RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 09:00:17

5 تۈرلۈك ئىشنى ئەر-ئايال بىرلىكتە قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىڭ

يېتەكچى ئوقۇشلۇقى: قارىشى تەرەپكە ئازراق شەخسىي تۇرمۇش بوشلۇقى بېرىش ھەقىقەتەن مۇھىم. بولۇپمۇ ئاياللار ھەممە ئىشتا ئەرلەرنىڭ كۆزىگە كېرىۋالماسلىقى، يولدىشىنى چوڭ-كىچىك ئىشنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بىلەن بىرگە قىلىشقا قىستىماسلىقى كېرەك.

دائىم بەزى ئاياللارنىڭ ئاغرىنىپ: ئىلگىرى ئۇ مېنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى، مەن نېمە ئىش قىلسام ماڭا ھەمراھ بولۇشنى خالايتتى. مەن ئۇنى تاشلىۋېتەي دېسەممۇ تاشلىۋېتەلمەيتتىم. ئەمما توي قىلغاندىن بېرى ئۇنىڭ ئاشۇ تۈگىمەس ئالدىراش خىزمىتى تۈگىمىگىنى تۈگىمىگەن، ھەپتە ئاخىرىدا ئازراق بوش ۋاقتى چىقسىمۇ ئۆزىنى مەندىن قاچۇرىدىغان، بىر بولسا ئويۇن ئوينىغان ياكى بولسا جان جىگەر قەدىناسلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ پو ئېتىشىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان. مەن بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بولغىچە، ئادەمنى بىزار قىلىۋەتتىڭ دەپ مەن بىلەن كارى بولمايدىغان بولىۋالدى..... دەپ قاقشىغىنىنى كۆرىمىز.

ئاياللارغا تەكلىپ: ھېچ بولمىغاندا تۆۋەندىكى ئىشنى ئىمكانقەدەر يولدىشىڭىز بىلەن بىرگە قىلىشتىن ساقلىنىڭ.



بىرىنچى. بازار ئايلىنىش

بازار ئايلىنىش ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىش، ئەمما كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئۈچۈن بۇ بىر ئازاپلىق ھەم زۇلۇملۇق ئىشتۇر.

ئىلمىي تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بەزى ئەرلەر ئاياللارغا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلانغاندا، ئۇلارنىڭ قان بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن، مەيدىسى چىڭقىلىش ۋە نەپىسى راۋان بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.

تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، %90 تىن يۇقىرى ئەرلەر ئاياللار بىلەن بىرلىكتە بازار ئايلىنىشنى ياقتۇرمايدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىش ئۇلارنىڭ نىكاھ ئىشىدىكى بىر پۇتلىكاشاڭدۇر.






بىر ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىش ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئەر تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن مۇنداق دەيدۇ: ئۇنىڭغا (ئايالىمغا دېمەكچى) ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلانغىنىمدا، مەن ھاياتىمنىڭ پاراسلاپ كۆيۈۋاتقانلىق ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن. ئەسلىدە بىر ئوبدان ۋاقىتنى بۇ خىل مەنىسىز باھا تالىشىش ۋە يول چىڭداشتەك ئىشقا سەرپ قىلىۋەتتىم. ئۇسساپ، ھېرىپ، تىت-تىت بولۇپ، ئادەم بولغىنىمغا جاق تويدۇم. دائىم مىڭبىر جاپادا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلانسام، يېرىم كۈن ئايلىنىپمۇ ھېچ نەرسە سېتىۋالالمىغاننى ئازدەپ يەنە بىر قىسىم سودىگەرلەرنىڭ كۆز ئالايتىشى ۋە گۇمانلىنىشىدىن قۇتۇلالمايمەن....

