kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 11:09:10

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئېتنوگراپىيەسى

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئېتنوگراپىيەسى



ۋەلى كەرىم كۆكئالپ



ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ ئىزاھلىق تېكىستىدە كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئېتنوگراپىيىلىك مەنىلىرى خېلى كۆپ ئېچىپ بېرىلدى. ئىسىملارنىڭ ئېتنوگراپىيىلىك مەنىسى مۇئەييەن ئىسىمنىڭ پەيدا بولۇشى، تاللىنىشى ۋە بوۋاققا قويۇلۇشىغا ئاساس، سەۋەب بولغان چۈشەنچىلەرنىڭ ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئېتنوگراپىيىلىك مەنە ئەسلىدە بىرەر ئىسىمنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن ئاساس بولغان ئېھتىياجنى بىلدۈرىدىغان سەۋەب − ۋەقە ۋە قائىدىلەر، ئەنئەنىلەر، كىشىلەرنىڭ ئىسىم ئارقىلىق ئىجرا قىلىدىغان ئىستەك ۋە ئارزۇلىرى، تىلەك ۋە خاھىشلىرى ھەققىدىكى ئېتنوگراپىيىلىك مەلۇماتلارنىڭ مەزمۇنىدىن ئىبارەتتۇر.


ئىسىملارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە قويۇلۇشى پەقەتلا مەنىۋىي ئېھتىياج بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بىر قاتار ماددىي، ئەمەلىي تەدبىرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار بوۋاققا ئىسىم قويۇش ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلاردا سېتىۋالدى، سېتىلدى دېگەندەك ئىسىملار بار. بۇ ئىسىملارنىڭ پەيدا بولۇشى بوۋاقنى «سېتىۋېلىش» ئەنئەنىسىنى ئادا قىلىش بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. ئۆتمۈشتە پەرزەنتلىرى تۇرماي ۋاپات بولۇۋەرگەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە «سېتىۋېلىش» ئادىتىگە چوڭ ئۈمىد باغلاشقان. بۇ ئادەتكە قارىغاندا، بالا تۇغۇلغاندا، خاھى ئوغۇل، خاھى ئۇ قىز بولسۇن، تارازىنىڭ بىر پەللىسىگە بوۋاق، يەنە بىر پەللىسىگە ئوزۇق سېلىنىدۇ (دۆلەتمەن ئائىلىلەردە ئوزۇق ئورنىغا قىممەتلىك نەرسىلەرمۇ قويۇلغان). ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقى تەڭلەشتۈرۈلىدۇ. ۋاسىتىچى ئايال بىلەن ئۆي ئىگىسى (بالىنىڭ ئانىسى) ئوتتۇرىسىدا ئاشۇ ئۇدۇم بىلەن ئالاقىدار دىئالوگ خاراكتېردىكى گەپ-سۆزلەر ئېيتىلىدۇ، بالا «سېتىۋېلىنغان» ھېسابلانغان ئوزۇقنى ۋاسىتىچى خوتۇن ئالىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە قوشۇمچە سوۋغىلارمۇ بېرىلىدۇ.


