن قاچقان ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق قىلىش كېيىنچە تېخىمۇ كۆپ باش ئاغرىقىغا سەۋەب بولۇشىمۇ مۇمكىن.


10. ئىسىمنىڭ تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.


دىققەت قىلىدىغان بولساق، تېگى ئۇيغۇرچە بولغان ئىسىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەلەپپۇز قىلىنىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، ئەمما يىلتىزى ئەرەبچە، پارسچە بولغان ئىسىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەلەپپۇز قىلىنىش جەريانىدا ئاز-تولا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ھەتتا بەزى ئىسىملارنىڭ تەلەپپۇزى بەكمۇ كۆپ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بەزى ئىسىملارنىڭ تەلەپپۇزىغا قاراپ ئەسلىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىگە ئىسىم قويغاندا چوقۇم ئىسىمنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزىنى قويۇشقا دىققەت قىلىشى، تىلغا كەلمەيدىغان، تەلەپپۇز قىلىشقا ئەپسىز ئىسىملارنى ئامال بار تاللىماسلىقى كېرەك. بەزى كىشىلەر بالىغا ئىسىم قويغاندا ئەسلىسىنى يادىغا كەلتۈرمەي، ئىسىملارنىڭ ئۆزگەرگەن تەلەپپۇزىنى قويۇپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر تۈپ ئىسىمنىڭ بىرمۇنچە ۋارىيانتلىرى پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ (مۇھەممەد – مەممەت، مەمەت، مەخەت، مەت... دېگەندەك).


11. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە يات ھالدا ئىسىم قويۇشقا بولمايدۇ.


خەلقىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، مەڭگۈتاش يادىكارلىقلىرىدىكى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە قوللىنىلغان ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملار، ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىنكى ئەرەبچە ۋە پارسچە ئىسىملارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىگە ماسلاشقانلىقى، ئەرەبچە، پارسچە ئىسىملارغا ئۇيغۇرچە تەركىپلەرنىڭ كۆپلەپ قوشۇلۇشى ۋە ئىسىملارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىيلىككە ئىگە بولۇشى قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. دېمەك، خۇددى ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەر قانچە كۆپ كىرىپ ئۆزلەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىچكى قانۇنىيىتىنى ساقلاپ قالغانغا ئوخشاش، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىمۇ ئەرەبچە، پارسچە ئىسىملارغا ئۇيغۇرچە تەركىپلەرنى ۋە سىلىقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان باشقا قوشۇمچىلارنى كۆپلەپ قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاش-چاقىرىش ئادىتىگە ماسلاشتۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويغاندا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مانا مۇشۇ ئەنئەنىسىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىشى، غەلىتە، چۈشىنىكسىز ئىسىملارنى قويۇشتىن قەتئىي ساقلىنىشى لازىم.


12. ھەددىدىن زىيادە مودىلىقنى، غەلىتە بولۇشنى قوغلىشىشقا بولمايدۇ.


بەزى ياش ئاتا-ئانىلار باركى، ئۇلار پەرزەنتى تۇغۇلغاندا، ھەددىدىن ئارتۇق خۇشالىققا چۆمىدۇ ۋە پەرزەنتلىرىگە ئەڭ ياخشى، ئەڭ مەزمۇنلۇق ئىسىملاردىن تاللاپ قويۇشقا ئالدىرايدۇ. ھالبۇكى، غەلىتە يېرى شۇكى، بۇنداق ئاتا-ئانىلار خەلقىمىز ئىچىدە پەرزەنتلەرگە قويۇلۇۋاتقان ئىسىملارنىڭ تەكرارلىنىدىغانلىقىنى، باشقا ھەرقانداق تىلدىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ مەلۇم چەكلىمىدە ئىكەنلىكىنى يادىدىن چىقىرىپ قويۇپ، پەرزەنتىگە «ئەڭ غەلىتە، ئەڭ مودا، ھېچكىم قويۇپ باقمىغان» ئىسىملاردىن تاللاپ قويماقچى بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا «تاللاپ-تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ» دېگەندەك، ئاخىردا مەنىگىمۇ كەلمەيدىغان، ئىنتايىن غەلىتە، چۈشىنىكسىز، ئاتاش-چاقىرىشقا قولايسىز «ئىسىم»دىن بىرنى قويۇۋالىدۇ. كېيىنچە بالا چوڭ بولغانسېرى، ئىسىمغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئىشلاردا قەدەمدە بىر پېشكەللىككە يولۇقىدۇ. ياش ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىگە ئىسىم قويۇشتا ھەددىدىن زىيادە مودىلىقنى، غەلىتە بولۇشنى قوغلىشىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.


13. ئىسىم قويۇشتەك مۇقەددەس ئىشنى ئويۇنغا ئايلاندۇرۇۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.


ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا پەرزەنت خۇشاللىقىغا يېتىدىغان يەنە بىر خۇشاللىق بولمايدۇ. ئاتا-ئانىغا مانا مۇشۇنداق چەكسىز خۇشاللىق بېغىشلايدىغان پەرزەنتكە ئىسىم قويۇش خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىسىدە ئەڭ مۇقەددەس ئىش ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويۇشتا چوقۇم يىراققا نەزەر تاشلىشى، ئاقىللاردىن مەسلىھەت ئېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا لايىقلاشقان، ئەڭ مۇناسىپ ئىسىمدىن بىرنى تاللاپ پەرزەنتىگە قويۇشقا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى ئاتا-ئانىلار مانا مۇشۇنداق مۇقەددەس ئىشقا سەل قاراپ، ئۇنى ئويۇنغا ئايلاندۇرۇشتەك غەلىتە ئىشلار كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «ئىسىم پەقەت ئادەمنىڭ بەلگىسى، ئۇنىڭ قاندقا تىلدا بولۇشى مۇھىم ئەمەس، پەقەتلا مەنىسى بولسىلا بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن كونىلارنىڭ ئىزىدىن ماڭماي، خالىغانچە ئىسىم قويسا بولۇۋېرىدۇ...» ئەگەر مۇشۇنداق قاراش ئەۋج ئېلىپ كەتسە، بەش-ئون يىلغا بارمايلا پاجىئەلىك خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرزەنتكە ئىسىم قويۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ئىشنى ھەرگىز ئويۇن ئورنىدا كۆرۈشكە بولمايدۇ.




okuymen يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 12:34:10

ئەلا...

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 12:48:07

4-5 يىل بۇرۇن ھېلىقى قانۇن ۋە پۇقرا پىروگراممىسىدا گېرمان ئابلەت ئىسىملىك بىر دەۋاگەرنىڭ گېپى چىققانتى...

polatbay يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 09:21:42

ھېلقى ئۇسۇلچى خوتۇننىڭ قىزىنىڭ ئىسمى ۋېنىرا ئىدى ھە...
بەت: [1]
: ئىسىم قويۇشتىكى بەزى پەرھىزلەر