Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 13:44:13

دۇنيادىكى ئەڭ...[تەرجىمە]

قايسى خىلدىكى پاقىنىڭ «بۇرۇتى» ئەڭ كۆپ؟ ئەڭ ھۇرۇن بېلىق قايسى؟ قايسى دەرەخ ئەڭ زەھەرلىك؟ قايسى دېڭىز ئەڭ سۈزۈك؟ ئەڭ كۈچلۈك پارتلايدىغان يانار تاغ قايسى؟ ئەڭ بۇرۇنقى كومىدىيە فىلىمى قايسى؟قايسى كىتابنىڭ بەت سانى ئەڭ كۆپ؟ بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان جانلاندۇرۇم فىلىمى قايسى؟ئىسمى ئەڭ ئۇزۇن بولغان پايتەخت قايسى؟ ئەڭ بۇرۇن ئالەم بوشلۇقىدا قەدەم سالغان كىشى كىم؟ تارىختا ئەڭ يىراققا ئېتىلغان توپ ئوقى قايسى؟ ئەڭ تېز يولۇچىلار ئايرۇپىلانى قانچىلىك تېز؟ ... مانا بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ھەربىر ئادەمنىڭ بىلگۈسى كېلىدۇ. سىزنىڭمۇ بىلگۈڭىز كەلگەندۇ... ئۇنداق بولسا ھەركۈنى قىسقىغىنە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ «دۇنيادىكى ئەڭ...» نى ئوقۇپ قويۇڭ. پايدىلىنىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس.





دۇنيادىكى ئەڭ



بىرىنچى باب ھايۋاناتلار ئىچىدىكى ئەڭ



سۈت ئەمگۈچى ھايۋاناتلار ئىچىدىكى ئەڭ



      دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان كىت، بۇ خىلدىكى ھايۋاناتلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېڭىزلارغا تارقالغان.


ئۇنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 170توننا كېلىدۇ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 30مېتىر ئەتراپىدا. كىتنىڭ بېشى ناھايتى چوڭ، ئۇنىڭ تىلىدا 50نەچچە ئادەم تۇرالايدۇ.


   كىتلار بىر يىل ھامىلىدارلىق مەزگىلىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئادەتتە قىش پەسلىدە تۇغىدۇ. ئەمدىلا تۇغۇلغان كىتنىڭ ئېغىرلىقى 2.6توننا، ئۇزۇنلۇقى 7.5مېتىر كېلىدۇ. بالا كىتنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولىدۇ، ئادەتتە ئۇ ئانىسىنى ئېمىپ 24سائەتتىن كېيىن ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 100كلوگرام ئېشىپ، ھەر مىنۇتىغا تەخمىنەن 70گرام ئاشىدۇ. بالا كىت توغۇلۇپ 7ئايدىن كېيىن ئۇنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 23توننا، ئۇزۇنلۇقى 16مېتىر كېلىدۇ، ھەمدە سۇ ھايۋاناتلىرىنى يىيىشنى ئۆگىنىدۇ. بالا كىت 5يىلدىن كېيىن قۇرامىغا يېتىدۇ، قۇرامىغا يەتكەن كىتلار ئادەتتە 50-80يىلغىچە ياشايدۇ.


    كىتنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ناھايتى كەڭ بولۇپ، ئۇنىڭ مايلىرىدىن سۇپۇن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ؛گۆشى ناھايتى مەززىلىك بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى؛ كىتنىڭ جىگىرىدە مول ۋىتامىن بار؛سۆڭىكىدىن يىلىم ئىشلەپچىقىرىلىدۇ؛ گۆشى ۋە ئىچكى ئەزالىرىدىن ئەلا سۈپەتلىك ئۇغۇت ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار دائىم كىتنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ پايدىلىنىدۇ. بۇ كىتلارنىڭ زور دەرىجىدە ئازلاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نۆۋەتتە كىت دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالدى.



داۋامى بار...



Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 14:17:04

داۋامى ئۇخلاپ قالىدىغان ئەڭ.. تېما بولمىسىلا بولدىغۇ.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 14:40:29

سۇئال: دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك كۆل نەدە؟
جاۋاب: بىزنىڭ مەھەللىدە

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-9-29 11:34:59

قېنى داۋامى يوقاپ كەتتىغۇ ؟

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2011-9-29 12:38:15

بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ تۇغۇدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان: قۇيرۇقسىز كىرپە



ئافرىقىدىكى ماداغاسقار ۋە كومورو تاقىم ئاراللىرىدىكى بىرخىل قۇيرۇقسىز كىرپە، ياۋايى ھايۋاناتلار ئىچىدىكى بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ تۇغۇدىغان ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بىر قېتىملىق تۇغۇتىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 31دانە تۇغالايدۇ(بۇنىڭ ئىچىدە 30ى ئەي بولىدۇ). ئادەتتىكى ئەھۋالدا، قۇيرۇقسىز كىرپە 12-15گىچە تۇغىدۇ.



بەت: [1]
: دۇنيادىكى ئەڭ...[تەرجىمە]