ئوخشاش بىر قۇر كىيىمنىڭ ئوخشىمىغان رەڭدىكىسىنىمۇ ئۇ 3~4 قېتىم سىناپ كەيگەن، بۇنى سوراپ ئۇنى سوراپ ئادەمنى جىلە قىلىۋەتكەن. جاۋاب بەرسە ئۇ خۇشال بولمىغان، مۇنداقلا جاۋاب بېرىپ قويسا، ئۇ مېنىڭ دېگەن گېپىمگە پەقەت كۆڭۈل بۆلمىدىڭىز دەپ ئادەمنى تەتۈر قىينىغان. راست گەپنى قىلىشنى شۇنداق ئارزۇ قىلساممۇ راست گەپنى قىلالمىغان، شۇڭا ھەر قېتىم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىشتا ئىككىمىز چوقۇم جىدەللىشىپ قالىمىز. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىشقا چىقسا تېخى ئۇرۇشقان، ھەمراھ بولمىسا تېخى ئۇرۇشقان. ئومۇمەن، ئۇ بازار ئايلىنىشنى ئويلاپ قالسىلا، ئىككىمىز بىر قېتىم ئۇرۇشۇپ چىقىمىز. ھازىر ماڭا بازار ئايلىنىشنى ئېيتسىلا، چىرايىمغا چىقىدىغان بولۇپ قالدىم.

قارىغاندا ئەرلەرنىڭ ئىچ-پۇشۇقى خېلى بار ئوخشايدۇ....



ئىككىنچى، ئاتا-ئانا ھەققىدە پاراڭلىشىش

بازار ئايلىنىشتىن باشقا، ئەر-ئايال بىرلىكتە ئاتا-ئانىسى ھەققىدە پاراڭلىشىشمۇ ئاسانلا زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئويلاپ باقساق، ئەر-ئاياللار ئازراق ۋاقتى چىقسىلا ئۆز-ئارا ئاتا-ئانىسى ھەققىدە پاراڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى ۋاقىتتا ئاندىن ئۆز-ئارا پاراڭلىشىش پۇرسىتى بولىدۇ. ئەمما، پاراڭلىشا، پاراڭلىشا، ئاياللار بىلىپ-بىلمەي ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەققىدە پاراڭ سېلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر قانچە كىچىك مەسىلىمۇ بىردىنلا ئەۋجكە چىقىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنداق ياخشى، بۇنداق ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىپ زىددىيەت كەسكىنلىشىدۇ.

كۆپ ساندىكى ئەرلەر نۇرغۇن ئىشلاردا ئاياللارغا يول قويسىمۇ، ئەمما يالغۇز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىشىدا يول قويالمايدۇ. بىر تەرەپتىن ئۆزى تۇغۇلۇشتىنلا بىر ئاز بىپەرۋالىقىدىن ئۇلارغا كۆپ كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن دائىم ئالدىراشچىلىقىدىن ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە زېھنىنى قارىتىپ بولالمىغانلىقتىن كۆڭلى بىئارام بولىدۇ.

ئەسلىدە بۇ ئىشلار تىلغا ئېلىنمىسا، ئەرلەرمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەمما شۇنداق تىلغا ئېلىندىمۇ بولدى پىلتىگە ئوت تۇتىشىپ ئەرلەرنىڭ كەيپىياتى ناچارلىشىدۇ-دە، زىددىيەت ئاسانلا ئەۋجكە چىقىدۇ.




ئەر-ئاياللارغا نىسبەتەن، قېيىنئانىسى، قېيىنئاتىسى ئۇلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى بولمىغاچقا، ھەمدە ئەرلەر يىل بويى ئالدىراش يۈرگەچكە، قېيىنئانىسى ۋە قېيىنئاتىسىغا دېگەندەك ياخشى كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمايدۇ. شۇڭا، ئەر-ئاياللار ئۆزئارا بىر بىرىگە يول قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى بىلەن بىرگە ئاياللارمۇ ئاتا-ئانىسى ھەققىدە ئىمكانقەدەر ئاز سۆزلىشى، تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسىمۇ كەيپىياتقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بولمىسا كۆپ ھاللاردا زىددىيەتتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.



