ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 19:13:33

(ئۆزھال)توردىكى كىتاپ سودا سارىيى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئەزىز قىرىنداشلار! جەزىرە كىتاپخانىسى چېقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، مەن يەنە مىڭ بىر جاپادا ئورۇن ئىزدەپ ئاران دىگەندە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنى ئالدىدىن ئالقانچىلىك بىر زىمىننى «ئۆزھال سەنئەت كارىدۇرى» دەپ ئاتاپ مۇشۇ يەردە تىجارەت باشلىدۇق.سەنئەت كارىدۇرى دەپ ئاتاشتىكى مەقسەت ئىسىمنىڭ ئۆزى ماڭا ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئىشنى چوڭايتىشقا مەدەت بۇلامدىكىن دەپ قويدۇم. ھازىر ماللار تۇركىيە، ئۆزبىكىستان، ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىۋاتىدۇ. كېيىنكى مەقسەت تۇرك دۇنياسىدىكى كىيىم- كىچەك، چالغۇ ئەسۋاپ، پىلاستىنكا، موزىكا دىگەندەكلەرنى يىغىپ چوڭ بىر سودا ساراي ئېچىش. بۇنىڭغا ياندىشىپ يەكەندىكى " ئۇدۇم" شىركىتىبىلەن رەسمىي ھەمكارلىق ئورنىتىش ئويىمىز بار. بىر ساۋاقدىشىم ئاچقان ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋاپ كارخانىسى مىنى يىقىندىن قوللاۋاتىدۇ. يىپەك يولى كانىۋاي كۆينەك، دوپپىچىلىق كارخانسىى بىلەنمۇ يېقىندىن مۇناسىۋەت ئورناتتۇق. مۇشۇ مۇناسىۋەتتە مەن ئون يىللار ئاۋۋال باشلىغان كىتاپ ئىشلىرىغا مىھرىم بولغاچقا بۇ ئىشنىمۇ ئىشلىرىمىزنىڭبىر تۈرى سۈپىتىدە قىلىۋتىمىز. مەن بۇ قېتىم خەلق نەشىرىياتى، ياشلار نەشىرىياتى، مىللەتلەر نەشىرىياتى، پەن- تېخنىكا نەشىرىياتى قاتارلىق نەشىرىياتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ كىتاپلارنى كىرگۈزمەكچى بۇلىۋاتىمىز. بۇ تېمىدىكى مەقسەد ھازىر خەلق نەشىرىياتىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلىپ كەلدۇق. مۇشۇ تىزىملىكتىكى كىتاپلارنىكىتاپ سېتىۋېلىش شارائىتى يوق دوستلارنىڭ تىزىملىك بويىچە كۆرۈپ مەن بىلەن خەۋەرلىششنى ئۈتۈنىمەن . شارائىتى بار بالىلار بۇ تىمىنى توغرا چۈشەنگەي. سېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلغان كىتاپلار بولسا ماڭا ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەر قىلساڭلارمۇ بۇلىدۇ. مەن بار كىتاپنى بار بويىچە يوقىنى تېپىپ ئىۋەتىپ بېرىمەن، ئەگەر پەقەتلا تاپالمىسام سىلەرگە خەۋەر قىلىمەن. ئاخىرىدا بارلىق دوستلارغا خاتىرجەملىك، ساقلىق تىلەيمەن!


         














































































تامام!


xamxad يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 11:50:35

\"ئانا يۇرت\" بىلەن \"ئويغانغان زىمىن\" نىڭ تۇنجى نەشىرىنى تاپقىلى بولامدۇ؟

esir يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 12:21:51

ئەھمەد ئەمىننىڭ «ئىسلامنىڭ قىران دەۋرى» ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىندىمۇ؟

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 12:42:36

شۇنداق . لىكىن ئىسمى سۈبئى دەۋرى ، ياشلىق دەۋرى دەپ چىقتىغۇ دەيمەن.


Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 19:34:28

لەگلەك ئۇچۇرغۇچىبالابىلەنداۋېنچىمەخپىيىتى،پەزىلەتنامە،ئەخلاقنامە ،خۇلقنامە دىگەنبىريۈرۈشكىتاپنىتىزىملىتىپقوياي .............