ئۆتمۈشتە ئەجدادلىرىمىز بالىنىڭ تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشى، ناكا بولۇپ قېلىشى، كېسەل پېتى تۇغۇلۇشى، بوۋاقلارنىڭ تۇرماستىن ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىشى ياكى كېلەچەكتە بەختسىز، ئامەتسىز بولۇپ قېلىشى مەلۇم ياۋۇز كۈچلەرنىڭ، بوۋاقنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئىشى دەپ ھېسابلاشقان. بالىنىڭ دۈشمىنى دەپ ھېسابلانغان ياۋۇز كۈچلەر خىيالىي، ئەپسانىۋىي، بەزى ھاللاردا بولسا ماددىي (رېئال) چۈشەنچىلەر، نەرسە ۋە ئوبيېكىتلاردىن ئىبارەت بولۇپ، رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىدا ھەر خىل تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ ۋە ئوخشىمىغان ناملاردا ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىلەر: شەيتان، دىۋە، ئالۋاستى، ئەجدىھا، پەرى، ئەزرائىل، يالماۋۇز كەمپىر، جىن، ئىنسۇ جىن، چىلتەن، مەستان، تۇلپار، ئۆتكەن ئەجدادلارنىڭ روھى، خاسىيەتسىز شامالنىڭ تېگىشى، جىن ئۇرۇشى، ياڭاق تېگىدە يېتىپ قېلىش، خاسىيەتسىز يەردە بىمەھەل ئۇخلاپ قېلىش، پەرزەنتسىز ئايالنىڭ كۆزى چۈشۈپ قېلىشى، يامان خۇلقلۇق كىشىلەرنىڭ نەزەرى، كۆز تېگىش، ئاچ كىرىش، خاسىيەتسىز كىيىملەر، ئاتا ياكى ئانىنىڭ قانداقتۇر ئورۇنسىز ھەرىكەتلىرى (گۇناھى)، بوۋاق تۇغۇلغان ئۆي (جاي)نىڭ، بولۇپمۇ بالىغا قويۇلغان ئىسىمنىڭ خاسىيەتسىزلىكى ياكى ئېغىرلىق قىلىشى ۋە باشقىلار.


كىشىلەر قەدىم-قەدىمدىن بوۋاقنى بۇنداق ياۋۇز كۈچلەردىن ساقلاش چارىلىرىنى ئىزدەشكەن، شۇ سەۋەبتىن ئاتا-ئانىلار بوۋاقنى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىدىن يوشۇرۇش، ياۋۇز كۈچلەرنى ئالداش، ئاداشتۇرۇش، گاڭگىرىتىش، ئىلاج بولسا ئۇلارنى تامامەن بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە چارىلىرىنى ئويلاپ تېپىشقان. بۇلار تۆۋەندىكىچە:


1) ھامىلىدار ئايالنى يالغۇز قويۇپ، يامان كۆزلەردىن يوشۇرۇش ۋە ساقلاش.


2) بوۋاقنى قىرقى چىقمىغۇچە غەيرىي ئادەملەرگە كۆرسەتمەسلىك.


3) كۆپ تۇغقان ۋە ياشانغان ئاياللارنى ئىنىكئانا قىلىش.


4) ياۋۇز كۈچلەر چۆچۈيدىغان ۋە يېقىنلاشمايدىغان نەرسىلەرنى، قۇرئان، دۇئالار، تۇمارلار، نان، پىچاق، سامساق، قەلەمپۇر، خۇرما مېۋىسى، كۆزمۇنچاق، يىلاننىڭ باش سۆڭىكى ياكى پوستى، بېلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى ۋە بېشىنى بوۋاقنىڭ بۆشۈكىگە ۋە كىيىملىرىگە قويۇش ياكى ئېسىپ قويۇش.


5) بوۋاقنى پۇشتىسىز (بالا-چاقىسىز) كىشىلەرگە كۆرسەتمەسلىك ۋە كۆتەرتمەسلىك.


6) بالىنى يامان خۇلقلۇق ئادەملەرگە كۆرسىتىشتىن ئىېھتىيات قىلىش.


7) بالىنىڭ تۇغۇلۇش ئورنىنى ئۆزگەرتىش − باشقا ئۆيگە بېرىپ تۇغۇش.


8) بالىنى بىر ئاي ياكى بىر يىل مۇددەتكىچە باشقا ئادەمگە تەربىيەگە بېرىش.


9) بالىنى باشقا بىر ئايال ئېمىتىپ تەربىيەلەش.


10) يەتتە ئاخشام چوڭ چىللە، بۆرە چىللە، سۇلايمان چىراغ، ئېتەككە سېلىش، تەلپەككە سېلىش، ئىزىنى كېسىش، تامدىن يۇمىلىتىش، قازناقتىن ئۆتكۈزۈش، بۆرە ئاغزىدىن ئۆتكۈزۈپ ئېلىش، ئىت تېرىسىدىن كۆڭلەك كىيگۈزۈش.


11) «كوكۇلا قويۇش»، «ھەيدەر كوكۇلا»، «ئەگەش كوكۇلا قويۇش»، «كوكۇلا تويى»غا ئوخشاش ئۇدۇم ۋە مۇراسىملارنى بېجىرىش.


