kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 02:38:55

تارىختا بۈگۈن 11-ئۆكتەبىر

1852-يىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندە ئاۋستىرالىيەدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن سېدنى ئۇنىۋېرسىتىتى قۇرۇلغان.


1864-يىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندە بىرىنچى قىتىملىك خەلقئارا كۇممۇنا ماركىس رەھبەرلىكىدە لوندوندا قۇرۇلغان.


1896-يىلى سۇن جوڭشەن لوندوندا چىڭ ھۆكىمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.


1935-يىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر رىئودى ژانىيرو ئۆز ئارا تاجاۋۇزچىلىق قىلىشماسلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان،


1950-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئازادلىق ئارمىيە شىزاڭغا كىرگەن.


1954-يىلى خوچىمىن رەھبەرلىكىدىكى ۋېيتنامنى ئازاد قىلىش ئىتتىپاقى پايتەخت خانويغا كىرىپ شىمالى ۋېيتنامنى كونتىرول قىلغان.


1962-يىلى ئىككىنچى قىتىملىق ۋاتىكان يېغىنى ئېچىلغان، يېغىنغا 140 دۆلەت ۋە رايوندىن 2860 ئېپىسكوپ قاتناشقان.


1964-يىلى بۈگۈنكى كۈندە خىروششىۋ تەختتىن چۈشكەن. ئورنىغا بىرىژنىۋ بىرىنچى قول رەئىس بولغان.


1967-يىلى بۈگۈنكى كۈندە F-111 بومباردىمانچى ئايروپىلانى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىگە تارقىتىلغان.


1968-يىلى ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى كاناۋېرال تۇمشۇقىدا ئاپوللو 7 ئالەم كېمىسىنى قۇيۇپ بەرگەن. بۇ ئامېرىكا قۇيۇپ بەرگەن تۇنجى ئۈچ ئادەملىك ئالەم كېمىسى پىلانى. شۇنداقلا ئاپوللو پىلانىنىڭ بىر قىسمى.بۇ قىتىملىق پىلاننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بۇلۇشى 1969-يىلىدىكى ئاپوللو 11 نىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك قۇيۇپ بېرىلىشىغا كۈچلۈك ئاساس بولغان.


ئاپوللو 7 ئالەم كېمىسى 10 كۈن 20 سائەتلىك سەپەردە يەر شارىنى 163 قىتىم ئايلىنىپ 22-ئۆكتەبىر ئۈچ ئۇچقۇچى بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك قايتىپ كەلگەن.



ئاپوللو دىگەن بۇ ئىسىم قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلېرىدىن كەلگەن بۇلۇپ، ئاپوللو قۇياش ئىلاھى شۇنداقلا مۇزىكا ئىلاھى. ئۇ ئاي ئىلاھى ئارتېىمىسنىڭ قوشكېزەك ئاكىسى، لېتو بىلەن ئەڭ ئالى ئىلاھ زېۋىسنىڭ ئوغلى.شۇڭا ئۇ شۇ رىۋايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن ئۇرۇش ئىلاھى ئارىس(رىملىقلار مارىس دەيدۇ بۇ ھازىرقى مارس دىگەن پىلانت بىلەن ئوخشاش)،ئافىنا(ھازىرقى گىرىتسىيە پايتەختى)،ھەممەيلەن بىلىدىغان ئافرودىت(رىملىقلار ۋېناس دەيدۇ بۇ ھازىرقى ۋېنرا پىلانىتىنى كۆرسىتىدۇ) بىلەن ئاتا بىر ئاپا باشقا قېرىنداشلار ھىساپلىنىدۇ.گىرىتسىيەدە ھازىرمۇ ئاپوللو ئىبادەتخانىسى خارابىسى ھازىرمۇ بار.بۇلارنىڭ ھەممىسى رىۋايەت.


1975-يىلى ئامېرىكىنىڭ يادرو كۈچى بىلەن ھەركەتلىنىدىغان نىمىز دەرىجىلىك ئېزىنخاۋېر ناملىق ئاۋىئاماتكىسى پۈتكەن. ئاۋىئاماتكا ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيەگە قوماندانلىق قىلىپ نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان داڭلىق گېنىرالى شۇنداقلا ئۇرۇشتىن كېيىن ئىككى قىتىم زۇڭتۇڭ بولغان ئېزىنخاۋېرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، شۇڭا ئامېرىكىلىقلار بۇنىمۇ ئېزىنخاۋېرغا ئوخشاشلا ئېك دەپ چاقىرىپ قويىدۇ. ئاۋىئاماتكا پالوبىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 333 مېتىر، كەڭلىكى 76.8 مېتىر كېلىدۇ. ئادەتتە 11.3 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا سۇغا چۈكۈپ تۇرىدۇ ئاستى قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 317 مېتىر كەڭلىكى 40.8 مېتىر كېلىدۇ.ئۆلچەملىك سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدار 38500 توننا .قۇۋۋىتى 260 مىڭ ئات كۈچى.5680 خادىم بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە پاراخوت قىسمىدا 3200 قالغىنى دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى ۋە ئۇچقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەركەك مۈشۈك F-14 ، سېرىق ھەرە F-18 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 90 ئايروپىلان بار. يەنە ئىككى يۈرۈش دىڭىز قۇشقىچى ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇيۇپ بېرىش سۇپىسى شۇنداقلا ئىككى يۈرۈش RIM-116 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. قالغىنى قەتئى مەخپى.


ئىككى يىل سىنالغاندىن كېيىن 1977-يىلى ئامېرىكا ئاتلانتىك ئوكيان فىلوتىغا تەقسىم قىلىنغان.1990-يىلىدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا  سۇۋەيش قانىلىدىن ئۈتۈپ قىزىل دىڭىز تەۋەلىكىدە تۇنجى قېىتم ھەقىقى ئۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن.


1984-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئالەم ئۇچقۇچىسى رىقابەتچى ناملىق ئالەم ئايروپىلانى ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغان تۇنجى ئايال ئۇچقۇچى بولۇپ قالغان.


2002-يىلى جوڭگو خەلقئارا ئالەم قاتناش ئىدارىسى قۇرۇلغان.


ئېزىنخاۋېر




kadihan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 08:20:35

رەھمەت، بىلۋالدىم!

داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز،جاپا تارتىڭىز!

sehra يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 08:22:30

سىزمۇ ئوقۇپ تۇراسىز قەلبىمجان  {:136:}    {:92:}
بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن 11-ئۆكتەبىر