پاي چەك ئوينىغۇچىلار ،ئەھۋالىڭلار قانداراقا ؟
مەن بازارغا بىر كىرىپ قويغانچە يا چىقىرۋالماي ،سالغان مەبلىغىمنىڭ يېرىمى قاپتۇ ،ھازىر قاراپ باقسام ئانچە مۇنچە تولۇقلاپ قويسا بولىدىغاندەك ھالغا كەپ قالغاندەكمۇ تۇرىدۇ ،چوڭتەخسە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغاندەك ،تۈنۈگۈندىن باشلاپ .
ھەر قايساڭلارچۇ ،قايداق قىلماقچى بولىۋاتىسىلەر ،مەبلەغ بولسا تولۇقلاپ كىرىپ ياكى بولمىسا يېڭىدىن ئېلىپ ،ياكى بولمىسا يۇقىرى نۇقتىدا كىرىۋالغان بولساڭلار ھازىر تۆۋەن نۇقتىدىن ئېلىپ ئوتتۇرىچە باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ ،چوڭ تەخسە 3000نۇقتىلارغا بارغاندا سېتىپ چىقىرالىغۇدەك پايلارنى ساقلاپ قويسا بولامدىكى دەيمەن.
يېقىندىن بۇيان بازار ياخشى ئەمەس.ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش چۆرگىلەپ تۇرۋتىدۇ.مەن دىققەت قىلۋاتقان بىر قانچە پايلار بۇگۇن يەنە كۆكىرىپ كىتىپتۇ...مەنچە ھازىر يېڭىدىن ئالسا بولىدۇ،ئەمما ساتماسلىق كېرەك..ھازىرقى بازار سېتىشقا ماس كەلمەيدۇ .
ھازىرقى بازار قىسقا مۇددەتلىك ئويناشقاماس كەلمەيدۇ .
(مېنىڭچە)
ئەھۋال خاراب ...... 4 - پەسىلىدىكى بازار ئەھۋالىنى بىر ئاز ياخشى بولىدۇ دەپ تەھلىل قىلىشپتۇ ....ئەمما ھازىرقى بازارغا بىر نىمە دىمەك تەس .....
ۋاي-ۋۇي ! پەرۋاسىز بۇرادەر مۇبارەك بولسۇن ! گەپ قىلىشىڭلارنى بۈگۈن كۆرۈشۈم. رەھمەت بۇرادەر ،ئۇزۇن بوپتۇ سۇ ئاستىدا يۈرگىلى . ئىشتان - چاپاننى سېلىپ چىكەتكىلى 2 يىلچە بولاپ قاپتۇ، بىكار قالساق ئالتۇن كۇمۇش ئويناپ تۇردۇق
تۈنۈگۈن كۈندۈزدە ئۆي مۈلۈك پايلىرى قاتتىق چۈشۈپ كەتتى، كەچ بولغاندا ئىنتېرنېت مىدىيا پايلىرى چۈشۈپ كەتتى. بۈگۈن نىمە چۈشىدىكىن...
ئۆي باھاسى چۈشەمدىكىن دەپ بىردەملىككە كۆڭلىمىزنى خوش قىلىۋالايلى. لېكىن نىمىلا دىگەن بىلەن بىز كەڭ خەلىق ئاممىسى ئوينالغۇچى...
ھازىر قارىسام بۈگۈن پۇل مۇئامىلە پايلىرى چۈشۈۋاتقاننىڭ ئىپادىسى كۈچلۈك...ناسداك بىلەن 沪深 دىن باشلىنىپتۇ.
ھممممممم ھەممىسى تەڭ چۈشكىلى تۇرۇپتۇ.رەڭلىك مېتال، ماشىنىسازلىق...لامۇ بار.
ئاھ خۇدا ئالتۇنمۇ hold قىلالماپتۇ:-( ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا ئىقتىسادى كىرزىس شۇنداق قىلىپ باشلاندىمۇ ئەمدى؟!
نىسپىلىك نەزىرىيەسىنىڭ ئاغدۇرىلىشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتۇ ھە
ئۇچۇر سودىسىنىڭ بەك چۇشۇپ كىتىپ بارىدۇ.بۇگۇن يەنە كۆك تۇرىدۇ..
ماينىڭ باھاسىمۇ چۇشتى، دوللارنىڭ باھاسى ئۆستى. ئەسلى نىفىتنىڭ باھاسىمۇ چۈشۈپ خىمىيە سانائەت بويۇملىرىنىڭ باھاسىنى تارتىپ چۈشۈرىشى كىرەك ئىدى، جۇڭگۇچىلىقتا ماي باھاسىنىڭ ئۆسىشى تىز،چۈشىشى بەك ئاستا،ئۈمۈت يوق ئوخشايدۇ.
ھازىرقىدەك چۈشكەن بازاردا ئىش-ئوقەتكە مەبلەغ سېلىش ئىمكانىيتى يوقلار پۇل كۆپ بولسا ئالتۇن، پۇل ئاز بولسا كۆمۈش، پۇل يەنىمۇ ئاز بولسا مۇددەتلىك قويۇپ قويغان ياخشى. پايچەك ۋە ئالتۇنغا مەبلەغ سالغان پۇل ئىشىنچە پۇلنىڭ 30 پىرسەنتىدىن ئىشىپ كەتمىسۇن دىگەندەك ئاگاھلاندۇرۇشلار مۇشۇ يەردە ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
ماۋۇ ئىككى ھىكايىنى ئوقۇپ بېقىڭلار،
بۇرۇن بىر ئوۋچى بولغانىكەن. ئۇ مەخسۇس بۆدۈنىنىلا ئوۋلايدىكەن. يەنى سېۋەتنى دۈم قىلىپ قىلتاق قۇرۇپ، ئىچىگە يەم سېلىپ قىلتاقنىڭ يىپىنى يىراقتىن كونترول قىلىپ ساقلاپ تۇرىدىكەن. بۆدۈنە سېۋەتنىڭ تېگىگە كىرىشى ھامان ئۇ يىپنى بىرلا تارتسا، بۆدۈنە قىلتاققا چۈشىدىكەن.
بىر كۈنى سېۋەتنىڭ ئىچىگە 12 بۆدۈنە بىراقلا دانلاشقا كىرىپتۇ ۋە ئارقىدىنلا بىر بۆدۈنە چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە: «ئاباي 12 بۆدۈنە بار چاغدا يىپنى تارتماپتىمەن. ئەمدى 11 بۆدۈنە قالدى، بىردەم ساقلاي، ئۇ يەنە قىلتاققا چۈشسە يىپنى بىر تارتاي» دەپ ئويلاپتۇ. لېكىن ئارقىدىن يەنە ئىككى بۆدۈنە مېڭىپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ «ۋاي ئىسىت، بولدى، 10 بۆدۈنە بولسىمۇ تۇتاي، ئىككىسىدىن بىرسى كىرسىلا يىپنى تارتىمەن» دەپ ئويلاپتۇ. ئەمما، بىرسى كىرىش تۈگۈل ئارقىدىنلا يەنە 3 بۆدۈنە چىقىپ كېتىپتۇ... ئۇ ئاخىر قۇرۇق قول قاپتۇ. بۇ ھېكايىدىن ئازراق پايدىغا شۈكرى قىلمىساق، ئاچكۆزلۈكىمىزنىڭ بىزگە كېلىدىغان پايدىنى يەپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
بۇرۇن بىر ئوغرى بولغانىكەن. بىر كۈنى ئوغلى ئۇنىڭدىن سوراپ قاپتۇ: «دادا، مېنىڭمۇ سەندەك بىر ئوغرى بولغۇم بار، ماڭا قانداق ئوغرىلىق قىلىشنى ئۆگىتىپ قويساڭ».ئوغرى ئوغلىغا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ، كۆڭلىدە: «بوپتۇ، ئوغلۇمغا بۇ ھۈنىرىمنى ئۆگىتىپ قويمىسام ئاچ قالمىسۇن-يەنە» دەپ ئويلاپتۇ-دە، ماقۇل بولۇپتۇ.
بىر كۈنى كەچتە ئوغرى ئوغلىنى ئېلىپ، بىرسىنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا چۈشۈپتۇ. ئاۋۋال ھويلا تېمىدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ كىرىپتۇ. ئاندىن ئۇ مال قويىدىغان ئامبارنى تېپىپ، ئامبارغا ئوغلىنى كىرگۈزۈپ، پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەر بولسا ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇپتۇ. ئوغلى ئامبارغا كىرىشىگىلا، ئوغرى ئامبارنىڭ ئىشىكىنى سولىۋېلىپ ۋارقىراپ-جارقىراپ، بۇ ئائىلە كىشىلىرىنى ئويغىتىۋېتىپتۇ-دە، ئۆزى قېچىپ كېتىپتۇ.
ئۆي ئىگىلىرى ئۆيىگە ئوغرى كىرگەنلىكىنى بىلىپ، ئوغرىنى ئىزدەشكە باشلاپتۇ. ئۇلار ھويلا تېمىدىكى تۆشۈكنى كۆرۈپ، ئوغرىنى قېچىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپتۇ-دە، مال-مۈلكىنى تەكشۈرمەكچى بولۇپ ئامبارغا شام ياندۇرۇپ كىرىپتۇ.
ئوغرىنىڭ ئوغلى ئامبارغا ئۆي ئىگىلىرىنىڭ كىرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى قورقۇپ كېتىپتۇ ھەم بىر ئامال ئويلاپ چىقىپتۇ. ئۇ ئامبار ئىشىكىنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈنۈپ تۇرۇپتۇ-دە، ئۇلار ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىشىگىلا، شامنى پۈۋلەپ ئۆچۈرۈۋېتىپ، قېچىپ كېتىپتۇ. ئۆي ئىگىلىرى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن «ئوغرىنى تۇتۇڭلار» دەپ ۋارقىرىغىنىچە قوغلاپتۇ.
بۇ كىچىك ئوغرى يولدا قېچىش جەريانىدا بىر كىچىك كۆلچەكنى كۆرۈپتۇ-دە، كۆلچەككە يوغانراق تاشتىن بىرنى تاشلىۋېتىپ داۋاملىق قېچىپتۇ. كىشىلەر كۆلچەك ئەتراپىدا ئوغرىنى ئىزدەۋاتقان شۇ پەيتتە ئۇ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ، دادىسىنى ئەيىپلەپ بولغۇچە، دادىسى ئېغىز ئېچىپ مۇنداق دەپتۇ: «ئوغلۇم، ساڭا ئېيتاي، ئوغرىلىق ھۈنىرى پەقەت ئوغرىلاشتىلا ئەمەس، بەلكى خەتەرگە يولۇققاندا قانداق قۇتۇلۇشتىدۇر...».
بىز دائىم پۇل-مۇئامىلە بازارلىرىدا مۇنداق گەپنى ئاڭلاپ قالىمىز: «ھەي ئىسىت، بالدۇرراق بىلگەن بولسام، زىياننى ئازراق تارتاركەنمەن...» شۇنىڭ ئۈچۈن زىيان كۆرۈلگەندە دەرھال زىياننىڭ پاتقىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى قىلىش كېرەك.
ھازىرقىدەك مۇقىم بولمىغان بازاردا يەنىلا ئالتۇن ئېلىش ئەڭ ياخشىمىكىن دەيمەن .پۇل بارغانچە پاخاللاشقىلى تۇردى .پۇلنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە پايدا ئېلىشتەك قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بۇلارمىكىن دەيمەن .ئالتۇن ئېلىش ھەم شەرىئەتكە ئۇيغۇنكەن .قايسى كۈنى ۋال كوچىسىدا نامايىش بولدى ،شۇنىڭغا قاراپ دوللارنىڭ باھاسىدا ئۆزگىرىش چوڭ بۇلارمىكىن دەپ قالدىم . تاشقى پىرۋوت بىلەن دوللارنىڭ،دوللار بىلەن ئالتۇننىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۋەتمەمسىلە مۇشۇ ساھەدىكىلەر .كېۋەزلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بولسام قۇلۇمدىكى مەبلەغ بىلەن قۇشۇپ ئالتۇن ئېلىپ باقايمىكىن دەپ ئالتۇن بازىرغا دىققەت قىلۋاتىمەن .
تۈنۈگۈن ۋول سچرىت ژورنىلىدىن Paul Hannon دىگەن ئادەم يازغان تۆۋەندىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىڭلار ۋاقتىڭلار چىقسا...بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك جەڭ ئوخشايدۇ...
http://online.wsj.com/article/SB10001424053111904106704576582513401950964.html?KEYWORDS=Paul+Hannon
بۇغداي قۇناق ئاش ئىكەن،ئالتۇن كۈمۈش تاش ئىكەن دەيدىغان كۈن كەپ قالماس ھە........تۇرمۇش لازىمەتلىكىنى ھەسسىلەپ ساقلىۋالساق، ئۇنى ساتقىلى بولمىسىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن: قەغەز، بېنزىن، ئىسپىرت، تالقان، باتارىيە، كۈن باتارىيىسى، شامال باتارىيىسى، پەلەي،.... ئەلەي، بەلەي دىگەندەك..