12) «سېتىۋالدى»، «تېپىۋالدى» دېگەندەك رەسىم-قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىش.


13) بوۋاقنى تېگىشلىك دۇئالار، ئارزۇ-ئالقىشلارنى ئېيتقان ھالدا بۆشۈككە سېلىپ بۆلەش، بۆشۈكتىن ئېلىش، ئىسىم قويۇشقا ئوخشاش جەريانلارنى ئادا قىلىش.


14) ئوقۇتۇش، دەم سالدۇرۇش، ئىس چىقىرىش، ئىسرىق سېلىش، كۆچۈرۈپ بېرىش.


15) سەدىقە بېرىش، قۇربانلىق قىلىش، قان چىقىرىش، ئەزىز جايلارنى زىيارەت قىلىش.


16) بوۋاقنىڭ كىيىملىرىنى، ئىسمىنى ئالماشتۇرۇش، ياتىدىغان جايىنى ئۆزگەرتىش، كېچىلىرى چىراغ يېقىپ قويۇش، چوڭ ياشلىق قېرىنداشلارنىڭ كونا كىيىملىرىنىڭ پارچىسىدىن بوۋاققا كىيىم تىكىپ كىيدۈرۈش.


17) ئاللا تەئالادىن مەدەد، نىجات سوراش.


18) بوۋاقنىڭ تەقدىرىنى پەيغەمبەرلەر، خەلىپىلەر، ئەزىز ئەۋلىيالار، مۇقەددەس قەدەمجايلارغا باغلاش ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمىدىن ئۈمىد كۈتۈش.


19) بوۋاقنى ئەزىز ئەۋلىيالار، شەيخلەر، ئىشانلار، پىرلارغا بېغىشلاش، نەزىر قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇرۇۋۋىتىگە، ياردىمىگە تايىنىش.


20) مۇقەددەس دەپ ھېسابلانغان قەدەمجايلار، قەبرىلەر، تاشبۇلاق، قۇدۇق، غار، دەرەخلەر ۋە بۇلارغا سېغىنىپ ئۇلاردىن نىجات ئىزدەش.


21) «خاسىيەتلىك»، «خاسىيەتسىز» ئىسىملار مەۋجۇد دەپ بىلىش ۋە بوۋاققا مۇناسىپ ئىسىم تاللاشقا ھەرىكەت قىلىش.


22) بوۋاققا ۋاقتىنچە ئىسىم قويماسلىق.


23) بوۋاققا يامان خۇلقلۇق، كېسەلمەن كىشىلەرنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش ئىسىملارنى قويماسلىق.


24) بوۋاققا قويۇلغان ئىسىمنى ياتلاردىن يوشۇرۇش، سىر تۇتۇش.


25) ئۆتمۈشتىكى ئەجدادلار، بوۋىلارنىڭ روھىغا سېغىنىش، ئۇلاردىن مەدەد سوراش ۋە باشقىلار.


ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپلىگەن ئىسىملارنىڭ مەيدانغا كېلىشى يۇقىرىدا ئېيتىلغان رەسىم-قائىدىلەر، ئۇدۇملار، ئېتىقاد ۋە تەسەۋۋۇرلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ناھايىتى قەدىمدىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز بالىنىڭ ساغلام بولۇشى، ياشاپ كېتىشى، كەلگۈسى بەختى ئۇنىڭغا قويۇلىدىغان ئىسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ ھېسابلاشقان. چۈنكى بوۋاققا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللانغان ۋە قويۇلغان ئىسىم ئۇنىڭ تەقدىرى، ھاياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىسىم ئادەمنىڭ روھىيىتى، تەقدىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلىدۇ. خەلقىمىز: كىشى ئۆز ئىسمىغا ئوخشايدۇ، دەپ ئىشىنىشكەن. نەتىجىدە ئادەملەر «خاسىيەتلىك» (قۇتلۇق) ۋە «خاسىيەتسىز»، ياخشى ۋە يامان ئىسىملار بار، دەپ ھېسابلاشقان. شۇ سەۋەبلىك بوۋاقنىڭ تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشى ياكى ئۆمرى قىسقا بولۇپ ئۆلۈپ كېتىشى، بالىنىڭ بەدىنىدە تۈرلۈك نۇقسانلارنىڭ مەۋجۇد بولۇشى، بولۇپمۇ پەرزەنتنىڭ كەلگۈسى بەختى ئۇنىڭ ئىسمىغا باغلىق دەپ بىلىشكەن. مانا مۇشۇنداق تەسەۋۋۇرلار تۈپەيلىدىن زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بوۋاققا قويۇلغان ئىسىم ئادەمنى ئۆزئارا پەرقلەندۈرۈش، ئاتاشقىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى تۈرلۈك بالا-قازالاردىن ساقلايدىغان، مۇھاپىزەت قىلىدىغان، قۇتقۇزىدىغان، ئىنسانغا بەختلىك تەقدىر، قۇتلۇق ئىقبال بەخش ئېتىدىغان ۋاسىتىگە ئايلانغان، شۇ تۈپەيلىدىن كىشىلەر قەدىمدىن بۇيان بالىغا ئىسىم قويۇشقا مەسئۇلىيەت بىلەن قارايدىغان بولغان. شۇڭىمۇ، تىلدىكى بارلىق ئىسىملارنىڭ مەلۇم سەۋەبى، ئاساسى ھەمدە ئۆزىگە خاس ئېتنوگراپىيىلىك مەنىسى مەۋجۇتتۇر.


ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىگە ئىسىم قويۇشتا بوۋاققا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش، بالىنىڭ يېتۈك، كامىل ئىنسان بولۇپ يېتىلىشى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە بەختلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. مانا مۇشۇ ئىستەك ۋە ئارزۇلار بالىغا ئىسىم تاللاش ۋە قويۇشنىڭ، بۇنىڭغا ئائىت ئۇدۇملارنى ئادا قىلىشنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.


بوۋاققا قويۇلىدىغان ئىسىم ئۇنىڭ تەقدىرىگە تەسىر قىلىدۇ، ئىسىملار خاسىيەتلىك ۋە خاسىيەتسىز بولىدۇ، دېيىلگەن تەسەۋۋۇرلار دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىسىملارنى بالىنىڭ ھىمايىچىسىگە، ئۇنىڭغا قانداقتۇر باغلانغان، ئۇنىڭغا دائىم ۋە بىر ئۆمۈر ھەمراھ، ھەمدەم بولۇپ يۈرىدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇلغان. شۇ تەرزدە «ساقلىغۇچى ئىسىملار»، «ھىمايە ناملىرى» دېيىلگەن بىر تۈركۈم ئىسىملار مەيدانغا كەلگەن.


«ساقلىغۇچى ئىسىملار» مەزمۇنەن ئىجابىي، چىرايلىق ناملاردىن ۋە كۆپىنچە قوپال، سەت مەنىلىك ناملاردىن تەشكىل تاپقان. بالىغا سەت مەنىلىك سۆزلەردىن ياسالغان ئىسىملارنىڭ قويۇلۇشى بالىنى يامان كۆزلەردىن، كۆز تېگىشتىن ساقلاش، بوۋاقنىڭ دۈشمىنى بولمىش ياۋۇز كۈچلەرنى ئېزىقتۇرۇش، ئالداش مەقسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۇيغۇر ئىسىملىرى ئارىسىدا خېلى كۆپ «ساقلىغۇچى ئىسىملار» مەۋجۇد بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:


1. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە ساغلاملىق، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەشنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملار: تۇرسۇن، تۇردى، توختىسۇن (توخسۇن)، ئۆلمەس، يۈرسۇن، ئامانتۇردى، تۇرغۇن، تۇرغۇنئاي، يولداش... دېگەندەك.


