karizqi يوللانغان ۋاقتى 2011-9-18 01:04:54

ماتىماتىكا ۋە بىزنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمىز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۈرمەتلىك ئىزدىنىش ئەھلى !



ئۆزەم مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلىق ساھەسىگە قەدەمقويغىلى ئىككى يىلدىنئاشتى ،بۇ جەرياندا مەن ئەسلىكەسپىمنى تاشلاپ ماتىماتىكا دەرسىنى ئۆتۈشكە مەجبۇر بۇلۇپ قالدىم ،ھەمدە ئالدىرشلىق ئىچىدە ئۆگىنىش بىلەن بىللە دەرىس بېرىشنى داۋامئەتتىم،خېلى ئۇزۇن بولدى مەن كۆپساندىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ كۆزىتىپباقتىم ،خەنزۇلارنىڭ مەكتەپلىرىدە ئاساسەن ماتىماتىكا دەرسى سائەتى بىرىنچى ياكى ئىككىنىچى سائەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ ،لېكىن بىزنىڭ مەكتەپتە بولسا بىر ھەپتىدە بىر سائەتلا بىرىنچى سائەتكە ،قالغىنىنى بولسا ،3-4سائەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ،بىرنەچچە قېتىم يۇقارقى ئەھۋالنى ئىنكاسقىلدىم ،چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا باشلىق بولدى ،لېكىن پايدىسى بولمىدى.


ئەمدى ئەسلى مەخسەتكە كەلسەك سىلەرنىڭ مەكتەپ ياكى سىلەرئوقۇۋاتقان، پەرزەنىتلىرىڭلار ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەر قانداق ئورۇنلاشتۇردى ،ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى سىنىپ مەسئولى بولغانئوقۇغۇچىلار بىلەن باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى سىنىپ مەسئولى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئارسىدىكى پەرىقنىچۆردىگەن ھالدا ئۆز كۆز قارىشىمىزنى بايان قىلىپ باقساقمىكىن دەيمەن .

birdil يوللانغان ۋاقتى 2011-9-18 08:30:43

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تېمىڭىزنىڭ ئەمەلي قىممىتى بار دەپ ئويلايمەن، مەن گەرچە ئوقۇتقۇچى بولمىساممۇ مائارىپقا، بولۇپمۇ تىل ۋە تەبىئي پەنلەرگە ئوتتەك.مېنىڭچە سىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرىغا ئىنكاس قىلغىنىڭىز توغرا، لېكىن ئۇ <باشلىقچاق>نىڭ نەچچە رەت رەت قىلغىنىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىمىزغا سىڭگەن بىر ئۇدۇم شۇكى سىز بىر باشقۇرۇلغۇچى ياكى تۆۋەن قاتلامدا تۇرۇپ، مەلۇم ئىشقا ئىجابي جەھەتتىن تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى، مۇنداقچە ئېيتقاندا يېڭىلىق ياراتماقچى، جەدىتلىك قىلماقچى بولغىنىڭىزدا ئاساسەن رەت قىلىنسىز. سەۋەب شۇكى، بۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدەسۇنى ئۆز يولىدا ئېقىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىق، كونا قائىدىنى بۇزغانلىق...


   مەن ئوقۇتقۇچىلىك كەسپىنىڭ ئەھلى ئەمەس، لېكىن ھازىرقى جەمئىيەتتە ھەر ساھەدە ئىشلار <سۇنىڭ ئېقىشى، تۈكىنى يېتىشى> دەك بىمەنىلىك ئىچىدە كېتىۋاتىدۇ. ئەگەر سىز مەكتەپ مۇدىرى بولغان بولسىڭىز سىزنىڭ بەزى بىمەنە ئورۇنلاشتۇرۇشلېرىڭىز مۇھىم يوليورۇققا ئايلىناتتى، مەن بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەن.


   مېنىڭ تەكلىپىم: سىز يېڭى خىزمەتكە قاتناشكەنسىز، ئىش جىقراق، گەپ ئازراق بولسا، بەلكىم ئاشۇ يوغان قوساقلار تەرىپىدىن ئانچە مۇنچە كۆزگە ئىلىنىپ قالسىڭىز، نەچچە ئەمەس، بىر رەت سۆزلىسىڭىزلا بەلكىم ئورۇندىلىپ قالار. كەچۈرۈڭ، كەسپي جەھەتتىن سۆز ئېچىشقا ئاجىزمەن.

forever يوللانغان ۋاقتى 2011-9-18 10:09:23

مەنمۇ بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى .خىزمەتكە چىققىلى بىر يىل بولدى.ھازىر كۆپىنىچە مەكتەپلەرنىڭ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ئىلمى ئەمەس.(دۈشەنبە كۈنى ئەتتىگندىكى سىنىپ مۇدىرىنىڭ دەرىسىدىن باشقا)


ئۇلار پەقەت دەرسنى توقۇنۇش قىلماي ئورۇنلاشتۇرالىسىلا بولدى باشقىسى بىلەن كارى يوق.بۇنىڭ سەۋەبى ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل،يەنە بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىسى 1-سائەت 4-سائەت ۋە چۈشتىن كېيىن ئورۇنلاشسا بولمايدۇ.شۇڭا 8-سائەت 4-سائەتلەرگە ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.بولمىسا مۇشۇنداق دەرس جەدىۋىلى تۈزىدىغان دېتاللار خېلى بار.ئۇنى ئىشلەتسە بەك ئاسان بوپ كېتىپ بەزىلەرنىڭ دەرىسى قالايمىقان بوپ كېتەرمىش.

karizqi يوللانغان ۋاقتى 2011-9-18 10:11:12

مەن كېچەكۈندۈز   دېمەي ئىشلەۋاتىمەن ،مەكتەپنىڭ پىكىربېرىڭلاردېگندىن كىيىن ئىككى تۈرلۈك پىكىربەرگەن ،بىرى مۇشۇ دەرىس ئورۇنلاشتۇرۇش ،يەنە بىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئوبۇرنىسىنىئايرىش تەكلىپى.بۇ يەردەكېلىپلا مەكتەپتىكىلەرەە ئاقساقاللىق قىلۋاتقىنىميوق ،خاتا چۈشىنىپقاپسىز،بۇ بىزنىڭ زىممىمىزگەمىللەت ئارتقان مەسئۇلىيەتتۇرسا ،دېمەي بولامدۇ ،يەنە كېلىپ بىزنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئايال كىشى،يوغان قورساق ئەمەس،ئەمماسىزنىڭ مۇنۇ تەكلىۋىڭىز سەل جايىدا بولماي قالدى .<سىز يېڭى خىزمەتكە قاتناشكەنسىز، ئىش جىقراق، گەپ ئازراق بولسا، بەلكىم ئاشۇ يوغان قوساقلار تەرىپىدىن ئانچە مۇنچە كۆزگە ئىلىنىپ قالسىڭىز، نەچچە ئەمەس، بىر رەت سۆزلىسىڭىزلا بەلكىم ئورۇندىلىپ قالار. >مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم مۇشۇ ماتىماتىكا ئوقۇتۇش ئۇسولى مۇنازىرىسىدىن ئازراق بولسىمۇ نەپكە ئىرىشسەمكەن دىگەن نىيەتتە.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-18 11:18:01

باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دەرسلەر تاق سائەتلىك بويىچە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا ۋە تېخنىكومدىن يۇقۇرى مەكتەپلەردە دەرسلەر قوش سائەتلىك بويىچە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، ماتېماتىكا دەرسى باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەپتىسىگە كەم بولغاندا 5 سائەتتىن ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، 1- سائەتنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ماتېماتىكىغا بېرىۋەتسە، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىشمەي، ماتېماتىكىنى كۆرسە بېشى ئاغرىيدىغان شائىر مۇئەللىملەر(چاقچاق چىراي)نىمۇ ماتېماتىكا ئۆشكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ،سىزچە شۇنداق قىلسا مۇمكىن بولارمۇ؟ ئىلمىي بولارمۇ؟


سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە يوقمۇ ئەمەس:


دەرس سەتكىسى تۈزگۈچى دەرسنى جايلاپ ئۆتەلمەي، ئەپلەپ-سەپلەپ ئىلمىي بۆلۈمگە كىرىۋالغان نان قىپى بولغانلىقتىن، كۆپ قىسىم مەكتەپلەردە ھازىر دەرس سەتكىسىنى پەقەت دەرسخانىنى ئوقۇتقۇچىسىز قويماسلىق ئۈچۈنلاتۈزىشىدۇ، دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە قەتئىي ئەمەل قىلىشمايدۇ، بىرلا نۇقتىغا ئەمەل قىلىدۇ، پەقەت دەرسلەر تاقىشىپ قالمىسىلا، ئوقۇتقۇچىلارغا بىرلا ۋاقىتتا 2 سىنىپقا دەرس كىلىپ قالمىسىلا بولدى.

durak يوللانغان ۋاقتى 2011-9-18 13:59:08

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىكئۇستاز قېرىنداشلار، بۇتېمىدىنپايدىلىنىپ سىلەردىنكىچىكسۇئال   مەسلىھەت ئالماقچى ، قىزىمبۇ يىليەسلىدەباشلانغۇچ مەكتەپتەييارلىقسىنىپىدا ئوقىۋاتىدۇ ، ئىنشائاللاھكىلەر يىلىبىرىنچىسىنىپتائوقۇيدۇ ،مەنئۇزۇنمەزگىل ئويلىنىشۋەئىزدىنىش ، قىزىمنىڭپىسخولوگىيەسىنى كۈزىتىشئارقىلىق قىزىمنىتۆۋەندىكىئىككىئۇسۇلداتەربىيەلەشكە تەييارلىققىلدىم ،
1- مۇقەددەسكىتاپقۇرئانىكەرىمنى قىزىم10 ياشقاكىرگىچە يادلىتىپبولۇش ، بۇقىزىمنىڭ ئىككىدۇنيالىق بەختى ، ئېتىقادىغائاساسسېلىشبىلەنلامۇناسىبەتلىكبولۇپقالماي « ئوڭ مىڭە »نىڭئېچىلىپكېيىنگە تالانت ئىگىسىبولۇپقېلىشنىڭ مۇھىمئامىلىئىكەن ، مەسىلەن ، ھەرقانداقبىريەھۇدىئائىلىسىپەرزەنتلىرىگە تىلى چىقىشتىن    باشلاپتەۋراتنىيادلىتىدىكەن، بۇمۇيەھۇدىلارنىڭئىچىدىنتالانتلىقلارنىڭ ، نوبېلمۇكاپاتىساھىبلىرىنىڭكۆپچىقىشىنىڭناھايىتىمۇھىمسەۋەبلىرىدىنبىرىئىكەن ... ، ھەمخەنزۇيولداشلارمۇ»唐诗宋词, 三字经 دىگەندەكئەنئەنىۋى كىتاپلىرىنىكىچىكىدىن يادلىتىدۇ، تەجرىبىلەردىن بۇئۇسۇلنىڭبالىنىڭ زېھنىگە، ئىرادىسىگە ، مىڭەھۈجەيرىلىرىنىڭتېخىمۇياخشىيېتىلىشىگە شەكسىزپايدىسىبارلىقىئىسپاتلاندى .

   ئەمدىسىزلەردىنسورىماقچىبولغان2-ھالقىلىقمەسىلە ، مەندەرستىن سىرت باشلانغۇچ مەكتەپ1- يىللىقتىنباشلاپقىزىمنىماتىماتىكا پېنىبويىچەمەخسۇس تەربىيەلەشكەبەرمەكچى ، ھەمئوقۇتقۇچىمۇئۇقۇشۇپقويدۇم ، ئۇئايال ئىزچىلھالدا « ماتىماتىكا ئولېمپىك  مۇسابىقە مەشقى « دىگەندەك ماتىماتىكامەشقلىرىنى قىلدۇرۇش جەھەتتەئۇزۇنيىلتەجرىبىسىبارئىكەن، تەربىيەلەشئۇسۇلىدىنقارىسامبالىغابېسىمئەمەسقىزىقىشپەيداقىلىپئۈگىتىپكېتىشىدە ئىشەنچبار ، لېكىنسورايدىغىنىمماتىماتىكىدادەرستىنسىرت مۇشۇنداقئۇزۇنمەزگىلتەربىيەلىگەننىڭبالىنىڭنورمالئۆسۈپيېتىلىشىگگ پايدىسىبارمۇ ؟ ياكىبالاسەلبىرتەرەپلىمەبولۇپقالارمۇ ؟ مۇشۇمەسىلىدە پېداگوكىكاجەھەتتەقىممەتلىكپىكرىڭىزلەرنى بەرگەنبولسىڭىزلەر، تەشەككۈر!

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2011-9-18 14:56:47

قۇرئان يادلاتسىڭىز مىنىڭچە 10 ياشتن كىيىن يادلتىڭ.

durak يوللانغان ۋاقتى 2011-9-18 15:18:23

6- قەۋەتتىكى jeckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قۇرئان يادلاتسىڭىز مىنىڭچە 10 ياشتن كىيىن يادلتىڭ.



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جېك ، بۇرۇن سىزنىڭ چەتئەللەردەئوقۇشتوغۇرلۇقماقالىلىرىڭىزنىئوقۇپبەكياقتۇرغان ، سىزدىننۇرغۇنمەسلىھەتئالىمەندەپتۇراتتىم ، بۇتېمىدائۇچرىشىپياخشىبولدى ، ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماسلىقئۈچۈن قىسقا مالالقىلاي :


چوڭ ئوغلۇم ئۆزىئېنگىلىستىلىغا كىچىكىدىن قىزىقىدىغان بولغاچقا بۇ يىلدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدە A-level ئوقۇۋاتقان ، يېقىندىنبېرىبۇ يىگىت كەلگۈسىدەئالىمەكتەپنى ئامېرىكىدائوقۇسام دىگەنئارزۇسىنى ماڭائىپادىلىدى ، قاراپباقسامئوقۇشبەدەلپۇلىبەك يۇقۇرىدەك قىلىدۇ ، بۇئائىلىمىزگە بېسىمبولۇپقالارمۇدەپمۇئويلۇدۇم، A-level نى پۈتتەرگەندىنكېيىنئامېرىكاتەرەپتەباكلاۋېرلىقئوقىسا ئوقۇشمۇكاپاتىغائىلتىماسقىلىش تەسمۇ ؟

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2011-9-19 10:19:31

باكلاۋۇردا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئاساسەن يوقنىڭ ئورنىدا، يېرىم ياكى قىسمەنلىرىنى ئالغىلى بۇلىدۇ، ئەمما تۇرمۇش پۇللىرى ۋە بىر قىسىم ئوقۇش پۇلى ۋە خىراجەتلىرىنى ئۆزى چىقىرىدۇ. بۇ بىزلەرگە نىسبەتەن يەنىلا جىق پۇل. پۈتۈنلەي ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتتى دىگەن تەقدىردىمۇ تۇرمۇش پۇلى ئايلىقىغا 800-1000 دوللار ئەتراپىدا كىتىپ قالىدۇ.

