tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-9-26 15:06:17

زور ۋەقەلەر يىلنامىسى

زور ۋەقەلەر يىلنامىسى




1. قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر يىلنامىسى


ئۇيغۇلار مەملىكىتىمىز تارىخىدىكى تارىخى ئۇزۇن ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە خېلى بۇرۇنلا تەرەققىي قىلغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى.

قەدىمكى ئۇيغۇرلار «دىڭلىڭ» (丁零) ياكى «دىيلى» «丁灵» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالدى. مىلادىيە 3- ئەسىردىن كېيىن يەنە «چىلى» (敕勒) ئاتالدى. «دىڭلىڭ» نامى ئەڭ دەسلەپ مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرى يېزىلغان تارىخىي كىتابلاردا قەيت قىلىنغان. ئۇلار ئەينى زاماندىكى «دىڭلىڭ» شەرقتە بايقال كۆلى، غەربتە ئېرتىش دەرياسى ۋە بالقاش كۆلىگە تۇتىشىدىغان جايلاردا چارۋىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قوۋم ئىدى. ئۇلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان جايلىرىغا قاراپ «ۋېي خاندانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا شەرق ۋە غەرب تېلېلار دەپ ئىككىگە بۆلۈندى. «دىڭلىڭ»لار كېيىنكى دەۋرلەردە «چېلى» ياكى «قاڭقىللار» ۋە «تېلىلار» دەپ ئاتالدى. 4- ئەسىردە «تېلى» قەبىلىلىرىدىن ئۇيغۇر، بۆكۈ، تۇڭرا، بايىرقۇ قەبىلىلىرى ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ باشچىلىقىدا بىر ئىتتىپاق تۇزدى. كېيىن بۇ ئىتتىپاق نامى «خۇيخې» دەپ ئاتالدى. خۇيخې دېگىنىمىز دەل ئۇيغۇرلار ئىدى. ئۇلار تۈرك- رۇنىك يېزىقىنى قوللاندى. مۇشۇ يېزىق بىلەن نۇرغۇن تاش ئابىدىلىلەرنى قالدۇرشى. ترالار، ھۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى ۋە ئاتا- بوۋىلىرى ئىدى. ھۇنلار ئەڭ قەدىمكى چاغلاردىلا (مىلادىيىدىن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىن تارتىپلا) جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمال قىسمىدا باشلانغانىدى.


مىلادىدىن5 ئەسىر ئىلگىرىكى چاغلاردا بايقال كۆلىنىڭ غەربى ۋە سىلىنگا دەريا ۋادىسى تۇغلۇقلارنىڭ پائالىيەت مەركىزى ئىدى. 552- يىللىرى يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا ئورۇنلاشقان تېلىلار ئاشىنا ئۇرۇقىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاۋار خانلىقىنى يوقىتىپ، تۈرك خانلىقىنى قۇردى. 6- ئەسىرلەردىكى خەنزۇچىدە رەسمىي ئۇيغۇر نامى بىلەن قەيت قىلىندى. خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى «ۋېيخېي» دېگەن نام ۋە «خۇيخې» دېگەن ناملار ئۇيغۇلارنىڭ مەنبەلىرى ئىدى. ئۇلار 5- ئەسىرلەردىن باشلاپلا بىر قىسىمى موڭغۇل يايلاقلىرىدا تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم بوستانلىقلىرى قاتارلىق تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم بوستانلىقلىرى قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقانىدى. 627- يىللىرى ئۇيغۇرلار زور قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىپ شەرقىي تۈركلەرنى يوقاتتى. سىرتادوشلار بىلەن ئۇيغۇرلار قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك قەبىلىلەردىن بولۇپ مەيدانغا چىقتى. 646- يىللىرى ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ سىرتادۇش خانلىقىنى يوقاتتى. 646-، 682- يىللىرى قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى تورا قەبىلىلىرى ياغلۇقلار قەبىلىسىنى يېتەكچى قىلىپ ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇزلارنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇيغۇر ئىتتىپاقداشلىقىنى شەكىللەندۈردى. ئۇيغۇرلار كۆكتۈرۈك خانلىقى (552-، 743- يىللىرى) نىڭ ئىچكى قىسىمىدا بولغان كۈرەشلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ كۆك- تۈرك خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مىلادى 744- يىللىرى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان.


مىلادىيە 755- يىلى تاڭ سيلالىسىدە ئۆڭلۈك- سۈيگىن توپىلىڭى پارتىلىدى. مىلادىيە 756- يىلى تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئۆڭلۈك- سۈيگىن توپىلىڭىنى بېسىقتۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلدى. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئاتلىق قوشۇن بىلەن  تاڭ سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ ئۆڭلۈك- سۈيگىن توپىلىڭىنى تىنجىتقان.

مىلادىيە 762- يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئاتلىق قوشۇن تەشكىللەپ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ ئۆڭلۈك- سۈيگىن توپىلىڭىنى تىنچىتىش ئۈچۈن، تاڭ سۇلالىسىگە ياردەم بەردى. 789-، 791- يىللىرى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تىبەت بىلەن بەشبالىقنى تالىشىپ قاتتىق جەڭ بولدى. ئاخىر ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى جەڭدە غەلىبە قىلدى. 9- ئەسىرنىڭ باشلىرى بوي خاقان (ئاي تەڭرىدە قۇرت بولمىش قۇت بىلگە خاقان) (808-، 821- يىللىرى) قارلۇق ۋە قىرغىزلارنىڭ ئىتتىپاقىنى مەغلۇپ قىلىپ، پۈتۈن جۇڭغارىيە ئويمانلىقى ۋە پامىرنىڭ غەربىدىكى چۇ دەريا ۋادىسىنى تىزگىنلىدى.




2. قاراخانىيلار سۇلالىسى تارىخىدىكى زور ۋەقەلەر يىلنامىسى




840- يىلى قىرغىزلار ئۇرخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئۆتۈكەنگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرخۇن ئۇيغۇر دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلدى.  پان تېكىن باشچىلىقىدا 15 قەبىلە غەربتىكى قارلۇق زېمىنىغا كۆچۈپ بېرىپ، يەتتە سۇ رايونىدا بىلگە كۆل قادىرخان قاراخانىيلار خاندانلىقىنى قۇردى.

840- يىلى سامانىيلار خاندانلىقىدىن نوھ ئىىبنى ئەسەد سەمەرقەندىنىڭ ھۆكۈمدارى بولغان ۋاقىتتا ئەسكەر چىقىرىپ، ئىسپىجاپ شەھىرىنى ئىشغال قىلدى.

9- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ تۇنجى خاقانى بىلگە كۆل قادىرخان ئالەمدىن  ئۆتتى. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئايرىم- ئايرىم ھالدا تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. چوڭ ئوغلى بارىز چوڭ قاغانلىققا تەيىنلىنىپ بالاساغۇندا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئىككىنچى ئوغلى ئوغۇلچاق قادىر ئورۇنباسار قاغانلىققا تەيىنلىنىپ قادىرخان ئۇنۋانى بىلەن تالاسقا ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

893- يىلى ئوغۇلچاق قادىرخان مەركەزنى يۆتكەپ قەشقەرنى پايتەخت قىلدى.

10- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا سۇتۇق تېكىن ئارسلان بۇغرا قاراخان ئۇنۋانى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە مۇسۇلمانچە «ئابدۇلكېرىم» دېگەن ئىسىمنى قوللاندى.

10- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا ئابدۇلكېرىم سۇتۇق تېكىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغان ئوغۇلچاق قادىرخاننى مەغلۇپ قىلىپ، ئوردۇكەنت (قەشقەر)دە قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئۆزىنى قاراخان دەپ ئېلان قىلىپ، قەھرىمانلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئارسلان بۇغرا قاراخان ئۇنۋانى بىلەن ئاتالدى.

مىلادىيە 924- يىلى سۇتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخان سۇياپ شەھىرىنى ۋە بالاساغۇننى ئىشغال قىلىپ، ئۇ جايلارنى قاراخانىيلار خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى. مىلادىيە 955- يىلى سۇتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخان ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنى قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاستىنئاتۇشنىڭ مەشھەت كەنتىگە قاراخانىيلارنىڭ ئائىلە مازىرى «گۈمبەزەتۇل- خاقانىيە» گە دەپنە قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە سۇلتا سۇتۇق مازىرى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

مىلادىيە 956- يىلى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ چوڭ ئوغلى موسا ئىبن ئابدۇلكېرىم (تۈركچە ئىسمى بايتاش) ئارسلان بۇغرا قاراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى.

مىلادىيە 960- يىلى مۇسا ئىبن ئابدۇلكېرىم ئارسلان بۇغرا قاراخان قەشقەرنى قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ مەركىزىي پايتەختى قىلدى. ئىنىسى سۇلايمان بۇغراخان بالاساغۇندىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يەنە بىر پايتەختىدە ئولتۇردى. 960- يىلى مۇسا ئىبن ئابدۇلكېرىم بۇغراخان ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش يۈزىسىدىن قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قەشقەردىكى مەركىزىي ھاكىمىيىتىنى ۋە بالاساغۇن ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ئىچكى بىرلىكنى كۈچەيتتى. شۇ يىل 200 مىڭ چېدىرلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىسلام دىنىغا كىردى.

961- يىلى ئەبۇ نەسىر سامانىي ۋاپات بولدى.

مىلادىيە 968- يىلى مۇسا ئىبن ئابدۇلكېرىم بۇغراخان ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا بۇددا دىنىنىڭ مەركىزى بولغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدى. شۇنداقلا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا يۈرۈش قىلدى. ئىدىقۇتتىكى بۇددىس ئۇيغۇرلار ئۆز ئېتىقادىدا قېلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلارغا بويسۇندى.

مىلادىيە 970- يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن بەشبالىقتا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق شىددەتلىك جەڭدە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەبۇلفەتتاھ باتۇرلۇق بىلەن خىزمەت كۆرسىتىپ قازا قىلدى. مۇسا ئارسلان بۇغرا قاراخان ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا «ئالىپ تېكىن» ئۇنۋانىنى بەردى. ئالىپ تېكىننىڭ مازىرى نەنسەننىڭ تاغ ئېتىكىدە بولۇپ ھازىرمۇ خەلقلەر بۇ مازارنى «ئەلپەتتاھ خوجام مازىرى» دەپ ئاتايدۇ.

مىلادىيە992- يىلى موسا ئىبن ئابدۇلكېرىم ئارسلان بۇغرا قاراخان ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئاتۇشتىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قەبرىگاھى تەختىيوندىكى بۇغرا مازىرى نامى بىلەن ئاتالغان «گۈمبەزەتۇل خاقانىيە» گەپ دەپنە قىلىندى.

مىلادىيە 992- يىلى موسا ئىننى ئابدۇلكېرىمىنىڭ ئىنىسى ھارۇن بۇغرا قاراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. ھارۇن بۇغرا قاراخان بىلىم ئىقتىدارى يۇقىرى، سىياسىي تەدبىرلىك، يېتىلگەن ئالىم بولۇپ، قاراخفنىيلار سۇلالىسىنى ئىچىكى جەھەتتە تىنچىلىق ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈردى. ھەربىي كۈچنى مۇنتىزملاشتۇرۇپ ۋە ئاشۇرۇپ قاراخانىيلارنىڭ زېمىن دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ئىسپىچاپنى ئىشغال قىلدى. ئارقىدىن پەرغانە، مەمەرقەندنى ئالغاندىن كيېىن، سامانىيلار خانلىقىنىڭ پايتەختى بۇخاراغا يۈرۈش قىلدى. سامانىيلار ھۆكۈمدارى ئەمىر نۇھنى مەغلۇپ قىىپ، بۇخارا قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىدى.

مىلادىيە 977- يىلى ھارۇن بۇغرا قاراخان بۇخارادا كېسەل بولۇپ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قەشقەرگە قايتىش سەپىرىدە يول ئۈستىدە «قوچقار بېشى» دېگەن جايدا ئالەمدىن ئۆتتى. قاراخانىيلارنىڭ ئائىلە مازىرى «گۈمبەزەتۇل- خاقانىيە» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

977- يىلى مۇسا ئارسلان بۇغرا قاراخاننىڭ جىيەنى ئەھمەد ئىبنى ئەلى (توغان خان) قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ تەختكە ئولتۇردى. بۇ ۋاقىتتا ھارۇن بۇغرا خاننىڭ چوڭ ئوغلى يۈسۈپ قىدىرخان قەشقەردە ئارسلان خان ئىدى. غەربىي قىسىمىنى ئىدارە قىلىش ئىشىنى يەنىلا ئارسلان خان ئوغۇللىرىدىن ناسىر بىن ئەلى ئىلىك خان ئىدارە قىلدى.

مىلادىيە 998- يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى ئەھمەد بىن ئەلى توغان خان ئابباسىيلار خەلىپىسىنى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى بولدى. قاراخانىيلار ئابباسيىلار خەلىپىلىرىنىڭ ناملىرىدا مېتال پۇللارنى چىقاردى.

مىلادىيە 998- يىلى ھارۇن بۇغراخان نەۋرە ئىنىسى (مۇسا بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى) ناسىر ئىبنى ئەلى ئىلىك خان نۇرغۇن قوشۇن تەشكىللەپ سامانىيلار خاندانلىقىغا يېڭىدىن ھۇجۇم قوزغىدى. ھارۇن بۇغرا خان قەشقەرگە قايتىش ۋاقتىدا، قېرىندىشى ئەلى تېكىننى قاراخانىيلارنىڭ بالاساغۇن، ئۆزكەنتتە تۇرۇشلۇق ئىلىك خان نامى بىلەن باش ئەمىر ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن قاراخانىيلارنىڭ بالاساغۇندىكى ئەمىرى شىمالىي ئىلىك خان نامى بىلەن ئاتالدى. شىمالىي ئىلىك خان تېررىتورىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى ۋە سىر دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلىرىنى ئىدارە قىلاتتى.

999- يىلى سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىچىكى ملمانچىلىقى يۈز بەردى. بۇ ۋاقىتتا غەربىي ئىلىك خانى ناسىرى ئىبنى ئەلى زور ھەربىي تەييارلىق بىلەن ئەسكەر چىقىرىپ سامانىيلار خاندانلىقىنىڭ پايتەختى بۇخاراغا ھۇجۇم قىلدى. قاراخانىيلارنىڭ قوشۇنى شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، بۇخارانى ئىشغال قىلدى. بۇنىڭ بىلەن 130 يىل(1000-870) ھۆكۈم سۈرگەن سامانىيلار خانلىقى ئۈزۈل- كېسىل مۇنقەرز بولدى.

1000- يىلى يۈسۈپ قادىرخان خوتەندىكى بۇددىست ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپم خوتەن خانلىقىنى مۇسۇلمان قىلىپ بويسۇندۇردى، يۈسۈپ قادىرخان خوتەنگە خان بولدى.