2. ئاتا-ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتىنىڭ تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى يېڭىشى، چىداملىق، ئىرادىلىك، مۇستەھكەم بولۇپ ئۆسۈشىنى ئارزۇ قىلىپ قويۇلغان ئىسىملار. بۇنداق ئىسىملار ئادەتتە مۇستەھكەملىككە سىمۋۇل بولغان نەرسىلەر، بۇيۇملار، قورال-ياراغلار نامىدىن ياسالغان بولىدۇ. مەسىلەن: تاش، تاشباي، تاشخان، تۆمۈر، تۆمۈرە، مەتىنباي، پولات، قىلىچباي، خەنجەرە، قالقانباي، تاشپولات. شۇنىڭدەك بەزى ئىسىملار بىۋاسىتە مۇستەھكەملىك، ئىرادىلىك چۈشەنچىلىرىنىڭ نامى بولغان سۆزلەردىن ياسىلىدۇ: مەھكەم، مەھكەمئاي، تۇرغۇن، تۇرغۇنئاي ۋە باشقىلار.


3. ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولۇش، ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك، چىداملىق، ئۇزۇن ئۆمۈر تىمسالى بولمىش دەرەخلەر، نەرسىلەرنىڭ نامىدىن ياسالغان ئىسىملار: چىنار، چىنارە، ۋە باشقىلار.


4. يېقىمسىزلىق، ناخۇشلۇق، ئاچچىقلىق تىمسالى بولغان نەرسىلەر، ئۆسۈملۈكلەر نامىدىن ياسالغان ئىسىملار: سامساق، پىيازبەگ ۋە باشقىلار. خەلقىمىز مانا مۇشۇنداق ئىسىملار قويۇلسا بوۋاقنىڭ دۈشمىنى، ياۋۇز كۈچلەر بالىغا يېقىنلاشمايدۇ، ئۇنىڭدىن نېرى كېتىدۇ، دەپ ھېسابلاشقان.


5. بەزىدە ئەتەي سەت (خۇنۈك) مەنىلىك ئىسىملارنى قويۇشقان: ئەخلەت، چاۋار، يانتاق... دېگەندەك. كىشىلەر بالىغا شۇنداق ئىسىم قويۇلسا ئېتىبارسىز بولىدۇ، ئۇنىڭغا كۆز تەگمەيدۇ، دەپ ھېسابلاشقان.


6. ئىسىم قەدىمىي دىنىي ئېتىقادلارغا ئاساسلىنىپ كۆككە (ئاسمانغا) − ئاي، كۈن (قۇياش) ۋە باشقا ئاسمان جىسىملىرى قۇدرىتىگە سېغىنىش ئاساسىدا قويۇلغان: ئايبۈۋى، ئايخان، ئايقىز، يۇلتۇز، ئۈكەرئاي، چولپانئاي، ئايپارچە، ئايماڭلاي، كۈنخان، كۈنباي، قۇياشبەگ، ئايتولدى، كۈنتۇغدى، ئايتۇغدى، تەڭرىبەردى، تەڭرىبەرگەن ۋە باشقىلار.


7. كىشىلەر قەدىمىي دەۋرلەردىن بېرى بەزى قىممەتلىك مېتاللار، مەدەن، تاشلار، مەسىلەن، دۇر، زۇمرەت، ئالتۇن، لەئىل، مەرۋايىت، ياقۇت ۋە باشقىلار بوۋاقنى كېسەللىكلەردىن، بالا-قازالاردىن ساقلايدۇ، دەپ بىلىشكەن. مانا شۇ ئېتىقادقا كۆرە بالىلارغا (كۆپرەك قىز پەرزەنتلەرگە) دۇردانە، دۇربەگ، زۇمرەت، گۆھەر، ئالتۇنئاي، مەرۋايىت، ياقۇتئاي، مارجانبۈۋى، لەئىلىخان... دېگەندەك ئىسىملار قويۇلغان. كېيىنچە بۇ ئىسىملار گۈزەللىك، ساھىبجاماللىق، ئەزىزلىك، قەدىر-قىممەت مەنىلىرىنىمۇ ئىپادىلەيدىغان بولغان.


8. مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغان ھەمدە سېغىنىلغان بەزى ھايۋان، جانىۋار، قۇشلارنىڭ ناملىرىدىن ياسالغان ئىسىملار: بۆرىباي، بۆرىنىسا، بايبۆرە، ئارسلان، يولۋاس، لاچىن، شۇڭقار ۋە باشقىلار.


