wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 18:19:06

«سېلىم بوۋام»نى كۆرۈپ كەلدىم

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قەدىردان ئۇيغۇر تۇغقانلار ،1-چىسىلادىن باشلاپ شەھرى قارامايدا 4 ساياھەت قىلىپ ئويناپ كەلگەن ،مۇشۇ جەرياندا "كونا خۇي"بويىچە  كۆرگەن يەرلەرنى رەسىمگە ئېلىپ قويغان ،تورغا بىر نېمە يازىمەن دەپ  ،بۈگۈن ياراتقان  ئىگىسى مۇشۇ رەسىملەرنى تورغا يوللاشقا نىسىپ ئەيلەپتۇ ،ئەمىسە رەسىملەر بىلەن يانداش بايانغا مەرھەمەت ئەيلەڭلار ،كۆرگەنلەر بىز بارغان يەرلەركەنا دەپ ئەسلەپ ئۆتەرسىلەر ، كۆرمىگەنلەر ۋە قاراماي شەھرىگە بېرىش  پىلانى بارلار ھە مۇشۇنداق يەرلەرگە بارىدىكەنمىز دەپ بىر پىلان سوقارسىلەر ،قېنى مەرھەمەت :



    شىمالىي يۇرتتا  غۇلجا شەھرىدىن باشقا يەرلەردە شەھەر ئىچىدىن  مىللىي پۇراق ئىزدەپ يۈرمىگەچكە،قاراماي شەھىرى  ئىچىدىكى ئۆزى گۈزەل ھەشەمەت ،لىكىن سوغ بىنا سەلتەنەتلەرنى رەسىمگە تارتىپ يۈرمىدىم ھېسىياتنى ئىسراپ قىلىپ  ،مۇنۇسى كونا قاراماي دېگەن يەر ئىكەن .



ساياھەت رايونىنىڭ ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشلىرى بولسىلا رەسىمگە تارتىۋالدىم ،ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغانلار ئوقۇۋالسۇن دەپ ،ئۇيغۇرچە خەتنى  ئوقۇۋىلىڭلار ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ-


ئوقۇتماي بالىلارنى مەكتەپتە ھەجەپ خوپ ياخشى چوڭ قىلدۇق ،


ئېسىت ئاخىر بۇ بالىلار يېرىم ناننى تاپالغايمۇ ؟ دەپ شئېرنى بولىدىغان،ناۋاچەندە يېنىڭلاردا بىللە تورغا چىققان  "سىيىت نوچى"ئۇڭا سىڭىللىرىڭلار بولسا  بولسا خېتىنى ئوقۇپ بېرىڭلار ،ھازىر مەكتەپتە ئوقۇپمۇ خېتنى ئوقالمايدۇ ئەمەسمۇ بۇ  كىچىكلەر  !




مانا بۇ كونا قاراماي مەنزىرىگاھىنىڭ ساياھەت رەسىم سىخمىسى



تاشقا ئويۇلغان بۇ خەتلەر كۆزۈمگە شۇنچە ئىللىق  كۆرۈنۈپ كەتتى .



    نېفىت دېگەن نېمىنى بۈگۈن تۇنجى كۆرۈشۈم ،كىچىك چاغلاردا قارا موم چايلاپ كېتەتتۇق ،قارا مومغا ئازراق ئاق سېغىز (پو پو تاڭ )دېگەن نېمىنى قېتىپ چاينىساق قاپقارا سېغىز سەل ئاق رەڭگە كىرەتتى ،بۇ يەردىكى تونۇش پۇراقلاردىن ئەنە شۇ بالا چاغلاردا چاينىغان قارا موم ئسىمگە كېلىپ قالدى ....




بۇلــــــــــــــــــــــدۇق ،بۇلـــــــــــــــــــــــــــــــــدۇق ،بۇلــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــدۇق ........ مۇشۇ بۇلدۇقلارغا قاراپ تىنىچ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرسە بەك پەيزىكەن جۇمۇ ،شائىر بالىلار بارساڭلار شئېر يېزىۋىتىسىلەر ئەمما !



يەر تەكتىدىن ئاستا ئاستا بۇلدۇق ئېتىپ  چىققان نېفىتكە قاراپ تولۇقسىز ۋاقىتلاردا ئوقۇتقۇچى ئاپامنىڭ بىزگە سىتىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى چۈشەندۈرۈپ؛باللىرىم ، ئېتىزغا پاختا تەرگىلى چىقساڭلار ،ھەي بىزنى تېرىۋال ،مېنى تىرىۋال دەپ ئاپئاق پاختىلار سىلەرنى چاقىرىدۇ ،قارامايدىمۇ نېفىت ئۇزۇن يىل يەر ئاستىدا يېتىپ ئىچى پۇشۇپ ،ئۇنى قازمىغان ئادەملەردىن ئىچى تىتىلداپ ،ھەي ئادەملەر ،مەن نېفىت بولىمەن ،مېنى قېزىڭلار دەپ  يەرگە ئۆزى بۇلدۇقلاپ ئېتىلىپ چىقىپتىكەن ....دېگەن گەپلىرى ئېسىمگە كەلدى ،بۇ كونا قاراماي دېگەن ئابىدە يەردە نېفىت مانا شۇنداق ئۆزى ئېتىلىپ چىقىدىكەن ،دوستۇمنىڭ دېيىشىچە بۇ كىچىك تۆپىلىكمۇ مۇشۇ بۇلدۇقلاپ چىققان نىفىتلارنىڭ تىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئىكەن ....



ئىلى دەرياسى كۆۋرۈكىدىن تۇنجى ئۆتكۈنۈمدە ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى توۋلاپ ھاياجاندا ئۆتكەن ئىدىم ،تۇرپاندائابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قەبرىسىنى  كۆرگەندە ،ئاقسۇدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ قەبرىسىدە ،ئاتۇشقا مەمتىلى تەۋپىق قەبرىسىدە يىغلىۋەتكەن ئىدىم ،مانا بۈگۈن قارامايدا ،سېلىم بوۋاينىڭ مۇشۇ ھەيكىلى ئالدىدا پەخىرلىنىش ھېسىياتىدا ئۇنىڭغا دۇئالار قىلدىم ،بىر سۆيۈملۈك بوۋاي ،بىر قەدىردان ئۇيغۇر !


(سېلىم بوۋاينىڭ تەپسىلاتىغا قىززىقۇچىلاردا توردىن مۇنۇ ماتىرىيالنى تاپتىم :


قاراماي 18-ئەسىردىن ئىلگىرى ئادەمزاتسىز چۆللۈك بۇلۇپ،كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلالمىغان.19-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە قاراماي ھەققىدە ئانچە-مۇنچە خاتىرىلەرقالدۇرۇلغان.مەسىلەن:‹‹ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يازما ھۆججەتلەر ھەققىدە ئومۇمىي تەھسىل ›› دە ‹‹ قارامايدا ( قارا مايتاغ دەپ ئاتالغان ) ماي بۇلاقلار بەك كۆپ.بۇنىڭ ئىچىدە تاغ چوققىسىدىكى بۇلاق ئەڭ چوڭ،ھەر كۈنى 200 جىڭدىن كۆپ ماي ئالغىلى بۇلىدۇ ›› دەپ خاتىرلەنگەن.‹‹ شىنجاڭنىڭ ساياھەت خاتىرىسى ›› دىگەن كىتاپتا: ‹‹ چۆچەكتە نىفىتلىك بار.نىفىت چىقىدىغان جاي ئۇنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى يېزىدا.چوڭى كۆكتاش،كىچىكى قارامايتاغ دەپ ئاتىلىدۇ.دىخۇا بىلەن ئارلىقى 680 چاقىرىم كىلىدۇ.ھازىرغىچە بايقالغان ماي بۇلاقلار بەك كۆپ…شەخسىيلەر پايدىلىنىدۇ.ماينىڭ سۈپىتى ياخشى بۇلۇپ قۇيۇق ھەم قارا ›› دەپ يېزىلغان.يۇقارقى تارىخى بايانلاردا قارامايدىن ماي چىقىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ،ئەمما ماينىڭ كىم تەرىپىدىن قانداق ئېلىنغانلىقىدەك مۇھىم مەزمۇن خاتىرلەنمىگەن،مەن تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى كۆز-قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتەيقاراماي دىگەن بۇ نام بۇ جاينى تۇنجى قېتىم تاپقان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغان كىشى-سېلىم بوۋاي تەرىپىدىن قۇيۇلغان.سېلىم بوۋاينىڭ قاچان قايەردە تۇغۇلۇپ،قاچان قايەردە ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئىنىق ماتىريال يوق.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،ئۇ قارامايغا بېرىشتىن ئىلگىرى شىخونىڭ چېپەيزە دىگەن يېرىدىكى ئەشمەت ئىسىملىك بىر چارۋىچىنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل ئىشلىگەن ئىكەن.بىر قېتىم ئەشمەت مال باققىلى چىققاندا قاتتىق بوران چىقىپ كىتىپ قايتىپ كېلەلمىگەن.سېلىم ئۇنى ئىزلەش جەريانىدا ھازىرقى كونا قارامايدىكى تاغ ئۈستىدىن بۇلدۇقلاپ ماي چىقىپ تۇرغان بۇلاقنى ئۇچۇرتىپ قالغان.شۇ چاغلاردا ئۇ تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ يولىنى ئىزلەپ يۈرگەنلىكى ھەم ئەشمەتنىڭ ئۆيىدە بىكار يېتىپ يۈرۈشنى ئۆزىگە لايىق كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن،شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ جاينى ماكان تۇتۇپ ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن.بۇ 1911-يىللارنىڭ ئالدى-كەينى بولغاچقا،ئۇ چاغلاردا شىنجاڭدا تېخى ئىلىكتىر چىراقلار يوق ئىدى.شۇڭلاشقا سېلىم بوۋاي ماي بۇلاقتىكى ماينى يەرلىك ئۇسۇلدا چەككىلەپ ئەتىراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا ئاپىرىپ سېتىش بىلەن جان باققان.كىشىلەر ئۇنىڭدىن ‹‹ سەن نەلىك؟ ›› دەپ سورىسا ئۇ: ‹‹ ماي بۇلاقلىق ›› ( يەر يېغى چىقىدىغان يەردىن) دەپ جاۋاپ بەرگەن.كېيىنچە ئۇ بۇنىڭغا قانائەتلەنمەي يەر يېغى قارا بولغاچقا ھەم ماي بۇلاقلار جايلاشقان تاغلار قارا بولغاچقا ئۆزىنى ‹‹ قارا مايلىق ›› دەپ ئاتايدىغان بولغان (بۇ جاي ھېلىمۇ كونا قاراماي دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە).سېلىم بوۋاي ئۇستا قوشاقچى ۋە سازەندە بۇلۇپ،ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلىرى ھەققىدە        

   نەلىكسەن دىگەنلەرگە،     

    قارامايلىق دەپ كەتتىم   

    ئېشەكلىك ئۈچ كۈن مېڭىپ            

     شىخۇغا ئاران يەتتىم

دەپ قوشاق تۇقۇغان.سېلىم بوۋاينىڭ تىۋىپلىقتىنمۇ خەۋىرى بۇلۇپ،ئۆز كېسىلىنى ئۆزى كۆرگەن.شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئۆمىرى جاپادا ئۆتكەن بولسىمۇ،70 ياشتىن ئاشقاندا ئالەمدىن ئۆتكەن.

سېلىم بوۋاينىڭ ماي بۇلاق (قاراماي) دىكى ھاياتى 1911-يىلدىن 1957-يىلغىچە داۋاملاشقان بۇلۇپ، ئۇ بۇ ئۇزاق جەرياندا ماي بۇلاق ئەتىراپىنى كېزىپ نۇرغۇنلىغان ماي بۇلاقلارنى بايقىغان تۇنجى ئىگلىك ياراتقۇچى.ئۇ ئازادلىقتىن كېيىن جۇڭگۇ نىفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئومكىگە يولباشچى بۇلۇپ قاراماي نىفىتلىكىنىڭ ئېچىلىشىغا زور تۆھپە قوشقان.

   

ماكانىمدۇر ماي بۇلاق،      نەلىكسەن دىگەنلەرگە،      ئوت-چۆپى بار بۇ يەرنىڭ،

جەرەن بۇلاق،ئاق بۇلاق.   قارامايلىق دەپ قويدۇم.     سۈيى يوكەن بۇ يەرنىڭ.

توھمەت،ئالۋاڭ-ياساقتىن،   تاپسام يېڭى ماي بۇلاق،    قاراماي دەپ ئات قويدۇم،

باغرى تازا ساق بۇلاق.      دۇرۇت ئوقۇپ ئات قويدۇم.   مېيى باركەن بۇ يەرنىڭ.




  ‹‹ سېلىم بوۋاي قوشاقلىرى ››



مەنبە:شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر مۇنبىرى  

،ماكانىم مۇنبىرى )


ئەمدى قاراماي شەھەر ئىچىدىكى شاقىراتمىنىڭ مەنزىرىسىدىن ئۈچ ۋاراق :



ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز بۇ قۇرۇلۇش تولىمۇ بەلەن ئىكەن ،بولۇپمۇ سالقىنلىقى ...



يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرى بۇ يەر ساياھەتچىلەرنىڭ ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش ئورنى ئىكەن ،بۇژغۇنلىغان سۇلار يېنىدا ئاۋۇ ئاسما كۆۋرۈكتىن ئۆتسە تولىمۇ سالقىنداپ قالىدىكەن كىشى ...




كۈندۈزلۈك مەنزىرىسىنى كۆرۈپ گەپلىرىمگە ئىشەنمەي قالمىسۇن دەپ چىراغلىق كەچلىك مەنزىرىسىنىمۇ رەسىمگە تارتىۋالدىم ..ھەقىقەتەن پەيزىكەن ..


شۇنداق قىلىپ قاراماي شەھەر ئىچىدە ئويناپ بولغاندىن كىيىن 100 كىلومىتىر يىراقتىكى شەيتانكەرش تامان يۈرۈپ كەتتۇق .



قارامايدىن چىقىپ شەيتانكەرشتە ماڭغان يولدا كۆز يەتكۈسىز دالىدا ،دۆڭلۈك تاغلاردا سانسىزلىغان  بۇرغۇلاش ماشىنىلىرىنى كۆردۈق ،ساناپ بېقىۋىدۇق ،ئېزىپ كەتتۇق ....




   شەيتانكەرشكە ماڭار يولدا قەھرىمان قۇدۇق دەپ نام بېرىلگەن 193-نېفىت بۇرغىلاش قۇدۇقىنى كۆزدىن كەچۈردۇق .




قەھرىمان قۇدۇقنىڭ تەرجىمھالى بۇ يەردە قېنى ئالدىرماي ئوقۇيلى بۇرادەرلەر ....




شەيتانكەرشنىڭ بايانىنى مۇنۇ قۇرلاردىن كۆرۈڭ




تەبىئەتنىڭ بۇ مۆجىزىلىرى كىشىنى ھاڭ تاڭ قالدۇرىدۇ ،مۇنۇ رەسىمدىن شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك تۆپىلىكنى تېپىپ بېقىڭ ؟



بىر سائەتلىك سەپەر ئىچىدە ساياھەت  ماشىنىسى 4-5 يەردە توختاپ ساياھەتچىلەرگە نۇقتلىق مەنزىرىگاھلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ،ساياھەتچىلەرمۇ بەس بەستە تۆگىگە مىنىپ ،قىلىچلارنى تۇتۇپ رەسىملەرگە چۈشتى ۋە قۇملۇق موتوسىكىلىتىنى ھەيدەشتى .


يۇقاردىكى رەسىمنى يېتەكچى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ؛جۇرۇنفا،پۇرۇنفا دەمدۇ 3-4فىلىمنى كۆرۈنۈشكە ئالغان يەر دەپ كۆرسەتتى ،مەن ئۇنى بىلمىگەندىن كىيىن ئۆزۈم ئۇياق بۇياقلارغا قاراپ ھەر خىل ھايۋانلارغا ئوخشايدىغان توپا دۆۋىلىرىنى رەسىمگە تارتتىم ....




شەيتانكەرش باغچىسىدىن چىقىپ قايتار يولىمىزدا ئورقۇ بازىرىدا مۇنۇ دىنىزاۋور باغچىسىغا كىرىپ  2-3 رەسىمگە تارتتىم ؛




بۇ باغچىغا كىچىك بالىلارنى بىر ئېلىپ بارسا بولغۇدەك ،ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل دىنىزاۋور ھەيكىلى بولغاندىن سىرىت يەنە كىچىك كۆل ئۈستىدە ھەر خىل تەنھەركەت ئۈسكۈنىلىرى بولۇپ خەنزۇچە جېجىياڭ قانىلىدىكى "ئۆزىنگە جەڭ ئېلان قىلىش "تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئىچىدىكى بىر قانچە تۈر بار ئىكەن ....



مۇنۇ رەسىمگە قاراپ سۇنىڭ قانچىلىك تېز  ئېقىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلالىدىڭىزمۇ ؟ناۋادا رەسىمگە قاراپ پەرەز قىلالمىغان بولسىڭىز ،سىز ئۈچۈن ئايرىم تەييارلىغان سىن نۇسخىسىنى بىر كۆرۈپ قويۇڭ .


مەن تېز ئاققان بۇ سۇغا قاراپ  "ئاققان سۇدەك ئۆتكەن ۋاقىت "دېگەن،سۇدەك ئۆتكەن ھايات مۇساپىسى دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلگەندەك بولدۇم .....


ئاققان سۇدەك ئۆتۈپ كەتكەن ھايات -توغرا ،ۋاقىت ھەقىقەتەن تېز ئۆتمەكتە ،مانا ھەش-پەش دېگۈچە 2011-يىلىمۇ ئاخىرقى پەسىلگە كىردى ،ھەممىمىز ۋاقىتنى قەدىرلەپ ،ھەر بىر كۈنىمىزنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ ئۆزىمىزگە يۈز كېلىپ ياشايلى ،چەكلىك ۋاقىتتىن ئوبدان پايدىلىنىپ ھاياتىمىزنىڭ ھەر قايسى پەسىللىرىنى رەڭدار مەنالارغا تولدۇرۇشقا تىرىشايلى ........



5-ئۆكتەبىر كەچ سائەت  7دە شەھرى بورتالادا تاماملاندى



wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 19:20:34

توردىن شەيتانكەرشنىڭ رەسىملىرىدىن بىر قانچىنى تاپتىم ،بۇ يەرنىڭ سەھەر ۋە كەچتىكى مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل بولۇپ رەسىمكارلارنىڭ تەلپۈنىدىغان يېرى ئىكەن ...


\"\"



\"\"



function يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 19:21:59

شۇ يەرلەرگە بارغاندەك بولدۇم.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 21:42:14

ئۇياق-بۇياقلارغا بېرىپ باقمغىلى خېلى بوپتۇ، بۇ بايراملىق دەم ئېلىشنىمۇ ئۆيدىن چىقماي تۈگىتىپ قوياي دېدىم. \"\"

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 22:19:23

قارامايغا تولا بارىمەن مەن . بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەك گۈزەللىشىپ كەتتى . ھازىر شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل شەھەر بولۇشقا مۇناسىپ . ھەم گۈزەللىكى ، ھەم تىنىچلىقى مەپتۇن قىلىدۇ مېنى . ئەسىر باغچىسىغا بارمىغان ئوخشىمامسىلەر؟ كېچىدىكى ‹سۇ ئىكرانى› بەك پەيزىكەن ، ئۇ ئىكراندا يەنىلا جېكسون ھەممىدىن ئاقسا چىقىدىكەن ...



بۇ بايرامدا دەم ئالغان بىر نەچچە دوستۇم بىلەن يەكەنگە بېرىپ ئىككى كۈن ئويناپ كەلدۇق .تەسىراتىممۇ خېلى چوڭقۇر ، ئالدى بىلەن بايقىغىنىم يەكەننىڭ قىزلىرى ئوبدانلام تەنناز كىيىنىپ قويىدىكەن .(ئىشقىلىپ كۆپكەن) بىزنىڭ يۇرتتا يىگىتلەر قوبۇل قىلالمىغۇدەك دەرىجىدىكى كىيىملەرنى يەكەندە ئادەتتىكى كىيىمدەكلا كىيىپ قويىدىكەن .

ئادەملىرى بەك سىلىق ، بەك ئاقكۆڭۈل ، يەكەن مۇشۇ ئادەملەر بىلەن تولىمۇ گۈزەل بىلىندى . چۈنكى بىز ھەممىمىز يەكەنگە تۇنجى كېلىپ باققاچقا بەك جىق كىشىلەردىن يول سوراپ كەتتۇق . قىزلاردىنمۇ سورىدۇق ، يىگىتلەردىن،چوڭلاردىن ، چاقچاق قىلىپمۇ سورىدۇق،چېقىشىپمۇ سورىدۇق ،توساپمۇ سورىدۇق، قوغلاپمۇ سورىدۇق ھەممىسىلا بەك ئەستايىدىل ، دوستانە گەپ قىلىپ مەنزىللەرنى توغرا كۆرسىتىپ بەردى...بۇمۇ تەسىر قىلدى .

يەنە ئاماننىسا خانىشنىڭ مەقبەرىسىنى ئايلىنىپ قويدۇق . شۇ يەرنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى كونا قەبرىلەر ئارىسىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تازا تىلاۋەت قىلىۋاتقان ئىككى ئادەمنى كۆرۈپ قالدىم . ئۇلارنى ھازىرقى ‹سوپى›لاردىنمىكىن دەپ ئويلىدىم . بىر خەنزۇ ئابدۇرەشىتخان سۇلتاننىڭ قەبرىسى ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنى ‹مۇڭغۇل›دەپ تونۇشتۇردى ... بۇ مەن ئاڭلاپ باقمىغان گەپ ئىكەن ،ھەيران قالدىم.

يەكەندە يەنە مېيىپ كىشىلەر كۆپ ئۇچرىدى .... ....

ئىشقىلىپ يەكەنمۇ ئوبدان يۇرتكەن ...

perwasiz يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 22:30:17

ماۋۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ شۇيەر لەرگە بارغاندەك بۇلدىكەن ئادەم .مەنمۇ ساياھەت خاتىرەمنى چىقىرىپ قويسام بۇلامۇ نىمە . خېلى كۆپ جايلىر نىڭ رەسىمى باتى .

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 22:49:14

بىلمىسە بىلگۈسى كەلگەن ، بىلسە ئىچى ئاچچىق بولغان  \"\"  \"\"

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 22:52:59

خىزمەتداش ئاكىمىز بىر مۇڭغۇل كىشى بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇ مۇڭغۇل كىشى ئاماننىساخاننى بىز مۇڭغۇللارنىڭ كېلىنى دەپتىكەنتۇق . \"\"

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 01:21:09

سۈرەتكە  تارتىش  دېگەن  ھەۋەس تە  ،

، مېنىڭ سۈرەتكە  تارتىش بىلەنمۇ چۈشۈش بىلەنمۇ خوشۇم يوق....

ئەمما كۆرۈشنى ياقتۇرىمەن... \"\"

يازمىسىمۇ  سۈرەتكە  قاراپ جىق نەرسىلەرنى ھېس قىلالايدىكەن كىشى..

ئەمما  ئاۋۇ تەسۋىرلەدىن زوق ئالدۇق...



قارامايغا بېرىپ قالسام، مۇشۇ يەرلىرىگە بارسام بولغۇدەك...

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 02:18:11

wapadarim912


خىزمەتداش ئاكىمىز بىر مۇڭغۇل كىشى بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇ مۇڭغۇل كىشى ئاماننىساخاننى بىز مۇڭغۇللارنىڭ كېلىنى دەپتىكەنتۇق .   

-------------



ئاساسەن توغرا.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 03:41:08

سەئىدىيە خانلىغىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇللار ...........................

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 04:08:39

قاراماينىڭ قىز باللىرى گۈزەللىك بىلەن ھورۇنلۇقتا داڭلىق دەپ ئاڭلىغان

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 14:09:31

بۈگەن دوستلار بىلەن گۈلساي قەبرىستانلىقىغا چىقىپ رەھمەتلىك ئۇستازلارنى يوقلاپ كەلدۇق.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 19:18:05

رەسىملەر باردۇ ؟

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 19:20:41

11- قەۋەتتىكى jeckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قاراماينىڭ قىز باللىرى گۈزەللىك بىلەن ھورۇنلۇقتا داڭلىق دەپ ئاڭلىغان





  بولاپمۇ تويغا بارغاندا بەك گۈزەل ،  شۇڭا تويلاردا ھەممىسى ئۇسۇل -پۇسۇللارغا چۈشۈپ كەتسە بىز بىر نەچچە ئاغىنە باللا  مەخسۇس كۆزنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرىمىز \"\"

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 19:37:53

  \"\"



بۇ  بۇرغۇلاش ماشىنىسى ئەمەس.  بۇ كاچالكا دەپ ئاتىلىدۇ.  نىفىت ئالىدۇ. مۇشۇ كۈندە چىقىپ كاچالكا ساناپ قويىدىغانلار ھازىر قاراماينىڭ خوجايىنلىرى بولاپ قالدى.  ھەم بۇ خىزمەت قىززىق نوقتىلىق خىزمەت. ئارقا ئىشىك بىلەن كىرىمەن دىسىمۇ نەچچە تۈمەن خەجلەپ يولى دەل تاپالىسا كىرەلەيدۇ.  بۇ كاچالكا سانايدىغانلار نى نىفىت ئىلىش ئىشچىلىرى دەيمىز .采油工


  ھازىر مۇنداق بىر خەلق قوشاقى چىقتى :



伟大的钻井工


光荣的修井工


不要脸的采油工



  \"ئۇلۇغ \" بۇرغۇچىلار



    شەرەپلىك رىمۇنىتچىلار



        نۇمۇسسىز نىفىتچىلار



ھاھاھاھا



بۇرغۇلاش ماشىنىسى دىگىنىڭلار (ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئاتالمايدۇ. بورۋاي دەپ ئاتىلىدۇ )



\"\"



  ئەڭ جاپاكەش  بۇرغۇلاش ئىشچىلىرى 钻井工  :



\"\"




  قۇدۇق رىمۇنىت ئىشچىلىرى 修井工



\"\"




نىفىت ئىلىش ئىشچىلىرى 采油工



\"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 19:44:11

ئاۋۇ مۇڭغۇل تۇمىقى كىيىۋالغان رۇسلان شۇ  {:90:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 19:58:07

رەسىملەر باردۇ ؟



--------------------------------------

قارىسام يەنە شۇ ھەشەمەتچىلىك، رەسىمگە تارتمىدىم. ساق ۋاقتىدا ھالىغا يەتمىگەن ئاتا-ئانىسىنى ئۆلگەندە بولسىمۇ، ئارامىدا قويسا بولمامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ كەتتىم.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 21:44:43

10-قەۋەت:سەئىدىيە خانلىغىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇللار

قايسى تارىخچى بوۋىڭىز ئۈگەتكەن بولغىيتى سىزگە مۇشۇ گەپنى

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 21:48:19

10-قەۋەت:سەئىدىيە خانلىغىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇللار

قايسى تارىخچى بوۋىڭىز ئۈگەتكەن بولغىيتى سىزگە مۇشۇ گەپنى

---------------------------------------------------

ئىلمى پاراڭ قىلىڭە،  ئوتقۇيرۇقلۇق قىلماي. سەئىدىخان چىڭگىزخاننىڭ يەتتىنچى ئەۋلادىمۇ ئىشقىلىپ شۇنداقراق، سەئىدىخانغا كەلگەندە ئۇلار ئاساسەن ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن. ئۇنداق بولمىسا ئاساسىڭىزنى دەڭ، ئاۋۇ ئىنكاس ئېگىسىمۇ بىر سېسىق گەپ قىلسام ئاندىن سىز ئەگەشسىڭىز ... شۇ نەتىجىدىن خوش بولامتىڭىز يا؟!
بەت: [1] 2
: «سېلىم بوۋام»نى كۆرۈپ كەلدىم