كورىيە ئۇچۇرلىشىش سەۋىيىسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1- ئورۇنغا ئۆتكەن[تەرجىمە]
كورىيە ئۇچۇرلىشىش سەۋىيىسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1- ئورۇنغا ئۆتكەن
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارىمىقىدىكى خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كورىيە 2010- يىلى پۈتۈن يەر شارى ئالاقە تورى ۋە ئاخبارات كەسىپلىرى بويىچە ئەڭ راۋاجلانغان بازار بولۇپ قالغان، ئالاقە تورلىرىدا ئۇلىنىش سەۋىيىسى، ئىشلىتىش مىقدارى ۋە ئىشلىتىش تېخنىكىسى جەھەتتىمۇ ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئالاقە تورى مۇلازىمىتىمۇ نۇرغۇن تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر قوبۇل قىلالايدىغان سەۋىيدە بولغان.
ITU )خەلقئارا تېلېگراف بىرلەشمىسى( سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرى ئۆتكەن بىر يىلدا 20% ئاشقان، ئومۇمىي سانى 5 مىلىيىاردتىن ئاشقان، سىڭىشچانلىقى 100% دىن ئاشقان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئادەمدە بىردىن ئارتۇق كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكىنىسى بار بولغان، ئەمما ئوتتۇرا دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە بولسا 70% ئاشقان.
كۆچمە خەۋەرلىشىش كەڭ بەلبېغىمۇ تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشقان، بولۇپمۇ مۇقىم كەك بەلباغ بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئوتتۇرا دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە تېخىمۇ تېز ئومۇملاشقان. ئەمما ھەر ئايلىق 1GB ئېقىش مىقدارىنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش كەڭ بەلباغ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ھەققى ھىندىستان، ماررى، كېنىيە، برازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ 10% دىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، بۇ دۆلەتلەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھازىرغا قەدەر يۇقىرى سۈرئەتلىك ئالاقە تورىنى ئىشلىتەلمىگەن.
ITU نىڭ باش كاتىپى خاماندىن.تۇئى دوكلاتتا:" ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردىمۇ ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، كەڭ بەلباغ دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە غەلىبە قىلىش دەل بىزنىڭ نۆۋەتتە قىلماقچى بولغان مۇھىم ئىشىمىز" دىگەن.
ITU نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالاقە تورىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر نوپۇسىدا قاپلىنىش نىسبىتى پەقەت 21% لا بولغان، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە بولسا 70% كە يەتكەن.
2008- يىلىدىن 2010 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، پۈتۈن يەرشارىدىكى مۇقىم كەڭ بەلباغ باھاسى 52% چۈشكەن، ئەمما ئافرىقىدىكى ئوتتۇرىچە خىراجەت يەنىلا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنىڭ 3 ھەسسسىسى بولغان، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى بۇ نىسبەت پەقەت 1.5% بولغان.
شىۋېتسىيە، ئىسلاندىيە، دانىيە، فىنلاندىيەدىكى ئالاقە تورى ۋە ئاخبارات كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسى كورىيەدىن كېيىنلا تۇرىدىكەن. ئامېرىكا 17- ئورۇندا، جۇڭگو 80- ئورۇندا تۇرىدىكەن.
مەنبە: شىنخۇا تورى
ئېنتىرنىت بەكلا تەرەققىي قىلغان.تور ياخشى بولغاچ بىچارە كومپىيۇتېرىم چىقىراپ كېتىدۇ سۆرەپ بولالماي .قايسى كۇنى بازارداG 4قوللىنىدىغان تېلفۇنلارنى بىكارغا بەرگىلى تۇرۇپتىكەن.مەن ئاراندە بىر G3لىق تېفۇنغا ئۇلاشسام ماۋۇ كالۋاشلار يەنە يېڭىنى چىقىرىپتۇ. (قاتتىق ئازاپلانغان چىراي ئىپادىسى..)
بەك مەدىنيەتسىز خەق بۇ.تېلفۇننى ئېلىپلا ساراڭ ھەي دەپ تىللاپ چۈشۈپ كىتىدۇ.............(خىڭ خىڭ) ئۇچۇرلاشسىمۇ ئامېركىغا تاينىشتىن قۇتۇلالمىسا بىكا ... ياپۇنىيەدە تويوتا بولمىغان بولسا ياپۇنىيەنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى بولمىغان بولاتتى دىگەن گەپ بار. كورىيەنىڭ مۇشۇنچىۋالا تەرەققىياتىنى سامسۇڭ شېركىتىنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. ئۆيدىكى تېلېگىرافنىڭ يەنە بىر نومۇرىغىمۇ كەڭ بەلۋاغ چۈشۈرۈپ، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىدىغان ئىشمىكىن. چېچىم ئاقىرىپ كەتكەندىمۇ مەھەللەمگە نۇر كابىل تارتىدىغان- مايدىغانلىقىنى بىلمەك تەس. تېخى تۈنۈگۈنگە قەدەر 100كىلوبايتسېكۇنتلۇق تور سۈرئىتىگە قانائەت قىلىپ يۈرۈۋاتاتتۇق، مەكتەپكە كابېل تارتىپ، 4 مېگابايتسېكۇنتلۇق سۈرئەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ئاغزىمىزنى ئېچىپ قالدۇق