9. بەزى بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە قانداقتۇر ئارتۇقچە بەلگىلەر، جىسمانىي كەمچىلىكلەر (خال، تاج، قىزىل تامغا، ئارتۇق بارماق ۋە باشقىلار) بىلەن تۇغۇلغان بۇ نۇقسان ۋە بەلگىلەر بالىغا ئىسىم قويۇشتا ھېسابقا ئېلىنمىسا، ئۇلار بالىنىڭ ساغلاملىقىغا، ھاياتىغا، كەلگۈسى تۇرمۇشىغا خەۋپ تۇغدۇرىدۇ، دەپ چۈشۈنۈلگەن. بۇ يەردە نارىسىدىلەرنى ئۆز ئىسمى بىلەن تۇغۇلغان بالا دەپ ھېسابلاشقان ۋە ئۇلارغا ئاشۇ نۇقسانلار، ئارتۇقچە بەلگىلەرنىڭ نامىدىن ياسالغان ئىسىملار قويۇلغان. بولۇپمۇ: خالباي، خالبۈۋى، ئانار، ئانارباي، ئانارخان، مەڭلىك، مەڭلىكباي، مەڭلىكخان، نىشانباي، تاجى، ئارتۇقباي، تاجىخان... ۋە باشقىلار.


10. ئاتا-ئانىلار بوۋاققا خەۋپ تۇغدۇرىدىغان ياۋۇز كۈچلەرنى ئېزىقتۇرۇش، ئالداش ئارقىلىق بالىنى تۈرلۈك كېسەللىك ۋە خەۋپلەردىن ساقلاپ قالماقچى بولۇشقان ۋە مانا شۇ نىيەتكە خاس ھەمدە ماس ئىسىملارنى ئىجاد قىلىشقان: ئالدان، ئالدانباي، ئالدانئاي، ئالماش، ئالماشسۇن، يېڭىلىش، يېڭىلىشئاي ۋە باشقىلار.


11. بوۋاققا قويۇلغان ئىسىمنى يوشۇرۇش، ئۇنى باشقا قوشۇمچە ئىسىم ياكى لەقەم بىلەن ئاشكارە قىلىش، بەزىدە بولسا بالىغا ئومۇمەن ئىسىم قويماسلىق ئۇدۇملىرىمۇ بالىنى يامان كۆزلەردىن، ۋاقىتسىز ئۆلۈمدىن قوغداشقا قارىتىلغان ھەرىكەتتۇر. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىسىملىرى ئارىسىدا ۋاقىتلىق ئىسىم قويۇپ قويۇش، بىرنەچچە ياشقىچە رەسمىي ئىسىم قويماسلىق ئەھۋاللىرىمۇ ئۇچرايدۇ.


12. دىنىي چۈشەنچە ۋە ئېتىقادلار بىلەن باغلىق ناملار. بۇلارغا تۆۋەندىكىلەر كىرىدۇ:1) ئاللانىڭ نامى، سۈپەتلىرىدىن، ئۇنى مەدھىيەلىگۈچى چۈشەنچىلەر نامىدىن ياسالغان ئىسىملار: ئابدۇللا، ئابدۇرەھمان، ئابدۇسالام، ئابدۇساتتار، ھەمىدۇللا، خەيرۇللا، شەمسۇللا ۋە باشقىلار. 2) پەيغەمبەرلەرنىڭ ناملىرى ۋە سۈپەتلىرىنى بىلدۈرگۈچى سۆزلەردىن ياسالغان ئىسىملار: مۇھەممەد، ئىدرىس، ئىبراھىم، ئىساق، ياقۇپ، مۇسا، يۇنۇس، ئەيسا (ئىسا)؛ ئەھمەد، ھەمىد، مەھمۇد، رەسۇل، نەبى، كامىل، ھەبىبۇللا، نەجىبۇللا، بەشىر، مۇباجىر ۋە باشقىلار. 3) خەلىپىلەر، بەزى ساھابەلەر، ئەزىز ئەۋلىيالارنىڭ ناملىرىغا نىسبەت بېرىلگەن ئىسىملار؛ ئەبۇبەكر، سىددىق، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى ۋە باشقىلار. 4) پەيغەمبەرنىڭ پەرزەنتلىرى، قېرىنداشلىرى، يېقىنلىرىنىڭ ئىسىملىرىدىن ئېلىنغان ئىسىملار؛ پاتىمە، مەريەم، خەدىچە، ھەسەن، ھۈسەن، زەينەپ، ئايشە، سەپىيە، ھەبىبە ۋە باشقىلار.


