Algha يوللانغان ۋاقتى 2011-9-19 21:10:58

بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان پويىز بىلىتىنى مۇنداق سېتىۋالدىم

سالام ئىزدىنىشلىقلار


يېقىندا تۇيۇقسىز بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە بېرىشقا دۇچ كەپ قېلىپ،بېلەت مەسىلىسى بېشىمنى بەك ئاغىرىتتى. پويىز ئىستانسىسىغا نەچچە قېتىم بارسام بىلەت يوق. ئەمەلىيەتتە بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە پويىز بىلەن قاتناپ باققان ھەرقانداق بىر كىشى بىلىدۇ،پويىز بىلىتى ھەرۋاقىت قىس،ھاتتاكى ھەپتىلەپ يوق.شۇنىڭ بىلەن كاللامغا مۇنداق بىر ئەقىل كەپ قالدى دىمەيسىلە:


پويىز ماڭىدىغان كۈنى ئەتتىگەندە پويىز ئىستانسىسىنىڭ "بىلەت قايتۇرۇش كۆزنىكى"گە بېرىپ تۇرۇش،شۇ يەرگە قايتۇرغىلى كەلگەن بىلەتتىن بىرنى سېتىۋېلىش. دېگەندەك شۇ كۈنى سومكامنى كۈتۈرگەن پېتى شۇ ئويلىغان يېرىمگە پويىز قوزغۇلۇشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن بېرىپ بولدۇم. دېگەندەك يېرىم سائەتلەر تۇرسام بىلەت قايتۇرۇدىغانلار كەلدى،شۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىردىن بېلەتنى سېتىۋېلىپلا پويىزغا چىقتىم.


بىراق پويىزغا چىقسام نۇرغۇن كىشىلەر بىلەتنى مەندەك ئېلىشنى ئويلاپ باقمىغان،ياكى بېيجىڭغا يېڭى بولۇشتەك ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن ئۇرۇنسىز بىلەتنى ئېلىپ پويىزغا چىقىپ قاپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ياشانغانلارمۇ بار ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا مىنىڭ بىلەت سېتىۋېلىشتىكى تەدبېرىمنى دېسەم بىز بىلمەي قاپتۇق،ئويلىيالماپتۇق ئۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى دەپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى.


پويىزدا كىتىپ بارغاچ مۇشۇنى كىچىككىنا بولسىمۇ بىر تىما سۈپىتىدە يېزىپ، دائىم بېيجىڭ بىلەن ئۈرۈمچى ئارلىقىدا پويىز ئارقىلىق قاتنايدىغانلارغا قولايلىق،ئاسانلىق تۇغدۇرۇشقا ياردەمدە بولسۇن ئۈچۈن مەزكۇر تىمىنى يېزىشنى ئويلىغان.مانا بۈگۈن شۇنى تاماملىدىم.


ئەگەر سىزمۇ پويىز بىلىتىنى مەندەك ساتىدىغان يەرلەردىن سېتىۋالالمىسڭىز،ئۇدۇللام پويىز بىلىتىنى قايتۇرۇش ئورنىغا بېرىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


سىزنىڭ سەپىرىڭىزگە ئامەت تىلەيمەن!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-9-19 21:23:19

ئۈزۆكۈندىن بۈگۈنگىچە بولغان ئۈچ كۈن ئىچىدە، مەن تۇرۇۋاتقان جايدىن خۇنەنگە 200 دەك ئوقۇغۇچى- ئوقۇتقۇچىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن، بېلەت ئۈرۈمچىدىن سېتىۋېلىندى، دىمەكچى،  ئۈستىكى ۋاقىت- ئورۇن- باھا ئۈرۈمچىدىن باشلاپ ھېساپلانغان، گەرچە 250 كىلومېتىرغا ئارتۇق پۇل خەجلەنگەن بولسىمۇ، تۇتاش ئورۇن ئېلىنىپ، تەرتىپكە كاپالەتلىك قىلىنىشقا توغرا كەلدى.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-9-19 21:26:33

بۇرۇن تەتىلدا قايتقۇچە ئۈچتاشتا مەنمۇ تۇرۇپ باقاتتىم سىزدەك...ئىشقىلىپ ئۆچرەتتە تۇرغانغا قارىغاندا جىق ۋاقىتنى تىجىگىلى بولىدۇ....

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2011-9-19 21:31:10

بۇ تەۋەككۈلچىلىك بوپتۇغۇ ئەمەلىيەتتە،تەلىيىڭىزگە بىرسىمۇ بېلەت قايتۇرغىلى كەلمىسە ئىش ئوخشايدۇدە (32چىش بىلەن كۈلگەن چىراي)


بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىز بېلىتىنى ھايانكەشلەر يىغىۋالىدىغان ئوخشايدۇ،بۇ يازدا پۈتۈن بېلەت سېتىش نۇقتىلىرى بىلەن پويىز ئىستانىسىدا بېلەت يوق جىددى بولغاچقا ئامالسىز ئوقۇغۇچى بالىلارغا دەپ 1100غا بىرنى تاپتۇرغان ئىدىم.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 20:24:32

ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز تۆت ئەتراپىڭىزغا شۇنداق قارىۋەتسىڭىز بىر قانچىسى سىزنى ئىزدەيدۇ بىلەت ئالامسىز دەپ.پويىز مېڭىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇنمۇ ئاستى كارىۋاتنىڭ بېلىتىنى ئالغىلى بولىدۇ.

agah يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 09:28:19

باچكا قارى قومۇللۇق كەپتەر بالىسى ئىكەندە

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 14:09:05

ئالدىنقې قېتىم يازدا بىر قېتىم ئۇرۇمچىدىن بېجىڭغا بېرىپتىمەن.ئەمما ھاياتىمدا پويىزدا ئۇنداق قىيىلىنىپ باقماپتىكەنمەن.ھەتتا ئاخشىمىمۇ ئۇخلاش مۇمكىن ئەمەس ئىسسق دەستىدىن...شۇ ۋاقتىدا ئىچكىردىكى باللانىڭ قەدىرىگە بەكمۇ يەتكەن ئىدىم.


ayshem-ay يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 20:40:21

ھەي كاللىڭىز خېلى ئىشلەپتۇ - دە ! بولمىسا مۇئەللىم بولمايتتىڭىز ......\"\"

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-30 11:01:15

مەنمۇ 2.دوختۇرخانىدا يەردىكى نۆۋەت نۇمۇرىنى ئىلىپلا كۆپ ۋاقتىمنى تىجەپ قالغان...

