tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 15:03:33

زەمزەم كەبى تامچەڭلار بارمۇ؟ «جىددىي مۇراجەت»

زەمزەم كەبى تامچەڭلار بارمۇ؟ «جىددىي مۇراجەت»




ئەسسىلاممۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار! مۇشۇ دەقىقىدە ھاياتى خەۋپ ئاستىدا تۇرغان ھەمشىرىمىزنىڭ تۆۋەنچىلىك بىلەن يازغان بىر پارچە مۇراجەتنامىسىنى بىر تەرەپتىن ئوقىغاچ بىر تەرەپتىن ئاجىزەنىڭ يۈرەك ساداسىنى بارلىق قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە مانا بۇ ئىلتىماسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز تۆكىلىۋاتقان ياشلار قەغەز ئۈستىگە بىر تامچە- بىر تامچىدىن چۈشۈپ ھۆل قىلىشقا باشلىدى. مۇشۇ دەقىقدە شۇنى ئويلاپ كەتتىم: كاشكى كۆزلىرىمدىن ئاققىنى ياش ئەمەس زەمزەم بولسىچۇ؟...


ئەسلى ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق:

تۆنۈگۈن ئىشخانىدا جىددىي بىر ئىش بىلەن مەشغۇل ئىدىم، شۇ ئارىلىقتا مۇنبەردىكى ئۆزھال ئاكام بىرىنىڭ بىزنىڭ ئىشخانىغا بارىدىغىنىنى كۆرۈشۈپ ئەھۋالىشىشىپ بېقىشىمنى، مۈمكىن بولسا ھەممەيلەننىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈشىمىزنى ئۈمۈد قىلىدىغىنىنى دېدى. دېگەنكىدەك ھايالشىمايلا ئوتتۇرا ياش بىر ئاكىمىز كەلدى، قولىدا كىچىك ۋە ئاددىيلا بىر سومكا، سومكىغا سېلىۋالغان بىر مۇنچە ماتىرىيال دېگەندەك نەرسىلەر ئوچۇقلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئىشخانىغا كىردۇق، بىرەر قۇر ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ئۇ ئېلىپ كەلگەن دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلىدىكى تەكشۈرتۈش نەتىجىلىرى، قانچە قېتىم دوختۇرخانىدا ياتقىنى، قاچاندىن تارتىپ دېگەندەك تەپسىلاتلارغا ئىگە بولدۇم. كېسەلگە گىرىپتار بولغىنى بۇ ئاكىمىزنىڭ ئايالى ئىكەن، ئۆزى ئوقۇتقۇچى، ئوماق بىر قىزى بار ئىكەن. ئارىدا بىر قانچە پارچە بىرگە ئېلىپ كەلگەن سۈرەتلەرنى چىقاردى، سۈرەتلەرگە قاراپ ئاكىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن ئەگىگەن ياشلىرىنىمۇ دەقىقە ئىچىدە كۆرۈپ قالدىم. ئايالىنىڭ ئىسمى مىھرىگۈل قادىر، قەشقەر شەھىرى يېڭى شەھەر بارىن يېزىسى 2- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن، ھەدىمىز 2006- يىلىدىن تارتىپ ئاستا خاراكتىرلىك بۆرەك ياللۇغى كېسىلى بىلەن دوختۇرخانىنىڭ بوسۇغىسىدىن بېرى كېلەلمەپتۇ. بۇ جەرياندا بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم پېركرىستاللىزاتسىيە ئېلىپ بېرىلىپتۇ، ھەر قېتىمدا 2000 يۈەن خىراجەت قىلىدىكەن. تاكى ھازىرغىچە داۋالىنىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت راسخوتىدىن ئاتچوت قىلغاندىن سىرت 200 مىڭ يۈەن خىراجەت قىلىپ بوپتۇ. بۇ پۇللارنىڭ ئاز بىر قىسىمىنى مەكتەپتىكى رەھبەرلىك، بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە بىر قىسىم ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىدىن كەلگەن بولۇپ، كۆپ قىسىمىنى ئىمكان بارلىكى كىشىلەردىن قەرز ئېلىپتۇ. ھازىر دوختۇرلار ھەدىمىزگە ۋە يولدىشىغا تېزدىن بۆرەك ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بولمىغاندا ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالىدىغىنىنى، بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن يەنە 200 مىڭ يۈەن خىراجەت كېتىدىغىنىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. ئاكىمىز مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك زار- زار يىغلاپ بارمىغان يېرى قالماپتۇ، قەرز ئالىدىغانلاردىن ئېلىپ بولغاچقا ئۇلارغا قايتا ياردەم بېرىشكە قوشۇلماپتۇ. ئاقىۋەت ئاكىمىز ئىلاجسىز ئايالىنىڭ ئۈمۈدىنى ئارمان قىلىپ جەمئىيەتتىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ياردەم سورىماقچى بولۇپتۇ. ئاكىمىز ئايالىنى داۋالىتىش سەۋەبى بىلەن ھەممە ئىشنى تاشلاپ ھازىر ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتىتى 1- تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ ئەتراپىدىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ تۇرۇپ قان تازىلىتىش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. ئوماق سەبىي قىزىنى بولسا تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە قالدۇرۇپتۇ...