بەزى ئىسىملارنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ۋە تاللىنىشى كۆپىنچە ئاشۇ ئىسىمنى تاللىغان ياكى ئىجاد قىلغان كىشىلەر ئۈچۈنلا مەلۇم بولىدۇ. بۇ يەردە ئىسىملارنىڭ كەڭرەك دائىرىدە، ئومۇمىي مىللىي دائىرىدە مەلۇم ۋە چۈشىنىشلىك بولۇشى ئاشۇ ئىسىمنىڭ كەڭرەك تارقىلىشى، ئومۇمىي ئۇدۇم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى بىلەن باغلىقتۇر. لېكىن بەزى ئىسىملار بىر ئائىلە دائىرىسىدە ۋە بىر قېتىملا قوللىنىلىپ، كېيىنچە قوللىنىشتىن قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارنى قەيت قىلىنغان خۇسۇسىيەتلەرگە قاراپ تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن.


1. ئۇمۇمىي مىللىي، ئۇمۇمىي ئۇدۇم ئىسىملار. بۇنداق ئىسىملار ئۇيغۇر خەلقىگە خاس ناملار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەنىلەر كۆپچىلىككە چۈشىنەرلىك بولىدۇ. مەسىلەن: تۇرسۇن، تۇردى، ئۆلمەس، باتۇر، گۈزەل، خۇدابەردى، ھېيتباي ۋە باشقىلار.


2. مەھەللىۋىي، مەنتىقىي ئىسىملار. بەزى ئىسىملار ئۇمۇمىي مىللىي دائىرىدە ئەمەس، بەلكى مەنتىقە، مەلۇم يۇرت دائىرىسىدە كەڭ تارقالغان ۋە ئاشۇ يۇرت ئاھالىسى ئۈچۈن چۈشىنەرلىك بولۇشى مۇمكىن. مەھەللىي مىنتەقەۋىي ئىسىملارنىڭ بەزىلىرى كېيىنچە كەڭ تارقىلىپ ئۇمۇمىي مىللىي ئىسىملار دائىرىسىگە ئۆتۈشى مۇمكىن.


3. ئائىلىۋىي دائىرىدە مەلۇم ئىسىملار. بۇنداق ئىسىملارنىڭ مەيدانغا كېلىشى، مەنىسى ئاشۇ نامنى تاللىغان ياكى ئىجاد قىلغان كىشىلەر دائىرىسى ئۈچۈنلا مەلۇم بولىدۇ. ئادەتتە بۇنداق ئىسىملار ئاتا-ئانىلارنىڭ مەلۇم ئىندۇۋىدال ئارزۇ-خاھىشلىرىنى ئىپادىلەيدۇ ياكى پەۋقۇلئاددە يارىتىلىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىسىملار كېيىنچە كەڭ ئۇدۇم بولۇشى، كەڭرەك تارقىلىش بىلەن ئومۇم مىللىي ياكى مەھەللىۋى ناملار قاتارىغا ئۆتۈشى مۇمكىن.


يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتۈلگىنىدەك، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدە دۇنياغا كەلگەن بوۋاقنى تۈرلۈك خەۋپلەردىن ھىمايە قىلىش غايىسى، نىيىتى مۇجەسسەملەشكەن. شۇ سەۋەبلىك بۇنداق ئىسىملارنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە قەدىمىي تۇتېمىستىك، ئانىمىستىك تەسەۋۋۇرلار، دىنىي ئەقىدىلەر، سېغىنىشلارنىڭ باشقا خىل كۆرۈنۈشلىرى، ئۇدۇملار، كېيىنچە بولسا ئىسلام دىنى تەلىماتى بىلەن ئالاقىدار بولغان دىنىي، پەلسەپىۋىي قاراشلار، ئېتىقاد ۋە ئىشەنچلەر ئاساسىي رول ئوينىغان.



بەت: [1]
: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئېتنوگراپىيەسى