uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-9-29 10:52:42

سۈنئى كىچىك مىڭە چاشقاننىڭ تېنىدە تەجرىبە قىلىنىپ مۇۋاپپىقيەتلىك بولدى .[تەرجىمە





ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 21سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئىسرائىلىيە تىلئاۋۇف ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىللىرى سۈنئى كىچىك مېڭىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىققان ھەمدە چاشقاننىڭ تېنىدە تەجرىبە قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان كىچىك مىڭە بولسا مېڭىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى، ئاساسلىقى بەدەننىڭ ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە كونترول قىلىدۇ.تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىر مەزگىل كىچىك مىڭنىڭ خىزمەت پرىنسىپىنى تەتقىق قىلغاندىن كىيىن >سۈنئى كىچىك مىڭە<دەپ ئاتالغان بۇ كومپيوتېر ئۈزىكىنى ياساپ چىققان .بۇ سۈنئى كىچىك مىڭە چوڭ مېڭىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى قۇبۇل قىلىپ ئۇنى يىشەلەيدىكەن ھەمدە ماس ھالدا سىگنال تارقىتالايدىكەن .







   تەجرىبە جەريانىدا تەتقىقاتچىلار ئاۋال چاشقاننى ناركوز قىلىپ ئاندىن چاشقاننىڭ كىچىك مىڭە ئىقتىدارىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغان ،ئاندىن ئېلېكتر قۇتۇپى ئارقىلىق بۇ ئۈزەكنى چاشقاننىڭ چوڭ مېڭىسى بىلەن ئۇلىغان .پۈتۈن تەييارلىقلار پۈتكەندىن كىيىن چاشقانغا بىر قانچە قېتىم ئوخشاش بىر خل ئاۋازنى قويۇپ بەرگەن ھەمدە كۆزىگە ھاۋا پۈركۈگەن .تەجرىبە نەتىجىسى شۇنى بىلدۈردىكى سۈنئى مىڭنى چاشقانغا ئۇلاپ يۇقىرىقىدەك ھەرىكەتنى تەكرارلىغاندا چاشقاندا شەرتلىك رېفلېكس يۈز بېرىپ ھەركەت قىلغان. ئۇلىمغان ھالەتتە بولسا چاشقان ھەركەت قىلمىغان.





ئالىملار بۇ ئۈزەكنىڭ كەلگۈسىدە گومۇش ،پارالىچ ،سەكتە قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلارغا ساغلاملىق پۇرسىتى ئېلىپ كېلىشىنى ئۆمۈد قىلىدىكەن .ھازىر بولسا ئالىملار بۇ ئۈزەكنى تېخىمۇ چوڭراق ھايۋانلاردا تەجرىبە قىلىپ تىنى چوڭ ھايۋانلارغائۈنۈمى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ .



مەنبە :تېڭشۈن تورى

esir يوللانغان ۋاقتى 2011-9-29 12:39:12

مۇشۇ ۋاقىتقىچە بىئولوگىيىلىك نېرۋا سىگنالى بىلەن ئېلېكتىر سېگنالى ئوتتۇرىسىدا قانداق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە گاڭگىراپ، بۇ خىل خەۋەرلەرگە ئىشىنىشكە سەۋەب تاپالماي يۈرگەنتىم.


جاھاننىڭ بەكلا كەينىدە قالدىممۇ نېمە !

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-9-29 12:46:49

بىئولوگىيىلىك نېرۋا سىگنالىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئېلېكتىر سىگنالى.


دوختۇرخانىدىكى يۈرەك تەكشۈردىغان، مېڭە تەكشۈردىغان ئۈسكۈنىلەر يۈرەكتىكى، مېڭىدىكى ئېلېكتىر سىگنالىنى ئۆلچەش ئارقىلىق تەكشۈردۇ.


جانلىقلار تىنىدە توك بار. ئىشەنمىسىڭىز پىشقان ئالمىىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بىر تال مىس ياپراقچە بىلەن بىر تال سىنىك ياپراقچىسىنى سانجىپ قويۇپ ئونۋېرسالمېتىرنىڭ ئىككى چوكىسىنى مىس بىلەن سىنىكقا تەككۈزۈپ بېقىڭ.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-29 13:39:24

نېرۋا پائالىيىتى ئاساسەن رېفىلكىسنى پائالىيەت شەكلى قىلغان، ئادەم بەدىنى غىدىقلىنىشنى قۇبۇل قىلغاندىن تارتىپ تاكى نېرۋا مەركىزى بۇيرۇق بېرىپ ئىنكاس قايتۇرۇشقىچە بولغان جەرياندا ئۇچۇرلار نېرۋا ئىمپۇلىسى (ناھايىتى ئاجىز بولغان زەرەتلەر ئېقىمى) ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ....

بەت: [1]
: سۈنئى كىچىك مىڭە چاشقاننىڭ تېنىدە تەجرىبە قىلىنىپ مۇۋاپپىقيەتلىك بولدى .[تەرجىمە