رەھبىرىمىز يۇقارقى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بۇ ئاجىزەنىڭ قەلب نىداسىنى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ۋاكالىتەن يەتكۈزۈشۈمنى تاپىلىدى، ئۆزى بولسا تولىمۇ ئاق كۆڭۈل ئادەم، شۇ قىينچىلىق ئىچىدە قالغان قېرىندىشىمىز بىلەن ئالاقە قىلىپ ياردەم قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى. ئىشخانىدىكىلەرمۇ ئاز بولسىمۇ دەپ كۆڭلىمىزنى يىغىپ قويدۇق، ئاللاھ خالىسا ئەتە ھەدىمىزنى كۆرگىلى بارغاچ بېرىپ كېلىمىز دېيىشىۋاتىمىز، بۇ ئىشقا ھەتتا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدىكى بىر قىسىم ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان كىشىلىرىمىزمۇ ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنۇشتى.


ھەدىمىزنىڭ بىردىنبىر ئۇلۇغۋار ئارزۇسى شۇكى: ھەر قايسى ئاق كۆڭۈل، سېخى، مېھىرلىك قېرىنداشلارنىڭ ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمۈد قىلىش بىلەن بىرگە كېسىلىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىپ مەرىپەت سېپىگە تېزدىن قايتىشنى، يولىغا تەلمۈرۈپ تۇرغان شۇ غۇنچىلىرى قەلبىنى بىلىم نۇرلىرى بىلەن نۇرلاندۇرۇشنى، شۇ ئىنتىزار بولغان سەبىي، ئوماق چېھىرلەر بىلەن دىدارلىشىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن. قېرىنداشلار ئوقۇتقۇچى ئىنسان ھاياتىدا ئانىدىن قالسىلا ئەڭ مۇھىم كىشىللىرىمىزدىن بىرى. بىر شام ئۆچسە قانچىلىك سەبىي قەلبىدە نۇر ئۆچىدۇ بۇنىسى ھەممەيلەنگە ئايان! ئىمكان بولسا ساخاۋەتلىك قولىمىزنى سۇنۇپ ئابىھايات زەمزەملىرىمىزدىن بىر تېمىمدىن بولسىمۇ تېمىتساق ئالەمچە ساۋابلىق بىر ئىش بولار ئىدى.

يۇقارقىلار ئۇلار تەمىنلىگەن ماتىرىياللار، كەم قالغانلىرىنى ئەتە بىز بارغاندا ئېلىپ كېلىپ تولۇقلايمىز:






























يۇقارقىلار بىمارنىڭ يولدىشى بىرگە ئېلىپ كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدىن تاللاپ سىكانتىرلىۋالغانلىرىمىمىز.....



