alif يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 08:43:24

يېڭەي دېسەڭ ئالدىراپ مۇشت ئاتما![كۆچۈرۈلمە]

سىلۋېستېر.سىتاللۇن ھاوللېۋوتتىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئەزىمەتلەردىن.بىراق بۇ نادىر چولپاننىڭمۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتەلمەي لېۋىنى چىشلگەن، ئىرادىسىنى يوقىتىپ چۈشكۈنلەشكەن چاغلىرى بولغان، دېسە ئشەنگۈڭ كېلەرمۇ؟

20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئو ئاشۇنداق بولغاندى.بىراق، پەرۋاردىگار ئۇنىڭ چۈشكۈنلۈك پاتقىغا پېتىپلا كېتىشىنى خالىمغان بولسا كېرەك. بىر كۈنى ئۇ بوكىس مۇسابىقىسى كۆرگىلى باردى. مۇسابىقگە چۈشكەنلەرنىڭ بىر داڭلىق بوكىس چولپىنى ئەلى (بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە ئېغىر يارلانغا، ھەم شۇندىن كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرىپ ئىمان ئىتقان، ئەسلى ئىسمى قانداقلىقنى مەنمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن)يەنە بىر تېخى نامى چىقمىغان يېڭياچى ئىدى.مۇسابىقە ئاخىرىدا ئەلى قارشى تەرەپنى گەرچە يەڭگەن بولىسمۇ، لېكىن ئۇ ئەلىنى ئارىلىقتا بىر قېتىم ئۇرۇپ يېقتىۋەتتى.

مۇسابىقە ئاخىردا سىتاللۇنغا خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەكلا بىر خىل ئىلھام كېلىپ قالدى.ئۇنىڭ كاللىسىغا تۇيۇقىسزلا "" دۇنياغا قارشىلىق كۆرسىتەلەيدىغان بىر جەڭگىۋار ئوغلاننىڭ رولىنى ئېلىپ باقسام قانداق بولار؟"" دېگەن خىيال كەچتى. ئۇ ئاشۇ ئىلھامنىڭ قۇدۇرەتلىك كۈچى ئۈچ كۈن ئىچىدە (روكى)ناملىق بىر كىنو سىنارىيىسىنى پۈتتۈرۈپ چىقىتى.بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى ئىدى.

شۇ چاغدا سىتاللۇنننىڭ يېنىدا پەقەت 106دوللارلا پۇل قالغان بولۇپ، ھەش -پەش دېگۈچە ئۇمۇ تۈگەيتتى.تەلىيگە بىرەيلەن ئۇنىڭ سىنارىيسگە قىزىقىپ قېلىپ، ئۇنى 20مىڭ دوللارغاسېتىۋالماقچى بولدى.لېكىن ئۇ باش رولىنى باشقا ئادەمگە بېرىشنى شەرت قىلدى.

-بولمايدۇ!

سىتاللۇن قارشى تەرەپ قويغان 20مىڭ دوللارلىق بۇ باھادىن رازى ھەم ئاشۇ پۇلغا ئىنتايىن مۇھتاج بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى رەت قىلدى.

قارشى تەرەپ باش رولىنى باشقا بىرىگە بېرىش شەرتى بىلەن سىنارىيگە 80 دوللار باھا قويدى.

-      بولمايدۇ!

سىتاللۇن يەنە رەت قىلىدى.

      -200مىڭ دوللار چىقىراي!

- ياق!

- بولمايدۇ- دېدى سىتاللۇن يانە رەت قىلىپ،-مەن كېيىنكى ئۆمرۈمنىڭ پۇشايمان ئىچىدە ئۆتۈشىنى خالىمايمەن.

-ئۇنداق بولسا 330مىڭ دوللار بولسۇن!

-يوسۇ!

ستاللۇن ئاخىرى يەڭدى. ھېلىقى كىشىنى فىلىمنىڭ باش رولنى سىتاللۇنغا بېرىشكە قوشۇلدى ۋە سىنارىينىڭ قەلەم ھەققى ئۈچۈن 20مىڭ دوللار، ئۇنىڭدىن باشقا ھەپتىسىگە سىتاللۇنغا 340 دوللاردىن ئىش ھەققى بېرىدىغان بولدى.

