[كىنو]ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق: چۈش ئوغرىسى
ئىسمى :Inception
خەنزۇچە : 盗梦空间/全面启动/潜行凶间
ئىشلەنگەن ۋاقت: 2010
دۆلىتى : ئامېرىكا
كودنى كۆچۈرۈپ چۈشۈرۈڭ
http://intil.kiyas.biz/bashqa/chush_oghrisi.rmvb |
كىنو بەك مۇۋاپپىقىيەتلىك چىققان. ئوسكار ئالامدىكىن دېسەم، باشقا بىر كىنو ئېلىپ كەتتى ئوسكارنى.
بۇ كىنونىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچىغا توغرا تەرجىمە قىلىنماپتۇ. \"چۈش ئوغرىسى\" خەنزۇچىدىن شۇ پېتى ئېلىنىپتۇ ۋە كىنوغا نىسبەتەن خۈنۈكلەشتۈرىۋېتىپتۇ. كىنونىڭ ئەسلى ئىمسى incepcion بولۇپ، ئۇيغۇرچىسى \"باشلانغۇچ، دەسلەپكى\" دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇ كىنونى كۆرگەنلەر، ئاساسلىق ئىدىيەنىڭ چۈشنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، بىر ئۇقۇمنى تەسەۋۋۇرنى يارىتىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىش، ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئادەم مىڭىسىدىكى يېڭىلىق ياراتقۇچى بىر روھنى چۈش ئارقىلىق بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شۇ سەۋەبتىن، مېنىڭچە، \"باشلانغۇچ\"، \"باشلىنىش نۇقتىسى\"، \"دەسلەپكى ....\" دېگەندەك ئىسىم قويۇلسا، كىنونىڭ خاراكتېرىغا ماس كەلگەن بولاتتى.
قوشۇمچە:
بۇ كىنونى ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ، مۇلاھىزە قىلىپ تۇرۇپ كۆرمىسە، ياكى بىر نەچچە قېتىم قايتا قايتا كۆرمىسە، كىنودىكى ئاساسلىق ئىدىيە ياكى ۋەقەنى چۈشىنىش سەل تەسكە توختايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاددىلام قوبۇل قىلىۋېلىپ، چۈشكە مۇناسىۋەتلىك بىر كىنو ئوخشايدۇ دەپ قالىمىز.
ئىشقىلىپ، كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان بىر ئېسىل كىنو. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ئارتىستلىرىمۇ بەك تاللانغان.
سىز بىلىسىز ئاكادىمىيە ئۇسلۇبى دەپ ئۆزىنى شۇ كاتىگورىيەگە تىزىۋالغان ئوسكارنىڭ باھالىغۇچىلىرى ئەزەلدىن بۇنداق ئاساسى ئېقىمغا ۋەكىللىق قىلمايدىغان نەرسىلەرنى باھالىمايدۇ. بولمىسا نولەننىڭ خالىغان بىر بەتمەن فىلىمىمۇ مەنچە ئوسكارغا مۇۋاپىقتى...
------------
\"چۈش ئوغرىلاش\" دىگەن تەرجىمە ناھايىتىمۇ ماس كەلمىگەن. ھىچ بولمىغاندا \"چۈش كىرگۈزۈش\"\"چۈش بەرپا قىلىش\" دىسىمۇ مەيلىتى...ھىچكىم بۇ فىلىمدا چۈش ئوغرىلىمايدۇ بەلكى چۈش يارىتىدۇ....بۇنداق فىلىملەرنى شارائىت پىشىپ يېتىلمىگەندە ئەڭ ياخشىسى تەرجىمە قىلمىغان تۈزۈك،بۇزۇلغىنى بۇزۇلغان بىر ئىسىل فىلىم...
بۇ كىنونىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچىغا توغرا تەرجىمە قىلىنماپتۇ. \"چۈش ئوغرىسى\" خەنزۇچىدىن شۇ پېتى ئېلىنىپتۇ ۋە كىنوغا نىسبەتەن خۈنۈكلەشتۈرىۋېتىپتۇ. كىنونىڭ ئەسلى ئىمسى incepcion بولۇپ، ئۇيغۇرچىسى \"باشلانغۇچ، دەسلەپكى\" دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ.
__________________________________________________________
يەلكەن، ئەسلى inception ئىدى، ت نىڭ ئورنىغا س يېزىلىپ قاپتۇ. ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن ..
راس ، تەپسىلى ئولتۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم كۆرمىسە ئاسان چۈشەنگىلى بولمايدىغان ، لېكىن بەك
ئېسىل كىنوكەن بۇ !
ماۋۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىـگنالى چېلىنىشقا باشلىدى دېسە !
لىئوناردو ھەقىقەتەن رولنى بەك ياخشى ئالىدىكەن. ھېلىمۇ تۆت تۈردە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشتىغۇ دەيمەن... بۇ فېلىم ئەڭ ياخشى ئاۋاز ئۈنۈمى مۇكاپاتىغا ئېرىشتىغۇ دەيمەن. ئەگەر ئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىلگەن بولسا، ئەسلى تەسىرىنىڭ يېرىمىمۇ قالمىغان بولسا كېرەك.