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 19:51:26

مۇشۇ كىتاپنىڭ ھەمىسىنى سالامسىز ياكى لازىم دىسەك بىزگە ۋاكالىتەن ئەكەپ بېرەمسىز؟

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 19:59:37

پوچتىدىن ئەۋەتىپ بىرىمەن . ئەركىتىكىن ئاداش . لىزىچىڭنىڭ بىر قىسمى يوقاپ شۇنى تاپالماي سالالماي قالغان . ئويلىساملا خىجىل بۇلىمەن. مەن ئەسلى بۇ گەپنى تىمىدىلا دىمەكچى ئىدىم .

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 20:07:02

كىتاپنى تاللاپ بولغاندىن كىين كىشى ئىسمى ئادىرىسنىڭ ئۇيغۇرچە خەنزۇچە يىزىلىشىنى . تېلېفۇن ، پوچتا نۇمۇرىنى قالدۇرغايسىلەر .


Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 20:38:21

سەيپىدىن ئەزىزى يازغان رۇمان «سۇتۇق بۇغراخان»نى تاپقىلى بولارمىكىن؟

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 21:08:24

\" سوتۇق بۇغراخان \" نى تاپقىلى بولىدۇكونا كىتاپ ساتقۇچىلاردىن،


مەن ئالدىنقى ھەپتە سورىسام ، بار دەيدۇ، ئەمما كۆرسەتمىدى،


تۇنجى نەشىرىنى250 - 300 ئەتراپىدا تېپىپ بېرىمىز دەيدۇ ...



mohsin يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 21:11:50

ئۆزھال ئەپەندىم، بۇ كىتابخانىڭزدا پەقەت يېڭى كىتاپلارلا سېتىلامدۇ ياكى ،بۇرۇن نەشىر قىلىنغان ، قايتا نەشىر قىلىنمىغان كونا كىتاپلار سودىسىنىمۇ قىلامسىز؟


perwasiz يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 23:37:57

ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرى بولسا بىرنى تىزىملىتاي .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 00:58:04

ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللېرىدىن پەرۋاسىز ئەپەندى ئىلگىرى-كېيىن تۆتنى تىزىمىلىتىپتۇ مانا. ئۆزھال پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ سېلىۋىتىلى چاققان.

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 01:11:24

سۇتۇق بۇغراخان لازىم بولسا مەندە بىرى بار. بەرسەم بولىدۇ. ئۇچۇر قىلىڭلار.

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 07:23:59

كىلەر قېتىمئۆيگە قايىتقاندائۈرۈمچىدىن ئېغىرماڭىدىكەنمەن-دە .

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 07:55:17

ئامال قىلىپ مۇشۇ تىزىملىكتىكىبارىنى بىر ئامال قىلغاچ تۇراي . يوققا ۋەدە بەرگىلى بولمايدۇ .

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 08:36:41

تاۋباۋدا دۇككان ئېچىپ قويسىڭىز بولاتىكەن ئۆزھالكا..

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 08:44:01

\"ئىنسانلار بىلىشكەئەڭ تەشنا يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن\"1 - قىسىمدىن 10 - قىسمىغىچەبىر يۈرۈش ئالاي .


ئادەتتە دۇكاندا بولامسىز؟ ئۇدۇللا باراي.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 09:25:32

تاۋباۋدا دۇككان ئېچىپ قويسىڭىز بولاتىكەن ئۆزھالكا..



................................................



تۈمەن قىلىپ بىرىۋاتقان . مۇرەككەپ بىر ئىش ئىكەن لىكىن كۇچاغا كېتىپ قالدى . مەن قىلالمىدىم .



ئىنسانلار بىلىشكە ئەڭ تەشنا يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن\" 1 - قىسىمدىن 10 - قىسمىغىچە بىر يۈرۈش ئالاي .


ئادەتتە دۇكاندا بولامسىز؟ ئۇدۇللا باراي.


............................................



جەۋلان دۇكان سەل كىچىك . شۇڭا مەن توردا بەرگەن سانغا ئاساسەن نەشىرياتنىڭ ئامبىرىغا بىرىپ ئەكەلمەكچى بۇلىۋاتىمەن . كىلىپ قالسڭىز بالدۇر خەۋەر بىرىۋىتىڭ . مەن ئەكىلىپ قوياي .


ay~chiwar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 14:04:23

<< ئېغىر تىنىقلار >> (1)


<< ئېغىر تىنىقلار>> (2)


<< ئېغىر تىنىقلار >>


-------------------


( بۇ كىتاب زادى قانچە قىسىم ؟ ئۈچىنچى قۇردىكىنىڭ قىسىم سانى ئەسكەرتىلمەپتۇ ... شۇڭا سورىشىم)

بەت: [1] 2
: (ئۆزھال)توردىكى كىتاپ سودا سارىيى