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2011-10-8 22:56:06

ماڭا دەرت تۆكىدىغانغا ئوبداق تېما بوپتۇ ماۋۇ.. \"\"

22-چېسلا يولغا چىقىپتىكەنمەن،ئۈرۈمچىگە كېلىپلا ئاغرىپ قالدىم،ئامالسىز ئاغىينەم ئەپقويغان بېلەتنى قايتۇرۇۋەتتىم.ئۈچ كۈن ئوكۇل ئېلىپ ساقىيىپ تۇرۇشۇمغا يانپىشىمغا بىر نەرسە چىقىپ قالدى.ئولتۇرۇپ چىدىمايمەن دە،ئامال يوق كارۋاتلىقنى ئالاي دەپ بارسام يوق، بىر ھەپتە كېيىننىڭمۇ يوقكەن،ھايانكەشلەر جىقتى، ساقىيىپ ئەتە ماڭىمەن دېگەن كۈنى ئالايچۇ دەپ قايتىپ كەلدىم،يىگىرمە توققۇز سائەت ئوندا بارسام بايرام دەپ چىڭىپ كەتكەن چىراي،ھايانكەشلەر ئاقتىمۇ -كۆكتىمۇ يوق،بىرئاشخانا ئاچىدىغان ئادەمنى بىلەتتىم ھايانكەشلەر بىلەن ئالاقىسى بار. بېلەت ئالاي دېسەم كىملىكنى چىقىرىڭ دەيدۇ،ئىچكىرىنىڭتى،يەنە خاتىرجەم بولالماي يوقلا دېدى،سالپىيىپ يەنە ھايانكەشلەرنى ئىزدىدىم،بىر سائەت لاغايلاپ يەنە كەلدىم قېشىغا،ئىچى ئاغىردىمۇ،ساڭا بېلەت بار يەرنى دەپ بېرەي دېدى،ھە دېسەم سىچاڭغا كىرسەڭ شورپا ساتىدىغان ئاشخانا بار،ئۇدۇلىدا جىق ئادەملەر بار،ئاستا بېرىپ كىملىكىڭنى چىقارساڭ،بېلەت لازىممۇ دەيدۇ دېدى، دېەىنىدەك بارسام بىر مۇنچە ئۇيغۇر،كىملىك چىقارمىدىم،بېيجىڭنىڭ كارۋات بارمۇ دېسەم بار،مىڭ كويلا دېدى،تالىشىپ يۈرۈپ 850كە دېيىشتۇق ئوتتۇرىنىڭكىنى،شېۋىسىدىن تۇرپانلىقمۇ سەن دېسەم ياقەي مەن قەشقەرلىك دەپ قويىشى قىزىق.بىر چەت  ئاشخانىنىڭ يازوسىغا باشلاپ كىردى ئىككىسى ،پۇلنى چىقار ئاداش دەيدۇ،ھى ھى،كىنولاردىكىدەك،بېلەتچۇ دېسەم ئاۋال پۇلنى بەر دەيدۇ،بېلەتنى كۆرمەي قانداق بېرىمەن دېسەم ئەمىسە ئىككى يۈزنى تاشلا ئاۋال دېدى،ھە دەپ بەردىم،ئۇدۇلۇمدا پۇلنى تۇتۇپ ئۇ ئولتۇردى،شېرىكى چىقىپ كەتتى،نەگە كەتتى ئاۋۇ دېسەم بىلەت توپ تارقىتىدىغان بازىرىمىز بار ،شۇ يەرگە كەتتى دەيدۇ،تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ نېمە قىلىسەن دەيدۇ،كاۋاپ ساتىمەن دەپ قويدۇم،ھى ھى.بىر چاغدا ناماز ئوقۋالاي دەيدۇ،پۇلنى بېرىپ چىق دېسەم ھازىرلا كىرىمەن دەپ ئۇنىمىدى،ئىككى يۈز كوي ئاز پۇلمۇ مەندەك نامرات ئوقۇغۇچىغا،تارتىشىپ قىزىرىشىپ قالدۇق،ئەجەپكەنسە ،مانا ما ئاكىمىزغا بېرىپ قويدۇم دەپ بىرسىگە بېرىپ يوقاپ كەتتى،پىچاق ساتىدىغان تەمبەل ئوغرىكەن،پىچاق دېگەن تىزىقلىق ئالدىدا،كەممەيدىغۇ ئا ئاداش دېسەم،ئۇنداق ئاسان بېلەت ئالالىسا سەنمۇ مانچە يۈز كوي پايدىسىنى بەرمەيسەندە،قورقما،كېلىدۇ كەچكىچە دەپ قويۇپ كۆزىنى يۇمۇپ ئولتۇرۇۋالدى،خەپ دەپ قويۇپ ساقلاپ كەتتىم ئۆرە تۇرۇپ،ئىككى سائەتتە پەيدا بولدى ناماز ئوقۇيدىغىنى، چېچىلىپ قالدىم،نەچچە سائەت بولدى،نومۇرىنى دە دېسەم دېدى،تېل قىلسام ئېلىپ مانا كەلدىم دەپ قويۇۋەتتى،يەنە قاق سائەتتىن ئوشۇق ساقلىدىم،بىر چاغدا كەپتۇ،ئۆيىدىكەن،ئەكىلىۋاتىدۇ دەپ، ئاچچىق دېگن توقسەنگە چىقتى،پۇلنى قايتۇرە ئاداش،كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن،موتۇرۇلا قىلىۋاتامسەن  دېسەم،ئاۋازىم ئۈنلۈك چىققان چىراي، ئۇمۇ تىل سالدى،ئۇنىڭغىچە ئىككى ساقچى كەپقالدى،ئاشخانىنىڭ خوجايىنى يۈگرەپ كەپتۇ،ئىچىگە كىرىپ چاي ئىچىپ ئولتۇرە ئۇكا،ھازىرلا كېلىدۇ دەپ.سامسىدىن بىرنى غاجىلاپ يەنە يوقاپ كەتتى ئۇ،چېيىنىمۇ ئىچمىدىم،ساقلا-ساقلا سائەت ئۈچ بوپتۇ، ئاخىرى كەلدى،ئالە،كۆزۈمگە بىر سۈرتۈۋالاي دېسەم،ساقچى ئەگىشىۋالدى، بىردەم ساقلا،ئون مىنۇت دېدى،بوپتۇ شۇنچە ساقلاپتىمەن دەپ ساقلىدىم، بىر چاغدا چاقىرىدۇ،يەنە بىر ئاشخانىنىڭ قاراڭغۇ يازوسىغا ئەكىرىپ بېلەتنى جوزىغا تاشلاپ يەنە ئەللىك كوي قوش،بىز ئوتتۇىرىنىڭكىنى دېيىشكەن،لېكىن بۇ ئاسىتنىڭ دەپ بېزىرىپ تۇرىدۇ، يۈزگە چىقتى رەسمىي،ئەكە پۇلنى،ئالمىدىم دېسەم،بەردى،نەدىن ئالساڭ ئال دەپ.ئويلاپ باقسام ئالمىسام مەن تېخىمۇ زىيان تارتىدىكەنمەن،بوپتۇ يىگىرمە كوي قوشاي،نەچچە سائەت ساقلاتتىڭ بىكارغا يا تۆلە دېسەم ئەستاغپۇرلا،ساقچى كىرىپ قالامىكى دەۋاتىمەن،بوپتۇ ئالە  دەپ خەپلىۋېتىپ بەردى.ئۇھ دەپ يېنىپ چىقتىم،

ئەتىسى ساقلاش زالىدا بىر ساقچى بېلەيتى بامۇ دەيدۇ،ھى ھى، باغۇ دەپ ئېلىپ بەرسەم ،نەدىن ئالدىڭ دەيدۇ،كۆزنەكتىن  دېسەم،زىشۇ پىڭجيا دەپ تامغا ئۇرۇپ قايتۇرۇپ بەردى،يېنىمدىكىسى ھىجاراپ كەتتى،ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان بېلەت توغرىلىق،ئۇ تېخى 950كە ئاپتىكەن.پويىزدا بىر خەنزۇ ئەر ئايال داۋالانغىلى مېڭىپتىكەن،ئايالى كېسەلكەن،ئۈستىنىڭكەن،ئالماشتۇرۇپ بەرسەڭ،ئايالىم كېسەلتى ،نەچچە دېسەڭ بېرەي دەيدۇ، نەچچە بېرىسەن دەپ باقسام يىگىرمە بېرەي دېدى،كەسپى ئەخلاقمۇ يا زىيادە كۆڭلۈم يۇمشاقمۇ بىكارغا ئالماشتۇرۇپ بېرىپ ئۈستى كارۋاتقا چىقىپ ئېلىۋالغان ئۈچ ئۇيغۇرچە كىتابنىڭ ھەممىنى ئوقۇۋېتىپتىمەن تاماققا پەسكە چۈشۈشتىن باشقا ئىش قىلماي. بېيجىڭغا سەككىزدە چۈشۈرۈپ قويدى،يامان تەستە ئاپتۇبۇس بېكىتىنى تاپسام ئەتىسى ئۈچ يېرىمدا ماڭىدۇ دەيدۇ، يەتتە سائەت ساقلاپ كەتتىم ئۆرە. بىر چاغدا كەلدى ماشىنا،چىقسام ھەممىسى مەس پىگىس،جىڭجۇدىن كەلگەن ماشنىكەن،يېنىمدا ئاز تولا پۇل بارتى،ئۇخلىيالمىدىم،ئەتىسى چۈشتە ئاران كېلىۋالدىم مەنزىلىمگە،شۇنداقتىمۇ بالدۇرقى بىر قانچە قېتىمقىدەك جاپا تارتىپ كەتمىدىم لېكىن، ھى ھى.كەلسەم ياتاقتىكى باللا پولۇنى دۈملەپ قويۇپتۇ،تويۇپ بىر يەپ،ئون نەچچە سائەت ئۇخلاپ ئاران ئەسلىمگە كېلىۋالدىم.كالېندارغا قارىسام ئىككىنچى چېسلاكەن.

    خۇدايىم بۇيرۇسا بالامنى چىڭخۇاغا ئۆتسىمۇ ئىچكىرىدە ئوقۇتمايمەن .

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 01:45:46

مەنمۇ كوتۇلداپ قوياي بېلەت توغرىلىق .

ئايروپىلاندىن ئولتۇرۇشتىن شۇ قەدەر قورقىمەنكى ئادەتتە پويىزدا بارغۇدەكلا جاي بولسا ئۇچۇپ بارمايمەن ئىشقىلىپ .

شۇنداق بولغاچقىمىكىن پويىز بېلىتى ئېلىشقا كەلگەندىمۇ شۇنداق ئۇستات ھەم ئۇششۇق ئىدىم ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا .( دائىم ماڭىدىغان قەرەلىم ئېنىق بولماي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدىن بىر،پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىدىن بىر ،ئۆزەمنىڭ مەكتىپىدىن بىر بېلەتنى ئوخشىمىغان چىسلالار بويىچە ئېلىپ قايسى چىسلا ئۇدۇل كەلسە شۇ كۈنى مېڭىپ قالغانلىرىنى ئادەملەر تورى ۋە چ چ نىڭ )状态(سىگە ئېلان بېرىپ سېتىۋېتىپ بېرىپ كەپ يۈرەتتىم .