بۇلار بولسا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جانسىز كارتىنىلىرى:




بۇ ئوماق قىز بىمارنىڭ سەبىي قىزى «ئاللاھ كىچىككىنە بۇ قىزنى ئانىسىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىشقا نىسىپ قىلمىسۇن»



بىمارنىڭ كىملىكى ۋە بانكا كارتىسى










سودا- سانائەت بانكا كارتا نومۇرى:6222023002015004982


ئىشلەتكۈچى نامى:米热古丽·卡迪尔


تېلىفۇن ئالاقە نومۇرى:


13699972884، 8070880



ئەگەر ئايرىم بانكا كارتا نومۇرى تەسىس قىلىدىغانئىش بولسا ئايرىم ئەسكەرتىلسە، بۇ ئارقىلىق ئىئانە قىلغۇچى ۋە سوممىسى مۇنبەردە ئېلان قىلىنىدۇ


15- ئۆكتەبىر قوشۇلغان مەزمۇن:


ئىنكاس يېزىۋاتقان دوستلار «تېما باھالاش» قا نەزەر ئاغدۇرىۋەتسەڭلار.


قېرىدىشىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپلەپ بىر ئىش قىلىپ بېرەيلى دەپ ئويلاپ بىر قىسىم ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقچى بولغان ئەپسۇس بىر ئاز چەكلىمىلىككە ئۇچراپ قالدۇق. خانىمنىڭ يېقىندا قان تازىلىتىش جەريانىدىكى بىر پارچە سۈرىتى. دائىم ھەدىمىز بىلەن تېلىفۇن ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ تۇرىۋاتىمەن، بۇنداق ۋاقىتتا تەسەللىمۇ بەك مۇھىم نەرسە ئىكەن، مۇشۇ جەرياندا كۆڭلۈم ئەڭ يېرىم بولغىنى بۇ ھەپتە بېشىدا تېلىفۇنلاشقاندا دېگەن بىر ئېغىز «ھاياتىمدىن ئۈمۈدۈم ئۈزۈلدى» دېگەن گېپى بولدى، گېلىمغا ئاچچىق بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك تۈزۈكمۇ گەپ قىلالمىدىم. ...ئەشۇ نارىسىدە قىزىئانىسىنىڭ مېھرىگە قانچىلىك قانغان ھە؟ .....





بىمارغا پۇل ئىئانە قىلغانلار ئىسىملىكى ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ:


1.espresso دوستىمىز 106 سوم.


2. hx1 دوستىمىز 50 سوم سالماقچى بولغانلىقى دېگەن ئىدى، مەن بىر پىلان بارلىقىنى بىراقلا سېلىشىنى دەپ توختىتىپ قويۇپ تۇرغان ئىدىم، بىلمىدىم سالدىمىكىن.


يۇقارقى ئىككىسى مەن بىلەن ئالاقە قىلغانلار، ئىئانە قىلغانلار ئىسىملىكى داۋاملىقتېمىغا يېڭىلىنىپ قوشۇلىدۇ.


dilara يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 15:49:11

ئاللاھتىن بۇ ئاچىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق تىلەيمەن. بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز.


چۈشەنمىگەن يېرىم: دۆلەت شىتاتىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى نېمىشقا ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئاخىرىغىچە داۋالىنالمايدۇ؟ نېمىشقا داۋالىنىش خىراجىتىنى ھۆكۈمەت تولۇق ئاتچوت قىلمايدۇ؟! بىزنىڭ ناھىيىدە ئىچكىرىگە探亲قىلغىلى بارىدىغانلارنىڭ بارلىق چىقىملىرى ئاتچوت قىلىناتتى. ھەتتا بىر يىللىق چىقىمى 500 مىڭ يۈەنگە يەتكەن شەخسلەرمۇ تۈزۈك خىزمەت قىلمىغان تورۇغلۇق، تالونلىرىنى تولۇق ئاتچوت قىلدۇرالايتتى. (مەنبە: مالىيە ئىدارىسىدا كۆرگەنلىرىم)


