uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 14:49:59

سىرلىق ئادەم بەدىنى[تەرجىمە]


بۇ رەسىم ئادەم بەدىنىدە ئاڭ كۆپ ئۇچرايدىغان قان ھۈجەيرىسى‏-قىزىل قان شارچىسىنىڭ رەسىمى.بۇ ئوتتۇرىدا كىچىك ئورەكچىلار بولغان ھۆجەيرىنىڭ ئاساسلىق رولى بولسا ئوكسىگېننى ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ھەر كۇپ مىللىمېتىر قان تەركىبىدە تەخمىنەن 4مىليوندىن 5مىلىيونغىچە ،ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە بولسا 5مىليوندىن6مىلىيونغىچە قىزىل قان شارچە ھۈجەيرىسى بار ،دېڭىز يۈزىدىن قانچە ئېگىزدە ياشىغان ئادەمنىڭ قىزىل قان شارچە ھۈجەيرىسى شۇنچە كۆپ بولىدۇ ،چۈنكى ئۇلار ياشاۋاتقان مۇھىتتا ئوكسىگېن قۇرۇقلۇققا قارىغاندا شۇنچە كەمچىل.








چاچنىڭ شاخلىنىپ كېتىش ھادىسىسى .چاچنى دۋاملىق كەستۈرۈپ تۇرسا ،ئاسراشقا دىققەت قىلسا ھەمدە پاكىز تۇتسا بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلانغىلى بولىدۇ .









تاجىسىمان تۇخۇم ھۈجەيرىسى

بۇ رەسىم سۆسۈن رەڭلىك ئىنسانلار تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ تۈۋرۈكسىمان نەرسە ئۈستىگە مۇقىملىشىپ تۇرغان كۆرۈنىشى .بۇ ھۈجەيرە سىرتىنى بىرقەۋەت گىلىكوپىروتون ئوراپ تۇرغان بولۇپ ،ئۇ تۇخۇم ھۈجەيرىسىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ .








ئۆپكە راكى ھۈجەيرىسى يەنى بىنورمال بولغان ئۆپكە راكى ھۈجەيرىسى ،نورمال ئەھۋالدا راك ھۈجەيرىسى ئادەم بەدىنىدە مەۋجۇت ،لېكىن ئادەم بەدىنىدە چەكلىشىگە ئۇچراپ تۇرغاچقا ئۆزكۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ .پەقەت مەلۇم فىزىكىلىق،خېميەلىك ۋە بىئولوگىيىلىك ماددىلارنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندىن كىيىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە چەكسىز كۆپىيىپ، ئادەم بەدىنىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.








رەسىمدىكى بولسا ئىنسانلار ئۆپكىسىنىڭ ئچىكى قىسىمى .رەسىمدىكى كامار نۇقتىلار بولسا ئادەم بەدىنىنىڭ ھاۋا ۋە قان ئايلىنىش سورىنى بولغان ئۆپكە پۈۋەكچىسىدۇر .








ئىنچىكە ئۈچەي تىۋىتلىرى --بۇ خىل تۈزۈلۈش ئىنچىكە ئۈچەي دىۋارىنىڭيۈزىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. تەپسىلى قارىسىڭىز رەسىمدىن ئۈچەي دىۋارىغا چاپلىشىپ قالغان تاماق قالدۇقلىرىنى كۆرەلەيسىز .






تىلنىڭ تەم سېزىدىغان قىسىمى .

بۇنداق نۇقتىدىن ھەر-بىر ئادەم تىلىدا 10،000دىن ئوشۇقراق بولىدۇ .





MSNخەنزۇچە تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى .


dilara يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 16:22:03

مۇشۇلارنى بىز باشقۇرالامدىمىز؟ تاماقنى يەپ بولۇپ ئاشقازانغا \"ھەزىم قىلما\" دېسەك، بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى ئاشقازان، بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلامدۇ؟


ئاشۇ رەتلىك تەرتىپلىكقىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى ياراتقۇچى شۇنداق ياسىمىغان بولسا، ئۆزلىكىدىن، ياكى تاساددىپىي شەكىللىنىشى مۇمكىنمۇ؟ نېمىشقا ھەممىسىدە بىر ئورتاق قانۇنىيەت بار؟

berna يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 18:25:39

قۇدرەتلىك ئاللا شۇنچىلىك ھېكمەت بىلەن ياراتقان ئىكەن.


مۇشۇنىڭغا ئائىت كەسىپنى ئۇقۇپ قالغىنىمدىنپۇشايمىنىم يوق(ئاللاھ خالىسا)،ئاللاغا مىڭ شۈكرى

karizqi يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 20:47:12

ئادەم بەدىنىدە ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان ئېلىمىنىتلار ئاساسەن ھەممىسىبىرىكمەياكى يەككە ھالەتتە تېپىلدى.ئادەمتۇپىراقتىن يارىتىلغان دىگەن ھۆكۈم پەنئارقىلىقمۇ ئىسپاتلاندى .

buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 22:04:25

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!!!


تېما ئېگىسىگە رەھمەت.ھەممىسى غەلىتە بولىدىكەن.

بەت: [1]
: سىرلىق ئادەم بەدىنى[تەرجىمە]