ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىدىكى پىسخىك مەسىلىلەرگە دىققەت[تەرجىمە]
ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىدىكى پىسخىك مەسىلىلەرگە دىققەت
ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئالىي مەكتەپ قوينىغا تۇنجى قەدەم قويغان چاغدىكى كەيپىياتى ئىنتايىن ھاياجانلىنارلىق بولىدۇ، ئەمما بۇ ئىنتايىن چوڭ مەكتەپ قوينى، ناتونۇش ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى، مۇرەككەپ ئىسىملىك ئوقۇتۇش بىنالىرىغا يۈزلىنىشتە يېڭى ئوقۇغۇچىلار يەنىلا گاڭگىراپ قالىدۇ. يېقىندا شىخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، يېڭى ئوقۇغۇچىلار پىسخىك مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە تونۇش بولغان يۇرتى ۋە ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا ماسلىشىش زۆرۈرىيىتى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىك ساپاسىغا نىسبەتەنمۇ بىر خىل سىناق ۋە چېنىقىش ھېسابلىنىدۇ. "مىنىڭ بالام ئەسلىدىنلا ئۆيدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايدىغان، يېڭى بىر مۇھىتقا كەلگەندىن كېيىن، بۇ مۇھىتقا ماسلىشىشى چوقۇم ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭ مۇستەقىلرەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولالمايمىز"، "بالام بۇ كۈننى ئۇزۇندىن بېرى كۈتۈپ كەلدى، مىنىڭ تولا سۆزلەشلىرىمدىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ"، "بالام تولۇقسىزدىن باشلاپلا مەكتەپتە تۇرغان، ماسلىشىش جەھەتتە ئانچە مەسىلە يوق"، ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنىدا، يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلىرى ئۆز بالىلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇشتى. مەكتەپنىڭ پىسخىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى ۋە تەتقىقات مەركىزىدىكى مۇتەخەسىسلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئائىلە باشلىقلىرىغا يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى بولغان مەسىلىلەرنى، كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ۋە بىر قىسىم پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شىخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پىسخىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى ۋە تەتقىقات مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋاڭ خۇييىڭ، سىتاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە تەخمىنەن 90% يېڭى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پىسخىكا جەھەتتىن ماسلىشالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. يېڭى ئوقۇغۇچىدىكى بۇ خىل ماسلىشالماسلىق تۇيغۇسى نورمال ئەھۋال. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ پىسخىك مەسىلىسى بىلەن ئائىلىنىڭ مۇقەررەر باغلىنىشى بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ مەزگىلىدە، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتكە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىك مەسىلىسىگە مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىدا "ئالدىنى ئېلىش" "داۋالاش" قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم، ئائىلە باشلىقى ئوقۇغۇچىنىڭ تەرەققىيات پوزىتسىيىسىنى كۆپرەك چۈشىنىشى، پەرزەنتى بىلەن كۆپرەك ئۈنۈملۈك پىكىرلىشىپ تۇرۇشى كېرەك، ئەگەر پەرزەنتىدە پىسخىك مەسىلە بارلىقىنى بايقىغاندا دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى، كارى بولماسلىق كۆڭۈل بۆلمەسلىك پوزىتسىيىسىدە بولماسلىق كېرەك دىگەن.
يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى 9000 دىن ئارتۇق يېڭى ئوقۇغۇچى ئۈچۈن "يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماسلىشىشى ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش پىلانى" قاتارلىق تۈرلەر بويىچە سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە بىر قىسىم يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا كوللېكتىپ پىسخىكا يېتەكچىلىكى ئورۇنلاشتۇرغان، مەكتەپ يەنە تۇنجى قېتىم توردا باھالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسەن ھەر قايسى ئىنىستىتۇتلارغا ئىنكاس قايتۇرغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شىخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇزۇن مەزگىل ئائىلە مەكتىپى ھەمكارلىقى شەكلىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەكتەپ يەنە ئائىلە-مەكتەپ ئالاقە مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلار پىسخىك ساغلاملىقى ۋە ئائىلە تەربىيىسى ئارخىپىنى تۇرغۇزغان. يېتەكچى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى بىلەن ئاكتىپ ھالدا سۆھبەتلىشىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالى ۋە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان پىسخىك مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىرلىشىپ، ئوقۇغۇچى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخىك مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىمۇ پىسخىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى ۋە تەتقىقات مەركىزى، ئائىلە باشلىقلىرى ئۈچۈن تەمىنلىگەن پوچتا ساندۇقى ئارقىلىق مەكتەپنىڭ كەسپىي پىسخىك مەسلىھەتچى ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوقۇغۇچىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، سىنىپ مەسئۇلى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئوقۇغۇچىنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا كۆڭۈل بۆلگەن. ئوقۇغۇچى ئۆزىمۇ ئايرىم مەسلىھەت سوراش، كوللىكتىپ مەسلىھەت سوراش، كەسپىي ئۆلچەش قاتارلىق پىسخىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى ۋە تەتقىقات مەركىزى تەمىنلىگەن پىسخىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن پىسخىك مەسىلىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ھەل قىلىپ، كەيپىياتىدىكى جىددىيلىكىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغان.
مەنبە: شىنخۇا تورى