بۇدومۇ بېيجىڭغا بۈگۈن ماڭىمەن ئەتە ماڭىمەن دەپ ئولتۇرۇپ ئالدى كەينى 4 قېتىم بېلەت قايتۇرۇپتىمەن . بىر قېتىم كۆزنەكنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ تۈزۈك پايدا ئالالماي يەنىلا ھايانكەشكە ساتقىنىم تۈزۈككەن دەپ شۇلارغا ئارقا ئارقادىن بېلەت سېتىپ يۈرۈپ يىراقتىن قارامنى كۆرگۈچە ۋاي قايتۇرىدىغان بېلەت بارمۇ دەپ يۈگۈرۈپ كېلىدىغان بوپ كەتتى ئۇ ھايانكەشلەرمۇ .

شۇنداق قىلىپ گەپنى قىسقارتاي . ھايانكەشنىڭ ئۇۋىلىرى بېلەت سېتىش زالىدىن چىقىپلا ئوڭ تەرەپتىكى ئۇششاق بازارنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتسە بىر مۇنچە كىچىك ئاشپۇزۇللار باردەل شۇ يەر شۇ . بىرىدىنلا سوراپ بېقىپ قاراپ ئولتۇرماي ھەممىسىدىن سوراپ باققۇلۇق (چەتكە تارتىپ قۇلىقىغا ھە ، سودىگەرنىڭ يولى بىر رىسقى بۆلەك ، خوشنىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ)..365 تەك تەلىيى كېلىپ قېلىش ئوڭاي ئەمەس ،شۇڭا بۇھايانكەشلەردىن سېتىۋېلىشنىمۇ ئويلىشىپ باقماي بولمايدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرۇپ بەكرەك ئۇششۇقلۇق قىلساڭلار خېلىلا ئەرزان ئالغىلى بولىدۇ . مەنغۇ (مەنمۇ بېلەتچىلىك قىپ باققان ، سىلەرگە ساتمىساممۇ مۇشۇ يەردە بىر سائەتتە تۇرۇپلا ساتىۋېرىمەن بېلىتىمنى دەپ تۇرۇپ قىممەت سېتىۋېتىپ ، سىلەردىن ئالمىساممۇ توردىن بېلەت قايتۇرىدىغانلار بەك جېق ، جىڭ جالىقىنى تۇتۇپلا بىلەلەيمەن .بېرىپ شۇلاردىن ئالىمەن ... دەپ كۆكۈرۈپ يۈرۈپ ئەرزان ئېلىپ ، ئېلىپ-ساتقانلىرىم تاناسىپ بولۇپ پايدىمۇ ئالماپتىمەن زىيانمۇ تارتىپ كەتمەپتىكەنمەن ئىشقىلىپ . تىرىشىپ يەنە نەچچە بېلەت ئېلىپ ساتقان بولسام كىرايىممۇ چىقىپ قالاركەن .

ئىشقىلىپ بۇدو يازدا بەك ئۇششۇق بوپ كەتتىمغۇ دەيمەن . ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ، ئۈچ تەرەپ كىلىشىم ئىمزالاپ نوپۇسۇمنى ھەل قىلىشقا چېپىپ ، يەنە ۋىزىنىڭ ماتېرياللىرىنى تولۇقلايمەن دەپ ئۇياق بۇياققا ئۆزەم يالغۇز قاتراپ (بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئوڭلاپ 5 كۈن تۇرۇپ باققان بولسام كاشكى ) ، بېلەت بېلەت سېتىپ .........

ئۈرۈمچىدە ئىش بېجىرمەكنىڭ تەسلىكىدە بۇرۇنقى مىجەزىم شۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىپتۇكى ئاۋۇ ھايانكەشلەر تازا سوزۇپ تۇرۇپ خېنوممممممممم ، سىلى قەشقەرنىڭ نەرىدىن ، بەك چىڭ ئىش قىلىدىغان قىز بالاكەنلا جۇمۇسىلا سىلە دىگەنتى قېيىپ چۈشكىلى تاس قالدىم .

ئىشقىلىپ قانداقلا بولمىسۇن بەك تۇرمىسا ھايانكەشلەرمۇ تازا قويىدىكەن . ئەگەر بولغان بولسام ئايتۇغنىڭ 1200 كوي پۇلىغا ئىككى بېلەت ئەپ بىرەركەنمەن ئادەم ئاز ۋاگوندىن ... \"\"

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 02:12:36

مۇزات قارىغاندا ئۇلارغا يۇۋاش كۆرۈنۈپ قاپتۇ . سىزگە دىگەن ھۈنەرلەرنى ماڭىمۇ ئىشلەتكەن ،گەپ ئۆزىڭىزنىڭ پەمىدە . ئۆزىڭىز بېلەتنى جايىدا ئالماي تۇغۇلمىغان بالىڭىزنى چىڭخۇا، بېيداغا ئۆتسىمۇ ئوقۇتمىسىڭىز بالىڭىزغا ئۇۋال بولىدۇ جۇمۇ .

مەنمىغۇ ئۇلارغا ئالدىنئالا بەرگەنتىم پۇلنى . تېخى پۇلنى بېرىپ قويۇپ ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا تازا پوپوزا قىلغانتىم . مەن سىلەرگە ئاللاھنى گۇۋاھچى قىلىپ تۇرۇپ ئىشىنىپ پۇلنى بەردىم . ئاللاھدىن قورقىدىغان مۇسۇلمان ئادەم بولساڭلار مەندەك نامرات ئوقۇغۇچى قىزنى ئالدىۋالمايسلەر ، ئالدىۋالغان تەقدىرمۇ بەرىكەت تېپپ كېتىشىڭلار ناتايىن دەپ قويۇپ ساقلاڭ دىگەنگە ئۇنىماي بېلەت تاپقاندا تېلىفون قىلىڭلا دەپ ئۆيگە كېتىپ 5 سائەتتىن كىيىن تېلىفون قىپتىكەن . ئۆزۈم بارماي دوستۇمنى ئەۋەتىپ قويغانتىم . مەن بارالمايمەن . ھېلىمۇ نەچچە سائەت ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلدىڭلار ، دوستۇمنى ئەۋەتىمەن ، مېنىڭ تېلىفون نومۇرۇمنى يادقا دەپ بېرەلىسە بېلەتنى شۇنىڭغا بېرىڭلا دەپ تاپىلاپ قويسام ئىشلار شۇنداق ئوڭۇشلۇق پۈتكەنتى بولمىسا .

سىزمۇ بۇ ھايانكەشلەرنى چۈشىنىپ قويۇڭ . بەزىدە ھەقىقەتەن بېلەت ئۆكسۈپ قالىدۇ ئۇلارنىڭ قولىدا . بەزىدە ئۆيىدە قېپمۇ قالىدۇ .(چۈنكى بۇلار توپ ئېلىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ پارچە ساتىدۇ ) بېلەت قالمىغان چاغلاردا ئۆئارا تېلىفون قىلىشىپ ئىزدەپ تاپىدۇ . سىزگە ئەرزان دەپ قويۇپ ئۆزى قىممەت ئېلىۋالغان بولسا دىيىشكەننىڭ ئارقىسىغا يەنە باھا قوشىۋالىدۇ ، ئۆتكەن يىلى قىشلىق تەتىلدە تۇيۇقسىز قايتىپ قالىدىغان بوپ قېلىپ ، بېلەت نەدە بولسا بېرىپ ئەكىلىۋالىمەن دەپ ئۆيىگە بېرىپ ئېلىۋالغانتىم بېلەتنى .

بۇ ئادەملەر سىز ۋە مەندەك تەربىيە كۆرگەن ئەمەس ،شۇڭا گەپ سۆزى قوپال . سىز گەپلەرنى ئۆتكۈدەك قىلىپ ئاچچىق ئىبارىلەر بىلەن تۆۋەن تىمپوراتۇرىلىق ئاھاڭدا دېسىڭىز دېيىشىپمۇ قالمايسىلەر ،سىزنى ئوڭدا قويۇپمۇ سالمايدۇ .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 03:01:58

رىتا نىمانداق يامان سىز.

ئوقۇش پۈتتۈرگەندە قارىمايلىق بىر قىز ساۋاقدىشىم تېلىفۇن قىلىپ پويىز بىلىتى ئېلىشىپ بېرىڭ دىگەنتى. مەن پويىزغا ئولتۇرۇپ باقمىغان بولغاچقا قائىدىسىنى بىلمەيدىكەنمەن قەشقەرلىق بىر ئاغىنەمنى باشلاپ ئۈچەيلەن پويىز ئىستانسىغا بارغانتۇق. بىر ھەپتىلىك بىلەت تۈگەپتۇ. ئايروپىلان بىلىتى ئالايلى دىسەك قىممەت بىلىنىپ ئامال يوق بىر قاشقارلىق ھايانكەشتىن ئىككى بىلەت ئالماقچى بولدۇق. ئەمما بۇ بالا بىزنى ئەگەشتۈرۇپ ياندىكى ئىچكىرىدىكى بىر ئاشخانىغا كىردۇق. توق قورساققا يەنە تاماق يەپ باھا تالاشقا چۈشتۇق.ئەسلى باھاسى 600 يۇەن بولغان  بىلەتنى 800 يۇەندىن ساتماقچى بولدى. ئۇنى دىسەكمۇ ئۇنىمايدۇ بۇنى دىسەكمۇ ئۇنىمايدۇ. ئاۋۇ قىزنىڭ قولىقى ئېغىرتى داۋالاتقىلى بېيجىڭغا ماڭماقچى ياشىنىپ قالغان ئاپىسى بىلەن ئىككىسى بارىدۇ ئەرزانراق بېرىڭ دىسەك ئەمىسە 100 يۇەن ئەرزان قىلىپ بېرەي دىگەنتى.

2 ئاي ئۆتۈپ ئۇقساق تۇتۇلۇپ قېلىپ تۈرمىگە كىرىپ كېتىپتۇ بىچارە.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2011-10-11 18:53:15

ھا ھا.

   بەلكىم ياۋاش كۆرۈنگەندىمەن،ئادەتتىمىغۇ يامان ياۋاش مەن. \"\"

ئاخىرىدىكى بېلەت ئېلىشنىڭ تەسلىكى سەۋەبىدىنلا كەپ چىققان گەپ ئەمەس. تولۇقنى شىنجاڭدا، ئالىي مەكتەپنى ئىچكىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇردەك گەپ قىلىڭ دەيمەن.ھېلىمۇ يەتتە يىللىق مەكتەپنى سەككىز يىل ئوقۇدۇم،ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي  سىنىپ قالمىدىم جۇمۇ يانا،باشقا سەۋەب بار.

    سىزدەك ئاقسا قىزلار بىلەن قەتئىي خوشام يوق.  {:92:}  

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 01:50:27

مەندەك ئاقسالار بىلەن خوشىڭىز بولمىسىمۇ بىر ئىنكاسنى بەش قېتىم يوللىمىسىڭىز بولمامدۇ دەيمەن    {:106:}    بىر قېتىم ئوقۇساق بىلىۋالاتتۇق نېمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى    {:90:}  

شۇ بېلەت ئېلىش تەس بوپ كەتمىگەن بولسا مەنمۇ ئاقسالىشىپ كەتمەيتتىم ،ھەيرانمەن ، مۇشۇ بېيجىڭنىڭ بېلىتى يىلنىڭ 365 كۈنى شۇنداق قىس دېسە  \"\"

ttt@ppp يوللانغان ۋاقتى 2011-10-13 08:36:23

مەن مۇزاتنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ يامان بالىكەن جۇمۇ دەپ يۈرسەم ، رىتا دىگەن قىز تېخىمۇ يامانكەنغۇ ؟ رىتا سىز قىز بالا تۇرۇپ ئاشۇ ھايانكەشلەر بىلەن قورقماي سودا قىلدىڭىزمۇ ؟ مەن بىر يىلى شۇنداق بېلەتنىڭ ئىشى بىلەن ئۇلار بىلەن مۇشتلىشىپ كەتكىلى تاس قالغان . ئەمما سەۋر - تاقەت بىلەن ساقلىسىڭىز بېلەتنى ئاخىرى ئالىسىز . سىز باتۇر قىزكەنسىز رىتا .

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-20 06:27:30

9- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ كوتۇلداپ قوياي بېلەت توغرىلىق .

ئايروپىلاندىن ئولتۇرۇشتىن شۇ قەدەر قورقىمەنكى ئادەتتە پويىزدا بارغۇدەكلا جاي بولسا ئۇچۇپ بارمايمەن ئىشقىلىپ .

شۇنداق بولغاچقىمىكىن پويىز بېلىتى ئېلىشقا كەلگەندىمۇ شۇنداق ئۇستات ھەم ئۇششۇق ئىدىم ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا .( دائىم ماڭىدىغان قەرەلىم ئېنىق بولماي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدىن بىر،پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىدىن بىر ،ئۆزەمنىڭ مەكتىپىدىن بىر بېلەتنى ئوخشىمىغان چىسلالار بويىچە ئېلىپ قايسى چىسلا ئۇدۇل كەلسە شۇ كۈنى مېڭىپ قالغانلىرىنى ئادەملەر تورى ۋە چ چ نىڭ )状态(سىگە ئېلان بېرىپ سېتىۋېتىپ بېرىپ كەپ يۈرەتتىم .

بۇدومۇ بېيجىڭغا بۈگۈن ماڭىمەن ئەتە ماڭىمەن دەپ ئولتۇرۇپ ئالدى كەينى 4 قېتىم بېلەت قايتۇرۇپتىمەن . بىر قېتىم كۆزنەكنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ تۈزۈك پايدا ئالالماي يەنىلا ھايانكەشكە ساتقىنىم تۈزۈككەن دەپ شۇلارغا ئارقا ئارقادىن بېلەت سېتىپ يۈرۈپ يىراقتىن قارامنى كۆرگۈچە ۋاي قايتۇرىدىغان بېلەت بارمۇ دەپ يۈگۈرۈپ كېلىدىغان بوپ كەتتى ئۇ ھايانكەشلەرمۇ .

شۇنداق قىلىپ گەپنى قىسقارتاي . ھايانكەشنىڭ ئۇۋىلىرى بېلەت سېتىش زالىدىن چىقىپلا ئوڭ تەرەپتىكى ئۇششاق بازارنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتسە بىر مۇنچە كىچىك ئاشپۇزۇللار باردەل شۇ يەر شۇ . بىرىدىنلا سوراپ بېقىپ قاراپ ئولتۇرماي ھەممىسىدىن سوراپ باققۇلۇق (چەتكە تارتىپ قۇلىقىغا ھە ، سودىگەرنىڭ يولى بىر رىسقى بۆلەك ، خوشنىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ)..365 تەك تەلىيى كېلىپ قېلىش ئوڭاي ئەمەس ،شۇڭا بۇھايانكەشلەردىن سېتىۋېلىشنىمۇ ئويلىشىپ باقماي بولمايدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرۇپ بەكرەك ئۇششۇقلۇق قىلساڭلار خېلىلا ئەرزان ئالغىلى بولىدۇ . مەنغۇ (مەنمۇ بېلەتچىلىك قىپ باققان ، سىلەرگە ساتمىساممۇ مۇشۇ يەردە بىر سائەتتە تۇرۇپلا ساتىۋېرىمەن بېلىتىمنى دەپ تۇرۇپ قىممەت سېتىۋېتىپ ، سىلەردىن ئالمىساممۇ توردىن بېلەت قايتۇرىدىغانلار بەك جېق ، جىڭ جالىقىنى تۇتۇپلا بىلەلەيمەن .بېرىپ شۇلاردىن ئالىمەن ... دەپ كۆكۈرۈپ يۈرۈپ ئەرزان ئېلىپ ، ئېلىپ-ساتقانلىرىم تاناسىپ بولۇپ پايدىمۇ ئالماپتىمەن زىيانمۇ تارتىپ كەتمەپتىكەنمەن ئىشقىلىپ . تىرىشىپ يەنە نەچچە بېلەت ئېلىپ ساتقان بولسام كىرايىممۇ چىقىپ قالاركەن .

ئىشقىلىپ بۇدو يازدا بەك ئۇششۇق بوپ كەتتىمغۇ دەيمەن . ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ، ئۈچ تەرەپ كىلىشىم ئىمزالاپ نوپۇسۇمنى ھەل قىلىشقا چېپىپ ، يەنە ۋىزىنىڭ ماتېرياللىرىنى تولۇقلايمەن دەپ ئۇياق بۇياققا ئۆزەم يالغۇز قاتراپ (بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئوڭلاپ 5 كۈن تۇرۇپ باققان بولسام كاشكى ) ، بېلەت بېلەت سېتىپ .........

ئۈرۈمچىدە ئىش بېجىرمەكنىڭ تەسلىكىدە بۇرۇنقى مىجەزىم شۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىپتۇكى ئاۋۇ ھايانكەشلەر تازا سوزۇپ تۇرۇپ خېنوممممممممم ، سىلى قەشقەرنىڭ نەرىدىن ، بەك چىڭ ئىش قىلىدىغان قىز بالاكەنلا جۇمۇسىلا سىلە دىگەنتى قېيىپ چۈشكىلى تاس قالدىم .

ئىشقىلىپ قانداقلا بولمىسۇن بەك تۇرمىسا ھايانكەشلەرمۇ تازا قويىدىكەن . ئەگەر بولغان بولسام ئايتۇغنىڭ 1200 كوي پۇلىغا ئىككى بېلەت ئەپ بىرەركەنمەن ئادەم ئاز ۋاگوندىن ... \"\"

ئاۋۇ ھايانكەشلەر بىلەتنى جىق ئالدىمۇ دەيلى ماقۇل، بىر كىملىككە بىر بىلەت ئالغىلى بولسا، ئاۋۇ ھايانكەشلەر قانداق قىلىپ، ئالىدۇ نۇرغۇن بىلەتنى.


مەسىلەن مەن بىلەتنى ئارتۇق ئېپ سالسام، بۇ باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولسام قانداق مەشغۇلات قىلىمەن؟! 签证 دىگىنى شۇمۇ يا.  بىر ئامالىنى دەپ بەرسىڭىز.


ئۇنداق دىسەم باشقىچە چۈشىنىپ قالماڭ، ئارتۇق بىلەت ئېىپ قالىسام، بېلەتنى مۇھتاجلارغا ئۆنۈپ بىرەي دىگەنتىم .

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-20 06:33:56

8- قەۋەتتىكى muzatdنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

  ماڭا دەرت تۆكىدىغانغا ئوبداق تېما بوپتۇ ماۋۇ.. \"\"

22-چېسلا يولغا چىقىپتىكەنمەن،ئۈرۈمچىگە كېلىپلا ئاغرىپ قالدىم،ئامالسىز ئاغىينەم ئەپقويغان بېلەتنى قايتۇرۇۋەتتىم.ئۈچ كۈن ئوكۇل ئېلىپ ساقىيىپ تۇرۇشۇمغا يانپىشىمغا بىر نەرسە چىقىپ قالدى.ئولتۇرۇپ چىدىمايمەن دە،ئامال يوق كارۋاتلىقنى ئالاي دەپ بارسام يوق، بىر ھەپتە كېيىننىڭمۇ يوقكەن،ھايانكەشلەر جىقتى، ساقىيىپ ئەتە ماڭىمەن دېگەن كۈنى ئالايچۇ دەپ قايتىپ كەلدىم،يىگىرمە توققۇز سائەت ئوندا بارسام بايرام دەپ چىڭىپ كەتكەن چىراي،ھايانكەشلەر ئاقتىمۇ -كۆكتىمۇ يوق،بىرئاشخانا ئاچىدىغان ئادەمنى بىلەتتىم ھايانكەشلەر بىلەن ئالاقىسى بار. بېلەت ئالاي دېسەم كىملىكنى چىقىرىڭ دەيدۇ،ئىچكىرىنىڭتى،يەنە خاتىرجەم بولالماي يوقلا دېدى،سالپىيىپ يەنە ھايانكەشلەرنى ئىزدىدىم،بىر سائەت لاغايلاپ يەنە كەلدىم قېشىغا،ئىچى ئاغىردىمۇ،ساڭا بېلەت بار يەرنى دەپ بېرەي دېدى،ھە دېسەم سىچاڭغا كىرسەڭ شورپا ساتىدىغان ئاشخانا بار،ئۇدۇلىدا جىق ئادەملەر بار،ئاستا بېرىپ كىملىكىڭنى چىقارساڭ،بېلەت لازىممۇ دەيدۇ دېدى، دېەىنىدەك بارسام بىر مۇنچە ئۇيغۇر،كىملىك چىقارمىدىم،بېيجىڭنىڭ كارۋات بارمۇ دېسەم بار،مىڭ كويلا دېدى،تالىشىپ يۈرۈپ 850كە دېيىشتۇق ئوتتۇرىنىڭكىنى،شېۋىسىدىن تۇرپانلىقمۇ سەن دېسەم ياقەي مەن قەشقەرلىك دەپ قويىشى قىزىق.بىر چەت ئاشخانىنىڭ يازوسىغا باشلاپ كىردى ئىككىسى ،پۇلنى چىقار ئاداش دەيدۇ،ھى ھى،كىنولاردىكىدەك،بېلەتچۇ دېسەم ئاۋال پۇلنى بەر دەيدۇ،بېلەتنى كۆرمەي قانداق بېرىمەن دېسەم ئەمىسە ئىككى يۈزنى تاشلا ئاۋال دېدى،ھە دەپ بەردىم،ئۇدۇلۇمدا پۇلنى تۇتۇپ ئۇ ئولتۇردى،شېرىكى چىقىپ كەتتى،نەگە كەتتى ئاۋۇ دېسەم بىلەت توپ تارقىتىدىغان بازىرىمىز بار ،شۇ يەرگە كەتتى دەيدۇ،تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ نېمە قىلىسەن دەيدۇ،كاۋاپ ساتىمەن دەپ قويدۇم،ھى ھى.بىر چاغدا ناماز ئوقۋالاي دەيدۇ،پۇلنى بېرىپ چىق دېسەم ھازىرلا كىرىمەن دەپ ئۇنىمىدى،ئىككى يۈز كوي ئاز پۇلمۇ مەندەك نامرات ئوقۇغۇچىغا،تارتىشىپ قىزىرىشىپ قالدۇق،ئەجەپكەنسە ،مانا ما ئاكىمىزغا بېرىپ قويدۇم دەپ بىرسىگە بېرىپ يوقاپ كەتتى،پىچاق ساتىدىغان تەمبەل ئوغرىكەن،پىچاق دېگەن تىزىقلىق ئالدىدا،كەممەيدىغۇ ئا ئاداش دېسەم،ئۇنداق ئاسان بېلەت ئالالىسا سەنمۇ مانچە يۈز كوي پايدىسىنى بەرمەيسەندە،قورقما،كېلىدۇ كەچكىچە دەپ قويۇپ كۆزىنى يۇمۇپ ئولتۇرۇۋالدى،خەپ دەپ قويۇپ ساقلاپ كەتتىم ئۆرە تۇرۇپ،ئىككى سائەتتە پەيدا بولدى ناماز ئوقۇيدىغىنى، چېچىلىپ قالدىم،نەچچە سائەت بولدى،نومۇرىنى دە دېسەم دېدى،تېل قىلسام ئېلىپ مانا كەلدىم دەپ قويۇۋەتتى،يەنە قاق سائەتتىن ئوشۇق ساقلىدىم،بىر چاغدا كەپتۇ،ئۆيىدىكەن،ئەكىلىۋاتىدۇ دەپ، ئاچچىق دېگن توقسەنگە چىقتى،پۇلنى قايتۇرە ئاداش،كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن،موتۇرۇلا قىلىۋاتامسەن دېسەم،ئاۋازىم ئۈنلۈك چىققان چىراي، ئۇمۇ تىل سالدى،ئۇنىڭغىچە ئىككى ساقچى كەپقالدى،ئاشخانىنىڭ خوجايىنى يۈگرەپ كەپتۇ،ئىچىگە كىرىپ چاي ئىچىپ ئولتۇرە ئۇكا،ھازىرلا كېلىدۇ دەپ.سامسىدىن بىرنى غاجىلاپ يەنە يوقاپ كەتتى ئۇ،چېيىنىمۇ ئىچمىدىم،ساقلا-ساقلا سائەت ئۈچ بوپتۇ، ئاخىرى كەلدى،ئالە،كۆزۈمگە بىر سۈرتۈۋالاي دېسەم،ساقچى ئەگىشىۋالدى، بىردەم ساقلا،ئون مىنۇت دېدى،بوپتۇ شۇنچە ساقلاپتىمەن دەپ ساقلىدىم، بىر چاغدا چاقىرىدۇ،يەنە بىر ئاشخانىنىڭ قاراڭغۇ يازوسىغا ئەكىرىپ بېلەتنى جوزىغا تاشلاپ يەنە ئەللىك كوي قوش،بىز ئوتتۇىرىنىڭكىنى دېيىشكەن،لېكىن بۇ ئاسىتنىڭ دەپ بېزىرىپ تۇرىدۇ، يۈزگە چىقتى رەسمىي،ئەكە پۇلنى،ئالمىدىم دېسەم،بەردى،نەدىن ئالساڭ ئال دەپ.ئويلاپ باقسام ئالمىسام مەن تېخىمۇ زىيان تارتىدىكەنمەن،بوپتۇ يىگىرمە كوي قوشاي،نەچچە سائەت ساقلاتتىڭ بىكارغا يا تۆلە دېسەم ئەستاغپۇرلا،ساقچى كىرىپ قالامىكى دەۋاتىمەن،بوپتۇ ئالە دەپ خەپلىۋېتىپ بەردى.ئۇھ دەپ يېنىپ چىقتىم،

ئەتىسى ساقلاش زالىدا بىر ساقچى بېلەيتى بامۇ دەيدۇ،ھى ھى، باغۇ دەپ ئېلىپ بەرسەم ،نەدىن ئالدىڭ دەيدۇ،كۆزنەكتىن دېسەم،زىشۇ پىڭجيا دەپ تامغا ئۇرۇپ قايتۇرۇپ بەردى،يېنىمدىكىسى ھىجاراپ كەتتى،ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان بېلەت توغرىلىق،ئۇ تېخى 950كە ئاپتىكەن.پويىزدا بىر خەنزۇ ئەر ئايال داۋالانغىلى مېڭىپتىكەن،ئايالى كېسەلكەن،ئۈستىنىڭكەن،ئالماشتۇرۇپ بەرسەڭ،ئايالىم كېسەلتى ،نەچچە دېسەڭ بېرەي دەيدۇ، نەچچە بېرىسەن دەپ باقسام يىگىرمە بېرەي دېدى،كەسپى ئەخلاقمۇ يا زىيادە كۆڭلۈم يۇمشاقمۇ بىكارغا ئالماشتۇرۇپ بېرىپ ئۈستى كارۋاتقا چىقىپ ئېلىۋالغان ئۈچ ئۇيغۇرچە كىتابنىڭ ھەممىنى ئوقۇۋېتىپتىمەن تاماققا پەسكە چۈشۈشتىن باشقا ئىش قىلماي. بېيجىڭغا سەككىزدە چۈشۈرۈپ قويدى،يامان تەستە ئاپتۇبۇس بېكىتىنى تاپسام ئەتىسى ئۈچ يېرىمدا ماڭىدۇ دەيدۇ، يەتتە سائەت ساقلاپ كەتتىم ئۆرە. بىر چاغدا كەلدى ماشىنا،چىقسام ھەممىسى مەس پىگىس،جىڭجۇدىن كەلگەن ماشنىكەن،يېنىمدا ئاز تولا پۇل بارتى،ئۇخلىيالمىدىم،ئەتىسى چۈشتە ئاران كېلىۋالدىم مەنزىلىمگە،شۇنداقتىمۇ بالدۇرقى بىر قانچە قېتىمقىدەك جاپا تارتىپ كەتمىدىم لېكىن، ھى ھى.كەلسەم ياتاقتىكى باللا پولۇنى دۈملەپ قويۇپتۇ،تويۇپ بىر يەپ،ئون نەچچە سائەت ئۇخلاپ ئاران ئەسلىمگە كېلىۋالدىم.كالېندارغا قارىسام ئىككىنچى چېسلاكەن.

  خۇدايىم بۇيرۇسا بالامنى چىڭخۇاغا ئۆتسىمۇ ئىچكىرىدە ئوقۇتمايمەن .


<< زىشۇ پىڭجيا >>  ماۋۇ نىمە دىگەن گەپكىن بىر چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار قانداق؟ ئىنكاسىڭلىنى قىزىقىپ ئۇقۇپ كېلىپ، ئاۋۇ خەتنىڭ مەنىسى چۈشىنەلمەي قالدىمغۇ؟
بەت: [1]
: بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان پويىز بىلىتىنى مۇنداق سېتىۋالدىم