دۇرۇس، سىتاللۇن ‹روكى› ناملىق بۇ فىلىمدىن ھېچقانچە پۇل تاپالمىدى. تۈرلۈك خىراجەتلەرنى چىقىرۋەتكەندە ئۇنىڭغا 10مىڭ دوللار قالمىدى.لېكىن ئۇ سىنارىيىنى قارشى تەرەپنىڭ دېگىنى بويىچە سېتىۋەتكەن بولسا 330مىڭ دوللارغا ئېرشكەن بوللاتى . ۋەھالەنكى ‹روكى›ناملىق بۇ فىلىم ئەڭ نادىر سىتاللۇننىڭ دڭقىنى بىراقلا چىقىرۋەتتى. 1976- يىلى ‹روكى›ناملىق بۇ فىلىم ئەڭ نادىر فىلىم مۇكاپاتى، ئەڭ نادىر رېژىسسۇرلۇق مۇكاپاتى، ئەڭ نادىر مۇنتاژ مۇكاپاتى قاتارلىق ئۈچ تۈر بويىچە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.سىتاللۇننىڭ ئۆزىمۇ ئەڭ نادىر ئەر باش رولچى مۇكاپاتى، ئەڭ نادىر سىنارىېست مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.بۇنىڭ بىلەن سىتاللۇننىڭ ئىشلىرى بىراقلا ئوڭغا تارتىپ دۇنياۋىي چولپانغا ئايلاندى. ئەمدىلىكتە ئۆزى بەك كۆرسەتكەن پۇل ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز قىممىتنى يوقىتىپ ئىمىر-چىمىر سان-سىفىرلارغا ئايلاندى.

==============================================================================

(ئۆزۈڭدىن ھالقى) ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 10:46:37

ئۇنداق ئەمەسلىكىنى سىز نەدىن بىلىسىز؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 09:41:00

سىتاللون دەسلەپتە سەل كېكېچلەپ سۆزلەيدىكەنتۇق ، ئۇنىڭ كىنوغا بولغان ئىشتىياقى بەك كۈچلۈك بولغاچقا نۇر غۇن كىنو شىركەتلىرى بىلەن كورۈشكەنكەن ، بىر قېتىم ئۇ يۇۈ تۇرانە ئىمتىھاندا كېكەچلەپ سۆزلىگىنى ئۈچۈن ، ئىمتىھان ئالغۇچىلارنىڭ <<سەن كىنوغا بولمايدىكەنسەن ، دېكتور بولۇشنى سىناپ باق>> دېگەن مەسخىرە گېپى بەك ئۆتۈپ كېتىپتىكەن. ئاخىرى ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئورۇنغا ئېرىشتى.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 10:19:24

مەن ياقتۇردۇىغان كىنو ئارتسىلىرنىڭ بىرى ...

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 10:52:33

بۇ كىشى مىڭگىت بوپ ساقايغانغۇ دەيمەن.. ئەسلى خالىيۋۇدتا يە توبالايدىكەنتۇق.

alif يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 13:45:24

ماڭا ئەڭ ياققىنى ئۆزىگە ئىشەنگەنلىكى ۋە ئۆزىدىن ھالقىپ ئۆزدىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارنى تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقدۇر.

مەن تېلېۋىزىيە ياكى رادىئو رىياسەتچىسى ۋە ياكى دېكتورى بولۇشنى ھەم ئۆزۈمدە  بۇنداق ئىقتىدانىڭ بارلىقىغا ئىشەنەتتىم.

ئەپسۇس بەزى ئىشلار بۇنىڭغا يول قويمىدى

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 14:56:05

ئارنولىد شىۋاتسىنگىرمۇ ئامرىكىغا زۇڭتۇڭ بولۇش ئۈچۈن شىۋىتسىيەدىكى چېغىدا 40 يىل ۋاقىت كېتىدۇ دەپ پىلان تۈزۈپ، ئالدى بىلەن زۇڭتۇڭ بولۇش ئۈچۈن باي ئائىلىگە كۈيئوغۇل بولۇش كېرەك، كۈيئوغۇل بولۇش ئۈچۈن خەلىقكە تونۇلۇش كېرەك، خەلىقكە تونۇلۇش ئۈچۈن داڭلىق كىنو ئارتىسى بولۇش كېرەك، كىنو ئارتىسى بولۇش ئۈچۈن قاتتىق بەدەن مەشىقى قىلىش كېرەك دەپ پىلان تۈزۈپتىكەن، ئەمما ئاخىرىدا ئامرىكىدا تۇغۇلمىغانلىقى سەۋەبىدىن زۇڭتۇڭ بولالماي شىتات باشلىقى بولدى.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 23:37:11

بىز ۋەتەننى سۆيگەندەك ۋەتەنمۇ بىزنى سۆيۈشى كېرەك! رامبونىڭ مۇشۇ گېپى پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ.

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 15:44:11

سىلەر مېنى ياخشى كۆرمەيسىلەر،مېنىڭمۇ سىلەر بىلەن خوشۇم يوق.لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردە مۇشلاشقىنىمىز مىليونلىغان جەڭچىلەرنىڭ قان كېچىپ جەڭ قىلغىنىدىن ياخشىراق ...دىگەن گەپلىرىمۇ بەك پەيزى.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 21:13:17

بىز ۋەتەننى سۆيگەندەك ۋەتەنمۇ بىزنى سۆيۈشى كېرەك! رامبونىڭ مۇشۇ گېپى پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ.

....................................................

قۇياش  ئوغلى  سىز   Mel Gibson  نىڭ  قەيسەر يۈرەك  دىگەن  فىلىمىنى  تولۇق  كۆرمىگەن  ئوخشايسىىز .......... ئېسىڭىزدىن  چىقمايدىغان گەپ شۇ  كىنونىڭ  ئاخىرىدا .

alif يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 11:29:46

تورداشلار بۇ تېمغاغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئەسكەرتىلمە : سىلۋېستېر.سىتاللۇن دەل ئامېرىكا ھېكايە فىلىمى \"بىرتامچە قان،RAMBO\"دىكى باش رولنى ئالغان ئارتىس شۇ!

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 12:06:59

ئەرىكتىكىن،ئۇ گەپمۇ پەيزى،مېنىڭ ئىمزايىمدىكى ئۇنىڭدىنمۇ پەيزى.

sansara يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 12:22:24

5- قەۋەتتىكى hx1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئارنولىد شىۋاتسىنگىرمۇ ئامرىكىغا زۇڭتۇڭ بولۇش ئۈچۈن شىۋىتسىيەدىكى چېغىدا 40 يىل ۋاقىت كېتىدۇ دەپ پىلان تۈزۈپ، ئالدى بىلەن زۇڭتۇڭ بولۇش ئۈچۈن باي ئائىلىگە كۈيئوغۇل بولۇش كېرەك، كۈيئوغۇل بولۇش ئۈچۈن خەلىقكە تونۇلۇش كېرەك، خەلىقكە تونۇلۇش ئۈچۈن داڭلىق كىنو ئارتىسى بولۇش كېرەك، كىنو ئارتىسى بولۇش ئۈچۈن قاتتىق بەدەن مەشىقى قىلىش كېرەك دەپ پىلان تۈزۈپتىكەن، ئەمما ئاخىرىدا ئامرىكىدا تۇغۇلمىغانلىقى سەۋەبىدىن زۇڭتۇڭ بولالماي شىتات باشلىقى بولدى.

ماۋۇ گەپنى سىزگە كىم دەپ بەردى؟

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 15:19:10

11- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن بۇنى خەنزۇچە <تەرمىلەر> ژورنىلىنىڭ 2007-يىلىدىكى سانىدىن ئوقۇغان.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 19:08:00

sansara يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 08:22:06

12- قەۋەتتىكى hx1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

11- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى hx1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئارنولىد شىۋاتسىنگىرمۇ ئامرىكىغا زۇڭتۇڭ بولۇش ئۈچۈن شىۋىتسىيەدىكى چېغىدا 40 يىل ۋاقىت كېتىدۇ دەپ پىلان تۈزۈپ، ئالدى بىلەن زۇڭتۇڭ بولۇش ئۈچۈن باي ئائىلىگە كۈيئوغۇل بولۇش كېرەك، كۈيئوغۇل بولۇش ئۈچۈن خەلىقكە تونۇلۇش كېرەك، خەلىقكە تونۇلۇش ئۈچۈن داڭلىق كىنو ئارتىسى بولۇش كېرەك، كىنو ئارتىسى بولۇش ئۈچۈن قاتتىق بەدەن مەشىقى قىلىش كېرەك دەپ پىلان تۈزۈپتىكەن، ئەمما ئاخىرىدا ئامرىكىدا تۇغۇلمىغانلىقى سەۋەبىدىن زۇڭتۇڭ بولالماي شىتات باشلىقى بولدى.

ماۋۇ گەپنى سىزگە كىم دەپ بەردى؟

مەن بۇنى خەنزۇچە <تەرمىلەر> ژورنىلىنىڭ 2007-يىلىدىكى سانىدىن ئوقۇغان.

ئۇ خەق دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنى ئۆزىدەك تەپەككۇر قىلىدۇ دەپ ئويلىۋالىدۇ،شىۋارتزىنەگگىر دىگەن لىيۇ بېى،جۇ يۇەنجاڭلار بولمىسا يا...
بەت: [1]
: يېڭەي دېسەڭ ئالدىراپ مۇشت ئاتما![كۆچۈرۈلمە]