esir يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 10:33:32

ياردەم قىلىڭلار باللا

ئىشخانىنىڭ كومپيۇتېرى يېقىندىن بېرى نورمال قوزغىلىپ 10 مىنۇتلاردىن كېيىن ئۆچۈپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. (باش ئاپپارات نورمالدەك قىلىدۇ، ئېكراندا سىگنال يوق)


ۋىرۇس بولۇش ئېھتىمالى نۆل، چۈنكى سىستېمىنى ئالماشتۇرۇپ باقتىم، ۋىندوۋس 7، 8 لاردىمۇ ئوخشاش.


ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ مەسىلىسى بولۇش ئېھتىمالىنىمۇ چەتكە قاقتىم، چۈنكى بۇنى ئالماشتۇرۇپ سىنىساقمۇ ئوخشاش.


كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ مەسىلىسى بولۇش ئېھتىمالىمۇ ئانچە ئەمەس، چۈنكى توپلاشتۇرۇلغان سىنكارتا بىلەن ئايرىم سىنكارتا سېلىپ سىنىغاندا نەتىجە ئوخشاش.


كەسپىي كومپيۇتېر كاشىلىلىرىنى ئوڭشايدىغان ئورۇن يىراقتا بولغاچقا، ئىزدىنىشتىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىغا سۇندۇم. ياردىمىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 11:07:57

主板 يەنى ئانا تاختىدىكى مەسىلە.

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 11:08:57

CPU نىڭ تېمپىراتۇرسىغا قاراپ بېقىڭ. بەك قىززىپ كەتكەن بولسا سوۋۇتۇشنىڭ ئامالىنى قىلىڭ. نورمال بولسا ئېكراننى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىڭ.

kamandaz يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 11:17:36

3_خىل ئەھۋال بولىشى مۇمكىن:
1.ئاساسىي تاختىدىكى سىملار توكنى ياخشى ئۆتكۈزمىسە شۇنداق بولىدۇ( ئۆز بىشىمدىن ئۆتكۈزگەن)، مەن بۇنى ئاساسىي تاختا بىلەن توك مەنبەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان سىمنى ئالماشتۇرۇپ ئوڭشىغان.
2. CPUنىڭ شامالدۇرغۇچىسىدىكى چاتاق، CPUقىززىپ ئۆچۈپ قىلىشى مۇمكىن، CPUنىڭ تىمپراتۇرىسىغا قاراپ بېقىڭ. ئەگەر مۇشۇ مەسىلە بولسا شامالدۇرغۇچنى ئالماشتۇرۇۋىتىڭ ياكى 主机نىڭ يان قىپىنى ئېلىۋىتىپ ئىشلىتىڭ.
3_ كومپيۇتېر سەپلىمىسى بەك تۆۋەن بولۇپ، يۇقىرى سەپلىمە تەلەپ قىلىدىغان دېتاللىنى قاچىلاشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 11:25:36

1-سى پى يۇ شامالدۇرغۇچى


2-توك تەمىنلىگۈچ

dilara يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 11:46:50

مەنمۇ بىر ئىشنى سورىۋالاي:  مەن ئىشلىتىۋاتقان كومپىيوتېردىن شاقىرىغان ئاۋاز كېلىدۇ. بەزىدە خۇددى ئىستانۇك ياكى شال توكلۇق شال ھەرىسىنىڭ ئاۋازىدەك. لاپتوپتىن ئۇنداق ئاۋاز پەقەت چىقمايدۇ.


بۇنداق ئاۋاز كېلىشى كومپىيوتېرنىڭ بەك كونىلىقىنىڭ ئالامىتىمۇ ياكى ئوڭشىغىلى بولامۇ؟

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 11:48:41

بىرنى تۇلۇقلاپ قوياي،cpu ئەتراپىدىكى كوندىساتورلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ،تېشىلىپ كەتتىمۇ يوق،ئادەتتە كۆز بىلەنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ(كوندىساتورنىڭ ئۈستىنكى يۈزىدە روشەن كۆپۈش ئەھۋالى بولىدۇ)،ئەمما بۇ مەسىلە بۇرۇنقى 845,865 ئانا تاختىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان.


amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 11:52:37

دىلارا،ئاساسلىغى توك مەنبەنىڭ شامالدۇرغۇچى،cpu نىڭ شامالدۇرغىچىدىن ۋە باشقا ئاساسى ئاپارات قېپى ئىچىدىكى باشقا شامالدۇرغۇچلاردىن چىققان ئاۋاز.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 12:24:25

مەنمۇ يېقىندا كومپيۇتېرىمنىڭ ئاساسى تاختىسىنى ئالماشتۇرغان ئىدىم . نەتىجىدە بىر كۈن ئىشلىتىپلا كومپيۇتېر ئۆزى بىلەن ئۆزى قايتا-قايتا قوزغىلىۋېرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى . ئۇقسام ، مېنىڭ كونا توك مەنبەيىم يېڭىدىن سالغان  ئاساسى تاختىنى نورمال توك بىلەن تەمىنلىيەلمەپتۇ... شۇنىڭ بىلەن مەنبەنى ئالماشتۇرسام رېكىتتەك مېڭىۋاتىدۇ ...

dilara يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 14:02:47

دىلارا،ئاساسلىغى توك مەنبەنىڭ شامالدۇرغۇچى،cpu نىڭ شامالدۇرغىچىدىن ۋە باشقا ئاساسى ئاپارات قېپى ئىچىدىكى باشقا شامالدۇرغۇچلاردىن چىققان ئاۋاز.  


.......................................


مۇشۇ ئاۋازنى بىر ئاز پەسلەتكىلى بولماسما؟

Queen يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 14:18:48

مەنمۇ بىر مەسىلىنى سورىۋالاي:


كومپىيوتېر بۇزۇلۇپ قېلىپ ياساتقىلى ئاپارغان، ئېكرانمۇ شۇنداق تۇتۇق چىقىدىغان بولۇپ قالغانتى، لېكىن ئېكراننى باشقىلارنىڭ كومپىيوتىرىغا ئۇلىسا شۇنداق سۈزۈك چىققانتى،ساق ئوخشايدۇ دەپ ئۆيگە ئېلىپ كەلسەك بۇرىنقىدەكلا سۇس چىقىۋاتىدۇ. بۇ زادى نىە ئىشتۇ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 14:57:47

مەنمۇ بىر ئىشنى سورىۋالاي:  مەن ئىشلىتىۋاتقان كومپىيوتېردىن شاقىرىغان ئاۋاز كېلىدۇ. بەزىدە خۇددى ئىستانۇك ياكى شال توكلۇق شال ھەرىسىنىڭ ئاۋازىدەك. لاپتوپتىن ئۇنداق ئاۋاز پەقەت چىقمايدۇ.

بۇنداق ئاۋاز كېلىشى كومپىيوتېرنىڭ بەك كونىلىقىنىڭ ئالامىتىمۇ ياكى ئوڭشىغىلى بولامۇ؟
--------------------------------------------------------------------------

بۇ ئاۋاز CPU شامالدۇرغۇچىدىن ياكى توك مەنبەسى شامالدۇرغۇچىدىن چىقىدۇ، مەھەللىڭىزدىكى سەيپۇڭنىڭ ماشىنا مېيىنى سوراپ چىقىپ، كومپيۇتېر قېپىنى ئېچىپ،  CPU شامالدۇرغۇچىنىڭ ئۈستىدىكى قەغەزنى ئاستا ئاچسىڭىز ، شامالدۇرغۇچنىڭ ئوقىنى كۆرەلەيسىز، شۇ يەرگە بىر نەچچە تامچە تىمىتىپ قويسىڭىز ئوڭشىلىپ قالىدۇ . شامالدۇرغۇچىنىمۇ تازىلاپ قويۇڭ. مەھەللىڭىزدە سەيپۇڭ بولمىسا، بازاردىن تاپالايسىز، مىتال بۇيۇملا دۇكانلىرىغا كىرسىڭىز ئۇچىرايدۇ.  پەقەت تاپالمىسىڭىز مەندە بار (ھېلىقى چىراي ئىپادىسى)

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 15:01:05

     ئالپ ئەپەندى ئېيتقاندەك cpu نىڭ ئىشىمىكىن. مېنىڭ كومپىيۇتىرىممۇ شۇنداق تولا ئۆچۈپ قالاتتى. شامالدۇرغۇچنى نەچچە ئالماشتۇردۇم ، 2-3 كۈن نورمال مېڭىپلا يانا قىززىپ 80 گە چىقىپ كېتىدۇ، توردىن ئاختۇرسام، سەۋەپلىرىنى ھەرخىل دەپتۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسىدە cpuنىڭ توك بېسىمى تۇراقسىز بولغاندا شۇنداق بولىشى مۇمكىن دەپتىكەن. ئون كۈننىڭ ئالدىدا كومپيوتىر قەتئىي ئوت ئالماس بوپ قالدى. توك مەنبەسىنى يېڭىدىن ئالماشتۇردۇم. ھازىر cpu نىڭ تېمپۇراتورىسى ناھايىتى نورمال كېتىپ بارىدۇ. قارىغاندا بۇرۇنقى توك مەنبەسىىدە چاتاق بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 15:05:16

بىر قۇچاق سۇئال چۈشۈپتىغۇ.


