Mehrigiya يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 10:04:55

بىزدە سېستىمىلىق پەرزەنت تەربىيىسى بولۇشى كېرەك

     بز دائىم ‹‹ ئەۋلادلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز>> دەيمىز ، ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىمىزدا قىلىپ كېتەلمىگەنلىرىمىزنى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىنسانىيەت دۇنياسى بەرپا بولغاندىن بۇيان ، ئەۋلاد تەربىيىسى ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسىگە ئازدۇر كۆپتۇر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن يۈزلىنىپ كەلدى. بۈگۈنكىدەك ھەممىلا ساھە ئىلغارلىق ، مۇكەممەللىكنى قوغلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، پەرزەنت تەربىيىسىنى سېستىمىلىق، ئەتراپلىق ، مول مەزمۇنلۇق ئېلىپ بېرىش دەۋرىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەنئەنە بىلەن تەرەققىيات ، ئىلمىيلىك بىلەن ئەقىدىچىلىكنى قانداق بىرلەشتۈرۈش، تەربىيە ئۇسۇللىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىش، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش دەۋرىمىز ئاتا-ئانىلىرى ھەل قىلمىسا ، ئىزدەنمىسە بولمايدىغان مەسىلىلەردۇر.


  مېنىڭچە پەرزەنت تەربىيىسى نوقۇل ئەدەپ-ئەخلاق، تەلىم-تەربىيەلا ئەمەس. ئاتا-ئانا بولغۇچى ، بالا ئەڭ كىچىك ۋاقىتلاردىمۇ ، ئۆزىنىڭ بالا ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۈلگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى كېرەك. ئۆز ئىش -ھەرىكىتىنى ساپا بىلەن بېزىشى لازىم . بالىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق، تەربىيە شارائىتىغا ئېگە قىلىشقا كۈچەش بىلەن ، بالىدا روھى تەربىيىگە كۈچەش كېرەك.  بومىغاندا بالىلار بەگزادە ، مەلىكە سۈپەت تەييارغا ھەييارلاردىن بولۇپ قالىدۇ.


  قىسقىسى ، پەرزەنت تەربىيىسى كۆپ تەرەپلىمىلىك ، ئىنچىكە جەريان . پەرزەنت تەربىيىسى ئەلۋەتتە ئاياللارنىڭلا ئىشى ئەمەس. دادا بولغۇچىمۇ بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى زۆرۈر.


‹‹پەرۋىش پەرزەنت تەربىيىسى بلوگى ئاتا-ئانىلارنىڭ يۇقارقى ئېھتىياجلىرىنى ئازدۇر-كۆپتۇر قاندۇرۇش مەقسىتىدە ، پەرزەنتلىق بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئاتا-ئانىلار دىن بالىلىق بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر بىر باسقۇچتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. مول مەزمۇنى بىلەن يېتەكچىلىك قىلىدۇ. سىزلەرنىڭ تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!!!››


ئادىرىسى:  http://parvish.blogbus.com/


/



karizqi يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 22:03:58


  قىسقىسى ، پەرزەنت تەربىيىسى كۆپ تەرەپلىمىلىك ، ئىنچىكە جەريان . پەرزەنت تەربىيىسى ئەلۋەتتە ئاياللارنىڭلا ئىشى ئەمەس. دادا بولغۇچىمۇ بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى زۆرۈر.





karizqi يوللانغان ۋاقتى 2011-9-27 22:04:54

جەمئىيەتنىڭمۇ،ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ ناھايتى زور مەسئۇلىيىتى بار.
بەت: [1]
: بىزدە سېستىمىلىق پەرزەنت تەربىيىسى بولۇشى كېرەك