katran يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 11:15:33

بەك بەك بەك جىددى ياردەم لازىم ![تېخنىكا]



ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى مىنىڭ كومپيۇتېرىمغا دىئاگۇنۇز قويۇپ بىرىشڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

ئاۋۋال كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسىنى دەي

------------------

System Information

------------------

Time of this report: 10/4/2011, 21:13:54

       Machine name: PC2011091014MYC

   Operating System: Windows XP Professional (5.1, Build 2600) Service Pack 3 (2600.xpsp_sp3_qfe.101209-1646)

           Language: Chinese (Regional Setting: Chinese)

System Manufacturer: Gigabyte Technology Co., Ltd.

       System Model: M61PME-S2

               BIOS: Award Modular BIOS v6.00PG

          Processor: AMD Athlon(tm) 64 X2 Dual Core Processor 5800+,  MMX,  3DNow (2 CPUs), ~3.0GHz

             Memory: 2048MB RAM

          Page File: 493MB used, 9585MB available

        Windows Dir: C:WINDOWS

    DirectX Version: DirectX 9.0c (4.09.0000.0904)

DX Setup Parameters: Not found

     DxDiag Version: 5.03.2600.5512 32bit Unicode



يىڭپەن 160جى . ئىچكى ساقلىغۇچ 2جى .  مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئا م د قوش يادرولۇق 5800+  كۆرسىتىش كارتىسى 256مىگابايىت



ئاساسلىق كىسىلى

1. چوڭراق ئويۇنلارنى ئوينىسام 穿越火线 دىگەندەك . چوڭراق يۇمشاق دىتال ئىشلەتسەم  ئافىتر دىگەندەك

2. قىسمەن ئەھۋالدا بىكار تۇرغۇسى كەلمەيمۇ ئۆچۈپ قويىدۇ تىخى توك پۇلىسىنى تىجەپ

3.مۇشۇنداق ئۆچۈپ قىلىشتىن بۇرۇن س پ ۇ نىڭ ئۈستىدىكى شامالدۇرغۇچ دەھشەت تىز ئايلىنىپ ئاۋازى كارامەت چوڭ چىقىدۇ  

4.ئۆچۈپ قالغان ھامان قايتا قوزغاتسام   تاساددىپى قوزغىلىپ قالمىسا  .داۋاملىق  قوزغىلالمايدۇ

5.ئۆچۈپ قالغاندىن كىين بارلىق توك مەنبەسىنى ئىتىپ كومپيۇتېرنى 10مىنۇت يالغۇز قويۇپ قويسام  پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ يەنە مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ

لىكىن مىنىڭ بۇرنۇمغا سۇ كىرمەي يەنە شۇ يۇقىردا دىيىلگەن 1.دىكى ئىشلارنى قايتا قىلسام يەنە خۇيى تۇتۇپ قالىدۇ گەپ قىلسام يا گەپ قىلمايدۇ بۇ خەنزۇنىڭ بۇتىدەك قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئىشى يوق

ماڭا بۇ كومپيۇتېرنىڭ قايسى جايىدىن چاتاق چىققانلىقىنى  بىللە دىئاگۇنۇز قويۇشۇپ بەرسەڭلار

بەيدۇدىكى بۇرادەرلەردىن سورىسام   بىرسى ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئىشى دەيدۇ يەنە بىرىسى  شامالدۇرغۇچنىڭ ئىشى دەيدۇ

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 12:46:01

كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ سوۋۇتۇش قۇرۇلمىسىدا مەسىلە باركەن ، cpu نىڭ شامالدۇرغۇچىنى ئالماشتۇرۇڭ ، سىنكارتىنىڭ شامالدۇرغىچىنى تازلاڭ، ئاساسىي ئاپپارات ئىچىنى تازلاپ كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئېلىپ تاشلاپ باشقا قاتتىق دېتاللار ئۈچۈن بوشلۇق چىقىرىڭ ، سىملارنى رەتلەڭ ، كومپىيۇتېرىڭىزنى ھاۋا ئۆتىشىدىغان يەرگە قويۇڭ ، بۇلۇڭغا كۇلۇڭغا قويماڭ .

bluewolf يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 12:49:20

مېنىڭ تۇنجى كومپىيوتېرىم دەل مۇشۇنداق بولۇپ قالغان، كېيىن يېڭىنى ئالغاندىن كېيىن چۇۋۇۋەتكەن. مېنىڭچە توك مەنبەسىنىڭ چاتىقى بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 12:57:03

يۇقىردىكى تورداشلار دىگەندىن باشقا يەنە، سىنكارتا توپلاشتۇرۇلغان ئوخشايدۇ. ئويۇن ئوينايمەن دېسىڭىز چوقۇم مۇستەقىل سىنكارتا سەپلەڭ.

RGB يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 14:27:00

مەشغۇلات سېستىمىسىدىكى مەسىلىنى ساقىت قىلغاندا ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش قۇرۇلمىسىدىكى مەسىلىدەك قىلىدۇ ، زىلتار ئەپەندىم دىگەندەك قىلىپ سىناپ بېقىڭ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 14:53:51

ما بالىنى ، ئالدىنقى بىر ئىنكاسىدا دەپ بەرسەم، يەنە تىما قىلىپ يېزىپ يۈرۈپتۇ، ئۆچۈپ قېلىپ بىردەمدىن كېيىن، قوزغاتسا قوزغىلىدىغان بولۇپ قالغان بولسا، مەسىلە ئاساسى جەھەتتىن CPU  نىڭ سوۋۇتقۇچ سۇيۇقلۇقى تۈگەپ كەتكەنلىكىگە مەركەزلىشىپ قالىدۇ.

تىۋىپ010 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 15:16:25

تىۋىپ010 ئاكامىدىن سورا.

function يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 19:29:14

شۈنلېيدە ھۆججەت چۈشۈرىۋاتقاندا سىن قويسا ئاۋازنىڭ سوزۇلۇپ چىقىشى، ئۇنىماي قويىۋەرسەم، كۆك ئېكران بولۇپ ئۆچۈپ قېلىشى نېمىدىن بولغان ئىش؟ بۇرۇن ئۇنداق ئەمەس ئىدى.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 19:38:33

توك مەنبەنىمۇ تەكشۈرۈڭ

chaqmaq137 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 13:51:02

ئەگەر توك پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولسا قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى باسسىمۇ ئىنكاس بولمايدۇ توكتىن پۈتۈنلەي ئايرىۋىتىپ بىر دەمدىن كىيىن قايتا توكقا ئۇلىغاندا قوزغالسا يۈزدە- يۈز توك مەنبەنىڭ چاتىقى ،ئادەتتە توك مەنبەنىڭ نورمىسى ئېشىپ بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بار بۇ ئىقىتىدارى قوزغالسا مەنبە توك تەمىنلەشتىن توختايدۇ دە پۈتۈنلەي ئۆچىدۇ ،كىيىن قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى باسسىمۇ قوزغالمايدۇ ،ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بولسا ئىككىلەنمەي توك مەنبەنى ئالماشتۇرسىڭىز بۇلىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-10-6 16:23:52

بەزىدە شامالدۇرغۇچنى نەچچە كۆرۈپمۇ ھەل بولمىغان ئىش، ئۆزەك بىلەن ئىسسىقلىق تارقاتقۇچ ئارىسىغا سۈرۈلگەن سىلتىسىي يىلىمنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپ، كاۋاكچە بوشلۇق شەكىللىنىپ، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزەلمەسلىكتىنمۇ يۈز بەرگەن بولىدۇ.
بەت: [1]
: بەك بەك بەك جىددى ياردەم لازىم ![تېخنىكا]