1000- يىلى غەزنەۋىي خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمدارى سۇلتان مەھمۇد قاراخانىيلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش تەلىپىنى قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى ئوتتۇرىدا دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1001- يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن غەزنەۋىيلەر خاندانلىقى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق كېلىشىمى بۇزۇلۇپ ئۇرۇش پارتلىدى. ئاخىر غەزنەۋىلەر خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمدارى سۇلتان مەھمۇد سۈلھى تەلەپ قىلدى.

1002- يىلى خوتەندە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان خەلقلەر ئىسلام دىنىدىن يېنىپ قارا خانىيلار سۇلالىسىگە قارشى ئىسيان كۆتۈردى. يۈسۈپ قادىرخان ئوتتۇرا ئاسىيادىن قايتىپ نۇرغۇن ھەربىي كۈچ ۋە ئىسلام دىنىي ئۆلىمالىرى بىلەن بىرلىكتە خوتەندە بۇددىسلارغا قارشى يۈرۈش قىلىپ، خوتەن خانى چېگالوۋ خالخالنىڭ كاللسىنى ئېلىپ، خوتەندە ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇردى.

1026- يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى يۈسۈپ قادىرخان بالاساغۇننى قايتا ئىشغال قىلدى. 1032- يىلى قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ خانى يۈسۈپ قادىرخان ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنى قەشقەردىكى قاراخانىيلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلدى.

1032- يىل يۈسۈپ قادىرخاننىڭ خفنلىق ئورنىغا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سۇلايمان بىن يۈسۈپ ئارسلان قاراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. بۇ مەزگىلدە قاراخانىيلار سۇلالىسى بالاساغۇننى قاراخانىيلار سۇلالىنىڭ يازلىق پايتەختـى، قەشقەرنى قىشلىق پايتەخت قىلدى. قەشقەرنى ئوردۇكەنت نامى بىلەن ئاتىدى.

1039- يىلى ئىبراھىم ئىبنى ناسىر ئىلىك خان (تامغاچ ئىبراھىم خان) ئۇنۋانىنى قوللاندى.

1041- يىلى تامغاچ ئىبراھىم خان سەمەرقەندكە يۈرۈش قىلدى ۋە ماۋەرائۇننەھر كونترول قىلدى. سەلچۇقىيلار سۇلتانى ئالىپ ئارسلان قوشۇن تەشكىللەپ، ماۋەرائۇننەھر رايونىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن سەلچۇقىيلار سۇلتانى ئالىپ ئارسلان بىلەن تامغاچ ئىبراھىم خان ئوتتۇرىسدا ئۇرۇش پارتلىدى. تامغاچ ئىبراھىم خان باغداد خەلىپىلىكىدىن ياردەم سورىدى. باغداد خەلىپىلىكى بۇ ئىشقا قول سالمىدى. ئەمما ئۇنىڭغا «مۆمىنلەرنىڭ ئەزىزى» دېگەن ئۇنۋاننى ھەدىيە قىلدى.

1042- يىلى ئىبراھىم قاغان تابغاچ ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆز ھۆكۈمرانلىق مەركىزىنى سەمەرقەنكە يۆتكىدى. پۈتۈن ماۋەرائۇننەھررايونىنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى. شۇندىن ئېتىبارەن قاراخانىيلار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى. شۇندىن ئېتىبارەن قاراخانىيلار سۇلالىسى غەربىي قىسىم ۋە شەرقىي قىسىم بولۇپ ئىككى خانلىققا ئايرىلدى. غەربىي قىسىم سەرمەرقەندنى مەركەز قىلدى. شەرقىي قىسىم يەنىلا بالاساغۇننى مەركەز قىلدى.




1) شەرقىي قاراخانىيلارغا دائىر زور ۋەقەلەر يىلنامىسى


مىلادىيە 1043-، 1044- يىللىرى شەرقىي قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى سۇلايمان ئارسلان خان (1056- 1032) تايانغۇ (كېڭەش) چاقىرتىپ چوڭ ئىنىسى مۇھەممەد بىن يۈسۈپنى تالاس، ئىسپىجاپ شەھىرىنى باشقۇرۇش، يەنە بىر ئىنىسى مەھمۇد بىن يۈسۈپنى پەرغانە ۋىلايىتىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردى. مۇھەممەد بىن يۈسۈپنىڭ چوڭ ئوغلى ھۈسەين بىننى مۇھەممەد («تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئاپتورى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ دادىسى) نى ئىسسىقكۆلنىڭ جەنۇبىدىكى بارسغان شەھىرىنىڭ ھاكىمى قىلدى. سۇلايمان ئارسلان خان بالاساغۇن ۋە قەشقەرگە بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. سۇلايمان ئارسلان شەرق شىمالدىكى ياباقۇ، باسمېللارنىڭ قاراخانىيلار خاندانلىقىغا قارىتا قوزغىغان ئىسيانلىرىنىڭ باستۇرۇپ، بالقاش ۋە ئالا كۆل ئەتراپلىرىنى قاراخانىيلار خاندانلىقى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى. 1044- يىلى بۇلغارلار بىلەن بالاساغۇنلار ئوتتۇرىسىدا كۆچمەن بولۇپ ياشاپ كەلگەن ئون مىڭ چېدىرلىق كۆچمەن تۈركىي تىللىق قوۋمنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى. سۇلايمان ئارسلان خان ئىلىمدە يېتىلگەن ئادىل ۋە دىندار ھۆكۈمدار بولۇپ، ئالىملارنىڭ دوستلى ۋە ھامىيسى دەپ تونۇلغانىدى تەرەپ- تەرەپتىن ئۆلىما ۋە ئالىملار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ كېڭەش ئۆتكۈزەتتى.

1045- يىلى سۇلايمان ئارسلانخان شەرقىي قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى بولۇپ تۇرغان دەۋردە جەمئىيەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىي مائارىپ ئىشلىرى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. ھاكىمىيەتنى ئادىل باشقۇردى. رەشىدىددىن فەزلۇللا «جامىئوتتەۋارىخ» دېگەن ئەسىرىدە سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپنى ئادىل، تەقۋادار ئىدى، ئۆلىمالارنىڭ دوستى ئىدى، دەپ بايان قىلغان.

1046- يىلى سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپنىڭ قاراخانىيلار خاندانلىقىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا نارازى بولغان ئىنىسى ھوقۇق تالىشىش مۇددىئاسى بىلەن سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ بىلەن زىددىيەتنى كۈچەيتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى ئوتتۇرىدا نىزا پەيدا بولۇپ، ئاخىردا جەڭ پارتلىدى. بۇ سوقۇشۇشتا سۇلايمان ئىبن يۈسۈپ ئىنىسى مۇھەممەدكە ئەسىر چۈشتى. مۇھەممەد ئۇنى تۈرمىگە تاشلاپ، ئۆز- ئۆزىنى ئۇلۇغ خاقان دەپ ئېلان قىلدى.

1057- يىلى مۇھەممەد ئىبن يۈسۈپ ئۆز ئورنىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەدكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئەمما، مۇھەممەدنىڭ ئىبراھىم ئىسىملىك يەنە بىر ئوغلىنىڭ ئانىسى بۇ ئىشقا قاتتىق نارازى بولۇپ، تەختنى ئۆز ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەقسىتى بىلەن تەختنى ھۈسەيىن مۇھەممەددىن تارتىپ ئېلىشنى پىلانلاپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ، مۇھەممەدنى زەھەر بېرىپ ئۆلتۈردى. شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ خانلىق تەختىگە ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەد ئولتۇردى.

1058- يىلى غەربىي قاراخانىيلارنىڭ خانى تامغاچ ئىبراھىم خان شەرقىي قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىچكى ماجىرالىرىدىن پايدىلىنىپ، دەرھال شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمدارلىقى ئاستىدىكى پەرغانە ۋە شاش (تاشكەنت) قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغانىدى.

1059- يىلى شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ سۇلالىسىنىڭ خانى ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەد بۇ خىل ۋەزىيىەتكە دۈچ كەلگەندە ئۇنىڭ ئانىسى ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىپ، كۈشكۈرتۈش بىلەن بارسىغان شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا بارسغان ھاكىمى ئىنال تېكىن تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولىدۇ. ئىنال تېكىن ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدۇ.

1060- يىلى شەرقىي قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تەختىگە يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى توغرۇل مۇھەممەد قاراخان ئولتۇرىدۇ. مۇشۇ يىللاردا قەشقەر ھاكىمى بولغان سۇلايمان بۇغرا خاننىڭ ئوغلى ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمان بىلەن بىرلىكتە غەربىي قاراخانيلار خاندانلىقى بېسىپ ئالغان زېمىنلىرىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى. 1068- يىلى شەرقىي قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى شەمسۇل- مۇلۇككە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بۇ ئىككى سۇلالە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش شىددەتلىك بولۇپ، ئاخىر كېلىشىم بىلەن ئاخىرلاشتى. كېلىشىمگە ئاساسەن خۇجەنت غەربىي قاراخانىيلار تېررىتورىيىسى دەپ بەلگىلىنىپ، ، پەرغانىنى شەرقىي قاراخانىيلار تېررىتورىيىسى دەپ بەلگىلىدى. مەھمۇدنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان ئوغلى ئۆمەر بىننى مەھمۇد شەرقىي قاراخانىيلارغا ئىككى ئايلا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن ئۇبۇ ئەلى ھەسەن بىن سۇلايمان تەرىپىدىن قاماققا ئېلىندى.

1069- يىلى ئۆمەر بىننى مەھمۇدنىڭ قول ئاستىدىكى قوشۇن ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىن سۇلايمانغا سادىق بولىدىغانلىقىغا قەسەم ئىچىپ ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈردى. 1070- يىلى ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىن سۇلايمان تامغاچ بۇغرا قاراخان ئۇنۋانى بىلەن شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ بۈيۈك قاغانى بولىدى. مانا مۇشۇ دەۋردە شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقى قۇدرەتلىك، يۈكسەك مەدەنىيەتلىك تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويدى. قەشقەر مۇھىم مۇقەددەس بىر مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى.

1071- يىلى سۇلايمان ئارسلان خاننىڭ ھوزۇرىدا مۇتەپپەككۇر ئۇلۇغلارنىڭ يېتىشكەنلىكىگە ئوخشاش ئۇنىڭ ئۆزىمۇ دانىشمەن زات ئىدى. ئەبۇ ئەلى ھەسەن ھوزۇرىدا چوڭ ئالىملار، مۇتەپەككۇر شائىرلار، ئەدەبىيات پېشۋالىرى كۆپ ئىدى.

1072- يىلى 11- ئەسىر ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى ئپتىخارىمىز ۋە غۇرۇرىمىز بولغان مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئەسىرىنى يېزىپ ئابباسىيلار خەلپىسىنىڭ 27- نۆۋەتلىك خەلىپىسى بولغان ئەبۇل قاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان. يەنە ئۇ 1081- يىلى سەلچۇقىيلار سۇلتانى مەلىك شاھ ماۋەرائۇننەھرنى قولغا كىرگۈزۈشكە قول سېلىپ، ئۆزكەنتكە قەدەم قويغاندا قاراخانىيلار خانلىقى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ كېلىشىم بىلەن ئاخىرلاشقان.

11102- يىلى تامغاچ بۇغراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەننىڭ ئوغلى ئەھمەد بىن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلان خان نامى بىلەن تەختكە ئولتۇردى.

1105- يىلى ئەھمەد بىن ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلان خان باغدادتىكى خەلىپە ئەل مۇستەزھىربىللا ھۇزۇرىغا مەھمۇد بىن ئابدۇلجېلىل باشچىلىقىدىكى بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ، دوستلۇقىنى ئىزھار قىلغان. ئۇنۋان سورىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئارزۇسى قوبۇل قىلىنىپ ئۇنىڭغا مەخسۇس تون بىلەن بىللە «نۇرۇددەۋلە» ئاتىقىنى بەرگەن.

1128- يىلى ئەھمەد بىننى ئەبۇ  ئەلى ئارسلان خفن قاراقىتانلارنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشىدىكى ھۇجۇمىنى ئالدىنئالا توسۇپ، قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداپ قالغان.

1124- يىلى قاراقىتانلارنىڭ خانى يوللىغ تاشىن قاراقىتانلارنى باشلاپ غەربكە ئىلگىرىلىدى. ئۇ 40 مىڭدەك ئادەم توپلاپ ئىلى دەريا ۋادىسى، ھەتتا چۆچەك رايونىغا قەدەر كېلىپ ھەرىكەت قىلدى. ئۇلار تارىخـتا قاراقىتايلار خانلىقى دەپ ئاتالدى.

1128- يىلى قاراخانىيلار خانى ئىبراھىم ئىبىن ئەھمەد قاراخانىيلارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قارلۇق، قىپچاق، قاڭقىللار ئىسيان كۆتۈردى. ئىبراھىم قاراخان بۇ ئىسياننى تىنچىتىش ئۈچۈن يەتتە سۇغا كەلگەن قاراقىتانلاردىن ياردەم سوراپ، ئۇلارنى شىمالىي ئىلىك خانلىقىدىكى يەتتە سۇغا ئورۇنلاشتۇردى.

1133- يىلى قاراقىتانلار يەتتە سۇدىن ئىلگىرىلەپ بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى. 1204- يىلى نايمان دۆلىتىنى قۇرغان كۈچلۈك قەشقەرگە قېچىپ كېلىپ، قاراقىتانلار بىلەن بىرلىشىپ شەرقىي قارا خانىيلارنىڭ مەركىزى بولغان قەشقەرنى ئىگىلەپ بىرمۇنچە شاھزادە بەگلەرنى ئۆلتۈرۈپ، قاراخانىيلار سۇلالىسىنى مۇنقەرز قىلدى.

2) غەربىي قاراخانىيلارغا دائىر زور ۋەقەلەر يىلنامىسى

1041- يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىككىگە ئايرىلغاندىن كېيىن غەربىي قاراخىيلار ئۆزكەنتنى مەركەز قىلدى. تۇنجى غەربىي قارا خانىيلار تەختىدە مۇھەممەد ئىبن ناسىر ئولتۇردى.

1052- يىلى مۇھەممەد ئىبن ناسىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىبراھىم ناسىر خانلىق تەختىدە قىلىچ قاغان ئۇنۋانى بىلەن ئولتۇردى. پايتەختى يەنىلا ئۆزكەنت ئىدى. يېزىق مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تابغاچ خان دەپ ئاتالغان ئىبراھىم بىننى ناسىرنىڭ تولۇق نامى تابغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم بىننى ناسىر ئىدى.

1056- يىلى تابغاچ ئىبراھىم بىننى ناسىر غەربىي قاراخانىيلار تەختىگە چىقىپلا شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى شاش (تاشكەنت)، مىڭلاق، قونخاس ۋە پەرغانىنىڭ بىر قىسىمىنى تارتىۋېلىپ غەربىي قاراخانىيلار زېمىنىغا قوشتى.

1057- يىلى تابغاچ ئىبراھىم بىننى ناسىر بۇغرا قاراخان كېسەل بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا، ھاكىمىيەتنى ئوغلى ناسىرغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ھاكىمىيەتتىكى يۆتكىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلانغان شەرقىي قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى مۇھەممەد بىن يۈسۈپ ئەبۇ ھەسەن بىننى سۇلايمان غەربىي قاراخانىيلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان يەرلەرنى تارتىۋېلىش يۈزىسىدىن ئىككى ئوتتۇرىدا ئۇرۇش بولۇپ 1068- يىلىدىن 1080- يىلىغىچە داۋام قىلدى.

1072- يىلى كۈزدە سۇلتان ئالىپ ئارسلان خان 200 مىڭ قوشۇن بىلەن ماۋەرائۇننەھرگە يۈرۈش قىلدى. بۇ ۋاقىتتا مەلىك شاھ سەمەرقەندكە قاراپ يۈرۈش قىلغان. شەمسۇل- مۈلۈك ئەبۇل ھەسەن ناسىر بىننى ئىبراھىم بۇ كۈچكە تاقابىل تۈرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ سەلچۇقىيلار ۋەزىرى نىزامۇل مۇلۇكنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈشى بىلەن سۈلھى ئىمزالاندى.

1075- يىلى شەمسۇل- مۈلۈك خانمۇ ئاتىسىدەك ھاكىمىيەتنى ئوبدان باشقۇرۇش بىلەن ئادىل ھۆكۈمدار دېگەن نامغا ئېرىشتى. ئۇ غەربىي قاراخانىيلار ئىچىدە شەھەر قۇرۇلىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ ئەڭ چوڭ ئىمارەتلەردىن بىرى رەباتى مۇلۇك ناملىق ئىمارەتنى بەكمۇ گۈزەل، كۆركەم قىلىپ سالدۇرغان. شۇنداقلا شەمس ئابات شەھىرىدە نۇرغۇن جامە مەسچتلەرنى بىنا قىلدۇرغان.

1079- يىلى شەمسۇل- مۈلۈك خان ۋاپات بولغاندا سەمەرقەندتىن خوجەنتكە بارىدىغان يول ئۈستىدىكى ئاق كۆتەل دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان. شەمسۇل- مۈلۈك خاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ناسىرنىڭ تۆتىنچى ئىنىسى ئەبۇ شوجا خىزىر بىن ئىبراھىم تەختكە ۋارىسلىق قىلغان.

1080-، 1081- يىللىرى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىزگە مەلۇم ئەمەس. «بۇخارا تارىخى» كىتابىنىڭ مۇئەللىپى نىزامى ئارۇزىنىڭ بايانىچە ئۇنىڭ زامانىسىدا دۆلەت روناق تاپقان. خان ئالىم، شائىرلارنى ياخشى كۆرگەچكە ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ  ئۇلارنىڭ شېئىر ئوقۇش يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرغان. ياخشى ماھارەت كۆرسەتكەن بىر شائىر 250 دىنار بىلەن مۇكاپاتلانغان.

1081-، 1088- يىللىرى خىزىر بىننى ئىبراھىمدىن كېيىن ئوغلى تامغاچ ئەھمەد خان تەختتە ئولتۇردى. ئۇ كىچىك چېغىدىلا تەخـتكە چىقىپ ھاكىمىيەتنى ياشقۇرالماي شىئە مەزھىپى ئۇلغىىيىپ، مەزھەپ كۈرەش قاينىمىغا كىرىپ كەتتى. بۇنىڭدىن پايدىلانغان سەلچۇقىيلار سۇلتانى مەلىك شاھ ئىككىنچى قېتىم ماۋەرائۇننەھرگە ھۇجۇم قىلدى. غەربىي قاراخانىيلار پايتەختى بۇخارانى ئىشغال قىلدى. ئارقىدىن سەمەرقەندنى بېسىۋالدى. كېيىن غەربىي قاراخانىيلار سەلچۇقىيلار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدىغان بېقىندى دۆلەت بولۇپ قالدى. ئەھمەد بىلەن ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا يېڭى ئىختىلاپلار چىقىپ ئۇ ئەپىبلەندى. بۇنىڭ بىلەن خەلق مۆتىۋەرلىرى تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنىپ 1095- يىلى ئۆلتۈرۈلدى.

1095- يىلى ئەھمەد خان ئورنىغا قىلىچ تامغاچ خان مەسئۇد بىننى مۇھەممەد تەختكە چىققان بولسىمۇ، قىسقا ۋاقىت 1097- يىلىغا قەدەر ھۆكۈم سۈردى.

1097- يىلى مەسئۇد بىننى مۇھەممەد ئورنىغا تاغىسىنىڭ ئوغلى سۇلايمان تېكىن دادۇكۈچ تەختكە چىقىپ ئاز ۋاقىتتىن كېيىن شۇ يىلى ۋاپات بولدى.

1097-، 1099- يىللىرى غەربىي قاراخانىيلارنىڭ تەختىدە ئەبۇلقاسىم مەھمۇد خان ئولتۇردى. مۇشۇ قالايمىقانلىقىتىن پايدىلانغان سەنجەر سەلچۇقىيلار ماۋەرائۇننەھرنى ئوڭچە ئىگىلىدى.

