abida يوللانغان ۋاقتى 2011-9-17 17:07:57

ياپونىيىدە توك تولۇقلىيالايدىغان تاشيول كەشىپ قىلىندى[تەرجىمە]

              ياپونىيىدە توك تولۇقلىيالايدىغان تاشيول كەشىپ قىلىندى




   بېيجىڭ ۋاقتى 17- سېنتەبر خەۋىرى، ئەنگىلىيە "يېڭى ئالىملار" ژۇرنىلىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ياپونىيە ئالىملىرى توك تولۇقلىيالايدىغان تاشيول تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، ئەگەر ئۇلارنىڭ چۈشى رېئاللىققا ئايلانسىلا، كەلگۈسىدىكى ئېلېكتېرلىك ماشىنىلار توك قاچىلىيالايدىغان تاشيولدىن توك قاچىلايدىكەن. بۇ تېخنىكىنىڭ ئىشلىتىلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئېلېكتېرلىك ماشىنىلار كېلەڭسىز باتارىيە بىلەن خوشلىشىدىكەن. باتارىيە ماشىنىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە يېقىلغۇ سەرپىياتىنىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە داۋاملىق توك قاچىلاشقا ئېھتىياجلىق.


   نەچچە 10 يىل ئىلگىرى، بىر ئادەم توك قاچىلىيالايدىغان تاشيول ياساش خىيالىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سىناقلاردا توك قاچىلاش كاتۇشكىسى تاشيولغا كۆمۈلۈپ، ئېلېكتېر  ماگىنىت مەيدانى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئېلېكتېر ماگنىت مەيدانى بىر كاتوشكا بىلەن تەسىرلىشىش نەتىنجىسىدە، ماشىنىغا توك قاچىلىغان. ياپونىيە ئايىچىدىكى تويوتا مەركىزى تەتقىقات ئىشخانا خادىمى ماسخىرو.خانازاۋا:" كاتۇشكا ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تىزىلغاندىلا يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقتىن، بۇ تۈرلۈك تېخنىكىنى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ توك تولۇقلىشىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئەمما يولدا كېتىۋاتقان ماشىنىغا يۇقىرى ئۈنۈملۈك توك تولۇقلاش ئۇسۇلىنى تېپىشقا بىز ئامالسىز" دىگەن.


    نۆۋەتتە، ماسخىرو.خانازاۋا ۋە ئايىچىدىكى تويوخاشى پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىرسىتىدىكى تاكاشى.ئوخىرو بىرلىكتە بىر سىستېمىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ سىستىمىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق چاق ئارىلىقىدىكى پولات لېنتا ۋە تاشيولدىكى مېتال تاختا رولى بىلەن زەرەت ئېقىمىنى يەتكۈزگىلى بولىدىكەن. ماسخىرو. خانازاۋا:" بىز قوللانغان ئۇسۇل بولسا بىر جۇپ چاقتىن پايدىلىنىپ زەرەت يەتكۈزۈش، چاق باشتىن-ئاخىر يول يۈزى بىلەن تېگىشىپ تۇرىدۇ" دىگەن.


   زەرەت مىقدارىنىڭ چاق رېزىنكە يىلىمىدىن ئۆتكەن ۋاقىتتىكى خوراش دەرىجىسىنى ئۆلچەش ئۈچۈن، ماسخىرو.خانازاۋا ۋە تاكاشى.ئوخىرو بىر تۈرلۈك تەجرىبە ئېلىپ بارغان. تەجرىبىدە، ئۇلار مېتال تاختىنى پول ئۈسـتىگە ۋە چاق ئىچىگە قويغان. تاكاشى.ئوخىرو:" توك يولىدىكى ئېنېرگىيە 20% خوراپ بولالمايدۇ" دىگەن. 5- ئايدا كيوتودا ئۆتكۈزۈلگەن سىمسىز توك بىلەن تەمىنلەش خەلقئارا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مىكرو دولقۇن مۇھاكىمە يىغىنىدا، تەتقىقات كىچىك گۇرۇپپىسى ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىنجىسىنى ئېلان قىلغان. تاكاشى ئوخىرو يېتەلىك زەرەت مىقدارى ياردىمى بىلەن، بۇ سىستېما تىپىك يولۇچىلار قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، تەتقىقات كىچىك گۇرۇپپىسى ھازىر توك تولۇقلاش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن  بىر كىچىك كۆلەملىك ئەندىزە تىپنى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ دىگەن. ئۇ بۇ تۈرلۈك تېخنىكىدىكى ئېنېرگىيە خوراش ئادەتتىكى باتارىيىددىن كۆپ چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان.


   يېڭى زېلاندىيە-ئوكلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتېرىك ئېنژىنىرى جون.بويىس، بۇ سىستېمىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، تاشيول مېتال تاختىسىدىكى ئېلېكتېر بېسىمى 50000 ۋولتقا يەتكەندىلا، ئاندىن ماشىنىنىڭ توك قاچىلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، بۇ ئېلېكتېر بېسىمى ئېلېكتېرلىك شوك مىلتىقى ئېھتىياجلىق بولغان ئېلېكتېر بېسىمى بىلەن ئوخشاش دىگەن. ئۇ يەنە:" سىز چوقۇم بۇ خىل تاشيولدا ماشىنا ھەيدەشنى خالىمايسىز"، ئۇنىڭدىن باشقا، ئېنېرگىيە ئېھتىياجى قاندۇرۇلغان ئەھۋال ئاستىدا، توك يولى تاختىسىدا ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ماگنىت مەيدانى پەيدا بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدىكى رادىئو چاستوتىسى كاشىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا بارلىق ئېلېكتېرىك سىتېمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن دىگەن.


   ئاۋسترالىيە-سىدنىي- يېڭى جەنۇبىي ۋېللىس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى داننىل.فىردمان:" ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان تاشيولغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش ۋە ئورنىتىش زۆرۈر بولغان ئاساسىي ئەسلىھەلەرگە كېتىدىغان خىراجەت ئىنتايىن يۇقىرى"، ئاساسلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا مېتال تاختا ئىشلىتىپ، باشقا تاشيولدا ماڭىدىغان ماشىنىلار يەنىلا باتارىيە ئىشلىتىش بولسا بىردىنبىر قوللىنىشقا بولىدىغان ئۇسۇل" دىگەن.



   



   


  مەنبە: شىنخۇا تورى


      

sansara يوللانغان ۋاقتى 2011-9-18 08:25:14

پەتەكلەر يارايدۇ

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-9-18 10:54:45

يەنىلا توك بىلەن ماڭىدىغان ماشىنىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. چۈنكى ھەممىلا يەردە توك بار شۇنداقلا بۇ خىلدىكى ماشىنىلار مۇھىت بۇلغىمايدۇ.

ak5200 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 18:36:27

يولدا ماڭغان ئادەمنى توك سۇقۇۋاتماس ھە
بەت: [1]
: ياپونىيىدە توك تولۇقلىيالايدىغان تاشيول كەشىپ قىلىندى[تەرجىمە]