سۈنئىي گۆش ياسالسا يەپ باقامسىز ؟[تەرجىمە]
پەقەت ھايۋانلارنىڭ ھۈجەيرىسىگە تايىنىپلا بىزگە كېرەكلىك گۆشنى ئۆستۈرۈپ چىققىلى بولسا ،ئىنسانلار يەنە ھايۋانلارغا ئېھتىياجلىق بولارمۇ ؟گەرچە ھازىرچە ئىنسانلار سۈنئىي گۆشنىڭ تەمى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ ،شىكارغا چىقىش(ئوۋ ئوۋلاش)ۋە كۆپەيتىپ بېقىشتىن كىيىنكى گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا 3-قېتىملىق چوڭ ئىنقىلاپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.ئالتە ئايدىن كىيىن تۇنجى <پروبىركىدا يېتىشتۈرۈلگەن كولباسا>دۇنياغا كېلىدۇ ،يەنە بىر يىلدىن كىيىن ئېھتىمال تۇنجى تەجىرىبەخانىدا ئىشلەنگەن ھامبۇرگ بولكىسى دۇنياغا كېلىشى مۇمكىن.ئېھتىمال يەنە بىرقانچە يىلدىن كىيىن سۈنئىي گۆش تۇرمۇشىمىزغا بۆسۈپ كىرىشى مۇمكىن.
نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا قوينىڭ (ھەرقانداق ھايۋاننىڭ ،بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋاننىڭ)تېنىدىن بىر تال غول ھۈجەيرىنى ئايرىپ ئېلىپ ئۇ ھۈجەيرە ئارقىلىق مۇكەممەل بىر ھايۋان يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ ھايۋان تېنىدىن غول ھۈجەيرە ئايرىپ چىقىشنىڭ ئۇ ھايۋانغا كەلتۈرۈدىغان ئازابى ناھايىتى ئاز بولىدۇ.شۇڭلاشقا بۇندىن كىيىنكى پات ئارىدا بەلكىم تاماق ئۈستىلىمىز ئۈستىدە ئالىملار ياساپ چىققان <سۈنئىي گۆش>پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ھەتتاكى ياۋۇز ،ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشى بولسىمۇ .
سۈنئىي ئىشلەنگەن گۆشكە نىسبەتەن كىشىلەردە نۇرغۇن گۇمانىي سوئاللار تۇغۇلۇشى مۇمكىن ،تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپ ،تەمى تەبئىي گۆشكە ئوخشارمۇ ۋەھاكازالار.
ئىنسانلارنىڭ گۆش ئىستىمال قىلىش تارىخى ناھايىتىمۇ ئۇزۇن ،ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ناھايىتى ئاز ساندىكى گۆش يىمەيدىغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا نۇرغۇن كىشىلەر مەلۇم مەزگىل گۆش يىمەي قالسا ،ئاغزىغا سېرىق سۇ كېلىپ چىدىيالماي قالىدۇ .جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ،گۆش يېيىش ئېلىپ كەلگەن ھەرخىل ئەكىس تەسىرلەر مەسىلەن ،ھورمون ئۇرۇلغان گۆشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ،بەزى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىكى مۈشكۈلاتى ،ئىستىمال قىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشى ،كىشىلەرنىڭ كۈنسايىن دىققىتىنى تارتتى .مۇشۇنداق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئالىملىرى پروبىركىدا ئاشۇ ھايۋاننىڭ مۇسكۇلىغا ناھايىتى ئوخشايدىغان سۈنئىي گۆشنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشتى .
سۈنئىي گۆشنىڭ ماتېرىيالى چوقۇملا غول ھۈجەيرە بولىدۇ ،چۈنكى غول ھۈجەيرە مۇسكۇللارنىڭ ئەسلىگە قايتىشى ۋە قايتا ئۆسۈشىگە مەسئۇل. ئەلۋەتتە ،ھامىلە غول ھۈجەيرىسىنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ .بىراق ھامىلە ھۈجەيرىسىنىڭ تولۇق ئىقتىدارلىقى ناھايىتى ياخشى بولۇپ گۆشتىن باشقا يەنە ھەرقانداق ئەزا ۋە توقۇلمىغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى بار بولغانلىقى تۈپەيلى سەل تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان .
سۈنئىي گۆش تىببىي پەنلەر ئىچىدىكى توقۇلما قۇرۇلۇشىغا كىرىدىغان بولۇپ ،ئالىملار غول ھۈجەيرىنىسۈنئىي ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقى ئىچىگە سېلىپ ،ھۆجەيرىنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە كېرەكلىك بولغان فىزىكىلىق ،خىمىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك شارائىتىنى يارىتىپ بەرگەن .ھەمدە ھۈجەيرىنىڭ چوڭ بولىشى ۋە يېتىلىشى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردىكى ئېلېكتىر ئېقىمى بىلەن ھۈجەيرىنى غىدىقلىغان .مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە يېتىشتۈرۈلگەن سۈنئىي كولباسا 6-ئايدا مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن . گوللاندىيە ئالىملىرى چوشقا غول ھۈجەيرىسىنى ئىشلىتىپ بۇ تەجرىبىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن . بۇ سۈنئىي چوشقا گۆشىنىڭ تۈزىلىشىكۆرۈنۈشكە راسىت چوشقا گۆشىگە ئوخشاش بولۇپ رەڭگى ئازراقلا ئاق ئىكەن . ئالىملار بۇنى چۈشەندۈرۈپ <بۇنىڭ سەۋەبى بۇ گۆشنىڭ تەركىبىدە قان تومۇر يوق ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسكۇل قان شارچىسى ۋە تۆمۈر ئاقسىلنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز>دېگەن ،ئۇلارنىڭ دېيىشچە بىر يىل ئىچىدە سۈنئى گۆشتىن ياسالغان ھامبۇرگ بولكىسى مەيدانغا كېلىدىكەن .
ئەگەر مۇشۇنداق ئىشلار راستىنلا ئەمەلگە ئېشىپ قالسا نۇرغۇن ھايۋانلار ناچار مۇھىت ئىچىدە ياشاش ئازابىدىن ۋە ئىگىسى تەرىپىدىن بوغۇزلىنىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالايدۇ.نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندابىرتال غول ھۈجەيرىدىن مىڭ توننىلاپ گۆش ئىشلەپ چىقارغىلى بولدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن چوشقا زۇكۇمى ،قۇش زۇكۇمى ،ئىشەك زۇكۇمى ،غالجىر كالا كېسىلى دېگەنلەردىن ئەنسىرشىنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ .ئەمما شۇنىمۇ ئويلىشىش كېرەككى بۇ تېخنىكىنىڭ ئاساسى تېخى ياخشى ئەمەس ،غول ھۈجەيرىنى كونترول قىلىش تېخنىكىسى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭغا چىقىدىغان چىقىم كۆپ .
2009 -يىلى گوللاندىيەئالىملىرى ئېلىپ بارغان چوشقا گۆشىنى سىنتېزلاش تەجرىبىسى ئانچە مۇۋاپپىقيەتلىك بولمىغان ،سىنتېزلاپ چىققان چوشقا گۆشىنى پۇشۇرغاندىن كىيىن ئۇنىڭ تەمى سىياھبېلىق تەمىگە ئوخشاپ قالغان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىئولوگىيىلىك بۇ تېخنىكىنى سودىغا يۈزلەندۈرۈشۈش ناھايىتى ئۇزۇن بىر جەريان .تۇنجى پىروبىركىدىكى سۈنئىي گۆشنى ئىشلەش ئۈچۈنلا 250مىڭ ياۋرو كېتىدۇ .
لېكىن بۇ تېخنىكىنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كىلىدىغان پايدىسى مۆلچەرلىگۈسىز بولۇپ ،2050-يىلى ئىنسانلارنىڭ نوپۇسى 9ملياردقا يىتىپ قالسا ،كىشىلەرنىڭ گۆشكە بولغان ئېھتىياجى ھازىرقىدىن ھەسسىلنىپ كېتىدۇ ،ھەمدە ھەممە ئادەمنىڭ گۆشكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش قىيىنغا توختايدۇ.ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا سۈنئىي گۆش ئىشلەش تېخنىكىسى يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى ئاستىلتىدىكەن .چۈنكى بۇ تېخنىكا ئەنئەنۋى چارۋىچىلىققا قارىغاندا 35-60% بولغان ئېنىرگىيىنى ،98%يەرنى ئاز سەرىپ قىلدىكەن ۋە 80%پارنك ئېففېكتى گازىنى ئاز قويۇپ بېردىكەن . .نۆۋەتتە يەرشارىدىكى يەرنىڭ 30%ىچارۋىچىلققا ئىشلىتىدىغان بولۇپ 18%پارنىك ئېففېكتى گازى چارۋىچىلىقتىن كىلىدۇ.
سۈنئىي گۆشنىڭ تەمى ، سۈپىتى ،شەكلى رەڭگى ۋە تەركىبى تەبىئي گۆشتىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ ،ئەمما سۈنئىي گۆشنىڭ ماي قىسىمى ۋە سۆڭىكى بولماسلىقى ئۇنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى ،سۈنئىي گۆش ئىشلەپچىقىرىش نۇرغۇن ئەخلاقى ،ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنىڭ سىناقلىردىن ئۆتۈشى كېرەك ئەلۋەتتە .!
سوخۇ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.




ئىنسانلار سۈت ئىچىمىز، ھايۋاناتلارنىڭ گۆشىنى يەيمىز دەپ ئۆزىنىڭ پىلانىتىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى تويماس نەپسىمىز ۋە كۈنسىي كۆپىيىۋاتقان نوپۇس.


2015 .يىلى بىر قەغەزگە بىركىلو گۆش كىلەمىكى

-------------------------------------------------
مەن ئۆزۈم كۆرگەن، قاسساپلار ماڭا يالغان چۈشەندۈرمىگەنلا بولسا خۇدايىم بۇيرۇسا ماۋۇ قۇربان ھېيىتتا تازا بىر يەۋىلاي گۆش دېگەننى 6 يىل ئۆيدە ھېيىت ئۆتكۈزەلمەي گۆشكىمۇ تازا تويمىغان

دۇنيا بارغانسېرى تۇزسىزلىشىپ كېتىپ بارىدۇ جۇمۇ. ئىچىۋاتقان مىۋە سۇلىرىمۇ مىۋىدىن ياسالمايدۇ، توخۇلار 40 كۈندىلام تۇخۇمدىن تەخسىگە كېىلىپ بولىدۇ.... ئاشۇ 40 كۈنلۈك توخولارنىڭ ئۇچلۇق تۇمشۇقى ھەرىلىۋېتىلىمىش، بىر بىرىنى چوقۇلاپ گۆشكە زىيان قىلماسقا..
بەت:
[1]