1130- يىلى مۇھەممەد بىننى سۇلايمان ئارسلان خان غەربىي قاراخانىيلار تەختىگە چىقىپ سەمەرقەندنى پايتەخت قىلدى. مۇھەممەد ئارسلان خفن يەنىلا سەلچۇقىيلارغا بېقىندى دۆلەت بولۇپ قالدى. مۇھەممەت بىننى سۇلايمان ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا پالەچ كېسىلى بىلەن ياتقان مەزگىلىدە ئوغۇللىرىدىن ناسىر، ئەھمەدلەر ھاكىمىيەت تالىشىش نىزالىرى بىلەن بولدى. سەلچۇقىيلار بۇ زىدىيەتتىن پايدىلىنىپ سەنجەر سەمەرقەندنى بېسىۋېلىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە قول سالدى. ناسىر ئۇلارغا ئەسىرگە چۈشتى.

1131- يىلى مۇھەممەد بىننى سۇلايمان ئالەمدىن ئۆتتى. سەلچۇقىيلار مەرۋىدىكى ئەبۇل ھەسەن بىننى ئەلىنى سەمەرقەندكە ھاكىم قىلدى. ئەبۇل ھەسەن ئۆلگەندىن كېيىن سەلچۇقىيلار مۇھەممەد بىننى سۇلايماننىڭ ئىنىسى ئەبۇل مۇزەپپەر ئىبراھىم بىننى سۇلايماننى قاغان دەپ ئېلان قىلدى. مۇھەممەد بىننى سۇلايماندىن كېيىن ئۈچىنچى ئوغلى

مەھمۇد خان بولدى.

1136- يىلى مەھمۇد قاراقىتانلارنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن خۇجەنتتە قاراقىتانلار بىلەن ئېلىشقان بولسىمۇ، مەھمۇد مەغلۇپ بولۇپ سەمەرقەندكە قېچىپ بېرىپ، قارلۇقلار بىلەن ئوتتۇرىسىدا كېلىشەلمەسلىك پەيدا بولدى. مەھمۇد سەنجەرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. قارلۇقلار قاراقىتانلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

1141- يىلى سەمەرقەند ئەتراپىدىكى كاتىۋان دېگەن جايدا قاراقىتانلار بىلەن سەلجۇقىيلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلىدى. بۇ ئۇرۇشتا سەلچۇقىيلار يېڭىلىپ قاراقىتانلار سەمەرقەندنى بېسىۋالدى ۋە بىر مەزگىل پۈتۈن ماۋەرائۇننەھرنى ئىشغال قىلىۋالدى. بۇ ۋاقىتتا تەختتە ئولتۇرغان مەھمۇدنىڭ ئىنىسى ئىبراھىم بىننى مەھمۇد يەنىلا قىتانلارنىڭ ھىمايىسىدىكى خان ئىدى.

1141- يىلى ئالىپ تېكىن ئىسىملىك بىرسى بۇخاراغا ۋالىي بولدى. ئىبراھىم قارلۇقلار بىلەن بولغان جەڭدە ئۆلتۈرۈلدى. بەلختە كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان ئوغۇزلار 1159- يىلى ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەدنى ئۇنىڭ ئۆزىگە ھۆكۈمدار بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئادەم ئەۋەتتى. بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن سەلچۇقىيلاردىن ئارسلان بىننى ئاتىسىز (خارەزم شاھ) قالايمىقانچىلىق  چىقارغان ئوغۇزلارغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى.

1152- يىللىرى مەھمۇدنىڭ ئىككىنچى ئوغلى مەلىك خارەزم شاھ ئاتىسىز بىلەن بىللە قىپچاقلارغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغان چاغدا ئۆز شېرىكلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ كۈلپەت ئىچىدە ئۆلتۈرۈلدى.

1162- يىلى مەھمۇد بىلەن ئوغلى مۇھەممەد ئەسىر ئېلىنىپ كۆزىگە زەھەر چېچىپ تۈرمىگە تاشلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئاتا- بالا ھەر ئىككىلىسى ئۆلدى.

1204- يىلى غەربىي قاراخانىيلاردىن ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئوسمان غەربىي قاراخانىيلار تەختىدە ئولتۇردى. ئۇ قەيسەر، ئىقتىدارلىق خان بولۇپ، خارەزم شاھى بىلەن بىرلىشىپ قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ قاراقىتانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ بۇخارانى تارتىۋالغان.

1212- يىلى قاراقىتانلار غەربىي قاراخانىيلار خانى مۇھەممەد ئوسمان خانغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ بۇ ئۇرۇشتا مۇھەممەد ئوسماننى ئەسىرگە ئالغان. سەمەرقەندنى ئىشغال قىلىپ، غەربىي قاراخانىيلار خانى مۇھەممەد ئوسماننى ئۆلتۈردى. سەمەرقەند يەنىلا خارەزم شاھنىڭ پايتەختى بولدى.

1218- يىلى چىڭگىزخان جوبە نايان باشچىلىقىدىكى قوشۇن قەشقەرگە يۈرۈش قىلىپ كۈچلۈكنىڭ قول ئاستىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلدى.

1221- يىلى غەربىي ۋە شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقى يىمىرىلدى. پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا چىڭگىزخان ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى.




قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

بەت: [1]
: زور ۋەقەلەر يىلنامىسى