ئەمما ھازىرغىچە مۇشۇنداق ئېلانلاردىن بىلىشىمىزچە، خىزمىتى يوقلار ئاساسەن ئۆز خىراجىتى بىلەن داۋالىنىدىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ مەكتىپىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى نېمىشقا...... ھەي، بولدىلا.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 15:52:25

گاھىدا مەنمۇ دىلارەگە ئوخشاشلا خىيال قىلىپ قالىمەن، ئەمما ئۆزۈم خىزمەتچى بولمىغاچ بىلەلمىدىم.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 15:52:53

اللە دىن شىپالىق تىلەيمەن!


اللە مىھرىباندۇر، مىھرىبان بەندىللىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.مىھرىبانلىقىمىزنى يەتكۈزەيلى قېرىنداشلار!

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 16:03:47

1- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللاھتىن بۇ ئاچىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق تىلەيمەن. بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز.


چۈشەنمىگەن يېرىم: دۆلەت شىتاتىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى نېمىشقا ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئاخىرىغىچە داۋالىنالمايدۇ؟ نېمىشقا داۋالىنىش خىراجىتىنى ھۆكۈمەت تولۇق ئاتچوت قىلمايدۇ؟! بىزنىڭ ناھىيىدە ئىچكىرىگە探亲قىلغىلى بارىدىغانلارنىڭ بارلىق چىقىملىرى ئاتچوت قىلىناتتى. ھەتتا بىر يىللىق چىقىمى 500 مىڭ يۈەنگە يەتكەن شەخسلەرمۇ تۈزۈك خىزمەت قىلمىغان تورۇغلۇق، تالونلىرىنى تولۇق ئاتچوت قىلدۇرالايتتى. (مەنبە: مالىيە ئىدارىسىدا كۆرگەنلىرىم)


ئەمما ھازىرغىچە مۇشۇنداق ئېلانلاردىن بىلىشىمىزچە، خىزمىتى يوقلار ئاساسەن ئۆز خىراجىتى بىلەن داۋالىنىدىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ مەكتىپىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى نېمىشقا...... ھەي، بولدىلا.





تولۇق ئەمەلىيشكەن بولسا ئىدى ئۇلارمۇ سارغىيىپ يۈرمەس ئىدى. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە تەمىنلىنىدۇ.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 18:11:42

بەك چىرايلىق خانىمكەن.كېسىلىگە شىپالىق تىلەيمەن.


ئەتە پۇل سېلىۋېتەي.

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 20:45:12

مەزكۇر يازمىنى گۈدۈكتىكى مىكرو بىلوگىمدا ئېلان قىلدىم. ئاللاھ بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرگەي ئامىن.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 22:35:45

مۇشۇ پۇل دىگەن نەرسىنىزە ، ... مىنىڭمۇ شۇنداق جىق پۇلۇم بولغان چاغدا خەيرى -ساخاۋەت قىلمايدىغان تاش يۈرەك بولۇپ قالمىسام بولاتتىغۇ

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-9-30 10:47:30

بۇ يازمىنى باشقا تور بېكەتلەردىمۇ ئېلان قىلساق بوپتىكەن مۈمكىن بولسا.


يەنە تۇمارىسنىڭ ۋاقتى چىققاندا بىمارنىڭ كۈنلۈك بولمىسىمۇ ھەپتىلىك ھالىدىن خەۋەر بېرىپ تۇرسا...شۇنداق گۈزەل بىر خانىمنىڭ مۇشۇنداقلا توزۇپ كېتىشىگە چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ...

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-10-1 10:51:55

بۇ ئىش ئۈچۈن قانچىلىك ئىش قىلالىساق . قانداق ياردەم قىلىش قولدىن كەلسە بىر ياردەم قىلىپ قويايلى . قىرىنداشلار .باشقا تور بەتلەرگە يوللاپ قويۇشمۇ بىر تۈرلۈك ياردەم ھىساپلىنىدۇ .


bahadir1002 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-1 11:39:38

باشقا بانكىلارنىڭ ھىساۋات نۇمۇرىبولغان بولسا تېخىمۇ ئوبدان بولاتتكەن

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-1 11:59:30

تۇمارىسنىڭ بۇ تېمىغا ۋاقتى چىقمايۋاتامدۇ قانداق؟ ئەسلى بىرىنچى بەتتە بىرەر ئاي بولسىمۇ چوققىلاپ قويىدىغان ئىشكەنتۇق...



ھەممىڭلار دۆلەت بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-1 12:28:08

ئىنكاس يېزىپمۇ بولسا چوققىلاپ قويايلى ئەمىسە .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-1 12:33:08

پەستىكى ئەلا دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىۋېتىڭلار ، ئەلا دىگەن باھا 30 قا يەتكەندە ئاپتوماتىك جەۋھەرلىنىدۇ .

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 15:27:41

تىمىغا شۈنچە ئۇزاق ۋاقىت بوپتۇ تىخى پەستىما باللار ؟

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 15:43:56

بۇ خانىمنىڭ ئەھۋالى قانداقراقكەن ئۆزھال؟ سىز تەۋسىيە قىلغۇچى بولغاندىكىن سەل كۆڭۈل بولۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن...بىر يېقىن تونۇشىمىز مۇشۇ كېسەل بىلەن ۋاپات بولۇپ كەتكەنتى،كۆڭلۈم يېرىم...



پۇل مەسىلىسى قانداق بوپتۇ؟ يەنە ئەۋەتەمدۇق قانداق؟

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 17:15:50

ئىنكاس يېزىۋاتقان دوستلار «تېما باھالاش» قا نەزەر ئاغدۇرىۋەتسەڭلار.


قېرىدىشىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپلەپ بىر ئىش قىلىپ بېرەيلى دەپ ئويلاپ بىر قىسىم ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقچى بولغان ئەپسۇس بىر ئاز چەكلىمىلىككە ئۇچراپ قالدۇق. خانىمنىڭ يېقىندا قان تازىلىتىش جەريانىدىكى بىر پارچە سۈرىتى. دائىم ھەدىمىز بىلەن تېلىفۇن ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ تۇرىۋاتىمەن، بۇنداق ۋاقىتتا تەسەللىمۇ بەك مۇھىم نەرسە ئىكەن، مۇشۇ جەرياندا كۆڭلۈم ئەڭ يېرىم بولغىنى بۇ ھەپتە بېشىدا تېلىفۇنلاشقاندا دېگەن بىر ئېغىز «ھاياتىمدىن ئۈمۈدۈم ئۈزۈلدى» دېگەن گېپى بولدى، گېلىمغا ئاچچىق بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك تۈزۈكمۇ گەپ قىلالمىدىم. ...ئەشۇ نارىسىدە قىزىئانىسىنىڭ مېھرىگە قانچىلىك قانغان ھە؟ .....


\"\"


\"\"



بىمارغا پۇل ئىئانە قىلغانلار ئىسىملىكى ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ:


1.espresso دوستىمىز 106 سوم.


2. hx1 دوستىمىز 50 سوم سالماقچى بولغانلىقى دېگەن ئىدى، مەن بىر پىلان بارلىقىنى بىراقلا سېلىشىنى دەپ توختىتىپ قويۇپ تۇرغان ئىدىم، بىلمىدىم سالدىمىكىن.


يۇقارقى ئىككىسى مەن بىلەن ئالاقە قىلغانلار، ئىئانە قىلغانلار ئىسىملىكى داۋاملىقتېمىغا يېڭىلىنىپ قوشۇلىدۇ.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 19:41:50

كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى بىر جاننىڭ مۇشۇنداق توزۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا... \"\"

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 20:13:06

ھازىر ئەھۋالى قاندىقىراقكەن ؟
بەت: [1]
: زەمزەم كەبى تامچەڭلار بارمۇ؟ «جىددىي مۇراجەت»