hislat_7 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 10:28:04

سىرلىق دۇنيا[تەرجىمە]

سىرلىق دۇنيا



10- ئۆكتەبردىكى شىنخۇا خەۋەرلىرى   يەر شارىدىكى تەبئىي مەنزىرىلەر خىلمۇ خىل بولۇپ ، نۇرغۇنلىرى سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىن ھالقىپ چۈشىدۇ. بەزى يەرلەردىكى تەبىئي مەنزىرىلەرنىڭ غەلىتىلىكى سىزنى خۇددى ئۇلار راست ئەمەستەك، سىز خۇددى باشقا بىر پىلانېتتا تۇرۇۋاتقاندەك ھىسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ، تۆۋەندە مەن بىر قەدەر ئۆزگىچە بولغان 10 دانە يەر شەكلىنىمىسالغا ئالىمەن. بۇلارنىڭ دائىرىسى جەنۇبى قۇتۇپتىن تارتىپ ساخارا قۇملىقىگىچە، جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسى تۇزلۇق كۆلىدىن تارتىپ ھىندى ئوكيان قۇرغاقچىلىق كىچىك ئارىلىغىچە بولۇپ، ھەممە جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.




1.جەنۇبى قۇتۇپ قۇرغاق سېيى



جەنۇبى قۇتۇپتىكى قۇرغاق ساي رايونىدا بىر تال گىياھمۇ يوق چۆللۈك بولۇپ ھەممە جاي شېغىل تاشلار بىلەن تولغان. بۇ جاي دۇنيادىكى مارسنىڭ يەر شەكلىگە ئەڭ يېقىن بولغان جاي دەپ قارىلىدۇ، بۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە جاي ۋىكتورىيە گە تەۋە بولۇپ، مەكمۇردو قولتۇقىنىڭ غەربىدە. بۇ جايدا ئەزەلدىن قار ياغمايدۇ، ئاندا- ساندا تۆپىلىكتىن باشقا، بۇ جاي ئانتاركىتتا قىتئەسى بويىچە بىرلا ئۇستى مۇزبىلەن قاپلىنىپ تۇرمىغان جاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا ،بۇ جاينىڭ كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى بولسا، خۇددى بۇ پىلانىتقا تەۋە ئەمەستەكلا، لېكىن بۇ جايدىكى جىلغا ئاستىداداۋاملىق توڭلاق ھالەتتە تۇرىدىغان بىر كۆل بار،مۇز قەۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىر نەچچە مېتىر كېلىپ قالىدۇ،مۇز قاتلىمىنىڭ ئاستى بولسا تۇز تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان يەر ئاستى سۈيى بولۇپ، ئۇنىىڭ ئىچىدە ئىنتايىن سىرلىق بولغان مىكرو ئورگانىزملار ياشايدۇ. ھازىر تەتقىقاتچىلار بۇ مىكرو ئورگانىزملارغا نىسبەتەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.




2. سوكوترا ئارىلى ( يەمەن)



بۇ ئارالغا بولغان تۇنجى تەسىراتنى ئەگەر ئادەتتىكىدەك قىلىپ ئېيتىدىغان بولسا، ئۇ سىزدە بار بولغان نورمال مەنزىرە دېگەن ئۇقۇمنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سىزنى خۇددى باشقا بىر پىلانىتتا تۇرۇۋاتقاندەك ھىسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ، ياكى بولمىسا بۇنىڭدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى قەدىمى دۇنياغا كەپ قالغاندەك ھىسسىياتقا كەپ قالىسىز.

سوكوترا ئارىلى ھىندى ئوكياندا بولۇپ، سۇمالىيە دېڭىز قىرغىقىدىن 250 كىلومېتىر ، يەمەن دېڭىز قىرغىقىدىن 340 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تۆت ئاراللار گۇرۇپپىسىدىن تەشكىل تاپقان ئاراللار توپىدىكى بىرسى. بۇ ئاراللار گۇرۇپپىسى ئافرىقا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئايرىلىپ تۇرىۋاتقىلى ئالتە يەتتە مىليون يىللار بولۇپ قالدى. گاپاگوسا ئاراللار توپىغا ئوخشاش، بۇ يەردە 700 دىن ئارتۇق ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان ئۆسۈملۈك تۈرلىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 1/3 دىن كۆپرەكى پەقەت مۇشۇ جايدىنلا تېپىلىدۇ.بۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى بولسا پىژغىرىم ئىسسىق ھەم قۇرغاق ، مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە بۇ جايدا مۇشۇ پىلانىتقا خاس بولغان ئۆزگىچە ئۆسۈملۈكلەر ھايات كەچۈرىدۇ، بۇ يەردىكى بىپايان كەتكەن دېڭىز ساھىلى ھەتتا ئاسمان گۈمبىزىگە تۇتىشىدۇ.



3. لىتو گۇرۇھىنىڭ ئۈستى ئۇچۇق كان رايونى( ئىسپانىيە)



بۇ لىتو گۇرۇھىنىڭ ئۈستى ئۇچۇق كان رايونى ئادەمگە خۇددى راست ئەمەستەك ئاي شارى ئۇستىدە تۇرۇۋاتقاندەك تەسىر بېرىدۇ.بۇ يەرنى ئېچىش خىزمىتى بۇ يەردىكى تاغ دەريالارنى ئۆزگەرتىۋېتىپلا قالماي،بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئادەملەرنىمۇ بۇ يەردىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى. بۇ جايدىكى قىزىل رەڭلىك دەريا ئېقىنىدىكىدەريا سۈيىنىڭ ھازىر كىسلاتالىقى ئېشىپ PH قىممىتى 1.7-2.5 كە چۈشۈپ قالدى. بۇ جايدا ئېغىر مېتال بۇيۇملىرى مول.




4. داغلىق كۆل (كانادا )



ياز پەسلىدىكى كۈچلۈك ئاپتاپتا كانادا برىتانىيە كولومبىيەدىكى داغلىق كۆلنىڭ سۈيى شىددەت بىلەن پارلىنىپ ئىچىدىكى مىنېرال ماددىلار كرىستالغا ئايلىنىشقا باشلاپ، ئاق رەڭلىك ھالقىسىمان تۈزىلىشنى شەكىللەندۈرىدۇ. مېنېرال ماددىلارغا باي بولغان كۆل سۈيى قۇياش نۇرى ئاستىدا كۆك ياكى يېشىلغا ئوخشاش گۈزەل رەڭلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ كۆلدىكى بىر قىسىم مىرال ماددىلارنىڭ مىقدارى دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. مەسىلەن: ماگنىي سۇلفات بىلەنماگنىي نىترات قاتارلىقلار.ئىندىئانلىقلار داۋاملىق بۇ كۆلگە چۈشىدىكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا كېسەل داۋالاش ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق رولى بار ئىكەن.



5. يۈننەندىكى تاش ئورمانلىق(جوڭگۇ)



بۇ تاشلارنىڭ ھەممىسى ھاك تاشلار بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىللىك دەريا سۈيىنىڭ چىرىتىشى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. مىڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ كىشلەر بۇنى" دۇنيادىكى بىرىنچى مۆجىزە" دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.




6. رىچارد تۈزۈلمىسى( ماۋرىتانىيە)



بۇ ئۆزگىچە يەر شەكلى " رىچارد تۈزۈلمىسى" دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئافرىقىدىكى ماۋرىتانىيەگە جايلاشقان. ئۇنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، دىئامېتىرى تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدۇ. بوشلۇقتا تۇرۇپ قارىسىڭىز تېخىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. دەسلەپتە كىشلەر بۇنى بىر مېتېورىتنىڭ سوقۇلىشىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىغان بولۇپ، لېكىن ھازىر گېئولوگىيە ئالىملىرى بۇنى قالقانسىمان كۆتۈرلۈپ چىقىش بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك چىرىتىشنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىماقتا. ئەمما ھازىر ئۇنىڭ ھەقىقى پەيدا بولۇش سەۋەبى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.



7. ئاي جىلغىسى( بىرالىزىيە)






8. مۇزلۇق ئۆڭكۈر( ئاۋىسترىيە)



مۇزلۇق ئۆڭكۈر ئادەتتىكى ئۆڭكۈرلەرگە زادىلا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرسىڭىز ئاجايىپ بىر خىل تۇيغۇغا چۆمۈلىسىز، خۇددى ئۆزىڭىزنى يەر شارىدا ئەمەستەك. دۇنيادا نۇرغۇنلىغان مۇز ئۆڭكۈرلىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرسى بولسا Eisriesenwelt Ice Caves . ئۇ ئاۋىسترىيە نىڭ سالزبۇرگ ئەتراپىدىكى تاغلىققا جايلاشقان، دائىرىسى 40 كىلومېتىردىن ئىششىپ كېتىدۇ.



9 . ئۇيۇنى تۇزلۇق سازلىقى (بولىۋىيە)




بولىۋىيەدىكى ئۇيۇنى تۇزلۇق سازلىقى بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە مەنزىرىلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك.بۇجاي بولسا پايانسىز كەتكەن ئاقلىق ، ئۇ بولسا تۇزنىڭ دېڭىزى، تۇزنى قۇملۇقى. بۇ جايدا يەنە يانار تاغلار ھەم قەرەللىك بۇلاقلار بار.





10 . قان كۆلچىكى ئارشىڭى( ياپۇنىيە)



قان كۆلچىكى ئارشىڭى بولسا ياپۇنىيە بېپپۇدىكى داڭلىق توققۇز چوڭ ئارشاڭلارنىڭ بىرى. ئەمما قاراشتىن بۇ ئارشاڭ ئۆزىنى يۇيۇشتىن بەكرەك كۆرۈپ تاماشا قىلىشقاماس كېلىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بەكمۇ ئېنىق، چۈنكى ياپۇن تىلىدا ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسى " دوزاخ " دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ سۇيى قان رەڭگىدە، بۇنىڭ سەۋەبى ئىچىدە تۆمۈر ئېلېمېنتى ئىنتايىن مول.


بەت: [1]
: سىرلىق دۇنيا[تەرجىمە]