Mehrigiya يوللانغان ۋاقتى 2011-10-4 17:21:50

ھامىلە تەربىيىسى نېمە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ؟


ھامىلە تەربىيىسى تىلغا ئېلىنسىلا ، ئاز بولمىغان كىشىلەر بۇ ئاتالغۇغا نىسبەتەن رەت قىلىش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرىشىدۇ. ‹‹ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن چوقۇم تەربىيە سىڭدۈرۈش كېرەكمۇ، مېنىڭ بالامنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارلىقلاردىن بولۇپ چىقىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق››.


ئەمەلىيەتتە ، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقىنى ھامىلىگە مەلۇم خىل بىلىمنى‹‹ ئۆگىتىش›› ئەمەس، ئالاھىدە ئىقتىدارلىقلارنى تەربىيىلەش ئۇسۇلىمۇ ئەمەس. ھامىلەئانا قورسىقىدا ، تۆرەلمە باسقۇچىدىن باشلاپ، بارا-بارا ھەرخىل ئىقتىدارلارنى ھازىرلاشقا باشلايدۇ. بۇ خىل ئىقتىدارلار بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىنمۇ ھالقىپ كېتىشى مۇمكىن.ئەمما بەزىلەر ، گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئاتا-ئانىنىڭ ئېرسىي تەسىرى بالىنىڭ ئىقتىدارىنى مەلۇم دەرىجىدە بەلگىلەيدۇ دەپ قارايدۇ.بۇ خىل قاراشتىكىلەرگە ھامىلە تەربىيىسىنىڭ زۆرۈرىيىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشتە ، بىر ئانا بىردادىدىن بولغان بالىلارنىڭ خىلمۇ-خىل مىجەز-خارەكتىرگە ئېگە بولۇشتەك تۇغما پەرقلەرنى نەقىل قىلىشىمىز مۇمكىن.ئەلۋەتتە تۇغۇلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇش شارائىتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمما بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقىنى تۇغما پەرقلەر. بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇنداق بايانلىرىنىمۇ ئاڭلا قالىمىز : يەنى ئاكىسى تۇغۇلغان چاغدا جىم تۇرمايدىغان ئېمىشكە ئامراق؛ ئىنىسى بولسا يۇۋاشراق. ھەرىكەت قىلمايدىغان دېگەندەك. ئاكا-ئىنىدە ئوخشاشلا ئاتا-ئانىنىڭ ئېرسىي تەسىرى بار ، يەنە نېمە ئۈچۈن ئالاھىدىلىكىدە پەرق بولىدۇ. بۇ ئانا قورسىقىدىكى چاغدىكى مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ، يەنىمۇ ئىنچىكىرەك ئېيتقاندا ئانا ئۇچرىغان ھەرخىل تەسىرلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ.


ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئادەم تېنى سان-ساناقسىز ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن. تەپسىلىيرەك دېگەندە، ئادەم تېنىدە، 60 تىرىليارد(60万亿)تىن ئارتۇق ھۈجەيرە بار. ھاياتلىق ئانا تېنىدە تۆرەلگەن چاغدا، ئاران بىرلا ھۈجەيرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ھۈجەيرە شىددەت بىلەن بۆلۈنۈپ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ. ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشى بىلەن بىرگە ، ھەرخىل ئىقتىدارلارنىڭ بىخ سۈرۈش ھەرىكىتىمۇ تەڭ قەدەمدە بولىدۇ. بۇ چاغدا ئانا قانداق تەسىرگە ئۇچرىسا ، ھاياتلىقمۇ شۇنىڭغا ماس بولغان مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن، كىچىك ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈش ئۇسۇلى ۋە ئېرىشكەن ئىقتىدارلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.


   ھۈجەيرە بۆلۈنۈپ ئۆسۈش جەريانىدا، ئەگەر مەلۇم زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىسا، مەيلى قانداق ئىقتىدارلىق ئېرسىي ئامىللارنى ھازىرلىغان تەقدىردىمۇ، ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالىشى تەسكە توختايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ھامىلە ئىقتىدارىنىڭ مول بولۇش مۇمكىنچىلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن،ياخشى ئۆسۈش شارائىتى ھازىرلىمىغاندا ، بۇ خىل مۇمكىنچىلىكمۇ كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ.


ھامىلە تەربىيىسى ھامىلىگە مەلۇم بىلىمنى ئۆگىتىپ قويۇش ئەمەس، بايا ئېيتقىنىمىزدەك، مول بولغان مۇمكىنچىلىكنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرتىشتىن ئىبارەت.ھامىلە بولسا ، ئۆزىنىڭ كۈچى بىلەن، تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئۆز ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ. يەنى مەلۇم ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە. ھامىلە قورساق ئىچىدە تۇرۇپ، ئاڭلايدۇ، تېرىسى بىلەن سېزىدۇ.ئاڭلىغىنى، ھېس قىلغىنىنى ئەستە ساقلايدۇ. يەنى دورايدىغىنى ئانىنىڭ ھەرىكەت، تاۋۇش،بەلگىلىرى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئانىنىڭ كۆرگىنى، پۇرىغىنى، ھېس قىلغىنى ، كەيپىياتى قاتارلىقلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى ئىچكى ئاجراتمىلار ئارقىلىق ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى 266 كۈندە، ھامىلە چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى مۇشۇ مەزگىلدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولىدۇ.تۇغۇلغاندىن كېيىن چوڭ مېڭە ھۈجەيرە سانى ئاشمايدۇ.


(پەرۋىش پەرزەنت تەربىيىسى بلوگىمىز سىزنى قارشى ئالىدۇ! http://parvish.blogbus.com/)


Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 13:11:23

قارىغاندا ھامىلدار ئانا دايىم پاكىزە يۈرسە ۋە مۇڭلۇق ئاۋازلانى پىلانلىق، كۆپرەك ئاڭلاپ بەرسە ياخشى بولغىدەك.
بەت: [1]
: ھامىلە تەربىيىسى نېمە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ؟