durak يوللانغان ۋاقتى 2011-9-19 13:46:37

مېنڭىچىمۇئەگەر ئوقۇشمۇكاپاتىئېلىشنىئويلىسابەلكىمئۆزىئارزۇ قىلغان كەسپتاللاشتاچەكلىمىگە ئۇچرىشىمۈمكىن ،نىسبەتەن ئېيتقاندائەنگىلىيە ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇشبەدەلپۇلىۋەتۇرمۇشراسخودى ۋە3 يىلداباكلاۋېرلىقپۈتتىرىدىغان   ئوقۇتۇشتۈزۈمىۋەفونت - ستىرلىڭنىڭ خەلق پۇلىغا قىممىنىنىڭ تۆۋەنلىشىبىزگە ئوخشاش شارائىتتىكى كىشىلەرگە تېخىمۇماسكېلىشىمۈمكىن ،ئۇچۇرىڭىزغارەخمەت .

atarut يوللانغان ۋاقتى 2011-9-19 14:59:17

مەن ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى. راست گەپ قىلسام مەندەرسىمنىڭ 1-سائەتكە ئەمەس، 2-3-سائەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈمدقىلىمەن. 1-سائەتتە ئوقۇتقۇچىنىڭ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىكى دەرس موھىتىغا ماسلىشىشىغا مەلۇم ۋاقىت كىتىدۇ.تىمىدا دىيىلگەن ماتىماتىكا پىنىنىڭ 1-2-سائەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك بىزنىڭ مەكتەپتە ئاساسەن شۇنداق. لىكىن ھازىر بارلىق پەنلەرگە ئوخشاش كۆزدە قاراشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمىز. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 1-2-سائەتتە ئۆتۈشكە ماس كىلىدىغان دەرسلەر بىر قەدەر كۆپ. شۇڭا مىنىڭچە بەك ئاغرىنىپمۇ كەتمەڭ.

atarut يوللانغان ۋاقتى 2011-9-19 15:27:54

durak :بالىڭىزنى 1-يىللىقتىن باشلاپ ماتىماتىكىدا ئايرىم يىتەكلەتمەكچى بوپسىز. مىنىڭچە بەك ئالدىراپ كەتمەڭ. بالىڭىزغا بىسىم بولۇپ قالىدۇ. راست گەپ قىلسام ھازىرقى ماتىماتىكا دەرس مەزمۇنى بالىلارنى زىرىكتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. ئەسلى باشلانغۇچ 6يىلنىڭ ماتىماتىكا مەزمۇنىنى 9يىلدا ئۆتكەن بولساق ئۈنۈمى كەڭ ۋە چوڭقۇر بولاتتى. بىزنىڭ ئىشخانىدىكى بىر ئايال خىزمەتدىشىمنىڭ ئىككى بالىسى يەسلىيدە ئوقۇيدىغان ۋاقتىدىكى گىپى مىنى خىلى ئولاندۇرۇپ قويدى. خىزمەتدىشىم مۇنداق دىگەن «بالىلىرىم دۈشەنبە كۈنى يەسلىگە گەپ قىلماي بارىدۇ، سەيشەنبە كۈنى بولسا <ئانا، ئەتە ئۆتۈپ، ئۆگۈنلىككە ئۆتۈپ، جۈمە كۈنىسى بىرىۋەتسەك بىزنى دەم ئىلىشقا قويۇپ بىرىدۇ ھە؟> دەيدۇ، يەسلىيدىكى قولىنى كەينىگە قىلىپ قىتىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇشلار، ئاخشىمى بىر ۋاققىچە تۈگىمىگەن تاپشۇرۇقلار ئاشۇ كىچىككىنە بالىنىمۇ ئوقۇشتىن بەزدۈرۈۋىتىپتۇ ».   


مىنىڭچە ساغلام، پەزىلەتلىك ئۆسۈپ يىتىلىش ۋە توغرا ئىددىيىلىك بولۇش ھەممىدىن موھىم.ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسىنىڭ 180گىرادۇسقا تەڭ ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ خۇشال خۇرام ياشايدىغان كىشىلەر تولا.


مىنىڭچە ھازىرقى 9يىلدا ئۆتكەنماتىماتىكىنى 12يىلدا ئۆتكەن بولساق، تىخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ ماتىماتىكىغا بولغان ئىشتىياقىنى ساقلاپ قالالايتتۇق. ئالى مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ئاندىن ئىھتىياجىغا ئاساسەن يۇقىرى باسقۇچلاردىكى ماتىماتىكا بىلىملىرىنى ئۆگەنسىمۇ ئۈلگۈرەتتى.


ھەممە ئادەم زۆرۈر ماتىماتىكىنى ئۆگىنىش دىگەن ئاساسى ئىددىيەمۇ كەڭرەڭ دائىرىدە ئەمەلگە ئاشاتتى.


kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-9-19 22:56:41

لېكىن ھازىرقى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلېرىنىڭ سەۋىيىسىگىمۇ گەپ كەتمەيدۇ. ئۇكام ئوقۇتقۇچىسىدىن 0 جۈپ سانمۇ ياكى تاق سانمۇ ؟ دەپ سوراپتىكەن. ئوقۇتقۇچىسى 0 جۈپ سانمۇ ئەمەس تاق سانمۇ ئەمەس ئالاھىدە سان دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. قېنى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلېرى سىلەرمۇ مۇشۇنداق جاۋاپ بېرەمسىلەر؟

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 15:40:12

قۇياش ئوغلى ، نۆل جۈپ سان.


مەن بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، ئازراق سۆزلەي:


1.ماتېماتىكا دەرسنى قاچانلا ئۆتسىڭىز ،بۇ بەك مۇھىم ئەمەس،مۇھىمى كەسىپنى ئوتكەك سۈيۈپ ، كۆڭۇل قويۇپ ئۆتسىڭىزلا ،چوقۇم ياخشى ئۆنۇمگە ئېرىشەلەيسىز.


2. ماتېماتىكا دەرسىدە ،دەرىسنى كۆڭۇل قويۇپ لاھھىيلەڭ ،چۇنكى ھەرسائەتلىك دەرسنى بىرخىل ئۇسۇلدا ئۈتۈۋەرسىڭىز بولمايدۇ.


3. ئالدىن سىناقنى چىڭ تۇتۇڭ، ئاددى ،ئىخچام ،قاراتمىلىق لاھىيلەڭ،ئۆتۈلدىغان دەرسكە نەپ بېرىدىغان بولسۇن.


4. ھەر ۋاقىت دەرسلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇڭ، دەرسلىكتە بايان قىلىنغان ئۇقۇملارنى ئەڭ مۇھىم بىلىپ ئۆتۇڭ.باشقا پايدىلنىش ماتىرياللار ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ،ئېشىنچى ۋاقىتلاردا پايدىلنىپ باقسىڭىزلا بولىدۇ.


5. ماتېماتىكىدا ھەرگىزمۇ گۇڭگا گەپ قىلماڭ،ئېنىق ،كەسكىن ،قەتئىي بولسۇن.


6. پات-پات يازما سىناق ئېلىپ،ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ،خۇلاسە قىلىڭ.


7. سىنىپىڭىزدىن بىرەر ئىككى يوقۇرى نومۇرلۇق ئوقۇغۇچى تەربىيلەپ چىقالمىسىڭىز، مەن لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى دىمەڭ.


8.ئوقۇغۇچىلار سىزدىن <قانداق قىلغاندا ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ؟> دەپ سورىسا ، گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرماي،<قول مەشىقىنى جىق قىلساڭلا>دەپ جاۋاپ بېرىڭ.


9.تاپشۇرۇقنى ئەستايدىل تەكشۇرۇڭ،ئىشلەش ئەھۋالى بويىچە تۈرگە ئايرىپ،ئايرىم چاقىرتىپ ،ئۆزىگە تۈزۈتۇڭ،دەسلەپ بەك جاپالىق، لېكىن ،ياخشى قىلسىڭىز ،تېزلا بۇ جەھەتتىكى مەسىللەرنى ئوڭشاپ كېتىسىز.


10. دائىم ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنى رىغبەتلەندۇرۇپ تورۇڭ، شۇنداق قىلسىڭىز سىنىپىڭىزدا پات-پات مۆجىزە يۈزبېرىپ تۇرىدۇ.


