function يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 13:11:58

ئىدىئوم: «ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا ساز چالغاندەك»


Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 13:46:30

ئىشەكمۇ ئۆزىگە تونۇشلۇقراق ئاۋازنى كۆرسە تەڭ جور بولىدىكەن ھە!

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 14:46:47

ئېشەك دەل شۇ شەيتاننى كۆرگەندە ھاڭرايدۇ.


خوراز پەرىشتىنى كۆرگەندە چىللايدۇ.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 16:08:39

ئۇزاق بوپتىكەن بۇنداق كۈلۈپ باقمىغىلى..ئۆزەمنى تۇتۇۋالالمىدىم دېسە...


بۇرۇن بىر ئاغىنەمنىڭ نىكاسىدا شۇنداق بىر قىيلىنىپ كەتكەنتىم كۈلكەمنى توختىتالماي.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 18:18:14

بۇ ئىشەك بۇ كانايغا يا بەك ئامراق يا بەك ئۆچ بولغاچقا ئەگىشىپ ھاڭراۋاتقان ئوخشايدۇ...

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 18:33:52

10 يىلنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق كۈز پەسلىدە قوناق ئورنىغا بۇغداي تېرىيدىغان يېرىمىزگە قىغ ئېلىپ كېتىۋاتساق دادۇيجاڭ ئەزالارنى ئۆتەر يولىمىزنىڭ ئىككى چېتىگە ئولتۇرغۇزۇپ ،مەجلىسكە چاقىرىپ سۆزلەۋاتقان ئىكەن ، ئوتتۇرىدىن ئۆتۈشتىن خىجىل بولۇپ ( توغرىسى : قورقۇپ ) سەل نېرىدىراق ساقلاپ تۇردۇق . يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى ، ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس . شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ يېتىلىۋالغان ئېشىكىمنىڭ قېشىغا كېلىپ ، ئېشەكنى دوراپ ھاڭراشنى باشلىدىم ، ئېشەك بايقۇش ماڭا ئەگىشىپ قاتتىق ئاۋازدا ھاڭراپ كەتتى . ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس . ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى بىلەن دادۈيجاڭنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايلا قالدى . ماڭا قاراپ بىر ھومىيىپ قويۇپ يىغىننى ئاياقلاشتۇردى . بۈگۈن مۇنۇ سىننى كۆرۈپ شۇ ئىشلار يادىمغا يېتىپ قالدى...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 21:40:53

مانىڭغا يامان كۈلىۋەتىم مەن............

function يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 22:06:09

مەنمۇ دەسلەپتە كۆرۈپ سەت كۈلىۋەتكەنتىم.

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 22:11:02

مەنمۇ شۇ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 22:18:35

يەنە كىرىپ سالدىم ما تېمىغا.يەنە كۈلىۋاتىمەن............پەينەك باش تازمۇ ھەييار گۇيكەن

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 13:54:28

بىر ئالدى ياتىقىمنى ئاۋازى..

function يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 11:48:21


function يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 17:29:51

5- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10 يىلنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق كۈز پەسلىدە قوناق ئورنىغا بۇغداي تېرىيدىغان يېرىمىزگە قىغ ئېلىپ كېتىۋاتساق دادۇيجاڭ ئەزالارنى ئۆتەر يولىمىزنىڭ ئىككى چېتىگە ئولتۇرغۇزۇپ ، مەجلىسكە چاقىرىپ سۆزلەۋاتقان ئىكەن ، ئوتتۇرىدىن ئۆتۈشتىن خىجىل بولۇپ ( توغرىسى : قورقۇپ ) سەل نېرىدىراق ساقلاپ تۇردۇق . يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى ، ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس . شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ يېتىلىۋالغان ئېشىكىمنىڭ قېشىغا كېلىپ ، ئېشەكنى دوراپ ھاڭراشنى باشلىدىم ، ئېشەك بايقۇش ماڭا ئەگىشىپ قاتتىق ئاۋازدا ھاڭراپ كەتتى . ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس . ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى بىلەن دادۈيجاڭنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايلا قالدى . ماڭا قاراپ بىر ھومىيىپ قويۇپ يىغىننى ئاياقلاشتۇردى . بۈگۈن مۇنۇ سىننى كۆرۈپ شۇ ئىشلار يادىمغا يېتىپ قالدى...



دېمەك ئېشەككە ھاڭراشنى دوراپ بەرسە ھاڭرايدىكەندە
بەت: [1]
: ئىدىئوم: «ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا ساز چالغاندەك»