kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 11:10:46

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئومۇمىي


ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئومۇمىي


ئالاھىدىلىكى



ۋەلى كەرىم كۆكئالپ



نەچچە مىڭ يىلىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇرلار سۇ، ئوت قوغلىشىپ ياشايدىغان كۆچمەنچىلىك ھاياتتىن ئولتۇراق دېھقانچىلىق ۋە شەھەر ھاياتىغا بارا-بارا كۆچتى (ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ رايونىدا ياشايدىغان ئەجدادلىرىمىز بۇرۇنلا ئولتۇراق ھاياتقا كۆچكەن)، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا بەلۋېغىغا جايلىشىشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. بۇ جەرياندا كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلدى، بىرنەچچە قېتىم يېزىق ئالماشتۇردى، يېزىق ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىلرىغىچە داۋام قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قاتلىمى كۆپ خىل، مۇرەككەپ ھالەت شەكىللەندى، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىمۇ ساپ ئۇيغۇرچە، ساددا قويۇلۇشتىن باشقا تىللاردا (بۇددا دىنى دەۋرىدە سانسىكرىتچە، سوغدىچە ئىسىملار ئارىلاش قويۇلغان. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ئەرەبچە، پارسچە ئىسىملار كۆپ قويۇلغان) ئىسىم قويۇلۇشقىچە بولغان ئۇزۇن تارىخىي جەرياننى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. باشقا تىللاردا قويۇلغان ئىسىملارمۇ تەلەپپۇز قىلىنىش جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇش ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقان ھالدا ئۆزگىرىش ياسىغانلىقتىن، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شۇ ئىسىمنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزىنى بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار شەكىللەندى، بۇمۇ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئېتمولوگيىسىنى ئېنىقلاشتا تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك بولغان، تېخى نىسبەتەن بوش تۇرۇۋاتقان ساھەلىرىمىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.


پەرزەت ئاتا-ئانىنىڭ كۆز نۇرى. پەرزەنت تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا ئاتا-ئانا بولغۇچىدا يۈكسەك ئارزۇ-ئۈمىدلەر پەيدا بولىدۇ، بەزى ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ئۆز بىر ئۆمۈر نىشان قىلغان ئىش ۋە كەسىپكە باغلىق بولسا، بەزى ئارزۇ ئۈمىدلىرى ئۆزى شۇغۇللانغان، ھەۋەس قىلىدىغان، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمىغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرى بولىدۇ، مانا مۇشۇ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى تۇغۇلغۇسى بالىسىنىڭ ئورۇنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە بۇ ئۈمىدىنى ئالدى بىلەن بالىسىغا قويىدىغان ئىسىم ئارقىلىق ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ.


جەمئىيەت مۇرەككەپ، كىشىلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ دۇنياقارىشى، ساپاسى، ئۆزئارا مۇناسىۋىتى تۈرلۈك-تۈمەن خىل بولغاچقا، ئىسىملاردا ئىپادىلەنگەن ئارزۇ ئىستەكلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئومۇمەن، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا ئىپادىلەنگەن ئىستەك-خاھىشلار ياخشى نىيەت بىلەن كۈتۈلگەن سەمىمىي ئۈمىدتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنى تېخخمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈشىمىزگە، تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.


بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارنىڭ مەلۇم قىسمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈكسەك مەدەنىيىتى ۋە مەنەۋىيىتى، نازۇك دىتى، گۈزەللىك ۋە ئىستېتىك ئېڭىغا ئائىت خاھىشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئىسىملارنى ئىنچىكە كۆزەتكىنىمىزدە، بۇنداق ئىسىملار ئۇيغۇر ئىسىملىرى ئىچىدە مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدۇ.


يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتۈلگەندەك، ئۇيغۇر ئىسىملىرى ھەرقايسى تارىخي دەۋرلەردە ھەر خىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىپ ئۆتىمىز:


1. قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان يادىكارلىقلارنى ۋاراقلايدىغان بولساق، «قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇزاقتىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسى بويىچە بالا تۇغۇلغاندا ئۇنىڭغا ئاۋۋال ئەركىلىتىش خاراكتېرىدىكى بالىلىق ئىسمى قوياتتى. بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن رەسمىي ئىسىم قوياتتى. ئەگەر بالا سىياسىي، ھەربىي ياكى ئىجتىمائىي ساھەلەردە بىرەر مەرتىۋىگە ئىگە بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىي ئىسمى ئۆزەەرتىلىپ ئىگە بولغان مەرتىۋىسىگە مۇناسىپ يېڭى ئىسىم قويۇلغان. مەسىلەن: ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىككىنچى قاغانىنىڭ ئۆز ئىسمى ‹بايانچۇر› بولسىمۇ، قاغان بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمى ‹تەڭرىدە بولمىش، ئېل ئېتمىش بىلگە قاغان› دەپ ئۆزگەرتىلگەن.» (ئىبراھىم مۇتىئى: «ئىبراھىم مۇتىئى ئىلمىي ماقالىلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 2007-يىل نەشرى، 642-بەت). ئۇنىڭدىن باشقا، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزدا بەزىلەرنىڭ ئەسلىي ئىسمى «بۆرە» بولغان بولسا، ئۇ لەشكىرىي يۈرۈشلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن بولسا، «بۆرە ئالپ» ياكى «بۆرە باتۇر» دەپ؛ بەگلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن بولسا «بۆرەبەگ» دەپ ئاتالغان.


2. قەدىمكى ئىسىملارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى تۇتېمىستىك ئاساستىكى ئىسىملار، يەنى ئەجدادلىرىمىز قەدىمدە ئۇلۇغ بىلىپ ئۆزلىرىگە بەلگە قىلغان ھايۋانلارنىڭ ناملىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ، روشەن قاراتمىلىققا ئىگە. بۇنداق ئىسىملار خۇددى مەھمۇد كاشىغەرىي ئېيتقاندەك، «ئەڭ قەدىمكى ئەجدادىنىڭ نامىدىن كەلگەن» بولۇپ، مەلۇم ئۇرۇق، قەبىلىنىڭ ئورتاق نامىنى، ھېچ بولمىغاندا جەمەت نامىنى بىلدۈرەتتى. مەسىلەن: بۇقا، ئارسلان، توغرۇل، بۆرە دېگەندەك. بۇ جەمەت ناملىرى كونكرېت ئىسىملار بىلەن خاسلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن كونكرېت بىر شەخسنى بىلدۈرىدىغان بولغان. مەسىلەن، باربۇقا، ئەرتوغرۇل، ئارسلانتاش دېگەندەك.