11. دەرسڭىزنى ئاڭلىمايۋاتقان ئوقۇغۇچى بولسا، بىر بولسا سىزدە مەسىلە بار،ياخشى ئۆتۈڭ.بىربولسا بالىدا مەسىلە بار،چوقۇم چاقىرتىپ ئايرىم سۆھبەتلىشىڭ.


12. تەييارلىقنى ياخشى قىلىڭ،ئوقۇغۇچى سىزگە قاتتىق ئىشەنسۇن،ھۆرمەت قىلسۇن،


13. دەرس سۆزلەۋاتقاندا،نۆۋىتى كەلسە بىر ئىككى ئېغىز باشقا سۆزلەرنىمۇ قېتىپ قويۇڭ،ئادەم بولۇش،ئەخلاق،،مىللەت،كەلگۇسى توغىرسىدا... بولىۋىرىدۇ،لېكىن ،بەك قىسقا بولسۇن.


14. بەزى ئۇقۇملار بەك مۇھىم بولسا ، نەچچە ھەپتە ھەرسائەتتە 3مىنوت تەكرالاڭ.


15.سىنىپقا يانفون ئېلىپ كىرمەڭ.


16.ماتېماتىكىنىڭ مۇھىملىقىنى پاكىتلىق مىساللار بىلەن ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ.


17. دەرس تەييارلىقى يازغاندا ، كىتابتىكىنى ئۆلۈك كۆچۈرمەي، باشقا ماتىرياللاردىن ئۈلگە مىساللارنى جىقراق يېزىڭ(ئىشلەش ئۇسۇلىنى يازمىسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ).


18.مۇھىم ئىمتىھانلاردىن كېيىن، چوقۇم ئەتراپلىق خولاسە چىقىرىڭ.


19. ياخشى ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنى ئاتا-ئانىلىرىغا ماختاپ بېرىڭ.


20. سۆزلەشكە تىگىشلىك نەرسىڭىز ھەر قانچە جىق بولسىمۇ،ھەر سائەتلىك دەرستە ۋاقىت ئاجىرتىپ ،ئوقۇغۇچىلارغا قول مەشىقى قىلىشقا ۋاقىت بېرىڭ(10مىنوتتىن كۆپ بولسۇن).

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 18:03:29

ناھايتى ياخشى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپسىز باھادىرلاربىز بۇرادەر. ئوقۇتقۇچى دوستلېرىمغا تەۋسىيە قىلىپ قويسام بولغۇدەك.\"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 21:13:44

6- قەۋەتتىكى jeckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قۇرئان يادلاتسىڭىز مىنىڭچە 10 ياشتن كىيىن يادلتىڭ.

جىك ئەپەندىمنىڭ سۆزى ئورۇنلۇق يەنە http://uyghuracademy.com/?p=19569 دىكى ئۇسۇلنىمۇ كۆرۈپ قويسىڭىز بولامدۇ نېمە؟

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 21:20:10

13- قەۋەتتىكى bahadirlarbizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، ئازراق سۆزلەي:



ناھايىتى ئورۇنلۇق سۆزلەپسىز،http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=11741دىكى يازمامۇ بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار خىجىل بولغىدەك شۇنداق ياخشى يېزىلىپتىكەن.

gulbar66 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 21:21:12

ھەي......................يەنىلا گەپقىلمايتۇرايمىنڭباللرىمۇمەكتەپتەئوقيىدۇ.
گەپباشىلسام گەپتۇگمەيدىغاندەكقىلدۇ،

gulbar66 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 21:22:46

forever يوللانغان ۋاقتى 2011-10-5 20:35:37

0 جۈپ سان.قۈپ ساننىڭ شەكلى ئادەتتە 2k شەكلىدە بۇيەردىكى k بولسا پۈتۈن سان.
بەت: [1] 2
: ماتىماتىكا ۋە بىزنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمىز