تېلىفونغا ئۇيغۇرچە سېستىما قاچىلاي دىگەن ياردەم قىلساڭلار !
يېقىندا يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆزەم ھىچنىمە بولمىدىم ئەمما پەچەت ئىشلەۋاتقان نوكىيا ئې 63 رەھمەتلىك بۇلۇپ كەتتى . يۈرۈكىگە قاتتىق دەز كېتىپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن HTC desire G10 دىن بىرنى ئالغان . سۇ مال كەن . قۇر مېلى ئەمەس .
مەندەك كەچكىچە مىكرو بىلوگقا چاپلىشىپ قالىدىغانلار ئۈچۈن قاتتىق نوچىكەن .
نۇرغۇن ئىزدىدىم ئەمما ئاساسەن ئالما تېلىفونلىرىنى ئۇيغۇرچە قاچىلاش تېملىىرى كۆپكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە خېلى مۇرەككەپكەن .
مېنىڭچە ھەر ئىككىلىسى ئاندىرود بولغاندىكن كىيىن پىرىنسىپى ئوخشاشمىكىن دەيمەن . نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا بىرەيلەننىڭ ھاۋارايىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىنىنى كۆرگەن .
شۇڭا تورداشلاردىن ياردەم . قانداق ئۇيغۇرچە پىروگىراممىلار بار ؟ قانداق قاچىلايمەن . 91 تىلىفون ياردەمچىسىگە ئوخشاش تىلىفونننى ئۇلاپ قۇيۇپ ،چىكىپ قويسام ئۆزى چۈشۈپ ئورنىتىلامدۇ ياكى تەرلەپ باقىمەنمۇ ؟؟
كۆپ رەھمەت ئالدىنئالا..............
ئالما بىلەن ئەنجۈر ئوخشىمايدۇ. ئىككىسى بىر-بىرسىگە دۈشمەن ئىككى خىل سىستېما
ئالىپ تورىغا كىرسىڭىز مەخسۇ شۇ ھەقتە گەپ–سۆزلەر بار.
بىر نەچچە ئۇيۇنلارنى قاچىلىدىم . خەتلەر چاپاق چىقىۋالدى . ئاندىن قۇدبىلىك ئوقۇغۇچىسى دىگەننى قاچىلىدىم . بىلوگلار بار كەن .
ئۇلارمۇ چاپاق چىقىۋالدى .
تېلىفونغا ئاۋۋل ئۇيغۇرچە سېستىما قاچىلامدىم ؟ ئاندىن نورمال كۆرۈنەمدۇ ؟
ئاۋال ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىسىڭىز ئاندىن نورمال كۆرنىدۇ.http://www.alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=1262
مانا ماۇۋ بەتتىن مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە قاچىلىغان ھەم ئوڭۇشلۇق بولغان . ئەمما تېلىفۇن ئىنگىلىزچە بۇلۇپ كەتتى .
ئۇيغۇرچە كومپاس چۈشۈرگەن .ھەقىقەتەن ئۇيغۇرچە چىقتى . لېكىن باشقا نەرسىلەر يەنە چاپاق .
بىلىغانلار خاپا بولماي ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلاش ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار ..
زىيارەت قىلىپ بېقىڭ، سىزگە لازىملىق ئۇچۇر چىقىپ قالار
http://www.uys60.com/portal.php
http://www.yanfun.cc/forum.php
[ئوقۇغۇچىلارن مەن جېي 13 نى ئالغان ،مەندىكىمۇ ئوخشاش مەسىلە .ئەمما ئالپ تورى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىنى 10 غىچە ئىكەن ئەمەسمۇ ؟

