Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 11:54:24

كازافى تۇتۇلدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش،كازافى ئەمەس سىز تۇتۇلدىڭىز.ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئەيساجان.نىزامىدىن( wapadarim912 ) ئالتە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان "بىر سوم پىلانى "مېھرىبانلىق پائالىيىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان، سىتۇدىنىت ۋە ئوتتۇرا -باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرشى ئۈچۈن،خالىغۇچىلارنىڭ بىر سوم پىلانى ئۈچۈن بىر سومنى ئاز دىمەي ياردەم قىلسا.


بىر سوم پىلانى دېگەن نېمە ؟


ئايدا پەقەت ۋە پەقەت بىر سوم پۇلنى ئىئانە قىلىسىز ،بىر يىللىق ئىئانە پۇلۇم  دەپ 12 سوم پۇلنى  بىر سوم پىلانى كارتىسىغا ئەۋەتسىڭىز.


ئالاھىدە ئەسكەرتىش:


چەتئەلدىن ئىئانە قوبۇل قىلىنمايدۇ.



يىزائىگىلىك بانكا كارتىسى:


9559982980538213019


艾沙江.尼扎木丁



kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 12:18:02

بۈگۈن تازا چىڭ گۇيلار يىغىلىپتۇ ھە ئىزدىنىشقا..100 نەچچە ئادەم كىرىپ گەپمۇ قىلماي چىقىپ كېتىپتۇ. ئىزدىنىشتىكىلەر بېن لادىن بۇلۇپ تۇتۇلۇشقا رازىكى كازافى بۇلۇپ تۇتۇلۇپ قىلىشنى خالىمغان چىغىۋا.\"\"

dilara يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 12:40:07

\"چەتئەلدىن ئىئانە قوبۇل قىلىنمايدۇ!\" دەپ كەسكىن يېزىپ قويغان تۇرساڭلار، پۇلى بار چەتئەلدىكىلەر بېرىشكە جۈرئەت قىلالماي ئۈن-تىنسىز چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ-دە.


مەيلى، ئۈرۈمچى ياكى خوتەندە تۇرۇپ پۇل سېلىۋېتەرمىز.

tursunxayar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 12:42:25

ئەيساجان بۇرادەرنىڭ س س بانكىسى بىلەن مىجەزى كېلىشمەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟!


ئاز بولسىمۇ بەش سوم سېلىۋېتەي دېسەم بولمىدى دېسە. ھەي ئىست!!

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 13:17:49

بىرەر ھىلىگەرنىڭ ئېلانىمىكىن دەپ كىرگەن ئىدىم، ھاھ ھاھ(^_^)

99name يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 13:30:20

بۈگەن ئەتتىگەن 100 سوم سېلىندى.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 14:01:38

دەقيانوس تازا قاملاشتۇرۇپ تۇتالماي قاپتۇ ...لېكىن يەنىلا قوللايمىز ...\"\"

elwida يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 14:47:17

دىلارەنىڭ ئىنكاسىغا بەش نۇمۇر كەتتى !




دىمىسىمۇ چەتتىكى بايلار سالمىسا ما ۋەتەندىكىلەر ھومىيىپ تۇرىدۇ !



ئى زىيالىي دىگەن تەيجۈن قانداق قىلار باللا ياپۇنىيەدىن سالامماي ئاۋارە بوپ قالاما !




مەنمۇ كازافى بۇلۇپ تۇتۇلۇشنى خالىمىدىم !

xjmall يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 18:11:33

مۇنبەر چوڭلىرى ئۈستىدىكى ھېساۋات نۇمۇرىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلسا ئازراق كۆڭلۈم بار ، بولسا 招商نىڭ كارتا نۇمۇرنى دەپ بەرسەڭلا بەكمۇ قولايتى ~~~!

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 20:16:37

ئەيساجان بۈگۈن بىرەيلەندىن كەلگەن 100 سوم، يەنە بىرەيلەندىن كەلگەن 12 سومنى تاپشۇرۋاپتۇ، ئۆزى تورغا چىقالمىغاچ مېنىڭ جاۋاب بېرىپ قويۇشۇمنى ھاۋالە قىلغان !

begtash يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 20:47:49

خاتىرجەم  مۇنبەر كۆرمەك تەس ﺑﻮﻟﻰۋﺍﺗﻰﺩﻯﻍۇ

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 08:46:23

بۇ تېمىنى كۆرۈپلا مۇشۇنداق بىرە ئىش بارمىكىن دەپ ئويلىۋېدىم، دېگىنىمدەك بولدى،



  ھازىرلا تور بانكىسىدىن ئىككى يىللىق ئىئانە پۇلۇمنى ئاۋۇ نۇمۇرغا ئۇرىۋەتتىم.

nopano يوللانغان ۋاقتى 2011-9-24 14:22:58

چەتئەلدىن ئىئانە قوبۇل قىلىنمايدۇ؟
بەت: [1]
: كازافى تۇتۇلدى