adil621 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-8 22:55:40

ئۆزۈم تارتقان سۈرەتلەر(ئادىل621)

ئەسسالام كۆپچىلىك ،ھەممىڭلارغا كەمىنە ئادىلدىن ئوتلۇق سالام!ئۇزۇن بوپتۇ دىدارلاشمىغىلى ،مۇ شۇيازنىڭ ياقى توي قىلىش دېگەندەك ئۇششاق چۈششەك ئىشلار بىلەن ئالدىراشلام ئۆتەپ كېتىپتىمەن،شۇنداق قىلىپ 30يىللىق بويتاقلىق تۇرمۇشۇم بىلەن داغدۇغىلىق خوشلىشىپ ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمىگەن ھالدا بىر خوتۇنلۇق بولۇپ قالدىم مانا،دېمىسىمۇ بۇ ۋاقىت بەك تېز ئۆتۈپ كېتىپتۇ،تەتىلدە ۋەتەنگە قايتىپ بىر ئاينىڭ ئىچىدە توينى تۈگۈتۈپ يەنە ھاپىلا شاپىلا بۇ پەرەڭلەر دۆلىتىگە قايتىپ كەپتىمەن،كەلگىلىمۇ بىر ئاي بوپ قاپتۇ،ئارلىقتا شۇ گوللاندىيە تەرەپكە ئۆتۈپ ھېلىقى چەتئەل پەدىسىدە <<شېرىن ئاي>>دەمدۇ بىر نەرسىلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەپتۇقمۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇ جايدا تارتقان ئانچە مۇنچە رەسىملىرىمنى يوللاپ قويدۇم،كۆپچىلىك ئەيپكە بۇيرىماي كۆرۈپ چىقارسىلەر


بارغۇچە ئابتۇبۇستا ماڭدۇق،ئابتۇبۇس پارىژدىن شىمالغا قاراپ يولغا چىقىپ بىلگىيە نى كېسىپ ئۆتۈپ ئاندىن گوللاندىيە گە بارىدىكەن،بۇ بىلگىيە نى ياۋروپا پارلامىنتىنىڭ باش شىتابى جايلاشقان جاي،ياۋروپانىڭ مەركىزى،ئۇ،بۇ دېسە قانداق يەركىن دەپتىمەن،ئەگەر ماشنىڭىزنىڭ سۈرئىتى سەل ئىتتىك بولسىلا 2سائەت ئىچىدە ئۇ ئۇچىدىن كىرىپ بۇ ئۇچىدىن چىقىپ بولىدىكەنسىز،بەكلام كىچىك ئەمما بەك گۈزەل دۆلەتكەن،ئابتۇبۇس بىلگىيە پايتەختى بىريۇسىلدا 40مىنۇتتەك توختىدى،شۇ بانادا بۇ شەھەرنىمۇ ئانچەمۇنچە بىكارلىق ساياھەت قىلىۋالدۇق.


بىريۇسىل مەنزىرلىرى:






ۋاقىت بەك قىس بولغاچ بۇيەردە كۆپمۇ تۇرالمىدۇق،شۇنىڭ بىلەن يەنە ئابتۇبۇسقا چىقىپ گوللاندىيە تەرەپكە يول ئالدۇق،مەن تېخى ماشىنا توسۇلدىغان ئىشنى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىلا ئېغىر دەپ ئويلاپتىمەن،مۇشۇ بىلگىيەدىن چىقىپ كەتكەچ بىر كىچىك شەھەردىلا ماشىنا كۆپلۈكىدىن 2سائەتتەك تۇرۇپ كەتتۇق،شۇنداق قىلىپ يېرىم كېچىدە گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستىردامغا ئارانلام يېتىپ كېلىۋالدۇق.ئاندىن ئەڭ ئاخىرىقى پويىز بىلەن بىز بارماقچى بولغان شەھەر يەنى دېڭىز بويىدىكى كىچىك ئەمما ناھايىتىمۇ گۈزەل بولغان لەيدىن دېگەن يەرگە كەلدۇق...


بۇ كىچىككىنە شەھەر شۇقەدەر گۈزەل،شۇ قەدەر جىمجىت ۋە خاتىرجەم ئىدىكى ئەتتىگەن سەھەردە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ بۇ يەرنىڭ مەنزىرلىرىدىن ھوزۇرلانغاچ دېڭىز بويى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتۇق...











دېڭىز بويىدىكى مەنزىرىلەر





دېڭىز بويىدا ئوغۇرلۇقچە تارتىۋالغان رەسىم،ما رەسىمدىكى مەن ئەمەس جۇما







تۆۋەندىكىلىرى گوللاندىيەنىڭ 2-چوڭ شەھىرى يەنى رۇتتېردام شەھىرىدىن مەنزىرىلەر،بۇ شەھەر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا زور تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقتىن بۇرۇنقى ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلار ھەممىسى يوقىلىپ كېتىپتىكەن،لېكىنيېڭىچە باشقا ئۇسلۇبتىكى قۇرلۇشلىرى بىلەن يەنىلا كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىكەن








ھېلىقى چىڭلۇڭنىڭ <<مەن كىمۇ>>دېگەن فىلىمىدىكى سېرلىغۇچ بىنا مۇشۇكەن،مۇشۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئالاھىدە نەچچە پارچە رەسىمگە چۈشىۋالدۇق تېخى



بۇمۇ شۇ كىنودا چىقىدىغان بىر كۆرۈنۈش...






تۆۋەندىكىلىرى گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامسىتىردام،بۇ شەھەر ياۋروپا بويىچە ئەڭ قايناق شەھەر ئىكەن،رۇتتىردام بىلەن ئارلىقى 40كىلومىتىردەك بار ئىكەن،ئەمما بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ناھايىتى زور بولدى،مۇنداقچە ئېيتقاندا دەسلەپتە گوللاندىيەنىڭ كىچىك شەھەرلىرى،كىچىك يېزىلىرىنىڭ گۈزەل،جىمجىت مەنزىرلىرى ماڭا ئالاھىدە بىر زوق ئاتا قىلغان بولسا،بۇشەھەردىكى قالايماقانچىلىق،كىچىك تار كەتكەن كوچىلاردىكى نىشە ،ھاراقنىڭ پۇراقلىرى،ھېلىقى دۇنياغا نامى پۇر كەتكەن <<قىزىل چىراق>>رايونىدىكى پاھىشە ئاياللار....ئىشقىلىپ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مېنى باشقىچىلا قىلىپ قويدى،بۇ شەھەر باشقىچىلا بىر شەھەر ئىكەن.پەقەت ساياھەت قىلىپ قايتسىلا بولىدىغان يەركەن بۇ












شۇنداق قىلپ بۇ چوڭمۇ ئەمەس كىچىكمۇ ئەمەسقالايماقان شەھەرنى بىركۈن قالايماقانلا ئايلىنىپ بولدى قىلدۇق،شۇكۈنى كېچىسى يەنە بىرمەنزىرسى گۈزەل خاۋدا دېگەن يەرگە كېتىپ شۇ يەردە قونۇپ قالدۇق،ۋە ئەتىسى سەھەردە تاڭ سۈزۈلىشى بىلەنلاپويىز ئىستانسىسىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق،بۇ يېزىنىڭ ئەتىگەنلىك مەنزىرسى ئادەمنى ئالاھىدە جەلىپ قىلىدىكەن...
















كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرلۇنۇپ كۆرۈپ بەرگىنىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت،ئوقۇش باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ دۆلەتنى ئاران مۇشۇنچىلىكلا ئايلىنالاپتۇق،شۇڭا كۆپرەك رەسىممۇ تارتالمىدىم،خۇدايىم بۇيرۇسا كېلەر قېتىم يەنە بىر يەرلەرگە بارغاندا كۆپرەك رەسىم تارتىپ،جىقراق نەرسە يېزىشقا تىرىشارمەن



Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2011-10-8 23:23:56

تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، يەڭگىمىز بىلەن شىرىن ئاينى گوللاندىيەدە ئويناپ، توينىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپسىز.


بىريوسىلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىنىڭ رەسىمى يوقما؟بار بولسا يوللاپ قويۇڭە بەك ھەيۋەت بىنا دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.


گوللاندىيە مەنزىرلىرى ۋە قۇرۇلۇشلىرى ئۆزگۈچە تۇيۇلدى.ئاۋۇ بىر جۈپ ئاققۇ بۇ يەردە بولغان بولسا بۇ ۋاقىتقىچە،مىزلىك قورۇمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتى.


يىزىلىرى پاكىزە ھەمجىمجىت ئىكەندە؟بىزنىڭ يىزىدا كىچىك بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى،قوي كالىلارنىڭ مۆرەشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرمىساق، باشقىچە دۇنياغا كىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىمىز.


تازا سىنچىلاپ قارىساممۇ،ياغاچ ئاياق كىيىۋالغان گوللاندىيە قىزلىرى يوقا؟يەنىمۇ سىنچىلاپ قارىدىم ئاۋۇ ئادەملەر كۆپ تۇرغان رەسىمگە،گوللاندىيەدە ئوقۇتقان ئۇيغۇرلار كۆپ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، بىرەرسىنى ئۇچۇرتالمەن دىسەم ھىچ ئۇچۇرمىدى،قارىغاندا ئوقۇش بىلەن ئالدىراش بولسا كىرەك.


دىڭىز ساھىلىدىكى،ئاۋۇ ھاببا قىلىشىۋاتقان كۆرنۈشنى تارتمايدىغان ئىش ئىدى.ئۇلار يىنىڭىزغا كىلىپ ئادىلجوننننن ھاببا قىلىشقاننى كۆرمىگەنما؟دىمەپتۇ ياخشى\"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-10-8 23:29:39

رەھمەت جۇمۇ، چىرايلىق رەسىملەركەن، بارمىساقمۇ كۆرەلىدۇق.

يامغۇر كۆپ ياغامدىكەن؟ ھاۋاسى نەممىكەن؟ دائىم شامال ئۇرۇپ تۇرامدىكەن؟

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-8 23:36:58

ئالدى بىلەن تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن (چاۋاك چېلىپ تەبرىكلەۋاتقان چىراي)



ئېسمدە قېلىشىچە شىپخول ئايرىپورتتىن شەھەر مەركىزىگە 20 مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدىغان مېترودا.



نەشە قانۇنلۇق ھە ئۇ يەردە؟ \"\"

bluewolf يوللانغان ۋاقتى 2011-10-8 23:44:09

يېزىلىرى نېماندا چىرايلىق، ھەممە يەر يېشىلچىلىقكەن،بەزەن رەسىملەرنى كومپىيوتېر ئۈستەل تەگلىكى قىلۋالسىمۇ بولدىكەن.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-8 23:46:00

تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

رەسىمنى نېمىدە تارتتىڭىز؟

Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2011-10-8 23:55:00

دېپلومات خېنىمنىڭ يەنە بارمىغان جايلىرىمۇ بارمىدۇ؟چەتئەلنىڭ گىپى چىقسىلا،نەدىن سورۇسا شۇ يەردىن جاۋاپ بىرىدۇ.{:107:}

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-9 00:18:18

ياۋروپا دۆلەتلىرى بىر بىرىگە يېقىن بولغاندىكىن ياۋروپاغا بارغانلار ئادەتتە ياندىكى بىر نەچچە دۆلەتنى بېرىپ كۆرۈپ كېلىدىغان ئىش بەكلا نورمال.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر شېنگىن دۆلەتلىرىنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيدى شۇڭاكىرىپ چىقىش بۇرۇنقىدىن جىق ئاسان.

يەنە كېلىپ KLM يەنى گوللاندىيە ھاۋا قاتنىشىنىڭ باھاسى ياۋروپادىكى باشقا ھاۋا قاتناشلىرىدىن ئەزان باھاسىمۇ شۇڭا ئامىستىردامدىن ئايرۇپىلان ئالمىشىدىغانلار باشقا يەرلەرگە قارىغاندا جىق.... \"\"

Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2011-10-9 00:22:14

دېپلومات خېنىم:

ئۆزلەنىڭ گوللاندىيە ھەققىدىكى تەسىراتلىرى قانداقكىن؟تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۈپ بەرگەيلا؟ناۋادا گوللاندىيە ھەققىدىكى زىيارەتلىرى ئەسلىرىدە قالمىغان بولسا، باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىلەمۇ بولىدۇ.


مەسىلەن:گىرمانىيە،فىرانسىيە،بىلگىيە،ئىسپانىيە،دانىيە،نورۋىگىيە،شىۋىتسىيە،شىۋىتسارىيە...


زىيارەت خاتىرسىنىڭ تېمىسى مۇنداق بولسا ھە؟


1.دېپلومات خېنىم گىرمانىيەدە


2.دېپلومات خېنىم فىرانسىيەدە


3.دېپلومات خېنىم بىلگىيەدە


...


دىگەندەك بىر قاتار زىيارەت ۋە ساياھەت خاتىرسى يىزىلسا،بىزدەك تومپايلار شۇ زىيارەت خاتىرسىنى ئوقۇپ بارالمىساقمۇ بارغاندەك ھىس قىلساق دەيمىنا؟


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-10-9 00:33:10

ھى..ھى..ھى.. دېپلۇمات خېنىم دەڭلا.. توۋا، شۇنداق قىل دىسىمۇ يىرتىۋېتىسىزغۇ قەھۋە قىز..





ئادىلجان Canon EOS 1000D ئاپپارات ئىشلىتىدۇ، بىلىش تەس ئەمەس.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-9 00:35:35

بىردەمدە دىپلومات بولۇپ قالدىممۇ ئەمدى \"\"

Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2011-10-9 00:39:58

كەپتەرجوننننن:

ماۋۇ دىپلوماتگۇلنىڭ كۆرگەن بىلگىنى كۆپ ئىكەن،شۇڭا ئالاھىدە بىر زىيارەت قىلاي دىدىم.ئادىلجاننىڭ تېمىسىغا يانداشقان ساياھەت خاتىرسىنى ئوقۇپ بارمىساقمۇ گوللاندىيەگە بارغاندەك بولايلى دەپ قالدىمغۇ؟دىپلوماتگۇلنىڭ ئىنكاسلىرىمۇ ئۆزگۈچە،ئۇيغۇرچىغا خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىسچىنى ئارلاشتۇرۇپ،گاڭپەنگە خىمىر يۇغۇرغاندەك بىر سۆزلەپ كەتسە كۈلۈپ كىتىمەن دەڭلا{:92:}

ھە راس باچكاخۇننى كەپتەرجان دىۋەتتىم،قاچانغىچە باچكا بولىۋىرسىلەر دەيمەن.ئاڭلىسام تويۇڭلارنىمۇ قىلىپ،بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇۋاپسىلە سىلىگىمۇ مۇبارەك بولسۇن. ئەمدى كەپتەر بولدۇڭلا باچكا چىقىرڭلار دەيمەن{:92:}

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-9 01:48:18

ھە، ئالمىدا تارتتىمىكى دەپتىمەن.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2011-10-9 03:51:46

رەسىملەر ياخشى تارتىلىپتۇ. مەنمۇ بىر پىكىر قىستۇرۇپ قوياي دېدىم.

ئاۋۇ ئورمانلىقنىڭ ئىچىدىكى يولنىڭ رەسىمى پەيزى تارتىلىپتىكەن، لېكىن فوكۇسنى كىچىك تەڭشەپ قويۇپسىز. قارىسام، f/3.5 بىلەن تارتىلىپتۇ سۈرەت. ئەگەر فوكۇسنى f/13تىن يۇقىرى ياكى بولسا f/22گە تەڭشەپ تۇرۇپ تارتقان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقاتتى.

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-9 07:27:32

ما سەھرالىرى نىمانداق تىنىچتۇ، مەنمۇ خۇتۇن تاپالىسام تويقىلىپلارباراتتىم بۇ يەرلەرگە(سەت ھىجايغان چىراي)

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-10-9 08:17:13

بىنانى چىرايلىق سالىدىكەن.



\"\"



مۇنداق لاھىيلەپ قويسام تۈزۈلىشىگە بىرەر ئاي ئىشلەيدۇ بىزنىڭ ماۋۇ يەردە!\"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-10-9 09:07:09

ھا..ھا.. كەپتەر جون، بۇ ئىسىم بولىدىكەن. رەھمەت، ھازىر ئۇۋا توقۇۋاتىمىز كىچىك باچكىغا \"\"





قەھۋە ئاي ئاڭلىدىڭىزمۇ، ئارىلاشتۇرۇپ يازىدىغىنىڭىزنى ماختاۋاتىدۇ مانا..

گۈللۈگكە يېزىۋاتىدۇ يىلدا بىرەرنى، لېكىن ئىزدىنىشتا كۆزى ئېچىلمايلا يولۋاسقا ۋاقىرىيالايدىغان قوزىلار كۆپ بولغاچ، قانداق قىلىمىز ئەمدى، ئۆزىمىز قورقىتىپ يازدۇرمايۋاتساق..

ئىزدىنىشتا ئاساسەن ھەممىسى شەخسى ئاكوپىدا ئۆزى خالىغان نىشانغا پەمىدۇر ۋە خام تۇخۇمدا fire!.. قىلىۋېرىدۇ، بىرەر بەت ساقلاپ باقاي دىمەيدۇ، ھېچكىمنىڭ كامماندىسىنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، شۇڭا ئۇچۇقچىلىقتا كىم خاتىرجەم ماڭالايدۇ دەيسىلەر one man armyلارنىڭ دەستىدىن ئىشتەي بۇزۇۋېلىشنى..\"\"

ئاشۇلارغا كورد مارشال ئاچالايدىغان بولغان كۈننىڭ ئەتىسى، زاسداتىللار «جىنايىتى بار، باشقىلارنىڭ ئىشتىيىنى بۇزغان..» دىسىلا توز پىيىدە ئۇرۇپ جازالايمىز. (دوراپ قويدۇم ھە، ئېشىپ كېتەلمىدىم، پەمىدۇر بولسا مەيلى، تۇخۇمدا ئاتمىسۇن..)

birdil يوللانغان ۋاقتى 2011-10-9 09:11:53

ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ ساياھەتكە چىقسا نىمىدىگەن كۆڭۈللۈك. ئاللاھ نىسىپ قىلسا بىزمۇ بارارمىز بىر كۈنى ئۇ يەرلەرگە.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2011-10-9 09:55:54

شىمالى شىنجاڭنى ئايلىنىپ كىلىشكىمۇ يەتمىدى دىسە بۇ 7كۈن . ئاۋۇ يېزىلار ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن.

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2011-10-9 10:50:39

ئاۋۇ ئاپپراتنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ھەقىقەتەن بولىدىكەن جۇما، ياكى بۇنى سىزنىڭ سۈرەت تارتىش تاكتىڭىزدىن كۆرەمدۇق؟ ھەر قانچە بولسا تېلېفۇندا تارتمىغانسىز بۇ سۈرەتلەرنى....
بەت: [1] 2
: ئۆزۈم تارتقان سۈرەتلەر(ئادىل621)