ئۈچىنچى، ھاراق ئىچىپ لاپ ئۇرۇش

ھاراق ئىچىپ لاپ ئۇرۇش ئەرلەرنىڭ ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان ئىچىنى بوشىتىش ئۇسۇلى. بۇ خۇددى ئاياللارنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ۋاقىتلاردا بازار ئايلىنىپ پارچە-پۇرات نەرسە يېيىشنى ياخشى كۆرگىنىگە ئوخشاش ئىش. ئەمما رېئال تۇرمۇشتا كۆپ ساندىكى ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇ ئادىتىنى چۈشەنمەيدۇ. پەقەت ئۇلارنىڭ ئېرىنىڭ چىقىپ ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى ئۇقسىلا، ئۇلار ئەنسىرەپ چوغقا دەسسىۋالغان توخۇدەك سەكرەپ كېتىدۇ. يولدىشىنىڭ بىر قىسىم قەدىناسلىرى بىلەن بىرگە ھاراپ ئىچىپ ئىچىنى بوشىتىۋېلىشىغا يول قويمايدۇ. ھەمىشە ئۆزىچە ئەرلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىشى ياخشى ئىش ئەمەس دەپ قارايدۇ.

شۇڭا، دائىم ئەرلەر سىرتقا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتسىلا، دائىم دېگۈدەك ئەگىشىۋالىدۇ. ئەمما ئاياللار ئەگىشىپ بىرگە بارغاندىن كېيىن، ئەرلەر تازا ئەركىن بولالمايدۇ. ئەسلىدىن بىر ئازراق لاپ ئورىدىغان سۆزلەرنىمۇ ئەركىن قىلالمايدۇ. ئەگەر لاپ ئۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىۋەرسە ئاياللار توختىماستىن ئۇنىڭ پۇتىغا دەسسەپ يولدىشىغا كۆز ئىشارىسى قىلىشقا باشلايدۇ.






بىر قىسىم شۇنداق ئەخمەق ئاياللارمۇ باركى، يولدېشىنىڭ قەدىناسلىرىنىڭ ئالدىدىلا قىلچە يۈزىنى قىلمايدۇ. بۇنداق داۋاملاشقاندا، ھەر قانچە ياخشى بولغان يىغىلىشمۇ تېتىقسىز بولۇپ قالىدۇ. ئەرلەر ئەسلىدىن ئىچىنى بوشىتىشنى مەقسەت قىلغان بۇنداق يىغىلىشلار ئەكسىچە ئىچىنى تېخىمۇ بۇرۇقتۇرما قىلىپ قويىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆپ ساندىكى ئەرلەر قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان ئەھۋاللاردۇر.



تۆتىنچى، خىزمەت

بىر دوستىمىز ئايالى بىلەن بىر ئىدارىدە، ھەتتا بىر ئىشخانىدا خىزمەت قىلاتتى. بۈگۈنى خىزمەتدېشىمىز دىلبەر ئۇنىڭغا مۇنداقلا كىچىككىنە سوۋغا بېرىپ قويسا، ئايالى بۇنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرىگىچە سەۋەبىنى سوراپ ئارام بەرمىگەن، ئەتىسى ئۇنىڭدىن سەن پالانى بىلەن ئۇنداق تەلەپپۇزدا سۆزلەشمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى دەپ ئۇنىڭ بىلەن جېدەللەشكەن. ئۆگۈنىسى بولسا ئۇنى قىلالمىدىم، بۇنى قىلالمىدىم دەپ ئۇنى خاتىرجەم خىزمەت قىلغىلى قويمىغان....






بەختكە قارىشى، ئۇ بۇيىل ئۆزىنىڭ قاتتىق تىرىشىشى بىلەن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ ئاران دېگەندە ئۆسۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئاخىرى بۇ نەس باسقان ئىشخانىدىن يۆتكىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ 5 يىلدىن بېرى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئەڭ ياخشى سوۋغىتى ئىمىش.

يەنە بىر دوستىمىز بولىدىغان، ئۇ يۇمشاق دىتال ئېنژىنىرى بولۇپ، دائىم ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، بەزىبىر مەسىلىلەرنى ئۆيىدە ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ يولۇققان مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئايالى ئۇنى زادى يالغۇز قويماي ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغاچ پوپايكا توقۇپ چىقاتتىكەن. بۇ ئەسلىدە ناھايىتى ئىللىق كۆڭۈل بۆلۈش بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، شۇنىسى ئېنىق بولدىكى، رومانتىكىلىقمۇ ھەمبەھرلىنىشكە مۇمكىن بولماي قالغان.

ئايالى بىردەم ئۇنىڭغا ئەتە توك پۇلىنى تاپشۇرۇۋېتىشنى تاپىلىسا، بىردەم ئۇنى دەپ، ئاخىرى بىر ئاخشام ئولتۇرۇپمۇ ئۇ ھېچ ئىشىنى ئاقتۇرالماس بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ سۆزىچە ئېيتقاندا: ئاياللار ئەرلەرگە پەقەت ئوخشىمايدىكەن. ئەرلەر مېڭىسىنى ئىشقا سېلىپ ئىش قىلىدىغان بولغاچقا تىنچ مۇھىتقا موھتاج، ئەمما ئاياللار قول بىلەن ئىش قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كاللىسى ئاسمان-پەلەك چۆرگىلەپ تۇرىدىكەن. شۇڭا ئەر-ئايال ھەرگىزمۇ ئورتاقلاشقىلى بولمايدىكەن.... شۇڭا مەن ھازىر كۆپ ھاللاردا ئىمكانقەدەر ئىشخانىدا سىمىنا قوشۇپ ئىشلەپ ئىشىمنى تۈگىتىپ بولۇپ ئاندىن ئۆيگە قايتىدىغان بولدۇم....



بەشىنچى، كورىيە فىلىملىرىنى كۆرۈش

راست گەپنى قىلغاندا كورىيە فىلىملىرى ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ قورقۇنچلۇقتۇر. كورىيە فىلىملىرىنى كۆرۈشتە ئاياللار دائىم يولدىشىغا ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بولغىنى، ئاياللار كورىيە فىلىملىرىنى كۆرگەندە تۇرۇپ-تۇرۇپ يىغلاپ، كۈلۈپ تاشلايدىغان بىنورمال ئادىتى. نۇرغۇن تازىلىق قەغىزىنى ئىسراپ قىلغاندىن سىرت، يەنە تۇرمۇش مۇھىتىنى بۇلغايدۇ. يولدىشى ئاستا قوپۇپ كەتكىلى قوپسا زادى ئۇلارنى قوپۇپ كەتكىلى قويماي، قولىنى تارتىپ تۇرۇپ: ئەگەر كىنودىكى ئەر سىز بولسىڭىز، سىزمۇ ئاياللارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلامتىڭىز؟ ئەگەر مەن قېرىپ قالسا، سىز يەنىلا مېنى قەدىرلەمسىز؟... دېگەندەك تېتىقسىز سۇئاللارنى سوراپ ئەرلەرنىڭ بېشىنى قوچۇپ ئوماچ قىلىۋېتىدۇ.






ئومۇمەن، قوپۇپ كېتەي دېسىمۇ قوپۇپ كېتەلمىگەن، ئايالىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرمىسە تېخى، جاۋاب بەرسە تېخى... سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەر خۇددى كونا چاپاننىڭ مېزىنى تارتقاندەك چىقىۋەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىپ، ئەسلىدىن بىر ئوبدان ئىللىق ئائىلىگە بالدۇرلا سوغۇق تېگىپ، مۇز قىراۋلار ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ...



مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى

sayrami يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 10:31:40

نەق ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەر بوپتۇ.   تۇلۇق قوللايمەن.       ھەممىسى مەن دىيەلمەيۋاتقان گەپلەر ئىكەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 10:34:05

ئەلداۋانىڭ ئېلانى چىقىپ قاپتىمۇ؟

ttt@ppp يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 10:47:46

توغرا گەپلەر دىيىلىپتۇ .



1- بازار ئايلىنىش . توي قىلغان دەسلەپكى بىرىنچى يىلى بازار ئايلىنىپ چىقىپ شۇنداق تەسىراتقا كەلدىمكى خوتۇن كىشى بىلەن بىللە بازارغا بىللە چىقىش بىر زۇلۇم ئىكەن . گەرچە خوتۇنىڭىز سىزگە كىيىم ئېلىپ بېرەي دىسىمۇ .



2- خوتۇن مەڭگۈ ئۆزىنىڭ ئانىسىنى پەرىشتە دەپ قارايدۇكى سىزنىڭ ئانىڭىزنى يەنى ئەر تەرەپنىڭ ئانىسىغا ھەقىقى سەمىميميلىك بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ . ئەر تەرەپنىڭ تۇققانلىرى ئاتا-ئانسىغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلغان كېلىنلەر تۇرمۇشتىكى قالتىس ئۇستا ئارتىسلار دەپ قارىسىڭىز خاتالاشمايسىز . ئۇلار ھەقىقى ئارتىس ، ئۇلارنىڭ روھىيتىدە چىنلىق يوق ،ھەممىسى ياسالما. خۇددى تېلىۋىزوردا چىقىۋاتقان باشلىقلار خەلقنى ئويلاپ كېچە-كۈندۈز ئۇخلىيالمايۋاتقانلىقىغا تېلىۋىزور ئالدىدىكى تاماشىبىنلارنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشقاندەكلا ئىش .



3- كورىيە كىنولىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئايالىڭىزغا شۇ تېلىۋىزورنى تاشلاپلا بېرىڭ . ئالسۇن شۇ ، قانسۇن شۇنىڭغا . ئۇ كورىيەنىڭ ئەخلەت كىنولىرنى پەقەت ئەخمەق ئەرلەرلا ئايالى بىلەن كۆرىدۇ .



(تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىنى مەن قوشۇپ بۇ تېمىنى بېيىتىپ قوياي )



4- تۇرمۇشتا ھەرگىز خوتۇنىڭىزنىڭ پۇلىنى ئارىيەت ئېلىپ سودا ئىشىغا ئىشلىتىپ قويماڭ . مېنىڭ بىر ئاغىنەمنىڭ تىجارىتى خېلى ئوبدان ئىدى . بۇلتۇر بىر سودىغا ئازراق پۇل كەملەپ قېلىپ ئايالى 20 مىڭ يۈەن بېرىپتىكەن . ئۇ سودىدا ئۇدا زىيان تارتىپ ئايالى شۇ پۇلنىڭ سورىقىنى قىلىپ ئۇنىڭغا دوزاخنىڭ كۈنىنى كۆرسىتىۋەتتى . ئۇ ئاغىنەم بىلەن بىر قېتىم ئولتۇرۇپ ئىچىشىپ قېلىپ ئاشۇ پۇلنىڭ ماجرالىرى توغرىلىق ئازراق دەردنى ئېيتتى . ئۇنىڭ خوتۇنى ھەتتا قېينى ئاتا - قېينى ئانىسغا توختىماي تېلىفون قىلىپ ئاشۇ پۇلنى دەرھال ئەكلىپ بېرىڭلار ، مېنىڭ دادام ئۇنداقەي ، ئانام ئۇنداقەي ، سىڭلىم خىزمەتكە ئورۇنلاشماقچى بىزگە جىددى كېرەك دەپ راۋرۇس ھازازۇللۇق قىلىپ ئاخىرى ئۇ ئاغىنەمنىڭ دادىسى ئۆيىنىڭ يەر خېتىنى قويۇپ دەيكۈەن ئېلىپ كېلىنىگە قايتۇرۇپتۇ. شۇ ئىشلاردىن كېيىن بىزنىڭ ئۇ ئاغىنە خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ كەتتى. ئەمما ھازىر ئۇنىڭ تىجارىتىمۇ ئەسلىگە كېلىپ خېلى ئوڭشىلىپ قېلىۋىدى ، ئايالى كۈندە نەچچە قېتىم تېلىفون قىلىپ ساراڭ قىلىۋېتىپ بارىدۇ ، يارىشىۋالايلى دەپ .



5 - تىجارىتىڭىز ھەر قانچە ناچار بولسىمۇ ياكى ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ ئايالىڭىزنىڭ ئاكىسى ياكى ئىنىسى دىگەندەكلەر بىلەن ھەرگىز شىرىكلەشمەڭ .



6- سىز ئەر كىشى بولسىڭىز ، ئۆيىڭىزدە خوتۇنىڭىز بىلەن جان چىققۇدەك ئاچچىق جىدەل چىقسىمۇ ئۆز ئاتا-ئانىڭىزغا ھەرگىز بۇ جىدەللەر توغرىلىق ئېيىتماڭ . ئۇلارنىڭ يۈرىكى سىزنىڭكىگە ئوخشاشلا ئاغرىيدۇ.

بەك چىدىمىسىڭىز ، ئاكىڭىزغا ئازراق دەرد تۆكسىىڭىز بولىدۇ .(ئەمما ئاكىڭىز خوتۇنىنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان ئەر بولۇپ قالسا قەتئى دەرد تۆكمەڭ) ئەمما ھەدىڭىز ياكى سىڭىلىڭىزغا ئۆيدىكى جىدەل توغرىلىق قەتئى پاراڭ قىلماڭ . ئۇلارنىڭ ئۇ چەمبىرەكنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇڭ . چۈنكى ئۇلارمۇ خوتۇن . ئۇلاردىمۇ ئوخشاشلا خوتۇنلارنىڭ ئۇششاق سۆزلۈك خۇسۇسىيىتى باردۇر.

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 11:26:44

خوتۇننىڭ پۇلى دېگەن قانداق گەپ؟ بىر ئۆيدە خوتۇننىڭ پۇلى، ئەرنىڭ پۇلى دەپ ئايرىپ يۈرسە ئاشۇنداق ئاجىرشىپ كېتىدىغان ئىش چىقىدۇ.



ئالتىنجى: خوتۇنىڭىزنىڭ تاماق ئىتىشىگە، كىر يۇيۇشىغا ئارىلاشماڭ   {:92:}   (ئەلۋەتتە، خوتۇنىڭىز ئاغرىپ قالغاندا، يېڭىدىن تۇغقاندا ئۇ باشقا گەپ)

sevinch يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 13:08:11

مەتۇكام 5تە ياخشى ئەركەندە   {:90:}

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 14:16:10

تېما يوللىغۇچى pengiyar دېگەن ئەزا ئەلداۋا ئۆزى شۇما؟

تېما تەستىقلىغاندا سەل- پەل دېققەت قىلساق، تېما تەستىقلانماي تۇرسۇن بىر ئىشنى دەلىللەۋاتىمەن دېسىمۇ تەستىقلاۋېرىدىكەنسىز urdek ...

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 15:01:19

ئەلداۋا ئادەم ئەمەس، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئەلداۋا شىركىتىنىڭ تور بېكىتى ئىدى.

تېما يوللىغۇچى مەن ئەلداۋالىقتۇرمەن....

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 15:07:34

سايرامىغا:

ئەلداۋا ساغلاملىق تورىدا سىزنىڭ ئايالىڭىزغا دېيەلمىگەن (خۇددى مەزكۇر تېمىغا ئوخشاش) كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى ئىزھار قىلىدىغان ۋە ئايالىڭىزنىڭ سىزگە دېيەلمىگەن كۆڭۈل سۆزلىرى ھەم سىز ۋە ئايالىڭىز شۇنداقلا بارلىق تورداشلارنىڭ تەن سالامەتلىكى، ئائىلە-ئىناقلىقى دېگەندەك ھەر جەھەتتە مول مەزمۇنلار كۆپلىكنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 16:23:17

مېنىڭ بازارغا يالغۇز چىققۇم بار، لېكىن مېنى چىقارمايدۇ . \"\"  بۇ يەردە يالغۇز بازارغا بارالىشىم مۇمكىن ئەمەس.

مەن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇستا ئارتىس ئوخشايمەن، قېيىن ئاتا-ئانامنى بەك ياخشى كۆرىمەن. راستلا، دۇنيادا ئۇلاردەك ئاقكۆڭۈل ئادەملەرنى كۆرمىگەن.

  بىر ئادەمنىڭ گېپى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەر-ئاياللارغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ. خەقنىڭ گېپىنىڭ پايدىلانغۇدەك يېرى بولسا پايدىلىنىپ بولمىسا ھە دەپ قويسىلا بولىدۇ. ماقالىدىكى گەپلەر ياخشىكەن، لېكىن مېنىڭ ئۆيۈمگە ئاساسەن ماس كەلمەيدىكەن.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-10-10 17:07:53

pengiyar تور بېكىتىڭىزدە يۇقارقى تېمىنى يوللىغۇچى ئەلداۋا دەپ ئەسكەرتىلگەن ئىكەن شۇ ۋەجىدىن پەقەت تور نامىلا بولۇپ قالماي ئەزالىق نامى دەپ چۈشۈنۈپتمەن، يۇقارقىدەك ئەھۋالدا تېمىڭىزدا ئىمكان بار ئەسكەرتىش بېرىپ قويسىڭىز، قوللىغىڭىزغا رەھمەت!

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 17:45:43

بىزنىڭ ئۆيدە جىدەل ماجرا بەك ئاز .بۇنىڭ بىر قانچە سەۋەبى بار.

1)ھەرقانچە بىر بىرسىىمىزنى بوغۇپ قويغۇدەك ئىش بۇلۇپ كەتسىمۇ پەقەت ئىككىمىز ئولتۇرۇپلا ھەل قىلىمىز ھەرگىز سىرىتتىن بىر ئادەمنى ئارلاشتۇرمايمىز .چوڭلارغا مۇمكىن ئەمەس ئېغىز ئىچىش  . ياش چوڭايغانسىرى چوڭلار كىچىكلىشىپ ئاسان خاپابولىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ . بىز ئۈچۈن ئادەتتىكىدەك بىر گەپ ئۇلارنىڭ نەچچە يىلغىچە ئىسىدىن چىقمايدۇ .

2)بىر ئىش چىقسا ھەرگىز باسۇرۇپ قويمايمىز ياكى ئەتىسىگە ئىېلىپ قويمايمىز . شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە يا ئۇياق يا بۇياق قېلىۋىتىمىز . بۇنداق بولغاندا كىيىن كونا خاماننى سورايدىغان ئىشلار ھەرگىز چىقمايدىكەن .

3 )  سىردىشى مۇڭدىشىش بەك مۇھىم .

4 ) قارشى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەش .

5 ) خوتۇن كىشىگە مىڭە يۇيۇش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇشمۇ بەك مۇھىمكەن . بۇمۇ بىر ھۈنەركەن ياخشى ئىشلەتسە ...

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2011-10-20 16:08:16

ماۋۇ ماقالە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىغىمۇ بېسىلىپتۇ. 12-ئۆكتەبر ساننىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەت دېگەن بېتىدە بىر بەتكە چىڭ كەپتۇ...

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-20 16:29:30

lonelyness

(5 ) خوتۇن كىشىگە مىڭە يۇيۇش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇشمۇ بەك مۇھىمكەن . بۇمۇ بىر ھۈنەركەن ياخشى ئىشلەتسە





قانداق يۇيىدۇ ، تەپسىلى بىر دەڭلا ئاڭلايلى . \"\"

umida11 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-7 00:57:30

مۇندا گەپلەرمۇ بار دەڭلا؟؟؟

باشقا ئادەت مەندە يوقكەن،،،شۇ  تۇركىيەنىڭ قىسىملىق فىلىملىرىنى بىللە كورۈشۈپ بەمىدىڭ دەپ بىشىنى ئاغرىتىمەن،،،،،،ئۆلىدىغاندەك قاچىدۇ دىسە،،،توۋا!!!!!

umid2003 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 10:33:19

قانداق قىلغاندا خوتۇن كىشىنىڭ مېڭىسىنى يۇيغىلى بولىدۇ؟

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 11:32:30

ئاياللار بىلەن بازار ئايلىنىش بەك جاپالىق ئىش:lol

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 11:43:56

umid2003 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-23 10:33 static/image/common/back.gif
قانداق قىلغاندا خوتۇن كىشىنىڭ مېڭىسىنى يۇيغىلى بولىدۇ ...

خۇتۇننىڭ  كىيىم- كىچەكلىرىنى پاكىزە يۇسىڭىز  مىڭىسى قۇشۇپ  يۇيۇلۇپ كىتىدۇ-:lol

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 12:27:22

بۇ تېما ھەقىقەتەن بولىدىكەن جۇمۇ، خاتون ئالغاندا ئوبدان ئويلىشىپ بېقىش كېرەك، بولۇپمۇ بىزدەك بويتاقلار...{:92:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-23 12:30:27

ئايالىنىڭ مىڭىسىنى يۇيۇش غېمىگە چۈشكەنلىكنىڭ ئۆزى شۇ ئەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مىڭە يۇيۇشتىن چىققانلىنى بىلدۈرىدۇ.{:92:}
بەت: [1] 2
: 5 تۈرلۈك ئىشنى ئەر-ئايال بىرلىكتە قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىڭ