hislat_7 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 15:11:44

كەچلىك تاماق يېيىشتىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر[تەرجىمە]

ئۈچ تۈرلۈك كەچلىك تاماقنى كۈندە يېيىشتىن ساقلىنىڭ




1. كەچلىك تاماقنى كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىڭ:كەچلىك تاماقنى بالدۇر يېيىش بۆرەكتە تاش بولۇپ قېلىشىڭ ئالدىنى ئالىدۇ




كەچلىك تاماقنى بالدۇر يېيىش مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسلىرنىڭ ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا بەرگەن ياخشىتەدبىرى. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، كەچلىك تاماقنى بۇرۇن يېيىش ئادەملەرنىڭ سۈيدۈك يولىدا تاش بولۇپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك چۈشۈرىدىكەن

ئىنسانلارنىڭ كالتسىي ئاجرىتىپ چىقىرىشى ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىتلار تاماق يېگەندىن كىيىنكى تۆت بەش سائەت ئىچىدە بولۇپ، ئەگەر كەچلىك تاماقنى بەك كەچ يېسىڭىز، كالتسىي ئاجرىتىپ چىقىرىشى ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىت يىتىپ كەلگۈچە ئاللىقاچان كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاپ بولىسىز، بۇنىڭ بىلەن سۈيدۈك، سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى، دوۋساق قاتارلىق سۈيدۈك يوللىرىدا يىغلىپ قېلىپ ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرۋىتەلمەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن سۈيدۈكتىكى كالتسىي ئۈزلۈكسىز جىقىيىپ ئاسانلا چۆكمە بولۇپ خرۇستالغا ئايلىنىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئاستا- ئاستا يوغىناپ تاشقا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كەچتە سائەت 6 لەر ئەتراپىدا كەچلىك تاماق يېسە بىرقەدەر مۇۋاپىق.




2. كەچلىك تاماقنى بەك مول يېۋىتىشتىن ساقلىنىڭ: كەچلىك تاماقتا گۆشسىز نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ




كەچلىك تاماقنى گۆشسىزرەك يېيىش كېرەك، كاربون سۇ بىرىكمىلىك يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش، ئاقسىل، ماي تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى قانچە ئاز يېسە شۇنچە ياخشى، ئەگەر ماينى كۆپ يېسە، قاندىكى ماي تەركىبىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. تەتقىقاتتىن ئىسپاتلىنىشىچە، كەچلىك تاماقتا داۋاملىق گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ مايدىكى قان تەركىبى گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىدىغانلارغا قارىغاندا ئىككى ئۈچ ھەسسە يوقىرى بولىدىكەن . كاربون سۇ بىرىكمىلىك يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىدە تېخىمۇ كۆپ بولغان سېروتونىنلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ ئادەمنى تىنىچلاندۇرۇش، روھى كەيپىياتىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇيقىسى قاچىدىغانلارغا نىسبەتەن تولىمۇ پايدىلىق.


ئەمما ھازىر ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنىڭ كەچلىك تاماققا تەييارلىق قىلىش ۋاقتى بىر قەدەر كۆپ،شۇڭا ئۇلار كەچلىك تاماقنى بەكمۇ مول يەيدۇ ،بۇنداق قىلىش ساغلاملىققا بەكمۇ زىيانلىق. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كەچلىك تاماقتا زور كۈلەمدۇ گۆش، تۇخۇمقاتارلىق يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا، سۈيدۈكتىكى كالتسىي ماددىسىنى كۆپەيتىۋېتىپ، بىر تەرەپتىن ئادەم بەدىنىدىكى زاپاس ساقلانغان كالتسىي مىقدارىنى ئازايتىۋېتىپ، بالىلارنىڭ راخىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنى، ياشلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك، ئوتتورا ياش ھەم ياشانغانلارنىڭ سۆڭەك شالاڭلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن سۈيدۈكتىكى كالتسىينىڭ قويۇقلۇقى ئۆرلەپ كېتىپ سۈيدۈك يولىدا تاش بوپ قېلىش نىسبىتىنى چوڭايتىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، ئاقسىلنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئادەم بەدىنى ھەممىنى قۇبۇل قىلىپ بولالماي ئاز بىر قىسمى ئۇچەي يولىداقېلىپ سۈپىتى ئۆزگۈرۈپ ئاممىياك، ھىدروگېن ،سۇلفىد قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ئۈچەينى غىدىقلاپ راك بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.




3. كەچلىك تاماقنى تويغىچە يېيىشتىن ساقلىنىڭ: كەچلىك تاماقنى ئاز يېسە ئۇخلاشقا پايدىلىق.




ئەتىگەنلىك چۈشلۈك تاماقلارغا سېلىشتۇرغاندا كەچتە باشقا ھەرىكەت بولمىغاچقا كەچلىك تاماقنى ئازراق يېيىش بىر قەدەر مۇۋاپىق. كەچلىك تاماقنى بەك كۆپ يېيىش خولېستىرولنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىۋېتىپ. جىگەرنى غىدىقلاپ تېخىمۇ كۆپ بولغان تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ماي ئاقسىلنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ئارتىرىيە تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل كەچلىك تاماقنى بەك تويغىچە يېگەندە، ئىنسۇلىننىڭ كۆپ مىقداردا ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىنسۇلىن β ھۈجەيرىسىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قەنت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرلىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كەچلىك تاماقنى بەك تويغىچە يېگەندە، ئاشقازان كۆپۈپ ئەتراپتىكى باشقا ئەزالارغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ. ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، ئۆت، ئاشقازان ئاستى بىزنى قاتارلىق ئەزالارنىڭ كەچلىك تاماقتىن كىيىنكى جىددى ھەرىكىتى چوڭ مېڭىگە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ ،چوڭ مېڭىنى ھەرىكەتچان ھالەتكە ئۆتكۈزۈپ ھەمدە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىلىپ ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.





GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 15:43:39

ئاخشام يامغۇردا تالاغا چىقىش خوش ياقماي، ئاچچىقسۇ-لازىغا مىلەپ ئۈچ توقاچنى يىۋېتىپ ئۇخلاپ قالغان.ئاشۇ لازىنىڭ دەردىنى چۈشتىن بۇرۇن خېلى تارتتىم \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 15:45:22

تاماق يىيىش تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق \"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 19:11:04

مېنىڭكارىميوق .........ماناھازىر    راسائوخشىغانسەيبىلەنئىككىچىنەسۈتچايئىچىۋەتتىم\"\" كەچلىرىمخالىساملەغمەنخالىسامپولويەيمەن ،بۇنداق    گەپلەر قۇلاققاخوشياقمايدۇ   {:92:}ماناقىشكەلسەتېخىنارىنيەيمىز\"\"\"\"

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 19:40:55

كەچلىك تاماقنى مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدىن يەيمەن،1-دىن ئاز بىرىدۇ،2-دىن ئاساسەن گۆش ئاز‹يوق دىيەرلىك›3-دىن ئوخشىمايدۇ‹شۇنداقتىمۇ ئىشىپ قالمايدۇ› \"\"شۇڭا مەن تىمىدىكىدەك ئىشلارغا دىققەت قىلمىساممۇ بولىدۇ. {:181:}

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 19:51:29

يەنىلا مىنىڭ بەكلا قالايمىقان ئىكەن.مەن يەي دىسەممۇ يوق.. \"\"

bariber يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 15:04:10

يىگەن تامىقىڭلار سىڭىشلىك بولسۇن!
بەت: [1]
: كەچلىك تاماق يېيىشتىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر[تەرجىمە]