كەسپى ئورۇندىن ئىستىپا بېرىپ مەمۇرلۇققا ئىمتاھان بەرسەك بولامدۇ ؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
ئىزدىنىشتىكىتورداشلار،،
مەن يېقىنداكەسپىي ئورۇن(事业单位)ئىمتېھانىدىنئۆتكەن ،،مۇشۇبىر ھەپتەئىچىدەئىشقاچۈشكۈدەكمىزلېكىنمەنئېمتاھاندىن ئۆتكەن ئورنۇمدىنتازارازىبولمىدىم،،بىرەريىلساقلىساممۇ،،ئۆزەمياقتۇرىدىغانكەسىپكەئېمتاھانبېرىپئۆتۈشئويۇم بار، ئەگەربۇ يەردە ئىشلەۋەرسەم كېيىن باشقا ئورۇنغان ئېمتاھان بېرىپ ئۆتسەم خىزمەتئورنۇمدىن ئىستىپا بەرسەم بولامدۇ ؟
ئاڭلىسام،ئارخېۋىمىزنى ئېلىۋالساقايتۇرۇپ بەرمەسمىش ،،مۇشۇنداقئىشمۇبولارمۇ؟
مەسلىھەتىڭلارنى كۈتىمەن،،
مەمورلۇققا ئۆتۈپ كەتسىڭىز كەسپىي شىتاتتىن ئىستىپا بەرسىڭىز تامامەن بولىدۇ.بىزنىڭ خوشنا ئىدارىلەردە كەسپىي شىتاتى بار تۇرۇپ مەمورلۇققا ئۆتۈپ يۆتكىلىپ كەتكەنلەر خېلى بار.
مېنىڭ تەكلىپىممۇ يۇقارقى تورداشلار بىلەن ئوخشاش ئاۋۋال ئىشلەپ تۇرۇپ مۇئاش ئالغان ئۆگۈنىشنى تاشلىماي مەمورلۇققا ئىمتىھان بەرسىڭىز ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
بۇ بالا چوقۇم يېشى كىچىك، زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇللاردىن. شۈكۈرى قىلىپ ئىشلەپ تۇرغۇلۇق. تامامەن بولىدۇ ئۆتەلىسىڭىزلائەڭ ئاۋۋال تەلىيىڭىزنىڭ ئوڭدىن كەلگىنىگە خۇشالمەن. ھەم تىرىشچان بالىكەنسىز...
تەكلىپىم ئەتىكى ئۆپكىدىن بۈگۈنكى ھېسىپ ياخشى، يەنىلا ئىشلەپ تۇرۇڭ.بۇ پۇرسەت يەنە كېلەمدۇ -يوق، بۇ سىزگە نامەلۇم...
==================================================
ئىمتىھان بەرسىڭىز بولىدۇ. لېكىن شەرتلىرى بولىدۇ....يەنە سىزگە باغلىق.تۆۋەندىكى بېكەتتىن ئۆرنەك ئېلىڭ
http://zhidao.baidu.com/question/196652947.html
http://edu.sina.com.cn/exam/2006-12-14/154364600.html
ئۆتمەي تۇرۇپ ھازىرقى خىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بەرمەڭ باشقىلار توغرا دەپتۇ... ئاۋال ئىشلەپ تۇرۇڭ،ئىشلەپ تۇرۇپ ئۇنىڭىدن ياخشى يەرلەر بولۇپ قالسا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن چىكەتسىڭىزمۇ ھېچكىم توسمايدۇ.بىزنىڭ بۇ يەردە (مەكتەپتە) كەسىپ ئالماشتۇرماقچى بولۇپ مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىپ ئۆتكەنلەر ئىچىدە بەزىلىرى ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىستېپا بېرىپ كەتتى. يەنە بەزىلىرى (ئاز ساندىكىلىرى، \"يولى\" يوقلىرى) ئارخىپىنى قايتۇرۇۋالالماي، مەكتەپ مۇدىرىدىن تويغۇچە دەشنەم ئىشتىپ يەنىلا دەرسىنى ئۆتۈپ يۈرىدۇ. قارىغاندا بۇ ئىشلار \"يول\" بىلەن بولىدىغان ئوخشايدۇ.
بىزنىڭ بۇ يەردە (مەكتەپتە) كەسىپ ئالماشتۇرماقچى بولۇپ مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىپ ئۆتكەنلەر ئىچىدە بەزىلىرى ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىستېپا بېرىپ كەتتى. يەنە بەزىلىرى (ئاز ساندىكىلىرى، \"يولى\" يوقلىرى) ئارخىپىنى قايتۇرۇۋالالماي، مەكتەپ مۇدىرىدىن تويغۇچە دەشنەم ئىشتىپ يەنىلا دەرسىنى ئۆتۈپ يۈرىدۇ. قارىغاندا بۇ ئىشلار \"يول\" بىلەن بولىدىغان ئوخشايدۇ.
==================
ھو ما گەپنى ، ئىمتاھان بېرىپ ئۆتسە ئارخىپ بەرمەيدىغانقانداقمۇدىركەن ئۇ ؟ ئەركىن ئىش تېپىش دىگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى ماۋۇ ھۈكۈمەت .
مەكتەپ مۇدىرى ئارخىپنى بەرمەمدىكەن ،ئاشۇ مەكتەپ مىدرىدىنما ئارخىپ ئالالماپتىما ؟سوتقا ئەرز قىلىمەن ،ھوقۇقۇڭنى تارتقۇزۋېتىمەن دىسە ،ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بېرىدۇ ،،،،يۇۋاش ئادەملەر خورلۇنۇشقا تېگىشلىك زادى !!!!! يەنىلا ئىشلەپ تۇرۇپ مەمۇرلۇق ئىمتاھانى چىققاندا قاتناشسىڭىز بۇلىدۇ، بۇ يەردە ئىشلىگەن يىلىڭىز ئىمتاھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن خىزمەت سىتاژىغا ھېسابلىنىدۇ.
رەھمەتسىلەرگە،،
بولىدۇ ، بىراق كەپسى شىتات ئورنىدا ئىشلىگەن جىزمەت ۋاقتڭىزنى مەمۇرى ئورگاندا ئىشلىگەن خىزمەت شىتاتتىڭىزغا قاتمايدۇ ، دىمكەك پىنسىيىگە كىيىنرەك چىقىپ سالىسىز
مەكتەپ مۇدىرى ئەمەس، كادىرلار ئىدارىسى ۋاكالەتەن باشقۇرىدۇ ئارخىپنى.