شامالدۇرغۇچ ئايلانمايدىغان بوپ قالغان بولسا، ئىسسىقلىق تارقاتقۇچ پەردە تىۋىتلار بىلەن توسۇلۇپ قالغان بولسا، كومپيۇتېر قوزغىلىپ نەچچە مىنۇتتىن كىيىن ئۆچۈپ قالىدۇ. تازىلاش كېرەك. goodluck دىگەندەك قىلسىمۇ بولىدۇ، مۇمكىن بولسا ئىككى يىڭنە بىلەن پۈتۈنلەي چۇۋۇپ تازىلاش كېرەك.



CPU بىلەن كۆرسىتىش كارتىسى ئۈستىدىكى شامالدۇرغۇچلار بىر شاۋقۇن مەنبەسى، سۇ بىلەن سۇۋۇتقۇچقا ئالماشتۇرۇۋەتسە قۇلاق تىنجىيدىكەن. ئىككى سۇۋۇتقۇچ باش، بىر پومپا، بىر يېرىم مېتىردىن ئىككى مېتىرغىچە سۇ نەيچىسى، ئىسسىقلىق ئالماشتۇرغۇچ دىگەندەك نەرسىلەر تاۋباۋدا تېپىلىدۇ، ئەرزان.


dilara يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 15:10:05

goodluck: بۇ ئاۋاز CPU شامالدۇرغۇچىدىن ياكى توك مەنبەسى شامالدۇرغۇچىدىن چىقىدۇ، مەھەللىڭىزدىكى سەيپۇڭنىڭ ماشىنا مېيىنى سوراپ چىقىپ، كومپيۇتېر قېپىنى ئېچىپ، CPU شامالدۇرغۇچىنىڭ ئۈستىدىكى قەغەزنى ئاستا ئاچسىڭىز ، شامالدۇرغۇچنىڭ ئوقىنى كۆرەلەيسىز، شۇ يەرگە بىر نەچچە تامچە تىمىتىپ قويسىڭىز ئوڭشىلىپ قالىدۇ . شامالدۇرغۇچىنىمۇ تازىلاپ قويۇڭ. مەھەللىڭىزدە سەيپۇڭ بولمىسا، بازاردىن تاپالايسىز، مىتال بۇيۇملا دۇكانلىرىغا كىرسىڭىز ئۇچىرايدۇ. پەقەت تاپالمىسىڭىز مەندە بار.


...............................................


كۆپ رەھمەت! قېنى بىر سىناپ باقاي. مەندە سەيپۇڭ ماشىنىسى يېغى يوق. ئۇنىڭ ئورنىغا زەيتۇن يېغى تېمىتىپ باقاي. ئىككىلىسى ئوخشاش ياغ بولغاندىكىن بىر چاتاق چىقماس-ھە.

esir يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 15:28:18

دوستلارغا رەھمەت، ئەسلىدە مەسىلە كۆرسىتىش كارتىسىدا ئىكەن! بۇنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن سەللىمازا ئوڭشىلىپ قالدى.


alip يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 16:14:59

ئەسىر بۇرادەر ئادەمنى ئىلەشتۈرۋاتامسىز؟ دەسلەپتە \"ئايرىم سىنكارتا سېلىپ سىنىغاندا نەتىجە ئوخشاش\" دىگەنتىڭىز شۇڭا ھەممىمىز سىنكارتىدا مەسلە بولۇشنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، باشقا يەرلەرنى تەھلىل قىلىپ كېتىپتىكەنمىز. ئەمدى قوپۇپ كۆرسىتىش كارتىسىدا مەسلە باركەن دەيسىز.


مەن سىنكارتا بىلەن كۆرسىتىش كارتىسنى بىر نەرسە دەپ ئويلاپتىكەنمەن.



باچكا، سۇ بىلەن سوۋۇتۇدىغان سوۋۇتقۇچنى تەييار قىلىپ بازارغا سالمامسىز، پاتېنىت ھوقۇقى ئېلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. سىز دىگەندەك نەيچە، پومپا دىگەندەك نەرسىلەردىن ئۆزىمىز قۇراشتۇرساق ياخشى بولماي قالسا سۇ چىقىپ كېتىپ ئاساسى تاختىنى كۆيدۈرۈپ قاراپ ئولتۇرىمىز.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 16:25:00

باچكا بازارغا سالماقچى بولغان سۇ بىلەن سوۋۇتقۇچتىن ئۈچنى مەن ئالدىن زاكاس قىلاي.

esir يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 16:32:08

ۋاي قېرىندىشىم، مەن ئالماشتۇرۇپ سىنىغان ئىككىلا سىنكارتىدا مەسىلە بارلىقىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز! ھەقىقەتەن سەت بوپتۇ سىزنى ئاۋارە قىلىپ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 16:58:52

17- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باچكا بازارغا سالماقچى بولغان سۇ بىلەن سوۋۇتقۇچتىن ئۈچنى مەن ئالدىن زاكاس قىلاي.

ۋوي ئوبدان.. رەھمەت..

بىر يىل بولدى مەن ئىشلىتىۋاتقىلى، سۇۋۇتۇش قىسىمىنى ياخشىلاشقا ئوبدان لايىھە تەييارلاپ بولساملا تېما يېزىپ ئېلان بېرەي ئەمىسە.


سۇۋۇتۇش بىر مەسىلىكەن دەڭلا، يېڭى ئورناتقاندا، سۇ چىلىكىدە پومپىدىن تەبئىي ئايلىنىدىغان قىلىپ قويسام، ئىككى سائەت ئىچىدە 5 لېتىر سۇنى مۇنچىغا چۈشكۈدەك ئىسسىتىپ تاشلىغانتى، دەسلەپ شامالدۇرغۇچ قويدۇم، ھازىر كىچىكلىتىپ، سۇ قاچىسى ئۈستىگە سۇۋۇتۇش مۇنارى ياساپ ئىشلىتىۋاتىمەن، ئورۇن ئىگىلەپ كەتمەيدۇ، ھېچقانچە ئىسسىقلىق قالمايدۇ، ئۆزگەرتىپ بولساملا سىلەرگە تەۋسىيىلا ئەمەس، تەمىنلەشكىمۇ بولىدۇ.

ئىشتىن سىرتقى ئىشلار مارافونچە بولىدىكەن كاساپەت..



ما بازاردا سېتىلىۋاتقانلىرىنىڭ بىرلا بولمايدىغان يېرى، سۇۋۇتۇش ( ئىسسىقلىق تارقىتىش) قىسىمىغا يەنىلا شامالدۇرغۇچ چاپلايدۇ، شاۋقۇندىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، تېخى ئىككىنى چاپلىشى بار، يۈرۈشلۈكى قىممەت.


16- قەۋەتتىكى alipenwerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىز دىگەندەك نەيچە، پومپا دىگەندەك نەرسىلەردىن ئۆزىمىز قۇراشتۇرساق ياخشى بولماي قالسا سۇ چىقىپ كېتىپ ئاساسى تاختىنى كۆيدۈرۈپ قاراپ ئولتۇرىمىز.



بۇنى كۈزەتكىلى بىر يىل بولدى، ھېچقانداق مەسىلە يوق، پەقەت، ساندۇق ئىچىدە CPU، كۆرسىتىش كارتىسى ئۈزىكى ئۈستىدىكى شامالدۇرغۇچلار ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، توك مەنبە ساندۇقىنىڭ شامالچىسى سۈمۈرگەن شامال ئېقىمىدىن سىرت، ئانا تاختا ئۈزىكى، ئىچكى ساقلىغۇچ ئەتىراپىدا كۈچلۈك ئايلانما ھاۋا ئېقىمى يوقاپ كەتكەچكە، ئۇلار ئۆزلۈكىدىن سۇۋۇشقا مەجىبۇر بولىدىكەن. مېنىڭ تەجرىبە كومپيۇتېرىمنىڭ قۇۋۋىتى يوقىرى بولمىغاچ، ئانا تاختا كۆۋرۈك ئۈزىكى قىزىپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىدى. ئېغىر خىزمەت قىلىدىغان ماشىنا ساندۇقلىرىنىڭ ئىچىدە يەنىلا كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمى بولۇشى كېرەكتۇ، ياكى بىراقلا بېرتىۋا مۇلازىمېتىرنىڭ ئىچىدەك، مەخسۇس شامال يولى قېپى ئىشلەتسە، شامالدۇرغۇچ سانىنى ئەڭ ئاز چەككە چۈشۈرگىلى بولسا بەك بەلەن بولاتتى.بارلىق ئامىللارنى يەكۈنلىگەندە پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان، سۇ بىلەن سۇۋۇتقۇچقا خاس ئايرىم ماشىنا ساندۇقى لايىھىلەش ئەڭ ئېسىل چارە ئوخشايدۇ، شۇ چاغدا پاتىنىت سۇنۇشقا لايىق ئىش چىقىدۇ.

بەت: [1] 2
: ياردەم قىلىڭلار باللا