3. قەدىمكى بەزى ئىسىملارنىڭ بىر قىسمى ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرىنى، ئۈمىد ئارزۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، كىشىگە گۈزەللىك، يېقىملىق تەسىر بېرىش رولىنى ئوينىغان. سىلىگ (سىلىق، مۇلايىم)، قۇتلۇغ (قۇتلۇق، بەختلىك) قاتارلىقلار. بۇنداق ئىسىملار بەزىدە ئايرىم ئىسىم سۈپىتىدە قوللىنىلسا، بەزىدە قوشما ئىسىم سۈپىتىدە قوللىنىلغان. مەسىلەن، قۇتلۇغ تۆمۈر، ئاي سىلىگ دېگەندەك.


4. شامانىزىم ئەقىدىسىدە ئاتا-بوۋىلىرىمىز تىۋىنىدىغان ئاسمان جىسىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر خىل ھالەتلىرىمۇ قەدىمدە خېلى مول ئىسىم مەنبەسىنى تەشكىل قىلغان. ئوغۇزخان دەسلەپكى ئۈچ ئوغلىغا كۈن، ئاي، يۇلتۇز، دەپ، كېيىنكى ئۈچ ئوغلىغا كۆك، تاغ، دېڭىز، دەپ ئات قويىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، قەدىمدە ئاسمان جىسىملىرى ۋە تەبىئەتتىكى بەزى سىرلىق جىسىملار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇلارغا بولغان سېغىنىشىنى قوزغىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىسىملار قويۇلغان.


5. ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى بەزى ئىسىملار بولسا قەھرىمانلارنىڭ، قوماندانلارنىڭ سۈپەتلىرى، ئاتلىرىدىن ئىبارەت بولغان. مەسىلەن، باتۇر، ئالپ، كۇرشاد، كۆلتېگىن، ئوغۇز، تۇركان دېگەندەك.


6. رەڭ ئەزەلدىن خەلقىمىزنىڭ گۈزەللىك چۈشەنچىسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن، ھەر خىل رەڭلەر ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن ئىسىم قويۇش خەلقىمىزنىڭ قەدىمىي ئەنئەنىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، قاراخان، سارىغخان، مىڭقارا، ئالتۇنقارا، ئەسەنقارا، ئاتمىشقارا دېگەندەك.


7. ئەجدادلىرىمىز قەدىمدە شامان ۋە مانى، بۇددا دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلغان دەۋرلەردە بەزى دىنىي ئۇنۋانلارمۇ بالىلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇلغان. مەسىلەن، بايان (ساۋاب)، ئارىغ (پاكىز)، كۈسەمىش (ئۈمىد)، ئاي چەچەك، قۇتادمىش، يىدلاغ (خۇش پۇراق)، كۈنسىلىگ (مۇلايىم)، ئاي تۇغمىش، كۈن بەرمىش دېگەندەك. بۇ ئىسىملار تىل نۇقتىسىدىن بەزى دىنىي چۈشەنچىلەرنى بەرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئەسلىي مەنىسىنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىر قاراشتىلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.


8. خان جەمەتى بالىلىرىغا كۆپىنچە ئەلنى ئىدارە قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسىملار قويۇلاتتى. مەسىلەن، ئېل تۇتمىش، ئېل ئالمىش، ئېل قۇتادمىش، ئېل ئەتمىش، ئېل يىغمىش، ئېل بەگ دېگەندەك. ئۇنىڭدىن باشقا «شاد، تېگىن، يابغۇ، تارخان، تۇتۇق، ئىنال، باسقاق» دېگەندەك مەنسەپ، ئۇنۋان ناملىرىمۇ كىشىلەرگە ئات قىلىپ قويۇلاتتى.


9. قەدىمكى ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، قەبىلە نامى ئادەم ئىسمىنىڭ ئالدىغا قوشۇلۇپ كېلەتتى. قەدىمكى يادىكارلىقلاردا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قەبىلىلەر 100 دىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئاساسلىقلىرى: چارۇغ؛ۇق، قوغۇرسۇن، ئون ئۇيغۇر، ياغلاقار، قاسار، بارغۇت، بايىرقۇ، توڭرا، ئىزگىل، باسمىل، قارلۇق قاتارلىقلار. «شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتمۈشتە مۇشۇنداق قەبىلە ناملىرى بىزنىڭ قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىسمى ئالدىغا قوشۇلۇپ ئۇلارنىڭ فامىلىسى رولىنى ئۆتىگەن. مەسىلەن، ئاشىنا بۇمىن (ئاشنا ئۇرۇقىدىن بولغان بۇمىن)، ئۇيغۇر سۈچى (ئۇيغۇر قەبىلىسىدىن بولغان باش قوماندان)، بارغۇت كۈن («بارغۇت» قەبىلە نامى، «كۈن» ئۆز ئىسمى).


ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى ئىسىملارنىڭ ئورنىغا ئەرەبچە ئىسىملار كۆپلەپ قوللىنىلىدىغان بولغان ۋە بۇ ئىسىملارمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:


10. ئاللاغا ئىتائەت قىلىش مەنىسىدىكى ئىسىملار. بۇنداق ئىسىملار ئاللانىڭ 99 سۈپىتىنىڭ ئالدىغا «ئابدۇ» (قۇللۇق قىلغۇچى، بەندە) دېگەن سۆزنى قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان ئىسىملاردۇر. مەسىلەن، ئابدۇرەھمان، ئابدۇرەھىم، ئابدۇقادىر، ئابدۇۋەلى دېگەندەك.


11. دىنىي ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىسىملار. مەسىلەن: نۇرىددىن (دىننىڭ نۇرى)، سەدرىددىن (دىننىڭ تايانچى)، سەيپىددىن (دىننىڭ قىلىچى)، مەنسۇر (يەڭگۈچى)، زىكرۇللا (ئاللاغا ئالقىش ئېيتقۇچى)، ھەبىبۇللا (ئاللانىڭ دوستى)، پەيزۇللا (ئاللانىڭ پەيزى)، ئەسەدۇللا (ئاللانىڭ شىرى)، زوھۇرىددىن (دىننىڭ كۆرۈنۈشى) قاتارلىقلار.


12. بىرمۇنچە ئىسىملار ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر دىنىي پائالىيەت ئەربابلىرىنىڭ ماقاملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن: رەسۇلۇللا (ئاللانىڭ ئەلچىسى)، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ماقامى؛ ھەمزە (كەسكىن، ئىتتىك، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تاغىسىنىڭ ئىسمى)، خالىد (دائىمىي، مەڭگۈ دېگەن مەنىدە. مەشھۇر ئىسلام قوماندانىنىڭ ئىسمى).


13. يەنە بەزى ئىسىملار خەلىپىلەر، ساھابىلەر ۋە ئىماملارنىڭ ناملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنداق ئىسىملار ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدە ئىزچىل يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەپ كەلمەكتە. مەسىلەن: ئابابەكرى (ئەسلىي تەلەپپۇزى ئەبۇبەكر)، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى (كۆتۈرۈلگەن)، ھەسەن، ھۈسەيىن (چىرايلىق)، سادىق (ئىشەنچلىك)، قاسىم (تەقسىم قىلغۇچى)، رىزا (تاللانغۇچى) قاتارلىقلار.


14. ئىسلام دىنىدىكى مىفولوگىيىلىك چۈشەنچىلەر، ئەۋلىيا ۋە ماشايىخلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسىملار. مەسىلەن: جەننەت، رىزۋان (رازى بولۇپ قالماق)، لۇقمان (ھەممىنى بىلگۈچى، ساقايتقۇچى)، ھۈر (جەننەت گۈزىلى)، ئابىھايات (جەننەت بۇلىقى) قاتارلىقلار.


15. مۇقەددەس كىتابلاردا نامى زىكرى قىلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئىسىملارمۇ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەركىبدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مەسىلەن: داۋۇد (سۆيۈملۈك دوست)، ئايۇپ (تەھقىقلىگۈچى)، ئىدرىس (ئۆگەنگۈچى)، ئىلياس (ئاللانىڭ كۈچى)، ئەيسا (ئاللانىڭ بايلىقى)، ئىسھاق (كۈمۈش)، ئىسمائىل (ئاللا ئاڭلىدى)، زەكەرىيا (ئاللا ئەسلىگۈچى)، مىكايىل (ئاللاغا لايىق بولغۇچى)، مەريەم (ئاچچىق)، مۇسا (بوۋاق) قاتارلىقلار.


16. ئەرەب ۋە پارس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىدە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئكزلىشىپ كەتكەن، ئەسلىي يىلتىزىدىن ئەرەبچە-پارسچە بىرمۇنچە سۈپەت سۆزلىرىمۇ كېيىنكى مەزگىللەردە (بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن كېيىن) كىشى ئىسمى سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغان بولدى. مەسىلەن: ئادىلە، ئازادە، ئاقىلە، كامىل، تاھىر، جەمىلە، زاھىد.


17. دۆلەت ئەربابلىرى ۋە چوڭ مەنسەپ ناملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسىملارمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدە مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەسىلەن: شاھ، شاھزادە (شاھمۇراد، شاھمۇھەممەد)؛ ئەمىر (قىسقارغان شەكلى «مىر»، مىرقاسىم، مىرسۇلتان، مىردۆلەت، مىرقەدەم)؛ سۇلتان (ھۆكۈمدار، سۇلتانباي، سۇلتانئەلى)؛ خان («خاقان» سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسى، خانبابا، باباخان، ئامانۇللاخان، خۇدايارخان)؛ بەگ (ئۇلۇغبەگ، ئۆمەربەگ، تۇرسۇنبەگ)؛ باي (غازىباي، تۆمۈرباي، يۈسۈپباي، بايمۇراد)؛ بانۇ (ئايال ھۆكۈمدار، ماھىنبانۇ)؛ نىسا (ئايال، نىساخان، ئاينىسا، گۈلنىسا).


18. يېقىن كۆرۈپ قويۇلىدىغان ئىسىملار. مەسىلەن: ئەزىز (ئەزىزلىنىدىغان)، نەجىپ (ياخشى خۇلقلۇق)، مېھرىبانۇ (سۆيۈملۈك)، پازىلە (پەزىلەتلىك)، مەرھابا (خۇش كېلىپسىز).


19. باتۇرلۇقى، كۈچتۈكگۈرلۈكى، ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىنى مەدھىيىلەپ قويۇلغان ئىسىملارمۇ بىز ئىشلىتىۋاتقان ئىسىملار ئىچىدە مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەسىلەن: باھادىر (باتۇر)، غالىب (يەڭگۈچى)، زەپەر (مۇۋەپپەقىيەت)، مۇزەپپەر (يەڭگۈچى)، جاھانگىر (جاھاننى ئالغۇچى)، تايماس، قورقماس قاتارلىقلار.


20. مەزمۇنىدىن گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىدىغان، گۈزەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىسىملار قىزلارغا كۆپرەك قويۇلىدۇ. مەسىلەن: جەمىلە (چىرايلىق)، زەرىپە (يېقىملىق)، زىبا (زىلۋا بويلۇق)، گۈزەل، زىننەت (پەرداز، بېزەك)، لەتىپە (چىرايلىق)، دىلئارا (سۆيۈلگەن)، زۆھرە (نۇرلۇق)، ماھىنۇر (ئاي نۇرى)، رەيھان، ئاينۇر دېگەندەك.


21. قەدىمدىن يېقىنقى زامانلارغىچە ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي شەرت-شارائىت تۈپەيلىدىن بالا تۇرمايدىغان، بالىلار كىچىك تۇرۇپلا ۋاپات بولۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرەتتى. مانا مۇشۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، روھىي جەھەتتىن تەسەللى تېپىش مەقسىتىدە بالىلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ ئىسىم قويۇلاتتى. بۇنداق ئىسىملار ئوۈغۇللار ئىسمىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: ئۆلمەس، ياشار، تۇرسۇن، تۆمۈر، تاشتۆمۈر، پولات، توختى، تۇرغۇن.


22. بالىغا ئىسىم قويۇشتا ئاتا-ئانىنىڭ شۇ سائەت، شۇ مىنۇتتىكى كەيپىياتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. خەلقىمىز ئومۇمەن ياخشى كەيپىياتلارنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارنى كۆپلەپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن. مەسىلەن: بەختىيار، خۇشبەخت، مەسئۇد (بەختلىك)، سائادەت (بەخت)، دىلشاد، ئۈمىدۋار.


23. بالا تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئائىت ئىسىملارمۇ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدە مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇنداق ئىسىملار بەزىدە چوڭ ۋەزىيەت كۆزدە تۇتۇلغان، بەزىدە كونكرېت ئەھۋاللار كۆزدە تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئاسان، زەخمەت، سەبر، ئۈمىد، غەرىبە، يادىكار.


24. ئۇيغۇرلار قەدىمدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن ئېتنىك تەركىپلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭ ساقىندىلىرى بەزى يۇرتلاردا جەمەت لەقىمى سۈپىتىدە، بەزى يۇرتلاردا يۇرتنىڭ نامى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان. بۇنداق ئېتنىك ناملار بىلەن ئىسىم قويۇش ئادىتى ھازىرمۇ خەلقىمىز ئارىسىدا ئاندا-ساندا ئۇچراپ قالىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر، سالجۇق، ئوغۇز، قارلۇق.


25. ئۆتمۈشتىكى ئادەت ۋە ئىرىملاردا بالىلارنىڭ كېسەلگە مۇپتىلا بولۇشى ۋە ۋاقىتسىز ۋاپات بولۇشى يامان روھلارنىڭ تەسىرىدىن بولغان، دېگەن قاراش ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى. شۇڭا، بالىنى يامان روھلاردىن ساقلاش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئەتەي كەمسىتىش مەنىسىدىكى بەزى ئىسىملارنى قوياتتى. مەسىلەن: سۈپۈرگە، سامساق، يانتاق، چاۋار، نىياز (خۇداغا ئاتا قىلىنغان سەدىقە، نەزىر).


26. يۇقىرىقىدەك ئىسىملاردىن باشقا، يەنە بىزدە قوش ئىسىم قويۇشمۇ خېلىلا ئومۇملاشقان. مەسىلەن توختىنىياز، مۇھەممەدقازى، مۇھەممەدئىمىن، مۇھەممەدنىياز، روزىباقى، سەيدەخمەت، داۋۇتنىياز قاتارلىقلار. قوش ئىسىم قويۇش ئادىتى ئىسلامدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىمۇ، ئىسلامدىن كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ ئوخشاشلا كەڭ قوللىنىلغان. بۇ بىر تەرەپتىن ئىسىمنىڭ مەنىسىنى كېڭەيتىش رولىنى ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسىمنىڭ ھەيۋىتىنى ئاشۇرۇش، ئەقىدىسىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. ھازىرقى ئۇيغۇر ئىسىملىرى تەركىبىدىكى قوشما ئىسىملار مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك: 1) ساپ ئۇيغۇرچە تەركىپلىك قوشما ئىسىملار: ئالپئارسلان، ئاييۇلتۇز، كۈنبىكە، ئالتۇنئاي؛ 2) پارسچە-ئۇيغۇرچە تەركىپلىك ئىسىملار: شاھخان، شاھقۇلى، ئاينىياز، مىرزىخان؛ 3) ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە تەركىبلىك ئىسىملار: مىرتۆمۈر، سۇلتانخان، ئەھمەدباي، ۋاپاقۇل؛ 4) پارسچە-ئەرەبچە تەركىبلىك ئىسىملار: نىيازمۇھەممەد، ناپىرخوجا، نائىلجان؛ 5) ساپ پارسچە تەركىپلىك ئىسىملار: ماھىرجان، شادخوجا، شاھجاھان؛ 6) ساپ ئەرەبچە تەركىبلىك ئىسىملار: ۋاپامۇراد، ۋەتەنھاجى، ھاجىئەكبەر قاتارلىقلار.


بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارنىڭ مەلۇم قىسمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈكسەك مەدەنىيىتى ۋە مەنەۋىيىتى، نازۇك دىتى، گۈزەللىك ۋە ئىستېتىك ئېڭىغا ئائىت خاھىشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئىسىملارنى ئىنچىكە كۆزەتكىنىمىزدە، بۇنداق ئىسىملار ئۇيغۇر ئىسىملىرى ئىچىدە مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلارنى ياسىلىشىغا قاراپ تۆۋەندىكىچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:


27. گۈللەر ۋە بەزى چىرايلىق كۆرۈنىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ناملىرىدىن ياسالغان ئىسىملار قىزلارنىڭ ئىسىملىرىدا خېلى كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئىسىملار قىزلارنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇ گۈل ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چىرايلىقلىقىغا تەققاسلاش رولىنى ئويناپلا قالماي، بەلكى يەنە خەلقىمىزنىڭ ئۆز يۇرتىدىن چىقىدىغان گۈللەرگە بولغان سېغىنىشى، ياخشى كۆرۈشى ۋە گۈزەلىك قارىشىنىمۇ روشەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مەسىلەن: گۈل، گۈللالە، لالەگۈل، ئەتىرگۈل، بايچېچەك، چېچەك، كۈنچېچەك، ئايچېچەك، گۈلشاخ، گۈلغۇنچە، قىزىلگۈل، چوغلۇق، ئاقچوغلۇق، گۈلبەرگى، گۈلبۇي، گۈلبىنەپشە، چېچەكبۇي، چىمەنگۈل قاتارلىقلار.


28. بەزى ھايۋانلار، ۋە قۇشلارنىڭ ناملىرىمۇ خەلقىمىز پەرزەنتلىرىگە تاللاپ قويىدىغان ئىسىملار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. بۇنداق ئىسىملار خەلقىمىزنىڭ تەبىئەتنى سۆيۈش، ئۇنىڭ بىلەن ئىناق ئۆتۈشتەك خاھىشىنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە، شۇ خىل ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ بەزى چىرايلىق قىلىق ۋە خۇسۇسىيەتلىرىگە بولغان مەپتۇنلۇقىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: بۇلبۇل، بۇلبۇلجان، تۇمۇچۇق، قۇندۇزئاي، سۆسەرگۈل، ئارسلان، بايبۆرە، شۇڭقارجان، لاچىنبەگ، بۈركۈتباي، قوچقارباي قاتارلىقلار.


29. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ يەنە بىر قىسمىنى بەزى قىممەتلىك مەدەن ۋە نەرسىلەرنىڭ ناملىرىدىن ئېلىنغان ئىسىملارمۇ تەشكىل قىلىدۇ. بۇنداق قىممەتلىك مەدەن ۋە مېتاللارنىڭ ناملىرى قىممەتلىك، ئاز ئۇچرايدىغان بولۇشنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، كىشى ئىسمى بولۇپ كەلگەندە شۇ كىشىنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنىڭمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، دۇنيادا ئىززەت-ھۆرمەت، مەرتىۋە ۋە ئابرۇي بىلەن ئۆمۈر سۈرىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز بۇنداق ئىسىملارنى بەك ياقتۇرۇپ قويىدۇ. بۇنداق ئىسىملار تارىختىن بۇيان دىن ۋە مەسدەنىيەتلەر ئۆزگىرىشىنىڭ، دەۋرنىڭ سىناقلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. مەسىلەن: مەرۋايىت، مارجانئاي، كۈمۈشبۈۋى، ئالتۇن، ئالتۇنئاي، ئالتۇنە، تىللا، ياقۇتئاي، گۆھەرچىن، چىنتاش، زۇمرەت قاتارلىقلار.


30. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ يەنە بىر قىسمىنى ساماۋىي ئوبيېكىتلارنىڭ ناملىرى، يەنى گۈزەللىك، ئەزگۈلۈك، لاتاپەت، يورۇقلۇق، ئۈمىد-ئارزۇ، تەلپۈنۈشنىڭ نىشانى، سىمۋۇلى بولغان ئاسمان جىسىملىرى، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ ناملىرىدىن ئېلىنغان ئىسىملار ئىگىلەيدۇ. بۇنداق ئىسىملارنىڭ كۆپىنچىسى قىزلارغا قويۇلىدىغان بولۇپ، گۈزەللىك، لاتاپەت، ئارزۇ-ئۈمىد، گۈزەل ئىستىقبالغا بولغان تەشنالىق دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: يۇلتۇز، ئاييۇلتۇز، قۇياش، قۇياشئاي، ئاپتاپخان، ئاپتاپە، قەمەرگۈل، قەمەرىيە، شەمسىيە، ھىلالە، چولپانئاي، كۈنخان، ئايخان، يۇلتۇزخان، يۇلتۇزگۈل قاتارلىقلار.


31. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ يەنە مەلۇم قىسمىنى يىل، ۋاقت ۋە پەسىللەرنىڭ ناملىرى، ھېيت-بايرام، ئۇلۇغ كۈنلەر، كېچە-كۈندۈزدىكى قۇتلۇق ۋاقىتلارنىڭ ناملىرىدىن ئېلىنغان ئىسىملار ئىگىلەيدۇ. بۇنداق ئىسىملار بوۋاقنىڭ شۇ مەزگىل ۋە ۋاقىتتا يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقىغا، شۇ پەسىل، ئاي، ۋاقىت، قۇتلۇق كۈندە ئوڭۇشلۇق، خېيىم-خەتەرسىز چوڭ بولۇشىغا بولغان يۈكسەك ئارزۇ-ئۈمىدنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: باھار، جۈمە، شەنبە، روزى، قۇربان، رەجەپ، مۇھەررەم، باھارە، كۆكلەم، نەۋباھار، گۈلباھار، ھېيت، ھېيتبەگ، كۈندۈزئاي، ئايجۈمە، جۈمەتۇردى، جۈمەئاخۇن قاتارلىقلار.


32. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدە يورۇقلۇق، روشەنلىك ۋە نۇر چۈشەنچىلىرى ئىسلام دىنىدىن ئىلگىرىمۇ، ئىسلام دىنىدىن كېيىنمۇ ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىپ كەلگەن. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىمىز خېلى ئۇزۇنغىچە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىرلىق كۈچىگە چوقۇنغان بولسا، كېيىنكى بىر مەزگىلدە يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق تەلىماتىنى ئاساسىي مەنبە قىلغان مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. نۇر ۋە يورۇقلۇق ئىسلام دىنىدا يەنە ئىماننىڭ يەنە بىر سىمۇللۇق مەنىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىرقى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا ساپ ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە ۋە پارسچە نۇر ۋە يورۇقلۇققا ئائىت سۆزلەردىن ياسالغان كىشى ئىسىملىرى خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: يورۇقباي، تاڭئاچار، ئەنۋەرە، يارقىنئاي، مۇنەۋۋەرە، نۇر، نۇرئاخۇن، نۇربۈۋى، نۇرىيە، سۈبھى، سۈبھىيە، روشەن، روشەنە، ئايدىڭ، نۇرلۇققىز قاتارلىقلار.


33. ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك چۈشەنچىلىرىدە پاكىزلىق، ساپلىق، ئازادىلىك چۈشەنچىلىرى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. خەلقىمىز قەدىمدىن بۇيان پاكىزلىقنى، ئازادىيلىكنى، ساپلىقنى ناھايىتى ئۇلۇغ بىلىدۇ ۋە بۇنداق كىشىلەرنى ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىدۇ. مۇھىتنىڭ پاكىزە، ئازادە بولۇشىنى، تەبىئىيلىكنىڭ بۇزۇلماسلىقىنى، ئۇنى قوغداشنى ئۆزلىرىنىڭ ھايات مىزانى قىلىدۇ. بۇ ھال كىشى ئىسىملىرىدىمۇ روشەن ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى ئىنتىلىشلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: سۈزۈك، سۈزۈكھاجى، سۈزۈكئاي، بىغۇبار، تىنىقئاي، تازاگۈل، پاكىزە، ئازادە قاتارلىقلار.


34. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ مەلۇم قىسمى بەزى شىرىنلىكلەر، لەززەتلىك نەرسىلەرنىڭ نامىدىن ئېلىنغان بولۇپ، بىز بۇنىڭدىن قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىرىم-قائىدىلەرنىڭ تەسىرى روشەن كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ئەجدادلىرىمىز ئادەم قانداق نەرسىنى يېسە، ئۇنىڭ تەبىئىتى ئادەمنىڭ مىجەز-خاراكتېرىگە تەسىر قىلىدۇ، دەپ قارايتتى ۋە ئادەم قانداق ئىسىم بىلەن ئاتالسا شۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىگە ئوخشاش ئادەم بولىدۇ، دەيدىغان چۈشەنچىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى. ئەجدادلىرىمىز ئىسىمنىڭ روھى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى تاللاپ، ئەڭ ماس كېلىدىغانلىرىنى قويۇش كېرەك، دەپ قارايدۇ. بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ئىسمىنىڭ تاتلىق يېمەكلىكلەر، شېرىنلىكلەرنىڭ نامىنىڭ قويۇلۇشى «بالىلىرىمىز چوڭ بولغاندا كىشىلەرگە تاتلىق گەپ قىلىدىغان، ئىللىق مۇئامىلە قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ يۈرىكىنى ئىللىتىدىغان، لەززەت بېغىشلايدىغان ئادەم بولسۇن» دېگەن چۈشەنچىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. مەسىلەن: لەززەتئاي، لەزىزە، چۈچۈكئاي، شېرىن، شېكەرخان، ناۋاتئاي، ھەسەلخان، گۈلھەسەل قاتارلىقلار.


35. يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن گۈزەللىك چۈشەنچىلىرىنى بىلدۈرىدىغان بىر قاتار ئىسىملار مانا شۇ چۈشەنچىلەرنى ئىپادە قىلىدىغان سۆزلەرنىڭ قوشۇلۇشى ئاساسىدا ھاسىل قىلىنىدۇ. بۇنداق بولۇشى كىشىلەرنىڭ ئىسىم قويۇش جەريانىدا، ئىسىملارنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئىستىكىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرىلىقى سەۋەبىدىن، گۈزەللىككە سىمۋۇل قىلىنغان بىرنەچچە ئاتالمىلار ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلۇپ، قوشۇلۇپ، مەنىسى تېخىمۇ چوڭقۇر، مەزمۇنى كەڭ ئىسىملار ھاسىل قىلىنىدۇ. مەسىلەن: گۈلخۇمار، كۈنچېچەك، نۇرگۈزەل، ئاي كۈمۈش، زەركۈمۈش ۋە باشقىلار.


ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدىكى خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئىسىملارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە بالىغا قويۇلۇش ئاساسلىرىنى ئىسىم قويغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي-تەربىيەۋىي ئامىللار بىلەن باغلىق ئىستەك-ھاخىشلىرى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:


36. بالىنىڭ ياخشى ۋە مۇناسىب ئىنسان بولۇپ چوڭ بولۇشى ئارزۇ قىلىنىدۇ ۋە بۇ قاتاردىكى ئىسىملار ئارزۇ-ئىستەك تۈركۈمىدىكى ئىسىملار ئىچىدە خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى، تۇغۇلغۇسى پەرزەنتىنىڭ ياخشى، جەمئىيەتكە ياراملىق، ئىختىساسلىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان بىرمۇ ئاتا-ئانا بولمىسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز مۇشۇ خىل ئارزۇ-ئۈمىد ئىپادىلەنگەن ئىسىملارنى كۆپرەك قويۇشقا ھەرىكەت قىلغان. مەسىلەن: ياخشىباي، ياخشىمۇراد، ياخشىگۈل، ياخشىخان، ياخشىقىز، مۇناسىب، مۇناسىبە، ئەلا، ئەلاخان، ماقۇل، ماقۇلئاي، مەقبۇلئاي، دۇرۇسخان.


37. بالىنىڭ چوڭ بولۇپ ياخشى خۇلقلۇق، ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئەخلاق-پەزىلەت ئادەم بولۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بىرى بولۇپ، پەقەت ئەخلاق-پەزىلەتلىك بولغاندىلا، باشقا جەھەتلەردىنمۇ ئوڭۇشلۇق ئالغا ئىلگىرىلىگىلى، كىشىلەرنىڭ ھۆرمەت-ئېتىۋارىغا سازاۋەر بولغىلى، نومۇس بىلەن ياشىغىلى، ئابرۇي قازانغىلى، ھاياتنىڭ قىممىتىنى ياراتقىلى بولىدۇ. خەلقىمىز مانا مۇشۇ قاراشلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئەدەپ-ئەخلاق، ياخشى خۇلقنى ئىپادە قىلغۇچى بىرمۇنچە ئىسىملارنى ئىجات قىلغان. مەسىلەن: دىلكەش، مۆمىن، مۆمىنباي، قابىلجان، ئىنساپ، ئاقيۈرەك، چىندىل، پەزىلەت، پەزىلىيە، خۇلقىيە، خۇشرۇي، خۇشنىزات، ئەدەپىيە قاتارلىقلار.


38. بالىنىڭ غەمخور، مېھىرىبان، ئالىجاناب ئادەم بولۇشى خالىنىدۇ. مەلۇمكى، مېھرىبانلىق، غەمخورلۇق، كۆيۈمچانلىق ھەرقانداق دەۋردە، ھەرقانداق بىر مىللەتتە كەم بولسا بولمايدىغان ئىنسانىي خىسلەت، شۇنداقلا كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتنى تەڭشەيدىغان، ئىناقلىققا يول ئاچىدىغان ئېسىل خىسلەت ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز قەدىمدىن تارتىپلا ئىنساندىكى ماما مۇشۇ تۇيغۇغا ئەھمىيەت بىلەن قارىغان، شۇنداقلا پەرزەنتلەرنىڭ مېھرىبان، كۆيۈمچان، غەمخور چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشقان. مانا بۇنداق ئىسىملارنى بىز بۈگۈنكى كۈندە كۆپلەپ تاپالايمىز. مەسىلەن: ئەھىلجان، مېھىرىبان، مېھىرىخان، مېھرىگۈل، مېھرىناز، مېھىرىيە، ۋاپادار.


39. خەلقىمىز ئىچىدىكى ئىسىملارنىڭ بەزىلىرىدە يەنە پەرزەنتنىڭ ئېغىربېسىق، ۋەزمىن، كەمتەرىن ئىنسان بولۇشى ئارزۇ قىلىنىدۇ. بۇنداق ئارزۇ قانداقتۇر پەرزەنتنىڭ چوڭ بولغاندا تەپسە تەۋرىمەس ئەمەس، بەلكى ئىشلارغا تەپەككۇر كۆزىدە قارايدىغان، سوغۇققان، يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىدىغان، قىلغان ئىشىدىن چاتاق چىقمايدىغان، ۋەزمىن، كەمتەر، شۆھرەتپەرەسلىكتىن خالى، دېگىنىدە تۇرىدىغان، سالاپەتلىك ئادەم بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە خەلقىمىزنىڭ ئومۇملاشقان ئىستەك-خاھىشىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: ياۋاش، ساكىنە، كەمتەرجان، لىللاجان.


40. قەدىمدىن ھازىرغىچە، خەلقىمىز پەرزەنتىنىڭ بالىنىڭ ساغلام، كۈچلۈك، قۇۋۋەتلىك، قۇدرەتلىك، ئىرادىلىك بولۇپ ئوسۈشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن. بۇنداق ئارزۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئادەمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى، جاھاندارچىلىق قىلىشى، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشى، كىشىلەر ئارا بولغان مۇناسىۋىتى، ئكزىگە ىاس شان-شۆھرەت، ئىناۋات تېپىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر بۇنداق ئىسىملارنى قويۇشقا تولىمۇ ھېرىس بولغان. مەسىلەن: بەرداش، ئىرادىخان، ئەزىمەت، زورباي، پالۋان، بەردەم، تاشپولات، مەھكەم قاتارلىقلار.


41. بالىنىڭ ھۇشيار، زىرەك، تەدبىرلىك، چېۋەر بولۇپ چوڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىش خەلقىمىز ئىسىم قويۇشتا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يەنە بىر ساھە ھېسابلىنىدۇ. ھۇشيارلىق، زىرەكلىك ئۆز نۆۋىتىدە ئادەمنىڭ جاھاندارچىلىقىنى بەلگىلەيدىغان، قانداق ياشىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان، بۇ جاھاندىن ئۇلۇغ نام قالدۇرۇپ كېتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئىسىملارنى بىر ئاڭلىماققىلا ئادەمگە جۇشقۇنلۇق ۋە ئىلھام بېغىشلايدۇ. مەسىلەن: چاققانباي، جۇشقۇن، جۇشقۇنئاي، زىرەكخان، ماھىر، ماھىرە، چېۋەر، چېۋەرە، زىرەك.


42. بالىنىڭ جەسۇر، مەرد، يۈرەكلىك يىگىت بولۇپ چوڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىش خەلقىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئىسىم تاللىشىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. تۇغۇلغان ئوغۇلنىڭ چوڭ بولغاندا مەرد، جەسۇر، يۈرەكلىك، ئىشلارنى كېسىپ-كېسىپ قىلىدىغان، يىراق-يېقىندا ئابرۇيى بار، ئەلنى ئويلايدىغان، ئەلنىڭ غېمىنى يەيدىغان، ھەقىقىي ئەزىمەت بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئۇيغۇر يوق بولسا كېرەك. بۇنداق ئىسىم قويۇلغان بالىلار ھەقىقەتەن جۇشقۇن، جانلىق كېلىدۇ. مەسىلەن: باتۇر، جەسۇر، جەسۇرە، تايماس.


43. تۇغۇلغان پەرزەنتنىڭ ئادالەتلىك، ھالال، ئادىل ئىنسان بولۇپ چوڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىش خەلقىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئىسىم تاللىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەرەپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئادىللىق، ھەققانىيلىق چۈشەنچىلىرى خەلقىمىز ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساقمۇ، بۇنىڭغا ئائىت كىشى ئىسىملىرىنى كۆپلەپ تاپالايمىز. مەسىلەن: توغرا، توغرىجان، ھەققانىي، ئادىل، ئادىلە، ئادالەت، چىنقۇل، چىنيىگىت، چىنقارا.


44. ئاتا-ئانىلارنىڭ بولۇپمۇ ئوغۇل پەرزەنتلەرنىڭ باغرى كەڭ، سېخىي، ساخاۋەتلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدىغانلىرى يوق. بۇنداق مەزمۇندىكى ئىسىملارمۇ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئىچىدە مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەسىلەن: ھاتەمباي، مەردان، مەردانە، مەرد، جۆمەرد قاتارلىقلار.


45. ئىنسانپەرۋەرلىك كىشىلەر ئارا ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، كىشىلەر بىلەن كىشىلەر، يۇرت بىلەن يۇرت، مىللەت بىلەن مىللەت ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت ئويغىتىدىغان ئىنسانىي تۇيغۇدىن ئىبارەت. ئۇيغۇر-ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەر بولۇشىنى چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلىشقان ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىسىملارنى كۆپلەپ قويۇشقان. مەسىلەن: ئۇلپەت، ئۇلپەتخان، شەپىق، مۇنىسە، دوست، دوستبول قاتارلىقلار.


46. بولغۇسى پەرزەنتلەرنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن كامىل، مۇكەممەل ئىنسان بولۇشى ئارزۇ قىلىنىدۇ. بۇنداق بولۇشىدا، ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى قىلىپ بولالمىغان، قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى پەرزەنتلىرىنىڭ چوڭ بولۇپ ئورۇنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل، نۇقسانسىز دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشىدۇ. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە پەرزەنتلەرگە قويۇلغان ئىسىملارمۇ تەبىئىي يوسۇندا مانا مۇشۇ ئارزۇ-ئىستەكلەرنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: مۇكەممەل، مۇپەسسەل، كامىل، كامىلە.


47. ھەرقانداق ئادەم ياشىغانىكەن، كىشىلەر ئارىسىدا ئىززەت-ھۆرمەتلىك بولۇپ ياشاشنى، ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىنى بىلەن تۇرۇشنى، قىسقىسى، ئادەملەر ھۆرمەت، ئەزىزلەيدىغان، قەدىرلەيدىغان ئىنسان بولۇشنى خالىشىدۇ. بۇنداق ئارزۇ ئۆز نۆۋىتىدە كىشىلەرنىڭ ئەڭ زور ئۈمىدى بولغان پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويغاندا ئكز ئىپادىسىنى تاپماي قالمايدۇ. مەسىلەن: ئىززەت، ئىززەتئاي، ئىكرام، ئىكرامە، قىممەت، ھۆرمەتئاي، ھۆرمەتجان، ئابرۇي، ئەزىز، ئەزىزە، ئېتىبار.


48. ئاتا ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ داڭلىق، مەشھۇر، شۆھرەتلىك ئادەم بولۇشىنى چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلىدۇ ۋە بۇ ئارزۇسىنى پەرزەنتلىرىگە قويىدىغان ئىسىملىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: بۈيۈك بۈيۈكخان، شەۋكەت، شۆھرەت، مەشھۇرە، غالىب، غالىبە، مەشئەل، داستان.


49. ئەقىل ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل، پەقەت ئەقىل بولغاندىلا ھاياتنى مەنىلىك، قەدىر-قىممەتكە ئىگە قىلىپ ياشىغىلى، بۇ دۇنيادا بىر كىشىلىك نام قالدۇرۇپ ئۆتكىلى بولىدۇ. ئاتا-.ئانىلار كۆز نۇرى، بارلىق ئۈمىدلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىسى ھېسابلانغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق ئەقىللىق، دانا، دانىشمەن ئىنسان بولۇپ چوڭ بولۇشىنى چىن قەلبىدىن ئارزۇ قىلىدۇ ۋە بۇنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارغا قويغان ئىسىملار بىلەن ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ. مەسىلەن: ئەقىل، ئەقىلبەگ، ئەقىلئاي، ئاقىل، ئاقىلە، دانا، داناگۈل، داناخان، پەھىمە، پىكرىيە.


50. ئىلىم-مەرىپەت خەلقىمىز ئەزەلدىن ئېتىبار بېرىپ كېلىۋاتقان، ئىنتىلگەن مەنىۋى قورالدىن ئىبارەت. بىز ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدىكى «بىلگە» (بىلىملىك)، «ئۆگە» (دانىشمەن) دېگەن ناملارنى، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تىكى ئىلىمگە مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى، «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم)تىكى ئىلىم ئارقىلىق قۇدرەت تېپىش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت مەڭگۈ كونىرىمايدىغان ئىلغار تەشەببۇسنى، «ئەتەبەتۇلھەقايىق» (ھەقىقەت بوسۇغىسى)دىكى ئىلىم ئۆگىنىشكە دائىر پەندى-نەسىھەتلەردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىلىم ئۆگىنىش، ئىلىملىك بولۇشنىڭ پايدىسىنى يازما ھالدا خاتىرلەش تارىخىنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇنلۇقىنى، بۇ تەشەببۇسنىڭ تارىىخي ئىزچىللىققا ئىگە ئىكەنلىكىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، خەلقىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىگە بىلىملىك، ئۇقۇمۇشلۇق، مەرىپەتلىك ئىنسان بولۇپ چوڭ بولۇشى ئارزۇسىنىڭ تولىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز. مەسىلەن: بىلگە، ئۆگە، بىلىگ، ئالىمە، ئەدىب، ئەدىبە، شائىرە، ئىلىمدار، پازىل، پازىلە، ئارىپ، ئارىپە، مەكتەب، مەرىپەت قاتارلىقلار.


51. ئۆز ئانا ۋەتىنىنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراش، قەدىرلەش، سۆيۈش، ئۇنىڭ ئۈچۈن جان پىدا قىلىش خەلقىمىزنىڭ ۋىجدانلىق ئوغۇل-قىزلىرى ئۆتمۈشتىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئاكتىپ تەشەببۇستىن ئىبارەت.بۇ تەشەببۇس ئۆز نۆۋىتىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆز نۇرى بولغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسمى سۈپىتىدە ئۇلارغا ئۆمۈرلۈك نام بولۇپ قويۇلۇۋاتىدۇ. ھەر بىر ئاتا-ئانا پەرزەنتىنىڭ ئۇز ۋەتىنى، خەلقى ۋە زامانىسىغا مۇناسىب ئىنسان بولۇپ يېتىشسۇن دەپ نىيەت قىلىدۇ. مەسىلەن: ۋەتەن، ئەلسۆيەر، ئەلئوغلى، ئەليار، ئەلبەگ، ئەلداش، ئۇلۇس، ئۇلۇسبەگ، ئىپتىخار قاتارلىقلار.


ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى مانا مۇشۇنداق مول خەزىنە، ئۇنىڭدا ئىسم بايلىقى مول بولۇپلا قالماي، تۈرلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ. بۇلارنى ئۈزلۈكسىز قېزىش ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى تېپىپ چىقىپ ئەلگە ئاشكارىلاش نۆۋەتتىكى ئىسىم تەتقىقاتىدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.


بەت: [1]
: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئومۇمىي