ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئون چوڭ ئالدامىچلىق[تەرجىمە]
بېرمۇدا ئۆلۈم ئۈچبۇرجىكى
نۇرغۇنلىغان
ئىلىم-پەن ئالدامچىلىقنىڭ ئىچىدە بېرمۇدا ئالدامچىلىقنىڭ تەسىرى ئەڭ چوڭ
،تارقىلىش دائىرسى كەڭ بولغان بىر قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ .بۇ .ئالدامچىلىق
2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان بىرقانچە ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان
.بېرمۇدا ئۈچبۇرجەك رايونى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇ
يەرگە كىلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپ ئىدى .بېرمۇدا ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ
ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەزەلدىن يوق بولغان ئۆلۈم
ئۈچبۇرجىكىنى تېخىمۇ كۆپتۈرۈپ تارقاتقان .بۇ يالغانچىلىققا نۇرغۇن كىشىلەر
ئىشىنىپ قالغان بولۇپ ھەتتاكى ئاتلانتىك ئوكيان ساياھەت قوللانمىسىغا
كىرگۈزۈلگەن .1980-يىلىغىچە ئاۋسترالىيە،ئامېرىكا ئالىملىرى بۇ يەرنى
تەكشۈرۈپ بۇ رايوندا ھېچقانداق بىر تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنىڭ مەۋجۇت
ئەمەسلىكىنى بىلگەن .

نېس كۆلدىكى غەلىتە مەخلۇق
بۇ
ئالدامچىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى بېرمۇدا ئالدامچىلىقىدىنمۇ غەلىتە .ئون نەچچە
يىل بۇرۇن سۈزۈكلۈكى ئانچە يۇقىرى بولمىغان نېس كۆلىنىڭ بىر پارچە سۈرىتى
پۈتۈن ئىلىم-پەن دۇنياسىنى زىل-زىلىگە سېلىۋەتكەن .بۇ رەسىمنى تارتقان كىشى
شۇ يەرلىك ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش خادىمى ئىدى .بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن
ئۇ ئاخىرى بۇ ئالدامچىلىقنى ئېتىراپ قىلغان .يەنى ئۇ كىرئالغۇنىڭ سۇ
چىقىرىش شىلانكىسى ،كۆپمە سۇلياۋ ۋە سۇچىلىكىنى بىرىكتۈرۈپ بۇ<سەنئەت
بۇيۇمى >نى ياساپ چىققان. سىتاستىكىغا قارىغاندا بۇ يالغانچىلىق نىس
كۆلى ئۈچۈن 1مىليارد فوندستېرلىڭ ساياھەت كىرىمى يارىتىپ بەرگەن.

نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنىڭ بايقىلىشى
1984-يىلى ئەنگلىيە ئارخىلوگلىرى مىسىر تەۋەسىدە <ئىجىل>دە
خاتىرلەنگەن نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنى بايقىغانلىقىنى جاكارلاپ ،بىر
قانچە پارچە سۈرەتنى قوشۇپ ئېلان قىلغان . نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىدە
دۇنيادىكى ھەربىر جانلىق ئۈچۈن بىركىشلىكتىن ئورۇن قويۇپ قويۇلغان . كىيىن
ھېسابلاش ئارقىلىق بۇنىڭ سەپسەتە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.چۈنكى
ئىنسانلارنىڭ بۇنداق چوڭ پاراخوتنى ياسىغىدەك ئامالى يوق ئىدى
،<ئىنجىل>دىمۇ نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنىڭ مىسىرغا
يېقىنلاشقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق يازما خاتىرە يوق ئىدى .

سۈنئى يۈرەك سېلىنغان موميا
1991-يىلى بىر قىسىم ئالىملار مىسىردىكى ئەلئېھرامدىن سۈنئى يۈرەك
سېلىنغان بۇر مومىيانى بايقىغانلىقىنى ،ھەمدە ئۇ سۈنئى يۈرەكنىڭ ھازىرغىچە
سوقۇۋاتقانلىقىنى ،ئۇ سۈنئى يۈرەكنىڭ قارا خرۇستالنى ماتېرىيال قىلپ
ئىشلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى ئەمەلىيەتتە مىسىردىكى موميالارنىڭ ھەممىسى
ئاللىبۇرۇن مۇزېيغا يۆتكەپ كېتىلگەن بولۇپ ،1991-يىلى بىرەر كىشىنىڭ ئەلئېھرامدا موميا كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى .
ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا ئاستىدىكى ئاجايىپ ئۆتكۈزگۈچ
1989-يىلى 12-ئايدا ھىندىستان ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا
ئاستىدا ئىشلەيدىغان ئالاھىدە بىر ئۆتكۈزگۈچ ياساپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى
.بۇ خىل ئۆتكۈزگۈچنىڭ37سېلسىيە گىرادۇس تېمپېراتۇرا ئاستىدىكى قارشىلىق
نۆل ئىكەن .ھالا بۈگۈنمۇ ئاشۇنداق ئەھۋال بولىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۆتكۈزگۈچ
بولغان ئالتۇنمۇ نۆلدىن تۆۋەن 100سېلسىيە گىرادۇس تېمپېراتۇرىغا
ئېھتىياجلىق .تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىرىلانكا
ئالىملىرىمۇ مۇشۇنداق ئۆتكۈزگۈچى ياساپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى .شۇنىڭ
بىلەن پەن-تېخنىكىسى ئۇنچە تەرەققى قىلمىغان ئىككى دۆلەت بىر كېچىدىلا
پەن-تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالدى .

كالا تېرىسى پەمىدۇرى
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئەنگلىيىدىكى بىر تەجرىبىخانا ئۆزلىرىنىڭ كالىنىڭ
گېنىنى پەمىدۇرغا يۆتكەپ پەمىدۇر مېۋە پوستىنىڭ كالا تېرىسىگە ئوخشاش ،مېۋە
ئېتىنىڭ بولسا پەمىدۇرغا ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىدى .
بۇ كەشپىيات لەرزىگە كەلتۈرۈۋەتتى . كېينچە ئىستېمالچىلار گېزىتىنىڭ
دېيىشچە بۇ خەۋەر ئادەم ئالداش بايرىمى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ،ئاشۇ
بايرامغا بېرىلگەن سوۋغات ئىدى .ئەپسۇسكى كىشىلەر بۇ چاقچاقنى بىر ئايدىن
كىيىن ئاندىن ھېس قىلىشقان ئىدى .

ئامېرىكا
زۇڭتۇڭى رېگان بۇ خەۋەرنى گويا راستتەك،ئامېرىكا بۇنىڭدىن كىيىن ھاۋا
بوشلۇقىدا لازىر نۇرلۇق مۇداپىئە لىنىيىسى قۇرۇپ ،يادرو ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى
ئالىدۇ دەپ .ئېلان قىلدى، ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئامېرىكىلىق
ئالىملار تۇشمۇتۇشتىن بۇ پىلان مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە ئەمەس دەپ قارشىلىق
بىلدۈردى .قىزىقارلىقى سوۋىت ئىتتىپاقى بۇ خەۋەرگە ئىشىنىپ قالغان ئىدى
.شۇنىڭ بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى نەچچە مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ پلانېتلار
ئارا ئۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كىرىشتى .نەتىجىدە نۇرغۇن ئادەم ۋە
مەبلەغدىن ئايرىلدى . بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئامېرىكا جاكارلاپ
:پلانېتلار ئارا ئۇرۇش پىلانى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سوۋىت ئىتتىپاقىنى بىكار
يەرگە پۇل خەجلەتكۈزۈشتىكى بىر ھىيلە ،ئامېرىكا ئەزەلدىن بۇنداق پىلان
تۈزۈپ باقمىدى ھەمدە بۇنداق پىلان ئۈچۈن بىر سېنت مەبلەغ سېلىپ باقمىدى
دېدى.
تېرمودىنامىكا(ئىسسىقلىق ئىلمى) قانۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ يېزش
يەنە
شۇ20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئەنگلىيە تەۋەسىدىكى بىر ئالىم تېرمودىنامىكا
قانۇنلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى ،چۈنكى توڭلاتقۇدا ئىسسق
سۇنىڭ مۇز تۇتۇشى سوغۇق سۇنىڭكىدىن تېز بولدىغانلىقىنى
جاكارلىدى.ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ <بايقاش>مۇ 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
جاكارلانغان ئىدى .

تاشقى پىلانىت ئادىمىنى تىرىك تۇتۇش
ئامېرىكا كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200نەچچە قېتىم تاشقى پىلانىت
ئادىمىنى كۆرىدىغان،كۈنىگە 10قېتىم ئەتراپىدا تىرىك تۇتىدىغان دوكلات پەيدا
بولۇپ تۇرىدۇ ،ئامېرىكىدىكى بىر پىسخولوگ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق
بىر يەكۈن چىقارغان :تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنى كۆردۈم دېگەنلەرنىڭ
ھېچقايسىسى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان .

ئىنفرا ئاۋازلىق قۇرال
1984-يىلى فرانسىيىلىك ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ ئىنفرا ئاۋازلىق قورالنى ياساپ
چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى ،ئۇلارنىڭ دېيىشچە بۇ قورالنى ئېچىپ قويسا
ئۆزلىكىدىن ئىنفرا ئاۋاز چىقىرىغان بولۇپ ،بۇ ئاۋاز 10كېلومېتىر دائىرىدىكى
ئادەمنى ئۆلتۈرەلەيدىكەن .ئۇلار دوكلاتىدا يەنە تەتقىقات غەلىبىلىك بولغان
ۋاقىتتا بۇ قورالنى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئېچىپ سالغانلىقىنى ئېيتقان.
ياخۇ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
ئاۋۇ ئىسسىق سۇ سوغۇق سۇدىن بۇرۇن مۇز تۇتىدۇ دىگەن كۆز قاراشنى ئافرىقىلىق بىر ئوقۇغۇچى بايقىغان دەپ تەرمىلەر ژۇرنىلىدا سۆزلەپ يۈرگەن. قارىغاندا ئىسپاتلاپ باقساق بولىدىغان ئوخشايدۇ. مۇئەللەقتىكى تاشچۇ؟ تاشقى پىلانت ئادەملىرىنى ئالدامچىلىق دەپ قاراشمۇ مودىدىن قالغىلى خېلى بولدى...
تۆۋەندىكى بەتتىكى يازمىلارنى ئوقۇپ بېقىڭلار ۋاقتىڭلار يەتكەندە، قىزىقارلىق گەپلەر چىقىپ قېلىشى مۈمكىن.
http://www.gullug.com/forumdisplay.php?fid=86 شەيتان يالغان سۆزلەپ ئىنساننى زىمىنغا چۈشۈرگۈزۋەتكەن! ئىسسق سۇنى توڭلاتقۇغا سالسا، سۇ توڭلاپ بولغۇچە توڭلاتقۇ بۇزۇلۇپ بولىدۇ. ئۆيىدىكى توڭلاتقۇنىڭ سۈپەت كاپالەت ۋاقتى توشۇپ قالغانلار سىناپ باقسا بولىدۇ.


8- قەۋەتتىكى avarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دارۋىنچىلارنىڭ قىلغىنىمۇ با . بىر كىتابتا رەسىملىرى بىلەن تەپسىلاتلىرى بار ئىدى، ئېسىمگە ئالامماۋاتىمەن.
سىلەر تىللايدىغان ھارۇن يەھيانىڭ كىتابى.
12- قەۋەتتىكى notebookنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
8- قەۋەتتىكى avarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دارۋىنچىلارنىڭ قىلغىنىمۇ با . بىر كىتابتا رەسىملىرى بىلەن تەپسىلاتلىرى بار ئىدى، ئېسىمگە ئالامماۋاتىمەن.
سىلەر تىللايدىغان ھارۇن يەھيانىڭ كىتابى.
ساقتۇ؟ مەن نىمىشقا تىللىغۇدەكمەن ھارۇن يەھيانى؟